ئەھمەد نىجادتىن كېيىن

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2013-08-05 20:01:31

ئۆتكەن 4 يىلدىن بۇيان، ئەھمەد نىجاد ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي تەدبىر بەلگىلەشنى كونترول قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇندى. ئۇ 2011-يىلى ھامىنىينىڭ ئىتتىپاقدىشى، ئاخبارات مىنىستىر ھەيدەر مۇسلىھىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماقچى بولدى، ئەمما تېزلا رەت قىلىشقا ئۇچرىدى. ئۇ يەنە بەزى دىنىي ئورگانلارغا بېرىلىدىغان بايلىقنى ئازايتتى، باشقۇرۇشنى بوشىتىش ئارقىلىق ئۆز پارتىيىسىنىڭ شەخسىي بانكا قۇرۇشىغا ھەمدەمدە بولدى ھەمدە ئىراندىكى تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئورگان ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئورنىغا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدى.

چۈشۈرۈش

    ئەھمەد نىجاد ئايەتۇللاھنىڭ ھوقۇقىغا خىرىس قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەمەس. ئايەتۇللاھ ھۈسەيىن ئەلى مونتازارى ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى دىنىي ئەمەلدارى، مۇبادا ئۇ ھۈمەينى ئۆلۈشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى چوڭ ئايەتۇللاھ، قوشۇمچە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايەتۇللاھ ھۈمەينى بىلەن تەتۈر قاراشمىغان بولسا، ئۆزى ئىراننىڭ ئايەتۇللاھسى بولۇپ قالاتتى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىران