版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/161810517.html

    ئىسرائىلىيە سىياسىي تاشقىندا قالدى؟


    ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي تاشقىنى يېتىپ كەلدى!
    تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوئان 2011-يىلى 12-سېنتەبىر مىسىرغا زىيارەتكە باردى، ئىلگىرى بۇ ئىككى دۆلەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىغا زەربە بېرىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.
    تۈركىيە بىلەن مىسىر ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نەچچە ئون يىللىق مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم دوستلىرى ئىدى، ئۇلار ئەمدى قارشى ئىتتىپاقداش قۇرماقچىمۇ؟
    ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي ئەندىزىسى ئەرەب باھارى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىلدى. ئىلگىرى ئەقىلگە يەتمەيدىغان ئىشلار ھازىر كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈلىدىغان بولدى. كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر ئىسرائىلىيەنى «ئىنقىلاب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان ھاكىممۇتلەقلىق ھاكىمىيىتىنىڭ سىرتىدىكى مەغلۇب بولغان دۆلەت» دەپ قاراپ كەلمەكتە.
    «نيۇرك ۋاقىت گېزىتى» مۇنداق خەۋەر بەرگەن: ئەرەب باھارىنىڭ كۈزگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيە ئەرەب خەلقىنىڭ غەزەپلىنىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇخبىرلىرى تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە ھالدا بىزنىڭ بۇ رايوندا بىرمۇ دوستىمىز قالمىدىمۇ دېيىشتى. دىپلوماتىيە دېڭىز تاشقىنىدىن باشقا كۆپلىگەن ئىسرائىلىيەلىك تەھلىلچىلەر ئوتتۇرا شەرق سىياسىي خەرىتىسىنىڭ قايتا تۈزۈلۈشىدىن ئەنسىرمەكتە، يەنە بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس. بېسىمنى ھېس قىلغان ئىسرائىلىيە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئەرەب باھارىدىن كېيىن چېكىگە يەتكەن ئەرەب قىشىنى كۈتۈۋالىمىز، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلەردىن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى زورايماقتا.
    سىياسىيدىكى دېڭىز تاشقىنى يېتىپ كەلدى!
    ئىسرائىلىيە 11-سېنتەبىر كەچلىك گېزىتىدە مىسىرلىق نامايىشچىلارنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى دەل مۇشۇنداق تەسۋىرلىگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئەڭ يامانلىشىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، بۇ رايوندىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇھىم دوستىمىز مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ سەل تەۋرىنىپ قالدى، ئۇ غۇلاش ئالدىدا تۇرماقتا.
    ئىسرائىلىيەنىڭ ئاۋارىچىلىقى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى. 
    2011-يىلى 12-سېنتەبىر كەچتە، تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوئان مىسىردىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوئاننىڭ 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مىسىردا زىيارەتتە بولۇشى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان. ئەنگلىيەنىڭ مۇھاپىزەت گېزىتىدە تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىسرائىلىيەنى يىتىم قىلىش گىردابىغا ئىتتەردى ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن شەنبە كۈنى مىليونلىغان مىسىرلىق ئىسرائىلىيەنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى بەش مىسىرلىق ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىدىكى 86 خادىم شەپىنى ئاڭلاپلا قېچىپ كەتتى. ئالتە قاراۋۇل بىخەتەرلىك ئۆيىگە قامىلىپ، جىنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالدى. ئاق ساراينىڭ جىددىي ئارىلىشىشى ئاستىدا، مىسىر ئارمىيەسى زەربىدارلار ئەترىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قاراۋۇللىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. تۈركىيە بۇ رايوندىكى چوڭ دۆلەت ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتى بىلەن مىسىرنى قوللىدى. ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ گازاغا ياردەم ئەشيالىرى توشۇۋاتقان پاراخوتىدا تۈركىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئەردوئان ھازىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ گازاغا ياردەم بېرىش كېمىسىنى قوغداش توغرىسىدا تەھدىت سالدى. ناۋادا ئىنقىلابتىن كېيىنكى مىسىر ۋە ئىقتىسادىي جانلانغان تۈركىيە بىرلىشىپ بۇرۇنقى ئورتاق دوستىغا تاقابىل تۇرماقتا، بارلىق ئالامەتلەردىنمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىسرائىلىيە بۇ رايوندا ھەقىقەتەنمۇ يالغۇز قالىدۇ. ئىسرائىلىيە يا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى ياكى بولمىسا مۇرەسسە قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى قوشنا دۆلەتلەرگە تاڭماسلىقى كېرەك.
    مىسىر ۋەقەسى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى، ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋەرلەر گېزىتى 12-سېنتەبىر مۇنداق خەۋەر بەرگەن: ئىئوردانىيەدىكى بەزى كىشىلەر پايتەخت ئامماندىكى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان، تەشكىللىگۈچىلەر خەلقنى تىرىشىپ ئەلچىخانا ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا چاقىرغان. 10-سېنتەبىر يۈز گىرىمى تورىدىمۇ ئىئوردانىيەلىكلەرنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشى مۇراجىئەت قىلىنغان. ھازىرغىچە تەخمىنەن مىڭ كىشى قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئوتتۇرا شەرق گېزىتى 12-سېنتەبىر مۇنداق خەۋەر بەرگەن: ئىسرائىلىيەنى قورقۇنچقا سېلىۋاتقان سىياسىي تاشقىن يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئەرەب باھارىنىڭ تاشقى ئۈنۈمى بۇ دۆلەتكە بۆسۈپ كىرمەكتە.
    ئىسرائىلىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى قوغلاپ چىقىرىلدى، پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئەزا بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى، ئوتتۇرا شەرقتىكى زور ئۆزگىرىشكە قارىتا، كۈنسېرى يالغۇز قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئىلاجىسىز قالدى. نيۇرك ۋاقىت گېزىتى 11-سېنتەبىر ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى دەل مۇشۇنداق يەكۈنلىدى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قاھىرە ئەلچىخانىسى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن قامىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانى 10-سېنتەبىر تاڭ سۈزۈلگەندە قاھىرەگە بېرىپ دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ كۆرىنىش بىر قىسىم ئىسرائىلىيەلىكلەرگە 1979-يىلىدىكى ئىراندا يۈز بەرگەن ئىشنى ئەسلەتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابتا ئىران دۈشمەنگە ئايلانغان، ئىسرائىلىيە تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى خادىملارنى تارقاقلاشتۇرغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت زېمىنى گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئالۇف بىن ئوبزورىدا مۇنداق دېگەن: ناۋادا مىسىر، تۈركىيە ۋە ئىراندىن ئىبارەت بۇ رايوندىكى ئۈچ چوڭ دۆلەت بىرلا ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە بىلەن تۇتىشىدىغان بولسا، بۇ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناھايىتى قورقۇنچلۇق سىياسىي تاشقىن ھېسابلىنىدۇ.
    ئامېرىكىدىكى «مىئامى پېشۋالار گېزىتى»دە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: تۈركىيە بىلەن مىسىر ئىسرائىلىيە ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە 1949-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىسرائىلىيەنى مۇسۇلمانلار ئاساس قىلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان، مىسىر 1979-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئەرەب دۆلىتى. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشى كۆپلىگەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇردى.
    يەنە بىر مەيدان يوشۇرۇن كىرىزىس يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. پەلەستىن ئاي ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغاندەك قىلىدۇ. ېېرۇسالېمدا تۇرىدىغان ياۋروپانىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بىر ھەپتە ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئىككى دوستىدىن ئايرىلدى، يەنە تېخى پەلەستىن بىلەن بولغان دىپلوماتىيە تاشقېنىغا دۇچ كەلمەكتە، ئەگەر مەن ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولسام، جىددىيلەشكەن بولاتتىم.
    ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى 2011-يىلى 11-سېنتەبىر ئۆز دۆلىتىدىكى ئالىملار بىلەن كۆرۈشكەندە: ئىسرائىلىيە ئەرەب باھارىدىكى مەغلۇب بولغۇچى بولۇپ قالدى. دېدى، ئۇنىڭ بۇ قارىشى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 11-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئەرەب باھارى تەشۋىشى رېئاللىققا ئايلاندى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۇنىس بىلەن مىسىردا قوزغىلاڭ پارتلىغاندا، تىغ ئۇچى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلمىغان ئىدى، چۈنكى يېڭى سىياسىي تەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن، مۇھىم نۇقتا دۆلەت ئىچىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە قارىتىلغان ئىدى. لېكىن ئەرەب باھارى كۈزگە كىردى، ئىسرائىلىيە كۈنسېرى ئەرەبلەر غەزەپلىنىدىغان نىشان بولۇپ قالدى. ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: خەلقنىڭ قوزغىلىڭى ئوتتۇرا شەرقنى قاپلاپ، ئىسرائىلىيەنى يىتىم قالدۇردى، چۈنكى ئەرەب خەلقى ئىلگىرىكى مۇبارەككە ئوخشاش ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان قىلمىش ئەتمىشلىرىگە يول قويۇشنى رەت قىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەرەب خەلقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىپ بېرىدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى كاتىرىنا قارا بورىنىدىن كېيىن يېڭى ئورلېئان ئاھالىلىرىغا قىلىپ بەرگەن ئىشلاردىن كۆپ ئەمەس.
    ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «پارس قولتۇقى ئاخبارات تورى»دا 2011-يىلى 12-سېنتەبىر ئەرەب باھارى- ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي ئىنقىلابىنىڭ نامايەندىسى، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەسىرى چوڭقۇر بولىدۇ دەپ يېزىلدى. ئىسرائىلىيە دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ ھەربىي كۈچكە تايىنىپ مىسىر، ئىيوردانىيە ھەتتا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بىتەرەپ قوللىشى ئارقىسىدا پەلەستىنلىكلەرنى ئېزىدىغان كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىش شۇكى ئىسرائىلىيە ئىزچىل تۈردە «بىز قوشنا ئەرەب ئەللىرىدىن پەرقلىنىمىز، ئۇلار مۇستەبىت ھاكىمىيەت، بىز دېموكراتىك دۆلەت دەپ تەكىتلەپ كەلدى. ئىسرائىلىيەدەك ئۇزۇن مۇددەت دۈشمەننى ئەيىبلەپ پۇقرالارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەن بىر يېڭى ئويۇن.
    ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تاماشا كۆرگۈچىلەر» ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەرەب ئەللىرىدىكى سىياسىيونلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئىجابىي مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلدى، بەزىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە، يەھۇدىيلارغا قارشى كەيپىياتنى قەستەن پەيدا قىلدى، شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەب باھارىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتىن غەزەپلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئىسرائىلىيەلىك نۇرغۇن سىياسىيونلار: ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي خەرىتىسى تەلتۆكۈس قايتىدىن تۈزۈلىدۇ دەپ قارىدى.
    تېز ئۆزگىرىشچان ئەرەب دۇنياسىغا نىسبەتەن، بىر قىسىم ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ۋە تەھلىلچىلەر ئىسرائىلىيە تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان يەرگە بېرىپ قالدى دەپ قارىدى. ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «دۆلەت زېمىنى گېزىتى»نىڭ 12-سىنتەبىردىكى باش ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مىسىر بىلەن بولغان ئويۇننىڭ قائىدىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، مۇبارەك سوراق قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۈكۈت قىلىنغان كېلىشىملەر ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس. مىسىر خەلقىنىڭ يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى تاشقى سىياسىتىگە بولغان نازارىتى ئۆتكەن 60 يىلدىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. مىسىر، ئىيوردانىيە ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىدىغان ئۈنۈملۈك سىياسەت ۋە ھەل قىلىش لايىھەنى تېپىپ چىقىشى، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە مىللىي ئىپتىخارغا ئالاقىدار قۇرۇق شۇئاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
    ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە «ئالغا پارتىيەسى»نىڭ رەئىسى لىفنى 2011-يىلى 12-سېنتەبىر ئاگاھلاندۇرۇپ، خەلقئارادا تېخىمۇ يىتىم قېلىش دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەھدىتكە دۇچار قىلىدۇ، نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتىنى پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. ۋول كوچىسى گېزىتىدە 12-سېنتەبىر مۇنداق دېيىلدى: قاھىرەدىن ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنى قۇتقۇزۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈكى قاتتىق بەربات بولدى. ئىسرائىلىيە كابىنتىدىكى بەزى ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۆتكەن يىلى گازادىكى ياردەم پاراخوتىدا تۈركىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرىۋېتىش ۋەقەسىدىن كەچۈرۈم سوراشنى تەشەببۇس قىلدى، لېكىن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ قاتتىق قوللار بىلەن داۋاملىق بىر قاتاردا تۇردى. «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ئەيلىزنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ بىزگە ئاچچىقى بار، چۈنكى بىز ئىستىلا قىلغۇچى دەپ سانىلىپ، باشقا بىر مىللەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىمىز. ئەگەر بىز نىتانىياخۇ بولساق، بىز پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان بولاتتۇق. ئاندىن بىز چېگرا ۋە بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزەتتۇق. لېكىن ھازىر ئۇ ھىچ مىنە قىلمىدى. بىزنىڭ پەقەت ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىرلا ئىتتىپاقدىشىمىز قالدى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ ناھايىتى جىددىي.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-09-15)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: