版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/93581071.html

    «ئەخلاقنامە»دىن جەۋھەرلەر


    لاروشفوكو (فىرانسىيە)

     

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    لاروشفوكو (1613-1680) فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر. ئۇنىڭ «ئەسلىمىلەر» ۋە «ئەخلاقنامە»دىن ئىبارەت ئىككى پارچە ئەسىرىلا كېيىنكىلەرگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان. ئۇنىڭ ئىدىيەسى ماركس، نىتچې، ئېينشتىيىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە يازغۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    (1) كىشىلەر تىلغا ئالىدىغان ئەخلاق مەلۇم ھەرىكەت ياكى مەنپەئەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئەرلەر ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىغا تايىنىپلا قەھرىمان بولالمايدۇ، ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ پاكلىقىغا تايىنىپلا سالىھ ئايال بولالمايدۇ.
    (2) ھاياجان ئۆزىنىڭ ناچار ئادىتى بىلەن ئىگىسىنى خەتەرلىك ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ھاياجاننىڭ ئىپادىلىنىشى يوللۇق بولۇۋاتقاندەك بىلىنگەندىمۇ، بىز ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك.
    (3) ھاياجان ئادەمنىڭ قەلبىدە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ، بىر ھاياجاننىڭ يوقىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ھاياجاننىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ.
    (4) ئۆزىمىزنى ئايىشىمىز پىكىرنىڭ يېتەكلىشىگە ئەگەشكىنىمىزگە قارىغاندا، قىزىقىشىمىزنىڭ يېتەكلىشىگە كۆپرەك بويسۇنىدۇ.
    (5) كىشىلەرنىڭ نازارەت قىلىدىغىنى ئەخلاقنىڭ كەڭ قورساقلىقىدۇر، بۇنىڭدىكى مۇددىئا بەزىدە شۆھرەتپەرەسلىك، بەزىدە قاشاڭلىق، بەزىدە ۋەھىمە بولسا، تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا يۇقىرىقى ئۈچىنىڭ بىرىكمىسى بولىدۇ.
    (6) دانىشمەنلەرنىڭ قەتئىيلىكى ئۆز قەلبىدىكى ئاچچىقنى تىزگىنلەش سەنئىتىدىن كېلىدۇ.
    (7) ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆلۈمنى تونۇغان بولىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە ئىرادىسىگە تايانماي، گالۋاڭلىققا، ئادەتلىنىشكە تايىنىپ ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنى، يۈزلەنمىسە بولمايدىغان بىر ئەمەلىيەت، دەپ قارايدۇ.
    (8) ئۇزۇنغىچە رەھىمسىز تەقدىردىن دەككىسىنى يېگەن ئۇلۇغ كىشىلەر ئۆزىنىڭ روھىي قۇدرەتنىڭ قوللىشىغا تايانماي، يامان نىيەتنىڭ كۈچىگە تايانغانلىقىنى، ئەتراپىنىڭ كەڭ كەتكەن بوشلۇق بىلەن قورشالغانلىقىنى بايقايدۇ. قەھرىمانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ.
    (9) بىز ھەمىشە ھاياجىنىمىز، ھەتتا ئەڭ گۇناھكار ھاياجىنىمىز بىلەن پەخىرلىنىمىز، ھەسەتخورلۇق ئۇنىڭ ئىچىدىكى نومۇس قىلىش ۋە يۈزى قېلىنلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قەتئىي ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.
    (10) رەشىك كىشىلەرنى ئۆزىگە تەۋە ياكى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغان مەنپەئەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈندىسىمۇ، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ يەنىلا ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ. ھەسەتخورلۇق باشقىلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە چىدىمايدىغان بىر خىل ئۆچمەنلىكتۇر.
    (11) بىز قىلىدىغان يامانلىقلار ۋەھىمە ۋە دۈشمەنلىك ئېلىپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغانلىرى قىلغان ياخشىلىقىمىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
    (12) بىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىز ئويلىغاندىن كۈچلۈك بولساقمۇ، دائىم ئۆزىمىزنى ئاقلاپ: «بەزى ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ» دەيمىز.
    (13) رەشك گۇمانخورلۇقتىن كېلىدۇ، كىشىلەر گۇمانغا ئىشىنىشكە باشلىغاندا، ئۇ يا غەزەپ-نەپرەتكە ئايلىنىدۇ ياكى يوقىلىپ كېتىدۇ.
    (14) قىلىقسىز كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى سۆزلەشتىن تەكەببۇرلۇقىنى سۆزلەشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلارنى باشقىلارنىڭ بۇنداق كەمچىلىكلىرى بارلىقىغا ئىشەندۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئۇلار بىلەن خاتالىقلىرىمىزنى تۈزەتكىنىمىز ياخشىراق.
    (15) بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۈمىدىگە ئاساسەن ۋەدە بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ قورقۇنچىغا ئاساسەن ۋەدىمىزدە تۇرىمىز.
    (16) دىققىتىنى كىچىك ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە مەركەزلەشتۈرۈۋالغان ئادەم بارا-بارا چوڭ ئىشلار قولىدىن كەلمەس بولۇپ قالىدۇ.
    (17) روھنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئەمەلىيەتتە بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىنىڭ ئىنكاسىدۇر.
    (18) تەقدىر بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ قىممىتى بىزنىڭ روھىي كەيپىياتىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
    (19) بەخت ھەۋەستە ھەم باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى سۆيۈملۈك نەرسىلەرگە ئىگە بولۇشتا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرگە ئىگە بولۇشتا.
    (20) ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان بەزى كىشىلەر بەختسىزلىكنى شەرەپ ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۆزى ھەم باشقىلارنى پەقەت ئۆزىنىڭلا تەقدىرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.
    (21) كىشىلەرنىڭ تەقدىرىدىكى پەرقنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەلۇم بىر خىل كۈچ بەخت بىلەن بەختسىزلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
    (22) ئىلتىپاتتىن بىزار بولۇش ئىلتىپاتقا ھەۋەس قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلىدۇر. بىز ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەرنى كەمسىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىمىز، ئۇلاردىكى جەلپكارلىقتىن ۋاز كېچىپ كېتەلمىسەكمۇ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشنى رەت قىلىمىز.
    (23) كىشىلەر ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئۇتۇق قازىنىپ بولغاندەك كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ.
    (24) بىزنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ھەرىكەتلىرىمىز بەخت ۋە بەختسىزلىكلەر كىشىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىمىزگە بولغان ماختاش ۋە تەنقىدىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
    (25) ئەقىللىق ئادەم ھەرقانداق بەختسىزلىكتىن مەلۇم مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ، نادان ئادەم ھەرقانداق بەختنى ئۆزىگە زىيانلىق تەرەپكە بۇرايدۇ.
    (26) سەمىمىيەت قەلبنىڭ ئوچۇقلۇقىدۇر. ھەقىقىي سەمىمىي كىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، بىز ئادەتتە سەمىمىي دەپ قارايدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەپچىللىك بىلەن نىقابلىنىۋالغان كىشىلەردۇر.
    (27) يالغانچىلىققا ھېس قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر خىل يامان نىيەت ئارىلاشقان بولىدۇ، ئۇ گېپىمىزنى دەلىللەپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇش غەرىزىدە ئېيتىلغان سۆزلەردىن ئىبارەت.
    (28) ئەقىللىق ئادەم پايدا-مەنپەئەتنى دەرىجىسى بويىچە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىرەر ئىشقا جىددىي تۇتۇش قىلغىنىمىزدا، تويمىغۇر نەپسىمىز بۇ تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە، ئانچە مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرگە ئۈمىد باغلاش سەۋەبىدىن مۇھىم ئىشلارنى تاشلاپ قويىمىز.
    (29) ساپ مۇھەببەت باشقا ھاياجانلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتمىسە، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلىنىدۇ، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇنى سېزىشكە ئامالسىز قالىمىز.
    (30) مۇھەببەتنى ئۇزاققىچە يوشۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇزاققىچە نىقابلىغىلىمۇ بولمايدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    نۇسرەت ئابلىمىت تەرجىمىسى
    مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: