版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/162655502.html

    سېنى ئۇنتۇيالمىدىم

    (نەسىر)

    ساداقەتجان ھاجى


    سېنى زادىلا ئۇنتىيالمىدىم. قەلبىمنى ئەسىر قىلغان نۇرلۇق كۆزلىرىڭ خىيالىمدىن ھىچ كەتمەيۋاتىدۇ. تەبەسسۇم پارلاپ تۇرغان ئاپتاپتەك چىرايىڭ ھەرۋاقىت كۆز ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. دىلىمنى رەنجىتكەن چاغدىكى چەكچەيگەن دەھشەتلىك كۆزلىرىڭنى ئاستا-ئاستا ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇۋاتىمەن. سېنى ئويلىغانسىرى بىشەم چىرايىڭدىكى زىمىستاندەك سوغۇق بۇلۇتلار كۆڭۈل ئاسمىنىمدىن تارقاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ تۇرقىدا ساڭا بولغان غەزەپ-نەپرىتىم قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قېتىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمنىڭ ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
    بەزىدە سېنى شۇقەدەر سېغىنىپ كېتىمەن. سەندىن تارتقان خورلۇقلىرىم يادىمغا كەلمەي قالىدۇ. تۇرۇپلا، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ بولسا كىرەك، دەپ ئويلاپ قالىمەن.
    ماڭا سالغان خورلۇق ۋە ئازابلىرىڭنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، قەلبىمگە خۇشاللىق ئاتا قىلغان گۈزەللىك ۋە مىھرىبانلىقىڭنى ئەسلەتكەن تۇيغۇ... شۇ تاپتا ماڭا مۇھەببەتتەك تۇيۇلىۋاتىدۇ.
    سەندى شۇنداق سورىغۇم كېلىدۇ:
    نىمە ئۈچۈن ئوتتەك قىزغىن ۋە تاغدەك تەمكىن مۇھەببەتكە تولغان قەلبىمنى ھاقارەت خەنجىرى بىلەن پارە-پارە قىلىۋىتىسەن؟ كۆڭۈل سۇنسا قاداشنىڭ قىيىنلىقىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ؟ سەندە بار نازۇك كۆڭۈلنىڭ مەندىمۇ بارلىقىنى ئويلىمىدىڭمۇ؟ ياكى مېنىڭ ئانچە رەڭدار بولمىغان ئاددىي-ساددا مۇھەببىتىمنى مەڭسىتمىدىڭمۇ؟ بەلكىم، سەن ئۈچۈن ھاياتتا ھەممىدىن مۇھىمى مۇھەببەت بولمىسا كرەك؟
    لېكىن مەن ئۈچۈن مۇھەببەت شۇقەدەر مۇقەددەستۇر. سەندىن ۋاز كېچىشكە چىدىغان قەلبىم ساڭا بولغان مۇھەببەتتىن مەڭگۇ ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى، مەن ساڭا مەنسۇپ بولمىغان بىلەن، مۇھەببەت ماڭا مەنسۇپتۇر.
    مەن سەندىن نەپرەتلەنگەن چېغىمدا، سەمىمىي ۋە پاك مۇھەببىتىمنىڭ خورلۇققا ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئەپسۇسكى، سەن بۇنى چۈشەنمىدىڭ، ئاقىۋەت، مېنىڭ سەندىن ئېرىشكىنىم ئازاپلىق مۇھەببەت بولدى، خالاس.
    قەدىرلىكىم، بۇلۇتلۇق تۈنلەر، بورانلىق كۈنلەر ۋە دەھشەتلىك سادالار ئۇنتۇلدى. ھاقارەت ۋە خورلۇق ئەستىن كۆتۈرۈلدى. مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى پەقەت، گۈزەل ئايدىڭ، جىلۋىدار يۇلتۇزلار، قۇياشلىق سەھەر، ئىللىق شامال، خۇشپۇراق گۈللەر ۋە يېقىملىق ناخشىلار بولدى. ئازاپلىق مۇھەببەتتىن ئاپىرىدە بولغان بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن شۇتاپتا مەنلا بەھرى ئېلىۋاتىمەن.
    بەلكىم، بىزنىڭ ئايرىلىشىمىز-تەڭرىنىڭ ئىرادىسىدۇر؟ بەلكىم يەنە سېغىنىش ساڭا، ئۇنتۇيالماسلىق ماڭا نېسىپ بولغاندۇر؟ چۈنكى، سېنىڭ ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى-گۈزەل ياشلىقىڭنىڭ چىرايلىق غۇنچىسى مېنىڭ بېغىمدا ئېچىلغاندۇر!
    بەلكىم، ھاياتىمنىڭ ھەربىر دەقىقىسى سېنى ئەسلەش بىلەن ئۆتەر. بەلكىم يەنە مۇشۇ سېغىنىشلىق دەقىقىلەردىن ئەڭ ئېسىل شېئىرلىرىم پۈتەر. بىر چاغلار كەلگەندە، قەلبىڭ قەلبىمنى چۈشىنىپ يېتەر...
    سۆيۈملۈكۈم، مۈمكىن بولسا بەختلىك بول، بارلىق بەختلەر سەندىن ئايلانسۇن! ئەگەر مۈمكىن بولسا، رۇخسەت قىل، سېنى سېغىنغان چاغلىرىمدا شېئىرلىرىمنى ئوقۇپ بېرەي، پۈتۈن دۇنيا مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھىس قىلسۇن!


    ★★★★★★
    (1995-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى. قەشقەر)
    («تۇرپان گېزىتى»نىڭ 1997-يىللىق 3-فېۋرال سانى)

    ★★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: