版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130093611.html

    ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
    (داۋامى)

    يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


    (5)
    (داۋامى)
    قەدىمقى زامان ھىندۇ بەرەھمەنلىرىنىڭ رەھبىرى، پەيلاسوپ بىدپاي ھىندىستان پادىشاھى دابىلشىمغا ئاتاپ يازغان «كەلىلە ۋە دەمىنە» دېگەن كىتابىدا شۇ زاماندىكى خوتۇن-قىزلار پاجىئەسى ئۈستىدە توختىلىپ، بەش خىل خوتۇن ئۈچۈن غەم يېمەكنىڭ ئەرلەرگە راۋا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
    ئۇنىڭ بىرىنچىسى، نەسىبى ئۇلۇغ، ئۆزى ساھىبجامال ۋە پاك بولغان خوتۇنلار؛
    ئىككىنچىسى، ئۆزى دانا، ئېغىر-بېسىق، ئەقىدىلىك ۋە بىر كۆڭۈللۈك بولغان خوتۇنلار؛
    ئۈچىنچىسى، ھەمىشە تەرەپدارلىق، ھاۋادارلىق قىلىدىغان، نەسىھەتگۇي ھەم شەپقەتلىك خوتۇنلار؛
    تۆتىنچىسى، يۈزى قۇتلۇق، سۆزى مۇبارەك ۋە ئايىغى يارىشىدىغان خوتونلار؛
    بەشىنچىسى، ئۆزىگە خاھى زىيان يەتسۇن، خاھى پايدا يەتسۇن، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، قانداق يول بىلەن بولمىسۇن ئېرىگە پايدا يېتىشنى كۆزلەيدىغان خوتۇنلار.
    گەرچە «كەلىمە ۋە دەمىنە»نىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە شۇنچە ئۇزاق زامان بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى يۇقارقى ھېكمەتنىڭ ھېچبىر ۋاقتى ئۆتكىنى يوق.
    ھازىرقى خوتون-قىزلىرىمىزنىڭ يۈزلىنىشىگە قاراپ قەدىمكى زامانلاردىكىدەك بىرەر پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ھۇش كاللىسى جايىدىكى تەقۋادار ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى ئەنسىرەشمەكتە. بۇ پاجىئە خوتون-قىزلار تەبىئىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن، شۇنداقلا ئەرلەر ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىدۇ. ناۋادا بىر ئەركەك ئۆزىنىڭ خوتون-قىزلىرى ئالدىدىكى ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۇلارغا ئىلىم-ھۈنەر ئۆگەتمىسە، پەرزلەرنى ئادا قىلمىسا، دىن ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلىپ، پاك، مەسۇم، گۇناھسىز ئاياللىرىنى ھېچبىر باھانە-سەۋەب كۆرسەتمەي تۇرۇپلا خورلىسا ياكى ئۇنىڭغا گۇناھ  بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىسا، كوچىغا چىقرىۋەتسە بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەي قالمايدۇ. ناۋادا بىر خوتۇن ئۆزىنى قونچاقتەك ياساپ، يۈز-كۆزلىرىنى ئالۋاستىدەك بوياپ، بەللىرىنى كەمەر بىلەن باغلاپ، كۆكسىنى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك دىڭگايتىپ چىقىرىپ، جەڭگاھقا يارىتىلغان پالۋانلىقتىن قازان بېشىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان ئاشپەزلىككە چۈشۈپ قالغان «ئەر»لىرىگە ئوغۇل-قىزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى تانسىخانمۇ-تانسىخانا يۈرسە بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن خوتۇن-قىزلىرىمىزنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئۇلارغا ئەدەپ-ئەخلاق، ھۈنەر-ئىلىم ئۆگەتسە، ئۇلارنىڭ كوچىغا چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالمايدىغان بولسا، ئەجنەبىيلەرنى دوراپ، يالىڭاچ، يېرىم يالىڭاچ كوچىغا چىقىپ كەتكەن خوتۇن-قىزلارنى توغرا يول-ھىدايەت يولى- غا قايتۇرۇپ كېلىدىغان، ئۇلاردىن سەسكىنىدىغان، نەپرەتلىنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەر خوتۇن-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆرلۈك نامى ئاستىدا ئۆزى بىلگەننى قىلىپ ئەرلەرنىڭ قىلىقلىرىنى دورايدىكەن ياكى ئائىلىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئائىلە ئىشلىرى، پەرزەنت تەربىيسى بىلەن كارى بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ مىللەت چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ بۈيۈك ئەنئەنىلىرىمۇ يوقىلىدۇ. بۇ يۇنان، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاقىۋىتى.مۇشۇ ئەسىرىمىزنىڭ بېشىدا ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ زاماندىشى، بۇخارادا ئون يىل ئلىم تەھسىل قىلغان دىني ئالىم، قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ  باش مۇدەررىسى شەمسىددىن داموللام 1929-يىلى ئەرەبىستانغا قىلغان ھەج سەپىرىدە ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي ئىسلاھاتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دىنىي ئىسلاھ قىلىشنى، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇرچە «قۇرئان تەپسىرى» ۋە خوتۇن-قىزلارغا ئاتاپ «مۇھىممەتۇل زەۋجەين» (ئاياللارغا مۇھىم قائىدىلەر) ناملىق ئەسىرىنى يازدى. ئارىدىن توپتوغرا بىر كەم ئەللىك يىل ئۆتكەندە ژۇرنالىست، تارىخچى، ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتچىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن(1928-1998) ئەپەندى «يولسىز ئەقىدە»(1985-يىلى)، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»(1987-يىلى)، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئۇچېرىكلىرى»(1988-يىلى) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېقىنقى 400~500 يىل مابەيندە ئىسلام ئەنئەنىلىرىدىن چەتنەپ، سەپەر يۈرۈشلىرىگە بىدئەت ئارىلاشتۇرۇپ، ھاياتىنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى «جاھىلىيەت دەۋرى»دىنمۇ بەك جاھىلىيەت پېتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بۇزغان روھاني ئىشان-سوپىلارغا تۇنجى بولۇپ، توغرىدىن-توغرا تىل تەگكۈزدى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆزى كېلىپ چىققان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئوپېراتسىيە قىلدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى يازغان «بىزدىكى ئىللەتلەر» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋھاپەرەسلىك، خۇراپاتلىق، ھاراقكەشلىك، نەشىكەشلىك، «ئاق چېكىش» قاتارلىق ئىللەتلەرنى قامچىلاپ، خەلقىمىزنى بۇ ئىللەتلەرگە قارشى مىللەت ھەرىكىتى، خەلق ھەرىكىتى، يۇرت ھەرىكىتى، مەھەللە-كوچا ھەرىكىتى، ئائىلە ۋە ئادەملەر ھەرىكىتى قوزغاشقا چاقىرسا، «بىزدىكى ناچار يۈزلىنىشلەر» ناملىق ئەسىرىدە زامانىمىز خوتۇن-قىزلىرىنىڭ يېڭى پاجىئەسى ئۈستىدە توختىلىپ، خوتۇن-قىزلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن چۇقان كۆتۈردى. ئۇنىڭ چۇقان سادالىرى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدىكى جىنسىي ئازادلىق تەتۈر قۇيۇنىغا قارشى توۋلانغان چۇقانلاردىن پەرقلىق ھالدا ئىسمايىل بەگ غەسفىرنىسكىچە ئىدى. ئۇنىڭ قەيتلىرىگە كۆرە، يېڭى جۇڭگو قورۇلغاندىن كېيىن خوتۇن-قىزلار ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ داقا-دۇمباق سادالىرى ئىچىدە فېئوداللىق ئىدىيىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن ئويغىتىلغان خوتۇن-قىزلىرىمىز گەرچە ھۆرلۈككە چىققان بولسىمۇ، خوتۇن-قىزلارنى بوزەك ئېتىدىغان، خورلايدىغان، كەمسىتىدىغان، ياراتمايدىغان روھىي ئىللەت ئۇيغۇر روھىيىتىدىن تېخى كۆتۈرۈۈلۈپ كەتمىدى. جاھالەت بېسىمى، ئەرلەر بېسىمى، ئائىلە بېسىمى، جەمئىيەت بېسىمى مىللەت خاراكتېرلىك خوتۇن-قىزلار دەرت-ئەلەملىرىى شەكىللەندۈردى. ئەمدىلا ئون تۆت، ئون بەش، ئون ئالتە ياشلارغا كىرگەن قىزلارنى زورلاپ ئەرگە بېرىش، ئەمدىلا بالاغەت يېشىنى ياشاۋاتقان ئون يەتتە، ئون سەككىز ياشلاردىكى قىزلارنى «لايىق چىقماي ئولتۇرۇپ قاپتۇ»، «خۇدا ئورۇپتۇ»، «بەختى ئېچىلماپتۇ» دەپ مەسخىرە قىلىش، ھەتتا بەزى قىزلارنى «ساۋاب»لىق ئۈچۈن «پىر»، «خوجا»، «ئۇلۇغ»لارغا دۇئا قىلدۇرۇپ خوتۇنلۇققا تۇتۇپ بېرىش، خوتۇن-قىزلارنى خۇسۇسىي مال ئورنىدا ئۆيلەرگە دۈملىۋېتىش ئەھۋالى ئېغىرلاشتى. جاھان پۇلغا يۈزلەنگەندىن بۇيان ئاز-تۇلا پۇل-ۋەج تاپقان ئاتىكاچى، نادان سۆلەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «قىز ئېلىش»، «خوتۇنىنى ياشلاشتۇرۇش»، «نەدە بولسا شۇ يەردە ئېلىش»تەك ناچار قىلىقلار باش كۆتۈردى. دەرۋەقە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بۇ رېئاللىقنى ئەقىدە-ئېتىقادلىق، ئۆتكۈر كۆزلۈك بۇ پېشقەدەم ئىسلاھاتچى ھېچقانداق مۇبالىغىسىز ھالدا نەق كۆرگەن ئىدى. بىز ئۇ كۆرگەن بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»گە بېسىلغان «ئون ئۈچ ياشلىق چوكانلار» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن قايتا كۆردۇق. گەرچە بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى بىر غەيرى مۇسۇلمان مۇخبىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا كىچىكى ئون ئۈچ ياش، چوڭى ئون يەتتە ياشلىق بىر يۈز سەكسەن بىر نەپەر قىز بالىنىڭ 1995-يىلىدىن 1997-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مەكتەپتىن زورلاپ چىقىرىۋېلىنىپ ئەرگە بېرىۋېتىلگەنلىكى، نەتىجىدە بالىنىڭ بالا تۇغقانلىقى، بالىنىڭ بالا يېتىلىگەنلىكى، بالىنىڭ بالا باققانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ «مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش دېگەن گەپنىڭ بۇ يەردە بىر جۈملە قۇرۇق سۆزگە ئايلىنپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ» دەپ يازدى.زامانىمىز ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن چىققان يېڭى «جاھىلىيەت دەۋرى»نىڭ كەسكىن تەنقىدچىلىرى ئىچىدە 1996-، 1997-يىللىرى مىسىردىكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىلاسسىك ئىسلام دىنى نەزەرىيىسى(ئۇسۇلۇد دىيىن) بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان «تەكلىماكانى» تەخەللۇسلۇق ئالىم ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ قاھىرەدە يازغان «بىزدىكى ئەبگالىق» دېگەن ئەسىرى خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان بۇ رىسالىمىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك. ئۇ بۇ ئەسىردە 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئاتلىنىپ چىقىپ، ھەر كۈنى يېرىم كۈننى سەرپ قىلىپ ئۆيمۇ-ئۆي بالا يىغىۋاتقان، مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن بالىسىنى يوشۇرۇپ قويغانلارغا ئامال قىلالماي، ئۇلارنىڭ كالا-ئېشەكلىرنى جەرىمانە ئۈچۈن مەكتەپكە يېتىلەپ كېلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئۈستىدىن سۆز ئېچىپ، ئۆز-ئۆزىگە «بىز ئۇيغۇر مىللىتى تېخىچىلا جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتامدۇق، نېمە؟» دەپ سوئال قويىدۇ ۋە: «بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت بولغانىكەنمىز، بۇ شاراپەت بىلەن ئىسلامىيەت ئىلمى بويىچە سەۋىيىسى يېتۈك ۋە ئەمەلىيەتچان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ بۇ ساھەمىز تېخىچە بىرىنچىدىن ئاق، ئىككىنچىدىن قاغجىراق ... شۇنداق بولغاچ، شۇ تۇرۇقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسلام دىنىنى زامانىۋى ئىلىم-پەنگە قارشى قويىدىغان، پەرزەنتلىرىنى پەننىي مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېلىپ، دىنىي چالا موللىلارغا تالىپ قىلىپ بېرىشنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىدىغان قاششاقلىق ئاۋام خەلقنى گاڭگىراتماقتا» دەپ يازىدۇ. قىزلارنى مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېلىپ ئوقۇتماسلىق-مەكتەپلەردە ئوقۇغان تۇرۇقلۇق ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىق ھادىسىسى ۋە مەكتەپ ھاياتىدا يامان، ناچار نەرسىلەرنى (ئىسلام دىنى بىلەن سىغىشالمايدىغان) ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلىق تۈپەيلىدىن يولدىن چىقىپ كېتىش مەۋجۇت بولغاچقا مەۋجۇت بولماقتا. ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلاردىكى قىزلارنىڭ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنىپ ياتلىق قىلىنىشى-ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا دائىم سۆزلەپ كۆنۈپ كەتكەن «فېئوداللىق ئىدىيە» دېگەن نېمىنىڭ كاساپىتىدىن ئەمەس، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش چارىلىرى، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى دېگەنگە ئوخشاش تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ئەخمىقانە ئۇرۇنۇشلارنىڭ يامان تەسىرىدە ئەركىن بىرگە يۈرۈش، يالغۇز تۇرۇش، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى دېگەنگە ئوخشاش قانجۇقلۇقنى بازارغا سالىدىغان، بۇنىڭ بىلەن نئەنىۋى ئائىلە نىكاھ تۈزۈملىرى بۇزۇلۇپ، ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلىق ئەرسىز ئانا، نىكاھسىز پەرزەنت، ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلىق پاھىشىلەر مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت بولماقتا. جەنۇبىي ئاللاتاغ ئېتەكلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا خوتۇنلىرىنى «روپاش» تۇتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئاۋۇشى، شۇنىڭدەك يېزا-كەنتلەردە ئاۋۋالقىدەك ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىللە بارىدىغان مەشرەپلەرنىڭ تۈگەپ، «بۈۋىم»، «پىرىم» ۋە ئۇلارغا قول بېرىپ «تەرىقەت»چىلىك قىلىدىغان خوتۇن-قىزلارنىڭ كۆپىيىشى-ئاتالمىش «ئاياللار ئازادلىقى»نى دەستەك قىلىپ، جىنسىي ئەركىنلىك يولىدا ئالدى-كەينىنى تەڭ ئېچىۋەتكەن شەھۋانىي ئەر-خوتۇنلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت بولماقتا.دىندىن خالىي ئۆرپلەشتۈرۈش، غەربلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى غەيرى ئىسلام قىممەت قارشى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئىسلامىيەتكە ئېلىپ كىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق زەربە بەردى ۋە شۇنداقلا ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، ئائىلە، قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھۇلىنى تەۋرىتىۋەتتى. ئىجتىمائىي سىياسىي بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيە ئاڭ فورمىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. غەرب مەدەنىيىتى ئىچىدىكى نۇرغۇن چىرىك نەرسىلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا شەرققە ئۇرۇلۇپ ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاتتى. مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇرۇپ ۋە ئازاپلىنپ، ئۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى دىنىي ئاڭنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، يوقالغانلىقىدىن، ئۆرپلەشتۈرۈش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىدىن كۆرۈپ، رېئالنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئەڭ بۇرۇنقى دىنىي ئەقىدىلەردىن ئىزدەپ، كۆز ئالدىدىكى ئازاپتىن قۇتۇلۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدىنى ئىسلامىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە باغلىدى. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.ئەمما، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن مەنىۋى قۇرۇلۇشنىڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتىدە پۇل يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا، ئەدەپ-ئەخلاق بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئىسلام جەمئىيىتىنى ئىسلام ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئەمەس، غەيرى ئىسلام ئىدولوگىيىسى بىلەن ئىسلاھ قىلىۋاتىمىز. بىلىشىمىز كېرەككى، بۇنداق ئەھۋالدا دىنىي تۈس ئالغان ئۆرپ-ئادەت، قائىدە يۇسۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئىشى شۇ دىننىڭ پازىل مۇجەددىدلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلسە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىنمىقى بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشنى، سۈركۈلۈشنى، ئاخىردا قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئېچىش»(ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان ئېچىش) ئۆز نورمىسىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى پاسسىپ ئېلىپ بېرىلسا، «يېپىش» مەيدانغا كېلىدۇ. «يېپىش» ئېچىۋېتىشنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىلىشى بىلەن مەيدانغا چىققان ناشايان قىلىقلارغا قەلب ئىشىكىنى يېپىش دېمەكتۇر. يۈزىنى ياپقۇچىلار ئەسلى مەنسى بويىچە ھەممە نېمىسىنى ئېچىۋەتكەن ئەخلاقسىزلار دۇنياسى ئۈچۈن مەۋجۇت. «تىلەمچى ئايالنىڭ يۈزىدىكى تور رومال مىللىي مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆپ قاتلاملىق مەنىنى ئىشارەتلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدا ھايا، ئىپپەت-نومۇس، قوغىدىنىش، مەككارلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تىلەمچى ئايال، مودا قىز ۋە ئىستېمال»). مانا بۇ بىزنىڭ بەزى مۇتالىئەچىلىرىمىزنىڭ تېخى بايقاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلىرىنىڭ بىرى.خوتۇن-قىزلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە قايغۇرۇش سىياسىيونلار، ئىسلاھاتچىلار، دىنىي ئالىملار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان بارلىق خەلق ئاممىسنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 1996-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئابلىمىت ئىمىننىڭ «ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى ئىللەتلەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئەدەبىياتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئۆرپ-ئادىتى، مىللىي خاراكتېرى، پىسىخىكىسى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ھېسابلاشماي، غەربنىڭ نەرسىلىرىنى قاراقويۇق قوبۇل قىلىپ، دورامچىلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مىللەت قوبۇل قىلالمايدىغان بىر قىسىم ئىللەتلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى زورمۇ-زور سۆرەپ كىرىش، مۇھەببەت تېمىسىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەردە تېخى بىسمىللا دېمەستىنلا ئوغۇل-قىزلارنى كۆزۋازلىق، سۆزۋازلىق، مەيدىۋازلىق ئۇيۇنلىرىغا باشلاپ كىرىش، بۇنىڭ بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تۇيغۇسى، ئىنتىلىش ۋە شەرمۇ-ھاياسىنى دەپسەندە قىلىۋېتىش، «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار» دەيدىغان فېئوداللىق كۆز قاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالماي، ئانىلىرىمىز، قىز-جۇۋانلىرىمىزنىڭ غورۇرى ۋە ئىززەت-نەپىسىنى دەپسەندە قىلىشتەك ئەھۋاللار قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ئىدى ھەمدە ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرگۈدەك نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك ئاياللارنى يېزىش، ئاياللارنى غەم-غۇسسە، چۈشكۈنلۈك، ئاھۇ-پىغان ۋە نالە-زار بىلەن تولغان پاجىئەلىك دۇنياغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا غايە، ئىستەك بېغىشلايدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ غەيرەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلىدىغان، قاششاقلىق، ھۇرۇنلۇق كىشەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، گۈزەل يېڭى دۇنياغا باشلاپ كىرىش مۇاجىئەت قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە «بوستان» ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق 3-سانىدا «ئاھ، مۇھەببەت، ئاھ، ياشلىق» ناملىق بىر پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئۇنىڭغا قارشى يېزىلغان «قىزلىرىمىز يىرگىنىلشىك مەخلۇقمۇ ياكى سۆيۈملۈك پەرىشتىمۇ؟» ناملىق «باھا»نى تاپشۇرۇۋالدى. ئاپتور بۇ نامەلۇم ئايال قەلەمكەشنىڭ سۇئالىغا شۇ ژۇرنالنىڭ 2000-يىللىق 3-سانىدا قىزلىرىمىز «ھەم مەخلۇق ھەم پەرىشتە» دەپ جاۋاب بەردى. ئايىغى چىقمايدىغانلىقى ئېنىق تۇرغان بۇ كالتە جەڭنىڭ ئەھۋالىنى چېچەنلىك بىلەن كۆزىتىۋاتقان «مەھكىمە شەرئىي»نىڭ «قازى»سى ئۇنىڭغا «ھېچىكىم مەخلۇق ئەمەس» دەپ پەتىۋا يازدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋا بېسىققان بولدى. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، 1996-يىلى زامانىمىزدىكى يېڭى «جاھىلىيەت دەۋرى» تەنقىدچىلىرىنىڭ بايراقدارى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى»، «خوتۇن-قىزلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىز»، «ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى» قاتارلىق ماقالىلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەجەللىك مەسىلىلەرگە جەۋانمەردلىك بىلەن جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە 2000-يىلى ئىجتىھاتلىق قەلەم ساھىبى، جەمئىيەتشۇناس جۈرئەت دۆلەت ۋە ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ «بۇلارنىڭ تەقدىرىگە كىم مەسئۇل» دېگەن ئەسىرى بىلەن مۇئەللىمە ھۆرنىسا مامۇتنىڭ «ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە؟» دېگەن ماقالىسى، شۇنداقلا زامانىمىزنىڭ مۇتەپەككۇرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۇنىڭغا يازغان «ئەركەك سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى» ماۋزۇلۇق «ئىلاۋە»سىنى كۆردۇق. يەنە ئارقىدىن ئۇلاپلا 2001-يىلى خەلقىمىزنىڭ ئىمانلىق يازغۇچىسى ئادىل يىلدىرىمنىڭ «غەلىتە ئۆزگىرىش» دېگەن ھېكايىسى بىلەن ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا يازغان «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» ناملىق تەقرىزىنى كۆردۇق. بۇ ماقالە، ھېكايە، ئوبزور ھەم تەقرىزلەر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان قەبىھ ئىللەتلەرنى رەھىمسىز پاش قىلىپ، رەسۇلۇللاھ زامانىسىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن يوق قىلىۋېتىلگەن «جاھىلىيەت دەۋرى»گە قايتىدىن قايتىپ كېتىۋاتقان دوزىخىي، گۇناھكار، مۇناپىق، ئاسىيلارنى قاتتىق دۇمبالىدى. ئەمما، بىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىمىزغا بېغىشلانغان مەخسۇس نەشر ئەپكارلىرىمىز خۇددى «بۇلارنىڭ تەقدىرىگە كىم مەسئۇل» دېگەن ئەسەردە قەيت قىلىنغىنىدەك، ئاياللارغا بۇ خۇسۇستا مەنپەئەتلەنگۈدەك بىر نېمە بېرەلمىدى. سەھىپىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يىگىت قانداق قىلغاندا قىزلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، قىز قانداق قىلغاندا يىگىتنى جەلپ قىلالايدۇ، دېگەندەك ئىپپەت سودىسىغا بەردىيۇ، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن مەخسۇس، مۇقىم بىرەر سەھىپە ئاجرىتالمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ يېزىلغان بەزى نادىر ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەن مۇھەررىرلەر ئاياللارغا ھەقىقىي كۆيۈنىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بەزى سىياسەتۋازلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى ئاياللار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى دەپ ئاتىشىۋالغان ئايرىم ساندىكى بەزى كىشىلەر مەتبۇئات ۋە باشقا سورۇنلاردا ئاتالمىش تەبىرى ئېنىق بولمىغان «ئاياللار ئازادلىقى»نى مۇھاكىمە قىلىش نامى ئاستىدا بىر-بىرىدىن چاكىنا، تېتىقسىز، تۇترۇقسىز،بىمەنە سەپسەتىلەرنى بازارغا سېلىپ، جەمئىيەتتىكى بەزى نادان، ساپاسى تۆۋەن دورامچى ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئوبدانراق قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ قەۋمنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى بىلەن ئوينىشىپ قىلىنىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «مۇھاكىمە»لەرنىڭ تولىمۇ پۇچەك ۋە بالىلارچە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئېتىقادنىڭ، ۋۇجۇدىدا ۋىجداننىڭ، يىلىكىدە قۇۋۋەتنىڭ، مەزمۇنىدا ئىستىقلالى پىكىرنىڭ كەم بولۇپ، گۆشى بىلەن سۆڭىكى بىر-بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن زەئىپ مۇتالىئە ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز. بىلىشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق زەئىپ مۇتالىئەگە نەجىپ تەپەككۇر ئالەمى يول قويمايدۇ.ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس كىتاب  «قۇرئان كەرىم»دە ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، زىنا قەتئىي مەنئىي قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا كۆيۈنۈپ قىلغان بۇ نەسىھىتى دىلىنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەن ئۇيغۇر ھاراقكەشلىرى دۇنياسىغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. «مىللىتىمىزنىڭ ئاتىلىرى ھاراقكەش، ئانىلىرى گىرىمكەش» بولغانلىقتىن، مەسجىد-خانىقاھلىرىمىزنىڭ يېنىدا قاۋاقخانىلار بىلەن ھاراق بوتكىلىرى قەد كۆتۈردى، ئىمام، مەزىنلەرنىڭ ئەزان سادالىرى بىلەن رېستۇرانلاردىكى كەيپچىلىكتىن كۆتۈرۈلگەن قىقاس-سۆرەنلەر ئارىلىشىپ كەتتى. نەزىرلەردىكى قارىي قۇرئانلارنىڭ قىرائەت ئاۋازلىرىدىن توي-تۆكۈنلەردىن ھېچبىر پەرقى يوق مۇسىبەت زىياپىتىنىڭ ھەزىل چاقچاق، كوت-كوت پاراڭلىرى غالىپ كەلدى. قەدىم نامەلەرگە كۆرە، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ مۇقەددەس پىرامىدىسى بولغان ئون ئىككى مۇقام قەدىمدە دۇئا، مۇناجاتتىن كېيىن ئايرىم سورۇنلاردا ئېيتىلاتتى. ھازىرقى كۈندە «نوتۇق» ۋە «ھاراق مارشى»دىن كېيىن قاۋاقخانىلاردا ئېيتىلىدىغان بولدى. قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان بۈيۈك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تە قەيت قىلىنغان «شارابتا يۈزىنى يوغان بىنامازلارنىڭ ئەزىز، تەقۋادار بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خار»لاشقانلىقى ھەققىدىكى ئىبرەتلىك قەيتلەر مىڭ يىللار داۋامىدا تولا شالغۇتلىشىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئونىنچى ياكى ئون بىرىنچى ئەجدادلىرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى ئىدى. ئىسلام دىنى قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئاشۇ شەرىئەت دۇنياسدىنمۇ ھېچبىر ھېيىقماي يۇققان بۇ كېسەل تا ھازىرغىچە پۈتكۈل غەربىي يۇرتتىكى ماددىچىلار دۇنياسىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆزىگە ئىللىق قونالغۇ تاپماقتا. ھازىرقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «ھاراق جامائىتى ۋە مەسجىد جامائىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنمەكتە. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاتا بىلەن ئانا مەسجىد جامائىتى، ئوغۇل بىلەن قىز ھاراق تانسا جامائىتى بوپقالدى». ھاراق مىللىتىمىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ «ئىسلام روھى ۋە بۈگۈنكى رېئاللىقىمىز» ناملىق ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئوسمان ئىسمايىل ئەپەندىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ھاراق مىللىتىمىزگە جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەللىك، روھىي جەھەتتىكى دۆتلۈك، خامۇشلۇقنى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى يوقىتىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش بىلەن ئىجادىيەت-ئىختىرا ئەتمەكنى خالىمايدىغان لايغەزەل، ھۇرۇنلۇقنى، غەيۋەتخورلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۇرۇش-جېدەلنى، توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ۋەقەلىرى بىلەن بالا-قازا، ئۆلۈمنى، ئىسراپخورلۇق، ئىقتىسادىي زىيان، كەمبەغەلچىلىكنى، ھاراقنىڭ كەيپچىلىكىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان پاسكىنا، مەينەتچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەنە شۇ بۇزۇقچىلىقلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىدىن ئىناقلىق، بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىكاھ بۇزۇلۇپ بالىلار يېتىم قالماقتا. زىيالىيلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ئەقىدە-ئىدراكسىز، پۇچەك، چاكىنا، كالۋا، قورقۇنچاق، تۇترۇقسىز، خېنىم مىجەزلەشمەكتە.ئۇيغۇر مۇسۇلمان يازغۇچىسى ئادىل يىلدىرىم «يايپاڭ چىنە» دېگەن ھېكايىسىدە «قىرلىق ئىستاكان»، «يايپاڭ چىنە»لەردە ھاراق ئىچىپ ئەقىل-ھوشىدىن ئادىشىپ كەتكەنلىكتىن 19-ئەسىردىكى ئىندىئان ياشلىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان زامان زەئىپلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «مۇبادا مەن بۇ ئەلگە خاقان ياكى باش باقان بولۇپ قالسام، ئۇيغۇر ئىسلام قاراخانيىلار قوشۇنلىرى غازات ئېچىپ ئۇيغۇر بۇددىستلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر يوغان، ھەر ئېسىل بۇتلىرىنى چېقىپ، رەھىمسىزلىك بىلەن تۈپتاراج قىلىپ بولغاندىن كېيىن تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ چىچىپ قويغاندەك، مۇشۇ قىرلىق ئىستاكانلارنى ئەنە شۇنداق قىلاتتىم. شۇنداق فىلىملەرنى ئىشلىگەنلەرنى بولسا، دۇنيا ياكى ئامېرىكا تەرەپتىن ‹كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە قاتتىق ئاياغ ئاستى قىلىندى› دەپ ئەيبلەنسەممۇ بەش يۈز يىللىق كېسىۋەتكەن بولاتتىم» دەپ قاتتىق ئېچىنسا، «قىرلىق ئىستاكان» ۋە «يايپاڭ چىنە»لەردە ھاراق ئىچىشنى مودىدىن قالدۇرۇپ، مەخسۇس سۇ ساپلىقىدا ھاراق ئىچىشكە باشلىغان دوزىخىيلارنى كىنايە قىلىپ، «ئۇلار كەينىمدىن چۇرقىراشتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى خۇددى جىن-شەيتانلارنىڭ ... ياق بېشىغا تۇر تېغى ئېسىپ قويۇلغان قەۋمنىڭ نالىسىگە ئوخشايتتى. ئارقامغا قارىمىدىم، خۇددى لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش. چۈنكى، ئارقامغا قارىغان بولسام، ئېھتىمال لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى بۇزۇق خوتۇنىغا ئوخشاش قېلىشىم مۇمكىن ئىدى» دەيدۇ. ئەقىدە-ئېتىقادلىق تەقرىزچى ئابدۇرىھىم دۆلەت «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» دېگەن تەقرىزدە يەرشارى خاراكتېرىلىك روھىي قۇرغاقچلىقنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ئەزەلدىن ئېتىقادى سۇيۇق بىز خەققە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەم بىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە ‹توغرا› چۈشىنىپ ئەپۇ قىلىشى. ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ كەتسە، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن» دەپ يازىدۇ.بىزدە نېمە ئۈچۈن خوتۇن-قىزلار پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەرلەر پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى بەزىلەر پاجىئە دەپ تونۇمايدۇ؟ ئىنساننىڭ روھى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلمىسە، ئۇ ئىنساندا بەزى ئەندىشە، غەم-قايغۇ ۋە بىر نەرسىگە قانائەت قىلالماسلىقتەك ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى چاغدا ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ بىئاراملىقى ۋە غەم-قايغۇسىنى ئادەملەر كۆڭۈل ئاچىدىغان تاماشا ۋە كەيپ-ساپالاردىن قۇرۇق قالغانلىق سەۋەبىدىن، دەپ گۇمان قىلىپ ئۆزىنى ئويۇن-تاماشا، كەيپ-ساپانىڭ قوينىغا ئاتىدۇ-دە، ئاخىر ھاراق ئىچىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا راھىتىگە قاتتىق بېرىلىدۇ ۋە تىرىشىپ بېقىپ (تىرىشىپمۇ) قولغان كەلتۈرەلمىگەن ئارزۇلىرىغا يېتەلمەي ھەسرەت چېكىدۇ ۋە ياكى ھەمىشە قايمۇققان ھالدا، تاتلىق يېيىش-ئىچىش ئىستىكىدە ئۆز ھاياتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما، دىنىي ئىتىقادى كۈچلۈك، سۇسلاشمىغان ئادەم دىننىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىش داۋامىدا كۆڭۈل ئارزۇلىرىنى مېھرىبان ئىگىسىدىن تىلەيدۇ، پىكىر ھېسسىياتلىرى ئارام ئالىدۇ ۋە يامان خىيال قىلىشقا ۋاقتى بولمايدۇ. ماددىچىلىقنىڭ يولى «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بىراقلا يوقىلىدۇ، ئىككىنچى تىرىلمەيدۇ» دېگەن نەزەرىيىسىنى ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە كىرگۈزۈش بىلەن ئىنسانلارنىڭ شەھۋىتىنى باشباشتاق قويۇۋېتىدۇ، ئىنسانغا شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھېرىسلىق پەيدا قىلىدۇ. ئىنسان ئالدىدا ھالال-ھارام، سېنىڭ، مېنىڭ دېگەن نەرسە بولمايدۇ، ھايا-نومۇس يوقايدۇ. زۇلۇم بىلەن ئادالەت ئوخشاش بولىدۇ. ھايۋان بىلەن ئىنساننىڭ ئايرىمىسى تۈگەيدۇ. ساراڭلىق ۋە ئاڭسىزلىقتىن مۇرەككەپ بولغان بۇ خەتەرلىك ئىجتىمائىي كېسەل ئىنسانىيەتنى چارىسىز پاراكەندىلىك ۋەيرانچلىققا تاشلاپ قويىدۇ. بۇنداق ۋەيران ھالدا قالغان ئىنسان ئۆزىدە چەكسىز جاپا-مۇشەققەتنى سېزىدۇ ۋە دەرد چېكىدۇ، ئۆزىگە ھازىرقىدىن ئەۋزەلرەك بىر ھايات ئىزدەيدۇ. ئەمما، ئۆزى دۇچار بولغان يامان ھالەتتىن قۇتقۇزىدىغان زۆرۈر بىر ياردەمنى تاپالمايدۇ. فرانسىيىلىك تېببىي فىزىئولوگىيە پەنلىرى ئالىمى شارل رىشيە «ئىنسان روھىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: «بىز ئۇنداق-مۇنداق ئىلىملەرگە ئىگە بولدۇق، دەپ پەخىر قىلغان ئىلمىمىز پەقەت شەيئىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلەلەيدىغان ئىلىمدۇر. ئەمما، شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىش تېخى بىزدىن قېچىپ تۇرىدۇ، ھېسسىياتىمىز بىلەن بىلەلمەيۋاتىمىز. جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋاتقان قانۇننىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى تېخى ئەقلىمىزگە يېقىن كەلگىنى يوق» دېگەنىدى. روھىي پرىنسىپلار بەدەننىڭ تەلەپ ئارزۇلىرىدىن، لەززەتلىرىدىن كۆپ قىسمىنى قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇنداق پىداكارلىق راھەتپەرەس، نازچى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. راھەتپەرەسلىك كىشىنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۆز راھىتىدە داۋام قىلىشقا ئامراقلىقنى زىيادە قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك ئىلىم ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەپلەرگە قاراپ باقمايدۇ. مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئىلگىرىلەشكە ۋە گۈللىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارغا نەزەر سالمايدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە راھەتپەرەس، ئىسراپخور كىشىلەرنى ئسىلاھاتنىڭ (تۈزۈش، ياخشىلاشنىڭ) دۈشمەنلىرى، ھەر زامان ھەقنىڭ ئالدىنى توسىدىغان قارشى كۈچ، دەپ قارايدۇ. فرانسىيىلىك ئالىم مۇنتيوسكونىڭ قارىشىچە، راھەتپەرەسلىك كىشنى ۋەتەن سۆيۈشتىن يۈز ئۆرىتىدۇ. ئېسىل، ئىناۋەتلىك ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تەمەلىرى ئارقىسىدىن ماڭىدىغان قىلىپ قويىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ قارىشىچە، راھەتپەرەسلىك پۈتۈن ئۈممەتنى يوقىتىدۇ. ھەرقانداق مىللەت ئىچىدە راھەتكە بېرىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى شۇ مىللەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يوقسۇل بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ قىسلىشىپ، قىممەت بولۇپ كېتىشى مىللەت ئىچىدىكى ھالاۋەتپەرەس بايلارنىڭ بۇزۇپ-چېچىشى تۈپەيلىدىن بولۇپ، بۇ ئەھۋال كەمبەغەللەر بىلەن راھەتكە بېرىلگەن بايلار ئارىسىدا ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ئاخىر پۈتۈن جەمئىيەتنى خاراب قىلىدىغان كۈرەشلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. پۇل-مال ئىنساننى ئۆزىگە شۇنداق قۇل قىلىۋالىدىغان نەرسىكى، ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەقلىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. ئۇلار پۇل-مال جۇغلاشقا ۋە پۇل ئارقىلىق راھەت كۆرۈشكە، پۇل توپلاش يولىدا كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىدۇ. پۇل-مال پۈتۈن ھېسسىياتنى ئېلىپ كەتكەندە ئۇ ئىنساننىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئەمەل-مەنسەپپەرەسلىكمۇ بۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. بەزىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىش ھېسابىغا ئىماننى، ۋىژداننى، ئىنسانلىقنى تەرك ئېتىپ، زۇلۇم ئىستىبدادىغا قولچوماق بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشىق-مۇھەببەت ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ زەئىپلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى، مەنسەپنى ۋە مۇھەببەتنى ئىلاھ دەپ تونۇيدۇ. فرانسىيىلىك پەيلاسوپ ئاۋغۇست ساباتىئەر «دىن پەلسەپىسى» دېگەن كىتابىدا: «دىن بىئاراملىققا دۇچار بولغان ئىنساننىڭ روھى بىلەن شۇ ئىنسانغا مەخپىي بولغان ۋە ئىنسان ئۆزىنى ئۇنىڭغا تەۋە دەپ تونۇغان، مېنىڭ تەقدرىم ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى ئاستىدا دەپ ئەقىدە قىلغان قۇدرەت ئارىسىدىكى ئالاقە مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. دىن ئىنسان روھى ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كېلىپ چىققان ئەسلىگە ئۆزىنى ئېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ھالاكەتتىن قوتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر جانلىق ئەمەلىي ھەرىكەت بولمىغۇچە دىن بولالمايدۇ» دېگەنىكەن. بىز جاھاننىڭ بۇزۇقچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي، باشقا سەۋەبلەردىن كۆرۈۋاتقانلىقىغا قاراپ ھەيران قالىمىز. ئۇلار «ھەقىقەتنى نەدىن تاپىمىز؟» دېگەن ماقالىدە قەيت قىلىنغاندەك، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بارلىق چۈشكۈنلۈك، تەركىدۇنيالىق، ئىتائەتمەنلىك، ھۇرۇن-ئاڭتاۋلىق، تىرىشماسلىق، دۇنيانى بىلىشكە، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە، ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشقا ئىنتىلمەسلىكتەك سەۋەنلىكلەرنى دىنغا ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. بۇخىل ئادەملەر ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىكلەرنى تاشقى دۇنيادىن ئىزدەيدۇ، ئۆز جېنىدىن، ئۆز روھىدىن ئىزدىمەيدۇ. بۇلاردا زادى نېمە كەم؟ بۇلاردا روھىي ئېتىبارلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئېتىقاد كەم. ھىندىستاننىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئۇلۇغ شائىرى، يازغۇچىسى، پەيلاسوپى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى رابىندىرات تاگور (1861-1941) روھىي ئېتىبارلارغا ئەھمىيەت بەرمەستىن ماددىي ئىلىم ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھازىرقى مەدەنىيەتنى تەنقىت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا: «ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈشلەر تەبىئەتنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى تۈزىتىدۇ، ياخشىلايدۇ. لېكىن ئىنساننى ئىمتىيازلىق بىر ھايۋان قىلىدۇ، خالاس. ھەر شەخسكە مۇستەقىل بىرلىكتەك روھىي كامىللىق تەرەپكە يول كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مېنىڭچە روھىي كامىللىق ماددى ئىلگىرىلەشكە باغلىق ئەمەس. روھىي كامىللىق ئەبەدىي بىر جەۋھەر بولۇپ، مەيلى بىز ماددىي تەرەققىياتتا كېيىن قالغان بولايلى، مەيلى ئىلگىرىلىگەن بولايلى، ئۇ بىزنىڭ جېنىمىزغا ئورناشقاندۇر. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ ئەبەدىي جەۋھەرنى ئۆز جېنىمىزدىن ئىزدىشىمىز، بىزدىكى ئەمەلىي ئىپادىلىرىنى ۋە بىز بىلەن باشقىلار ئارىسىدا شېرىك بولغان كۈچلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز لازىم» دېگەنىدى.ئەخلاق ئلىمى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى تەكشۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. ئىشلاردا مەقسەت قىلىشقا تېگىشلىك غايىنى ئىزاھلايدۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئەخلاق بۇزۇلۇپ، ئەخلاق ئىلمى زەئىپلەشسە، مىللەت ۋەيران بولىدۇ. پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «مىللەتنى يالغۇز توپ زەمبىرەكلا ئەمەس، چېكىملىك نەيچىسى، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن بۇزۇقچلىقمۇ خار-زەبۇن قىلالايدۇ، ئىمان-ئىتىقادلىق، غورۇر-ۋىژدانلىق ئەركەكلىرىمىز ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدىن بىر تۈركۈم قەھرىمانلارنىڭ چىقىپ ھەممە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلار بىلەن (زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنسىي چىرىكلىكتىن ئىبارەت) بۇ ئىككى ‹قىيامەت بورىنى› سىياقىدىكى ئىپلاس ھادىسىنى چەكلەشكە جان پىدا قىلىشلىرىنى تارىخىمىز تەقەززا قىلماقتا». گەرچە «غەربكە بۇرۇلۇپ قارىساق، غەرب ئۇپۇقىدىن مۇشۇ ئەسىر بېشىدىكى مەرىپەتچى زاتلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلىغان ھېلىقى ئۆرنەكلەر جىلۋىلەنمىگەن، شەرققە تىكىلىپ قارىساق، شەرق ئاسمىنىدا كۆرۈنگىنى پەقەت غايە بوھرانلىرى، ئاقچا ساراسىملىقى بىلەن مەي سىمفونىيىسى» بولغان بولسىمۇ، «مىللەتنى قايتا ئويلاندۇرۇپ، ئۇنى قايتا ئويغىتىپ مىللەت گەۋدىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئورۇنسىز مەغرۇرلۇق سېسىپ ياتقان بىر قاتار ئىللەت ۋە زەئىپلىكنى يېڭىپ، مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى مۇجەسسەملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قابىل ۋە قادىر ئېتنىك تۈركۈمگە ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلغان (بىر تۈركۈم) مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئەھلى» ھازىر يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار مۇشۇ رىسالىمىزدە نام شەرىپى، ئىجاد مېھنەتلىرى زىكىر قىلىنغان خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ، سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، شەھەر-قەسەبەلەرنىڭ ئاۋاتلىشىشى مەزگىلىدىكى ئىنسان قەلبىنىڭ نامراتلىشىشى ئۈستىدە قاتتىق رىيازەت چېكىپ سەيئى-ئىجتىھاتلار قىلماقتا.ئىسلام دىنى كامالەتكە يەتكەن مۇكەممەل بىر دىن بولسىمۇ، نادان خەلقلەر، بىدئەت ئەھلىلىرى تەرىپىدىن خۇراپاتلىقلار، ۋەھىمىلەر قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەر قاچان، ھەر زامان بولۇپ تۇرغان ۋە تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئەسىردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىلىكىدىكى ساپ دىندىن خەۋىرى بار ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ. گەرچە 21-ئەسىردە بىز ئويلغان ۋە ئويلىمىغان، تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە قىلمىغان بۇزۇق ئىللەت، بىدئەت زىللەت، شۇنداقلا خوتون-قىزلىرىمىزنىڭ يېڭى-يېڭى پاجىئەلىرى ھايات ياشاۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتقىدەك دەرىجىدە مەيدانغا كەلسىمۇ، ئەمما بىز 20-ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ مۇجەددىدى رىزائۇددىن بىننى پەخرىددىن ھەزرەتلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئىسلام دۇنياسىدا بولغان ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەر، مەزھەپلەر ۋە مەسلەكلەرنى يوقىتىپ، مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان كەرىم» ۋە «سۈننەت» (ھەدىس شەرىف)كە ئەمەل قىلدۇرىدىغان دىن مۇجەددىدلىرىنىڭ زوھۇر ئېتىشىگە ئىمانىمىز كامىل ۋە ئۈمىدىمىز زوردۇر. خەير ئۈممەت ئۇنۋانى بىلەن مۇشەررەپ ئەتكەن بۇ نەجىب قەۋمنى ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھالەتتە قويماس ھەم كونا-يېڭى خۇراپاتلىق قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئادىشىپ يۈرۈشلىرىگە رىزا بولماس. بەندىلەر شۇ مۇجەددىدلەرنىڭ خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ  توغرا يولىغا قايتسا، ئاداشقان بالىلارنىڭ ئانىلىرىنى تاپقان سائەتلىرى كەبى شادلانسا ئەجەب ئەمەس.

    مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.
    (تولۇق تۈگىدى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 5-6-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: