ئۇيغۇرلاردا شېئىر يېزىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:ئەدەبىيات   2010年12月25日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/92799690.html

    ئۇيغۇرلاردا شېئىر يېزىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟


    يۇنۇس زۇننۇن


              مەن ئۆزۈم شائىر ئەمەسمەن... پەقەت بەزى شېئىرلارنى ئوقىسام بۇرۇن بىر قېتىم كېلىپ تۇتۇق بەرمەي كېتىپ قالغان مېھمانلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن. شۇنچە تونۇش سىمالارغا بولغان سېغىنىشىمنى باغاشلاپ ئاجايىب ئىستەكلەردە مەڭدەپ قالىمەن. سۆزلەرنىڭ ئىنسانلاردىن بۇرۇن بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. سۆزلەردە سېھىرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. سۆزلەرنىڭ ئىنساننى ئېزىقىش ئىچىدىن نۇرغا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يەنە سۆزلەرنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ مەھكۇملۇققا سۆرەپ بارايدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن. ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابنىڭ ساپ سۆزلەردىن ئىكەنلىكىنى ئۇ كىتابنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىغا ھەم ئىشىنىمەن. بۇ يەردە باشقىلار مەندىن «سىزنى نېمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.
              مېنى پەيلاسوپلار ھازىرغىچە دەتالاش قىلىۋاتقان قۇپقۇرۇق كوزىنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازدىن قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. «سۆزلەر بىزگە ھاياتلىق ۋە ماماتلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ» دەپ ئىشىنىمەن. سۆزلەرنى ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېيتىپ سۆزلەپ كېتەلىشىگە ئىشەنمەيمەن. «سۆز ئۆزىنى پاتقۇزالايدىغان قەلبلەرگە ئورۇنلىشىدۇ» دەپ ئىشىنىمەن. تەقدىرنىڭ بىزگە ئالدىن بېرىلگەن سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكگە شەكسىز ئىشىنىمەن.
              شائىرنىڭ ئىزدەۋاتقىنىنىڭ بىر تالاي پاخاللىق ئىچىدىن روھىنى ئەمىن قىلىدىغان سۆزلەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
              تارىختىن بىرى شائىرلار ئىنسانلار بىلەن بىرگە... شادلىقتا ئەمەس غۇربەتدە، ئالقىش سادالىرىدا ئەمەس تونۇشقا قوللاشقا ئېرىشەلمەي ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئاتامنىڭ بىر قېتىم ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن ھىس قىلغانمەن. ھەم ھاياتلىق مۇساپەمدە بارا-بارا ھىس قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
              خۇددى كىشىلەرگە «سەن نېمىشقا ياشايسەن؟» دەپ سۇئال بېرەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش، شېئىر يازغان كىشىگە «سەن نېمىشقا يازىسەن؟» دەپ سۇئال بېرەلمەيمىز. شائىر يازىدۇ... نېمىشقا يازىدىغانلىقى ئۆزىگە سىر بولۇپ كەلگەن بولسا كېرەك.
              گېرمان پەيلاسوپى ماكىس ۋېبىرنىڭ «كەسىپ بولغان ئىلىم»(بۇ يەردە بەلكىم تەبىئي پەن ئىلىمىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن)، «كەسىىپ بولغان سياسەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيەدە كەسىپلىشىشكە چىقالمىغان ۋە بۇلار بىلەن جان باققىلى بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىلىملەرنى كىشىلەرگە جانلىق قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان. كىشىلەر ئىشەنگەنكى، سىياسىيون سىياسەت ئىلمى توغرىسىدىكى بىلىمى بىلەن جان باقالمايدۇ. ئوپتېكا ۋە گېئومېتېرىيە قاتارلىق ساپ ئىلىملەرنى (گېرمانلار بۇنداق پەنلەرنى «Rundwissenschaft» دەپ ئاتىغان) كەسىپ قىلىپ جان باققىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ماكىس ۋېبىرنىڭ ئۇ ئەسەرلىرى پۈتۈن ياۋروپادىكى ھەر قايسى سىياسىيون ۋە باشقا پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا كۆپ ئىلھام بەرگەن. لېكىن ماكىس ۋېبىر «كەسىب بولغان شائىرلىق» دەپ ئەسەر يازمىغان. چۈنكى گېرمانلارنىڭ قارىشىدا بۇنداق كەسىپ مەۋجۇد ئەمەس. ھەم شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ھەرگىز ئىقتىساد ئۈچۈن ياكى باشقا مەقسەتلەر سەۋەبىدىن يېزىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇنداق بولغاندا ئىنساننىڭ تەبىئەتكە ۋە ئۆزىگە بولغان خائىنلىقى باشلىنىدۇ. شېئىر يوقىلىدۇ. شائىرلىق سېتىلغان بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق سەۋەب كەتمەيدىغان، كىشىلەر ئاڭلىق يېتىلدۈرۋالغان تەبىئىي قاراشلارنىڭ تۈرتكىسىدە ماكىس ۋېبىرنىڭ قولىدىن ياكى باشقا گېرمان پەيلاسوپلىرىنىڭ قولىدىن «كەسىپ بولغان شائىرلىق» دېگەندەك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلمىگەن. ئۇلار شائىرلارنى پوپلىرىنى باقالىغاندەك بېقىپ كېتەلمىسىمۇ، ئەمما شائىرلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى يوقاتمىغان. فغىيدغىش ھۆلدېرلىن باشقا شائىرلارغا ئوخشىماي قالغان شائىر. ئۆزى تۈبىڭېردا گېگېل ۋە شېللېڭلار بىلەن ئىلاھىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ساۋاقداش بولۇپ ئوقىغان. ئۇنىڭ ھاياتى زامانىسىدا قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن ھايات. شېئىرلىرىمۇ ئۆز زامانىسىدا ئالقىشلاشقا ئېرىشەلمىگەن. خەلقنىڭ ھۆرمىتى ئۇنىڭغا كېيىن يېتىپ كەلگەن. گېرمانلاردىن شائىرلارنىڭ كۆپ چىققىنىغا قارىماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمان ئەسكەرلىرى ھۆلدېرلىننىڭ ئەسەرلىرىنى يانلىرىدا بىللە ئېلىپ يۈرگەن.بۇلاردىن شائىرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئورنىنى قىسمەن بولىسمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز مۇمكىن.
              مەنمۇ ئەزەلدىن شۇنداق ئويدا، يەنى شائىرلىق كەسىپ ئەمەس. شېئىر تاۋار ئەمەس.
              ئەمدى تېمىغا قايتىپ كەلگەندە ماڭا ئۆزۈم تونۇش بولغان گېرمان ئەدەبىياتىدىن بىلىشىمچە، شېئىر يېزىش گېرمانلارغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ رىۋايەتلىرىنى رېئاللىقنىڭ يۈزىگە كۈچلۈك سېغىنىش، توزان قونۇپ تۇرغان دېرىزىلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. بەلكىم رىۋايەتلىرىگە چىن پۈتكەن خەلق بۇنىڭدىن باشقىنىمۇ تەلەپ قىلماس دەپ ئويلايمەن. ھايدېگېرنىڭ قارىشچە ھەرقانداق ماھىيەتلىك(Ursache) نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان رىۋايەتلىرى، ئىپتىدائىي قىسمى(Urgrund) بولىدۇ. ئەگەر بىز شېئىرنىمۇ ماھىيەتلىك، يەنى ئەسلى بار بولغان دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئۇمۇ ئاشۇ ئىپتىدائىي قىسىمغا، يەنى رىۋايەتلەرگە يىلتىز تارتقان بولىدۇ. مانا بۇلار مەن ھىس قىلغان گېرمانلارنىڭ شېئىر يېزىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى.
              «ئۇيغۇرلار نېمىشقا ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب چىقسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇرلار نېمىشقا شېئىر يازىدۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب چىقمايدۇ... ناۋادا چىقىپ قالسا ئىشىنىمەنكى، ئالدىنقى سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئەكسىچە چىقىدۇ.
              ئەمما بىزدە شېئىر يېزىش زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
              بۇ بىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك سۇئال دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز شېئىر يېزىۋاتىمىز. شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىر توپلاملىرىنى نەشىر قىلىپ تارقىتىۋاتىمىز. باشلانغۇچ سىنىپتىكى ۋاقتىمدىن تا ھازىرغىچە ئارىمىزدىن بىز ماختانغۇدەك شائىرلار چىققان دەپ ئاڭلاپ كەلدىم... بۈگۈن بىز بۇ ماختانغۇدەك شائىرلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ بارماقلارغا قوندۇرۇپ تۇرۇپ ساناپ بېرەلەيمىز. شۇنچە ۋاقىت ئۆتتى. ئارىمىزدا ئۇزاق جىملىقنىڭ ئوقۇغان ناخشىسى ۋە ھېيىتگاھنىڭ ئالدىدا ئوينىغان سامادىن باشقا نەرسە قالمىغاندەك... مېنى ئوقۇپ بەزىلەر باشقىلارغا قاراپ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۇنتۇغان بىر نېمە ئوخشايدۇ بۇ دەپ قىلىش مۇمكىن. مەيلى دېسە دەۋەرسۇن. مەن ھازىر قولۇمدا بار بولغان تاماقنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ ماڭا بېرىلگەن بىردىن-بىر قاچامنى سېسىق تائاملاردىن بىكارلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا سايلاردىكى ياۋا ئوت-خەسلەرنى تېرىپ يېگىم بار. چۈنكى باشقىلار ماڭا شۇنداق ئۆگەتتى... ھەر قەۋمنىڭ ئۆزىگە خاس كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ. ئەجدادىمنىڭ كەچۈرمىشلىرىمۇ ماڭا شۇنداق ئۆگەتتى... بۇنىڭغا ئەڭ توسالغۇلىق قىلىۋاتقان نەرسە بەلكىم ئاچ قېلىپ ئۆلۈشتىن قورقۇش بولۇشى مۇمكىن. بۇخىل قورقۇنچنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇلار يۈرىكىنى يەپ تۈگۈتىشى ھەم مۇمكىن. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىق سالاھىيىتىنى تاشلاردىن سوراپ يۈرىشى ھەم مۇمكىن.
              تىمىنىڭ ئۆزىگە قايتقاندا، بىزدە شېئىر يېزىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. توغرا ئارىمىزدا غەرپچە، فىروئىدنىڭ تەسىرىدىن ئالغان مەدەتلىرى بىلەن شېئىر يازىدىغان، ئازابنى ئەخلەتخانىدىن، نىجاسەت ئىچىدىن ئىزلەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنداقلار يازغان شېئىر تېخى ئىنسان قەلبىدىكى ئازابنى ئېچىپ بىرقەدەر يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن شېئىر بولىدىكەن. ئارىمىزدا «ئازاب» ئۇقۇلمىسىنى تونۇشتۇرۇپ جىڭغا توختىغۇدەك ئەسەر يازغان قايسى ئۇيغۇر بار؟! بىز ئازابنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمدۇق؟! «ئازاب زادى نېمە؟»، «ئۇيغۇرلارغا ئازاب زادى نېمە؟!»... بۇنداق سۇئاللار ئازاب توغرىسىدا سۆزلىگەنلەرنى ئاڭلىغاندا ۋۇجۇدۇمدا كۈچەيدۇ. باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ھاپاشلاپ يازغانلارغا يەنە ھەم كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇلار بىر مەزگىل سايرىغان شاتۇتىلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئۆزىنى يازالمىغان ئىنساندا ئۆزىگە ئۆزى توغرىسىدا يەنە نېمە ئېشىپ قالسۇن؟ بىز ئۇيغۇر! بىزدە بىزگە يېزىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئاجايىپ بىر رىۋايەت زامان كاسىسىنى بېسىپ ئولتۇرۇۋالغان قۇملۇق ئىچىدە يېتىپ تۇرۇپتۇ... شېئىرلىرىمىزغا غەربچە ياسالما بېرىلگەن «ھامىلدارلىقتىن توسۇش قاپچۇقى»، «ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ بىنادىن مىڭ قېتىم ئۆزىنى ئېتىش»، «جىنسىيەتنى ئۇلۇغلاش»(بۇ ئەھۋال رۇم تارىخىنى ئوقۇغانلارغا ۋە زامانىمىزدىكى رۇم ئىمپىريىسى دەپ قارىلىۋاتقان ئامىرىكا ئىشلىگەن ئىككى بۆلۈملۈك «رۇم» دېگەن تېلىۋىزىيە فىلىمىنى كۆرگەنلەرگە مەلۇم) دېگەندەك تەركىبلەرنىڭ كىرىشى مۇھىم ئەمەس. بىزدە كىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن تەركىپ بار. بىزدە ھەرخىل كېسەللىكلەر تۈپەيلى شائىرنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا بولغان كىملىكىگە تونۇشنىڭ ئىزچىل زەربە يەپ تۇرىشى، شېئىرىي ھىسسىياتنى ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرۇش ۋە سۈنئى بارلىققا كەلتۈرۈش ئادىتى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. رۇمنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر يازسا رۇمنىڭ بىر پۇقراسى يېزىپتۇ دەپ بىلىڭ! ئەمما ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى يېزىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ...
              بىزنىڭ شېئىرلىرىمىزنى كىم يازىدۇ؟؟؟ ئەركەك مەرد بارمۇ؟؟؟ شائىر بارمۇ؟؟؟
              بىز مۇشۇنداق توۋلايمىز. قۇملار، تەكلىماكان، بىزنىڭ مېڭىمىزنىڭ پوستلىرىدا يىرتىلىپ كەتكەن ھۇشلىرىمىزنىڭ پارچىلىرى مۇشۇنداق توۋلايدۇ.
              بىزدە شېئىر تاۋارغا ئايلانغان. شائىرلىق كەسىپكە بىمالال ئايلىنىپ كەتكەن. شائىرلىق بىلەنلا جېنىنى قورقماي باقالايدىغانلار ئارىمىزدا خېلى كۆپ. ئۇلار بىر-ئىككى رومكا قېقىۋېلىپ يازغان، ياكى بىر ھارام ئايالنىڭ قوينىدىن چىقىپ تۇرۇپ يازغان شېئىرلىرىنىڭ كۈچى ئۆز ئېتىبارى بىلەن بارىدىغان جايىغا بېرىپ توختىدى. ئارىمىزدىكى شائىرلىرىمىز يازغان شېئىرلار «گېرمانلارغا ئۆلۈم»(ھۆلدېرلىننىڭ بىر شېئىرىنىڭ ئىسمى)دەك يېزىلالىغان بولسا ئۇ ئەسىر ھالقىيالايتتى. خۇددى نەۋائىينىڭ شېئىرلىرى بۈگۈنگە يېتىپ كېلەلىگەندەك.
              ئەمما بىز بۈگۈندە تۈگۈلۈپ ياشىغۇچىلار ئەتىگە نېمە بىلەن ئۇزىتىلىمىز؟
              مەن بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان ئىشلار ئارىمىزدا بار، شۇڭا تاپا-تەنەڭلەردىن قورقمايمەن. مەن بىر ھەۋەسكار ۋە كۆپ بىلىمى بولمىغان كىشى بولغاچقا، ئاتالمىش قىزىققانلىق بىلەن ۋە ئۆزۈمگە خاس سوغۇققانلىق بىلەن «بىز ئۇيغۇرلاردا شېئىر يېزىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» دەپ قەلەم تەۋرىتىپ ئولتۇرماقتىمەن.
              يەنە بىرسى، بىزدە شېئىرنىڭ تاۋار ۋە شائىرلىقنىڭ كەسىپلىككە ھالقىپ كېتىشىدە بىزدە شائىر ۋە شېئىرغا بولغان چۈشەنچە ۋە ئىشەنچ كام!
              بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئوغرى، كاززاپ ۋە يالغانچى، ساختىپەزلەر قەلەم تۇتقانلار ئىچىدىن كۆپلەپ چىققاچقا، تۆت تال بىر نەرسە يېزىپ ئۇنى پۇلغا، ئىقتىسادقا تېگىشۋېتىدىغان ياخشى ئادەت بولغاچقا بىزدە شائىرغا بولغان ئىشەنچ ئاساسىي جەھەتتىن يوقالغان. مۇشۇنداق سەۋەبلەر ۋە باشقا مەن بىلىپ كېتەلمىگەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەن ماقالەمنىڭ بېشىدا ئۆز ئىشەنچلىرىم بىلەن كۈچلەندۈرگەن سۆزنىڭ سېھرىي قۇۋۋەتلىرىنى بىزگە تونۇپ يېتىش پۇرسىتى كېلەلمەيۋاتىدۇ.
              شېئىر يېزىش بىزگە ئاساسەن نام-شۆھرەت قوغلىشىش، شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلدۇرۇش، يازغان شېئىرلىرى بىلەن جېنىنى بېقىش، شائىر بولىۋېلىش... قاتارلىق ئىشلاردىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇت يۈرەك شائىرلىرىمىزنىڭ تۇغۇلىشىدىن ھەم ئۈمۈدتىمەن                                        
              «شائىرنىڭ كىملىكى» ۋە «سۆزنىڭ قۇدرىتى» ئۆزىنى يازالىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايان بولغاندا بىزدىكى شېئىر يېزىش بىز سۆيۈنگىدەك بىر ئىشقا دەسسىشى مۇمكىن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=888
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: