版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/93586902.html

    ئۇيغۇر ئەدىبلىرى داڭلىق «كىندىلېر ئەدەبىيات قامۇسى»غا كىرگۈزۈلدى


    «كىندىلېر ئەدەبىيات قامۇسى» خەلقئارادا يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاساسلىق قامۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2010-يىلى نەشر قىلىنغان 17 توملۇق بۇ قامۇسقا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. «كىندىلېر ئەدەبىيات قامۇسى» گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان ئەڭ داڭلىق ئەدەبىيات ئىنسىكلوپىدىيىسى سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ بىردەك ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ 1965-1972 يىللىرى ئارىلىقىدا 7 توم قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. بۇ قامۇستا ئەدەبىيات نەزىرىيىسى، ئەدەبىي تېرمىنلار، دۇنيادىكى داڭلىق يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى، كوللىكتىپ ئەدەبىيات توپلاملىرى ۋە باشقا ئەدەبىيات-سەنئەتكە دائىر نۇرغۇن بىلىملەر ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە يىغىنچاق ۋە ئىلمىي ئاساستا تونۇشتۇرۇلغان.
    «كىندىلېر ئەدەبىيات قامۇسى» 1988-1992-يىللىرى ئارىلىقىدا قايتا تولۇقلاپ ئىشلىنىپ ئىككىنچى قېتىم 20 توم قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق نەشرىدە بۇ قامۇس دۇنياۋىي شۆھرەتكە سازاۋەر بولغان. مەزمۇنلىرىمۇ بۇرۇنقى نەشرلىرىدىن زور دەرىجىدە تولۇقلىنىپ، دۇنيادىكى ئەدەبىيات ساھەسىدە نەشر قىلىنغان ساناقلىق ئەدەبىيات قامۇسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1999-يىلى ب د ت مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن مەخسۇس كۆرسىتىلگەن قامۇس سۈپىتىدە يۇمشاق دېتال نۇسخىسى نەشر قىلىنغان.
    «كىندىلېر ئەدەبىيات قامۇسى» 2005-2009-يىللىرى 3-قېتىم قايتا ئىشلىنىشكە باشلىغان. 2009-يىلى 4-ئايدا بۇ قامۇسنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئەڭ يېڭى نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. بۇ قېتىم بۇ قامۇس جەمئىي 17 توم قىلىنىپ نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭغا يەنە بىر توملۇق ئاچقۇچ لۇغىتى قوشۇمچە قىلىنغان. بۇ قامۇس نەشردىن چىقىش بىلەن 2009-يىللىق فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىگە قويۇلۇپ ئالاھىدە شۆھرەت قازانغان. 2010-يىلى 1-ئايدا ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى نەشر قىلىنغان.
    «كىندىلېر ئەدەبىيات قامۇسى» نىڭ بۇ قېتىملىق ئەڭ يېڭى نەشرىدە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن سىرت يەنە، مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 7 نەپەر يازغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۈملىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ دۇنيادا زور تەسىرگە ئىگە بولغان مۇشۇنداق مەشھۇر قامۇستا تۇنجى قېتىم كۆپ سەھىپە ۋە مەزمۇن بىلەن تونۇشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    قامۇسنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قىسمىنى يېزىش ۋە تەييارلاش ئىشى قامۇس تەييارلىق كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمانغا تاپشۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئەدىبلىرى بۇ قامۇسنىڭ 3-تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان موللا بىلال نازىمى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، زۇنۇن قادىرى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق 7 نەپەر يازغۇچىنىڭ ھايات پائالىيىتى، ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى يىغىنچاق،سىستېمىلىق ۋە ئىلمىي رەۋىشتە تونۇشتۇرۇلغان.

    قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ ئاسپىرانتلىرى شۇنداقلا ستېفان گاتنىڭ ھەمكارلىشىشىدا تەييارلانغان، باشقا ئاز بىر قىسمى دوكتۇر ئابدۇرېشىت ياقۇپ ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى مېكائىل فرېدرىك تەرىپىدىن تەييارلانغان.
    قامۇسنىڭ تۈزۈلۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە سىستېمىلىق ئۇچۇر بېرىلگەن. بەزى يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى مەخسۇس ماۋزۇ ئاستىدا تونۇشتۇرۇلغان. مەسىلەن: موللا بىلال نازىمىنىڭ "نوزۇگۈم" داستانى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ"ئىز" ۋە " ئويغانغان زېمىن" ناملىق رومانلىرى، زۇنۇن قادىرنىڭ "ماغدۇر كەتكەندە" ناملىق ھېكايىسى"، زوردىن سابىرنىڭ" ئانا يۇرت" رومانى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ"قىيامەتتە قالغان سەھرا"، "قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل" ناملىق پوۋېستلىرى، مەخسۇس ماۋزۇ ئاستىدا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئومۇمى نۇقتىدىن تونۇشتۇرۇلغان.
     
    بۇ قامۇس ھازىرغىچە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ كىرگۈزۈلگەن گېرمان تىلىدىكى ئەدەبىيات ئېنسكلوپىدىيىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن بىردەك ئىتىراپ قىلىنغان خەلقئارالىق ئەڭ داڭلىق ئەدەبىيات قامۇسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم ئەدەبىيات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قامۇس خەلقئارادىكى ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇئەييەن بىلىم ۋە تونۇشقا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10061
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: