版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130941812.html

    ئوباما ئوتتۇرا شەرق يېڭى سىياسىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى


    مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن داۋالغۇش كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە قانداق تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ؟
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011- يىلى 19-ماي مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا: «سۈرىيە ھازىر مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە، مىسىر ۋە تۇنىس ياردەمگە ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە بولسا پەلەستىننىڭ 1976-يىلىدىكى چېگرا سىزىقى ئىچىدە دۆلەت قۇرۇشىغا ماقۇل بولىشى كېرەك» دەپ ئېلان قىلدى.
    شۇ كۈنى ئوباما ئامېرىكا گۇۋۇيۈەنى بىنجامىن فرانكىلىن زالىدا مۇھىم سۆز قىلغان، بۇ ئوبامانىڭ 2009-يىلى ئىيۇلدا مىسىر پايتەختى قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلىگەندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇھىم نۇتۇق ئېلان قىلىشى.

    سۈرىيە مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە

    2011-يىلى 18-ماي ئوباما مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا «زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى» نەزەردە تۇتۇپ، سۈرىيەنىڭ يەتتە چوڭ ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلىكىنى توڭلاتقان، مۈلۈكى توڭلىتىلغانلار سۈرىيە زۇڭتۇڭى بېشار ئەسەد ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    ئوباما 2011-يىلى 19-مايدىكى نۇتۇقىدا: «زۇڭتۇڭ ئەسەد چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە، ئۇ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىشى ياكى ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر بۇنداق بولمىسا دۆلەت ئىچىدە داۋاملىق خىرىسقا ئۇچرايدۇ، دۆلەت سىرتىدا تايانچسىز قالىدۇ» دېگەن.

    مىسىر بىلەن تۇنىس ياردەمگە ئېرىشىدۇ

    ئوباما ھۆكۈمەتلىرى ئالمىشىپ بولغان مىسىر ۋە تۇنىس توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ ئىككى دۆلەتكە كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر ئامېرىكا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنى مالىيە جەھەتتە ياردەم قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا مىسىرنىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قەرزىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.

    پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى

    ئوباما 2009-يىلى قاھىرەدە نۇتۇق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرۈگەن، يەنە «پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بىر يىل ئىچىدە مەسلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىدۇ» دېگەن، لېكىن ئىككى يىلدىن بۇيان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن.
    ئوباما 2011-يىلى 19-مايدىكى نۇتۇقىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ زىمىن پۈتۈنلۈك تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 1976-يىلى بېكىتكەن چېگرا سىزىقى ئىچىدە دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويىشى كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق بولغاندا ئىككى دۆلەت مەسلىسىنى تىنچ، بىخەتەر، ئورتاق مەۋجۈت بولغان ئاساستا ھەل قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.»

    يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-20
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-05-20)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ★★
    ئوبامانىڭ مەشھۇر ئوتتۇرا شەرق نۇتقى


    تۈركىيە ئاۋازى(26.05.2011) رادىيوسى:
    («تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» پىروگىراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى 21-سانىدا ئامىرىكا پىرىزدىنتى باراك ھۇسەيىن ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇتقى ھەققىدە توختىلىمىز.)
    ئۆتكەن ھەپتە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ئىدى. تەخمىنەن 6 ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىنقىلابلار ۋە ئىسيانلار تېخىچە بېسىقمىدى. بۇنداق بىر  شارائىتتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسىتى ۋە رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ سەۋەبتىن، بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تارىخىي نۇتىقى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
    ئوباما پۈتكۈل دۇنيا تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان نۇتقىنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېيىنكى 6 ئايدىن بۇيان جىددىي ئۆزگىرىش باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى تەلەپ قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ ئاغدۇرۋېتىلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىككى رەھبەرگە باشقا رەھبەرلەرنىڭمۇ قوشۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دېيىش بىلەن باشلىدى. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى مۇستەقىللىقىگە ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن خەلقنىڭ تولۇق مەنىدىكى مۇستەقىللىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئوباما بەزى دۆلەتلەردە نېفېت ۋە تەبئىي گاز زاپىسى مول بولسىمۇ، لېكىن بۇ بايلىقلارنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ باياشات بولۇشىغا كۆپ پايدىسى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. باراك ئوباما غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن بەزى ھاكىمىيەت ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئوباما ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ رايوننى ئەركىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا تۇنىس، مىسىر، لىۋىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مىسال بولالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
    ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە دېموكراتىيە دولقۇنلىرىنى تەكىتلىگەن پىرېزىدېنت ئوباما، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆز-ئارا مەنپەئەت ۋە ھۆرمەتكە تايىنىپ تۇرۇپ يولغا قويىدىغانلىقىنى ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئەبەدىي داۋاملىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئوباما ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قاتارلىق يېڭى ئەركىنلىك تۈرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق خەلقىگە قارشى قاتتىق قوللۇق قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىشىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئوباما رايوندا ئالەمشۇمۇل ھەق ھوقۇقلارنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئوباما بۇنڭدىن كېيىن پىرىسىنپلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى دېپلوماتىك، ئىقتىسادىي،  ئىستىراتېگىيىلىك يوللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.
    ئوباما ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپى ئۈستىدە توختىلىپ، قەززافىنىڭ چوقۇم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن پايدىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، سۈرىيە پىرېزىدېنتىگىمۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرىلگەنلىكىنى ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلۇشى ياكى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئوبامانىڭ سۆزىدە كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن ئىشلاردىن بىرى مىسىردىكى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتلارغا ماددىي جەھەتتە ياردەم قىلىش مەسىلىسى ئىدى. ئوباما مىسىر ۋە تۇنىستا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ھەم  بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلەپ ياخشى تەڭشەش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئوباما سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەرقىي ياۋروپاغا بېرىلگەن ئىقتىسادىي ياردەملەر ۋە قايتىدىن بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭغا ئوخشاش پىلان لايىھەلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.
    ئوباما تەكىتلىگەن يەنە بىر مەسىلە ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسىلىسى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەق قىلىش يوللىرى ئىدى. ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىراق بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئوباما، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىنمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
    ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدىكى قاراشلىرىغا يېڭى مەزمۇنلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى لېكىن بۇرۇنقى قاراشلىرىنىڭ ئەسلىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەنىڭ تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشى سىياسەتلىرىنىڭ تىنچلىقنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم توسالغۇ سۈپتىدە كۆرۈشى مۇھىم يېڭىلىقلاردىن ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاماسنىڭ ھۆكۈمەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىشى بەزى مەسىلىلەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سىياسەتلىرىنىڭ يەنىلا ئۆزگەرمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. ئوباما، ئۆزىگە نىسبەتەن بىردىنبىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئىكەنلىكىنى، بۇ شەكىلدە بولغاندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ پەلەستىنلىكەرگە ئەركىن بىر ۋەتەن ئىسرائىلىيەگە بولسا بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئوبامانىڭ پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك سۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى ئالتە كۈن ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى چېگرا لىنىيىسىگە قايتىشىغا دائىر سىگنالى ئىدى. بىراق بۇ شەكىلدە تىنچلىق ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ياقلىغان ئوباما قۇددۇسنىڭ كېلەچىكى ۋە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىگە باغلىق ھالدا ھەل بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
    خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، ئوبامانىڭ ئىنقىلابتىن ئىقتىسادقىچە، مىسىردىن پەلەستىنگىچە بولغان كەڭ دائىرىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرى دەسلەپ قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلىنىشى مۇمكىن. لېكىن، ئىجرا قىلىشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرنىڭ بۇنىڭغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. ئەسلىدە بۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. سۈرىيە ۋە لىۋىيە ئۈچۈن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بەسرە قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمەسلىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇرۇنقى سىياسەتلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. ئوباما سەمىمىيلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 2012-يىلىغىچە ۋاقتى بار. كېيىنكى ئەھۋاللار بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سايلاملارغا ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلىقتەك كۆرۈنمەكتە.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق يېڭى سىياسىتىگە قانداق مۇددىئالار يوشۇرۇنغان؟

    غەربىي ئاسيا ۋە شىمالىي ئافرىقا سىياسىتى ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىلى 19-ماي <ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىغا قاراتقان يېڭى شىياسىتى> توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ يېڭى سىياسەتكە بولغان گۇمانىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى ئىلگىرى سۈردىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ رايوندىكى خەلقنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

    ئوبامانىڭ نۇتۇقىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش <چوڭقۇر سىڭىپ كىرىش> بىلەن <ئىجابىي يېتەكلەش> ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئۈچ چوڭ تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    بىرىنچى، دېموكراتىيە بىلەن ئىنسان ھوقۇقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆلچەمنى ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىگە قارىتىلغان تەدبىرنى پەرىقلەندۈرۈش.
    ئىككىنچى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەمنى كۈچەيتىش.
    ئۈچىنچى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنىچلىق سۆھبىتى ۋە <ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنىچلىق تەرەققىياتى>نى ئىلگىرى سۈرۈش.

    ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەڭشىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنى ئىلگىركى <بىخەتەرلىك بىرىنچى> بىلەن <نېفىت مەركىزى> بۈگۈنكى <ئىنسان ھوقۇقى> بىلەن بىخەتەرلىكىنى، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى تەڭ تۇتۇشقا ئۆزگەردى.
    ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى يولغا قويۇلۇشىدا <دېموكراتىيە، ئىنسان ھوقۇقى>نى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش؛ ئېقىمغا قاراپ ئىش كۆرۈش؛ توپلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ، لىۋىيە، سۈرىيە، ئىران قاتارلىق كۆزگە قادالغان مىخلارنى يۇلۇۋېتىش؛ بېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش؛ كېلەر قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئۇل سېلىش ۋە ئوتتۇرا شەرق يېڭى تەرتىپىنى داۋاملىق ساقلاشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇددىئاسى بار.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ قانۇچىلىق گېزىتى»دىن يوللىغۇچى: مىھراي
    يوللانغان ۋاقىت: 24-05-2011
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.hawar.cn/news/7187.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: