ئۇ 1994- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ گۈلدەستە پروگراممىسىدا ھاراقكەش «چوڭ ئەيسا» نىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسسىيات، يۇمۇرلۇق خاراكتېر، ئىخچام، ئاممىباب ھەم قىزىقارلىق تىل ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇنداپ، خەلققە تونۇلغان خالمۇرات ئۆمەردۇر. ئۇ 1969- يىلى 31- يانۋار، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. 1995- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆمەك تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا «گۈلەمخان» دىكى باش پېرسوناژ ئەختەمنىڭ رولىنى ئېلىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. خالمۇرات ئىلى دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن بۇ تارىخى شەخسنىڭ رولىنى ناھايىتى چىن، تەسىرلىك ئويناپ چىقتى. بۇ ئوپېرا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا ئوينىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى. بۇ ئوپېرا مەملىكەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت مۇكاپاتى، بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن توز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1998- يىلى ئىشلەنگەن «قىرلىق ئىستاكان» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۇ ئوسمان داڭگالنىڭ ئوبرازىنى ئېلىپ چىقىپ، زور داغدۇغا قوزغىدى. ھەمدە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. 1999- يىلى 10- ئايدا ئۇ «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئالىمجاننىڭ رولىنى ئېلىپ چىقتى. بۇ رولنى ئېلىپ چىقىپ، بىراقلا ھەممە ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدا، ئۆچمەس بىر بەدىئىي ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم گىگانت چولپانغا ئايلاندى. مەركۇر فىلىم 2005-يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «چاكېن يۇلتۇزلىرى» كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى ۋە 30 نادىر فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىشتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن «چىن سۆيگۈ»، «ساراڭ»، «چار خوراز»، «بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ، ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا كىشىلەر قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە «مۇقام ئۇستازى»، «ئانا ھەققىدە رىۋايەت»، «نۇر ئوغلى»، «غۇنچەم»، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «سىرتماق» قاتارلىق ئوپېرا، «چىن سۆيگۈ» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئالدى. «ساتىراشخانىدا»، «چايخانىدا»، «مۇئەللىم»، «يالتىراق نوچى» قاتارلىق ئېتوتلىرى، «سالامەت بولۇڭ» قاتارلىق سۆز ئويۇنلىرىمۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «چوڭ ئەيسا سوۋغىسى» ناملىق VCD پىلاستىنكىسى نەشر قىلىندى. ھازىر ئۇ شىنجاڭ ئوپېرا تىياتىرىدا كەسپىي ئارتىس بولۇپ ئىشلىمەكتە.
ئۇ يەنە «تالانىت سەھنىسى» پىروگىراممىسىنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved