• بىر بۇلاڭچىلار گۇرۇھىنىڭ بانكا بۇلىشى كەينىگە يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر - [تاغدىن- باغدىن]

    2013-08-09

    بىر بۇلاڭچىلار گۇرۇھىنىڭ بانكا بۇلىشى كەينىگە يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر 

    بىر بۇلاڭچىلار گۇرۇھى بانكا بۇلاش جەريانىدا بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزنى ئېيتقان: «ھەممىڭ جايىڭدا جىم تۇرۇش! پۇل دۆلەتنىڭ، جان ئۆزەڭنىڭ!» – بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ھەممىسى بىر ئېغىز غىڭ قىلماي جايىدا جىم ياتقان. بۇ دەل ئىدىيەنى بۇراش دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى بۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى مۇقىم بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلگەن.  
    ئاندىن بۇلاڭچىلار يوپكا كىيىپ جوزىنىڭ ئۈستىدە ياتقان كاسسىر قىزچاققا مۇنداق دېگەن:«قىزچاق، ماسلىشىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەمما يېتىش شەكلىڭىزنىڭ مەدەنىي بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ، بىز سىزنى ئەمەس، بانكىنى بۇلىغىلى كەلگەن!» – بۇ كەسپى دىيانەت دەپ ئاتىلىدۇ، قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك!  

    بانكىنى ئوڭۇشلۇق بۇلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئارىدىكى بىر يېڭى كەلدى(ماگىستىر بۇلاڭچى) مۇنداق دېگەن: «ئاكا، بىز دەرھال بۇلىغان پۇللارنى ساناپ باقايلى». ئاۋۇ پېشقەدەم بۇلاڭچى(باشلانغۇچ ئۇنۋانى بار) ياندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كاللاڭدىن كەتتىڭما؟ بۇنچىلىك جىق پۇلنى بىز قاچان ساناپ بولىمىز؟ بۈگۈن كەچتە خەۋەر كۆرسەڭلا ھەممىنى بىلىسەن.» – بۇ خىزمەت تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئاي بۇ يىللاردا خىزمەت تەجرىبىسى ئۇنۋاندىنمۇ مۇھىم!  
    بۇلاڭچىلار كەتكەندىن كېيىن بانكا باشلىقى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتىپتۇ، بۆلۈم باشلىقى ئەمدى مېڭىشىغا بانكا باشلىقى جىددى: «توختا! بىز ئالدىنقى قېتىم شەخسى ئىشلىتىۋالغان ھېلىقى بەش مىليوننىمۇ يۈتكەن پۇل سانىغا قوشۇپ مەلۇم قىل!» دەپتۇ. بۇ خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك!  
    بۆلۈم باشلىقى جاۋابەن: «بۇ بۇلاڭچىلار ئايدا بىر كېلىپ بۇلىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن» دەپتۇ. خىزمەت دېگەن مەنىسىز بولىدۇ، خۇشاللىق ھەممىدىن مۇھىم! ئىككىنچى كۈنى خەۋەردە بانكىدىن بۇلاڭچىلارنىڭ 100 مىليون بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىپتۇ، ئەمما بۇلاڭچىلار ساناپ يۈرۈپ ئاران 20 مىليون چىقىرىپتۇ. بۇلاڭچىلارنىڭ كاتتىۋىشى ئاچچىقىغىدا:«ئاناڭنى! ئاكاڭ قارىغاي جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئاران 20 مىليون بۇلاپ كەپتىمەن، بانكا باشلىقى ئازراق كاللا ئىشلىتىپلا 80 مىليون تېپىپتۇ، قارىغاندا بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە يەنىلا قورساقتا ئۇماچ بولمىسا بىكاركەن!» – بىلىمنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى! 

    بانكا باشلىقى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغىنىچە بۆلۈم باشلىقىغا دەپتۇ: «سەن سولتەكنىڭ كاللىسى خېلى ئىشلەيدىكەن ھە؟! يۈرۈكۈڭ قاپتەك باركەن…» بۆلۈم باشلىقى مىيغىدا كۈلۈپ قويۇپ زۇۋان سۈرمەپتۇ، كۆڭلىدە بېشىدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك ئۇھ تارتىپ: «ئاخىرى پايچەك ئويناپ تارتقان زىيانلىرىمنى تولدۇرىۋالدىم» دەپتۇ. – بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇش ھەمدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ! ~

    مەنبە؛ مىرشاپ تورى


    غەلىتە  ئەھۋال

      

    قەيسەر مۇھەممەد تەرجىمىسى

      
    كېچىك بىر ناھيىدىكى مەسجىتنىڭ دەل قارشىسىدا يېرى بار بىر ئادەم، ئۇ يەرگە بىر بەزمىخانا سىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇشنى باشلاپتۇ. مەسجىتنىڭ ئىمامى ۋە جامائەت بۇ ئىشقا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپتۇ، ئەمما يەر ئىگىسىنىڭ ئۆز يېرىدە نىمە مەقسەتتە قۇرۇلۇش قىلىشىغا قانۇنىي جەھەتتىن قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە ئىمكانىيەت بولمىغاچقا، جامائەت ئىمامنىڭ يىتەكچىلىكدە ھەركۈنى بۇ بەزمىخانا قىلىش ئۈچۈن سىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشقا پەقەت بەددۇئا قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈشىگە بىر قانچە كۈن قالغاندا، نامەلۇم بىر سەۋەپلەر بىلەن بۇ قۇرۇلۇشقا ئوت كېتىپ كۈلگە ئايلىنىپتۇ. ئىمام ۋە جامائەت ئۆزلىرىنىڭ مەمنۇنىيەتلىرىنى يۇشۇرالماپتۇ، ئەمما بەزمىخانا ئاچماقچى بولغان يەر ئىگىسى بۇ ئەلەمگە چىدىماي، ئىمام ۋە جامائەتنىڭ قىلغان بەددۇئالىرىنىڭ بۇ زىيانغا سەۋەپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ سوتتىن ھەق – تەلەپ داۋاسى ئېچىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئىمام ۋە جامائەت ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئېيىتقان دۇئالىرىنىڭ ئۆت كېتىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ بۇ داۋاغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ.  
    سوتقا كېرەكلىك ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى تەييارلىنىپ سوت ئېچىلىپتۇ. سوتچى پۈتۈن ھۆججەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن  
    - بۇ داۋادا قانداق ھۆكۈم چىقىرىشنى بىلەلمەي قالدىم، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھۆججەتلىرىگە قارىغىنىمىزدا، بۇ داۋادا غەلىتە بىر ئەھۋال مەۋجۇت. داۋادىكى بىر تەرەپ دۇئانىڭ كۈچىگە ئىشەنگەن بەزمىخانا خوجايىنى، يەنە بىر تەرەپ بولسا دۇئانىڭ كۈچىگە ئەسلا ئىشەنمىگەن ئىمام ۋە ئۇنىڭ جامائىتى






    بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى  
      
    مەن زادى بۈگۈن ئۆلىۋالىمەن، مەن چىدىمىدىم، قەتئىي چىدىمىدىم مەن بۇ تورخانىدا ئىشلەۋاتقىلى 3 يىل بولدى، ئىچىم دەرت بىلەن گېلىمغىچە توشۇپ قان بېسىمىم 200 گە چىقىپ كەتكىلى نەۋاق، مەن زادى چىدىمىدىم، چىدىمىدىم، مەن بۈگۈن ئۆلىۋالىمەن، ئېسىت ياشلىقىمنى خاراب قىلغان تورخانا، ئېسىت خازان بولغان كاللام......بۈگۈن دەردىمنى بىراقلا كرورانغا تۆكۈۋېتىپ شەھەرنىڭ سىرتىغا، ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئۆلىۋالىمەن!   
      
    بۇ تورخانا شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان، ھەر كۈنى كىرىدىغان خېرىدارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەتىگىنى ئىشقا چۈشسەم كەچتە ياتىدىغان يەرنىمۇ تاپالماي بېشىم قېيىپ كەتكەندە ئورۇندۇققا يىقىلىپلا ئۇخلايمەن، ئاناڭنى بۇ تورخانىغا كىرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا كاللىسىنىڭ ۋېنتىسى كەم، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغان كەپسىز شۇملار. كومپىيۇتېرنى ئېچىشنى ئەسلى بىلمەيدۇ، خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشنى ئەسلى بىلمەيدۇ، ھەتتا خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەشنىمۇ سورايدۇ. كىيۇ كىيۇسىنى ئېچىشنىغۇ بىلمەيدۇ، تېخى «ھەي، ۋاڭگۈەن، ماۋۇ جىزا نىمانداق قوتا، چ چ نى ئاچقىلى بولمايدىغۇ» دەپ قوتاندىن قاچقان قويدەك چېقىرىشى بار، نېمە بولدى دەپ يېنىغا بارسا، مەخپىي نۇمۇرنى كىرگۈزمەي قاراپ تۇرغان، ھەي، ماۋۇ يەرگە مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزمەمسىز دەپ قايتاي دەپ تۇرسام، «مەخپىي نۇمۇرى قانچە» دەپ مەندىن سورايدۇ، ئاھ خۇدا، مەن قانداق قىلىمەن؟ كاللىسىغا بىرنى سالاي دېسەم ئەسلى، ئامالسىز قايتىپ كېتەي دەپ تۇرسام ئاۋۇ يەردە بىرى چاقىرىدۇ، يېنىغا بارسام ما يەرگە خەتنى قانداق يازىدۇ دەپ سورايدۇ، ھە مۇنداق مۇنداق دەپ تەڭشەپ بەرسە، ماڭا يېزىپ كۆرسىتىپ قويۇڭ دەيدۇ، ھە بوپتۇ دەپ بېرەي دەپ «ياخشىمۇسىز» دېگەن خەتنى يېزىپ بەرسەم، «ۋوي، ئۇ نېمە دەيدا، مانداق دەپ يېزىپ بېرىڭە» دەپ بەزىرىپ قاراپ تۇرغان، تازا بىرنى ئالىيىۋېتەي دەپ تەييار بوپ تۇرسام، «بولمىسا ما يەردە ئولتۇرۇڭە، ماڭا يېزىشىپ بېرىڭ» دەپ يېنىنى كۆرسىتىپ تۇرغان....خەپ، خەپ، مۇشۇ ئىشلىمەيدىغان كاللىنى بوينىدىن ئايرىۋەتسە دەيمەن. 

    ئۆتكەندە بىرى كىرىپتۇ، مەن چ چ دا دوستۇمنى كۆرۈۋالاي دېگەن دەپ، ھە بوپتۇ دەپ كامىرانى توغىرلاپ بەرسەم، قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى كۆرسىتىپ : «ئۇ كىمۇ؟» دېمەسمۇ، ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. بىرى كىرىپتۇ، تورخانىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا قاچىلانغان ئويۇننى ئويناپ ئولتۇرىتى، بىردەمدىلا چاقىرىدۇ، ماۋۇ جىزا (كومپىيۇتېر) ئۆچۈپ قالدى دەيدۇ، ھەي نېمىگە ئۆچۈرىسىز، قاراپ تۇرسام توكنى ئۈزۈۋەتتىڭىزغۇ دېسەم، «نېماندا نېمە ئاۋۇ، ئۆچۈرەي دىسەم ئۆچمەيدۇ، ئويناي دېسەم ئۇقمىسام، پاراڭلىشاي دېسەم چ چ نى تاپالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن توكنى تارتىۋەتتىم» دەپ بەزىرىپ تۇرىدۇ، توۋا. بۇ كالۋا تۈنۈگۈنكىدىنمۇ بەك كالۋاكەن....تېخى ئالدىنقى كۈنىلا بىر كالۋا نىمجان ئۇيۇنى (半条命) ئويناپ ئولتۇرىتى، قارشى تەرەپ تۈتەك بومبىسى قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭ ئېكرانىنى ئاپئاق قىلىپ قويسا، ئۇتتۇر كېلىپ مېنى چاقىرىدۇ «ۋاڭگۈەن ماۋۇ جىزا قېتىپ قالدى» دە  

    ھېلىقىدەك كامىرانى ئاچالمايدىغان، نائۇشنىكنى تاقىۋېلىپ گەپنى ئاڭلىمىدىم، ماۋۇ ئارجى (نائۇشنىك) بۇزۇقكەن دەپ ئېتىزلىقتا ۋارقىرىغاندەك ۋاقىرايدىغان، كىنو كۆرىمەن دەپ كىنونى ئېچىپ بەرسە، بۇ كىنو ئۇيغۇرچە گەپ قىلمايدىكەن دەپ تىللايدىغانلارغۇ ئادەتتىكى ئىشلار، ئەڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگىنى تۈنۈگۈن چىرايلىق بىر قىز بالا كىرىپ كومپىيۇتىرىنى ئېچىپلا مېنى چاقىرىدۇ، ھە دەپ بارسام، ماڭا كىيۇ بى (كىيۇ كىيۇ تەڭگىسى) چۈشۈرۈپ بېرىڭ دەيدۇ، كىيۇ كىيۇ تەڭگىسى دېگەن چۈشۈرىدىغان نەرسە ئەمەس، سېتىۋالىسىز دېسەم، «ئەمىسە بۇ تورخانىنى نېمىشقا ئاچقان؟ سىز نېمە قىلىدىغان ئادەم؟» دەپ سوراۋاتىدۇ. ئاناڭنى! ئىشلىمەيمەن بولدى، بۇنداق تورخانا دېگەندە. بۇ يەردە ئىشلىگەندىن ئۇ دۇنياغىلا كېتىپ تىنىچ ياتاي!  

    分享到:
    خەتكۈچ: