بېيجىڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرى: (نۇر تورى تەرجىمىسى) «تازىلىق قەغىزىنى تاماق قەغىزى قىلىپ ئىشلەتكەندە راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ! »، «ئېرىشچان تازىلىق قەغەزلىرى سۈپەتسىز!»، «ئايلانما ھاسىلاتلىق تازىلىق قەغەزلىرى ئەسكى-تۈسكىلەردىن ئىشلەنگەن، ئىشلەتمەڭ!»، «پۇل تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن تازىلىق قەغىزىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئاقارتقۇچ يالتىراق ماددا قوشۇلغاچقا نۇر قايتۇرۇشچانلىققا ئىگە، راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ!»
يېقىندىن بۇيان، تازىلىق قەغەزلىرى توغرىسىدا كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان گەپ-سۆزلەر تارقىلىشقا باشلىدى، كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىش ئۈمىدىدە گېزىتخانىغا تېلېفونلارنى ئۇردى. كۆپچىلىك ھەر كۈنى تازىلىق قەغىزى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، زادى تازىلىق قەغەزلىرى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «تازا»(پاكىز)مۇ؟ تۆۋەندە مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆز-قارىشىغا نەزەر تاشلاپ باقايلى!
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تازىلىق قەغەزلىرى ھاجەتخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئېغىز-بۇرۇننى ئېيتىشقا بولمايدىكەن.
جۇڭگو قەغەزچىلىك جەمئىيتى تۇرمۇش قەغەزلىرى مەخسۇس كومتېتىنىڭ كاتىبات باشلىقى جىياڭ مەنشىيا مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇرمۇش قەغەزلىرى ھاجەتخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزلەرنى كۆرسىتىدىكەن. قەغەز بوتقىسىنىڭ ماتېرىيالىدىن قارىغاندا، تازىلىق قەغەزلىرى ۋە قول سۈرتىدىغان قەغەزلەر ئەسكى-تۈسكى قەغەزلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. يەنى ئايلانما ھاسىلاتلىق قەغەزلەرگە كىرىدىكەن. ئەمما قەغەز لۆڭگە ۋە ئاشخانا قەغەزلىرى چوقۇم بىرلەمچى قەغەز بوتقىسىدا ياسىلىدىغان بولۇپ، ئايرىم سېخلاردا بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان بويۇملارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، تازىلىق قەغەزلىرى ۋە قول سۈرتىدىغان قەغەزلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تازىلىق قەغىزى ۋە قول سۈرتىدىغان قەغەزلەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى سۈرتۈشكە، شۇنداقلا بىۋاسىتە ئېغىز بىلەن ئۇچرىشىدىغان مېۋە-چىۋىلەرنى، ئاشخانا بويۇملىرىنى تازىلاشقا بولمايدىكەن. قەغەز لۆڭگە ۋە ئاشخانا قەغەزلىرىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى يۇقىرى بولغاچقا، ئېغىز-بۇرۇننى سۈرتۈشكە ھەمدە بوۋاقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.
كاتىبات باشلىقى جىياڭ مەنشىيا تازىلىق قەغەزلىرىنى ھاجەتخانىلاردا ئىشلەتكەندە، تەرەت قاچىسىغا تاشلاپ، سۇ بىلەن بىللە ئېقىتىۋېتىش تەكلىۋىنى بەرگەن بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا تازىلىق ئۆيىنىڭ ھاۋاسى ئاسانلىقچە بۇلغانمايدىكەن، چۈنكى تازىلىق قەغەز ئىشلەپچقىرىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تازىلىق قەغىزى سۇدا ئاسان ئىرىيدىغان بولغاچقا، سۇ بىلەن بىللە ئېقىتىۋەتكەندە، تەرەت قاچىلىرىغا كەپلىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلمەيدىكەن. بىراق قەغەز لۆڭگىلەرنى ئۇنداق قىلىشقا بولمايدىكەن.
كاتىبات باشلىقى جىياڭ مەنشىيا يەنە مۇنۇلارنى دەيدۇ: مەن ھەرقايسى جايلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بەزى ئوتتۇرا-كىچىك ئاشپۇزۇللارنىڭ تازىلىق قەغەزلىرىنى ئاشخانا قەغىزى قاتارىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. بەزى قەغەز زاۋۇتلىرى تازىلىق قەغىزىنى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقارمايدىغان بولۇپ، ئۇلار خام ماتېرىياللارنى كىرگۈزۈپ، قەغەزنى ئاشىخانا قەغەزلىرىنىڭ ئۆلچىمىدە كىسىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە ئوتتۇرا-كىچىك ئاشپۇزۇللارغا سېتىپ بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۋاتىدۇ.
سىتاتسىتىكا قىلىنىشچە، 2011-يىلى ئالدىنقى 15-ئورۇنغىچە تۇرىدىغان ماركىلىق قەغەزلەرنىڭ بازاردىكى يىللىق سېتىلىش مىقدارى %43.5نى ئىگلىگەن. نۆۋەتتە چوڭ تاللا بازارلىرىدا ماركىلىق قەغەزلەر سېتىلىدىغان بولغاچقا، ئىستىمالچىلار خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىدىكەن.
ئەڭ مۇھىمى، قەغەزلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورنىغا ئاساسەن سېتىۋىلىش ئەڭ «پاكىز» تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ۋاي ما تىمىغا قارىغاندا ئىنكاسلا پەچەتقۇ
يەنىلا چالما ئىشلەتسەك بولامدۇ نېمە .
ئىغزىڭىزغا بەرىبىر چالما ئىشلەتمەيسىز دە ………….
مۇنداقمۇ ئىش باركەن دەڭ… بىلۋالغۇلۇق…
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت