تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2011-10-06

    ئەرەب ئىنقىلابى تولۇق ۋاقىت جەدۋىلى

    -يىلى

    دېكابىر

    19 تۇنىس مۇھەممەد بۇئەزىزى ئۆزىگە ئوت يېقىپ ئىشسىزلىققا قارشى غەزىپىنى ئىپادىلىدى. بۇ ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالدى.

    24 تۇنىس بۇزىيان شەھىرىدە ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بىر ياشنى ئېتىۋەتتى.

    27 تۇنىس پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇمىيۈزلۈك نامايىش كۆتۈرۈلدى

    2011-يىلى

    يانۋار

    5 ئالجىرىيە يېمەكلىك باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا قارشى نامايىش ئالجىرىيە شەھەرلىرىنى قاپلىدى.

    14 ئىئوردانىيە پايتەخت ئامماندا تىنچ نامايىش بولدى.

    15 تۇنىس پرېزىدېنت زەينەل ئابىدىن بىن ئەلى سەئۇدىغا كەتتى.

    16 مىسىر مىسىرلىق بىر نامايىشچى ئۆزىگە ئوت يېقىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.

    22 ئىئوردانىيە "ئىقتىساد ساقچىلىرى" غا قارشى نامايىش كۆتۈرۈلدى. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى.

    23 يەمەن نامايىش كۆتۈرۈلدى. ساقچىلار نامايىشچىلارنى قولغا ئالدى.

    24 لىۋان "غەزەپ كۈنى" نامايىشى باشلاندى.

    27 مىسىر نامايىش قاھىرە، سۇۋەيش شەھىرى، ئالېكساندىرىيە ۋە باشقا شەھەرلەرنى قاپلىدى.

    31 ئىئوردانىيە پادىشاھ ئىچكى كابېنتى تارقىتىپ، يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلىدى.

    فېۋرال

    يەمەن نامايىش داۋاملاشتى. سالىھ سۆز قىلىپ، 2013-يىلى تەختتىن چۈشۈشكە ۋەدە بەردى.

    11 مىسىر پرېزىدېنت مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك ئىستىپا بەردى.

    14 بەھرەين شىئە مۇسۇلمانلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈردى.

    15 لىۋىيە نامايىش باشلاندى. ھۆكۈمەت نامايىشلارنى باستۇردى. 84 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. (لىۋىيە ۋاقىت جەدۋىلى)

    22 بەھرەين مىڭلىغان ئادەم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى داۋاملاشتۇردى.

    23 لىۋىيە بىنغازى شەھىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.

    26 ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ لىۋىيىگە قارشى قورال-ياراق قامىلى يۈرگۈزدى.

    26 ئومان خەلق كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى.

    مارت

    لىۋىيە ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى يىغىن ئېچىپ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ   خەلقنى باستۇرغانلىقىنى ئىنسانىيەتنىڭ تراگېدىيىسى، ئىسلامغا، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ، دەپ قارىدى.

    12 لىۋىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىن ئېچىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسسىس قىلىشىغا قوشۇلدى.

    15 سۈرىيە دەمەشق ۋە باشقا بىر قانچە شەھەردە خەلق نامايىش قىلىپ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە بارلىق سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. (سۈرىيە ۋاقىت جەدۋىلى)

    17 ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ ئەزا دۆلەتلەردىن "بارلىق زۆرۈر ۋاستىلەرنى قوللىنىپ لىۋىيە قىسىملىرىنىڭ پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشىنى توسۇش"نى تەلەپ قىلدى.

    19 لىۋىيە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئايروپىلانلىرى لىۋىيىدە ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى.

    20 مىسىر خەلق سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى.

    23 لىۋىيە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ لىۋىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يوق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    30 لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇسا كۇسسا قازافىي ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقتى.

    ئاپرىل 

    لىۋىيە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

    15 ئالجىرىيە پرېزىدېنت ئابدۇلئەزىز بۇتەفىقا خەلققە "تېخىمۇ كۈچلۈك دېموكراتىيە" ۋەدىسى بەردى.

    ماي

    27 سەككىز دۆلەت بىرلەشمە يىغىنى (G8) يىغىن ئېچىپ، "ئەرەب باھارى" ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە 20 مىليارد دوللار ياردەم قىلىشقا قارار بەردى.

     ئىيۇن

    7 تۇنىس سايلام 23-ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈرۈلدى.

    27 لىۋىيە فرانسىيە لىۋىيە قوزغىلاڭچى ئارمىيىسىنى تەمىنات ۋە قورال جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

    29 مىسىر خەلق يەنە كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى. 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قالايمىقانچىلىقتا يارىلاندى.

    ئىيۇل

    15 لىۋىيە ئامېرىكا لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى قۇرغان "لىۋىيە مەملىكەتلىك كېڭىشى" نى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. 

    28 لىۋىيە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى "لىۋىيە مەملىكەتلىك كېڭىشى" نىڭ لىۋىيىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلدى.

    28 لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باش قوماندانى گېنىرال ئابدۇلفەتتاھ يۇنۇس قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى.

    31 سۈرىيە ئارمىيە تانكىلارنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچى خەلق ئىگىلىۋالغان ھاما شەھىرىگە قاتتىق ھۇجۇم قىلدى.

    ئاۋغۇست

    3 مىسىر مۇبارەك سوتلاندى

    13 لىۋىيە قوزغىلاڭچىلار مۇھىم شەھەر بولغان زاۋىيەھنىڭ ئىشغال قىلدى. قازافى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە پايتەختتە قورشاۋدا قالغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

    18 سۈرىيە ئامېرىكا سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى.


    收藏到:Del.icio.us




1234