版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130090715.html

    ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
    (داۋامى)


    يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


    (4)

    ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ھەممىدىن مۇھىم مەجبۇرىيىتى ئائىلىدە بولۇشى لازىم. پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئاللانىڭ ئاياللارغا ئاتا قىلغان ئالىي، مۇقەددەس ۋەزىپىسى؛ ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىنى يارىتىدۇ. مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرنى يېتەكلەيدۇ؛ بۇ شەرەپلىك، مۇقەددەس ۋەزىپىنى ھېچكىم ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئۆتەپ قويالمايدۇ. ئەمما، بۇ ئاياللارنى ئائىلىگە بەند قىلىپ قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئۇلار ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن بوش ۋاقىتلىرىدا ياكى ئىقتىدارى يار بەرگەن ئەھۋالدا ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلسا بولدۇ، ئەرلەر قىلغانلىكى ئىشنى ئاياللار قىلالايدۇ، بەلكى ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنىمۇ ئاياللار قىلالايدۇ، دېيىش ئاڭلىماققا ناھايىتى دانادەك تۇرسىمۇ، ئەمما تازا مۇكەممەل پىكىر ھېسابلانمايدۇ؛ ئاياللار چوقۇم فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخولوگىيىلىك شارائىت بىلەن ھېسابلىشىش لازىم؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئىشلىگەندە ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى، شەرمى ھايانى بۇزۇپ، ناشايان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
    ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى بۇزىدىغان ياكى قاتتىق كۈچ ۋە ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، مەسىلەن، ئارمىيە، ساقچى، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك. ئاياللار نازۇك ۋە تەۋازۇ كېلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلسا روھىي يۈكى ۋە بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ. بۇلۇپمۇ رەئىس جۇمھۇر ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىدەك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ قىلىشىغا باب كەلمەيدۇ، دېيىشىدۇ. ھەدىستە دېيىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىرانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىگە كىسرانىڭ قىزىنى پادىشاھ قىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا: «ئايال كىشىنى ئۆزلىرىگە ھۆكۈمران قىلغان خەلق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېگەن. بەزى مۇسۇلمان ئالىملىرى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىرقانچە ئەسرنىڭ ئالدىدا ئاياللار ئائىلىدە گىلەم توقۇش، كەشتە ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلاتتى. ھازىر ئىسلام دۇنياسى سانائەت تەرەققىياتىغا ھەم تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. بۇنىڭغا زور تۈركۈمدىكى ئىقتىدارلىق تالانتلىقلار كېرەك. ئاياللارنى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش لازىم، ئۇلارنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك. شارائىتى بار بەزى ئاياللار ئائىلىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەنسە، تېخىمۇ كۆپ ياش قىزلار ئالىي مەكتەپلەرگە كىرسە، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئاياللار سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، سىياسىي ساھەلەردە ھەرخىل ۋەزىپىلەررنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئەمما، ئاياللار قانداق قىلىپ ھەم ئائىلىدىكى، ھەم جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىلىرىنى تەڭ ئادا قىلالايدۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئالىملار يەنىلا ئەنئەنىۋى قاراشنى ئاساس قىلىدۇ.
    ئالىملار ئاياللارنىڭ مائارىپتا تەربىيىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئەمما، ئاياللارنىڭ مائارىپ سەۋىيسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن خىزمەتكە قاتنىشىش، ۋەزىپە ئۆتەش ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاياللار تەربىيىسىنىڭ  ئاساسلىق نىشانى ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە: ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشى ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بەزى ئاياللار دەسلىپىدە جەمئىيەتكە چىققاندا جان بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. لېكىن، توي قىلغاندىن كېيىن ئەرلىرى ناھايىتى باي بولۇپ، خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋالدىمۇ ئەرلىرىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ قالماسلىق ئۈچۈن خىزمىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئالىملار بۇنداق ئەھۋالنى ئەر-ئاياللىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىشىنىش ۋە چۈشىنىشنىڭ كەملىكىدىن دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى ئىقتسادىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىدۇ. ئايلىق ئىش ھەققى ۋە مال-دۇنيادىنمۇ مۇھىم تۇرىدىغان ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش، پەرزەنت تەربىيسى ۋە ئائىلە ئىللىقلىقىغا سەل قارايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئائىلىلەردىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنشى غەربنى دورىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەتتە، شەرق ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىۋاتقان ۋاقتى دەل غەرب ئاياللىرىنىڭ خىزمەت دېگەن نەرسىدىن ۋاز كىچىپ، ئائىلىلىرىگە قايتىشنىڭ تازا تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرى بولىدۇ. ھازىر غەربتىكى بەزى ئالىملار ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشنى ئۇلاردىكى ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ ئىنكاسى، ئۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، دەپ تەنقىدلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بەزى ئالىملار ئاياللار يېرىم كۈن ئىشلىسە، سەھەر تۇرۇپ كەچ قايتمىسا (گەرچە مائاشى بۇنىڭلىق بىلەن ئازلاپ كەتسىمۇ)، ئاياللار ئايال ئىشچىلار كۆپرەك بولغان جايلاردا بالىلار باغچىسىغا ئوخشاش ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ غېمىنى يەڭگىللەتسە، قىرىق ياشتىن ئاشقان ئاياللار دەم ئېلىشقا چىقسا، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاياللار ئائىلىلىرىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلسە، دېگەنگە ئوخشاش تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ئالىملار ئاياللارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدا، بالىلار باغچىلىرىدا ئىشلىشىنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. ئەنئەنىچى فىقھى ئالىملىرى ئاياللارنىڭ قەھۋەخانىلاردا، ناخشا-ئۇسسۇل سورۇنلىرىدا ئىشلىشىنى، ئەرلەرگە كاتىب بولۇشىنى قەتئىي راۋا كۆرمەيدۇ. بەزى دىنىي ئالىملار ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىنى رەت قىلمايدۇ، بەلكى رەسۋا، ناشايان قىلىقلارنىڭ سادىر بولماسلىغى شەرتى ئاستىدا ئۇنى روخسەت قىلىنغان ئىش دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق مۇھاكىمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەم ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت مۇشەققەتلىك بىر ۋەزىپە ئاياللارنىڭ ئالدىغا قويۇلماقتا. بۇ يالغۇز مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئالدىغىلا قويۇلغان مەسىلە بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلە. زاماننىڭ تەرەققىياتى ئاياللاردىن ئۆزىنىڭ ساپاسىنى قاتتىق ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا. «ئاياللار ۋە ئىران ئىنقىلابى» دېگەن كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ئىراننىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى راپسان جانى: «ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى كېرەك. دارۇلمۇئەللىمىن، داۋالاش، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەر تەقۋادار ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىغا ۋە خىزمەت قىلىشىغا مۇھتاج»، «ئاياللار بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ساپاسىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتسە بولىدۇ، مەسىلەن، مىنىستىر، ھاكىم، ئادۋۇكات، مەسلىھەتچى، مىنىستىر ياردەمچىسى، زاۋۇت باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرى دېگەنگە ئوخشاش. بۇ جەھەتتە شەرىئەتنىڭ ھېچقانداق بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسى يوق»، «ئاياللار سايلامغا قاتنىشىشى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، ھۆكۈمەت ئىشىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى، ھەرقايسى پارتىيە، گۇرۇھلار ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى، تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر خادىملارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشى لازىم» دەيدۇ. ئادەتتە ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارغا قارىتا مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە ئۇلەمالەر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. راپسانجانى مۇنداق دېگەن: «ئاياللار جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، جەمئىيەتكە چىرىكلىك ياكى يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار ۋە ئامىللاردىن ساقلىنىشى، ئۆزى دۇرۇس، شەرمى ھايا بىلەن پاك تۇرۇشى، جەمئىيەتنى سۈزۈلدۈرۈپ پاكلاشتۇرۇشى، بۇ جەھەتتە جەمئىيەتكە باشلامچىلىق قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك». شۇنداق بولغاندىلا ھېچكىمنىڭ پىكرى چىقمايدۇ.
    بۈگۈنكى شەرق ئاياللارنىڭ ئاياللىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش چوقان سادالىرى ئىچىدە تۇرماقتا. بۇ چوقاننى كۆتۈرگۈچىلەر ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلام نامى ئاستىدا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشى ئاللىقاچان ئىشقا ئاشتى، دەپ نادان ۋە ئەخمەقلەرچە ۋەز-نەسىھەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يامان نىيەتلىك كىشىلەر، بەزىلىرى بولسا ئىسلام دىنىدىن بىخەۋەر ئادەملەر بولۇپ، يەنە بەزىلەر ئىسلامىيەت ئاياللارنىڭ دۈشمىنى، ئىسلام دىنى ئاياللارنى ھايۋاندەك پەس كۆرىدۇ، ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان ئويۇنچۇقى دەيدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئىبارەت، خالاس.
    ئىسلامىيەت ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشى 18-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن ياۋروپا ئاياللىرى ئارىسىدا ئىشقا ئاشتى. فىرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاياللار «ئەركىنلىك»، «باراۋەرلىك» دېگەن ئىدىيىنىڭ تەسرىدە «تالادىكى ئىشلارغا ئەرلەر، ئۆي ئىشلىرىغا ئاياللار خۇجايىن» دېگەن كونا ئەنئەنىۋى قاراشنى بۇزۇپ تاشلاپ، جەمئىيەتكە چىقىپ ئىنقىلابقا قاتناشتى. بولۇپمۇ 1789-يىلى 5-ئۆكتەبىردىكى ۋىرسالغا ھۇجۇم قىلىشتا ئاياللارتېخىمۇ زور رول ئوينىدى. كىشىلەر ئادەتتە ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكىدا باشلانغان دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋاقتىدىلا ئېچىلغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتتە ئاياللار گۈزەللىك بىلەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ سمۋولى بولغان مۇقەددەس ئانا بۈۋى مەريەم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ قايتىدىن ئولۇغلاندى. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى تۇنجى بولۇپ ئاياللار مەسىلىسىنى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يالغۇز باستىر (چېركاۋدىكى دىنىي خادىملار)نىڭ نىكاھلىنىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئەنئەنىۋى نىكاھ كۆز قارىشىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە ئۆرپ-ئادەت جەمئىيىتىگە قاراتتى. ئاقارتىش ھەرىكىتى بۇرژۇئازىيىگە ئىلاھىي ھوقۇقلار ئىچىدىن ئاياللار ھوقۇقىنى بايقاتقۇزدى. غەربنىڭ بۇرژۇئا ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىچىدىن ئاياللار ھوقۇقىنى بايقىدى. شۇڭا، بۇرژۇئازىيە «كىشىلىك ھوقۇقى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن غەربتىكى ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرى «ئاياللار ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن 18-ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
    ئىنقىلابنىڭ دەسلىپىدە بەزى يۈرەكلىك ئاياللار «ئۆتۈنۈشنامە» يېزىپ، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا سالغان زۇلمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «سىلەر بەزى چىرىك كۆز قاراشلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىڭلار، ئەمما ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئۇمۇملىشىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىكلەرنى ساقلاپ قېلىپ، پادىشاھلىقنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالىنى تېگىشىلىك ئورۇن، غورۇر ۋە شان-شەرەپنىڭ سىرتىدا قالدۇردۇڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالدىڭلار ... سىلەر مۇستەبىتلىكنى بىتچىت قىلدىڭلار ... ئەمما 13 مىليون قۇلنىڭ بوينىغا 13 مىليون ئىستىبدات تەرىپىدىن سېلىنغان تۆمۈر زەنجىرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردىڭلار» دېدى. ئاياللار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بەزى گېزىت، كىتابچىلار ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، 1791-يىلىدا جاكارلانغان ئاساسىي قانۇندا يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭلا گىراژدانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىقى بەلگىلىنىپ، ئاياللارنىڭ گىراژدانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەنلىنىش دېگەن ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى. ئاياللار بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. 1791-يىلى 9-ئايدا داڭلىق ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى داھىيىسى ئورنفو . د . گورېي مەشھۇر «ئاياللار ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى. 1792-يىلى 3-ئايدا ئۇلار «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»غا ئاساسەن 319 ئايالنىڭ ئىمزالىشىدا قانۇن پالاتاسىغا نامە سۇنۇپ، ئاياللاردىن قوغدىنىش ئارمىيىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 4-ئايدا «جىنسىي زوراۋانلىق»قا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئايال پائالىيەتچى ئاتافارمۇ ئاياللارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تارتىۋېلىنغان تەبىئىي ھوقۇقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا قانۇن پالاتاسىغا بېرىپ نوتۇق سۆزلەپ، «ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاشلا ئىنقىلابنىڭ خەتىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۇرۇقلۇق نېمىشكە ئىنقىلاب مېۋىسىدىن ئەرلەرگە ئوخشاش بەھرلەنمەيدۇ؟ ئەرلەر ئازادلىققا ئېرىشىپ، ئاياللار نەچچە مىڭ خىل بىر تەرەپلىمە مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان قۇل پېتى قالىدۇ؟» دېدى. 1793-يىلى 5-ئۆكتەبىر كۈنى «ئىنقىلابىي جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاياللار كۇلۇبى» قۇرۇلۇپ «يېڭى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەرلەرنىڭ سايلام ھوقۇقى ھەققىدىكى شەرتلەر ئاياللارغىچە كېڭەيتىلىشى كېرەك» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى 1793-يىلى 6-ئايدا جاكارلانغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا قېپيالىڭاچ ھالدا: «ئاياللار، گۇناھكارلار ۋە مېيىپلار گىراژدان ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن گىراژدانلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ» دېيىلدى. 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ كاتتىۋېشى مارا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. گورېي ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى «ئاياللارنىڭ جامائەت تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشىنى توسقانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دەپ ئاتىدى ھەم «ئاياللاردىكى شان-شەرەپ ئىشىكى، ئىشقا ئورۇنلىشش ئىشىكى، پۇرسەت ئىشىكى يېپىۋېتىلگەندىن كېيىن سىلەر ئاياللار ئۈچۈن گۇنا ئىشىكىنى ئاچتىڭلار» دېدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى يوللۇق ئىدى. ئەمما ئاساسىي قانۇنچىلار مارانى ئۆلتۈرگەن قاتىل بىلەن ئاياللارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنشىشىنى بىرلەشتۈرۈۋېلىپ، خەلقنىڭ قاتىلغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى بارلىق ئاياللارغا كېڭەيتتى. شۇنداق قىلىپ 10-ئايدا پارىژدىكى بارلىق ئاياللار كۇلۇبلىرى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلدى. كۇلۇب رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى. 11-ئايدا بىر تۈركۈم ئايال سىياسىئون ۋە ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن پائالىيەتچىلەر ئۆلتۈرۈلدى. ئاياللارنى چەكلەش، بېسىش بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى.جۇمھۇرىيەتنىڭ 3-يىلى 4-، 5-ئايلاردا «ئاياللار ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز سرتقا چىقمىسۇن» دەپ جاكارلاندى. 20-مايكۈنى خەلق كوممۇنىسى ئاياللارنىڭ گېزىت-ژۇرنال چىقىرىشىنى مەنئىي قىلدى. 24-كۈنى بەشتىن ئارتۇق ئايالنىڭ بىر يەرگە كېلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن كوچىغا چىقىپ كەتكەن ئاياللار قايتىدىن ئائىلىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. «ئاياللار ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغان تۇنجى مۇكەممەل خىتابنامە دەپ قارالدى. ئەمما، بۇ ئەسلىدىنلا مۇكەممەل بولمىغان بىر قاراش بولۇپ، ئىنسانچىلىقتىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.
    ئاياللارنىڭ بۇ ئىنقىلاب ئارقىلىق ئېرىشكىنى نېمە بولدى؟ ئۇلار نەچچە سائەتلەپ ئارتۇق ئىشلەيدىغان بولدى. ئاياللىق غورۇرى ئوخشاشلا دەپسەندە قىلىنىۋەردى. ئۇلار ئائىلىنىڭ شادلىقىدىن مەھرۇم قالدى. ئاياللار ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرسا، بالا تۇغسا، بالا تەربىيىلىسە، پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىللە باياشاد، خۇشال-خۇرام ھالدا تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزسە بولاتتى. شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلغان بولاتتى. بۇلار ئىشقا ئاشمىدى. ئەكسىچە ئىشقا ئاشقىنى ئەرلەرگە ئوخشاش كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ زاۋۇتلاردا ئىشلەش بولدى. بۇ ئاياللار ئىنىقىلابىنىڭ غەلىبىسى ئىدى.
    سانائەت ئىنقىلابىغا ئەگىشىپ يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشمۇ شەھەرلەردىن قېلىشمىدى، ئائىلە پارچىلىنىشقا باشلىدى. ئائىلىنى باغلاپ تۇرغان مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى. سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە ئەمگەكچى خەلق ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بەرپا قىلغان يېزا-سەھرا تۇرمۇشىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، ھەركىم ئۆزئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىدىغان شەھەر تۇرمۇشىنى كەچۈرۈشكە باشلىدى. شەھەردە ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق ئىدى. پۇل تېپىشتىن بۆلەك ھېچكىم ھېچكىمگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئەخلاق مىزانلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان ئادەم قالمىدى. ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغانلىكى يەردە جىنسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ئەخلاق دېگەنلەر بىلەن كارى يوق ئىدى. سانائەت ئىنقىلابى ئاياللار ۋە بالىلارغا ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى ئېغىر ئەمگەك مەجبۇرىيەتلىرىنى يۈكلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىدى ۋە ئاياللىق شۆھرىتىدىن مەھرۇم قالدى. پىسىخىكا ۋە ماددىي جەھەتتىكى بەھرىمەنلىنىشلەرگە ئېرىشەلمىدى. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنى پەرۋىش قىلىدىغان، تەربىيىلەيدىغان ۋە قامدايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۈرىيەتلىرىنىمۇ يوقاتتى. قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر ئەركەكلەر نومۇس قىلماي، ھەتتا ئاياللىرى، ئانىلىرىنى ئۆزىلىرىنى بېقىشقا زورلىدى.
    بىز نېمىشقا بۇنداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇرمايمىز. چۈنكى، ھەممىگە ئايدىڭكى، ياۋرۇپالىقلار ناھايىتى ئاچكۆز، جاھىل، ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئەزەلدىن ئادەمنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلىمەيتتى. باشقىلارنىڭ ئەيب-نۇقسانلىرىنى رەھىمدىللىك بىلەن ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيتتى. ئالىيجاناب ئەمەس ئىدى. كۆز يۇممايمىزكى، قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئىمپېرىسى دەۋرىدە ئاياللارنىڭ ئورنى ناھايىتى قىسقا بىرمەزگىل ياخشىلاندى. ئەمما، مۆجىزە خاراكتېرلىك بۇ ئىش ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. شۇ ۋاقىتتا چوڭ-چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بىرنەچچىلا ئايال ئۆزلىرىنىڭ  ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى. چاكىنا شەھۋانىي بايۋەچچىلەر ئۇلارنى ئويناپ كۆڭلىنى ئېچىش، جىنسىي لەززەتنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇلارغا چاۋاك چالدى. بۇ ئاياللار چاكىنا، سۆلەتۋاز، ئالدامچى، مەسخىرىۋازلارنىڭ دامىغا چۈشكەن ئىدى. بۇ ئاياللارنىڭ تېگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە تاسادىپىيلىقنىڭ، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا مەدەنىي كەمسىتىش، مەدەنىي خورلۇقنىڭ نەق ئۆزى ئىدى.
    تارىخ، جۇغراپىيە، ئىقتىساد، ئىدىيە، قانۇن جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ياۋرۇپا ئاياللىرىدەك قولىغا قورال ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شەرق ئاياللىرى ھوقۇقى ھەرىكىتىنى قوزغاپ، غەربكە ئەگىشىپ كوچىغا چىقىپ چوقان-سۈرەن سېلىشنىڭ ھاجىتىچۇ؟ ئاياللار ھەرىكىتى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ ئىسلاھات نەگە بارىدۇ؟ مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئىسلامىيەت دۇنياسىدا قاتتىق مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلە. ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى ئاياللاردا ئوخشاشمىغان مەسىلىلەر بولىدۇ. ئاياللار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرىدىغان يىگانە شەخس ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ ئالىيجاناپ بولغان مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ مەۋجۇت بولغانىكەن، ئۇلار مۇشۇ گەۋدىگە بويسۇنىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللار ئۆزىگە خاس ئائىلە ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىر غەرب ئاياللىرى كۆپىنچە زامانىۋىلىششنىڭ ئۈلگىسى، ئۇلار ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، غەرب ئاياللىرىنىڭ بۇ ئۆلچىمى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئەر-ئاياللىرىنىڭ نەزەرىدە بىر خىل خەتەر ۋە ئاپەت ھېسابلىنىدۇ.
    مەلۇمكى، 19-ئەسىردە ياۋرۇپا «ھايۋانلار ئىنسانىيەتكە يېقىن»دۇر دېگەن تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىلمىي ھالدا شەرھلىدى. گەرچە دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئىنسانىيەتنى قورقۇنچلۇق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئەسلىدىنلا ياۋايىلىق دەۋرىدە بەك ئۇزاق ياشاپ كەتكەن غەربلىكلەرنىڭ مېڭىسىدە تېز چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇ ئەخمىقانە كۆز قاراشنى قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. ھازىرقى غەرب دۇنياسىدىكى «تەبىئەتكە قايتىش» ھەرىكىتى دەل مانا مۇشۇ «ئادەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ھايۋان»دۇر دېگەن كۆز قاراشنىڭ مەھسۇلى. ھازىرقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنى رەزىللىكنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل، ئەمما رەزىللىكنى ئۆزگەرتمەيدۇ. پاھىشۋازلىق ئۇ يەرلەردە بىر خىل قانۇنلۇق كەسپ دەپ قارىلىدۇ، ھۆكۈمەت جازانە ئۈچۈن پۇل تارقىتىدۇ، قىمارغا يول قويىدۇ، ھاراق چەكلەنمەيدۇ، بۈگۈنكى كىنو ئىشلىرى رەزىللىكنىڭ ئانىسى، ئۇ تېخى دۆلەت بايلىقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. سېرىق ئەدەبىيات ۋە باشقا بۇيۇملار ئاممىنى زەھەرلەپ تۇرىدۇ، ئەمما دۆلەت ھۆكۈمرانلىق ئورۇنلىرى بولسا بۇ ئىشلارنى ئىنتايىن ئاز سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر تارىخ ئالىمى ل. س. كىچاۋرىنوك (L.S.ctavrianoc) ئۆزىنىڭ «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دېگەن كىتابىدا: «باي، سېھرىي كۈچكە ئىگە ئامېرىكىدا بىز قۇياشنىڭ يورۇق ئەمەسلىكىنى، خەلقنىڭمۇ بەختلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق. ئەكسىچە، بۈگۈنكى ئامېرىكا داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەت بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر مەسىلىلەر كۈنسايىن چوڭقۇرلاشماقتا. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئۇ دۇنيادىكى 1-ھەقدار دۆلەتتىن 1-قەرزدار دۆلەتكە ئايلاندى. ئىشچىلار ئىشسىز قالدى. دېھقانلار ئېكىنزارلىقلىرىدىن ئايرىلدى. مۇساپىرلار كوچىلارنى ماكان تۇتتى. ئوزۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. ھاراق بىلەن زەھەرلىنىش، زەھەر چېكىش، بويىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى كۈنسايىن ئۆرلىدى» دەپ يازىدۇ. ئۇ دۆلەتلەردە ئەخلاق پەسلىشىپ رەزىللىكلەر دائىم ئۆسۈپ تۇرىدۇ. بازارلاردا جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت ياسالما كۈرۈنۈشلەر، جىنسى ھەۋەسنى قوزغاتقۇچى Pickupme لەر، ياشلىقنى ئۇرغۇتقۇچى ۋە گۈزەللەشتۈرگۈچى دورا دېگەندەك بىر نېمىلەر كەڭتاشا سېتىلىدۇ، بۇنداق نەرسىلەرنى ياسايدىغان دورا زاۋۇتلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا نۇرغۇن پارا بېرىدۇ ياكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيىگە نۇرغۇن مال-دۇنيا ھەدىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەرىمانە تۆلەشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. غەرب دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان ئەخلاق ۋە روھىي كىرزىس بىر قىسىم كىشىلەرنى قايتىدىن يەنە باشقا بىر خىل تۇرمۇش شەكلى ئۈستىدە پىكىر قىلىشقا، ئەر-ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسى ياكى جەمئىيەتتىن باشقا بىر مۇناسىۋەتلەرنى ئىزدەشكە، ئائىلە، شەخس، تۈزۈم قاتارلىقلاردىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتۈشكە ئۇرۇندۇرماقتا. ئىسلام ئەنئەنىچىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئاساس قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلار قاتلىمىنىڭ غەربلىشىشكە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قەتئىي چەك-چىگرا ئاجرىتىپ، غەربنىڭ نەرسىلىرىنى چىرىكلىك ۋە شۇملۇق دەپ قارىماقتا.
    زامانىمىزدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئەھۋال تارىختىكى ئىلگىرى ئاللاھ تەرىپىدىن جازالانغان قەۋملەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئېتىقاد، ئىش-ئەمەل، غايە، ئەخلاق جەھەتتە ئاللاھتىن يىراقلاشتى. ناۋادا ئىنسانلار توغرا يولغا قايتىپ كەلمەيدىكەن ئاللاھنىڭ جازاسى ھامان كېلىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا غەرب مەدەنىيىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز، ناچار نەرسە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىدۇر. ھازىر ئەخلاق، يەنى ھەرقايسى دىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى (پەيغەمبەرلىرى) چىڭ تۇرغان نىشان ۋە ۋەزىپىلەر تەلتۈكۈس يوقىتىلدى. ئەكسىچە، ئەخلاقسىزلىق غەربنىڭ ماددىچىلىق ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان مەينەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى. ئۇ ئالىيجاناب ئەخلاقنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، «تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋاتقان ئىسلامىيەت» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئەسەد مۇنداق دەيدۇ: «غەربنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى بىر ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش مەنپەئەتپەرەسلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان يېڭى ئەخلاق كۆز قارىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىجتىمائىي ماددىي باياشادلىق بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار بولغان بەزى قىلمىش ۋە ئۇقۇملار، مەسىلەن، تېخنىكا قابىلىيىتى، مىللىي ھېسيات دېگەنلەر ئېتىبارغا ۋە ماختاشقا سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى مۇۋاپىق دەپ ھېسابلاندى. لېكىن، ساپ ئەخلاق كاتېگورىيىسىگە ياتىدىغان قىممەت قارىشى مەسىلەن، كۆيۈمچانلىق، ھېسداشلىق بولسا تېز نابۇت بولماقتا. چۈنكى، ئۇ جەمئىيەتكە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ماددىي مەنپەئەت ئەكەلمەيدۇ دەپ قارالدى»، «شەرم-ھايا، ئىپپەت-نومۇس، ئەدەپ-ئەخلاق، دىيانەت، ۋاپادارلىقلار رىۋايەتكە ئايلىنىپ، پەقەت مىللىي ماددىي باياشادلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەخلاق ئۇقۇمىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالدى. دىن تەشەببۇس قىلغان گۈزەل ئەخلاق تەدرىجىي ھالدا غەربلىكلەر تەشەببۇس قىلغان شەخسىي ئەركىنلىككە يول بوشاتتى. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەم جىنىسىي ھەۋەسنى تېزگىنلەپ، ئۆز مەيلىگە بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاش ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالدى». خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رىچارد روجىستۇن «ئازغۇنلۇق دۇنياسىدىكى مائارىپ» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا مۇۋاپىق بىر قانچە سۆز تېپىپ بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنى سۈرەتلەپ بېرىمىز دېسەك، پەن-تېخنىكا دەۋرى، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب دەۋرى، ئەخلاق نورمىسى يوقالغان دەۋر دېگەندەك ناھايىتى نۇرغۇن سۆزلەر بار. بۇ ئىسىملار ئىچىدە ھېچبىرى دەۋرنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئېچىپ بېرەلمەيدۇ ھەم شەرھىلەپمۇ بېرەلمەيدۇ. پەقەت ‹ئەخلاق نورمىسى يوقالغان دەۋر› دېگەن ئۇقۇملا بۈگۈنكى رېئاللىققا سەل-پەل يېقىن تۇرىدۇ»، «21-ئەسىرنىڭ قىلمىشلىرى بۇرۇنقى بارلىق ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارنىڭ مۇستەھكەم ھۇلىنى بۇزىدۇ، بۇنداق زەربە ئالدىدا دىنىي ئېتىقاد سۇسلىشىدۇ، ئالىي تۇرمۇش نىشانى تۈگىشىدۇ، ئەھۋال بارغانسىرى ناچارلىشىدۇ». ئالىملارنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ياشلاردىكى ئالىي غايە ۋە نىشانلارنىڭ يوقىلىشىدا، يەپ-ئىچىپ، ئويناپ يۈرۈشنى تۇرمۇش پرىنسىپى قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلى (ئۇسۇلى) دىن بىلەن مائارىپقا سەل قارايدۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئولىيەت دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈك ئىچىدە شەخسىي ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇش، نىكاھلىق تۇرۇپ ئاشنا ئويناش قاتارلىقلار نورمال ئىش دەپ قارىلىدۇ. پاھىشە ۋە كوللېكتىپ پاھىشۋازلىق قىلىش، كوللېكتىپ نىكاھلىنىش ئەۋج ئالىدۇ. جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسىبىتى نوپۇسىنىڭ ئاۋۇشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئاتىسىز تۇغۇلغان بوۋاقلانىڭ نىسبىتى ئۆرلەيدۇ. بەچچىۋازلىق يامراپ ئەيدىز كېسىلى ئىنسانىيەتكە تەھدىت سالىدۇ. ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، سېرىق كىتاب ژۇرناللار ھەردائىم ياشلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىرادىسىنى چىرىتىپ كاردىن چىقىرىپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل غەرب دۇنياسى ئومۇميۈزلۈك چىرىكلىشىشكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە غەربلىشىشكە قارىتا قاتتىق چەك قويۇشتىكى بىردىنبىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ، ئۇ دائىم بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك، زىددىيەت ۋە كۈرەشلەرنى پەيدا قلىپ تۇرىدۇ. مىللىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ كۈندىن-كۈنگە بۇزۇلۇپ يوقىلىشى ئىنسانلارنىڭ سۈزۈك سۇدەك ساپ ۋە مىللىي، دىنىي ھىېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساپ ھېسسىيات ماددا تەرىپىدىن بۇلغانغاندا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك چىقىدۇ. ئائىلە مۇناسىۋىتى بۇزىۋېتىلسە، ئەر-ئاياللار، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مېھرى-شەپقەت تۈگەپ، مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش بىلەن ھاۋايى-ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بەلۋاغقا ئايلىنىدۇ. خۇددى بىر غەرب سىياسىيونىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى بولمايدۇ، ئۆمۈرلۈك دۈشمىنىمۇ بولمايدۇ، پەقەت ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتىلا بولىدۇ.
    نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكە فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋە تاشقى كېسەل دوختۇرى ئالىكسى كاررىل ئەپەندى جانسىز ئىلىمنىڭ جانلىق ھاياتلىقلارغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ھەم بۇ ئارقىلىق ئېغىر پاجىئەلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئىنسانلارنى بەكمۇ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى. ئۇ ئىنسانلارنى ۋاسىتە تاللىماي پۇل تېپىشقا چاقىرماقتا. بۇ ۋاسىتىلەر بولىدىكەن ئۇلارنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ئىنسانلارنى دائىم غىدىقلايدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا، خىيالىغا كەلگەننى قىلىشقا، شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ زورلۇق، ئىنتىزام، جاپا-مۇشەققەت، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىق ۋە ھېرىش-چارچاش دېگەنلەرنىڭ چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ»، «ھازىرقى دۇنيا قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر مەنىۋى جەھەتتە زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ياۋايىلىققا قاراپ ماڭماقتا. ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئۇلار ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىنىڭ بىقىنىدىلا ھۇجۇم ئىستھكاملىرىنى قۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. ئۇلار ئازراقمۇ مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى كۆرمىگەن. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ مەدەنيىتىمىز ئىلگىرىكى مەدەنىيەتكە ئوخشاشلا بەزى ياشاش شارائىتلىرىمىزنى ئىجاد قىلدى. ئەمما، تېخى ھازىرغىچە چۈشىنىپ بولالمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئۇ تۇرمۇشنىڭ نەق ئۆزىنى ھالاك قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن بىز ئىجتىمائىي پەننىڭ ماددىي ئىلىمىدىن كۆپ ئارقىدا قېلىشىدەك بىر پاجىئەنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتۇق». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى مەدەنىيەت ئاساسەن دېگۈدەك  غايىلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، باتور ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ، ھەممىلا دۆلەتتە دېگۈدەك ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان رەھبەرلىك قىلغۇچىلاردا ئىقتىدار ۋە ئەخلاقتا كۈندىن-كۈنگە بوشىشىپ كېتىش مەۋجۇت. دۆلەتنىڭ مالىيەسى، سانائەت ۋە سودا ئاپپاراتلىرى كۈندىن-كۈنگە زورايماقتا. بۇ ئاپپاراتلار يالغۇز ئۆز دۆلىتىنىڭ شارائىتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قوشنا ئەللەر ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا ھازىر تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىدە بىردەك مەسىلە مەۋجۇت. بەزى كۈچلۈك دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ دائىم ھايات-ماماتلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بىز شۇنى بىلدۇقكى، گەرچە ئىنسانىيەت بارلىق ئۈمىدىنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىن كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما  بۇ مەدەنيەت ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەتكە باي باتۇر رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئازغان ئىنسانلارنى خەتەرلىك يولدىن قايتۇرۇپ كېلىپ ھىدايەتكە يېتەكلەتكۈزەلمىدى ... شۇڭا ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان نەرسە ئۇلارنىڭ سىياسىي داھىيلىرىدا ئەقىل-پاراسەت، ئەخلاقنىڭ كەملىكى، شۇنىڭدەك نادان ۋە بىلىمسىزلىكى بولۇپ تۇرماقتا».
    نوبىل ئىلىم-پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېنېي دوب ئۆزىنىڭ «ئىنسانلاردىكى ئادىمىيلىك» دېگەن كىتابىدا ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىسىخىكىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەكس ئەتكەن كرزىس ئامىللىرى ھەققىدە توختىلىپ، يېڭىچە بىر ئۈمىدسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ كلاسسىك دەۋر ئېتىقاد، ئەقىل-پاراسەت ۋە رومانتىك دەۋرى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇ دەۋردە ئاشۇنداق تۇرمۇشنى قوغلىشاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. بۈگۈنكى دەۋر بولسا ئاتوم دەۋرى، ئالەم بوشلۇقى دەۋرى، ئىلىم-پەن دەۋرى، شۇنداقلا يەنە غەم-ئەندىشە، تەشۋىش دەۋرى. بۇ دەۋردە ماددىي تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تونۇتمىدى. نۇرغۇنلىغان تەرەققىي تاپقان ئەللەردە خېلى كۆپ مەسىلىلەر، يەنى ئىرقىي كەمسىتىش بىلەن كۈرەش، شەھەر مەدەنىيىتىدىكى بىدئەتچلىك، ئادىمىيلىكنىڭ ياتلىشىشى، ئادىللىقنىڭ ئىنسان قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ئاتوم ئۇرۇشى تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. ھازىرقى زاماندىكى ئەندىشىنىڭ مەنبەسى ھەربىر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىگە ئايدىڭ. دىنىي ھېسسىيات بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قارىشى ئاللىقاچان مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى. ئۆرپ-ئادەت ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى ساھە ئادەملىرى بىردەك ئاللا ئۆلدى دەپ ۋارقىراشماقتا. ئىنسانلار خۇددى پالاقسىز كېمىدەك ئۆزىنى باشقۇرالماي قالدى، دەيدۇ. پسىخولوگلار، ئېتنىكشۇناسلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، پسىخىكا كرزىسى كىشىلەر بىلەن كىشىلەر، ئادەم بىلەن تەبىئەت كۈچىلىرى ئارىسىنى يىراقلاشتۇرۇپ مۇناسىۋەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ھازىرقى ئادەملەر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ. گەرچە كىيىم كىيىپ غىزالانسىمۇ، ئەمما ھايۋانلاردا ئەسىلىدە بار بولغان ئەڭ ئەقەللىي قابىلىيەت ۋە ئالاھىدىلىكتىنمۇ مەھرۇم قالدى، ئىنسانلار بارغانسېرى ئۆزىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
    ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ماددا ۋە روھتىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئىككى چاقنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ جەمئىيەت كېسەل تەككەن، ساغلام بولمىغان جەمئىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام مەدەنيىتى مانا مۇشۇ ئىللەتنى بايقىغاندىن كېيىن چىقىش يولى ئىسلامىيەتتە دەپ ھېسابلايدۇ. تارىخشۇناس، پەيلاسوپ ۋە سىياسىئونلار دۇنيادىكى ئازغۇنلۇقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدىمەكتە. چىقىش يولى نەدە؟ قانداق قىلىپ ئىنسانىيەتنى ھازىرقى زامان ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ جىنس كىلەيىر دېگەن ئادەم ئۆزىنىڭ «نادان ئادەملەر» دېگەن كىتابىدا ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش، ھەيكەل ياسىغاندەك ئادەمنى قايتىدىن ياساش، ئىنسانلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرقى زامان ئىسلام ئالىمى سەئىد قۇتۇبنىڭ قارىشىچە، يالغۇز ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قەلبىنىڭ مەنىۋى پائالىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىر يول تېپىش لازىم، ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە بىر قېلىپ (ئۆلچەم) بولۇشى كېرەك. ئۇ سانائەت ئارقىلىق بەرپا ئېتىلگەن ماددىي مەدەنىيەت بارلىق گۈزەل ھېسسىيات، تۇيغۇ، سەزگۈنى نابۇت قىلىپ، سەنئەتلىك، دىنلىق بولغان مەنىۋى پائالىيەتنى بوغۇپ قويدى. شۇڭا، روھىي ئېتىقادلىق ئورنى بولغان بىرخىل تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ دىن. دىن-روھىنىڭ ھەرىكىتى، ئەخلاقنىڭ مەشىقى بولۇپ، ئاخىرەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. زامانىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇر پاكىستانلىق ئالىم مەۋلانا ئەبۇئەلا مەۋدۇدى (1903-1979) ئۆزىنىڭ «بىز ۋە غەرب مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابىدا ئەنگىلىيىلىك ئالىم راۋىد روسىننىڭ كۆز قارىشىنى ئىستاتا كەلتۈرىدۇ. راۋىد روسىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ھىندىستاندىكى  كالكوتتا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئىلىم-پەن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. ئەمما، ئەنئەنىۋى دىنلارنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇردى. ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق چىرىكلىك ۋە چۈشكۈنلۈكلەرنىڭ  يېرىمىنى مۇشۇ سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىىشى بىلەن دىننىڭ سۇسلىشىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى ۋە رولىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن ئەخلاققا سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئىلىم-پەن ئىنسانىيەتكە بەخت ئاتا قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى يوقىتىدۇ. مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ چىقىش يولى يەنىلا دىندا. ئەمما، ھازىرقى ئادەملەر تەجرىبە ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئۆلچەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەنى دىنىي ئىتىقادى خېلى كۈچلۈك ئادەملەرمۇ دىننىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دىن ئۆزىنىڭ دىنلىق يۇقىرى ئورنىنى ۋە تەسىرىنى ساقلىشى، روھىي ھال جەھەتتىن ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەنىدى. مەۋدۇدى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «بۇ يالغۇز رۇسىندىن ئىبارەت بىرلا ئادەمنىڭ بايقىغىنى ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپا، ئامېرىكا شۇنىڭدەك غەربتىكى بارلىق تەرەققىي تاپقان ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بايقىغىنى. بۇنىڭغا بۇددا دىنى، كاتولىك دىنى ۋە ھىندى دىنلىرىنىڭ ئامالى يوق. پەقەت ئىسلام دىنىلا كەلگۈسىنىڭ مەدەنىيىتى» دەيدۇ.

    مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.

    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 5-6-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: