«ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كۈن» - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年09月10日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/160862367.html

    «ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كۈن»


    ئامىرىكىلىقلارنى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» قورقۇنۇچلۇق چۈشى ئەگىپ كېتەلمىدى. ئامېرىكا بەش تۈرلۈك ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى.
    2001-يىل 11-سېنتەبىر، ئامېرىكا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كۈن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كۈنگە ئايلاندى. توققۇز يىلدىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنى ئۈمىدگە تولغان، قورقۇنچ بولمىغان قىلىمەن دەپ قەسەم بەردى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ھەر قايسى دىنلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. بىراق يېقىندا يۈز بەرگەن قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى «قوزغىۋەتتى»، شۇنداقلا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ناھايىتى كەسكىن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ يىراقلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى؛ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى بىلەن، ئاففانىستان ۋە ئىراققا جازا يۈرۈشى قىلدى. بىراق ئىش ئويلىغاندەك بولماي، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كېمەيتىۋەتتى؛ غايەت زور ئۇرۇش چىقىمى، توختىماي قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتتى.

    (1) ئامېرىكا «يالغۇزلۇق كېسىلى» گە گىرىپتار بولدى

    11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇش ھۆكۈمىتى «قورققانغا قوش كۆرۈنەر» دېگەندەك، سىرتقا قارىتا تاق يۆنىلىشلىك سىياسەت ۋە «ئالدىن مۇشت كۆتۈرۈش»تەك تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەنى قوللىنىپ، ئاففانىستان ۋە ئىراققا ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇلار قوللانغان تاق يۆنىلىشلىك سىياسەت ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. «يەككە  يىگانە» بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشكە باشلىدى.

    (2) ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخپىيەتلىككە دەخلى تەرۇز قىلدى

    11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ تېلېفۇنى ۋە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانما خەت ساندۇقىنى نازارەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلدى ؛ نەچچە يۈز مىڭلىغان ئاففانىستان ۋە ئىراق خەلقىنىڭ ئائىلىسى خانىۋەيران بولۇپ، نۇرغۇنلىرى قازا قىلدى، سەرگەردان بولدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئېچىنىشلىق جەڭ جاراھىتى ئورناپ كەتتى؛

    (3) ئامېرىكىلىقلار تېرورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن «قورقۇش كېسىلى»گە گىرىپتار بولدى

    11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە نيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش كۆرۈنۈشى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلارنى چۆچۈتتى، نۇرغۇنلىغان ئادەملەردە ۋەقەدىن كېيىن ئۇخلىيالماسلىق، قارا بېسىش، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئەپ ئۆتمەسلىك، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشىماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئاسارەتلىرى قېلىپ قالدى. قىسمەنلىرى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، بەزىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئويىدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى.

    (4) غايەت زور ئۇرۇش چىقىمى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى «مۇسكۇل كۈچسىزلىنىش» كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى

    ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور بەدەل تۆلىدى، ئۇرۇش باشلىنىپ ھازىرغىچە 4400 دىن ئارتۇق ئادەم ئىراق ئۇرۇشىدا، 1220 ئادەم ئاففانىستان ئۇرۇشىدا قازا قىلدى. بۇ ئىككى دۆلەتكە بولغان ئۇرۇش چىقىمى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى گايتىس ئامېرىكا كېيىنكى قېتىملىق ئىراق ياكى ئاففانىستان ئۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، دېدى.

    (5) ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى دىنغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئىرقىي كەمسىتىش ئېغىرلاشتى

    ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر نام  شۆھرەتسىز چارۋىچى جونىس قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق 11  سېنتەبىر ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ، كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
    يېقىندا يۈز بەرگەن قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى دىنغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ھەمدە تېرورلۇققا زەربە بېرىش ئۇرۇشىدىن بۇيان، «قورقۇنچ كېسىلى» نىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ بارغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2010.09.13)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghur.people.com.cn/157170/12713625.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: