• گوركىينىڭ يالغان سۆزى

    2011-11-07

    -20 ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى، مارژاكوف ئىسىملىك بىر مەھبۇس سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سولوۋېتس ئارىلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدىن قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ تۈرمە ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «دوزاق ئارىلىدا» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرى ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. كىتابنىڭ تەسىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، خەلىقئارادا نوپۇزى بار يازغۇچىنى ئارالغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. شۇنداقلا، بۇ ئابرويلۇق يازغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن پايدىلىنىپ «چەتئەلدە ئويدۇرۇپ چىقىلغان ھېلىقى پەسكەش كىتاب»نىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەكچى بولدى. ئۇلار گوركىينى نىشانلىدى.

    -1929 يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، گوركىي سولوۋېتس ئارىلىغا يېتىپ كەلدى. شۇ جايدىكى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورونلاشتۇرۇشى بىلەن ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈلۈپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانلىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرتىلدى. شۇنداقتىمۇ، مەسىلىلەر يەنىلا گوركىينىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. جىنايەتچىلەر ئورۇندۇققا يۆلۈنۈپ ئارام ئالغاچ گېزىت ئوقۇۋاتاتتى. ئۇلار گوركىيغا كۆرگەنلىرىنىڭ بىر ساختىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك، قوللىرىدىكى گېزىتنى تەتۈر تۇتىۋېلىشقانىدى. بىراق، گوركىي ئۈندىمەستىن ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، گېزىتنى ئوڭلاپ قويدى.

    گوركىي جىنايەتچىلەرنىڭ بالىلىرى تۇرىدىغان ساناتورىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى. قوللىرىغا رەڭگارەڭ گۈل تۇتۇشقان قارشى ئېلىش ئۆمىكى ئارىسىدىن 14 ياشلىق بىر بالا چىقىپ گوركىيغا: «گوركىي ئەپەندى، كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ساختا، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشنى خالىسىڭىز مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەي» دېدى.

    گوركىي ھەيران بولۇپ، ئەگەشكۈچىلەرگە چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇق قىلدى. ئۇ ھېلىقى بالا بىلەن توپتوغرا بىر يېرىم سائەت بىللە بولدى. بالا تۈرمىدىكى بارلىق ئەھۋاللارنى ئورۇقراق كەلگەن بۇ بوۋايغا ئېيتىپ بەردى. گوركىي بالىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇيان–بۇيان چېپىشى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. يىغا بىلەن نەمدەلگەن يۈز–كۆزلەر مەلۇم چىنلىقنىڭ ئىلگىرى سەرگەندانلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ بوۋاينىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغانلىقىغا شاھىد بولۇپ تۇراتتى. بىراق، ھەقىقەتنى بىلىش بىلەن ئۇنى قوغداش ئايرىم–ئايرىم ئىككى ئىشتە.

    گوركىي موسكىۋاغا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى چوڭ گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدە: «بۈركۈت ۋە چايكىنىڭ نامى بىلەن خىتابكى، سولوۋېتسنى مىسال قىلىپ خەلقنى قۇرقۇتۇشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، ئۇ يەردىكى مەھبۇسلار ناھايىتى ياخشى تۇرىۋېتىپتۇ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشمۇ زور ئىكەن.» دىيىلگەنىدى. كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغىنى، بۇ ئىنقىلابنىڭ چايكىسى ئۇچۇپ كېتىشىگىلا، چايكا بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھېلىقى 14 ياشلىق بالا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

    بالا ئۆلۈپ كەتتى، گوركىي ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. بىراق، 1929-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن سولوۋېتس ئارىلىدا بالا راست گەپنى دەپ ئۆزىنىڭ روھىي ئەمىنلىكىنى قوغدىدى، ئەكسىچە گوركىي يالغان گەپنى يېزىپ ئۆزىنىڭ پاك غۇرۇرىنى بۇلغاپ قويدى.

    شۇ ئىش ئۆتۈپ ئالتە يىلدىن كېيىن، فىرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى رومان روللان سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولدى ۋە «موسكىۋا خاتىرىلىرى» ناملىق كىتابىنى يازدى. بىراق، ئۇ ۋارىسلىرىغا كىتابنى ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ 50 يىلدىن كېيىن نەشر قىلدۇرۇشنى جىكىلىدى.

    گەرچە، كېچىككەن ئادالەت ئادالەت ھېسابلانمىسىمۇ، ئۇنىڭ كىتابىدا نۇرغۇنلىغان قانلىق تەپسىلاتلار ۋە ئايرىم كىشىلەر ئۇچراۋاتقان ئاشكارا كەمسىتىشلەر بايان قىلىنغانىدى. روللاننىڭ ئايالى ماشا گوركىيغا ئۇنداق ئوچۇق–ئاشكارە كەمسىتىشلەرنى پەقەتلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا، گوركىي ئۇنىڭدىن: «مۇبادا شۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كېلىپ قالغاندا، نېمىنى قۇربانلىق قىلغان ياخشىراق؟ ئاز سانلىقنىمۇ ياكى كۆپ سانلىقنىمۇ؟» دەپ سورىدى. ماشا بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئازسانلىق بولسۇنمۇ دەيلى، ئۇنداقتا بىز گېرمانىيە نوپۇسىغا نىسبەتەن ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان يەھۇدىلارغا قارىتا ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان گىتلىرگە غەزەبلىنىشكە ھەقلىق ئەمەسكەنمىزدە؟» دېدى.

    http://www.uycnr.com/ylxw/201110/t20111028_157592.html

    分享到:
    خەتكۈچ: