لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى
لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى
مۇھەممەت توختى
( لوپنۇر ناھىيىلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپتىن )
لوپنۇر رايۇنى – لوپنۇر ناھىيىسى ۋە چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىن بولۇپ ، ئەسىرلەردىن بۇيان لوپنۇردىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زىمىن مەيلى تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەھەتتىن بولسۇن تەتقىقات تېمىسىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۆزگىچە رايۇن ئالاھىدىلىكى بىلەن جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرۇپ ، دۇنيا مىقياسىدا بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە .
تارىختىن بۇيان بۇ گۆھەر زىمىننىڭ تارىخى ۋە بۇ جايدا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىق قىلىپ مول مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى .
لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ ، يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ( مەسىلەن : << لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىق ئىستىمال قىلىش ئادىتى >> … ) كەلدى . مەنمۇ بىر لوپنۇرلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن لوپنۇر رايۇنىنىڭ بىر قەدەر تونۇش بولغان تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان توپلىغان ماتىرياللىرىم ئاساسىدا بۇ ماقالىنى كۆپچىلىككە سۇندۇم . گەرچە تولۇق بولمىسىمۇ بەلكىم ، ئازدۇر – كۆپتۇر پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتىمەن .
** ** **
》 مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ . بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغان شارائىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، شۇ پەرقلەرنىڭ بىرى مىللەت -
لەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ . 《(1)
دېمەك ، ئەجدادلىرىمىز ھايات كەچۈرۈش داۋامىدا چارۋۇچىلىق، بېلىقچىلىق ، ئوۋچىلىق ۋە قىسمەن تېرىقچىلىق شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن . بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىكى تارىخىي پاكىتلار ئېنىق دەلىللەپ بەرگەن .
لوپنۇرلۇقلارمۇ باشقا جايلاردا ياشىغۇچى ئۇيغۇر قەۋمىلەر قاتارىدا لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك يەر شارائىتىغا ئاساسەن سۇ قوغلىشىپ دەريا ، كۆل بويلىرىدا كۆچمەن ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن بولغاچقا ، ئۆزىگە خاس يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى چى شىيى تەرەپىدىن يېزىلغان <<غەربىي يۇتتا ئاڭلىغان ، كۆرگەنلىرىمدىن خاتىرە >> ناملىق كىتابتا : 》 لوپنۇر … ئۇ يەردە ئىككى ئۇيغۇر كەنتى بولۇپ ، ئۇ كەنتتىكىلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ ئىككى كەنتنىڭ ھەر بىرىدە 4-5 يۈزدىن ئائىلە بار . ئۇلار ئاشلىق تېرىمايدۇ ، چارۋۇچىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ . ئاشلىق ئورنىدا بېلىق يەيدۇ . ياۋا كەندىر ( چېگە ياكى لوپنۇر كەندىرى ) دە توقۇلغان رەختتە كېيىم كېيىدۇ . مامۇق چاپان كېيىدۇ. ئوۋلىغان ئۇچار قۇشلارنىڭ مامۇق پەيلىرى ئۈستىدە ياتىدۇ … دۇئا-تىلاۋەتنى ، نامازنى بىلمەيدۇ . كورلىدىكى ئۇيغۇر شەھەرىگە بارغانلىرى چارۋا گۆشى ، ئاشلىق يېيەلمەيتتى . يەپ قويسىلا قۇسۇپ ياندۇرۇۋېتەتتى . كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ تۇراتتى . ئەمما باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايتتى … 《(2)
يۇقۇرىدىكى نەقىلدىن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى پەقەت بېلىق يەپلا باشقا ھېچقانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماي ھايات كەچۈرگەن دېگەندەك چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز . ئەمما لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى پەقەت بېلىق يەپلا ، باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەي ھايات كەچۈرگەنمۇ ؟ ئۇنداقتا ئادەم پەقەت بېلىق گۆشىنى يەپ، ئاشلىق ۋە باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەي ھايات كەچۈرۈش مۈمكىنمۇ ؟ قانداق شارائىتتا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىن ئۆمۈر چولپانلىرى كۆپ چىققان ؟ … بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق ، ئابدۇبەسىر شۈكرى قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز بىرلىشىپ يازغان》مەدەنىيەت كارۋانلىرى《 (1) دېگەن كىتابىنىڭ》 كروران ئانا 《ناملىق ماقالىسىدا يۇقارقى نەقىللەرنىڭ دەل ئەكسىچە ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك نەقىللەرنى يازغان. يەنى ،》 … <بۇ جايدىن چىققان بۇغداي مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرۈلگەن يۇملاق بۇغداي ئەرۋىشكىسى > دەپ قارالدى … 《 (3)
ئىگىلىنىشىچە ۋە پىشقەدەملەر سۆزلىرىدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى ، ئەينى زاماندا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرى ( كۆنچى دەرياسى، قىرقى دەرياسى ، ئوپقان دەرياسى، يۇملاق دەرياسى، ئاچچىق دەرياسى قاتارلىق بەش تارام ئېقىن ) ۋە لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدا ئېقىن قوغلىشىپ كۆچمەن ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولغاچقا ، ئۇلار تەبىئىي شارائىت ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن سەۋەبىدىن باشقا ئۇيغۇر قەۋىملىرىدىن ئۆزگىچە بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن .
يۇقارقىدەك ئۆزگىچە رايۇن ئالاھىدىلىكى ۋە كۆپ قىسىم ماتىرياللاردا زىكرى قىلىنغىنىدەك ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى بېلىقچىلىق ، ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋۇچىلىق ۋە قىسمەن تېرىقچىلىق قاتارلىق ئىگىلىك شەكىللىرى ئارقىلىق ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ياشاپ ، ئۆزىگە خاس بولغان پارلاق يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
1 . بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك ، ئېقىن ۋە سۇ قوغلىشىپ دەريا ، كۆل بويلىرىدا ياشىغان بولغاچقا ، بېلىق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىگە ئايلانغان . ئۇلار دەريا ، كۆللەردىكى بېلىقلارنىڭ كۆپ بولۇشىدەك ئەلۋەك شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئەتىياز ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە توغراقتىن چېپىپ ياسىغان كېمە ( قېيىق ) ئارقىلىق چېگە (لوپنۇر كەندىرى ) يىپىدىن ئېشىپ توقۇغان گۆلمۈ ( بېلىق تۇتىدىغان تور ) ، مانجار ( بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن توقۇلغان سېۋەت ) ۋە ساچقاق (بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان تىللىق ئارا ) قاتارلىق سايمانلار ئارقىلىق بېلىق تۇتسا ؛ قىش پەسلىدە مۇز يېڭى تۇتقاندا ( ئادەم كۆتۈرگىدەك بولغاندا ) نېپىز مۇز ئۈستىدە بېلىقنى قوغلاپ ، ساچقاق بىلەن سانجىپ تۇتقان . بۇ خىل بېلىق تۇتۇش》 قۇغان 《دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا قىشلىقى مۇز قېلىن تۇتقاندا سۇلاق تېشىپ ، ئۇنىڭغا گۆلمۈ (تور) تاشلاپ بېلىق تۇتقان .
بېلىقنى ئىستىمال قىلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ .
(1) سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلغان بېلىق گۆشى : ئادەتتە بېلىقچىلار دەريا، كۆللەردىن بېلىق تۇتۇپ كەلگەندىن كېيىن مەھەللىدىكىلەرگە ياكى توپتىكىلەرگە قۇ ( نېسىۋە ) ئايرىپ بېرىدۇ . ئۇلار يېڭى تۇتۇلغان بېلىقلارنى تازىلاپ ، سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يەيدۇ ھەم شورپىسىنى ئىچىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، بىر قىسىم پىشقەدەم بېلىقچىلار بېلىق گۆشىنى ئوڭ جاۋغايدىن ئېغىزغا سېلىپ يەپ ، سۆڭىكىنى سول جاۋغايدىن چىقىرىپ يەيدىكەن .
(2) بېلىق كاۋىپى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى بېلىقنى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەندىن سىرت ، يەنە كاۋاپ قىلىپ يېيىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ . يەنى سۇدىن يېڭى تۇتۇلغان بېلىقنى تازىلاپ ، يۇلغۇن زىققا ئۆتكۈزۈپ ، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ ، تۇز سېپىپ يەيدۇ . بۇمۇ ئىنتايىن يېيىشلىك . بۇ خىل ئادەت ھازىر ئومۇملىشىپ كەتتى .
(3) قاق بېلىق :تۇتۇپ كېلىنگەن بېلىقلارنى پىشۇرۇپ يەپ ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشمەيدىغان ھەم شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇپ قۇرۇتۇپ ، سوقۇما ( باغلام – باغلام ) قىلىپ ئېھتىياجغا ئاساسەن ئاز – ئازدىن ئىستىمال قىلغان . بۇ قاق بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ . قاق بېلىقنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلغان .بىرى قاق بېلىقنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلىپ يېگەن ؛ يەنە بىرى قاق بېلىقنى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەن . ئەمما قاق بېلىقنى سۇدا پىشۇرۇپ يېگەندە شورپىسىنى ئىچمىگەن .
(4) بېلىق تالقىنى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېشىپ قالغان بېلىقلارنى قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۇنى ئېزىپ تالقان ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان . يەنى قۇرۇتۇلغان بېلىقنى ئېزىپ قورۇپ ، قاغا جىگدە (ياۋا جىگدە ) بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغان. بۇ خىل يېمەكلىك ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىگە ئايلانغان . ئۇلار ئۆيىدە غىزالانغاندا بېلىق تالقىنىنى قايناق سۇ بىلەن ئىستىمال قىلسا ، ئوۋغا چىققاندا ياكى سەپەرگە چىققاندا بېلىق تالقىنىنى ئېلىۋىلىپ ، قۇرۇق پېتىمۇ ئىستىمال قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق تالقىنى بىلەن يېكەننىڭ ئوجۇلى (يېكەننىڭ توزغاق قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى رەڭگى ساپسېرىق چېچىكى ) نى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ئېتىپ ئىچىشنىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرغان .
(5) بېلىق يېغى : لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى بېلىقنىڭ ئىچىنى تازىلاش جەريانىدا ئىچىدىن چىققان ياغنى ئايرىۋىلىپ قورۇپ ، سۇيۇق ھالەتتىكى ياغقا ئايلاندۇرۇپ ، قاپاققا ياكى تۇلۇمغا قاچىلاپ قويۇپ ئىستىمال قىلغان . بېلىق يېغىنىڭ ئىستىمال قىممىتى بولۇپلا قالماي ، يەنە ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ يۇققۇرى .
(6) بېلىق ئۈچۈسى ( ئۈچىيى) : بېلىقنىڭ قورسىقىنى يارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچىيىنى تازىلاپ ، بېلىق يېغى بىلەن قورۇپ ئىستىمال قىلغان . بۇ بېلىق ئۈچۈسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇلارنىڭ ئىستىمال ئېھتىياجى بېلىقتىن ئايرىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە باشقا يۇرتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا 》 بېلىقنىڭ ئۆپكىسىگە سامان تىقىپ يەيدىغان لوپلۇق 《دېگەن سۆز تارقىلىپ كەلمەكتە .
2. ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
جۇغراپىيەلىك شارائىتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئەينى زاماندا لوپنۇر رايۇنى دەريا ، كۆل ، قۇملۇق ، توغراقلىق ، يۇلغۇنلۇق چاتقاللارنى بىر گەۋدە قىلغان بولغاچقا ، بېلىقتىن قالسىلا ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم يېمەكلىكى بولۇپ قالغان .
ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تۆۋەندىكى ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
(1) دەريا ، كۆللەردە ياۋا غاز ، ياۋا ئۆردەك ، ئاققۇ … قاتارلىق سۇ قۇشلىرى كۆپ بولغاچقا ، بۇ ياۋايى قۇشلارنىڭ گۆشلىرىمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەكلىك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرغان . يەنى ئۇلار قۇشلارنى تۇتقاندىن كېيىن گۆشىنى سۇغا سېلىپ ھەم كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋايى قۇشلارنىڭ تۇخۇملىرىنىمۇ ئىستىمال قىلغان .
(2) قۇملۇق ، توغراقلىق ، يۇلغۇنلۇق ۋە چاتقاللىقلاردا ياشايدىغان توشقان ، جەرەن ، كېيىك ، تۆگە ، قىرغاۋۇل ، كەكلىك … قاتارلىق ياۋايى جانۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سۇغا سېلىپ ۋە كاۋاپ قىلىپ يېگەندىن باشقا ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى قۇرۇتۇپ قاق قىلىپ ئىستىمال قىلغان . بۇ قاق گۆش دەپ ئاتىلىدۇ . لېكىن قاق گۆشنىڭ شوپىسى ئىچىلمەيدۇ .
3 . چارۋۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى ( گۆش تۈرىدىكى ) يېمەكلىكلەر :
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق قىلىش داۋامىدا ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇۋېلىپ كۆندۈرگەن ئىجتىمائىي توپلارنىڭ بىرسى ھەمدە 》 يىپەك يولى《دىكى كارۋانلار ئارقىلىقمۇ تەدرىجى ھالدا ئات ، كالا ، قوي ، ئۆچكە ، تۆگە … قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىشنى بىلگەن ، شۇنداقلا ئۇلارنى بېقىپ كۆپەيتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۆش تۈرىدىكى ھەرخىل غىزالارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلغان .
(1) ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى سۇغا سېلىپ يەپ ، شورپىسىنى ئىچكەن . ئۆيگە مېھمان كەلسە ، گۆشنى چارا ( تەڭنە ) غا سۈزۈپ چىقىرىپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويىدۇ .
(2) توغراق ، يۇلغۇن ئوتۇنلىرىنى قالاپ چوغ چۈشۈرۈپ ، گۆشنى يۇلغۇن زىققا ئۆتكۈزۈپ قاقلاپ كاۋاپ قىلىپ يېگەن . بۇ خىل ئادەت ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
(3) قوي ، ئۆچكە ( كىچىك بولسا تېخىمۇ ياخشى ) نى تۇلۇم قىلىپ سويغاندىن كېيىن ، گۆشنى پارچىلاپ تۇلۇم ئىچىگە سېلىپ ، ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ ، قۇمنى كولاپ كۆمۈپ ئۈستىگە ئوت قالاپ ، قۇمنى قىزدۇرۇپ پىشۇرىدۇ . بۇ خىلدىكى تائام ئىنتايىن يېيىشلىك بولىدۇ .
(4) قوي – ئۆچكىنىڭ زىۋىشى : بۇ خىلدىكى گۆش تۈرىدىكى تائام ئىنتايىن يېيىشلىك بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېتىلىشى مۇنداق بولىدۇ : لوپنۇرلۇقلار قوي – ئۆچكىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىنى ئېلىپ ئۈچبيلىرىنى ئاجراتقاندىن كېيىن ئاچچىق ئۈچىيىنى سىيرىپ ، تازىلىغاندىن كېيىن ئىچ ياغقا جىگەر ، ئۆپكە ، يۈرەك ، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنى توغراپ سېلىپ ، ئىچ ياغنى يۆگەپ ، ئاندىن ئاچچىق ئۈچەينى ئۇنىڭغا ئوراپ يۆگەپ سۇدا قاينىتىپ يەيدۇ . بۇ خىل ئادەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
4 . ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەر بىلەن بىرگە چىققان بۇغدايلاردىن لوپنۇرلۇقلار ئەجدادلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلىدىغاىلىقىنى ھەمدە ئۇن تۈرىدىكى تائاملارنى ئىستىمال قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ . چۈنكى لوپنۇر رايۇنى ئەينى ۋاقىتتا << يىپەك يولى >> نىڭ بىر مۇھىم تۈگۈنى بولغاچقا، كارۋانلار ئارقىلىق باشقا جايلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئەڭ يېقىن . ئۇلار ئەڭ دەسلەپ ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا دەريا ۋە كۆللەرنىڭ سۇيى كۆتىرىلىپ ، پەسەيگەندە بۇغداي دانلىرىنى دەريا ۋە كۆل بويلىرىدىكى تۈزرەك جايلارغا چېچېپ ، قوش بىلەن ھەيدەپ ، سۆرەم سېلىپ ، بۇغداي پىشقاندا يىغىۋالغاندىن كېيىن، قاتتىقراق يەرگە بۇغداي ئۆنچىلىرىنى يېيىتىپ ، كالا ۋە ئاتلارغا دەسسىتىپ ، دانلارنى ئايرىۋالغان . دەسلەپ بۇغداينى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەن . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ، ياغۇنچاق ۋە تۈگمەن ياساپ بۇغداينى ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ، ھەر خىل ئۇن تائاملىرىنى ئېتىپ يېگەن . ئۇن تائاملىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ .
(1) چوغمۆشكۆل : ئۇنىڭ ئېتىلىشى ئادەتتە ، خېمىر يۇغۇرۇلۇپ بولدۇرماي ، يۇملاق ۋە نېپىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، چوغ ئۈستىگە سېلىپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلغان .
(2) كۆمەچ : كۆمەچ ئىككى بولۇپ ، بىرى گۆشلۈك كۆمەچ ، يەنە بىرى گۆشسىز كۆمەچتىن ئىبارەت . گۆشلۈك كۆمەچ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ يۇمۇلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ ، چوغمۆكۆلدىن سەل قېلىنراق قىلىپ تەييارلاپ ، گۆش ۋە ھەر خىل خۇرۇچلار خېمىر ئۈستىگە سېلىنىپ ، ئۈستى يەنە خېمىر بىلەن يېپىلىپ ، چوغ ئىچىگە كۆمۈلۈپ پىشۇرۇلىدۇ . بۇ ئىنتايىن يېيىيشلىك بولۇپ ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ . گۆشسىز كۆمەچنى ئېتىش ئۇسۇلى گۆشلۈك كۆمەچكە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پەرقى خېمىرنى تەييارلىغاندا سەل قېلىنراق قىلىپ تەييارلىنىدۇ (بىر قات بولىدۇ ) . ئىچىگە گۆش ۋە باشقا خۇرۇچلار سېلىنمايدۇ . بۇ خىل كۆمەچنى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھەر قانداق ۋاقىتتىا (ئۇن بولغان شارائىتتا) ئېتىپ يېيەلەيدۇ .
(3) داڭقان نېنى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا داڭقان ياساشنى ئۆگىنىپ ، خېمىرنى توغرىغۇ ( توغراقنىڭ غولىدىن ئېقىپ چىققان ئاپئاق قېتىشما ) نىڭ سۇيى بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئاندىن ئۇنى بولدۇرۇپ ، داڭقانغا بېلىق يېغىدىن ئاز مىقداردا قۇيۇپ ، خېمىرنى يۇملاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ داڭقانغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن.
(4) تونۇر نېنى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئىپتىدائىي ھالەتتە ئوزۇقلىنىشتىن تەدرىجى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن . يەنى ئۇلار شور كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ شوردىن تونۇر سېلىشنى ئۆگىنىپ ، نان يېقىپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان . ئەمما ، يۇقۇرىدا ئېيتىلغان چوغمۆشكۆل ، كۆمەچ قاتارلىقلارنىمۇ پىشۇرۇپ يېيىشنى توختىتىپ قويمىغان .
(5) ئۇماچ : ئۇماچ – لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان غىزاسى بولۇپ ، ئۇنى تەييارلاش بەك ئاسان . ئۇنغا ئاز مىقداردا سۇ ۋە تۇز قۇيۇپ ئالقان بىلەن ئۇۋلاپ ، ئاندىن قايناۋاتقان قايناق سۇنىڭ تۇزى تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇۋىلىغان ئۇننى ئاز – ئازدىن سېلىپ ئارلاشتۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ . ئۇماچقا گۆش ، جىگدە ۋە سۈت قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ (خۇرۇچ قىلىپ ) ئىستىمال قىلغان . ئۇماچنى ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . يەنى ئادەتتىكى ئۇماچ ، قىزىل ئۇگىلىغان ئۇماچ ( ئاز مىقداردا سۇ ۋە تۇز قۇيۇپ ئۇۋىلىغان ئۇماچنى كۆرسىتىدۇ ) ۋە جىگدە تۈگۈر ئۇماچ (جىگدىنى ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاز مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئۇۋىلىغان ئۇماچنى كۆرسىتىدۇ ) .
(6) تالقان : تالقان ئادەتتە مۇنداق تەييارلىنىدۇ . يەنى ، ئالدى بىلەن بۇغداي ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ ، داڭقان ياكى ئابدۇشتا قىزدۇرۇلۇپ جىگدە ئارىلاشتۇرۇلۇپ قورۇلۇپ قايناق سۇ بىلەن ياكى قۇرۇق ھالەتتە ئىستىمال قىلىنىدۇ . يەنە بىر خىلى ، بۇغداي داڭقان ياكى ئابدۇشتا قىزدۇرۇلۇپ قورۇلىدۇ . ئاندىن ياغۇنچاق ياكى تۈگمەندە ئۇن قىلىنىپ، قايناق سۇنىڭ تۇزى تەڭشىلىپ ، ئۇماچتىن سەل قويۇقراق قىلىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ ياكى قۇرۇق پېتىمۇ ئىستىمال قىلىنىدۇ . لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئوۋغا ياكى يىراق سەپەرگە چىققاندا تالقان تەييارلىۋېلىپ غىزالانداندا تالقان بىلەن غىزالىنىدۇ . ( بېلىق تالقىنى بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى سۆزلىگەندە قەيت قىلىنغان ) .
(7) پوسۇلاق ئاش : بۇ خىلدىكى ئاش خېمىر يۇغۇرۇلۇپ ، لەڭمەن پىلتىسىدەك ئېشىلىپ ، ئىنچىكە قىلىنىدۇ . ئاندىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىنىپ پىشۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . ئەگەر سۈت بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . بۇ خىلدىكى ئاشنى ئىچكەندە ، ئۇزۇنغىچە قورساق ئاچمايدۇ .
(8) ئۈزۈپ تاشلانغان ئاش : ئۈزۈپ تاشلانغان ئاشمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي تاماق تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنى تەييارلاشتا ، خېمىر يۇغۇرۇلۇپ ھازىرقى خۇيمىئەن پىلتىسىدەك تەييارلىۋىلىپ ، قول بىلەن يىرىپ قايناق سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ . بۇ خىلدىكى ئاش كۆپىنچە ھاللاردا گۆشنىڭ شورپىسىغا سېلىپ پىشۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . بەزىدە گۆشنى توغراپ خام قىيما قىلىپمۇ ئىستىمال قىلىنىدۇ . بۇ ئادەتتە جاڭڭەل ئاشى ( جاڭگال ئېشى ) دەپ ئاتىلىدۇ .
(9) مالۇنپۇتۇ : مالۇنپۇتۇ ھازىرقى مانتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۈگۈلۈشى جەھەتتە تۈگۈلگەن قىسمى خۇددى مولۇننىڭ پۇتىغا ئوخشىغاچقا ، بۇ خىلدىكى غىزانى》 مالۇنپۇتۇ《دەپ ئاتىغان .
(10) پولۇ ، چۆچۈرە ، لەڭمەن ، شويلا ، ئۈگرە … : بۇ خىل تائاملار لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى سىرت بىلەن ئالاقە قىلغاندىن كېيىن ئومۇملاشقان بولۇپ ، ھازىرغىچە كىشىلەر دائىم ئىستىمال قىلىدىغان ئاساسلىق تائام بولۇپ كەلمەكتە .
5. قوشۇمچە يېمەكلىكلەر :
بېلىق ، گۆش ، ئۇن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرى ھېساپلىنىدۇ . بۇلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنىمۇ قوشۇمچە يېمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلغان .
(1) يېكەن : يېكەن سۇلۇق جايلاردا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، لوپنۇر رايۇنىدىكى كۆل ۋە دەريا ياقىلىرىدىكى تېيىز جايلاردا ئۆسىدۇ . ياز پەسلىدە ، بولۇپمۇ 5-6-7-ئاي مەزگىلىدە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يېكەننى سۇ ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ، سىرتقى پوستىنى سويۇپ ئېلىۋىتىپ ئىستىمال قىلغان .
(2) ئۈجۈر (يېكەننىڭ يىلتىز قىسمى ) : ئادەتتە يېكەن ئۆسۈپ 6-7- ئاي مەزگىللىرىگە كەلگەندە ، يېكەننىڭ يىلتىز قىسمىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ رەڭگى ئاپئاق بولىدۇ . ئۈجۈرنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقۇرى بولغان يېمەكلىك بولۇپ ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ، قان قېتىش … قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
(3) ئوجۇل : ئوجۇل – يېكەننىڭ ئۇچىدىكى توزغاق قىسمىنىڭ ئۈستىدە 10-15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، رەڭگى ساپسېرىق بولىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يېڭى چىققان ئوجۇلنى كېمە ئارقىلىق يېكەن ئۇچىدىن سىيرىپ يىغىۋېلىپ ، قۇرۇتقاندىن كېيىن تاسقاپ ، قاپ (خالتا) قا قاچىلاپ جىگدە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ۋە تالقان قىلىپ ئىستىمال قىلغان .
(4) جىگدە : جىگدىمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قوشۇمچە يېمەكلىكى ( مېۋە تۈرىدىكى ) بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جىگدە ئادەتتە ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى يېمىش جىگدە (نان جىگدە ) . ئۇ باش بارماق چوڭلۇقىدا بولۇپ ، كۈزدە پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىپ ، ئادەتتىكى يېمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلىنغان. ئۇ ئادەتتە مەھچەللە ، باغ – ھويلىلاردا ئۆستۈرۈلگەن . يەنە بىرى قاغا جىگدە بولۇپ ، كۆپىنچە چەت – ياقا دالىلاردا ئۆسىدىغان بولۇپ ، ئۇنى تالقان ۋە ئۇماچ ، بېلىق تالقىنى ، ئوجۇل تالقىنى قاتارلىقلارغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىك ئورنىدىمۇ ئىستىمال قىلىنغان . بۇ ئادەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
(5) يۆگەل ( چىڭگىلەك ) نىڭ يېڭى چىققان بىخى ۋە مېۋىسى : چىڭگىلەك – يۆگەل تۈرۈدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، ھەر قانداق جايدا ئۆسۈۋېرىدۇ . ئەتىياز پەسلىدىكى ئوت – چۆپلەر يېڭىدىن بىخ چىقارغاندا ، قۇمدا ئۆسكەن يۆگەلنىڭ يىلتىزىنى كولاپ ، ئۇنىڭدىن يېڭى چىققان ئاخماشاخ ( يۇمران بىخلىرى ) نى تېرىپ ئېلىپ يېيىشمۇ (بولۇپمۇ كىچىك بالىلاردا ) ئادەتكە ئايلانغان . 6-7- ئاي مەزگىللىرىدە ، يۆگەل ( چىڭگىلەك ) شاخ – شۇمبىلارنى بويلاپ ئۆسۈپ، چېچەك ئېچىپ مېۋىلەيدۇ ، بۇ << چوكۇ >> دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ 10- 20 ساتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . ئاشۇ يۆگەل مېۋىسىنى ئىستىمال قىلغان . بولۇپمۇ ئۇنىڭ قان بېسىمنى نورماللاشتۇرۇش ۋە بەدەنگە كېرەكلىك مول ئاقسىل ماددىلىرىنى تولۇقلاش جەھەتتىكى رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ يېمەكلىك ھېساپلىنىدۇ .
(6) يانتاق يىلتىزى : يانتاق ئادەتتە قۇملۇق ، شورلۇق ، سېغىزلىق قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، 40 سانتىمېتىردىن 80سانتىمېتىرغىچە ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ . ئۇنىڭ يىلتىزى چىمچىلاق بارماق چوڭلۇقىدا بولۇپ . 2 -3 مېتىر ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆسىدۇ . بولۇپمۇ قۇملۇق ۋە سېغىزلىق جايلاردىكى يانتاق يىلتىزىنى كولاپ سۈرتۈپ چايناپ سۇيىنى شۈمۈرۈپ يەيدۇ .
(7) پىياز ، سەۋزە ، چامغۇر : يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىپەك يولىدىكى كارۋانلار ئارقىلىق پىياز ، سەۋزە ، چامغۇر … قاتارلىق سەي- كۆكتاتلار لوپنۇر رايۇنىغا كىرگەندىن كېين ، بۇ خىل كۆكتاتلارنى ئۇن ، گۈرۈچ قاتارلىق غىزالارغا قوشۇپ ئىستىمال قىلىنغان .
يىغىپ ئېيتقاندا ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يۇقارقىدەك ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۇ خىل ئادەتلەر يېقىنقى مەزگىللەرگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە . لوپنۇرلۇقلارنىڭ يۇقارقىدەك يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى ئالاھىەدىلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ .
لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىدە ئىشلىتىلگەن ئەسۋاپلار :
داڭقان، ئابدۇش ،مىس چاگۈن ( چۆگۈن)، قاپاق، نۆگۆي ، سوغۇ ، تۇلۇم ، تەڭلە ، چارا، چۆيچۆك(چۆچەك) ، تاۋاق ، غادىر ، ئۇسقاق ، قاشۇق ….
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى ھەققىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش 80 - 90 ياشتىن يۇقۇرى بولغان پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلىش ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئۆگىنىش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تولۇق بولمىسىمۇ بۇ يازمىنى رەتلەپ چىقتىم . لوپنۇر مەدەنىيىتىنى قېزىش، يىيغىش ، توپلاش ، رەتلەش ،تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ھەممەيلەننىڭ بۇرچى . بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىىپ بېقىشىنى ، بۇ يازمىغا قارىتا تەنقىدىي ياردەم – پىكىر بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
پايدىلانمىلار :
(1) ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا》 ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى 《شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2004 – يىل 4- ئاي 2-بېسلىشى 111 – بەت . ئۈرۈمچى .
(2) ئابدۇكېرىم راخمان ، 》 مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار《، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىل 9- ئاي 1- بېسىلىشى ، 91-92- بەت . ئۈرۈمچى .
(3) يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق ، ئابۈدۇبەسىر شۈكرى –》مەدەنىيەت كارۋانلىرى 《(1) دىن . شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2004 – يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى ، ئۈرۈمچى .
مەزكۇر يازمىنىڭ توردىكى مەنبەسى :شىنجاڭ يازغۇچلار مۇنبىرى
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3063