ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستىراتېگىيەسى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年09月20日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/162656617.html

    ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستىراتېگىيەسى


    ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىدۇ؟
    يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسيونلار ئوباما ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشكە كۈشكۈرتتى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دە ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەمەلدارى»نىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، پىرېزىدېنت ئوباما تەيۋەنگە 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىمىتىدە قورال-ياراغ ۋە ئۈسكۈنە سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى، بۇ ئىقتىدارى يېڭىلانغانF-16A/B بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان زاپچاسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىلدى.
    بۇ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلغانلىقتىن، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارىشى تۇرىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنى «جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى»، بولۇپمۇ «17-ئاۋغۇست ئاخباراتى»دىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىشنى توختۇتۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە يەنە قۇرال سېتىپ بەرسە، بۇ «جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى»نى يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.
    كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ۋە بىرلىككە كېلىش ئارزۇسىغا پىسەنت قىلماي، تەيۋەنگە ئارقا-ئارقىدىن قورال-ياراغ سېتىپ بەردى، ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق مەنپەئەتىنى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلدى. شۇڭا بىز بۇ ئىشقا غەزەپلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستىراتېگىيە خاھىشىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك .
    بىرىنچى، ئامېرىكا تەيۋەننى ئۆزىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەيۋەننى ئۆزىنىڭ شەرقىي ئاسىيا زومىگەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى قوغداشتىكى «كوزىر» قىلىش غەرىزىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
    ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئۆمىكى يېقىندا ئېلان قىلغان «21-ئەسىردىكى ئاسىيا ئىتتىپاقچىلىرى» دېگەن دوكلاتتا: «ئەگەر تەيۋەن جۇڭگونىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە، ئاسىيا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى قوماندانلىق ئىشتابىغا تېخىمۇ زور خەۋپ يىتىپلا قالماستىن، جەنۇبىي دېڭىزمۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىشى، ياپونىيەمۇ ئىستراتېگىيەلىك تەسىرىنى يۇقۇتۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىلگەن.
    ئىككىنچى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك پىشكىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش تەپەككۇرىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
    ئالدىنقى مەزگىلدە بەزى ئامېرىكا سىياسىيونلىرى: «ھازىر ئامېرىكا تەيۋەندىن قول ئۇزىدىغان ۋاقىت بولدى» دېيىشتى. ئەمما 2011-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىى ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روس لاختىنىن «2011-يىللىق تەيۋەنگە قاراتقان سىياسەت ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانۇنى»نى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە تەيۋەنگە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەيۋەننى قايتىدىن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېزگىنللەشتىكى پىشكا قىلىش ئاساسىي تەپەككۇرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.
    ئۈچىنچى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيانغا كىرىشنى توسايدىغان بىرىنچى توساققا ئايلاندۇرۇۋېلىش نىشانىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
    ئامېرىكىلىقلار تەيۋەننى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيانغا كىرشىدىكى بىرىنجى تاقاق دەپ قارايدۇ، بۇ تاقاق چىڭ تاقالسىلا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى تىنچ ئوكيانغا ئوڭۇشلۇق كىرەلمەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىشى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن قارشىلىششىتىكى بىر نىشان، بۇ تاقاقنى كۈچەيتىكەندىلا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنى بىرىنجى ئارالدا قامال قىلغىلى بولىدۇ.
    تۆتىنچى، ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتۈپ، جۇڭگونى پارچىلاش قەستىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
    ئامېرىكا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈنۈشتە قارشى ئالسىمۇ، ئىچىدە ئازابلىنىدۇ ھەمدە ھۇشيارلىشىدۇ. ئىككى قىرغاقنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. ھەمدە پات-پات تەيۋەندىكى گومىنداڭ ۋە دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىگە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بورمان مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچى تەڭپۇڭلىقىنى ناھايىتى روشەن يوقاتقان. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەربىي كۈچى زورايغان. ئىشىنىمەنكى، ئىككى قىرغاق ھەربىي كۈچىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا جەزمەن تەيۋەنگە داۋاملىق قۇرال سېتىپ بېرىپ تەيۋەننى قوغدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشى كېرەك».
    بەشىنچى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىدىغان ئىقتىسادى ئىستىراتېگىيە غەرىزىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
    ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلاپ قالسا، بۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسى ۋە جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يەنە بىر باشلىنىشى بولىدۇ، قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشتىن كۆپلەپ پۇلغا ئېرىشكەن ئامېرىكا، تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان F-16 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كۆپلەپ باج كىرىم قىلالايدۇ. دېمەك، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ھەسسىلەپ پۇل تاپىدىغان تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىگە ئايلىنىپ قالغان .
    ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بېرمان: «قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش-بەرمەسلىك ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى ئىش، ئۇنىڭغا ھېچقانداق دۆلەت ئارىلىشالمايدۇ» دېدى.
    ئامېرىكىلىقلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتى، ھەرقانچە زومىگەر بولسىمۇ، ھېچقانداق دۆلەت ئۇنىڭغا ئارىلىشالمايدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-09-20)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: