版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/160757383.html

    پەلەستىن «دىپلوماتىيە ئۇرۇشى» قوزغىدى


    پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقى «دىپلوماتىيە ئۇرۇشى» پەيدا قىلدى
    «دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى پەللىگە ھۇجۇم قىلىش» پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى شوئارى. پەلەستىن ھۆكۈمىتى 20-سىنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، پەلەستىن ھازىرغىچە، تەخمىنەن 140 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپتۇ. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بولسا دىپلوماتىيەدە توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى قوزغاپ، پەلەستىن رەھبەرلىرىنى نىيىتىدىن ياندۇرماقچى بولدى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ «نيويورك ۋاقىت گېزىتى» بولسا بۇنىڭغا مۇنداق دەپ باھا بەردى: ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەكلىپ لايىھەسىنى بار كۈچى بىلەن توسۇشى دەل ۋاشىنگتوننىڭ تەڭقىسچىلىقتا قالغانلىقىدىن بولدى، يەنى ئەگەر پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قوشۇلسا، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىراقلىشىپ كېتىشىدەك خەۋپگە دۇچ كېلىدۇ؛ ئەگەر پەقەت ئىسرائىلىيەنىلا قوللىسا، ئەرەب دۇنياسىدا غەزەپ پەيدا قىلىپ، بۇ رايوننىڭ ئامېرىكىغا بولغان قارشىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
    ئىسرائىلىيەنىڭ «دۆلەت زېمىن گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 5-سىنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىننىڭ ئالىي سۆھبەت ۋەكىلى شائاز 4-سىنتەبىر مۇنداق دېگەن: ھازىر تەخمىنەن 140 دۆلەت پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ سانلىق مەلۇمات پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ بۇ بىر قانچە ئايدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان مارافونچە زىيارىتىنىڭ نەتىجىسى. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىمىز، بىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش تىرىشچانلىقىمىز، ئىسرائىليەنى يالغۇز قويۇش ياكى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى يوقىتىش ئەمەس، بىز ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق تەكلىپنى ئاڭلاشنى خالايمىز. لېكىن ئابباس يەنە تىنچلىق سۆھبىتىدە ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىن بۇرۇنقى چېگرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلىشى، شۇنداقلا ئېنىق ۋە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ۋاقىت جەدۋىلى بولۇشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 
    ئامېرىكىنىڭ «نيويورك ۋاقىت گېزىتى» 2011-يىلى 4-سىنتەبىر ئامېرىكىنىڭ ئالىي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ياز پەسلىدە پەلەستىننىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى توسۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، كىيىنكى ئىككى ھەپتىدە «ئەڭ ئاخىرقى دىپلوماتىيە ئۇرۇشى» قوزغاپ، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان كىرزىستىن ساقلانماقچى.
    پەلەستىننىڭ «تۇرمۇش» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 5-سىنتەربىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئابباسقا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننىڭ دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىگە ئالاقىدار ھەرقانداق ئىلتىماسنى ئىنكار قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەنە 70 نەچچە دۆلەتكە رەسمىي نوتا تاپشۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئومابا ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى تۆت تەرەپ سۆھبىتى» ئارقىلىق بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق پەلەستىننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ۋاز كەچكۈزمەكچى بولغان.
    ئەمما، تۆت تەرەپ كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاز بولمىغان تالاش-تارتىش مەۋجۇت، مەسىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئورۇن مەسىلىسى يەنىلا رۇسىيەنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان، ھازىر ھەرتەرەپ يەنىلا سۆھبەتلىشىش داۋامىدا ئىكەن. ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بىلايىر 6-سىنتەبىر ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ماددىلىرى ھەققىدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. پات يېقىندا ئۇ يەنە پەلەستىن بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاشتۇنمۇ بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق رايونىنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاشتۇن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدانىنى پەلەستىن رەھبەرلىك قاتلىمىغا يەتكۈزىدىكەن. پەلەستىن «يېڭى تۇرمۇش گېزىتى»نىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىسرائىلىيەگە ئارقا تىرەك بولۇپ بەرگەنلىك ئىكەن. ئەمما، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇسى بولغان «دۆلەت زېمىنى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ مۇنداق دېگەن: پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق بولدى، بۇنى توسقىلى بولمايدۇ.
    نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پەلەستىننىڭ ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئۈمىدى چوڭ ئەمەس. لېكىن پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپ ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى يوق كۆزەتكۈچى ئىگىسىدىن كۆزەتكۈچى دۆلىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، ئورۇننىڭ بۇ خىل كۆتۈرۈلۈشى پەلەستىننىڭ قانۇنلۇق دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىگە پۇختا ئاساس سىلكىپ بىرىدۇ، بۇمۇ دەل ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى. چۈنكى پەلەستىن كۆزەتكۈچى دۆلەتكە ئايلانغاندىن كىيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئاپپاراتلىرى ۋە ئەھدىنامىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، بۇ ئىسرائىلىيەگە دىپلوماتىك زەربە بولىدۇ.
    گەرچە، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىتىكى ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىسىمۇ، لېكىن پەلەستىننىڭ ئالىي سۆھبەت ۋەكىلى شائاز مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بۇ پىلاننى داۋاملىق يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بىز ھەرقانداق بىسىمگە تىز پۈكمەيمىز، چۈنكى بىزنىڭ خەلقىمىز قايتىدىن ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقكە ئېرىشىشكە ئىشەنچ باغلىدى. شائازنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاۋاز بېرىلگەندىن كىيىن، پەلەستىن خاماس بىلەن ھەمكارلىشىپ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت قۇرىدىكەن، شۇنداقلا زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىكەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-09-09)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    پەلەستىن ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇشقا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(08.09.2011) خەۋىرى:
    پەلەستىن دائىرىلىرى، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئىلتىماس سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسا، ئىسرائىلىيە تەرىپى گويا بىر ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلماقتا.
    پەلەستىن تېلېۋىزىيەسى ۋە پەلەستىن ئاۋازى رادىيوسى، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېلان قىلىش تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلدى.
    سەپەرۋەرلىك پائالىيتىىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئۆتكەن يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللاپ قىلغان سۆزلىرىدىن پايدىلىنىلدى.
    پەلەستىن تەرەپ بۇ خىل تەييارلىقلارنى قىلىۋاتقان بولسا، ئىسرائىلىيە گويا بىر ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغاندەك تەييارلانماقتا.
    ئۈچىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ ۋە ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا رايوندا ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
    ئىنتايىن تەپسىلىي پىلانلار بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە، ئەڭ ئىلغار قوراللىرىنى ئۇردۇن (ئىئوردانىيە) دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە باشقا پەلەستىن رايونلىرىدا ئىشلىتىشكە ھازىرلىق كۆرمەكتە.
    ئىسرائىلىيە، رايون قالايمىقانلىشىپ كەتكەن تەقدىردە، نۆۋەتتە تەلىم – تەربىيە كۆرۈۋاتقان 7 مىڭ 500 زاپاس ئەسكەرنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرۈشنى پىلانلىماقتا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: