ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ تەرتىپى
-
ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ تەرتىپى
ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 5049 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى تەرتىپى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلدى. ئەنگلىيە نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى ستېفېن خاۋكىڭ يېقىندا قويۇلغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، ئۆزىنىڭ ترامپنىڭ قانداقسىگە كىشىلەرنىڭ ئالقشىغا ئېرىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئىلگىرى يەنە ترامپنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى مازاق قىلغان.
نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاۋكىڭنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 160 قا يەتكەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولۇش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟ بىز ئەمدى نۆۋەتتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىگە نەزەر سېلىپ باقايلى.
ئامېرىكا ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، ئوتتۇرىچە ئەقىل بۆلۈنمىسى 100، مەھەللە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 118 ئىكەن، ئەمما ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئاساسەن بۇ ساندىن يۇقىرى ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى زۇڭتۇڭلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 130 دىن يۇقىرى بولغان. پەقەت % 3 لا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 130 دىن ئاشىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ 6-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون كيۇنسى ئادامسنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. ئۇ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ جون ئادامس بىلەن 1-خانىم ئابىگايل ئادامسنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، خارۋارد ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. جامېس مونرو زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان ھەمدە «مونروزم»نى تەرەققىي قىلدۇرغان، ئەنگلىيە بىلەن بولغان نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلغان، ئىسپانىيەنىڭ قولىدىن فىلورىدانى قايتۇرۇۋالغان، شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر ئۇنى ئامېرىكا تارىخىدىكى «ئەڭ ئۇتۇق قازانغان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى»نىڭ بىرى دەپ ئاتىغان.
ئىككىنچىسى ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس جېففېرسون. ئۇ يەنە «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ ئاساسلىق لايىھە تەييارلىغۇچىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرغان كىشىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تەسىرى بار كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ سىياسىي ئىشلاردىن باشقا يەنە، يېزا ئىگىلىك ئىلمى، باغۋەنچىلىك ئىلمى، قۇرۇلۇش ئىلمى، ئېتىمولوگىيە، ئارخېئولوگىيە، ماتېماتىكا، مەخپىي شىفىر ئىلمى، ئۆلچەش ئىلمى ۋە قەدىمكى جانلىقلار قاتارلىق پەنلەرنىڭ مۇتەخەسسىسى؛ يەنە يازغۇچى، ئادۋوكات ۋە ئىسكىرىپكىچى، يەنە شۇنداقلا ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەرپاچىسى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشى دەپ قارايدۇ. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىكىنى قوغداپ، مىللىي كاپىتالىستىك سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرغان. فىرانسىيەدىن لويىزاننا ئىشتاتىنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا زېمىنى بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيتكەن.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1. ئامېرىكىنىڭ 6-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون كيۇنسى، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 168.75
2. ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس جېففېرسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 153.75
3. ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون كېننىدى، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 150.65
4. ئامېرىكىنىڭ 42-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بىل كلىنتون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 148.8
5. ئامېرىكىنىڭ 28-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس ۋىلسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 145.1
6. ئامېرىكىنىڭ 39-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جىممى كارتېر، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 145.1
7. ئامېرىكىنىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون ئادامس، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 142.5
8. ئامېرىكىنىڭ 26-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى زېئودور روزېۋېلت، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 142.275
9. ئامېرىكىنىڭ 20-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامېس گارفىلد، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 141.5
10. ئامېرىكىنىڭ 21-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى چېستېر ئارتۇر، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 141.5
11. ئامېرىكىنىڭ 4-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامېس مادىسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 141.25
12. ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئابراھام لىنكولن، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 140
13. ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى فرانكلىن روزېۋېلت، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 139.625
14. ئامېرىكىنىڭ 10-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامېس تايلېر، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 136.2
15. ئامېرىكىنىڭ 13-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى مىللارد فىللمور، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 135.975
16. ئامېرىكىنىڭ 14-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى فرانكلىن پيېرس، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 134.775
17. ئامېرىكىنىڭ 9-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋىلليام ھېنرى خاررىسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 133.925
18. ئامېرىكىنىڭ 19-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى رۇزېرفورد ھايېز، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 133.925
19. ئامېرىكىنىڭ 8-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى مارتىن ۋان بۇرېن، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 133.35
20. ئامېرىكىنىڭ 1-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جورجى ۋاشىنگتون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 132.5
21. ئامېرىكىنىڭ 23-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بېنجامېن خاررېسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 132.15
22. ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى داۋىت ئېزىنخاۋېر، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 131.9
23. ئامېرىكىنىڭ 37-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى رىچارد نىكسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 131
24. ئامېرىكىنىڭ 24-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ستېفېن كلېۋېلاند، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 130.95
25. ئامېرىكىنىڭ 11-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامېس پولك، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 130.2
26. ئامېرىكىنىڭ 25-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋىلليام ماككىنلېي، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 130.175
27. ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جورجى بۇش، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 130.125
28. ئامېرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى رونالد رىگان، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 130
29. ئامېرىكىنىڭ 31-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى خېربېرت كلارك خۇۋېر، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 129.775
30. ئامېرىكىنىڭ 36-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى لىندون جونسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 127.825
31. ئامېرىكىنىڭ 33-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى خاررى ترۇمان، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 127.55
32. ئامېرىكىنىڭ 30-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى كالۋىن كۇلىج، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 127.1
33. ئامېرىكىنىڭ 38-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى گېرالد فورد، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 127.075
34. ئامېرىكىنىڭ 27-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋىلليام خوۋارد تافت، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 126.9
35. ئامېرىكىنىڭ 7-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئاندرېۋ جېكسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 126.25
36. ئامېرىكىنىڭ 15-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋىلليام بۇكانان، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 125.925
37. ئامېرىكىنىڭ 12-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى زاچارى تايلور، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 125.65
38. ئامېرىكىنىڭ 17-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئاندرېۋ جونسون، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 125.65
39. ئامېرىكىنىڭ 43-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جورجى ۋالكېر بۇش، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 124.875
40. ئامېرىكىنىڭ 29-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋاررېن خاردىڭ، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 124.3
41. ئامېرىكىنىڭ 5-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جامېس مونرو، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 124.125
42. ئامېرىكىنىڭ 18-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئۇلىسسېز گرانت، ئەقىل بۆلۈنمىسى: 120
ھازىرقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى مۇشۇ سانلار دائىرىسىدە، ئەمما توردا تارقالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا 102 بىلەن 140 نىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، پەرق بىرقەدەر چوڭ ئىكەن.
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ھەرگىز تۆۋەن ئەمەس، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولسىلا ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر
2015-05-29 13:41:234719ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ــ بۇتان
2015-07-22 13:29:453685ئوبامانىڭ كارخانىچىلار ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-04-01 12:20:354335توقسۇ ئاياللىرى تاماق ئېتىشتە مۇسابىقىلەشتى
2015-05-29 12:52:474019فېليەتۇن: نۇتۇق تېكىستى تەييارلاش
2015-03-02 12:54:514221ئەلىشىر نەۋائىي: مىزانۇل ئەۋزان (ۋەزنلەر ئۆلچىمى
2015-05-04 00:27:518189‹‹غەربكە ساياھەت››تىكىلەرنىڭ ئۇنۋانلىرى
2015-04-13 12:05:305011ZARA نىڭ بەرپاچىسى دۇنيادىكى 2-بايغا ئايلاندى
2015-06-03 17:59:024273
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-