版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/161891856.html

    گىرىپتارلىق

    (نەسىر)


    ساداقەتجان ھاجى


    تەڭرى سېنى مەن ئۈچۈن شۇقەدەر سۆيۈملۈك يارىتىپتۇ. ھەرۋاقىت سېنى كۆرگەن ۋە ئويلىغان چاغلىرىمدا بۇنى چۇڭقۇر ھىس قىلىمەن. گەرچە غۇرۇرۇم سەندىن قاتتىق ئازار يىگەن بولسىمۇ، نىمە ئۈچۈندۇر، قەلبىمگە ئاسىيلىق قىلىشقا پېتىنالمايمەن. خارلانغان ئەقىدەمگە تەسەللى بېرىپ، ياشلىقىمغا سۆيگۈ بەخش ئەتكەن گۈزەللىكىڭنى مەدھىيەلىگۈم كېلىدۇ.
    قاچانلا قارىسام، نۇرلۇق كۆزلىرىڭدىن يارقىن تەبەسسۇم پارلاپ تۇرىدۇ. قىزىلگۈل بەرگىدەك زىلۋا بويۇڭدىن مۇھەببەت پۇراپ تۇرىدۇ. يېقىملىق ۋە شوخ ئاۋازىڭ ئەڭ گۈزەل ناخشىدەك روھىمغا شاد-خوراملىق بەخش ئېتىدۇ. ئوتلۇق تىنىقلىرىڭ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدەك كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ، روھىمنى ئويغۇتىدۇ. سۆيگۈنىڭ سۈزۈك سۇلىرى ئوخچۇپ تۇرغان بۇلاقتەك چىرايلىق لەۋلىرىڭگە سۆيۈپ، چاڭقاپ كەتكەن قەلبىمنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغۇم كېلىدۇ... كۆڭۈل دەپتىرىمگە سېنىڭ سۈرىتىڭ ئەنە شۇنداق سىزىلغان.
    بىلەمسەن، كۆڭلۈمدە ئەنە شۇنداق گۈزەل سۈرىتىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، سېنىڭ قەلبىمدىكى مەۋجۇتلۇقىڭنى ئىنكار قىلالمىدىم. ساڭا بولغان غەزەپ-نەپرىتىم ئۇنتۇلدىيۇ، سۆيگۈ-مۇھەببىتىم ئەستىن چىقمىدى.
    شۇتاپتا مېنىڭ روھىي تەشنالىقىم ئۈچۈن سېنىڭ قەلبىمدىكى مەۋجۇتلۇقىڭ ھەممىدىن مۇھىمدەك قىلىدۇ. بىر چاغلاردا سەن: «ئامراق بولماڭ، بىزار بولارسىز؛ بىزار بولماڭ، ئامراق بولارسىز.» دىگەن ئىدىڭ. بەلكىم گىرىپتارلىق دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك!؟
    تالاي تاڭلارنى ئاتقۇزدۇم تۈن بويى سېنى سېغىنىش بىلەن؛ تالاي شېئىرلارنى يازدىم سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە تىۋىنىش بىلەن...
    بىزارلىق مۇزلىرى ئېرىپ، گىرىپتارلىق سۇلىرى دولقۇنلىدى. نەپرەت بۇلۇتلىرى تارقاپ، مۇھەببەت قۇياشى پارلىدى. رەنجىش بورانلىرى توختاپ، زوقلىنىش شاماللىرى چىقتى. خاپىلىق غازاڭلىرى تۆكۈلۈپ، خۇشاللىق گۈللىرى ئېچىلدى. سەن ئاخىرى مېنىڭ قىلبىمدە گۈزەللىك ۋە مىھرىبانلىقنىڭ يۈكسەك سىمۋۇلىغا ئايلاندىڭ.
    سەن باغرىمدىكى چاغدا نادانلىقىم تۈپەيلى، گۈلنىڭ تىكىنى، ھەسەلنىڭ ھەرىسى بولغاندەك، مۇھەببەتنىڭمۇ ئازابى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپتىمەن. ئاچچىق دورىنى ئىچكەندىلا ئاندىن شىرىن جانغا خۇش ئاراملىق ۋە شاد-خوراملىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن...
    سۆيۈملۈكۈم، گەرچە سەندىن ئايرىلغان بولساممۇ، بۇ دۇنيادا مەۋجۇتمەن، بارمەن، ئۆمۈرۋايەت ئىشقىڭغا گىرىپتارمەن. سەنسىز بۇ ھاياتتا ئازاب چەكسەممۇ، بەختىمدىن ھەرۋاقىت ئۈمىدۋارمەن!


    ★★★★★★
    (1995-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى. قەشقەر)
    («تۇرپان گېزىتى»نىڭ 1997-يىللىق 18-ئاۋغۇست سانى)

    ★★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: