版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/183824590.html

    جۇڭگودىكى 2011-يىللىق ئون چوڭ خەۋەر

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېيجىڭ 28-دېكابىر خەۋىرى:
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2011-يىلى 28-دېكابىر كۈنى 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان ئېلىمىزدىكى ئون چوڭ خەۋەرنى باھالاپ چىقتى. ئۇلار ۋاقىت تەرىپى بويىچە تۆۋەندىكلەردىن ئىبارەت:
    (1) ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىليون يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سېلىش؛
    (2) قانۇن تۇرغۇزۇش جەھەتتە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى؛
    (3) 12-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى ماقۇللاندى؛
    (4) ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق ئۈچ خىل خىراجىتى تۇنجى قېتىم ئاشكارلاندى، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتىلار جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى؛
    (5) پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى؛
    (6) نىڭبو-ۋېنجۇ تۆمۈر يول لىنىيەسىدە پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسى كېلىپ چىقتى، كۆپچىلىك ۋەقەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە دىققەت قىلماقتا؛
    (7) ساماۋى ئوردا بىلەن خاسىيەتلىك كېمە ئالەم بوشلۇقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى، ئېلىمىزنىڭ ئالەم ئىشلىرى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى؛
    (8) شىنخەي ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە ئىنقىلاپ پېشىۋالىرىنى ئەسلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ بىرلىكتە گۈللىنىش؛
    (9) ئالتىنچى ئومۇمىي يىغىندا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئوتتۇرغا قويۇلدى؛
    (10) نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭدىن 100 مىليوندىن ئارتۇق تۆۋەن كىرىملىك نوپۇس نەپكە ئېرىشتى.
    ★★★

    جۇڭگو دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتىتى 2011-يىلى 28-دېكابىر «2011-يىلىدىكى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك 10 چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە:
    (1) «6-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 10 يىلدا %6.92 ئاشقان.
    6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئاساسلىق سان-سىفىرلار 2011-يىلى 28-ئاپرېل ئېلان قىلىندى، بۇنىڭدىن ئايان بولىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 113 مىليون 792 مىڭ 211 گە يېتىپ، مەملىكىتىمىز ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %8.49 ىنى ئىگىلىگەن. 2000-يىلىدىكى 5-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، 7 مىليون 362 مىڭ 627 كىشى، يەنى %6.92 كۆپەيگەن.
    (2) يۈننەن ئېلىمىزنى غەربىي جەنۇبقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ئىستىھكامغا ئايلاندى.
    دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 2011-يىلى 6-ماي «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنى غەربىي جەنۇبقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ئىستىھكام قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى پىكىرى» نى تەستىقلاپ، يۈننەن ئۆلكىسىنى «ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە چېگرانى گۈللەندۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك رايون» قىلىپ قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    (3) دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرى ئېلان قىلىندى.
    «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرى» 2011-يىلى 1-ئىيۇن بېسىپ تارقىتىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىز چارۋىچىلىق رايونلىرىنى ئېكولوگىيەسى ياخشى، تۇرمۇش باياشات، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان يېڭى چارۋىچىلىق رايونى قىلىپ قۇرۇش چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2001-يىلى 8-ئايدا مەملىكەتلىك چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئارىدىن 23 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئېچىلىپ، «پىكىر» نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
    (4) «2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى پىلانى» ۋە «2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىلانى» ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى.
    دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى 2011-يىلى 5-ئىيۇن ئېلان قىلغان «2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى پىلانى»دا، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە مەبلەغنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق 2011-يىلى 22-ئىيۇن ئېلان قىلغان «2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىلانى» دا، جىڭپو، داغۇر، قىرغىز، شىبە، مۇلاۋ، تۇزۇدىن ئىبارەت نوپۇسى بىر قەدەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    (5) دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرنى ئېلان قىلدى.
    «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرى» 2011-يىلى 26-ئىيۇن ئېلان قىلىندى، پىكىردە 2020-يىلىغا بارغاندا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    (6) شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى كۈتۈۋېلىندى، شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
    شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 2011-يىلى 19-ئىيۇل لاسادا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان 60 يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.
    (7) 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
    9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2011-يىلى 10-سېنتەبىردىن 18-سېنتەبىرگىچە گۇيياڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە تۈرى، ئويۇن تۈرى ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى جەھەتتە تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتلاش چارىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، ئالتۇن مېدال ئېڭى سۇسلاشتۇرۇلدى، مۇسابىقە ۋە ئويۇن تۈرىدە ئالتۇن، كۆمۈش، مىس مېدال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچىلىك تەسىس قىلىندى.
    (8) «تۇنجى نۆۋەتلىك پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇرۇلىدىغان مىللىي يېزىقتىكى 100 نادىر كىتاب» ئېلان قىلىندى.
    «تۇنجى نۆۋەتلىك پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇرۇلىدىغان مىللىي يېزىقتىكى 100 نادىر كىتاب» 2011-يىلى 28-سېنتەبىر رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ پائالىيەتتە مىللىي يېزىقتىكى كىتابلارنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك، تەشۋىقات رولى تولۇق جارىي قىلدۇرۇلۇپ، مىللىي يېزىقتىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ياخشى مۇھىت يارىتىلدى.
    (9) مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى نەننىڭدا ئېچىلدى، جيا چىڭلىن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا «مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچەپ تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ قوغداپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىناق بىللە ئۆتۈپ، تەڭكەش تەرەققىي قىلىپ، ‹12-بەش يىللىق› پىلان مەزگىلىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» تەكىتلەندى.
    (10) مەركەز تۇتاش كەتكەن پەۋقۇلئاددە نامرات مىللىي رايونلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىش، ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىنىقىنى ئالدى بىلەن يولغا قويۇشنى بېكىتتى.
    2011-يىلى 29-نويابىر ئېچىلغان مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا «تۇتاش كەتكەن پەۋقۇلئاددە نامرات رايونلارنى يۆلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ليۇپەنشەن تاغلىق رايونى قاتارلىق تۇتاش كەتكەن 11 پەۋقۇلئاددە نامرات رايون ۋە شىزاڭ، سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى زاڭزۇلار رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىش، ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نۇقتىسى قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    ★★★

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2011-يىللىق مەملىكەت ئىچىدىكى 10 چوڭ مەدەنىيەت خەۋىرىنى باھالاپ چىقتى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
    (1) ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان سارايلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.
     مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۈزەل سەنئەت سارايلىرى،ئاممىۋى كۈتۈپخانىلار، مەدەنىيەت ساراي، پونكىتلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2011-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن دۆلەت ،ئۆلكە دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت سارايلىرى ئومۇميۈزلۈك ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئاممىۋى كۈتۈپخانىلار، مەدەنىيەت ساراي، پونكىتلىرى، ئاممىۋى بوشلۇق ئەسلىھە مەيدانلىرى، ئاساسىي مۇلازىمەت تۈرلىرىمۇ ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.
    (2) جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى ماقۇللاندى.
    2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ قانۇننىڭ چىقىرىلىشى ئېلىمىزنىڭ جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە نۇرلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىي قىلىش، زور گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتا زور ھەم چوڭقۇر رول ئوينايدۇ.
    (3) جۇڭگو يەر شارىدىكى 2-سەنئەت بويۇملىرى بازىرىغا ئايلاندى.
    2011-يىلى 3-ئايدا خەلقئارا سەنئەت بويۇملىرى نوپۇزلۇق ئورگىنى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 2010-يىلىدىكى سەنئەت بويۇملىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. سودا سوممىسى يەر شارىدىكى بازارنىڭ %23 نى ئىگىلەپ، ئەنگىلىيەدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى 2-چوڭ سەنئەت بويۇملىرى بازىرىغا ئايلاندى.
    (4) 50 يازغۇچى بەيدۇ تورىغا ھوقۇقىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى جا پىڭئاۋ قاتارلىق 50 كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، 15-مارت جۇڭگو يازغۇچىلىرى بەيدۇ تورىنى ئەيىبلەش خېتىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار بەيدۇ تورى شىركىتىگە قاراشلىق بەيدۇ ئەسەر ئامبىرىغا ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسى چىقىرىپ، بارلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرلىشىپ بەيدۇ تورى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشىنى مۇراجەت قىلدى.
    (5) بېيجىڭدىكى خان ئوردىسى بۇلىنىش ۋەقەسى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
    2001-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا شياڭگاڭدىكى ئىككى موزىينىڭ كۆرگەزمە بويۇملىرى خان ئوردىسىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقاندا ئوغرىلىنىشقا باشلىدى. بۇ جەمئىيەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 8-ئاينىڭ 19-كۈنى خان سارىيى موزېيىنىڭ باشلىقى جېڭ شىنمىياۋ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خان سارىيىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدا ھەقىقەتەن كۆپلىگەن مەسىلىلەر ۋە يوچۇقنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
    (6) فۇچۈن تاغ دەريالىرى رەسىمى بىرلەشتۈرۈلدى.
    2011-يىلى 5-ئايىنىڭ 11-كۈنى فۇچۈن تاغ دەريالىرى رەسىمى جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇزېينىڭ ئون چوڭ گۆھىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىندى. 5-ئايىنىڭ 20-كۈنى تەيبېي خان سارىيى ئامبىرىغا يەتكۈزۈلدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق رەسسام خۇاڭ گوڭۋاڭنىڭ تاغ سۇلىرى دېگەن رەسىمى بىلەن شۇ يەردىكى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن خۇاڭ گوڭۋاڭنىڭ داڭلىق بۇ ئىككى رەسىمى 360 يىلدىن كۆپرەك ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، تۈنجى قېتىم ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. بۇنى تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپىدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    (7) 8-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتى تارقىتىلدى.
    2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 8-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەش ئەسەر بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى.جاڭ ۋېينىڭ «سىز ئېگىزلىكتە» قاتارلىق ئەسەرلەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
    بۇ نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا تۆۋەندىكىچە:
    ‹1› باھالاشتا ھەقىقىي نام تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
    ‹2› تور ھېكايىلىرى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلدى.
    (8) دۆلەتلىك رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.
    دۆلەتلىك رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 2011-يىلى 10-ئايدا رادىيو تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى ئاڭلىتىش، كۆرسىتىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: 2012 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرسەتكەندە، ھەر بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھەر قانداق شەكىلدە ئېلان قىستۇرۇشقا بولمايدۇ.
    دۆلەتلىك رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 2011-يىلى 10-ئايدا تېلېۋىزىيە سۈنئىي ھەمراھ ئۇنۋېرىسال قاناللىرى پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر تارقاتتى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2012- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 34 تېلېۋىزىيە سۈنئىي ھەمراھ قانىلى ئاخبارات تۈرىدىكى پىروگراممىلارنى كۆرسىتىش مىقدارىنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن پىروگراممىلارنىڭ كۆرستىلىشىنى تەڭشەپ، ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ۋە پەسكەشلىككە مايىل پىروگراممىلارنى كۆرسىتىشنى توسۇپ، بارلىق ئاممىنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
    (9) پارتىيە 17- قۇرۇلتىيى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارى ماقۇللاندى.
    2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىي قىلىشى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا يولداش خۇ جېنتاۋنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىي قىلىشى ۋە زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قانچە زور مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
    (10) ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيى، يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى.
    2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 9-قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 8-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جېنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى ھۇجۇتقا كەلدى. سۈن جياجىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلاندى. تيې نىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلاندى.
    ★★★

    جۇڭگونىڭ 2011-يىللىق پاكلىق قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئون چوڭ خەۋەر

    (1) ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلولىرىنى بېجىرىش داۋاملىق كۈچەيتىلدى. 2011-يىلى 10-يانۋار، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋ قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى كۈچلۈك ۋەزىيەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى تېرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. بۇ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، سابىق تۆمۈريول مىنىستىرى ليۇ جىجۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شېڭ، جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چېنگۇاڭ قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.
    (2) يەرلىكنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنىڭ ئادىل، پاك ئۆتكۈزۈلۈشىگە پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى. 2011-يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىلىق پارتكوملار مەركەزلىك نۆۋەت ئالماشتى. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىمۇ ئارقا-ئارقا باشلاندى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى 11-ئاپرېل سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقىنىڭ سايلام ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، خۇنەن ئۆلكىسى شۇفۇ ناھىيەسى يۈياڭ يېزىسىنىڭ بىر كادىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامغا ئىككى قېتىم خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. 29-ماي، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنيى شەھىرى جېنلوڭ بازارلىق پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى لى يىمىڭنىڭ باشقىلارنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشىگە ياردەملىشىپ پارا ئېلىش دېلوسى قاتارلىق نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىغا خىلاپ 12 تىپىك دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. 7-ئايدا، جياڭشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى يۈدۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى خۇ جيەنيوڭنىڭ باشقىلارنى نۆۋەت ئالمىشىشقا كاشىلا قىلىشقا كۈشكۈرتۈشتەك ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇ دېلولارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە ئېلان قىلىنىشى-مەركەزنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى شۇنداقلا پۇرسەتپەرەس كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بولدى.
    (3) ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئاشكارىلاشتا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى باشلامچى بولدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قىسمەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىش قىلمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، 23-مارت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەركەز تارماقلىرىدىن ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا چەتئەلگە چىقىش راسخوتىنى داۋاملىق قىسقارتىشنى تەلەپ قىلدى. مەركەز تارماقلىرى بۇ ئۈچ خىراجەتنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، شەنشى قاتارلىق جايلار ۋە گۇاڭجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن بۇ ئۈچ خىراجەتنى ئاشكارىلىدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى 12-ئايدا «ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»نى ئېلان قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەر ئورگانلارنىڭ ئىش بېجىرىش راسخوتىنىڭ خامچوتى، نەقچوتى، نەتىجە باھالاش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك دەپ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.
    (4) ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىشتا، بەلگىلىمىگە خىلاپ 179 مىڭ 500 ماشىنا ئېنىقلاندى. ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىدىكى چىرىكلىك ئەھۋالى ئۇزۇندىن بۇيان ساقايماس كېسەل بولۇپ كەلگەن ئىدى. 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى 2011-يىلىنىڭ بېشىدا، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىزمەت ماشىنىسى سەپلەش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»، «ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلارغا ھۆكۈمەت ماشىنىسى سەپلەش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى چىقىرىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 25-فېۋرال مالىيە مىنىستىرلىقى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىشتىكى خامچوت، نەقچوتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ماشىنىسى سېتىۋېلىش ۋە ھەيدەش راسخوتىغا ئايرىم خامچوت تۈرى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت ماشىنىسى خامچوت، نەقچوتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى.
    (5) ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئەخلاقى باھالاندى، مەمۇرلار تەربىيەلەندى. خىيانەتچى ئەمەلدار لى چىخوڭ «مېنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىم، پەزىلىتىم بار» دېگەن، بىر مەمۇر ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تىللىغان، بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، 2011-يىلى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاقتا بۇزۇلۇش ئەھۋالى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 1-ئىيۇلدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋ «كادىرلارنىڭ ئەخلاقىنى 1-ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. 18-ئۆكتەبىردىكى پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشى تەشۋىقىي-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ھەرىكەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    (6) مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىشقا قارشى تۇرۇش-ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تۇنجى قېتىم يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 5-مارتتىكى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تۈزەش كېرەك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ-ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تۇنجى قېتىم مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولدى. 2010-يىلىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، قىلىدىغاننى قىلماسلىقتىن 2011-يىلىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىشقىچە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا بارغانسېرى پەرقلەندۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئايرىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا بولغان ئىپادىسىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
    9-مارت، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىدا ئىككى يىللىق خەلق تۇرمۇشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىش جىنايەتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ھازىرغىچە، جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىيەتتىكى تەسىرى يامان، دېلو ئەھۋالى ئېغىر، چېتىلغان خادىملارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بىر تۈركۈم دېلولارنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئورۇق گۆش جەۋھىرى، ساختا كالا گۆشى، رەڭلىك مانتا قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى، 22-ئىيۇل بېيجىڭ-جۇخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆيۈپ كېتىش ۋەقەسى بار. مەلۇماتقا قارىغاندا، 3-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى قىلىش جىنايى دېلوسىدىن 4133 نى بىر تەرەپ قىلغان.
    (7) چىرىكلىكنى مەنبەسىدىن تۈزەش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەسپىي جىنايەتتىن ساقلىنىش ئەھۋالىنى يىللىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى. 2011-يىلى-ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كەسپىي جىنايەتتىن ساقلىنىش ئەھۋالىنى يىللىق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان تۇنجى يىل. 10-يانۋار، جېجياڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلكىلىك پارتكومغا «2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى كەسپىي جىنايەتنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ساقلىنىش تەدبىرلىرى ھەر تەرەپلىمە دوكلاتى»نى تاپشۇردى، بۇ-پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى كەسپىي جىنايەتتىن ساقلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتى. ئۇندىن كېيىن، جايلاردىكى تەپتىش مەھكىمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يەرلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتايلىرى، ھۆكۈمەتلەرگە مۇشۇنداق دوكلاتنى تاپشۇردى. 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، 30 ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى، 282 شەھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى، 1560 ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىسى يىللىق دوكلاتنى تاماملىدى، پارتكوم، خەلق قۇرۇلتايلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 28 ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەر، 110 شەھەر دەرىجىلىك رەھبەر، 475 ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەر بۇ ھەقتە يوليورۇق بەردى.
    (8) ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان نازارەت كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. 15-ئاپرېل شاڭخەي شەھىرى لۇۋەن رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئون مىڭ يۈەنلىك تاماق تالونى تورداشلار تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى. ئارقىدىن، گو مېيمېي ۋەقەسى، لۇ مېيمېي ۋەقەسى، مەملىكەتلىك كىچىك مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى تەربىيەلەش ۋەقەسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسىلىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش-2011-يىلىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. يىل بېشىدا، دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى «كەسپىي جەمئىيەتلەر، بازار ۋاسىتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلىرىنى تۈزەش»نى يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى. 12-دېكابىر، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بېيجىڭ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدە بىرلەشمە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىك يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچەيتتى.
    (9) يەتتە تارماق قېلىپلاشتۇرۇش پىكرىنى چىقاردى. 23-فېۋرال، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش ھەققىدىكى بىر قانچە مىزانىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، «ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە سوۋغاتلىق پۇل ۋە باشقا قىممىتى بار بېلەت، كارتىلارنى قوبۇل قىلىش»نى چەكلىدى. بۇ تەدبىر مال سېتىۋېلىش كارتىسى چىرىكلىكىنىڭ چىرىكلىكنى تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. 25-مارت، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەھبىرى كادىرلارنىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن سوۋغاتلىق پۇل، قىممىتى بار بېلەت، كارتىلارنى قوبۇل قىلىشنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار تۈزەش تەدبىرلىرىنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشىنى مەنبەسىدىن ئۈنۈملۈك توسۇشى لازىم. 23-ماي، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى جۇڭگو خەلق بانكىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە تارماق تۈزگەن «سودا كارتىسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى.
    (10) پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچەيتىلىپ، پۇتبول جەمئىيىتىدىكى خىيانەتچى ئەمەلدار، ناچار رېپىرلار يىل ئاخىرىدا سوتلاندى. 19-دېكابىر، لياۋنىڭ ئۆلكىسى تېلىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى رېپىرلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى جاڭ جيەنچياڭنىڭ پارا ئېلىش، دۆلەت خىزمەتچىسى بولمىغانلارنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى سوتلىدى. جاڭ جيەنچياڭ ئىككى مىليون 600 مىڭ يۈەن پارا ئالدى دەپ ئەيىبلىنىپ، پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا سوتلانغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى.
    20-دېكابىردىن 23-دېكابىرغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى دەندۇڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن تېلىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خەلقئارا دەرىجىلىك سابىق پۇتبول رېپىرى خۇاڭ جۈنجى، لۇ جۈن، ۋەن داشۆنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانلار پارا ئېلىش دېلوسى؛ خەلقئارا دەرىجىلىك سابىق پۇتبول رېپىرى جۇ ۋېيشىننىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانلار پارا ئېلىش دېلوسى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانلارغا پارا بېرىش دېلوسى؛ شىزاڭ خۇيتوڭ لۇخۇا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى ۋاڭ پو قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانلار پارا ئېلىش دېلوسى، ئالدامچىلىق دېلوسى؛ چېڭدۇ شېفېي بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانلارغا پارا بېرىش دېلوسى؛ دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ يىمىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسى؛ جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى بىرلەشمە مۇسابىقە بۆلۈمىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى فەن گۇاڭمىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانلارغا پارا بېرىش دېلوسى؛ لياۋنىڭ گۇاڭيۈەن كۇلۇبىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى ۋاڭ شىن قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانلارغا پارا بېرىش دېلوسى، قىمارخانا ئېچىش دېلوسىنى ئايرىم-ئايرىم سوتلىدى.
    ★★★

    يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى جۇڭگودىكى 2011-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئون چوڭ خەۋەرنى باھالاپ چىقتى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
    (1) مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىنىقى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى،
    يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تاللاش قىيىن بولۇش قاتارلىقلار ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنىڭ بىرى، ئۆتكەن يىلى 12-يانۋار دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى« دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، مەخسۇس ئىسلاھات، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن چىقىش قىلىپ، يەسلى مائارىپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مەكتەپ تاللاش مەسىلىسىنى كۆپ يوللار بىلەن ھەل قىلىش، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە سىناق نۇقتا قىلىنىدىغان رايونلاردىكى مەكتەپ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىنىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    (2) تولۇقلىما بېرىش ئادىللاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن مەجبۇرىي چېقىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
    2011-يىلى 21-يانۋار دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى« دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى» نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت يېرىنى ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى، نىزامدا: ھۆكۈمەت يەرنى ئۆي سېلىشقا ئېلىش ۋە ئۇنى چېقىشتىكى ئاساسىي گەۋدە، ئۆز ئۆيىگە ئۆزى خوجا بولۇشقا مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ يەنى، مەمۇرىي جەھەتتىن مەجبۇرىي چېقىش، زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېرى ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىلگەنلەر بېرىلگەن تولۇقلىمىنىڭ بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەندى.
    (3) ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باھاسى تۇنجى قېتىم چۈشۈرۈلدى.
    2011-يىلى 15-فېۋرال مەملىكەتلىك داۋالاش، دورا ۋە ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، دوختۇرخانا ئىسلاھاتىدىكى بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانا ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي دورا تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتىش ۋە ياتاقتا يېتىش ھەققى ئۇدا تۆت يىل %5 ئۆرلىگەندىن كېيىن، 2011-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كېسەل كۆرۈش ھەققى پەقەت %0.3 ئۆرلىدى، بالىنىستا يېتىش ھەققى %0.1 چۈشتى، ئېلىمىزدە تۈزۈمى 1 مىليارد 250 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىپ ، دۇنيادا داۋالىنىش كاپالىتىگە ئىگە بولغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.
    (4) يېمەكلىك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئارقا ئارقىدىن يۈز بېرىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
    2011-يىلى 3-ئايدا شۇاڭخۈي گۇرۇھىنىڭ ئورۇق گۆش جەۋھىرى ۋەقەسىنىڭ ئاخىرى تېخى بېسىقماي تۇرۇپ، رەڭلىك موما، يۇنداياغ قاتارلىق ۋەقەلەر كېلىپ چىقتى، 5-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ناچار، ساختا مەھسۇلاتلارنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، بازارنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەتتا ھاياتىغا زىيان يەتكۈزگەن جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەكىتلىدى، جايلار زور كۆلەملىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى رەتكە سېلىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. 14-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى« دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش» لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ۋە پائال تاقابىل تۇردى، 21-دېكابىر تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر دۆلەتلىك ئۆلچىمى رەسمىي يولغا قويۇلدى.
    (5) باج قانۇنىي تۈزىتىلمىسى مائاشلىقلار قاتلىمىغا نەپ يەتكۈزدى.
    30-ئىيۇن 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنىدا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارار ئاۋاز قويۇپ ماقۇللاندى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى 2000 يۈەندىن 3500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى، بۇ تەڭشەش ئارقىلىق تەخمىنەن 60 مىليون كىشى شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمايدىغان بولدى.
    (6) ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
    كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى 2011-يىلى 1-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى، قانۇندا، شەخسلەر بىرتۇتاش باشقۇرۇلىدىغان رايوندىن ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئۇنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ئۆزى بىلەن بىرگە يۆتكىلىدۇ، تۆلىگەن پۇلى يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ دەپ بەلگىلەندى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىدا دۆلەتنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، خىزمەت ئورنىدا يارىلىنىش، ئىشسىزلىق، تۇغۇت قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى قانۇن جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى شۇنداقلا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش ۋە داۋاملاشتۇرۇش تۈزۈمىنى بېكىتىش، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈمى ئورنىتىش قاتارلىقلار ھەققىدە پىرىنسىپئال بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ ئېلىمىزدىكى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەتلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ تۇنجى قېتىم سۇغۇرتا تۈزۈمى ھەققىدە قانۇن چىقىرىشى.
    (7) نەچچە مىليون يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي خەلقنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
    2011-يىلى 10-نويابىر ئېلىمىز ھۆكۈمىتى شۇ يىلى باشلانغان 10 مىليون يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش ھەققىدە ۋەدە بەردى،بۇ ئۆي باھاسىنىڭ ھەددىدىن تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش، ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، 2011-يىلى مەركەز ئۆي مۈلۈك كەسپىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى چىقاردى، ئالايلۇق، 1-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشقا ئائىت يېڭى 8 ماددا چىقىرىلدى، شاڭخەي، چۇڭچىڭ شەخسلەردىن ئۆي مۈلۈك بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، 4-ئايدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 8 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈردى، 7-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا شەھەرلەردە ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەلەپ قىلىندى، 10-12-ئايلاردا ئىلگىرى كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
    (8) نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى 2300 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
    ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەركەز دېھقانلارنىڭ 2300 يۈەنلىك ئوتتۇرىچە كىرىمىنى دۆلەتنىڭ يېڭى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ ئۆلچەم 2009-يىلدىكىدىن %92ئۆستۈرۈلدى، تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن كىرىملىك نوپۇس نامراتلارنى يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، 1-دېكابىر ئېلىمىز سىرتقا«جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ 2011-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىسى»نى ئېلان قىلىپ، نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەققىدە ئۈچىنچى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك پىلان چىقىرىشى، يوقارقى تەڭشەش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى تارىختىن بۇيان دۇنيا بانكىسىنىڭ خەلقئارا نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بىلەن ئەڭ يېقىنلاشتى.
    (9) ئۆپكىگە كىرىپ كېتىدىغان دانىچە ماددىلار ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈلدى.
    مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى «مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى» قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ ئاشكارا پىكىر ئالدى، پىكىر ئېلىش2011-يىلى 5-دېكابىر ئاياغلاشتى، جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك: ئۆپكىگە كىرىپ كېتىدىغان دانىچە ماددىلار ۋە ئوزون كۆرسەتكۈچىنى ھاۋا سۈپىتىنى باھالاش ۋە ئۆلچەشكە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئۆپكىگە كىرىپ كېتىدىغان دانىچە ماددا ئۆلچىمىنى تۇنجى قېتىم تۈزۈشى، بۇنىڭ بىلەن مۇھىتنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلگىلى، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، يېڭى ئۆلچەم 2016-يىلى 1-يانۋار ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىلىدۇ.
    (10) دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەكتەپ ماشىنىلىرى بىخەتەرلىك نىزامىنى چىقاردى.
    2011-يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەكتەپ ماشىنىلىرى ۋەقەلىرى ئارقا ئارقىدىن يۈز بەردى، گەنسۇ ئۆلكىسى جېڭنىڭ ناھىيەسىدىكى شۇلىنزى كىچىك دوكتۇر يەسلىسى 9 كىشىلىك ماشىنىسىغا 64 كىشىن


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: