غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرى(2) - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:ئەدەبىيات   2011年09月16日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/161890505.html

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرى(2)


    دىلبەرنىڭ كۆكسىدەك يۇمشىدى ھاۋا
     
    (1)
    ئېزىققان قەدەملەر دوزاققا ماڭدى،
    بۇ دۇنيا سوغۇقتىن قالماقتا مۇزلاپ،
    يۈرەكنىڭ كەشتىسى ياغلىقنى يىرتتى،
    مۇھەببەت كوچىدا يۈرىدۇ يىغلاپ.
    تەقدىرمۇ خۇدانىڭ تۈگكەن تۈگۈنى؟
    قۇرۇقتۇر دىلدىكى ئەڭ چوڭقۇر قەبرە.
    ئايالدەك رايىش بىر تەقدىر ئالدىدا،
    ھەر كۈنى تاش بولۇپ قاتىدۇ سەبرە.
    مەن ئاستا يول ئالدىم بۇلتۇرقى جايغا،
    يارىمنىڭ لېۋىدىن ئۈزەي بىر چېچەك.
    سائىرلار كۈي قاتتى باھار كەلدى دەپ،
    مەنمۇ ھەم جۆر بولاي تىترەپ، ئاھ تىترەپ...

    (2)
    ئېھ ئايال، چاچلىرى زۇلمەتلىك ئايال،
    ئېھ چەكسىز يالىڭاچ قۇدرەتلىك ئايال.
    قوبۇل قىل جېنىمنى بېرەي مەن ساڭا،
    جان بەرمەي ياشاشقا يوقكەن ھېچ ئامال!
    ئاتلارمۇ كۆكسۈمدىن دۈپۈرلەپ ئۆتكەن؟
    كېچىدە تەنھالىق قايغۇسى ئېغىر.
    سۆيگۈدىن ئېغىر ھەم ۋەتەن قايغۇسى
    قايغۇلار ئاقىۋەت ئىكەن بىر شېئىر...
    شېئىرلار ئۈندەيدۇ ئۆلۈشكە مېنى
    ھەر ھەرپ، ھەر مىسرا تىكلەپ تۇرار دار.
    ۋە لېكىن ئەتىگە بېغىشلاپ ئۈمىد
    ھەر يىلى مارت بىلەن كېلىدۇ باھار.

    (3)
    چۈمۈلە مەن بىلەن ھاشارغا ماڭدى،
    كېپىنەك سەيلىگە كەلمىدى تېخى
    چىۋىننىڭ قانىتى ئاسمان بولمىدى،
    ياشاردى بالدۇرلا سۆيگۈنىڭ بىخى.
    تالادا ھەممىدىن شامال ئالدىراش،
    دىلبەرنىڭ كۆكسىدەك يۇمشىدى ھاۋا.
    يۈرىكىم ئاغرىدى شىرىن خىيالدىن،
    ئۇنىڭغا يارىمنىڭ سۆيۈشى داۋا.
    ئۇ ئۆلۈپ كەتكەنمىش تۇغۇلغىچە مەن،
    سېغىنىش ئىلكىدە يولۇمغا قاراپ.
    بەلكىم بۇ باھاردا چىقار ئۇ كۆكلەپ،
    چوڭقۇر يەر تەكتىدىن ئىسمىمنى توۋلاپ!...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ شېئىر «كۈسەن مەدەنىيىتى»نىڭ 2009-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    جىرىڭلار قۇياشنىڭ قوڭغۇراقلىرى

    چىقتىم نۇر ئىلكىدە زۇلمەت ئىچىدىن
    جىرىڭلار قۇياشنىڭ قوڭغۇراقلىرى.
    تاپىنىم ئاستىدا جىمجىت باياۋان،
    بارمىقىم ئۆلۈمنىڭ تىغ-ياراقلىرى.

    بېشىمغا قونغان قۇش بەلكىم تەڭرىنىڭ،
    سايرايدۇ دوزاختىن جەننەتكە چىللاپ.
    ئۆلگەنلەر ياشايدۇ قىيامەتكىچە
    تىرىكلەر ئۆلىدۇ ھەر كۈنى نەچچە...

    ئەي ساقى شاراب بەر، ئەقىلدىن ئازاي،
    ئالەمنىڭ مەنىسى مەنىسىز ئىكەن.
    نە ئەجەب، ئېچىلسا قىزىل گۈل بولۇپ
    ئىشق باياۋانىدا
    پۇتۇمغا سانچىلغان قەدىرسىز تىكەن؟!
    ★★★
     

    سورىما، مېنىڭ ئىسمىم ئاشىق، ئاشىق...

    سورىما، مېنىڭ ئىسمىم ئاشىق، ئاشىق
    سورىما مېنىڭ دەردىم دەريا، دەريا...
    قايرىلىپ ئۆتەي نازۇك كىرپىكىڭدىن
    كۆزۈڭنىڭ قارىسىنى قىلاي پاناھ.
    كۆكسۈڭگە باراي، قەبرەم شۇندا ئىمىش،
    باراي چۆل سۈرگۈن بولغان شۇ سەنەمگە.
    باراي مىڭ زىمىستاننى كۈلدۈرۈپ ھەم
    باغرىڭدا لاۋۇلدىغان جەھەننەمگە.
    ئاسمانمۇ سېنىڭ ئۈچۈن قىلار پەرۋاز
    تۇپراق ھەم سېنىڭ ئۈچۈن ئالار نەپەس.
    شاماللار مەجنۇن بولار سېنى سۆيۈپ
    ئۆچمەس ھەم سۇلاردىكى ئاتەش ھەۋەس.
    سەن نەزەر تاشلىغان بۇ سۇلتانلىقىم
    جەڭگاھلار ئىچرە قاينار قىزىل، قىزىل...
    سۆڭىكىم ئالىقىنىڭدا ئاقىرىدۇ
    لېۋىڭدىكى شارابمۇ ھەم قاندىن ئېسىل.
    لەرزىگە سېلىپ مېنى جاراڭلايدۇ
    ئاۋازىڭ كەينىدىكى قوڭغۇراقلار.
    ئۆلتۈرەر كۈندە مىڭ رەت تەشنالىقتا
    تاپىنىڭ ئاستىدىكى شوخ بۇلاقلار.
    ئېھ، ماڭا كەلگەن ئەجەل بىرلا ئۆزۈڭ
    ماڭىمەن ئاداققىچە قەبرەم تامان.
    مەندىكى ئاشۇ مىسكىن غېرىب جاندۇر
    ساڭا كېتىۋاتقان بۈيۈك كارۋان.

    سورىما، مېنىڭ ئىسمىم ئاشىق، ئاشىق،
    سورىما، مېنىڭ دەردىم دەريا، دەريا...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ ئىككى پارچە شېئىر «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
     

    خوش ئانا، يۇلتۇزلار چاقىردى مېنى

    مۇھەببەت قەدرىنى بىلدىم ئۆلەيمۇ،
    تۆلەيمۇ مەن ئۆلۈپ ئۇنىڭ قەدرىنى؟
    خوش ئانا، يۇلتۇزلار چاقىردى مېنى،
    تارىتاي ئالەمگە ئاينىڭ دەردىنى.

    ئاھاڭلار كەينىدە دىۋانە كۆڭلۈم،
    جېنىمدا تەڭرىمنىڭ ئاياغ ئىزى بار.
    قەلبىمنىڭ ئىشىكى چۆلگە ئېچىلغان،
    ياڭرار قۇم توزۇتۇپ غالجىر ناخشىلار.

    دۇتتارنىڭ قارنىدا ئولتۇرغان كاككۇك،
    قۇرۇتار دەريانى سايراپ، ئاھ سايراپ.
    راۋاپنىڭ تارىنى چوقۇپ تۇمۇچۇق،
    ئاچ قالغان دۇنياغا پىشۇرار كاۋاپ.

    ئۆلۈمدەك مۇلايىم سىلاپ ئولتۇرۇپ،
    بىر ئايال جېنىمنى قىينايدۇ زار-زار.
    گۈللەرنى ئۆلتۈرۈپ تۆمەس ئىدىم قان،
    بويۇڭدا ئوغرىلىق قىلمىسا باھار،

    خوش ئانا شاراپلىق باغلاردىن كەتتىم،
    يوللىرىم ئۇزاقتۇر قاندىن ياشقىچە.
    ئېسمىمنى چاقىردىڭ، بولدۇم مەن سۇلتان،
    خوش ئانا، قەلەندەر چۆلدىن قايتقىچە...
    ★★★


    قۇشلار ئارىلى

    دۇئا بەر ئانا
    بېرىپ كېلەي قۇشلار ئارىلىغا
    ئۆگىنەي مەن ئۇلاردىن قانات قېقىشنى
    قايتىشىمدا چۆمۈلىلەر مەكتىپىنىڭ يېنىدىن ئۆتىمەن
    قوڭغۇزنىڭ ماشىنىلارغا ئوخشىمايدىغان جايلىرىنى كۈزىتىمەن
    ئەگەر خالىسا دەريا-ئۆستەڭلەر
    ئۇلارنى قۇرۇپ كەتكەن چۆللەرگە باشلاپ قويىمەن...
    مىسال ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان يانتاقلارمۇ بار
    تەسكەن، چوگىجىن، يۇلغۇنلار ئارىسىدا
    قەددىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرغان بىر تال قۇمۇشنىڭ
    شامالدا نەي چېلىۋاتقان ھالىتىنى چۆچەكلەردىكى پادىچى تازغا ئوخشىتىمەن...
    ئانا،
    قۇشلار قانات قېقىش مۇسابىقىسىنى باشلىۋەتتى
    ئۇلارنىڭ سايراش ئالدىدىكى ئاۋازىنى تەڭشەشلىرىدە مىسلىسىز نازاكەت بار
    ئېھ
    ئۇلارنىڭ ئاسمانلىرى نەقەدەر كەڭرى
    نەقەدەر كەڭرى!...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ ئىككى پارچە شېئىر «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2010 –يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تۈندە يولغا چىققان قۇياش
     
    ئاچ يۈرىمەن ھەمىشە
    ھەمىشە
    يالىڭاچمەن مۇھەببەتتە قەلەندەر
    تىلەيدىغان تېنىمدىكى ئايالنى.
    جىنازامغا ئۆزۈم سۆيگەن يار ئۈچۈن
    ئارتىدىغان شايى- يىپەك رومالنى...
    ئۆلىدىغان ئادەممەن
    نۆۋەت بىلەن دوزاخقا ۋە جەننەتكە
    كىرىدىغان ئادەممەن...
    ...
    كېچە چىقىپ قەلبىمدىن
    قاراڭغۇدا
    كېتىۋاتسام جىنلارنى دەسسەپ
    چىرقىرىغان لەززەتلەرنى ئاڭلايمەن.
    چاچلارغا قاپقارا تۈنلەرنى يۆگەپ
    قىزغىن قىزلارنى كۈيلەيمەن.
    ئاياللارنى
    كوچىدىكى شادىمان ئاياللارنى
    ئەرلەرگە قەستەن سۈركىلىدىغان
    سۈركۈلۈشتىن ئوت ياندۇرىدىغان
    قاقاس چۆللەرنى قاندۇرىدىغان
    تەگسىز ھاڭلارنى تولدۇرىدىغان
    ئەرلەرنى ئاشۇ قانغان چۆلدە
    ئاشۇ تولغان ھاڭدا تاشلىۋىتىپ
    ھىچ ئىش بولمىغاندەك كېتىپ قالىدىغان شادىمان ئاياللارنى كۈيلەيمەن.
    تىلىمنى كېسىۋىتىشتىن بۇرۇن
    كۆزۈمنى ئويۇۋىتىشتىن بۇرۇن
    كارنىيىمنى بوغۇزلىۋىتىشتىن بۇرۇن
    ھېچنېمە دېمەسلىككە
    ھېچنېمىگە قارىماسلىققا
    ھەتتا ياشىماسلىققا ۋەدە بېرىمەن.
    جانانلارنىڭ ئالدىدا
    كىيىملىرىمنى سېلىۋىتىشىم كېرەك،
    كۆكسۈمگە قولۇمنى سېلىپ
    يۈرىكىمنى ئېلىۋېتىشىم كېرەك،
    يۈرىكىمنى
    خۇددى ياشلىقتا تۇنجى يازغان سالام خەتتەك
    يىغلاپ تۇرۇپ يىرتىۋېتىشىم كېرەك...
    مېنىڭ ئەخلەت ناخشىلىرىم
    مېنىڭ مەينەت كۆز ياشلىرىم
    مېنىڭ پاسكىنا ئازابلىرىم
    مېنىڭ
    مېنى قىزىل، سىرىق، قارا، بىنەپشە... رەڭلەرنىڭ
    ئەگرى- بۈگرى ۋە قاراڭغۇ كوچىلىرىدا ماڭدۇرۇپ
    ئاقنىڭ ئاق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلىگە يەتكۈزىدىغان ئەدىبىياتىم!
    ئاھ
    سۇچى خوتەن
    قويچى قەشقىرىم!
    خۇداغا ئارقىسىنى قىلىپ
    ئۆلۈكىنى تۆگىگە ئارتىپ
    جەننەتكە ماڭغان مىللىتىم!...
    قەدىمقى زاماندا خۇدا مۇنداق دېگەن:
    ... ئادەم ياراتتۇق!
    قەدىمقى زاماندا خۇدا يەنە مۇنداق دېگەن:
    ...دوزاخ ياراتتۇق
    ... جەننەت ياراتتۇق!...
    تۈندە يولغا چىققان قۇياش سەھەردە مەنزىلىگە يەتتى
    ئۇ كۆردىكى
    جاھان يوپيورۇق ئىدى...
    ★★★
     

    ئۆتمە-تۆشۈك مۇھەببەت

    ئايرىلمايلى، دۇنيا تولغىچە
    قۇچاقلايلى بىر-بىرىمىزنى.
    توپان كەلمەكتە، بىزنىڭ كېمىمىز
    بىزنىڭ
    ئۆتمە-تۆشۈك مۇھەببىتىمىز.

    چېچى ئۆستەڭدىكى يىلان
    بىزنىڭ مەختۇمسۇلا، بىزنىڭ
    ئەينەكتىكى قاراڭغۇ ئاسمان.

    تېنى قەشقەرلىك ئايال داستان
    بىزنىڭ نۇزۇكۇم، بىزنىڭ
    رەستىدىكى يالىڭاچ ئورمان.

    ئەجەلنى قوشاققا قېتىپ يىغلاۋاتقان،
    بىزنىڭ ئانىمىز، بىزنىڭ
    ئۆلۈكىنى تۆگىگە ئارتىپ
    كېتىۋاتقان تەكلىماكان.

    ئايال بىزنىڭ ئەر بولغىنىمىز
    شېئىر بىزگە قايتىدىغان چۆل.
    ھايات بىزگە پاتىدىغان كۈن،
    ئۆلۈم بىزدە ئېچىلىدىغان گۈل.
    بىردەم توختايلى
    تەنبۇر چالغان غىرىب زەخمەككە
    نەي ياماشقان يالغۇز تىرەككە.
    دۇتار چالغان دەردى-ھىجرانغا
    ساتار قىلغان نالە- پىغانغا،
    راۋاپ ئوت قويغان ئىگىز ئاسمانغا...
    بىردەم توختاپ
    بولغان چاغدا مۇقام قەلەندەر
    ئۆلۈۋېلىشقا كەلگەن بىر توپ ئەر
    ئۆرگىلىگەن، چۆرگىلىگەن يەر
    ئەينەكلەردىن قاچقان ئاياللار
    كىيىملىرى ئەتلەس شاماللار
    بەدەنلىرى شاخلاپ، غۇلاچلاپ
    بۇزۇۋەتكەن قىرغاقلىرىنى
    ئېقىپ كەتكەن، ئاققان ئاھ، تاكى
    قۇرۇپ كەتكەن تەكلىماكاندەك...

    قۇچاقلاپ تۇرۇپ بىر- بىرىمىزنى
    بىردەم يىغلايلى!
     
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ ئىككى پارچە شېئىر «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۇيغۇر قىزى

    (مۇخەممەس)

    ئاھ گۈزەللىك بابىدا شاھى جاھان ئۇيغۇر قىزى،
    چېھرىدە ئاتەش زىيا، ماھىتابان ئۇيغۇر قىزى،
    كىرپىكى ئوقيا گويا، قاشى كامان ئۇيغۇر قىزى،
    جىسمى گۈل، خۇلقى سابا، روھى راۋان ئۇيغۇر قىزى،
    زاتى ئۇيغۇرغا بىھىشتىن ئارمىغان ئۇيغۇر قىزى.

    بىر كۈلۈپ باقسا قۇياشمۇ تۇتۇلار ھەيران بولۇپ،
    ئايىقىدا دەشتى-چۆللەر پىرقىرار سەرسان بولۇپ،
    غەمزىسىدىن يەتتە ئىقلىم ئاھ ئۇرار ۋەيران بولۇپ،
    ئولتۇرار دىل تەختىدە ئۇ بىرەھىم سۇلتان بولۇپ،
    جاننى جاڭگالدا قويادۇ غازىيان ئۇيغۇر قىزى.

    قەدىمى غۇر-غۇر شامال، لەرزان سۇبات، نازۇك بەدەن،
    لەۋلىرى مەي كاسەسىدۇر، سۆزلىرى شىرىن سۇخەن،
    چىشلىرى دۇررى گۆھەر، مەڭزى گويا بەرگى سەمەن،
    قامىتى سەرۋى خىرامان، ھالىتى ئاندىن لەۋەن،
    لەشكىرى نازلارىگە تەسلىم بۇ جان، ئۇيغۇر قىزى.

    دوپپىسى گۈلگە تولۇپتۇ، گۈللىرى باغدىنمىكىن؟
    ئوسمىسى كۆپكۆك ئىكەن، پەسلى باھار چاغدىنمىكىن؟
    چاچلىرى بەلگە چۈشۈپتۇ، رىشتى بەلباغدىنمىكىن؟
    جىلۋىسى ئۈركۈپ تۇرۇپتۇ، ئاھۇسى تاغدىنمىكىن؟
    گاھ بۇ جاننىڭ ئاپىتى، گاھ ناتىۋان ئۇيغۇر قىزى.

    ئاشىقى جانلارىدۇر بوينىدىكى مارجانىسى،
    تۈندە ئاي، تاڭدا قۇياش مىسكىن، غېرىپ پەرۋانىسى،
    ئىشىكى ئالدىدا يەر، ئاسمان ئۇنىڭ دىۋانىسى،
    چېقىلار قوللارىدا ئالەم ئۇنىڭ پىيالىسى،
    جىلۋىگەر ئەپسانىدىن بىر-بىر بايان ئۇيغۇر قىزى.

    يەلپۈنەر بويلارىدا غۇر-غۇر قىلىپ ئەتلەس شامال،
    تەلپۈنەر ئويلارىدا شەرمى ھايا، ئوغرى خىيال،
    يۈز تۈمەن لەشكەرى بار خۇيلارىدا جەللۇ-جالال،
    يىقىلار تاغلار ئۇنىڭ ئاياغىغا ئىزدەپ ۋىسال،
    جان ئارا جاندەك ياتادۇ جانىجان ئۇيغۇر قىزى.

    چىقتى ئۇ ئاھ رەستىگە ھەريان ئېتىپ پەيكانىنى،
    ئەگدى تىترەپ باشىنى گۈللەر كۆرۈپ سۇلتانىنى،
    چاقتى ئەينەكلەر ئۆزىنىڭ يەتتە قات ئاسمانىنى،
    كىم كۆرۈپتۇركىن ئىشىقنىڭ بۇنچە زور كارۋانىنى؟...
    ئۆزى بىلمەس جەبرىسى ئاھ، مېھرىبان ئۇيغۇر قىزى.
    ★★★
     

    تاڭ ئاتقۇچە دۇتتار چالدى بىر كىشى

    يۇلتۇزلارنىڭ كىرپىكلىرى تۆكۈلدى،
    ئايدا ئاقتى جۇدالىقنىڭ ئۆركىشى.
    شاماللارنىڭ نازۇك قەددى پۈكۈلدى،
    تاڭ ئاتقۇچە دۇتتار چالدى بىر كىشى.

    دېرىزىدىن ئاتتى چۈشلەر ئۆزىنى،
    ياقا يىرتتى جاندا كۈينىڭ داۋامى.
    ئەينەك كەبى ياتتى چۇل-چۇل چېقىلىپ
    ئايىقىغا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامى.

    بارماقلىرى يۈرەر چۆلنى يېتىلەپ،
    غالجىر مۇقام بورانلاردەك كىشنىدى.
    يەتتە ئايال، سۇنۇق پىچاق قولىدا،
    چىرقىرىشىپ لەۋلىرىنى چىشلىدى.

    لەۋلىرىدىن ئاقتى قاندەك قىزىل گۈل،
    چېچىلدى گۈل بەرگى تال-تال سەرگەردان.
    گۈل تۈۋىگە يەتتە ئەرنىڭ يۈرىكى،
    كۆمۈلدى ئاھ، ئۇنى ئەيلەپ قەبرىستان.

    كەتتى ئازاب جەسىتىنى ھاپاشلاپ،
    كەتتى ئوتتەك لاۋۇلدىغان كۆڭلەڭلەر.
    قەيەردىدۇ بىر كىم يار دەپ توۋلىدى،
    قەيەردىدۇ يىقىلدى ھەم تىرەكلەر...

    ئۇخلىمىدىم مەن كۆڭلۈمدە چۆرگىلەپ،
    ئۇخلىمايدۇ يار دەردىدە ھېچكىشى.
    سېلىپ پىغان دەرد-ھەسرەتنى ئۇسسۇلغا،
    تاڭ ئاتقۇچە دۇتتار چالدى بىر كىشى.
     
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ ئىككى پارچە شېئىر «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 3-ساندا ئېلان قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=11&TopicID=6354
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:

    گىرىپتارلىق 2011年09月16日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: