• ئىنتېرنېت دۇنيانىڭ مائارىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتمەكتە - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

    2013-03-19

     رۇسىيەدە چىقىدىغان «موسكۋا ۋاقتى گېزىتى»نىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا مائارىپى ۋە بىلىم بايلىقىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشماقتا، ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدىكى ئۇچۇردىن بەھرىمان بولۇش ۋە ئۇچۇر تارقىتىش ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان سىناققا دۇچ كەلدى، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنىڭ سانى ھازىرقىدىن 80 مىليوندىن كۆپرەك ئاشىدىكەن. ناۋادا ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن كۆپەيگەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 12 يىلدا ھەر ھەپتىدە ئۈچتىن ئالىي مەكتەپ قۇرۇشىمىزغا، 40 مىڭ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىش.
        بۇ مەسىلىنى قانداق قىلغاندا ئوبدان ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى رەقەملىك ئىلىم-پەن ۋە ئىنتېرنېت تورىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشتىن چىقىدۇ. ئۇ بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇر بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ھەقسىز، لېكىن ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىلا ئىشەنچىلىك ئەمەس، ئىشەنچىلىك بولغان ئۇچۇرنىڭ ئۆزىمۇ ھەقىقىي بىلىمنىىڭ يۇقىرى پەللىسى.
        شۇڭا 10 يىلنىڭ ئالدىدا ماسساچۇستېس سانائەت ئىنىستىتۇتى بارلىق ئوقۇش ماتىرىياللىرىنى ھەقسىز ھالدا ئىنتېرنېتقا چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن 300گە يېقىن مائارىپ ئاپپاراتى بۇنى تەقلىد قىلغان. ئۇلار ئېچىۋېتىلگەن ئوقۇتۇش دەرسلىكى بىرلەشمىسىنى قورۇپ، نۆۋەتتە 21 مىڭ خىل دەرسلىك بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانى يىلدا 360 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇ دۇنيا مائارىپ ئىنقىلابىدا ئىجادىي رول ئوينىغان.
    توردا ئوقۇتۇش ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن تەنقىدلىگۈچىلەرمۇ بولدى. بەزىلەر «توردا ئۆگىنىش ساختىلىق» دەپ مەنسىتمەسلىك پۇزىتسىيەسىدە بولدى، لېكىن كۆپ سانلىق ياشلارغا نىسبەتەن رەقەملىك ئالاقىلىشىش يېڭى رېئاللىق.
        يەنە بىر قىسىم تەنقىدلىگۈچىلەر ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توردىكى دەرسلىكلەردە ئۆزئارا ئالاقە يېتەرسىز، ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالاقە بولۇشى كېرەك. لېكىن ئالىي مائارىپ ئۈستىگە ئالغان بېسىمنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ مەكتەپلەردە ئوقۇش ئەمەلىيىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارنى بايقاشتىن مەزمۇن بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، چوڭ بىر دەرسخانىدا نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا، بولۇپمۇ تولۇق كۇرس باسقۇچىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئۆزگىچىلىك، ئۆئارا ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان ئۆگىنىشنى بېشىدىن كەچۈرگەنلەر- توردا ئوقۇتۇشنى تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھالەتكە- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى مەكتەپلەردە ئىگە بولۇشى تەس. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئېچىۋىتىش شەكلىدىكى ۋە توردا ئوقۇتۇش ئالىي مائارىپ بۇيىچە تەربىيەلەشتە زور تەرەققىيات بارلىققا كەلدى، توردا قانداق ئۆگىنىش مەسىلىسى ھەل بولۇپ، دەرسلىك رامكىسى بىلەن  تەمىن ئېتىلدى ۋە ئۆزئارا ھەرىكەتلەندۈرۈشتەك مەزمۇنلار ھەل بولدى. نۆۋەتتە ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى توردىن تاپقىلى بولىدۇ: دەرسخانىدىكى مەزمۇنلار، ئائىلىدە ئىشلەشكە بېرىلگەن تاپشۇرۇق، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆئارا ئالاقە، ئاپتۇماتىك قايتما ئىنكاس، ئىمتىھان ئېلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىقلار.
        ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، رەقەملىك ئىلىم-پەن ۋە ئىنتېرنېت تورى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىسنى ھەل قىلىدىغان ۋاستىگە ئايلاندى، ئۇ دۇنيادىكى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنى ئىگە بولۇش تەس بولغان ئوقۇتۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ پەن-تېخنىكا يەنە نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش تەننەرخىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈۋېتىش مەسىلىسىدىن ساقلاپ، ئالىي مائارىپ بۇيىچە بىلىم ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، مائارىپ ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلەتتى.رۇسىيەدە چىقىدىغان «موسكۋا ۋاقتى گېزىتى»نىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا مائارىپى ۋە بىلىم بايلىقىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشماقتا، ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدىكى ئۇچۇردىن بەھرىمان بولۇش ۋە ئۇچۇر تارقىتىش ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان سىناققا دۇچ كەلدى، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنىڭ سانى ھازىرقىدىن 80 مىليوندىن كۆپرەك ئاشىدىكەن. ناۋادا ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن كۆپەيگەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 12 يىلدا ھەر ھەپتىدە ئۈچتىن ئالىي مەكتەپ قۇرۇشىمىزغا، 40 مىڭ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىش.
        بۇ مەسىلىنى قانداق قىلغاندا ئوبدان ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى رەقەملىك ئىلىم-پەن ۋە ئىنتېرنېت تورىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشتىن چىقىدۇ. ئۇ بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇر بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ھەقسىز، لېكىن ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىلا ئىشەنچىلىك ئەمەس، ئىشەنچىلىك بولغان ئۇچۇرنىڭ ئۆزىمۇ ھەقىقىي بىلىمنىىڭ يۇقىرى پەللىسى.
        شۇڭا 10 يىلنىڭ ئالدىدا ماسساچۇستېس سانائەت ئىنىستىتۇتى بارلىق ئوقۇش ماتىرىياللىرىنى ھەقسىز ھالدا ئىنتېرنېتقا چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن 300گە يېقىن مائارىپ ئاپپاراتى بۇنى تەقلىد قىلغان. ئۇلار ئېچىۋېتىلگەن ئوقۇتۇش دەرسلىكى بىرلەشمىسىنى قورۇپ، نۆۋەتتە 21 مىڭ خىل دەرسلىك بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانى يىلدا 360 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇ دۇنيا مائارىپ ئىنقىلابىدا ئىجادىي رول ئوينىغان.
    توردا ئوقۇتۇش ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن تەنقىدلىگۈچىلەرمۇ بولدى. بەزىلەر «توردا ئۆگىنىش ساختىلىق» دەپ مەنسىتمەسلىك پۇزىتسىيەسىدە بولدى، لېكىن كۆپ سانلىق ياشلارغا نىسبەتەن رەقەملىك ئالاقىلىشىش يېڭى رېئاللىق.
        يەنە بىر قىسىم تەنقىدلىگۈچىلەر ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توردىكى دەرسلىكلەردە ئۆزئارا ئالاقە يېتەرسىز، ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالاقە بولۇشى كېرەك. لېكىن ئالىي مائارىپ ئۈستىگە ئالغان بېسىمنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ مەكتەپلەردە ئوقۇش ئەمەلىيىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارنى بايقاشتىن مەزمۇن بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، چوڭ بىر دەرسخانىدا نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا، بولۇپمۇ تولۇق كۇرس باسقۇچىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئۆزگىچىلىك، ئۆئارا ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان ئۆگىنىشنى بېشىدىن كەچۈرگەنلەر- توردا ئوقۇتۇشنى تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھالەتكە- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى مەكتەپلەردە ئىگە بولۇشى تەس. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئېچىۋىتىش شەكلىدىكى ۋە توردا ئوقۇتۇش ئالىي مائارىپ بۇيىچە تەربىيەلەشتە زور تەرەققىيات بارلىققا كەلدى، توردا قانداق ئۆگىنىش مەسىلىسى ھەل بولۇپ، دەرسلىك رامكىسى بىلەن  تەمىن ئېتىلدى ۋە ئۆزئارا ھەرىكەتلەندۈرۈشتەك مەزمۇنلار ھەل بولدى. نۆۋەتتە ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى توردىن تاپقىلى بولىدۇ: دەرسخانىدىكى مەزمۇنلار، ئائىلىدە ئىشلەشكە بېرىلگەن تاپشۇرۇق، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆئارا ئالاقە، ئاپتۇماتىك قايتما ئىنكاس، ئىمتىھان ئېلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىقلار.
        ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، رەقەملىك ئىلىم-پەن ۋە ئىنتېرنېت تورى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىسنى ھەل قىلىدىغان ۋاستىگە ئايلاندى، ئۇ دۇنيادىكى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنى ئىگە بولۇش تەس بولغان ئوقۇتۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ پەن-تېخنىكا يەنە نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش تەننەرخىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈۋېتىش مەسىلىسىدىن ساقلاپ، ئالىي مائارىپ بۇيىچە بىلىم ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، مائارىپ ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلەتتى

     

    分享到:
    خەتكۈچ: