版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/92859151.html

    شائىر زادى كىم؟


    يۇنۇس زۇننۇن


    زادى قاچاندۇ ئېسىمدە يوق... ئەمما بىر چاغلاردا ئۆيدىكى «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىغا بېرىلگەن «شائىر ۋە پەيغەمبەر» دېگەن ماقالىنى ئوقۇغىنىم يادىمدا. ئۇ چاغدا ماقالىدا نېمە دېمەكچى بولغىنىنى تازا چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ، ئەمما تېمىدىكى تەڭ ئورۇندا يانداش يېزىلغان ئىككى ئىسىم دىققىتىمنى بەكراق تارتقان بولسا كېرەك. كېيىن بىر نەرسىلەرنى تۇيغۇدەك بولغاندا بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى مېنى جىق سۇئالغا گىرىپتار قىلدى.
    (كېيىن ئوقۇپ باقاي دەپ ئىزدىسەم ئۇ ژۇرنالنى تاپالمىدىم)

    شائىر زادى كىم؟
    گەرچە بۇ ھەقتە بىلگىنىم بەك ئاز، ئېرىشكەن سۇئاللىرىم بىر تالاي بولىسمۇ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باققىم كەلدى.
    «شېئىر» سۆزى بىزگە ئەرەبچىدىن كىرگەن بولۇپ، ئەسلى «ش ع ر» بولغان ئۈچ ھەرپكە قايتىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان «شعر» سۆزىنى «تۇيغۇ، ھىسسىيات» دەپ چۈشىنىمىز. ئەمدى پېئىل «شعر»نىڭ پائىلى، يەنى «تۇيۇش»تىن ئىبارەت بىر  ھەركەتنىڭ ئورۇندۇغۇچىسى «شاعر»، يەنى «شائىر» بولىدۇ. بۇنىڭدىن يەنە بىزگە ئەرەبىيدىن يېتىپ كەلگەن بۇ «شائىر» سۆزىدىن بىز ئۇيغۇر تىلىمىزغا ماس ھالدا «تۇيغۇچى» دېگەن ئىسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز.
    ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا «تۇيماق» دېگەن سۆزنى تېخى دېمىگەن، بىلمىگەن ئىچىدە ساقلىۋالغان، ئاشكارلانمىغان نەرسىلەرگە قارىتا ئىشلىتىمىز... مەسىلەن: «مەن ئۇنىڭ يامان نىيىتىنى ئاللىبۇرۇن تۇيۇپ بولغان» دېگەندەك.

    خوش، ئۇنداقتا شائىر نېمىنى تۇيىدۇ؟
    ئەلۋەتتە تۇيغۇنى تۇيىدۇ...
    ئۇنداقتا تۇيغۇ زادى نېمە؟
    ئۇ سۆزمۇ؟
    ياكى پۈتۈن كائىناتتا لەيلەپ يۈرگەن ئاۋازمۇ؟
    ئۇ قوراشتۇرۇلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان تاۋۇشلار توپىمۇ؟
    ياكى ئۆزىنى مەنىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغان يوشۇرۇن مەۋجۇدلۇقمۇ؟
    تۇيغۇ شائىرغا ئۆزى خالاپ تۇيۇلامدۇ؟
    ياكى شائىر تۇيغۇلارنى قوغلاپ تۇتۇپ تۇيامدۇ؟
    ياكى تۇيغۇلار شائىرغا ئۆزى باستۇرۇپ كېلىپ تۇيۇلامدۇ؟

    گېرمان تىلىدىكى «شېئىر» ۋە «شائىر» دېگەن سۆزلەرگە نەزەر تاشلاپ باقسا، «Gedichte» سۆزى «شېئىر» دېگەن مەنىدە، «Dichter» سۆزى «شائىر» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ ئىككى سۆزگە قارايدىغان بولساق، ھەر ئىككىسىدە «Dicht»، يەنى «چوڭقۇر» دېگەن سۈپەت بار. «dichten» دېگەن پېئىل بولۇپ، «چوڭقۇرلاشتۇرماق» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.«gedicht» سۆزى كېلىىپ چىقىشىدا «dichten» پېئىلىنىڭ ئىككىنچى تارماق سۆزى بولۇپ، ئايرىم تۇرغاندا ئىسىمداش بولۇپ «چوڭقۇرلىشىش» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەمدى شائىر سۆزىگە كەلسەك «er» قوشۇمچىسى بىلەن «چوڭقۇرلاشقۇچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.

    ئەمدى شائىر نېمىگە چوڭقۇرلىشىدۇ؟
    ئۆزىنىڭ ھىس دۇنياسىغىمۇ؟
    ياكى كائىناتقىمۇ؟
    ياكى تۇرمۇشقىمۇ؟

    شائىر سۆزىنىڭ بىزگە كەلگەن ئەرەبىي مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، تۇيالىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شائىر. ئەمما نۇربەگ مۇئەللىم تىلغا ئالغان سۆزلەر بىلەن «خاتىرلىگۈچى» سالاھىيتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەلگىلىك سەۋىيە ۋە ماھارەتكە ئېگە بولۇش كېرەك. چۈنكى ھەممىلا ئادەم تۇيغانلىرىنى سۆزلەر قاتارى بىلەن خاتىرەلەپ بولالمايدۇ... بەزىلەر يىغلايدۇ، بەزىلەر سىزىدۇ، بەزىلەر چالىدۇ، يەنە بەزىلەر چىدىماي ئۆلىۋالىدۇ...
    ئەمما بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە، شائىر تۇيغان نەرسە زادى نېمە؟ بۇ جاۋابى چىقمىغان سۇئال. مەن باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «شائىر ۋە پەيغەمبەر» تېمىسى مۇشۇ يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

    ھەممىمىزگە بىلىشلىك... پەيغەمبەرلەر پاك مۇنەززەھ پەقەت بىرلا بولغان چەكسىز نوپۇز ۋە ھوقۇق ئېگىسى بولغان اللە دىن ۋەھىي قۇبۇل قىلىدۇ. ئىنسانلارغا يەتكۈزىدۇ ۋە ۋەھىينى ئۆزىگە بېرىلگەن پەقەت بىرلا ھاياتى بىلەن پاراكتىكا قىلىدۇ... ئىلاھىي قانۇنىيەتلەرنى ئۆز ھاياتى بىلەن ئىسپاتلاپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ كېتىدۇ... بۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى.

    ئەمدى شائىرلارچۇ؟
    شائىرلار تۇيغان نەرسە زادى نېمە؟
    بەلكىم شائىر تۇيغان تۇيغۇنىڭ ۋە شائىر چوڭقۇرلاشقان نەرسىنىڭ  زادى نېمىلىكى ئايان بولۇپ قالسا شائىرنىڭ كىملىكىنىمۇ ناھايىتى تېزلا بىلىپ قالارمىز.

    يۇقارقى ئىنكاسلاردا شائىرلارنىڭ تەربىيلىگۈچى ئەمەسلىكى توغرىسىدا جۈملىلەر ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ يەردە بۇ جۈملىنىڭ ئۇچرىشى، ئىنسان تەبىئىيكى شائىرنىڭ كىملىكىنى بېكىتكەچ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئىزلەيدۇ...
    ئۇنداقتا شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟
    يەنە بەزى ئىنكاسلاردىن شائىرنىڭ مەنە ئىزلىگۈچىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ...
    ئۇنداقتا مەنە زادى نېمە؟
    ئۇ مەۋجۇدمۇ؟
    شائىر نېمە ئۈچۈن مەنە ئىزلەيدۇ؟
    شائىر ئەزەلدىن مەنىسىزلىك ئىچىدىمۇ؟
    ئەگەر شائىر ئەزەلدىن مەنىسىزلىك ئىچىدە بولسا ئۇ مەنىنى قانداق ئاڭقىرىپ قالغاندۇ؟
    يۇقارقى سۇئاللاردىن بىز شۇنداق يەكۈنگە كېلەلەيمىزكى، ئەگەر شائىر ئەزەلدىن مەنىسىزلىك ئىچىدە بولۇپ كەلسە ئۇنداقتا ئۇ مەنە توغرىلىق ئەبەدىل ئەبەد ھىچنىمە بىلمەيدۇ. مەنە ئۇنىڭغا مەڭگۈ يېتىپ كەلمەيدىغان خەۋەر، ئۇ ئۇنى مەڭگۈ تىڭشىىيالمايدۇ. شائىرنىڭ مەنە ئىزلىگىنىگە قارىغاندا ئۇ ئەزەلدىن مەنسىزلىك ئىچىدە ئەمەس... ئۇ مەنىنى تونۇيدۇ، مەنە توغرىلىق ئاڭلىغان ياكى ھىس قىلغان ياكى تۇيغان...
    ئۇنداقتا شائىر ئۆزى تونىغان، ھىس قىلغان مەنىنى نېمىشقا ئىزلەيدۇ؟
    نۇربەگ مۇئەللىم مىسالغا ئالغان مارتىن ھايدېگېرنىڭ سۆزلىرىنى ماڭا ئاسماندىن چۈشكەن كىملىكىمگە يارىشا قوللايمەن.
    ئەمما بۇ يەردە تونىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلە شۇكى:
    شائىر تىڭشاۋاتقان سۆز زادى نېمە سۆزلەۋاتىدۇ؟
    ئۇ تاللاپ سۆزلەمدۇ؟
    ياكى ھەممىنى سۆزلەمدۇ؟
    ئۇ سۆزلەر ئۆزىدىن سۆزلەمدۇ
    ياكى مەلۇم بىر مەۋجۇدلۇقنىڭ كۈچىدىن سۆزلەمدۇ؟
    ئۇ سۆزلەر ئەزەلدىن مەۋجۇدمىدى؟
    ئۇ سۆزلەر نېمىشقا سۆزلەيدۇ؟
    ئۇ سۆزلەر مەنە سۆزلەمدۇ؟
    ياكى سۆزلەۋاتقان سۆزلەرنىڭ ئۆزى مەنىمۇ؟

    تەبىئىيلا مېتافىزىكىلىق يۆلىنىشكە باشلاپ قويىدىغان بۇ تېمىدا شائىرنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن يۇقارقى سۇئاللاردىن تاقلاپ ئۆتۈپ كەتسەك بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (كەتمەنباينىڭ ئىزاھاتى: يۈنۈس زۇننۇننىڭ بۇ قىسقا ماقالىسى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىكى شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگنىڭ «شائىرنىڭ كىملىكى»(شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە ئەركىن مۇلاھىزە) ماۋزۇلۇق تىمىسىغا ئىنكاس سۈپىتىدە يوللانغان ئىكەن. پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قاراپ، رەتلەپ قويدۇم.)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=627
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: