版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130636720.html

    تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى ئۆمەر ئېتىپ تاشلاندى

     


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2011-يىلى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
    ئافغانىستاننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاخبارات ئەمەلدارى 23-ماي شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئافغانىستان ئاخبارات تارماقلىرى ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ رەھبىرى ئۆمەرنىڭ پاكىستاندا ئېتىپ تاشلانغانلىقىغا ئالاقىدار ھەقىقىي خەۋەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
    ئىگىلىنىشچە، ئۆمەر پاكىستاننىڭ غەربىدىكى شەھەر كوداھدىن شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىغا كېتىۋاتقاندا ئېتىپ تاشلانغان.
    ئافغانىستاننىڭ يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 23-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئافغانىستان ئاخبارات ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆمەر پاكىستاندا ئېتىپ تاشلاندى دېدى، لېكىن ئېتىپ تاشلانغان ۋاقتى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.
    ئافغانىستاننىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 23-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق.
    رېيتېر ئاگېنتلىقى 23-ماي ئافغانىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: تالىباننىڭ باياناتچىسى يۈسۈف شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تالىباننىڭ ئەڭ چوڭ ئەمەلدارى موللا مۇھەممەد ئۆمەر بۇندىن بۇرۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېگىنىدەك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلمىدى، ئۇ تېخى ھايات دېگەن.
    خەۋەرگە قارىغاندا، يۈسۈف پاكىستاندا تەسىس قىلىنغان ئافغانىستاننىڭ ئىسلام ئاخبارات ۋاستىسىغا ئۆمەرنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەر يالغان، ئۆمەر تېخى ھايات دېگەن.
    ئافغانىستاندىكى بىر شەخسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئۆمەر پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى دېيىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۆمەر ئىككى كۈن ئىلگىرى، پاكىستاننىڭ جىدا شەھىرىدىن شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىغا كېتىۋاتقاندا، پاكىستاننىڭ ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال خەمىد گۈل تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى.
    تۇنۇشتۇرۇلۇشچە، بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن ئۆمەر ئافغانىستاندىكى قۇراللىق گۇرۇھ تالىباننىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھازىرقى ئالىي رەھبىرى ئىكەن، ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن سىرت بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن، ئۇنىڭ تەققى تۇرقى، خاراكتېرى قاتارلىقلارنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئازكەن. ئۆمەرنىڭ ئۈچ ئايالى بولۇپ، ئارىسىدىكى بىرى بىن.لادىننىڭ قىزى ئىكەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-23)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى ئۆمەر يوقاپ كەتتى


    (چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئۆمەرگە ئائىت خەۋەرلەر)

    ئافغانىستان ئاخبارات تارماقلىرى ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھازىرقى رەھبىرى ئۆمەرنىڭ پاكىستاندا ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما پاكىستان بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىر گەپ قىلمىدى. ئىز دېرىكى ناھايىتى سىرلىق تالىباننىڭ بۇ كاتتىبىشىنىڭ تەقدىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
    پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مالىك 2011-يىلى 23-ماي مۇنداق دېدى: چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچكىچە، كاراچى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە قىسىمى بازىسى ئىچىدىكى قوراللىق كۈچلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى ئاياغلاشتى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمىدىن 10 كىشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئېتىشقاندا قازا قىلدى، بارلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار ئېتىپ تاشلاندى.
    ئافغانىستاندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى 23-ماي ئافغانىستان ئاخبارات ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى ئۆمەر پاكىستاندا پاكىستان ئاخبارات تارمىقى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى دەپ خەۋەر قىلدى. پاكىستان ئاخبارات تارمىقى ئارقىدىن بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى. ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 23-ماي مۇنداق دېدى: ئۆمەرنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئۈچ تۆت كۈن بولدى، ئۆمەرنىڭ پاكىستان چىكرىسى ئىچىدە ئېتىپ تاشلانغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئافغانىستاندىكى تالىبان باياناتچىسى 23-ماي ئۆمەر يەنىلا ھايات دېدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەرنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇردىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتتى.
    قوراللىق كۈچلەر 22-ماي يىرىم كىچىدە پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى بازىسىغا ھۇجۇم قىلىشىنى باشلىغان. يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بازىدا 13 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن. شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 22-ماي سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 10، 15 قوراللىق ئۇنسۇر ئاپتوماتىك پىلموت، راكېتامىيوت ۋە گىرانات ئىلىپ بازىنىڭ ئۈچ تەرىپىدىكى تامدىن ھويلىغا كىرگەن، ئۇلار ئالدى بىلەن بازىدا توختىتىپ قويۇلغان ئىككى چارلىغۇچى ئايروپىلاننى پارتلاتقان، ئايروپىلاننىڭ پارتلىشى بىلەن بازىغا ئوت كەتكەن.
    پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى تەھلىل قىلىپ، قوراللىق كۈچلەر نىشاننى توغرا بېكىتكەن شۇنداقلا يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئەستايىدىل پىلانلانغانلىقىنى، ئىشتىن ئاۋۋال قوراللىق كۈچلەرنىڭ بۇ بازىنى رازۋېدكا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ دېدى. بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پاكىستان ئارمىيىسنىڭ خادىملىرى ۋە قورال-جابدۇقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق سىلىپلا قالماستىن، پاكىستان پۇقرالىرىنىڭ ئارمىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىغا بولغان گۇمانىنى پەيدا قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ قوراللىق كۈچلەر قانداق قىلىپ شۇنچە كۆپ قورال-ياراغ، ئوق-دورالارنى ئۈلىپ ئۈچ تامدىن ئۆتۈپ بازىنىڭ ئىچىگە كىرەلىگەندۇ؟بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار تەرەپلەر نېمە ئۈچۈن ئون نەچچە سائەت شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمىدى؟ دېگەن سوئاللارنى قويۇشتى.
    پاكىستاندىكى تالىبانلار بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى شۇنىڭ بىلەن بۇ بىن لادى قىساس ئالغىنىمىز دېدى. بۇ قېتىملىق ۋەقە 2009-يىلى پاكىستاندىكى تالىبان راۋالپىندىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتاتىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن، پاكىستان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىشى. 23-مايدىن تارتىپ، پاكىستاندىكى ھەرقايسى ھەربىي تارماقلار بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.
    پاكىستاننىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى تەھلىلچىسى كۆرەش مۇنداق دېدى: پاكىستاندىكى تالىبان بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تىرۇرلۇق ھۇجۇمى قوزغىغان، تالىبان بىلەن بازا تەشكىلاتى بىن لادىننىڭ قىساسىنى ئىلىش نامى بىلەن سېپىنى كېڭەيتىپ، پاكىستان ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ قاتتىق ھۇجۇم قوزغايدۇ، پاكىستاننىڭ كىيىنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن. كۆرەش مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۆمەرنىڭ پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى راست بولسا، ھازىر پاكىستانغا ئاداۋىتى بولمىغان ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھۇجۇم نىشانىنى پاكىستانغا قارىتىشى مۇمكىن.
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 22-ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەگەر كەلگۈسىدە پاكىستاندا ئۆمەرگە ئوخشاش باشقا تېررورلۇق گۇماندارى بايقالسا، ئامېرىكا يەنىلا بىن لادىننى ئېتىپ تاشلىغانغا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىۋىرىدۇ. ئۇ ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدۇ، لېكىن «تېررورلۇق ھۇجۇمى سۇيىقەستىنىڭ تەييار بولغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ھەرىكەت قوللانماسلىققا يول قويمايدۇ».
    ئوباما شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پاكىستان ھەمكارلاشمىغان بولسا، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن بولاتتى، لېكىن ئامېرىكا بىلەن پاكىستان «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» ئورنىتىشى كېرەك.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-24)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئاففانىستاننىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى تالىبان رەھبىرى ئۆمەرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى

    شىنخۇا تورى كابۇل 2011-يىلى 23-ماي تېلېگراممىسى:
    ئاففانىستاندىكى بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئاخبارات ئەمەلدارى 23-ماي مۇخبىرلارغا ئاففانىستان ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ توغرا ۋە ھەقىقىي بولغان خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، تالىبان رەھبىرى ئۆمەرنىڭ پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.
    ئىگىلىنىشىچە، ئۆمەر پاكىستاننىڭ غەربىدىكى كۈيدەدىن ۋەزىرىستانغا قاراپ ماڭغاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    ئاففانىستان يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 23-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاففانىستان ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆمەرنىڭ پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىراق قاچان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    ئاففانىستاننىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ئۇلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدى، ھەمدە شۇ يەر ۋاقتى 23-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.


    تالىبان رەھبىرى ئۆمەرنىڭ تەرجىمھالى

    ئاففانىستاندىكى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئەڭ ئالىي رەھبىرى موللا. مۇھەممەد. ئۆمەر 1964-يىلى ئاففانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ھەمدە بىر نەچچە ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1979-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئاففانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ئاففانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىگە كۆچۈپ كەلگەن. 1979-يىلدىن 1989-يىلغىچە ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئۆمەر جەڭ جەريانىدا تۆت قېتىم يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان. سوۋىت ئىتتىپاقى چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بىر دىنىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
    ئۆمەر 1994-يىلى ئاۋغۇستتا، ئاففانىستاننىڭ مۇساپىرلار لاگىرىدىكى ئىسلام دىنى مەكتىپىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى ئاففانىستان قوراللىق مەزھىپى تالىبان دەپ ئاتىغان. تالىباننىڭ ئەرەپچىدىكى مەنىسى «دىنىي ئوقۇغۇچىلار» دۇر. ئۆمەرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ ئاففانىستاندىكى ھەر قايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۈچلۈك مەزھەپ بولۇپ قالغان ھەمدە ئەسكەر كۈچى 50 مىڭ ئادەمدىن ئاشقان. 1996-يىلى مارتتا، ئۇ ئۆزىنى «ئەمىر» دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. بۇ مۇخلىسلارنىڭ رەھبىرى دېگەن مەنىدە. شۇ يىلى ئاپرېلدا ئۇ يەنە داغدۇغىلىق دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن. 1996-يىلى سېنتەبىردە، تالىبانلار ئاففانىستان پايتەختى كابۇلغا ھۇجۇم قىلغان، ئۆمەر ئالتە كىشلىك كومىتېتتىن بىرنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دەپ قۇرغان. 2001-يىلى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئاففانىستان تەۋەسىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغان. بىراق ئۆمەر ۋە تالىباننىڭ قالدۇق كۈچلىرى تاغلىق رايونلاردا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. 2005-يىلى مايدا، ئاففانىستان ھۆكۈمىتى قورال تاشلىغان تالىبانلارنى جازادىن خالاس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ئۆمەر بۇ ئالاھىدە كەچۈرۈمنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئاففانىستان ھۆكۈمىتى ئارمىيەسى بىلەن ئاداققىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-05-23)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    تالىبان رەھبىرى ئۆمەر پاكىستاندا ئېتىپ تاشلاندى

    «يەر شارى تورى»نىڭ 23-ماي خەۋىرى:
    ئافغانىستان يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئافغانىستان ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئۆمەر پاكىستاندا ئېتىپ تاشلانغان، ئەمما ئېتىپ تاشلانغان ۋاقتىنى ئېيتمىغان.
    ئافغانىستان ئاخبارات ئەمەلدارى ئۇنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلىدىكەن.
    ئافغانىستان تالىبان تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئەڭ ئالىي رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئۆمەر 1964-يىلى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، بىر قانچە ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1979-يىلى سوۋېتلەر ئارمىيىسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئۇ 1979-يىلدىن 1989-يىلغىچە بولغان سوۋېت تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، كېيىن ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. موللا ئۆمەر ئۇرۇشتا 4 قېتىم يارىدار بولغان. بىر قېتىملىقىنى بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان.
    1994-يىلى 8-ئايدا ئافغانىستان مۇساپىرلار لاگىرىدا ئىسلام مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئافغانىستاندىكى قوراللىق گۇرۇھ تالىباننى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە تالىبان بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ ئافغانىستاندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر تارماق كۈچ بولغان، ئەسكىرىي كۈچى 50 مىڭغا يەتكەن. 1996-يىلى 3-ئايدا ئەمىرلىككە سايلانغان. 1996-يىلى داغدۇغىلىق دىننىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ تالىبان ھەرىكىتىدىكى داھىيلىق ئورنىغا ئاساس سالغان. 1996-يىلى 9-ئايدا، تالىبان پايتەخت كابۇلنى ئىشغال قىلغان، ئۆمەر 6 كىشىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان. 2001-يىلى «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆمەر ۋە تالىباننىڭ قالدۇق كۈچلىرى تاغلىق رايونلارغا قېچىپ كېتىپ داۋاملىق ئۇرۇش قىلدى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2246
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ داھىسى موللا مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى



    ئافغانىستان قۇراللىق گۇرۇھى «تالىبانلار»نىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارى موللا مۇھەممەد ئۆمەر (Mullah Mohammad Omar) بولسا 1964-يىلى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرۇزگاندا تۇغۇلغان، ۋە بىر نەچچە ئىسلام مەكتىپىدە ئوقىغان. 1979-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستانغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرۇزگانغا كۈچۈپ كەتكەن. 1979-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە، ئۇ ئافغانىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن ئىسلام ئىنقىلابى ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.
    ئۆمەر ئۇرۇشتا تۆت قېتىم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىمىدا بىر كۆزىدىن ئايرىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بىر دىننىي مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى بولغان.
    ئۆمەر 1994-يىلى 8-ئايدا ئافغانىستاندىكى مۇساپىرلار لاگىرىدا ئىسلام دىنىي مەكتىپىگە ئەسكەر قوبۇل قىلىپ ئافغانسىتاندىكى قوراللىق گۇرۇھ تالىبانلارنى تەشكىللىگەن، «تالىبان»نىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «دىنىي ئوقۇغۇچىلار».
    ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، تالىبانلار ئاستا-ئاستا ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى گۇرۇھلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇھقا ئايلىنىپ. ئەسكەر سانى 50 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. 1996-يىلى 3-ئايدا ئۇ «ئەمىر»لىككە سايلانغان، مەنىسى: «دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭ رەھبىرى».
    شۇ يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك دىنىي مۇراسىمدا، ئۇنىڭ تالىبانلار ھەركىتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى مۇقىملاشتۇرۇلغان. 1996-يىلى 9-ئايدا، تالىبانلار پايتەخت كابۇلنى بېسىۋېلىپ، ئۆمەر ئالتە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان.
    2001-يىلىدىكى «11-سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئامېرىكا ئافغانىستان چىگرىسى ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۆمەر تالىبانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى باشلاپ تاغلىق رايونغا بېرىۋېلىپ جەڭنى داۋاملاشتۇرغان. 2005-يىلى 5-ئايدا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان تالىباننىڭ ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۆمەر ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
    ئۆمەر ئادەتتە سىرتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمايدۇ، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلەرنى بىلىدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز. ئۆمەرنىڭ ئۈچ خوتۇنى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بىن لادېننىڭ قىزى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۆمەر: «بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قوغلاشمايمەن»

    ئەنگلىيە «يەكشەنبىلىك تايمېس گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ئالىي رەھبىرى ئۆمەر ئۆزى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى سىياسىيونلار بىلەن «سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك» تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن، بۇ تالىبان رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق مەزمۇندا بېشارەت بېرىشى. ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى: ئافغانىستان مەسىلىسىدە «چوڭ بۇرۇلۇش» بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا ئافغانىستانغا قاراتقان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەنى ئۆزگەرتىش – ئۆزگەرتمەسلىكنى، تالىبان بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىش – سۆزلەشمەسلىكنى كېڭىشىۋاتىدۇ، دېدى.
    تالىباننىڭ ئىككى ئالىي رەھبىرى يېقىندا تالىبان كونتروللۇقىدىكى رايوندا «يەكشەنبىلىك تايمېس گېزىتى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار مۇخبىرغا تالىباننىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى –– «كىدا خەلق قانۇن چىقىرىش كومىتېتى» نىڭ قارارىنى، يەنى ئۆمەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قوغلاشمايدىغانلىقىنى، بەلكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى. ئۇلار تالىباننىڭ ھازىرقى ھەرىكەت نىشانىنىڭ ئاساسلىقى ئىسلام قانۇنىنى قايتىدىن يولغا قويۇش، چەت ئەللىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش، بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تالىباننىڭ بىر رەھبىرى: ئۆمەر سىياسىيغا ياكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قىزىقمايدۇ، تالىباننىڭ ھازىرقى مەقسىدى چەت ئەللىكلەر ۋە تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. بۇلار ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قىزىقمايمىز، دېدى.
    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ش ئا ئە ت نىڭ ئاخباراتىدا تالىبان ۋەكىللىرى زۇڭتۇڭ كارزائىنىڭ نۇرغۇن مىنىستىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلىغان، ئەمما كارزائىنى «قورچاق زۇڭتۇڭ» دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلغان، دېيىلگەنىدى. تالىباننىڭ بۇ ئىككى ئالىي رەھبىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، تالىباننىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر «يالغان»، ھازىرغىچە ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىپ باقمىدۇق، دېدى.
    ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: تالىباننىڭ بۇ ھەرىكىتى ناھايىتى مۇھىم، ئېرىشكەن ئاخباراتىمىزدا كۆرسىتىلىشىچە، تالىبان تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىنىپ بولغان. ئەگەر، ئۇلار ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قوغلاشمىسا، ئۇنداقتا بۇ بىر مۇھىم بۇرۇلۇش بولۇپ، تالىبان مەسىلىسىدە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»دە تەھلىل قىلىنىپ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ھازىر ئافغانىستانغا قاراتقان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىش – ئۆزگەرتمەسلىك، تالىبان بىلەن بىۋاسىتە ئالاقلىشىش – ئالاقىلەشمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، دېيىلدى. ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە خاس ۋەكىلى ئېدىد بۇ يىل 2 – ئايدا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى تالىباننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىپ، ئۇرۇشنى سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ھەم نوقۇل ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى»(2010-05-13)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: