版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/131188410.html

    غەربنىڭ قۇدرەتلىك جۇڭگونى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىستىراتىگىيەسى

    (ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا جۇڭگۇنى بىرلىكتە ئاجىزلاشتۇرۇشى مومكىن)


    جاڭ ۋىنمۇ
    (بىيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇنۋىرسىتىتى ئىستىراتىگىيە مەسىلىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

    2011-يىلىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا شەرقتە بىر مۇنچە ئۆزگىرىش بولدى. فىرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى، ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىشىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمى لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھاۋادىن زەربە بېرىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. بۇ يەردە لىۋىيە ئۇرۇش ۋەزىيتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ دۇنيا ئەندىزىسى ۋە جۇڭگۇغا بولغا ئەھمىيتىنىلا مۇھاكىمە قىلماقچى.

    ئار-نومۇس ئىچىدىكى ياۋرۇپا ئىنتىقام ئىلىشنى باشلىدى

    ش ئا ئە ت 2011-يىلى 27-مارت ئامېرىكىدىن لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش ھوقوقىنى ئۆتكۈزىۋىلىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا ش ئا ئە ت نىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىشىتن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچتى. بۇ، ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ياۋرۇپانىڭ دۇنيا سىياسىيسىدا دەسلەپكى قەدەمدە نامايەن بولۇۋاتقان مۇناسىپ ھۇجۇم ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈردى.
    ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياۋرۇپانىڭ بىرلىككە كېلىشى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېكىتىلگەن يالتا ئەندىزىسىدە ئەمەس، بەلكى يالتا ئەندىزىسى بىلەن يەكلىنىدىغان تارىخىي مۇساپىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭدىكى نىشان ياۋرۇپالىقلار يىڭى ۋەزىيەتتە ياۋرۇپا يىتەكچىلىكىدىكى دۇنيا سېستىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، يەنى ياۋرۇپادا بۆلۈنۈش ۋە مۇستەملىكە سىستىمېسى بولمىغان «ۋىرسال سىستىمېسى»نى ئامېرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى لايىھەلىگەن، ياۋرۇپانى شەرقىي ياۋرۇپا ۋە غەربىي ياۋرۇپاغا بۆلۈش ھەم بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياۋرۇپانى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 1946-يىلىدىن باشلاپ يېرىم ئەسىردىن بۇيان جاپالىق كۈنلەردە ئۆزىگە مەدەت بېرىۋاتقان ياۋرۇپالىقلار «يالتا سىستېمىسى»نى پارچىلاش ۋە 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «ۋىرسال سىستېمىسى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستىراتىگىيەلىك نىشانغا ئاساسىي جەھەتتىن يەتتى.
    «نىشانغا ئاساسىي جەھەتتىن يەتتى» دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، ياۋرۇپالىقلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى تېخى تولۇق قايتۇرىۋالالمىغانىدى. ئوتتۇرا دېڭىز ياۋرۇپانىڭ «يۇمشاق قورسىقى» بولۇپ، تارىختا ياۋرۇپا مەدەنىيتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋال تېپىشى ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلانغان. ياۋرۇپالىقلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ياۋرۇپا تەقدىرىنىڭ ئايلانما ئىشىكى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى قايتۇرىۋىلىنمىسا، ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقى ئۆزىنى قوغداش توسۇقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە، بىرلىككە كېلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىيەلمەيدۇ.
    دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ 2008-يىلى 17-فىۋرال كوسوۋۇ پارلامېنتىنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنى ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بالقان يىرىم ئارىلىدا تاماملىدى.
    شۇ يىلى 13-ئىيۇل ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27دۆلەت ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى 16دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى پارىژدا باشلىقلار يېغىنى ئۆتكۈزۈپ، 1995-يىلى ساركوزى ئوتتۇرىغا قويغان «بارسېلونا مۇساپىسى: ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى» پىلانىنى رەسمىي باشلاشنى قارار قىلدى. باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا: ئوتتۇرا دېڭىز بويىنى تىنچ، دېمۇكراتىك، ھەمكارلىق ئورنىتىلغان ۋە گۈللەنگەن رايۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىندى،دېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلدى.
    2010-يىلى ئامېرىكا «ئاسىياغا قايتىش» ۋە ئۇرۇش قىلغۇچى قىسمىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ياۋرۇپالىقلار غايەت زور ئىستىراتىگىيەلىك بوشلۇقنى ھىس قىلدى. 2011-يىلىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق ئويلىمىغان يەردىن ياۋرۇپانىڭ نىشانى بىلەن بىر يەردىن چىقىپ قالدى. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى تەسىر كۈچىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ياۋرۇپانىڭ ھەقىقىي بىرلىككە كېلىشىنى تاماملاشقا شىمالىي ئافرىقىدىكى مالىمانچىلىقلا كۇپايە قىلمايىتتى، ھەقىقىي ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يەنە «مىلتىق» ئارقىلىق ماسلىشىشقا توغرا كېلەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، لىۋىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى مۇۋاپىق بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ قالدى.
    ساركوزىنىڭ تەنتەك بىلىنىدىغان مىجەزى ياۋرۇپاغا ئۇلۇغ تارىخىي سەھىپە ئېچىپ بېرىشى مومكىن. چۈنكى، ياۋرۇپا 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 10يىلىدا ئوتتۇرا ئاسىياسىدا ئامېرىكىنى كاردىن چىقاردى. ئىككىنچى 10يىلى باشلانغاندا ياۋرۇپالىقلار ئۇرۇش كۈچىنى مۇستەقىل ھالدا شىمالىي ئافرىقىغا قاراتتى. ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ 19-ئەسىردىكى دۇنيانى ئىدارە قىلىش تەجىرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، كازافىي ھاكىمىيتىنى يوقاتماي ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدا يەنە بىر ئۆكتىچى «ھاكىمىيەت»نى يۆلەپ تۇرغۇزغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك مەنپەئەتى تېخىمۇ زورىياتتى. چۈنكى، ئۆكتىچىلەر «ھاكىمىيتى» ياۋرۇپانىڭ ھەربىي كۈچىگە مۇتلەق تايانغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى لىۋىيەنىڭ نېفىت قاتارلىق ماددىي مەنپەئەتىگە چەكلىمىسىز ھالدا ئېرىشىپلا قالماي، لېۋىيەدە تېخىمۇ پۇت تېرەپ تۇرۇپ ھەم شەرق ۋە غەربكە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ياۋرۇپانى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستىراتىگىيەلىك نىشانىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ.
    ئۆتكەن 20نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى تەڭ ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت يالتا سېستىمىسىدىن ۋاز كېچىش، ئۇنىڭ ئورنىغا ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكا تەڭ ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت دۇنيا سىستېمىسىنى دەسسىتىش- ئامېرىكا رىگان مەزگىلىدىن بوش مەزگىلىگىچە يولغا قويۇلغان دىپلۇماتىيە يۈزلىنىشى بولۇپ كەلدى. ياۋرۇپانى بىرلىككە كەلتۈرۈش بالقان رايۇنىدىكى كوسوۋۇدا تاماملانغاندىن كېيىن، 2010-يىلى «ئاسىياغا قايتىش» جاكارلاندى. 2011-يىلى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق ۋە لىۋىيە ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرتمىدى. ياپۇنىيە كۈچلۈك يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، جۇڭگۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن كېلىدىغان ئىستىراتىگىيەلىك بېسىمى قىلچە پەسەيمىگەن.

    ئامېرىكا-ياۋرۇپانىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشى قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟


    دۇنيا ۋەزىيتىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى يۇقىرىقى تەھلىلىمىز توغرا بولسا، ئوتتۇرا شەرق ۋە يىراق شەرق رايۇنلىرىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىش بولىدۇ:

    (1) لىۋىيە: ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى نەتىجە چوڭ بوشنىڭ «پارس قولتۇقى ئۇرۇشى» شەكلىدىكى نەتىجىگە ئېرىشىش، يەنى كازافىغا ئېغىر بېسىم قىلىش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتكە قارشى «ھاكىمىيەت»مۇ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇش؛ ئۇنىڭدىن قالسا، كىچىك بوش قوزغىغان «ئىراق ئۇرۇشى»دەك نەتىجىگە ئېرىشىش؛ يەنى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ كۈچى يەتمىگەنلىكتىن، لىۋىيەدىكى ئىككى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، ئاخىرىدا ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىش، نەتىجىدە ئامېرىكا ياۋرۇپادىكى مۇتلەق تەسىر كۈچىگە قايتا ئېگە بولۇش.
    ئامېرىكىدا ياۋرۇپانىڭ موقىم بولىشىغا پايدىلىق بولغان ۋەزىيەت بولۇشى كىرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، ياۋرۇپا پىلان بويىچە ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى ھەرىكىتىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدا لىۋىيەدە توقونۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ لىۋىيەدە شەرق بىلەن غەربنى «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» ۋەزىيتى شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە بۆلۈنۈپ كېتىش ئەمەلىيتى كۆرۈلگەنلىكىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىش نەتىجىسى كۆرۈلۈشى مومكىن.

    (2) ياپۇنىيە. ئامېرىكا «ئاسىياغا قايتىش»تا ئاساسەن ياپۇنىيەگە تايىنىدۇ. ياپۇنىيە نىمىلا دېگەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاتۇم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن، ياپۇنىيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولوشى چاۋشىيەننىڭ يادرۇ قورالىغا ئېگە بولۇشىدىنمۇ خەتەرلىك. شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى يادرۇ قوراللارنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياپۇنىيەنىڭ يادرۇ قورالغا ئىگە بولۇش مەسىلىسىنى ئۇدۇل دېيىشى قولايسىز.
    ئامېرىكا شەرقىي ئاسىياغا قايتىش ھەم ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقى، يەنى ئانگلو-ساكسونلار دۆلەت ئىتتىپاقى قۇرۇش (يالتا ئىتتىپاقى، يەنى رۇسىيە بىلەن جۇڭگۇنىڭ يىراق شەرق سىستېمىسى ئەمەس) ئۈچۈن ئاۋۋال ياپۇنىيەنىڭ يادرۇ ئىقتىدارىنى بىكار قىلىشى كىرەك. 2011-يىلى 8-مارت ياپۇنىيە توكيوتو ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شىنتارو ئىىشىخارا: «ياپۇنىيە بىر يىل ئىچىدە يادرۇ قورالى ياساپ چىقالايدۇ» دېگەن. گەپ ئۇدۇل كېلىپ قالدىمۇ قانداق؟ ئۇزاق ئۆتمەي ياپۇنىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ياپۇنىيەنىڭ نەچچە ئون يىل تەرەققىي قىلدۇرغان يادرۇ ئىقتىدارى ئاساسەن ۋەيران بولدى. ئەلۋەتتە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ياپۇنىيەنىڭ ئاسىيانى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىشىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشتىكى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە بولمايدىغان غەم-ئەندىشىسى تۈگىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ياپۇنىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ، ياپۇنىيە ئامېرىكىغا تايىنىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە خىزمەت قىلىدۇ.

    (3) جۇڭگۇ. ئامېرىكا-ياۋرۇپانىڭ دۇنيا بايلىقلىرى تەقسىماتىدا جۇڭگۇ ئاجىزلاشتۇرىلىدىغان نىشان.
    ئەگەر ئامېرىكىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» سىياستى يالتا كېلىشىمىدىكى ئەنئەنىۋى جۇڭگۇ-رۇسىيە-ئامېرىكا ئىش تەقسىماتىدىكى چوڭ ئەندىزىگە ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىش تەقسىمات ئەندىزىسىگە قويۇپ ئويلايدىغان بولساق، جۇڭگۇ-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش بوشلۇقى زور دەرىجىدە كىچىكلەيدۇ. مۇتلەق بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان خەلقئارا سېستىمىدا، دۇنيادىكى بايلىق ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئىقتىدارى سىرتنىڭ بايلىق جەھەتتىن قوللىشىغا مۇھتاج ھەم بۇ قوللاشقا مۇتلەق تايىنىدىغان بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجىغا يەتمەيدۇ.
    دۇنيادا بايلىق چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا ياۋرۇپانىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار «سوۋىت ئىتتىپاقى»دىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ توسالغۇنى يوقاتتى. شۇنداقلا ئامېرىكا «ياۋرۇ»نىڭ كىيڭىيىشىنى مەلۇم جەھەتتىن ئىتراپ قىلىدۇ. ئەمدى ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ جۇڭگۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئارىدىن تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىدۇ.
    2010-يىلى 15-ئاپرىل ئامېرىكا پىرىزدىنتى باراك ئوباما ئېنىق قىلىپ: «ئەگەر بىر مىليارد جۇڭگۇ ئاھالىسى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش ياشىسا، بۇ، ئىنسانلار ئۈچۈن تىراگىدىيە؛ جۇڭگۇلۇقلار باي بولسا بولىدۇ، لېكىن جۇڭگۇ رەھبەرلىرى يەر شارى بەرداشلىق بىرەلىگۈدەك يىڭى ئەندىزە تېپىشى كىرەك؛ دېمەك، ئەگەر تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگۇ ئۆزىدىنمۇ تەرەققىي قىلغان غەرب دۆلەتلىرىگە بايلىق ئۆتۈنۈپ بەرمىسە، ئۇ ‹ئورۇن بوشىتىشى› ياكى ئاڭلىق ھالدا ‹تۆۋەن كاربۇنلۇق› يولدا مېڭىشى كىرەك» دېگەنىدى.
    ئەلۋەتتە، جۇڭگۇ بۇنى قوبۇل قىلماي، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىدۇ.

    2010-يىلى ياۋرۇپا كۈچىنى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا «ئاسىياغا قايتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. رۇشەنكى، بۇ، ئامېرىكىنىڭ قەسىمى بولۇپلا قالماي، ناتونىڭ(ش ئا ئە ت)، شۇنداقلا ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكىنىڭمۇ قەسىمى.
    قارىغاندا «بۆرە» راست كەلگەندەك قىلىدۇ. ئۇ بىرلا بۆرە بولۇپ قالماستىن، بىر تۈركۈم بۆرىنى باشلاپ كەلمەكتە، باشلامچى «بۆرە» قېرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بۆرىلەر يىڭى ھاياتقا ئېرىشكەن ھەم قىرى «بۆرە» بىلەن ئىستىراتىگىيەلىك تەقسىمات ۋە پايدا تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭشىگەن.
    دۇنيا كۈچى قايتا تەشكىللىنىۋاتىدۇ، ھەقىقىي جەڭ يىقىنلاشماقتا.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: ئۇيغۇرچە «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» گېزىتى
    يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-27
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://xjnida.com/ji/2/486.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: