تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي قاراشلىرى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:پەلسەپە   2010年12月28日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/94108817.html

    تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي قاراشلىرى


    ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەت


    «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» دېگەن بۇ نام ئومۇمىيلىق جەھەتتىن تەسەۋۋۇپ ئىدىيىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئۆزىگە خاس بىر دىنىي پەلسەپە ھېسابلىغان ئىكەنمىز، ئۇنىڭغا قىسقىچە بولسىمۇ تەبىر بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

    تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي قاراشلىرى

    «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» «ۋەھدىتى ۋۇجۇد»(بارلىقنىڭ بىرلىكى) تەلىماتىغا ئاساسلانغان پەلسەپىۋى تەلىمات بولۇپ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر گەرچە كۆرۈنۈشتە كۆپ بولسىمۇ، ماھىيەت ئېتىبارى بىلەن بىرلا بارلىق (مەۋجۇتلۇق) بار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يەككە بارلىق نەزەرىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مانا شۇ ماھىيەت سۈپىتىدىكى بىرلىك بىلەن ھادىسە سۈپىتىدىكى كۆپلۈك ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە يەككە بارلىق بولغان ۋۇجۇدى مۇتلەق بىلەن ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇجەسسەملەشكەن ھالدىكى تەجەللىسى دەپ قارالغان ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى بارلىق پىكىر، چۈشەنچىلەر مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايىدۇ.
    ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ تەپەككۇر تارىخىدا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن، ئىزدەنگەن مەسىلە دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسى، ماھىيىتى مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشىنىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن تېلىس ئالەمنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى «سۇ»دىن ئىزدەپ بارلىق نەرسە سۇدىن پەيدا بولىدۇ ۋە سۇغا قايتىدۇ» دەپ چۈشەندۈرسە، ئاناكسىماندىر مۇقىم شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا دەپ قاراپ بۇنى «چەكسىزلىك» دەپ ئاتىغانىدى. ئاناكسىمېن بولسا كائىناتنىڭ مەنبەسىنى «ھاۋا»دەپ قارىدى. ھېراكلېت ئەسلى مەنبەنى «ئوت» دەپ قاراپ، «كائىنات ئوتتىن پەيدا بولغان، ئاخىرى يوقىلىپ ئوتقا قايتىدۇ» دېسە، پىفاگور ئەسلى مەنبەنى «سان» دېدى. دىموكرىت «ئاتوم»دىن پەيدا بولغان دېسە، سوقرات ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى «مەقسەتچىلىك» نەزەرىيىسى بىلەن ئىزاھلىدى. پلاتون «ئىدىيە» بىلەن شەرھلىسە، ئارىستوتىل يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقارغان «سۇبىستانسىيە» تەلىماتى بىلەن چۈشەندۈردى.
    مەيلى شەرقنىڭ قەدىمكى پەيلاسوپلىرى بولمىسۇن ياكى غەربنىڭ بولمىسۇن، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان مەۋقەدە تۇرۇپ كائىناتنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ مەنبەنى كونكرېت بىر ماددىدىن، جىسىمدىن، شەيئىدىن ئىزدىسە، بەزىلىرى تاشقى ئالەمدىن ئىزدىگەن. كېيىنچە ماركسىزم كلاسسىكلىرى بۇ ئىزدىنىشلەرنىڭ ئومۇمىيلىق جەھەتتىن ئىككى خىل يۆنىلىشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ ئىككى چوڭ يۆنىلىشنى «ماتېرىيالىزم» ۋە «ئىدېئالىزم» دەپ ئاتىغانىدى. بىزگە مەلۇم، ماركسىزم كلاسسىكلىرى ھېچقاچان ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىدىيىۋى مىراسلارغا، مەيلى ئۇ ئىدېئالىستىك خاھىشقا ئىگە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتمىغان، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىلغار ئىدىيىلەردىن، دىئالېكتىك پىكىرلەردىن تەنقىدىي ئوزۇقلىنىپ ئۆزىنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.
    ئىسلام دىنى ئىچىدە دۇنياغا كېلىپ «قۇرئان» ۋە ھەدىسلەرنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىۋى مەنبەسى قىلغان تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ئالەمنىڭ ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك ئاللا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى قەتئىي مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ئاللادىن باشقا ھېچقانداق بارلىق مەۋجۇت ئەمەس دەيدىغان يەككە بارلىق قارىشى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇلار «ۋەھدەتى ۋۇجۇد» تەلىماتىغا ئاساسلىنىپ، كائىناتتىكى مەۋجۇتلۇقلارنى، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۇلار كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنى، ئالەمنى بىردىنبىر ھەقىقىي بارلىق بولغان «ۋۇجۇدىي مۇتلەق»نىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە كۆرۈنۈشىدىنلا ئىبارەت دەپ چۈشەندۈرىدۇ. تەسەۋۋۇپتا بۇ «تەجەللى» دېيىلىدۇ.
    «تەجەللى» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى «پارلاپ كۆرۈنۈش، جىلۋىلىنىش...» دېگەنلىك بولۇپ، تەسەۋۋۇپتا ھەق سۈپەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ قارىشىچە، بىردىنبىر ھەقىقىي بارلىق بولغان ئاللا ئۆزىنى كۆرۈشنى ۋە كۆرسىتىشنى خالىغان ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن كائىناتنى ياراتقان:

    يار ئۆزىن كۆرمەككە ئاينە ئىجاد ئەيلەمىش،
    سۈرەتى ئىجاد ئالەمدىن بۇ مەنىدۇر غەرەز.(1)

    دېمەك، ئۇلارنىڭ پىكرىچە «ھۆسنى مۇتلەق»(مۇتلەق گۈزەللىك) ئۆز ھۆسنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك سۈپىتىدە ئالەم، كائىناتنى ياراتقان بولۇپ، ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىمۇ مانا شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. تەسەۋۋۇپ ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۆزىنىڭ زېمىنى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئالەمنىڭ ئاللا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا سوقراتقا ئاۋاز قوشۇپ تېلېئولوگىزملىق (مەقسەتچىلىك)مەۋقەسىنى ئەكس ئەتتۇرگەن. يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ھەق ئۆز گۈزەللىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن زوقلىنىش ئۈچۈن كائىناتنى ئۆزىگە ئەينەك سۈپىتىدە ياراتقان. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىدا يەنە كائىناتنىڭ يارىتىلىش سەۋەبىنى ئېستېتىك نۇقتىئىنەزەردىن چۈشەندۈرۈش خاھىشىمۇ ئەكس ئەتكەنىدى. بۇنىڭدىن سىرت، سوپىلار يۇقىرىدىكى ئومۇمىي مەۋقەسىدىن (يەنى مەقسەتچىلىك نۇقتىئىنەزەردىن) چەتنىمىگەن ھالدا، كائىناتنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى يەنە بىرقانچە نۇقتىلاردىن چۈشەندۇرۇشكە تىرىشقان. گروزىن ئالىمى ئې. د. جاۋەلىدزە تەسەۋۋۇپتىكى ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ ئۈچ خىل نۇقتىئىنەزەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىكى ئاساسىي خاھىشلارغا ئاساسەن بۇ ئۇچ خىل قاراشنى «ئېستېتىك پرىنسىپ»، «ئىشقى پرىنسىپ»، «گېنوسئولوگىيىلىك پرىنسىپ» (بىلىش پرىنسىپى) دەپ ئاتايدۇ. «ھۆسنى مۇتلەق ئۆز ھۆسنىنى كۆرمەك ئۈچۈن ئەينەك ئورنىدا كائىناتنى ياراتقان» دېگەن قاراش تەسەۋۋۇپتىكى ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبىنىڭ «ئېستېتىك پرىنسىپى» ئىدى.
    ئەمدى تەسەۋۋۇپ تەلىماتىدىكى ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ «ئىشقى پرىنسىپى» ۋە «گېنوسئولوگىيىلىك پرىنسىپى»نى كۆرۈپ باقايلى. تەسەۋۋۇپنىڭ قارىشىچە، ۋۇجۇدى مۇتلەق ئۆزىنىڭ تەجەللى قىلغان «ئەمما ۋە سىفات»گە ئاشىق، چۈنكى ئۇ كائىناتتىن ئىبارەت ئەينەكتە ئۆز ھۆسنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆز ھۆسنىگە ئاشىق بولغان ھەم ئەينەك سۈپىتىدىكى كائىناتتا كۆرۈنگەن ھۆسنىنىمۇ ئۆزىگە ئاشىق قىلغان. بىز كۆرۈپ ئۆتكەن ئەزىزىدىن نەسەفنىڭ «بۇ نۇر ئۆز كامالىنى، ئەسما ۋە سفاتىنى ئۆز مەزھىرىندە (كۆرۈشىدە) مۇشاھىدە ئەتكىنى ئۈچۈن (كۆرگىنى ئۈچۈن)، ئۇلارغا (ئۆز كۆرۈنۈشلىرىگە) ئاشىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئادەمنىڭ روھىمۇ ئۆز جىسمىغا ئاشىقتۇر. چۈنكى ئادىمىي جىسىم ئادىمىي روھقا مەزھەردۇر (ئېرىشكەندۇر)» دېگەن سۆزلىرىدىمۇ بۇ قاراش ئوچۇق ئىپادىلەنگەنىدى. جالالىدىن رۇمىمۇ «ئادەمنى ئەزەلدىن ئۆزۈڭگە ئاشىق ئەتكەنىدىڭ، ئىشق غەليانى بىلەن ئالەم بارلىققا كەلدى»دەيدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ پىكرىچە، ھۆسنى مۇتلەق كائىناتتىن ئىبارەت ئەينەكنى يارىتىپ ئۆز گۈزەللىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئاشىق بولغان ھەم ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئاشىق قىلغان. شۇڭا جالالىدىن رومى «ھەق ئۈچۈن ئىشق ئۆلچەم بولارمىش» دەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ھەرىكىتىنى ئىشق بىلەن چۈشەندۇرىدۇ. تەسەۋۋۇپنىڭ مەۋجۇدىيەت قارىشىدا ھەقىقىي بارلىق پەقەت بىر، يەنى ۋۇجۇدىي مۇتلەق بولغانىكەن، ئۇ ھالدا مەنتىقە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى بۇ ئىشقنىڭ ئوبيېكتىمۇ، سۇبيېكتىمۇ بىر، يەنى ئىشقمۇ، مەشۇقمۇ ئەسلىدە بىر بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قارىشىدا «ئىشق ئاللانىڭ لۇتفى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەشۇق ئەزەلدە بارلىقلارنى ئۆزىگە ئاشىق قىلىپ، ئاشىقلارنىڭ كۆزلىرىدە ئۆزىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغان: چۈنكى سەن ئاينەئى كەۋنە تەجەللا ئەيلەدىڭ، ئۆز جەمالىڭ چەشمەئى ئاشىقدەن تەماشا ئەيلىدىڭ. (سەن كائىنات ئەينىكىگە تەجەللى قىلدىڭ، ئۆز جامالىڭنى ئاشىقنىڭ كۆزىدە كۆرۈپ تاماشا قىلدىڭ) شۇڭا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىرلىكنىڭ كۆپ كۆرۈنۈشىگە سەۋەب نەرسە مانا شۇ ئىشق. ئەگەر ئىشقتىن ئىبارەت بۇ تۇيغۇ بولمىسا ئالەم پەقەت بىرلىك ھالىتىدە كۆرۈنگەن بولاتتى.
    ئىبىن ئەرەبى بۇ ھەقتە «ئەگەر ئىشق بولمىغان بولسا بىرلىك ئۈزۈلۈپ قالمىغان (يەنى ئاشىق-مەشۇق دەپ كۆپلۈك شەكلىدە كۆرۈنمىگەن) بولاتتى» دەيدۇ. جالالىدىن رۇمىمۇ «جۈملە مەشۇقتىن ئىبارەتتۇر، ئاشىق پەرىدۇر، تىرىك بولغىنى پەقەت مەشۇقتۇر، ئاشىق بولسا مۇردەدۇر»دەيدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى مانا شۇ ئىشق، شۇڭا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا شۇ ئىشق قاينىمىغا چۆكۈپ مەشۇق بىلەن بىرلىشىپ كېتىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى بىرلىك ھالىتىگە قايتىش تەسۋۋۇپتىكى ئەڭ ئالىي غايە بولغان. مانا بۇ ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان «ئىشقى پرىنسىپ» ئىدى. بۇلاردىن باشقا، ئۇلار يەنە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى «ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ بىلىنمەكنى خالىغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن كائىناتنى ياراتقانلىقى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىچە بىر ھەدىسى قۇدىسى دا ئاللا نامىدىن شۇنداق دېيىلگەن: «مەن بىر يوشۇرۇن خەزىنە ئىدىم، بىلىنمەكنى ئىستىدىم ۋە بىلىنمەك ئۈچۈن دۇنيانى ياراتتىم». شۇڭا، تەسەۋۋۇپتا ئىنساننىڭ بىردىنبىر مەققسىتى ھەقنى تونۇش، بىلىش دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە ھەق بىلىنمەك ئۈچۈن كائىناتنى ياراتقان، يەنى تەجەللى قىلغان. شۇڭا كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەردە ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ سۈپەتلىرى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. ئىنسانمۇ ھەقنىڭ تەجەللىسى، ئۇنىڭدا ھەقنىڭ سۈپەتلىرى ئەڭ مۇجەسسەم ھالدا تەجەللى بولغان. شۇڭا ھەقنى تونۇش ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇشىدىن باشلىنىدۇ. مانا بۇ ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ «گېنوسئولوگىيىلىك پرىنسىپى» (بىلىش پرىنسىپى) ئىدى. ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى بۇ ئۈچ خىل قاراش ئەمەلىيەتتە تەسەۋۋۇپتىكى مەۋجۇدىيەت قارىشى بولغان «ۋەھدەتى ۋۇجۇد» تەلىماتىنىڭ شەرھىسى بولۇپ، بىردىنبىر بارلىق بولغان ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ ھەر خىل كۆرۈنۈشلەردە تەجەللى بولۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشكە ئىنتىلىش ئىدى. شۇڭا «بۇ ئۈچ پرىنسىپنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، تەبىئىي ھالدا بىرلىككە ئىگە بولغان». مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ قارىشىچە، تەجەللىنىڭ قانداق مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئاللادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. چۈنكى دۇنيا ھەر دەقىقە يېڭىدىن تەجەللى بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن تەجەللىلەرنىڭ قانداق مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
    بىز بولساق دۇنيانى جىمجىت، تۇرغۇن ھالەتتە ھېسابلايمىز، ئەمەلىيەتتە بولسا كائىنات ھەر دەقىقە ئىچىدە يېڭىدىن يارىتىلىپ، يوقىلىپ يەنە قايتىدىن يارىتىلىپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر شەيئى بىر خىل شەكىلدىكى تەجەللىدىن يوقىلىپ، يەنە بىر خىل شەكىلدە تەجەللى بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ ماددىي دۇنيادىكى ھەر خىل سۈرەتلەردە كۆرۈنگەن شەيئىلەر ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ ئەسما ۋە سىفاتنىڭ بىۋاسىتە ھالدىكى تەجەللىسى (كۆرۈنۈشى) بولماستىن، بەلكى بىرقانچە باسقۇچلاردىن (يەنى بىرنەچچە ئالەمدىن) كېيىنكى كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇنى «ھەزەراتى خەمىس» (بەش مەرتبە) دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ بۇ «بەش مەرتبە»سى ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ بەش مەرتىبى بولۇپ، ھەقنىڭ كائىناتنى يارىتىشتىن ئىلگىرىكى يېگانە ۋۇجۇدى (يېگانە بارلىقى) ئۇنىڭ ئەسما ۋە سفاتنىڭ تەجەللى بولۇپ كۆپ كۆرۈنۈشنىڭ باسقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
    بۇ بەش مەرتبە تۆۋەندىكىچە:
    (1) «ھەزەراتى غەيبى مۇتلەق» (مۇتلەق غايىبلىق مەرتىبىسى) بولۇپ، بۇ مەرتىبىگە «لاتەئەييۇن»(بىلىنمىگەن، مەلۇم بولمىغان، ئاشكارىلانمىغان)، «ئالەمى ئىتلاق» (ئەركىن ئالەم، ئازاد ئالەم)، «غەيبۇل غەيىب» (غايىبلارنىڭ غايىبى)، «ھەقىقەتۇل ھەقايىق»(ھەقىقەتنىڭ ھەقىقىتى)، «زاتى ئىلاھىيە»(خۇدانىڭ زاتى)، «ئەمايى مۇتلەق»11، «غوبى ھۈۋىييەت» (غايىب ھەقىقەت) ئىسىملىرى بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇزات مەرتىبىسى بولۇپ، ئىدراكنىڭ سىرتىدا بولغىنى، يەنى بىلىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ «ئەيانى سابتە ۋە ھەقايىقى ئىلمىييە» (ھەقىقەت ئىلمى) ئالەمى ھېسابلىنىدۇ.21
    (2) «ئالەمى جەبەرۇت» (بۈيۈكلۈك ئالەمى) مەرتىبىسى بولۇپ، بۇ ئاللانىڭ ناملىرى ۋە سۈپەتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامايان بولغان ئالەمى دەپ قارالغان. شۇڭا بۇ باسقۇچتا «تەئەييۇنى ئەۋۋەل» (بىرىنچى تەئەييۇن، دەسلەپكى ئاشكارىلىنىش)، «تەجەللىئى ئەۋۋەل» (دەسلەپكى تەجەللى)، «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»، «ئەقلىي ئۋۋەل» (دەسلەپكى ئەقىل) «روھىي كۈللى» (ئومۇمىي روھ، پۈتۈن روھ)، «كىتابى مۇبىن» (ئاشكارا، ئوچۇق كىتاب) دېگەنگە ئوخشاش ناملار قوللىنىلغان. ئۇلارنىڭ پىكرىدە، بۇنىڭ «بۈيۈكلۈك ئالەمى» دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى ناملار ۋە سفاتلارنىڭ ئايرىم شەكىللەردە تەجەللى بولمىغانلىقى، زاتتىن ئايرىلىپ چىقمىغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ئۇلار بۇ مەرتىبىنى يەنە «ۋەھدەتى مۇتلەق» (مۇتلەق بىرلىك) دەپمۇ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بىرىنچى تەئەييۇن «لامۇت ئالەمى» (ئىلاھى ئالەم) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىرىنچى تەئەييۇندە (ياكى دەسلەپكى تەجەللىدە) مۈلك مەرتىبىسى مەلەكۈت مەرتىبىسىدىن، مەلەكۈت مەرتىبىسى جەبەرۇت مەرتىبىسىدىن، جەبەرۇت لۇھۇتتىن ئايرىلمىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەجەللى بولمىغان بولىدۇ.
    (3) «ئالەمى مەلەكۈت» ياكى «ئالەمى ئەرۋاھ» (پەرىشتىلەر ئالىمى ياكى روھلار ئالىمى مەرتىبىسى بولۇپ، بۇنىڭغا «تەئەييۇنى سانى» (ئىككىنچى ئاشكارىلىنىش)، «سىدرەتۇل مۇنتەھە»31، «بەرزاھى سۇغرا»41، «ئالەمى تەفسىل» (تەپسىلىي ئالەم، ھەممە نەرسە تولۇق ئاشكارىلانغان ئالەم)، «ئالەمى مىسال» (مىساللار ئالەمى) دېگەنگە ئوخشاش ناملار بېرىلگەن.
    (4) «ئالەمى شەھادەت» (گۇۋاھلىق ئالەمى) مەرتىبىسى بولۇپ، بۇنىڭغا «ئالەمى مۈلك» (ئالەم، دۇنيا مەنىسىدە بولۇپ، ماددىي دۇنيانى، يەنى كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيانى كۆرسىتىدۇ)، «ئالەمى ناسۇت» (ئىنسانىي ئالەم)، «ئالەمى ئەناسىر» (ئۇنسۇرلار ئالەمى، ئېلېمېنتلار ئالەمى)، «ئالەمى ئەخلاق ۋە ئەنجۇم» (ئاسمانلار ۋە يۇلتۇزلار ئالەمى)، «ئالەمى مەۋالىد» (پەيدە بولۇش، مەيدانغا كېلىش ئالەمى)، «ئالەمى ھېس» (سەزگۈلەر ئالەمى، يەنى سەزگۈ ئەزالار بىلەن ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئالەم) دېگەنگە ئوخشاش ناملارمۇ بېرىلگەن.
    (5) «ئالەمى ئىنسانىي كامىل» مەرتىبىسى بولۇپ، بۇ ئالدىنقى مەرتىبىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۇرگەن مەرتىبىدۇر.51
    تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ قارىشىچە، زات مەرتىبى بولغان «مۇتلەق غايىبلىق مەرتىبىسى»دە پەقەت ئاللانىڭ زاتى مەۋجۇت بولۇپ، سۈپەتلىرى تېخى زاتتىن ئايرىلىپ تەجەللى بولمىغان. زات مەرتىبىسى ئەقىل-ئىدراكنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنى بىلىش مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، يەنە ئۇنى مەلۈم ماكان ۋە زامان ئىچىگە قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا بۇ مەرتىبىگە «لاتەئەييۇن» (مەلۇم بولمايدىغان، ئاشكارا بولمايدىغان، يەنى مۇئەييەن ماكان، زامانغا تەيىن ئېتىشكە بولمايدىغان دېگەن مەنىدە) ئىسمى بېرىلگەن. شۇڭا ئۇلار زات مەرتىبىسى ئىدراكنىڭ سىرتىدا بولغىنى ئۈچۈن «ۋۇجۇدى مۇتلەق»نىڭ «ئەسا ۋە سىفاتى» تەجەللى بولغان مەرتىبىلەرنى ئۈچكە بۆلىدۇ. بۇلار «جەبەرۇت ئالەمى» (ئۇلۇغلۇق ئالەمى)، «مەلۇكۈت ئالەمى» (مەلەكلەر، يەنى پەرىشتىلەر ئالەمى) ۋە «مۈلك ئالەمى» (ماددىي ئالەم)دىن ئىبارەت.
    ئەزىزدىن نەسەفى بۇ ئۈچ ئالەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى شۇنداق چۈشەندۇرىدۇ: «زاھىرى ئالەمدە باتىنى ئالەمنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. مۈلكتە مەلەكۈتنىڭ بەلگىلىرى بولىدۇ... مۈلك مەلەكۈتكە ئوخشايدۇ. مەلەكۈتنىڭ ئاساسى جەبەرۇتتا بولىدۇ. چۈنكى مۈلك مەلەكۈتكە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، مەلەكۈت بولسا جەبەرۇتنى دەلىللەيدۇ»61. «جەبەرۇت ئالەمى مۈلك بىلەن مەلەكۈتنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ، ئۇ مۈلك بىلەن مەلەكۈتكە ئاشىق. چۈنكى ئۇ مەلەكۈت بىلەن مۈلكتە ئۆز ھۆسنىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى تاماشا قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش مەلەكۈتمۇ مۈلۈككە ئاشىق. چۈنكى مۈلكتە مەلەكۈت ئۆزىنى نامايان قىلغان. مەلەكۈتتە بولسا جەبەرۇت نامايان بولغان بولىدۇ»71.
    نەسەفى بۇ ئالەملەرنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغانلىقىنى، بىرى بولمىسا يەنە بىرىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ: «مەلەكۈت بولمىسا مۈلكنىڭ بولۇشى، مۈلك بولمىسا مەلەكۈتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ھەر ئىككىسى بىرلىكتە بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ»81.
    غەززالىي ھەم ئالەمنى ئۈچكە بۆلىدۇ: «ئالەم بىرنەچچە ئالەملەرگە بۆلىنىدۇ: مۈلك ئالەمى بۇ تۇيغۇلارغا ئاشكارا ئالەم. مەلەكۈت ئالەمى ئىچكى جەھەتتە ئەقىللەرگە مەلۈم ئالەم. جەبەرۇت ئالەمى ئارىدىكى ئالەم بولۇپ، بۇ ئىككى ئالەمنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ». ئۇ يەنە ئىنساننىمۇ خۇددى بۇ ئالەملەرگە ئوخشاش ئۈچكە بۆلىدۇ. «ئالەم، مۈلك ...، مەلەكۈت، جەبەرۇت... ئالەملىرىگە بۆلىنىدۇ. مۈلك ئالەمىگە سېنىڭ بىلىشتە تايىنىدىغان ھېسىي ئەزالىرىڭ ماس كېلىدۇ. مەلەكۇتكە مۇۋاپىق كېلىدىغىنى بولسا روھ، ئەقىل، كۈچ-ئىرادە قاتارلىقلاردۇر. جەبەرۇت ئالەمىگە ماس كېلىدىغىنى ھېس تۇيغۇلاردىكى سەزگۇ ۋە كۈچلەردىن ئىبارەتتۇر»91. تەسەۋۋۇپتىكى ئالەم قارىشى ئۇنىڭ «ۋەھدەتى ۋۇجۇد» تەلىماتىنى تولۇقلىغان بولۇپ، ئۇ «ۋەھدەتى ۋۇجۇد» قارىشىغا تايانغان ھالدا پۈتۈن ئالەمنىڭ پەقەت بىردىنبىر ھەقىقىي بارلىق بولغان ئاللانىڭ ناملىرى ۋە سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللىسىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە تىرىشقان. ھەر قايسى ئالەملەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىمۇ مۇشۇ نۇقتىنى دەلىللەش ئاساسىدا چۈشەندۇرگەن. شۇڭا ھەمزە پانسورى «ئەسرار ئەل-ئارىفىن» (ئارىفلارنىڭ سىرلىرى) ناملىق ئەسىرىدە «ئۇنىڭ مەيلى (ياكى خاھىشى، يەنى ئۆزىنى كۆرمەكنى ئىستىگەنلىكى) پۈتۈن ئالەمگە نامايان بولغان (تەجەللى قىلغان). ئەۋۋىلىدىن ئاخىرىغىچە، مەخپىيدىن ئاشكارىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ (ئاللانىڭ) مەيلىنىڭ تەجەللىسىدىن باشقا ھېچنەرسە ئەمەس». «بارلىق شەكىللەر ئۇنىڭ شەكىللىرى، بارلىق رەڭلەر ئۇنىڭ رەڭلىرى، بارلىق تاۋۇشلار ئۇنىڭ تاۋۇشلىرى، چۈنكى ئۇ يېگانە، ئۇنىڭ ھەمراھى (شېرىكى) يوق»02 دەيدۇ.
    ھەزرىتى ئەبۇبەكرىمۇ «مەن قارىغان ھەرقانداق بىر شەيئىدە ئاللانىڭ تەجەللىسىدىن باشقا بىرنەرسە كۆرمىدىم»12 دېگەنىكەن.
    شۇڭا مۇتەسەۋۋۇپلار بارلىقنىڭ ئەسلىدە پەقەت بىر ئىكەنلىكىنى، ھەر تۈرلۈك سۈرەت-شەكىللەرنىڭ مانا شۇ يېگانە بارلىقنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىكەنلىكىنى ئوبرازلىق ھالدا دېڭىز سۈيى بىلەن دولقۇنغا، سۇنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىگە سىمۋول قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇنى پارس تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان فەخىرىدىن ئىراقى (3121 9821)نىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدە ئېنىق كۆرىمىز: «ئىسسىقنىڭ تەسىرى بىلەن دېڭىز ئۈستىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن سۇ زەررىلىرى ھور دېيىلىدۇ. بۇلار يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بىرىكىپ بۇلۇت ھاسىل بولىدۇ. تامچە-تامچە بولۇپ تۆۋەنگە چۈشسە يامغۇر بولىدۇ. يامغۇر سۇلىرى قوشۇلۇپ دەريا بولىدۇ. تەكرار-تەكرار قوشۇلۇپ دېڭىز ھالىغا كېلىدۇ. دېمەك، دېڭىز، مۇز، ھور، بۇلۇت، يامغۇر، سەل، ئۇستەڭ... ھەممىسى سۇنىڭ تۈرلۈك كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئەسلى سۇدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش كائىناتتا بار ھېسابلانغان نەرسىلەرمۇ تەڭرى سۇپەتلىرىنىڭ باشقا-باشقا كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ زاتى يەككىدۇر، يەنى ئاللادۇر»22. ئۇ يەنە، «دېڭىز ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنىڭ قايناملىرىدىن دولقۇنلار كۆتۈرۈلىدۇ. كىشىلەر بۇنى دولقۇنلار دېيىشىدۇ. ئەمما ھەقىقەتدە بولسا بۇلارنىڭ (دولقۇنلار) ھەممىسى ئاشۇ دېڭىزدىنلا ئىبارەت»22دەيدۇ. ھەمزە پانسورىمۇ بۇنى سۇ بىلەن سۇنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈككە تىمسال قىلىپ چۈشەندۇرىدۇ: «كۆپۈك سۇنىڭ كۆپۇشى بىلەن قوپال (كۆرۈمسىز) شەكلىگە كىرسىمۇ، ئەمما سۇنى ئۆزىنىڭ باشلىنىشى قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ماھىيىتى نەپىسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. پەقەت ئوكياننىڭ يۈزىدە كۆپۈك قوپال ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سۇدىن پەقەت مەجازى ھالدا پەرقلىنىدۇ. يەنى سۇنىڭ كۆرۈنۈشى نەپىس (گۈزەل)، كۆپۈكنىڭ بولسا قوپال، لېكىن كۆپۈك ھەقىقىي ماھىيەتتە سۇدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئىسمى سۇنىڭكىگە ئوخشىمىغىنى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى كۆپۈك دېيىشىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇ شەكىلگىمۇ، بارلىققىمۇ ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ ئىسمىمۇ پەقەت خىيالدىنلا ئىبارەت بولۇپ ھەقىقىي ئەمەس، چۈنكى كۆپۈك ھەر دائىم سۇدا قايتا-قايتا يوقىلىپ تۇرىدۇ» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىردىنبىر ھەقىقىي بارلىق بولغان ۋۇجۇدىي مۇتلەق بىلەن ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللىسى بولغان ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئىنسان ئەخلاقىي جەھەتتىن تاكامۇللىشىپ ئۆزلۈكتىن پۈتۈنلەي كېچىپ «خەنا» بولغاندا، كۆپۈك سۇنىڭ ئىچىدە غايىب بولغاندەك ھەقنىڭ ۋۇجۇدىدا يوقىلىپ كېتىدۇ. ئۇلار بۇ ۋاقىتتا «خەنا مەقامىغا ئېرىشىپ خۇددى تاشتەك مۇستەھكەم بولغاندا، تەۋھىدكە (بىرلىككە) قەدەم قويىدۇكى، بۇ خۇددى «يوشۇرۇن خەزىنە»دىكى بارلىققا ياكى كۆپۈكنىڭ سۇدا غايىب بولۇپ، كۆپۈك بولمىغىنىغا ئوخشايدۇ. ئەمما «تەۋھىدكە قەدەم بېسىش» بۇ پەقەت ئىپادىلەش شەكلىدىنلا (يەنى ئىپادىلىگۈچى سۆزىدىنلا) ئىبارەت. چۈنكى ماھىيەتتە، كۆپۈك بىلەن ھېچقاچان ئىككى نەرسە ئەمەس 42. تەسەۋۋۇپتىكى مانا شۇ يېگانە بارلىق بولغان «ۋۇجۇدىي مۇتلەق»نىڭ سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللى بولۇپ كۆپ خىل شەكىللەردە كۆرۈنىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا بارلىقنىڭ پەقەت بىر ئىكەنلىكى توغرىسىكى «تەجەللى نەزەرىيىسى » ئاساسىدا شەيئىلەرنىڭ دەۋرى ھالدا ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئۆزگىرىدىغانلىقى، كۆپلۈكتىن ئەسلىدىكى بىرلىك ھالىتىگە قايتىدىغانلىقى ھەققىدىكى «دەۋرلىك نەزەرىيىسى» مەيدانغا كەلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى مۇشۇ مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرگەن شېئىر تۈرىگە «دەۋرىيە»دەپ نام بېرىلگەنىدى. «تەجەللى»گە ئاساسەن ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ سۈپەتلىرى ئۆز تەجەللىسىدىن پەيدا بولغان بىر قانچە ئالەمدىن ئۆتۈپ مۈلك ئالەمىگە، يەنى بىز ياشاۋاتقان ماددىي دۇنياغا چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق.
    «دەۋرلىك نەزەرىيىسى»گە ئاساسەن، «بۇ ماددىي ئالەمگە چۈشكەن يەككە بارلىق دەسلىپىدە» «جەماد» (مېنراللار)، ئاندىن «نەبات» (ئۆسۈملۈك)، ئاندىن كېيىن «ھايۋان»، ئۇندىن كېيىن «ئىنسان» شەكىللىرىدە تەجەللى قىلىپ، ئۇنىڭدىن «ئىنسانىي كامىل» شەكلىگە كىرىدۇ ۋە ھەققە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. يەنى «ۋۇجۇدىي مۇتلەق»تىن قانداق چىقىپ، بۇ خاكدانغا (بۇ دۇنياغا) چۈشسە، قايتىدىن بۇ يەردىن چىقىپ ئەسلىگە قايتىدۇ52. مۇتەسەۋۋۇپلار ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللىسىنىڭ ئالەملەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى بولغان ماددىي ئالەمگە ياكى «ئالەمى سۇفلى» (تۆۋەنكى ئالەم)گە چۈشۈپ ھەر خىل شەكىللەردە كۆرۈنۈشى، بىر خىل شەكىلدىن باشقا بىر خىل ھالەتكە ئۆتۈش ۋە يەنە ۋۇجۇدىي مۇتلەققە قايتىشىدىن ئىبارەت ئايلانما ھەرىكەتنى خۇددى بىر چەمبەر شەكىللىك دائىرىگە ئوخشاتقان بولۇپ، بۇ دەۋر ھەرىكەتنى «قەۋىسى نۇزۇل» ۋە «قەۋىسى ئورۇچ» دەپ ئىككىگە بۆلگەن. «قەۋىسى نۇزۇل» ۋۇجۇدىي مۇتلەقنىڭ «ئەسما ۋە سىفات»نىڭ «ياي شەكلىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن باسقۇچلىرىدۇر»62. ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى بۇ باسقۇچلارنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە: «ۋۇجۇدىي مۇتلەق»تىن ئايرىلىپ چىققان «نۇرى ئىلاھى» (ئىلاھى نۇر) تەرتىپ بويىچە «ئەقلى كۈللى»دىن «ئۇقۇلى تىس» (توققۇز ئەقىل)گە، ئۇنىڭدىن «نۇفۇسى تىس» (توققۇز نەفىس)كە، ئۇنىڭدىن «ئەفلاكى تىس» (توققۇز ئاسمان)كە، ئۇنىڭدىن «تەبايى ئەربا» (تۆت خىل تەبىئەت، يەنى ئىسسىق، سوغۇق، قورغاق، ھۆلدىن ئىبارەت تۆت خىل تەبىئەت)غا، ئۇلاردىن «ئەناسىرى ئەربا» (تۆت ئۇنسۇر)غا ئۆتىدۇ. بۇ مەبدە (باشلانغان جاي) ياكى «قەۋسى نۇزۇل» دېيىلىدۇ72. «قەۋسى ئورۇچ» تۆۋەندىن يوقىرىغا قاراپ قەۋس (ياي) شەكلىدە قىلىنغان ھەرىكەتنى بىلدۈرىدۇ. «قەۋسى نۇزۇل» ئارقىلىق «ئالەمى غايىب»دىن «ئالەمى شۇھۇد»غا چۈشكەن بارلىق دەسلىپىدە مەدەنلەرگە (جەماد)، ئاندىن نەباتقا (ئۆسۈملۈك)، ئاندىن ھايۋانغا، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسان سۈرىتىدە تەجەللى قىلىدۇ. ئىنساندىن «ئىنسانىي كامىل»غا ئۆتكەن «نۇرى ئىلاھى» ئارقىسىغا قايتىپ «ئىنسانىي كامىل»دىن ھەق تەئالاغا (ۋۇجۇدىي مۇتلەققە ئۇلىشىدۇ)82. بۇ ئىككىنچى ئايلانما (دەۋر) بولۇپ مەئاد (قايتىپ بارىدىغان جاي) ياكى «قەۋسى ئورۇچ» (ياي شەكىللىك يۇقىرى ئۆرلەش) دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئىلاھىي نۇر» ئۆز «دەۋرە»سىنى (ئايلىنىشنى) تاماملايدۇ. مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ «دەۋرلىك نەزەرىيىسى»دىكى «ئىلاھىي نۇر»نىڭ «ۋۇجۇدىي مۇتلەق»تىن چىقىپ چەمبەر شەكىللىك ئايلانما ھاسىل قىلىپ تەجەللى قىلىش ۋە ئاخىرىدا ئەسلىگە قايتىش جەريانىنى تۆۋەندىكىدەك ئىسخىما بىلەن كۆرسىتىش مۇمكىن. رەسىم بار(ئەسلىدىكى ئورىگىنالنىڭ 33-بىتىدە) «دەۋرلىك نەزەرىيىسى» ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئىسلام دىنىدىكى ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن روھنىڭ يەنە ئەسلىدىكى دەرگاھىغا قايتىدىغانلىقى توغرىسىدكى ئەقىدىلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسمەن سىرتقى تەسىرلەر بىلەن تېخىمۇ تولۇقلانغان بولۇپ، روھنىڭ ئۆلمەي ئايلىنىپ يۈرىدىغانلىقى (تەناسۇخ) قاراشلارنىڭ راۋاجى ئىدى. شۇڭا ئىبىن ئەرەبىمۇ «ئەۋۋىلىدىن ئاخىرىغا قەدەر بارلىق مەۋجۇداتلار پەقەت يېگانە تەڭرىدىن پەيدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قايتىدۇ» دەيدۇ92. تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى دىنىي پەلسەپە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشىنى ئۆزىنىڭ ئومۇمىي مەۋقەسى بولغان ئىدېئالىستىك مەيداندا تۇرۇپ كۆزىتىدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش جەريانلىرىنى «نۇرى ئىلاھىيە»نىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە تەجەللى قىلىشىدىنلا ئىبارەت دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىككى، تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى «دەۋرلىك نەزەرىيىسى» ئومۇمىيلىق جەھەتتە شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى سەۋەبى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىدىيەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنى روھنىڭ ئايلىنىشىدىنلا ئىبارەت دەپ چۈشەندۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇشۇ چۈشەندۈرۈشلىرى ئىچىدە كۆپلىگەن دىئالېكتىك پىكىرلەرنىڭ بىخلىرى كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە. «دەۋرلىك نەزەرىيىسى» بويىچە قارىغاندا «ۋۇجۇدىي مۇتلەق»نىڭ «ئەسما ۋە سىفات»نىڭ تەجەللىسى بولغان كائىنات «ئىلاھىي نۇر» بىردىنلا يارىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن بولماستىن، بەلكى بۇ نۇرنىڭ تەدرىجىي پارلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن. بۇ نۇرنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەجەللى قىلىش «قەۋسى نۇزۇل» بىلەن دەسلەپ ئەقلى كۈللى بارلىققا كەلگەن. تەرتىپ بويىچە ئەڭ تۆۋەنگە چۈشكەندە «تۆت ئەناسىر»، يەنى تۇپراق، سۇ، ئوت، ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ماددا پەيدا بولغان. بۇ نۇرنىڭ يۇقىرىغا قاراپ تەجەللى قىلىشى بىلەن تۆت ئەناسىردىن تەدرىجىي ھالدا مېنراللار بارلىققا كەلگەن. ئاندىن تەرتىپ بويىچە ئۆسۈملۈك (نەبات)، ھايۋان، ئىنسان بارلىققا كەلگەن. تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، بۇ نۇر يۇقىرىغا قاراپ تەجەللى قىلغاندىكى ھەرقايسى باسقۇچلاردا پەيدا بولغان مەۋجۇداتلار ئۆزىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىغا قارىغاندا بىر بالداق تەرەققىي قىلغان، مۇكەممەللەشكەن مەۋجۇداتلار ئىدى.
    جالالىدىن رۇمى «دەۋرلىك نەزەرىيىسى»نى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: ئەۋۋەل ئالەمگە كەلگەنتى جەماد، جەماددىن بارلىققا كەلدى نەبات. يىللارچە ئۆمۈر كەچۈرۈپ نەبات، جەماددىن دۇنياغا كەلگىنىنى ھېچ قىلمىدى ياد. نەباتتىن ھايۋانغا ئۆتكەندە بولسا، نەباتتىكى ھالىنى ئەيلىمىدى ياد.03 مەۋلانە مەسنەۋىلىرىدىن بىرىدە يەنە شۇنداق دەيدۇ: «جەماددىن مۇردە دېگەن نامغا ئىگە بولىمەن. ئۇنىڭدىن ھايۋان بولۇپ پەيدا بولىمەن ۋە ھايۋاندىن ئۆلۈپ ئادەمگە ئايلىنىمەن (شۇنداق ئىكەن). ماڭا ئۆلۈپ يوقىلىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بەشەردە (ئىنسانلىقتا) ئۆلۈپ، پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتكە ئىگە بولۇپ مەلائىكىلەردىن بىر بەلگە ئېلىش ئۈچۈن قانات قاقىمەن. ئەمما مەلەكنى ھەم تەرك ئېتىمەن. چۈنكى «ئۇنىڭ (ئاللانىڭ) ۋەجىدىن (يۈزىدىن) باشقا ھەممە ھالاك بولغۇچىدۇر (ئۆلگۈچىدۇر)»، مەلائىكىلەر ئالىمىدىمۇ مەن يەنە ئۆلىمەن»13. بۇ مىساللاردىن «دەۋرلىك نەزەرىيىسى»دە ئىپادىلەنگەن دىئالېكتىك پىكىرلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ كېيىنكى باسقۇچنىڭ ئالدىنقى باسقۇچنى ئىنكار قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كېلىشى ۋە ئالدىنقى باسقۇچتىكىگە قارىغاندا تاكامۇللىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقى ئلاھىدە كۆزگە چېقىلىدۇ. «... سەن خاك (تۇپراق) ئىدىڭ، گىياھقا ئايلاندىڭ. نەباتات (ئۆسۈملۈك) دۇنياسىدىن بىر قەترە قان بولۇپ ھايۋانات دۇنياسىغا ئۆتتۈڭ. نىھايەت، ھايۋانات دۇنياسىدىن ئالەمى ئىنسانىيەتكە. مانا بۇ قالتىس مۆجىزە!» دەيدۇ جالالىدىن رۇمى23. مەۋلانىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇنداق دىئالېكتىك ئۆزگىرىش جەريانى ئىپادىلەنگەن مىسرالارنى ناھايىتىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىز: «دەسلىپىدە جەماد پەيدا بولغانىدى، ئاندىن نەبات (ئۆسۈملۈك) بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭدىن ھايۋانغا ئۆتتۇڭ. لېكىن بۇ جەريانلار ساڭا نامەلۈمدۇر. ئۇنىڭدىن (ھايۋاندىن) ئىلىم، ئەقىل ۋە ئىمان ئىگىسى بولغان ئىنسانغا ئۆتتى. گەرچە ھەممىسى ئۇنىڭدىن (تۇپراقتىن) مۇكەممەللىشىپ بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، تەن يەنىلا خاكداننىڭ (تۇپراقنىڭ) بىر بۆلىكىدۇر»33. كۆرۈنۇپ تۇرۇپتىكى، ئۇلارنىڭ «دەۋرلىك نەزەرىيىسى»دىكى «نۇرى ئىلاھى»نىڭ تەجەللى قىلىش تەرتىپى ئەمەلىيەتتە شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاددىي ھالەتتىن تاكامۇللىشىشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقى، كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىيات ھامان ئالدىنقى باسقۇچنى ئۆزىگە مەنبە قىلسىمۇ، يەنە ئۆزىنىڭ كونا ھالىتىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق يېڭى ھالەتكە ئۆتىدىغانلىقىدىن ئىبارت دىئالېكتىك ئۆزگىرىش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. گەرچە ئۇلار بۇ جەريانلارنى پەقەت «ۋۇجۇدىي مۇتلەق»نىڭ سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللىسى دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، لېكىن تەجەللىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچتىكى شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە يوقىلىپ باشقا شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشىدىن ئىبارەت تەرەققىيات جەريانلىرى ھەققىدىكى تونۇشىدا، ئاڭسىز ھالدا بولسىمۇ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ دىئالېكتىك قانۇنىيىتىنى ئىپادىلىگەنىدى. شۇڭا بىز تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى بۇ قاراشلارنى مەلۇم تەرەپلەردە بولسىمۇ ئىستىخىيلىك ھالدا شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ دىئالېكتىك قانۇنىيىتىگە ئويغۇنلاشقانلىقى بىلەن يەنىلا ئىلغارلىققا ئىگە دەپ قارايمىز ھەم ئۇنى تەرەققىياتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان مېتافىزىك قاراش «دەۋرىيلىك» قارىشىدىنمۇ قىسمەن پەرقلەندۈرىمىز.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: