版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130084050.html

    ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى


    يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    تەھرىر ئىلاۋىسى:
    قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ يىراق ئۆتمۈشى بىلەن تونۇشۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم، بالايىئاپەت ۋە ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئەسلەپ، بەختسىز بولۇپ قېلىشنىڭ مەنبىئى، سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى، شۇنداقلا تەقدىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش-نۆۋەتتە ھەربىر ئانا، خوتۇن-قىز، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇلارنىڭ مېھرىبان شاپائەتچىسى، كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، ئىمانلىق تەربىيىچىسى بولمىش ھەربىر ئاتا، ئەر-ئوغۇل، ئاكا ۋە ئۇكىلارنىڭ سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىغا تېگىشلىك جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ، ئالدىمىزغا قويۇلماقتا. خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ھوقۇق تارىخچىسى مۆھتىرەم يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى ئەپەندىنىڭ بۇ رىسالىسى دەل مانا مۇشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي تېنەپ قېلىۋاتقان خوتۇن-قىزلىرىمىزغا توغرا يول كۆرسىتىپ روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    (1)

    ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئاتىسى ھېسابلانغان قەدىمكى مىسۇپوتامىيە ۋادىسىدا بۇنىڭدىن ئالاھەزەل قىياس ئالتە مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان سومېرلار، ئاسورىيلەر ۋە بابىلونلىقلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدا ئاياللارغا تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق. مىلادىدىن ئاۋۋالقى 18-ئەسىردە قەدىمكى بابىل خانلىقىنىڭ پادىشاھى ھاممۇرابى تەرپىدىن جاكارلانغان «ھاممۇرابى قانۇنى»دا ئاياللارنىڭ گۇناھكارلاردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ماددىلار بار، ئۇنىڭغا ئاساسەن، ئەرلەر ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلتۈرگۈچىگە ئۆلۈم كەلمەيتتى. ئەرلەر ئاياللىرىنى سېتىۋېتىشكە ياكى قۇل ئورنىدا قەرزگە تۇتۇپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئىدى. ئاياللار ئەرگە تېگىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانىلارغا كېلىپ، سېتىلىدىغان بۇيۇم ئورنىدا تۇراتتى. چىرايلىقلىرى دەرھال سېتىۋېلىنسا، سەتلىرى ئۈچ-تۆت يىللاپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. بۇنداق ئىبادەتخانىلار تولاراق پاھىشەخانا خاراكتېرىنى ئالغان ئىدى. دەللاللار قاۋاقخانا ئېچىپ، سولامچىلىق بىلەن تۇرمۇسىنى قامدايتتى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرى ئۆز تېنىنى سېتىپ جان باقاتتى. قەدىمكى ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ھىندى ئالىمى دوكتور گوستاپ ئەپەندىنىڭ «تەمەددۇنى ھىندى»(ھىندى مەدەنىيىتى) دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە كۆرە، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى قانۇنىدا: «ۋابا كېسىلى، ئۆلۈم، دەۋزەخ، زەھەر، زەھەرلىك يىلانلار، ئوت قاتارلىقلارمۇ خوتۇن كىشىدىن ياخشىراقتۇر» دېيىلگەن. ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ خوجايىنى بولغان ئەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەرلىرى ئۆلسە ئۇلار ئەرلىرى بىلەن بىللە تىرىك كۆمۈلەتتى ياكى ئوتتا كۆيدۈرۈلەتتى. «مانو قانۇنى»دا: «ئاياللار قىز بولسۇن، جۇۋان بولسۇن ۋە ياكى قېرى موماي بولسۇن، ئۆز ئەركىنلىكىنى تاللاش ھوقۇقى يوق. ئۇلار ئۆيدە ئاتىسىغا، تالاغا چىقسا ئېرىگە، ئېرى ئۆلسە ئوغلىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم. تول ئاياللارنىڭ قايتىدىن ياتلىق بولۇشى راۋا ئەمەس. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە تارىنىش، ياسىنىش جەھەتتە ئۆلگىچە پەرھىز تۇتۇشى لازىم. ئاياللارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى يوق، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرلىرىگە مەنسۇپ» دېيىلگەن. ئۇلار دەرەخ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان بولغاچقا ھەر يىلى شۇلارغا ئاتاپ ھەر بىرى ئۈچۈن بىردىن قىز قۇربانلىق قىلاتتى. مۇئەللىپ ئابدۇلفەتتاھنىڭ «روھۇد دىينىل ئىسلام» (ئىسلام روھى) دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە قارىساق، «تەۋرات»مۇ خوتۇنلارغا ھىندى قانۇنلىرىدىن رەھىمدىلرەك ئەمەس ئىدى. تەۋراتنىڭ «جامىئە» قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان: «خوتۇن كىشى ئۆلۈمدىنمۇ ئاچچىق بىر نەرسىدۇر. خوتۇن كىشى (ئادەمنى ئوۋ قىلىدىغان) سىرتماق، ئۇنىڭ قەلبى قىسماق، ئۇنىڭ ئىككى قولى كىشەندۇر. مىڭ ئادەم ئارىسىدىن كېرەكلىك بىر ئادەم تېپىلىدۇ. مىڭ خوتۇن ئارىسىدىن كېرەكلىكىدىن بىرسى تېپىلمايدۇ». مىسىرلىق دوكتۇر ئەھمەد شەلەبىنىڭ «مۇقارىنەتۇل ئەديان ئەل ئىسلام» دېگەن كىتابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيە 6-ئەسىردە رىم ئاقساقاللىرى «‹ئاياللار روھى بار جىسىممۇ ياكى مۇتلەق جىسىممۇ؟› دېگەن تېمىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ئاياللار دەۋزەخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئۇ دۇنيالىقى يوق، روھى بار پاسكىنا جىسىم، ئۇلار گۆش يېمەسلىكى، كۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇلار ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا يارىتىلغان» دېگەن پىكىردە بىرلىككە كېلىشكەن. رىملىقلار ئاياللارنى شەيتاننىڭ ھەمراھى، ئازدۇرغۇچى يامان روھ، بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى، شەيتان ئادىمىزاتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئاياللار ئارقىلىق چىرىتىدۇ. ۋە نابۇت قىلىدۇ، دەپ قاراپ، خوتۇن-قىزلىرىنى تۆلەم ئورنىدا باشقىلارغا بېرىۋېتەتتى. ئاياللار ھەر خىل تەن جازالىرىغا ئۇچراپ تۇراتتى. بۇ چاغدىكى ئاياللارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن، رىملىقلار ئاياللارنىڭ ئاغزىغا تۆمۈر قۇلۇپ سېلىپ قوياتتى. بەزى ئالىملار بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللارنىڭ پۇتىغا سېلىۋالغان ھالقا ئەنە شۇ قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەندىن، بوينىغا ئېسىۋالغان ئالتۇن زەنجىر بولسا، قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ بوينىغا سېلىنغان قۇلۇپلۇق زەنجىردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، قۇلىقىغا سالغان ھالقا ۋە قولىدىكى ئۈزۈكلەرمۇ ئەنە شۇلارنىڭ راۋاجى دېيىشىدۇ. «شۇبھاتى ھەۋەلەل ئىسلام»دا يېزىلىشىچە، ئافىنا (يونان) ئاياللىرى ئېلىپ-سېتىلىدىغان ماددىي بۇيۇم ئىدى. ئۇلار ئاياللارنى شەيتاندىن ئاپىرىدە بولغان مەينەت، پاسكىنا مەخلۇق دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ يىرگىنەتتى. ئاياللارنىڭ شۇملۇقى، نىجىسلىقى، پەسكەش ۋە بۇزۇقلۇقىدىن گۇناھ سادىر بولىدۇ، ئاياللاردىن يىراق تۇرغاندىلا ئاندىن ئالىي پەزىلەت ۋە يۇقىرى مەرتىۋە قولغا كېلىدۇ، دەپ قارايتتى. بەنى ئىسرائىل قەبىلىسى(يەھۇدىيلار)نىڭ خاتا گۇمانىچە ئاياللار ئەرلەرنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلار كەمسىتىلىپ ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سېلىناتتى. ئۇلار بەزىدە قىزلارنى ئۆلتۈرۈپ نەزىر ئۆتكۈزەتتى. پارس تارىخچىسى شاخىم ماكارىئوسنىڭ «ئىران تارىخى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە قارىساق، قەدىمكى ئىران نادانلىق بىلەن جىنايەتنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە تېخى مەۋجۇد بولمىغان نىكاھ تۈزۈمى ئىراندا قانۇنلۇق دەپ قارىلاتتى. ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتىكى ئىران پادىشاھى يەزدىگەرد II ئۆزىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، خوتۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. مەشھۇر ئەرەب تارىخ ئالىمى ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد بىننى جەرىر بىننى يەزىد ئەل-تەبەرى(ھىجرىيە 224-310)نىڭ «تارىخى تەبەرى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، ئىران شاھى بەھرام چۆبىن ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئالغان ئىدى. شۇەنزاڭ تەرىپىدىن يېزىلغان «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»دە يېزىلىشىچە، ئىران جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ھەرقانداق  شەكىلدىكى نىكاھلىنىشنى چەتكە قاقمايتتى.
    ئىران ساسانىيلار دەۋرىدە مانى دىنى تەلىماتى مەيدانغا كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن شۇ زاماندا ئەۋج ئالغان ئەخلاقسىزلىق ھەم چۈشكۈنلۈككە قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەدىمكى ئىران پەيلاسوپلىرىنىڭ قىزىقىپ تەتقىق قىلغان ئاتالمىش يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق كۈرىشى تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. مانى(216-276) مىلادىيە 3-ئەسىردە ئون ئىككى يېشىدا تەركىدۇنيالىقنى تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، شۇ زاماندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا يامراپ كەتكەن ھاراقكەشلىك، زىناخورلۇق، شەھۋەتپەرەسلىك قاتارلىق قورقۇنچلۇق كېسەلنى ئۇنىڭ تەلىماتى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولاتتى. ئۇ بارلىق رەزىللىكلەر قاراڭغۇلۇقنىڭ يورۇقلۇققا قارشى تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن ئىنسانلار نەسلىنى ئاۋۇتماسلىقى كېرەك، دېدى. مانى دىنىنىڭ رىۋايىتىدە  ئۇنىڭغا ئون ئىككى يېشىدا ۋە يىگىرمە تۆت يېشىدا ئىككى قېتىم زىناخورلۇق ۋە ئادەم، جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەنئى قىلىش ھەققىدە ۋەھىي كەلگەن دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ دىنىي تەشۋىقاتىغا ئاتىسى ۋە باشقا يەنە ئىككى ئادەملا ئاۋاز قوشقان، ئۇ ئۆز تەلىماتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەبىىسفون، موقران، تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا كەلگەن، ئاخىردا مىلادىيە 273-يىلى مانى مەملىكىتى ئىرانغا قايتقان. ئەمما، شۇ ۋاقىتتىكى ئىران پادىشاھى بەھرام: «بەختسىزلىكنى تەشۋىق قىلغۇچى بۇ ئادەمنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتىدىغان سۇيىقەستى ئىشقا ئېشىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» دەپ جاكارلىدى ۋە 276-يىلى بەھرام ئۇنى تۇتۇپ گۇندى شافۇر زىندانىغا قامىدى ۋە يىگىرمە ئالتە كۈندىن كېيىن كىرستقا مىخلاپ ئۆلتۈردى. مانى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى، شاگىرتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئەمما، ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتى بۇ دىننىڭ مەركىزى بولغان بابىلونىيە ۋە باشقا شەھەرلەردە تەشۋىق قىلىنىۋەردى. مۇرىتلار ئەزەربەيجان، كىچىك ئاسىيا (ئانا-تولى)، مىسىر، مەغرىب (شىمالىي ئافرىقا)، ئوتتۇرا ئاسىيادا دىن تارقاتتى. مانى تەلىماتى شەرقتە، بولۇپمۇ يايلاق مىللەتلىرى ئىچىدە ئۈنۈملۈك تارقىتىلدى. 8-ئەسىردە ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى.
    مانى ئۆلۈپ ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، يەنى پادىشاھ قۇباد دەۋرى (488-531)دە ئىرانلىقلارنڭ شاللاقلىق مىجەزى قايتىدىن قوزغىلىپ، مەزدەك ھەركىتى دېگەن بىر تەتۈر بوھران كۆتۈرۈلدى. ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان ئىسلام پەيلاسوپى ۋە تارىخ ئالىمى ئەبۇ فەتتاھ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئەھمەد شىھىرىستانى(10860-1153)نىڭ «ئەلمىلەل ۋە ئەلنىھەل» دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، مەزدەك ئىنسانلار بىر ئاتا بىر ئانىدىن تۆرەلگەن. شۇڭلاشقا خۇددى ئوت، سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەككە ئىھتىياجلىق بولغاندەك جاھاندىكى بارلىق ئەرلەر، بارلىق خوتۇنلار ۋە مال-دۇنيادىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دېگەننى تەشۋىق قىلدى. بۇ خوتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا كەلگەن دۇنياۋى خاراكتېرلىك چوڭ بىر ئاپەت، شۇنداقلا بارلىق ئەركەكلەرنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان دەھشەتلىك كەمسىتىش ئىدى. مەزدەك تەلىماتى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ خۇددى «تارىخى تەبەرى»دە ئېيتىلغاندەك، «ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بىمەنە، چاكىنا، شاللاق ئادەملەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزدەك مۇرىتلىرىغا ئايلاندى. ھەتتا پۇقرالارمۇ خۇددى شىددەتلىك بوران كەبى كەلگەن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ كەتتى. ھەممەيلەن ئۆز ئىختىيارىچە باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرەلەيتتى، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تونۇمايدىغان، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنى تونۇمايدىغان بولدى». ئۇلارنىڭ ھايۋانلاردىن ھېچبىر پەرقى يوق ئىدى. مەزدەك مۇرىتلىرى پادىشاھ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، پادىشاھ قۇبادنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا قىستىدى. مەزدەك دىنى پادىشاھنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشىدە ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى. ئىران چىرىكلىك، مالىمانچىلىق، زىنا، پاھىشە، شەھۋەتپەرەستلىك، پاسكىنا، مەينەتچىلىك بىلەن بولغانغان، خوتۇن-قىزلار قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان بىر قورقۇنچلۇق دۇنياغا ئايلاندى. ئاللانىڭ ئىرادىسى بۇنىڭغا قەيئىي يول قويمايتتى. مىلادىيە 496-يىلى ئىران ئاقسۆڭەكلىرى پادىشاھ قۇباد I نى تەخىتتىن چۈشۈردى. 6-ئەسىرنىڭ بېشىدا مەزدەكلەر ئىفتالىتلار ئارىسىدا پاناھلىنىۋاتقان پادىشاھ قۇباد I دىن ئۆزلىرىنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، 529-يىلىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشى مەزدەك تەلىماتىنى بىردەك بىدئەتلىكتە ئەيىبلەپ، مازداق ۋە ئۇنىڭ سەكسەن مىڭ مۇرىتىنى دارغا ئاستى.
    ھىندىستانلىق ئىسلام ئالىمى مەۋلانە ئەبۇل ھەسەن ئەلى نەدىۋنىڭ «مازا خەسىرەل ئالەم بىنھىتاتىل مۇسلىمىن» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدىكى قەيتلەردىن جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر رەزىللىك بىلەن قاباھەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، جازانىخورلۇق، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  جاھىلىيەت دەۋرىدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ ناچار، قەبىھ ئادەتلەرنى تەسۋىرلەپ يېزىلغان بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ يازما ۋەسىقىلىرىدىنمۇ ھاراقنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. قىمار-ئەرەبلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان بىر خىل كەسپى بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قىمارغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى رەت قىلىشنى ئادەمنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمىغانلىق ھېسابلايتتى. قىمار كۆپىنچە قەبىلىلەر ئارىسىدا بولىدىغان قىساس ۋە قان تۆكۈلۈشلەرگە سەۋەبچى بولاتتى. زىنا ئەرەبلەردە گۇناھ ھېسابلانمايتتى. پاھىشىۋازلىق ھەر خىل شەكىللەر بىلەن بۇ جەمئىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پاھىشە ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا بىر بايراق قاداپ بەلگە قىلىپ قوياتتى. ئەرەب ئاياللىرىدا مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايتتى.تۇل خوتۇنلار ۋە ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلارنىڭ قايتا ئەرگە تېگىشىگە رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، ئاتىسى ئۆلسە خوتۇنلىرى بىلەن مال-دۇنياسىغا چوڭ ئوغلى ۋارىسلىق قىلاتتى. غۇرۇر ۋە نامراتلىق تۈپەيلى يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان قەبىھ ئادەت ھەر قايسى ئەرەب قەبىلىلىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەر ئون ئەرەبتىن بىرى قىزىنى ئۆلتۈرۈپ گۇناھكار بولاتتى. بۇ چاغدا ئاللانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قىممەتلىك سوۋغىسى بولغان ئەخلاق ئېتىباردىن يىراقلاشتى، باتۇرلۇق بىلەن كۈچ زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندى. بۇزۇپ چېچىش ۋە ئىسراپچىلىق سېخىيلىقنىڭ بەلگىسى قىلىندى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش غۇرۇر سانالدى. پىلان-تەدبىرنىڭ ئورنىغا ھىيلىگەرلىك دەسسىدى. ئەقىلنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى جىنايەتنى لايىھىلەش ياكى كۆز كۆرسە يۈرەك جىغىلدايدىغان، يېڭىچە چىرىك، شەھۋانە تۇرمۇشنى ئىجاد قىلىش بولۇپ قالدى. ئادەم ياشايدىغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ھەسرەت-نادامەت ۋە ئەندىشە-كۆڭۈلسىزلىكلەر ئەۋج ئالدى. سىياسەت قالايمىقان ئىشلىتىلدى، ئۇ خۇددى قالايمىقان چېپىپ يۈرگەن ياۋا تۆگىگە، ھوقۇق كەيپ بولۇپ قالغان ھاراقكەشنىڭ خەنجىرىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ ئەقلىدىن ئاداشقان بولۇپ، مەيلى ئۆزىگە ياكى ئۆزگىگە بولسۇن پىچاق بىلەنلا تاقابىل تۇراتتى.
    يىغىنچاقلىغاندا، خرىستىئان دىنى يىلنامىسىنىڭ 6-ئەسىردە دۇنيادا بىرەرمۇ ساغلام دۆلەت، پەزىلەتلىك، غايىلىك بىرەرمۇ جەمئىيەت، پۇقرالىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىرەرمۇ ئەدلى-ئادالەتلىك دانا ھۆكۈمران يوق بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا تەپرىقىچىلىك ۋە توپىلاڭلارنىڭ ئانا مەنبەسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇرمىلانغانلىقتىن كىچىككىنە يورۇقلۇق چىقىرىپ تۇرغان چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلار زۇلمەت كېچىدە خىرە-شىرە يورۇپ تۇرغان شامغا ئوخشايتتى. ئۇ چاغدا ھەقىقەتنىڭ نۇرى ئۆچۈپ، ئادالەت ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ئىدى. گەرچە ئىنسانلار زۇلمەت ئىچىدە نەچچە يۈز يىل ئىزدەنگەن بولسىمۇ، بىرەر كۈچمۇ ئۇلارنى خەتەرلىك يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. مانا مۇشۇنداق بىر چاغدا يەنە كېلىپ خۇددى ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابىدا ئېيتىلغىنىدەك: «زامان ئەھلىنىڭ ئەڭ ساغلاملىرى كېسەل، ئەڭ سۆزمەنلىرى كېكەچ بولۇپ قالغان بىر چاغدا مىھرىبان ئاللاھ ھالال بىلەن ھارام ئىشلار ئېنىق ۋە تولۇق بايان قىلىنغان قۇرئاننى جىبرىيل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىپ، مەشئەل ۋە يول كۆرسەتكۈچ بەلگە تىكلەپ بەردى». مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىماسى سەھنىدىكى داھىي ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلغۇچى، ئىنسانلارنى يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى نۇرلۇق مەشئەل ئىدى. ئۇ بىر خىل گۇناھ بولىدىغان ئىشنى يەنە بىر گۇناھ بولىدىغان ئىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمىدى، بىر جايدا ئادالەتسىزلىكنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە بىر جايدا يېڭى ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلمىدى. ئۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ غايىسى ۋە ئارزۇسى تۇپرىقىدا ھەيۋەتلىك ئەرەب قەسىرلىرىنى بىنا قىلمىدى. ئىنسانلارنى رۇم ۋە پارس ئىستىبداتلىرىنىڭ بويۇنتۇرقى ئاستىدىن ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئەدنان ۋە قەتان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خارلىشىغا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ بىرەر دۆلەت ياكى ئۈممەتكە دىن  تارقاتمىدى، بەلكى ئەرەبلەرنى دىن تارقىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۆستىدە باش قاتۇردى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرىك جەمئىيەت ئىدى.
    ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىرشادلىرى ۋە ھېكمەتلىك كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدىكى ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئەر-خوتۇنلۇق ئالاقىنى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ يۈكسەك ئالاقىلەردىن قىلدى. «قۇرئان كەرىم» ئېنىق قىلىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ يارىتىلىشتا، بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكى (4:1، 49:13)، قىلغان ئىش-ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى (33:35، 16:97، 60:12، 4:32، 4:124)، ئەر بىلەن ئايال ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىدە ۋە ئىنسانلىق ھۆرمەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكى (17:70)، ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان ئەمەل ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنىشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى (3:195)، ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن توسۇلۇشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى (28:84)، ئەر بىلەن ئايالنىڭ قىساستا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى بىر ئەر بىر ئايالنى ناھەق ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئايال ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئايال بىر ئەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭمۇ شۇ ئەر ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى (2:178)، ئەر بىلەن ئايال مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئەر كىشى مال-مۈلۈككە قانداق ئىگە بولالىسا، ئاياللارنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش مال-مۈلۈك ساھىبى بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى (33~32: 4)، ئەر بىلەن ئايال مىراس ئېلىش ھوقۇقىدا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئەرلەر مىراس ئالغاندەك ئاياللارنىڭمۇ مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى (4:7) قاتارلىقلارنى بېكىتتى. «قۇرئان كەرىم» يەنە ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ھوقۇقىدا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، يەنى ئەرلەر ئۆزلىرى خالاپ ياخشى كۆرگەن ئاياللار بىلەن توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئۆزلىرى خالاپ ياخشى كۆرگەن ئەرلەر بىلەن توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوغۇل-قىزلارنى ئۇلار خالىمىغان بىرسى بىلەن توي قىلىشقا زورلاشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئۆزلىرى خالىمىغان ئەرلەرگە تەگمەسلىككە، ئۆزلىرى خالىغان ئەرلەرگە تېگىشكە ھوقۇقلۇق بولدى. بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھوقۇقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ھوقۇق ئىدى. ئىسلام دىنى ئەرلەرنى ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشقا، ئاياللارنى ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى ھەمدە خۇددى ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئىسلام دىنى ئاياللار خۇسۇسىدا ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەرقانداق بىر دىن ۋە مەدەنىيەتكە قارىغاندا ئىلغار يول تۇتتى. «قۇرئان كەرىم» ئىلىمنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلىم يالغۇز ئىمتىياز ئىگىلىرىگىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدىغان ھەرقانداق كىشىگە مەنسۇپ ئىدى. ئىسلام دىنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە بۇيرۇلۇشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئىسلام دىنى  مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە بۇيرۇغاندا ئەر، ئايال دەپ ئايرىماستىن ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش ئەمىر قىلىدىغانلىقىنى، بىلىمنىڭ دىنىي ئىلىم ۋە شۇنداقلا شەخسكە، مىللەتكە، جەمئىيەتكە پايدىلىق بارلىق ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى (3:18، 35:28، 39:9) قاتارلىقلارنى ئوقتۇردى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ شۇنداقلا ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ مۇھىم بىر بەلگىسى قىلىپ بېكىتتى. رەسۇلىللا ھەزرەتلىرى خۇددى مەشھۇر تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن (1859-1936)نىڭ «جەۋامىئولكەلىم شەرھى» كىتابىدا كۆرسىتىلگەندەك «پۈتۈن ئەھلى ئىسلام ئىچىدە ئىلىم يېيىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى ۋە ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆزى ئۆگىنىش لازىم ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلاتتى. لېكىن بۇ (تەشەببۇس) بەختسىزلىككە قارشى بۈگۈنگە قەدەر (20-ئەسىرگە قەدەر) مۇسۇلمانلار ئىچىدە ھېچبىر ئەسىردە ۋە ھېچبىر مەملىكەتتە ئىجرا قىلىنمىدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. بۇنىڭ گۇناھى دىندا ئەمەس، بەلكى ئۈممەتنىڭ ئۆزىدە» ئىدى.

    (2)

    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك ئالىملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار 19-ئەسىردىكى مۇسۇلمانلرنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ مەسخىرىلىرى بىلەن ئەيىبلەشلىرىگە باھانە بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى؛ ئىلىم-مەرىپەتنىڭ كېمىيىپ، خار-زەبۇنلۇقلارنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى؛ سەپەر يۈرۈشلىرىگە خۇراپاتلىق ئارىلىشىپ، دېھقانچىلىق، سودا-سانائەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى؛ رەسۇلىللاھ زامانىسىدا خاتىمە بېرىلگەن جاھىلىيەت دەۋرى ئىللەتلىرىنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان نەرسىنىڭ دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەيلى ئېتىبارى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار ئىسلام دىنىنى دەۋرگە ماس ھالدا شەرھلەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي روھىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق (يېڭى نەرسىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس) غەرب ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈمنىڭ ئىسلام جەمئىيتىدە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا ۋە ساغلام بىر دۆلەت شەكلى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلار ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققى تاپتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاھالىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان ئاياللارنى ئويغىتىش، ئۇلارنىڭ جاراھەتلەنگەن قەلبلىرىگە مەلھەم سۈرۈپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئانىلىرى، ئاچىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە سىڭىللىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشتى.

    مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.
    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 5-6-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: