版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130086799.html

    ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
    (داۋامى)

    يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


    (2)

    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك ئالىملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار 19-ئەسىردىكى مۇسۇلمانلرنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ مەسخىرىلىرى بىلەن ئەيىبلەشلىرىگە باھانە بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى؛ ئىلىم-مەرىپەتنىڭ كېمىيىپ، خار-زەبۇنلۇقلارنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى؛ سەپەر يۈرۈشلىرىگە خۇراپاتلىق ئارىلىشىپ، دېھقانچىلىق، سودا-سانائەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى؛ رەسۇلىللاھ زامانىسىدا خاتىمە بېرىلگەن جاھىلىيەت دەۋرى ئىللەتلىرىنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان نەرسىنىڭ دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەيلى ئېتىبارى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار ئىسلام دىنىنى دەۋرگە ماس ھالدا شەرھلەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي روھىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق (يېڭى نەرسىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس) غەرب ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈمنىڭ ئىسلام جەمئىيتىدە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا ۋە ساغلام بىر دۆلەت شەكلى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلار ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققى تاپتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاھالىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان ئاياللارنى ئويغىتىش، ئۇلارنىڭ جاراھەتلەنگەن قەلبلىرىگە مەلھەم سۈرۈپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئانىلىرى، ئاچىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە سىڭىللىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشتى.
    يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىدا ئاياللار مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە بايراقدارى مىسىرلىق ئىمام ئەزھەرى شەيخ رىفائەرافى ئەل تەختەۋى (1801-1875) بولدى. ئۇ يېقىنقى زاماندىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، شۇنداقلا مىسىرغا ئەڭ بۇرۇن غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم-مەرىپىتى بىلەن دېموكراتىك ئىدىيىنى كىرگۈزگەن داڭلىق مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپچى ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 1241-يىلى (مىلادىيە 1825-1826)، يەنى يىگىرمە يېشىدا ئۆز زامانىسىنىڭ ئەللامىسى ھاشىم ئاتا دېگەن كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مىسىر نائىبى مۇھەممەد ئەلى پاشا (1769-1849) تەرىپىدىن پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىمام بولۇپ تەيىنلەندى ۋە 1826-يىلىدىن 1831-يىلىغىچە پارىژدا تۇردى. گەرچە ئۇ پارىژغا ئىماملىق سالاھىيتى بىلەن (ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيتى بىلەن ئەمەس) بارغان بولسىمۇ، فرانسۇز تىلىنى قىلچە بوشاشماي تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى قابىل تەرجىمان بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇ دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، يۇنان پەلسەپەسى، دىنشۇناسلىق، جۇغراپىيە ئىلمى، ماتېماتىكا، مەنتىقە ئىلمىگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇدى. ئۇ سىستېمىلىق ھالدا يەنە فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىدىن مۇنتيوسكۇ، ۋولتىر ۋە روسسۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. مۇھەممەد ئەلى پاشا ئۆزىنىڭ پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن فرانسىيىنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت نەرسىلەرنى كۆپ بىلىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما، تەختەۋى ئۇنىڭ ئەكسىچە فرانسىيىنىڭ ھەممە نەرسىسىگە دىققەت قىلدى. ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا «پارىژغا سەپەر» ناملىق ئەسىرىنى يازدى. بۇ ئەسەر مىسىردىكى «مەتبۇئات بۇلاق» تەرىپىدىن 1834-يىلى تۇنجى قېتىم ئەرەب تىلىدا نەشىر قىلىندى، 1839-يىلى تۈركچە نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەردە 19-ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ئەھۋالى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىدى. ئىمام تەختەۋى مىسىرغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1836-يىلى تەرجىمان ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كەسپىي مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەش بىلەن بىللە شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ نەشر ئەپكارى-«ئەل ۋاقايى ئەل مىسىرىيە»نىڭ باش مۇھەررىرى بولدى. مۇھەممەد  ئەلى پاشانىڭ قوللىشى بىلەن ئۇ تارىخىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچ ئاجراتتى، «قەدىمكى دۇنيا تارىخى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى فرانسىيە پادىشاھلىرى»، «ئىمپېراتۇر پېتىر»، «پادىشاھ چارلىز VII نىڭ تارىخى»، «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى» قاتارلىق كىتابلار ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتابلارنى تەختەۋى ئۆزى تاللىغان ئىدى. تەختەۋى مۇھەممەد ئەلى پاشا زامانىسىدا ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلدى. ئەمما مۇھەممەد ئەلى پاشانىڭ نەۋرىسى ئابباس پاشا ھېلىمسانى زامانىسىدا (1848-1854) ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى سەئىد پاشا زامانىسىدا (1854-1863) ئېتىۋاردىن يىراقلاشتى. چۈنكى، بۇ ئىككى ھۆكۈمران غەربلىشىشكە قارشى ئىسلام ئەنئەنىچىلىرى ئىدى. ھىجرىيە 1279-يىلى (مىلادىيە 1863-يىلى) ئىسمائىل پاشا تەختكە چىققاندىن كېيىن تەختەۋىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى. ئۇ 1870-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تەتقىقات ۋە ژۇرنال چىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ مائارىپقا ئائىت «ياشلارنىڭ توغرا يولى»، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت «زامانىمىزدىكى سەنئەت ھۇزۇلىنىشىدىن مىسىرلىقلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا نەزەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى مانا مۇشۇ مەزگىلدە يېزىلغانىدى. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە پىشقان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىسىر ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىدىيە ئەھۋالىنى قاتتىق تەھلىل قىلدى.
    ئۇ ئاياللار مەسىلىسىدە ئۆزگىچە بىر تەپەككۇر ئۈستۈنلۈكىدە تۇرۇپ، ئۆز زامانىسىدىكى ئىسلاھاتچىلارغا قارىغاندا دادىل بىر قەدەم باستى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرنىڭ نورمالسىزلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب خوتۇن-قىزلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈشى بىلەن بەدەنلىرىنى يۆگەپ يۈزىگە چۈمبەل تەرتىپ سەترە (يېپىنىۋېلىش) بولۇشىدا بولماستىن، بەلكى تەربىيلەشنىڭ ياخشى-يامانلىقىدا ئىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسى ئەھمىيتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ناۋادا ئاياللارنىڭ ئىدىيىسى قاتمال ۋە كونىلىققا تەۋە بولسا، ئېتىبارغا ئېلىنماي تاشلىۋېتىلىدىغان بىر خىل قارا ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاياللارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئويغىتىپ بايلىق يارىتىدىغان ئەمگەك ۋە خىزمەتكە ئاتلاندۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مىسىرغا تالانتلىق، ئىقتىدارلىق يېڭى ئادەملەر كېرەك. بۇ يېڭى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىدى. تەختەۋىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسمائىل پاشا (1863-1879) مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ھازىرقى زامان مىسىر مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھىجرىيە 1289-يىلى (مىلادىيە 1873-يىلى) ئىسمائىل پاشا ئۈچىنچى خوتۇنى جاسىر ئەفتەر خانىمنىڭ تۇنجى قىزلار مەكتىپىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇ مەكتەپكە «سۇفىيە قىزلار مەكتىپى» دەپ نام بەردى. 1874-يىلى جۇغراپىيە، تارىخ ۋە دىنىي ئىلىمگە ئوخشاش ئاساسلىق دەرسلەر تەسىس قىلىندى. قىز ئوقۇغۇچىلار ماشىنچىلىق (تىككۈچىلىك)، توقۇمۇچىلىق، كەشتىچىلىككە ئوخشاش قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپلىرىدە ئوقۇدى. بۇ ئىش 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتى.
    ئىمام تەختەۋىدىن كېيىن شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ ئىبنى ھەسەن خەيرۇللاھ ھەزرەتلىرى (1849-1905) مەيدانغا كەلدى. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھاتچى ۋە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈاشنىڭ يەنە بىر باشلامچىسى ئىدى. ئۇ «ئەل ئىھرام» ۋە «ئەل ۋەقايى ئەل مىسىرىيە» گېزىتلىرىدە ماقالىلار ئېلان قىلدى. 1889-يىلى جامالىدىن ئاففانى (1839-1897) بىلەن بىرلىشىپ پارژدا «ئەل ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا» (مۇستەھكەم بىرلىك) نامىدا تەشكىلات قۇردى ۋە ژۇرنال چىقاردى. «رىسالەتۇت تەۋھىد»، «ئىسلام دىنى، كاتۇلىك دىنى ۋە ئېلىم-پەن مەدەنىيىتى»، «قۇرئان تەپسىرى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا رەددىيە» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق قايغۇراتتى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىسلام ئىسلاھاتىنى مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارىتىپ، دىننى رېئال جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى ئېتىقادنى پاكلاپ ئەخلاقنى تەكىتلەش، ئىسلامنىڭ پاكلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام ئەنئەنىسى ئىچىدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئۆرۈپ-ئادەت ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئىسلاھ قىلىش، دىننى ئەقىلنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دەلىللەش قاتارلىقلار ئىدى. مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرى بارغانسېرى ئۇششاقلاپ ۋە چاكىنىلىشىپ كېتىۋاتقان كونا قائىدە-يوسۇنلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، ئىسلام دىنىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. «قۇرئان كەرىم»نى يېڭى تەپسىرشۇناسلىق نەزەرىيىسى بويىچە شەرھلەپ، ئۇنىڭدىكى ئېتىقادقا ئائىت ۋەھىيلەرنى ئىجتىمائىي قانۇن تۇرغۇزۇشقا ئائىت ۋەھىيلەردىن ئايرىپ چىقتى. «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىشەنچىلىك «ھەدىس شەرىف»لەر ئىچىدىن زامانىۋى ئىدىيىلەرگە يېقىنراق بولغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ، ھۆر پىكىر بىلەن فىقھى ئىلىمگە مەنتىقىلىق يەكۈن بېرىپ، يېڭىچە بولغان قانۇن-قائىدە ۋە «ئىجما» پرىنسىپىنى بەرپا قىلدى. ياۋروپانىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئىسلامىيەتنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەپ، دىننى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەقىل-پاراسەتنى جانلاندۇرۇش بىلەن رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدرىسىچە بولغان مائارىپ تۈزۈمى بىلەن ئەرەب ئەدەبىي ئۇسلۇبىنى ئىسلاھ قىلىش، زامانىۋى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، يېڭى بىر ئەۋلاد مۇسۇلمان زىيالىيلىرىنى يېتىشتۇرۇش دىنىي ئىسلاھاتنىڭ يادروسى ئىدى.
    مۇھەممەد ئەبدۇھ ھەزرەتلىرى ئىسلام دۇنياسىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمگە رەت قىلىش پوزىتسىيسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، رەسۇلىللا دەۋرىدىكى ئەرەبلەردە يولغا قويۇلغان كۆپ خوتۇنلۇق شۇ زامان ئىجتىمائىي شارائىتى ئاستىدىكى بىر خىل كېلىشتۈرمىچىلىك بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان غايە (4:129، 4:3) ئەمەلىيەتتىكى بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە بېرىلگەن بېشارەت ئىدى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە قەيت قىلىنغان كۆپ خوتۇنلۇق باراۋەر، ئادىل، شەخسىيەتسىز بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولۇپ، ئۇنداق ئادىل، باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش (ئەرلەرنىڭ تۆت خوتۇنغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىشى) رېئاللىقتا قەتئىي ئىشقا ئاشمايدىغان ئىش ئىدى. مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ خىل شەرھىلىشى مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئىسلاھاتچىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا خېلى نۇرغۇن ئەللەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى مۇسۇلمانلار ئائىلە قانۇنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس ياراتتى.
    مۇھەممەد رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى (1865-1935) ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرتلىرىگە ئوخشاش، كاتتا ئالىم شۇنداقلا دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئىدى. ئۇ ھىجىرىيە 1324-يىلى (مىلادىيە 1897-يىلى) ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ياردىمىدە قاھىرەدە «ئەل مەنار» ئايلىق ژۇرنىلىنى نەشر قىلدى ۋە ھىجىرىيە 1317-يىلى (مىلادىيە 1900-يىلى)دىن باشلاپ ئۆزى يازغان «قۇرئان تەپسىرى»نى ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىكىدىكى شۇ ژۇرنالدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ئۇ «تەپسىيرۇل مەنار» دەپ ئاتالدى. بۇ «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى ئەسلىدە ئون ئىككى جىلدقا پىلانلانغان بولۇپ، رەشىد رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ ھاياتلىقىدا ئاران سەككىز جىلد يېزىلدى، قالغان قىسمىنى يېزىشقا ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقىلىق قىلدى. ئۇ ئۇستازى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىگە ئاتاپ «تارىخى ئوستاز شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ» دېگەن بىئوگرافىك ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ «قۇرئان تەپسىرى» ھىجرىيە 1346-يىلى (مىلادىيە 1927-يىلى) قاھىرەدە نەشر قىلىندى.
    رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان كەرىم» ئۆرپ-ئادەت ھەققىدىكى قانۇن دەستۇرى، تېبابەتچىلىك قامۇسى ياكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى خاتىرىلەنگەن تارىخنامە ۋە ياكى سەنئەت بۇيۇمى بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارومېتىرى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتلىك بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مىزان ئىدى. رىزا ھەزرەت دېموكراتىك سىياسىي ئاساستا ئەرەب جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىش، مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىپ، ئىسلام دىنى بىلەن ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىنى ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇش، دىنىي ئەقىدە بىلەن ئىلىم-پەننى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ «قۇرئان تەپسىرى»دە: مۇسۇلمان ئاياللار ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇلارمۇ خۇددى ئەرلەرگە ئوخشاشلا دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئولىيىتى دىننىڭ تەبىئىي پرىنسىپلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھوقۇقتا ئوخشاشتۇر. ئەرلەر ۋە ئاياللار فىزىئولوگىيىلىك بەدەن تۈزۈلۈشى، پىسخىكا ئىقتىدارى جەھەتلەردە تۇغما ئوخشىماسلىققا ئىگە. ئەمما بۇنداق تۇغما ئوخشىماسلىقلار ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق تۈپەيلى داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇۋەرمەسلىكى ھەم كەمسىتىلمەسلىكى، بەلكى مۇشاۋىرەت (كېڭەش) ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ھەم تۈگىتىلىشى لازىم، دەپ قارىدى.
    ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە ئىسلام دۇنياسىدا ھەممىدىن كۆپ مەخسۇس ئەسەرلەر يازغان كىشى مىسىرلىق ئادۋوكات، سوتچى ھەم ئەدىب قاسىم بەگ ئەمىن (1863-1908)دۇر. ئۇ مۇھەممەد ئەبدۇھ ھەزرەتلىرىنىڭ يەنە بىر شاگىرتى ئىدى. مىسىرلىق ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئوسمان تۇنجىلىنىڭ «ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار» دېگەن كىتابىدا قاسىم بەگ ئەمىن «شەرق ئەللىرىدە ئاياللار ئەرلەرنىڭ قۇلى، ئەرلەر بولسا ھۆكۈمرانلارنىڭ قۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەر ئائىلىدە ئىستىبدات، جەمئىيەتتە بولسا ئىستىبداتلارغا بويسۇنغۇچىدۇر. ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا ھۆكۈمەت ھۆرلۈك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئاياللارغا ئېتىبار بېرىدۇ، ئاياللار ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن ئۆزگىچە كۆز قارىشى بىلەن شەرق ئەللىرىدىكى ئاياللارئازادلىقىنى تۇنجى تەشەببۇس قىلغۇچى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھەم ۋەكىلى دەپ قارالدى. قاسىم بەگ ئەمىننىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئىدىيىسى مىسىردا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئەرەب بۇرژۇئازىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيىسىگە قارىتا قارشى ئېلىش ھەم قوبۇل قىلىش تەرىپىدە بولغان بولسا، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا بولغان مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئىسلام پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ غەرب كۈچتۈنگىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ۋە زومىگەرلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە مۇددىئاسىنى ئېچىپ تاشلاش تەرىپىگە يۈزلەندى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئۈچ پارچە ئەسەر يازدى. تۇنجى ئەسىرى «مىسىرلىقلار»دا مىللىي ئالاھىدىلىكنى تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق شەيئىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقى، غەرب ئىدىيىسى بىلەن مۇسۇلمانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭلۇقى، بەزى غەربلىكلەرنىڭ ئىسلامىيەت تۈزۈمىدە ساقلىنىۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق، تالاق ۋە يۈزىگە چۈمبەل تارتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئىسلام دىنىنى كەمسىتىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ تەشەببۇسى ئۆز زامانىسىدىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ فىقھى قارىشىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ رېئاللىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ھالدا شەرق ئەللىرىدە ئاياللار مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس، ناۋادا بار دېيىلسە، غەرب مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئاياللار مەسىلىسىدىكى بەزى كۆز قاراشلىرى زىددىيەتلىك بولۇپ، ئۇ بارلىق مىسىر بۇرژۇئازىيىسىگە ئوخشاش بىر مەزگىل ئېچىۋېتىلگەن غەرب بىلەن ئىسلام ئەنئەنىسى ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ يۈردى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا غەربلىشىشكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەسىرى «تەھرىيرۇل مەرئە» (ئاياللار ئازادلىقى) ھىجرىيە 1316-يىلى (مىلادىيە 1899-يىلى) قاھىرەدە نەشىر قىلىندى. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئۈستقۇرۇلما ۋە ئىقتىسادىي بازىس تەرىپىدىن كېلىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنى، مەۋجۇد سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئىدىيىۋى كۆز قاراشلارنى يېڭىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ سىياسىي تەلىماتى بىلەن ئىدىيىۋى خاھىشى نۇقتىلىق ھالدا ئاياللار مەسىلىسىدە ئەكىس ئەتتى. ئۇ بۇ كىتابىدا ئىسلامىيەتنىڭ ئاجىزلىشىشى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ زەئىپلىشىشىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي دارۋىنزىملىق كۆز قاراشنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئىسلامىيەتنىڭ يېقىنقى زاماندا چېكىنىپ كېتىشىنىڭ مەنبىئىنى ھەرگىزمۇ تەبىئىي مۇھىتتىن ئىزدەشكە بولمايتتى. بەلكى ئۇنىڭ سەۋەبى جەمئىيەتتىكى گۈزەل ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ يوقىلىشى، ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى ئائىلە تەربىيىسى، مىللىي مائارىپ، ئىجتىمائىي مائارىپنىڭ يېتەرسىزلىكى، شۇنداقلا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ قالاقلىقىدا، قالاقلىقنىڭ بولسا ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىكىدە ئىپادىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا تېگىشلىك ئورۇن بەرمىگەنلىكىدە ئىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاساسي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىدىغان مەكتەپلەرنى قۇرۇپ بېرىش، تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، تېببىي ئىلىم، فىزولوگىيە ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىش، شۇنىڭدەك ئۇلارنى تەبىئىي پەن، ئەخلاق، ئېتىكا، دىنىي ئىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلىش لازىم. ئاياللارنى تەربىيىلەشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئەرلىرى بىلەن مەدەنىي ھالدا ياشاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاياللار ھوقۇقىنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، مانا مۇشۇنداق مىسلىسىز دىرىجىدە ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي مائارىپ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھاكىممۇتلەقلىق ۋە مۇستەبىتلىكىگە خاتىمە بېرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. قاسىم ئەمىن «قۇرئان كەرىم» ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرۈشىنى قاتتىق چەكلىگىنى يوق. ئاياللارنىڭ خالىي جايغا كىرىپ بېكىنىۋېلىشى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بەرگىنىمۇ ھەم يوق. ئاياللار يۈزىگە چۈمبەل سالسا، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرگە، ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشى، كوللېكتىپ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى، توختاملارنى تۈزۈشى، سودا قىلىشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. سەترە بولغان ئاياللارنىڭ ئەخلاقلىق، شەرم-ھايالىق بولۇشى، سەترە بولمىغانلارنىڭ ئەخلاقسىز، شەرم-ھاياسىز بولۇشى ناتايىن. ئاياللارنىڭ ئۆيدىن چىقماي، جەمئىيەت بىلەن ئۇچراشماي، يالغۇز پىنھان تۇرۇشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسى يوق، ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. بۇنداق قىلىش ئاياللارنىڭ ئۆزىدىكى جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يوشۇرۇن كۆچىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئادەم بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
    ئاياللار ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە قاسىم بەگ ئەمىن ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىدەك «شەرىئەت»كە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇ شەرىئەتنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ بەزىلەر ئاتىغاندەك ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى ئەمەس بەلكى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» ۋە شەرىئەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى ۋە ئېتىقادنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن شۇ ئاساستا ھۆكۈمەت ئىشىغا قاتنىشىش ۋە ھۆكۈمەت ئىشىنى مۇلاھىزە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىسلاھاتچى ئىدى. ئۇ «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە ئەر-ئاياللار تالاش-تارتىش قىلماي ئەمەل قىلىشى كېرەك. «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن ئىشلاردا ئەر-ئاياللار ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىغا پايدىلىق-پايدىسىزلىقىدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىدا تۇرۇپ تاللاش لازىم. شۇنداقلا دىنىي بەلگىلىمىلەردىن باشقا يەنە ئىنسانلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەت مىزانلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ ئۆرۈپ-ئادەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى تۇراقلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر-ئايال مۇسۇلمانلار ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئىجتىمائىي ئىشلارغا بولغان يېڭىچە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلىرى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مىسىر ئاياللىرىنى شەرىئەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە ھازىرقى ھالىتى ۋە ئورنىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئەمما مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ياۋروپادىكىدەك يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشىگە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشىنى، ئەمما ئاياللار قىلسا بولمايدىغان بەزى ئىشلار مەسىلەن، خەلىپە (دۆلەت باشلىقى)، ئىمام (دىنىي داھىي) قاتارلىق سىياسىيلىقى كۈچلۈك خىزمەتلەرنى ئاياللارنىڭ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسىگە «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف»لەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ رەت قىلىش پوزىتسىيسىنى تۇتتى ۋە شەرت ئاستىدا ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەكلەش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە ئەپكېلىدىغان يامان تەسىرىنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ غەيرىي ئىسلام ئاياللىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشى، شۇنداقلا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى. ئۇ ئاياللار ئازادلىقى بىلەن مىللەتچىلىكىنى بىرلەشتۇرۇپ، ئاياللارنى چەكلەپ قويۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئەرلەردە نىكاھتىن ئاجرىشىش ھوقۇقى بولۇش، ئاياللاردا بولماسلىقتەك ئادەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
    قاسىم بەگ ئەمىننىڭ قانچىلىك ئېھتىياتچان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەن ئەسىرى جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، كىتاب نەشىردىن چىقىپ بىرقانچە ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇنى تەنقىدلەيدىغان ماقالە ۋە ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى شۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنلىرى بىلەن ئورۇنبورگ مەدرىسلىرىدە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوقۇشلۇق بولغان «مۇسۇلمان خوتۇن» دېگەن كىتاب بولۇپ، ئۇ قاسىم بەگ ئەمىننىڭ «تەھرىيرۇل مەرئە» دېگەن ئەسىرىگە قارشى مۇسۇلمان ئالىمى فەرىد ۋاجىدى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىدى. فەرىد ۋاجىدى بۇ ئەسىرىدە قاسىم بەگ ئەمىننىڭ ئاياللار ئازادلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىجابىي ۋە ئەقىلىي تەرزىدە تەنقىد قىلدى. شۇ ۋاقىتتىكى «شورا» ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان سان ۋە سەھىپىلىرىدە بۇ مۇنازىرىگە ئورۇن بېرىپ، غ.باتتالىنىڭ قاسىم بەگ ئەمىننىڭ كىتابىغا يازغان تەنقىدىي ماقالىلىرى بىلەن ز.قادىرىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان جاۋابلىرىنى باستى. ز.قادىرى قاسىم بەگ ئەمىننىڭ «ئاياللار ئازاتلىقى» دېگەن كىتابىنى ئەرەبچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان تەرجىمان ئىدى. ن.ئەغايىف ئىستانبۇلدا چىقىدىغان «تانىن» گېزىتىگە تەپسىرشۇناس فەرىد ۋاجىدىنىڭ «مۇسۇلمان خوتۇن» دېگەن كىتابىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مەدھىيىلەر يازغان. ت ەنقىدكە قارشى تەنقىد مەقسىتىدە قاسىم بەگ ئەمىن ھىجرىيە 1317-يىلى (مىلادىيە 1900-يىلى) «يېڭى ئاياللار» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ ئەسەرنىڭ بىرقانچە بۆلەكلىرى ئۇنىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەن ئىككىنچى كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلىرىنىڭ يېڭى بىر شەكلىدە شەرھىلىنىشى بولۇپ، بۇ ئەسەر نەشردىن چىقىشى بىلەن تەڭلا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك مۇنازىرە قوزغىدى. نۇرغۇن دىنىي داھىي (ئىمام) لار ۋە مىللەتچىلەر قاسىم بەگ ئەمىننى غەربلىشىش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك دەپ ئەيىبلىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ غەربلىشىش ئىدىيىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ «يېڭى ئاياللار» دېگەن ئەسىرى ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر ئوسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئاياللار مەسىلىسىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەت ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلماستىن، يېقىنقى زاماندىكى غەب دۇنياسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىلىم-پەن ھەم ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇسلۇبى بويىچە مۇھاكىمە قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئازادلىقى ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا باغلىق. ئاياللار ئىپتىدائىي جەمئيەتتىكى ئاياللارنىڭ ھۆرلۈك دەۋرى، ئاياللار زۇلۇمغا ئۇچرايدىغان ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى، ئاياللارنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەمئىيەتكە قاراپ مېڭىش دەۋرى ۋە ئاياللار ئازادلىققا چىققان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت دەۋرى قاتارلىق تۆت دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام ئەللىرى 3-دەۋىردە تۇراتتى. غەرب ئەللىرى بولسا 4-دەۋرگە كىرىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئاياللار زۇلۇمغا ئۇچرىسا پۈتكۈل ئىنسانىيەت قۇل بولۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئاياللار زۇلۇمدىن قۇتۇلسا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ھەقىقىي ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە غەرب دۇنياسىدىكى ئىلىم-پەن، تەرەققىيات، ئىلغارلىق ئاياللار ئازادلىقىنىڭ ئۇل تېشى، ئىلىم-پەن ئىلغارلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئاياللار ئازادلىقى بولسا ئىنسانلار ئەركىنلىكىنىڭ تەلتۈكۈس ئىشقا ئېشىشى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى.
    19-ئەسىردىكى ئاخباراتچىلىق، ھېكايە، ساياھەت خاتىرىسى قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر غەرب ئاياللىرىنىڭ ئورنى ۋە تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلىپ، مەكتەپلەرگە كاتولىك دىنىدىكى ئاياللار مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشنىى ئۆگەتتى. ھىندىستانلىق دىنىي ئىسلاھاتچى سەئىد ئەھمەدخان (1817-1897) ئۆزىنىڭ «ئاشارۇس سانادىد» (سەنئەتكە بېشارەت) دېگەن ئەسىرى ۋە شاھ رەئۇف ئەھمەدمۇجەددىد ئۆزىنىڭ «دۇررۇل مەئارىف» (مەرىپەت ئۈنچىلىرى) دېگەن ئەسەرلىرىدە نادانلىق، خۇراپاتلىق، قالاقلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىققا ئوخشاش ئىللەتلەرنىڭ ھامىيسى بولغان تەكەببۇر روھانىيلارنى تەنقىدلەپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش غايىسىنى شەرھىلىدى. ئەھمەدخاننىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇمتاز ئەلى «ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى» دېگەن ئەسىرىدە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنىڭ ئاياللارنىڭ ئۆز ئەھۋاللىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەخلاقىي-دىنىي تەربىيە بىلەن ئەمەلىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇنىس ئىسلام ئالىمى ئىبن ئەبۇ دۇياف ھىجرىيە 1273-يىلى (مىلادىيە 1857-يىلى) «ئاياللار ھەققىدە» دېگەن ئەسەرنى، تاھىرخاددات ھىقرىيە 1348-يىلى (مىلادىيە 1930-يىلى) «شەرىئەت ۋە ئاياللار» دېگەن ئەسەرنى يازدى. «شەرىئەت ۋە ئاياللار» تاھىرخادداتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيتىنىڭ يەكۈنى ھەم جەۋھىرى ئىدى. تاھىر خاددات بارلىق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئىنقىلابنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ چوقۇم ئاڭ سەۋىيىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى، مىللىي تەرەققىياتقا پايدىسىز بولغان ئامىللارنىڭ سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى، بارلىق ئامىللار ئىچىدە ئالدى بىلەن ئاياللار مەسىلىسىنىڭ ئوبدان ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايقىدى. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئائىلە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ شەرق، غەرب ئاياللىرىغا ئائىت بىر قاتار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىسلام دىنى تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىش، يېقىنقى زاماننىڭ تۇرمۇش رېتىملىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماسلىشىپ مېڭىش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ شەرىئەت مەڭگۈدۇر. نىكاھ، نىكاھتىن ئاجرىشىش، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ئائىت ئىشلار شەرىئەتنىڭ شاخچىسىدۇر. ئىسلام دىنى رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان دىن، ئۇ رېئاللىقتا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك سىرى، دەپ قارىدى.
    ھىجرىيە 1300-يىلى (مىلادىيە 1883-يىلى) قىرىمدىكى باغچە ساراي شەھىرىدە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇنجى گېزىتى «تەرجىمان» دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ گېزىتنى پارىژ ۋە ئىستانبۇلدا ئاڭ ۋە بىلىم توپلىغان، بىر نەچچە خىل تىل بىلىدىغان قىرىملىق تاتار ئالىمى، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى ئىسمائىل بەگ غەسفىرىنىسكى (مىلادىيە 1851-1914) چىقاردى. ئۇ مۇئەللىملىك قىلغان ئوتتۇز ئىككى يىلدا ئۇنىڭ تەھرىرلىكىدىكى «تەرجىمان» گېزىتى مىللىي ئەدەبىياتنى بىرىنچى مەقسەت قىلغان ھالدا تۇنجى سانىدىن تارتىپ كەنجى سانىغىچە مەسلىكىنى ئۆزگەرتمەستىن باشتىن-ئاخىر مەقسەت بىرلىكى، تىل بىرلىكىدە چىڭ تۇردى. غاسفىرىنىسكى تاتار مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى تاتارلارنىڭ ئۆزىدىن، ئۇلارنىڭ مىللەت ھەققىدە جان كۆيدۈرمىگەنلىكىدىن، قايغۇرمىغانلىقىدىن، ئەكسىچە نادان موللىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىزدىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر تاتار بەشتىن-ئالتىگىچە تىل بىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ مىللەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاتار زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەش، رۇس تۇرمۇشىدىكى ئەپچىل تەرەپلەرنى تاتار دۇنياسىغا كۆچۈرۈپ كېلىش، رۇس ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئىچىدىكى تاتار مائارىپىغا ماس كېلىدىغان پايدىلىق ئامىللارنى قوبۇل قىلىپ، تاتار مائارىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى ئويلىدى ھەم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى، زېھنىنى مۇشۇ ئىشقا ئاتىدى. ئۇ مىللەتنىڭ ھالىغا چۆكمەي تۇرۇپ مىللەتكە خىزمەت قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىپ، مىللىي زەئىپلىكنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ۋە مىللەتنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. نېمە ئىش قىلىشقا، ئىشنى نەدىن باشلاشقا، ئۆلگەن كۆڭۈللەرنى قانداق نەرسە بىلەن تىرىلدۈرۈشكە، ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇۋالغان پەردىلەرنى نېمە بىلەن كۆتۈرۈشكە، نادانلىق دالاسىدا سۆرۈلۈپ ياتقان مىللەتنى نېمە بىلەن ئاياغ باستۇرۇشقا بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بىلەن ئازابلاندى. ئاخىرىدا پەن ۋە مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈشنى قارار قىلىپ مىللەت ئىچىگە ئوقتەك ئېتىلدى. ئۇنىڭ تەھرىرلىكىدىكى «تەرجىمان» گېزىتى يەنە ئاياللار ئازادلىقىنى تەكىتلەپ، خوتۇن-قىزلارنىڭ ھۇرۇنلۇقىنى، ئەرلەرگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشىنى، ئۆيگە سولىنىپ ياشاشلىرىنى تەنقىدلىدى. ئىسمائىل بەگ غەسفىرىنىسكى 1884-يىللىرى ئۆزى قۇرغان «ئۇسۇلۇ جەدىد» مەكتەپلىرىدە كېيىن ئۆزلىرىمۇ ئانا بولغۇسى قىزلارنى ئوقۇتتى. ئۇ شىمال تۈركلىرى ئىچىدە خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن ھۆرىيەت تەلەپ قىلغان ئادەم بولۇپ، قىزى شەفىقە توتاش (خېنىم) تەھرىرلىكىدە خوتۇن-قىزلارغا ئاتاپ «غەلەمى نىسۋان» (خوتۇن-قىزلار دۇنياسى) دېگەن ژۇرنالنى نەشىر قىلدى. كېيىن قازاندا «سۈيۈمبىكە» ناملىق مەخسۇس بىر ئاياللار ژۇرنىلى دۇنياغا كەلدى.
    ھىجرىيە 1325-يىلى (مىلادىيە 1908-يىلى) مەشھۇر تاتار ئالىمى رىزائىددىن بىننى پەخرىددىن (1859-1936) ھەزرەتلىرى ئورنبورگ شەھىرىدە «شۇرا» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلدى. ئۇ 15 كۈندە بىر چىقىدىغان ئەدەبىي، پەننىي ۋە سىياسىي مەجمۇئە بولۇپ، ئۇنىڭ ژۇرنال نامى «قۇرئان كەرىم»دىكى «شۇرا» (كېڭەش) سۈرىسىدىن ئېلىنغان ئىدى. «شۇرا» مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىپ، مۇسا بېگيوۋ تەرىپىدىن يېزىلغان ئىپتىدائىي مەكتەپلەردە بالىلارغا ئۆگىتىش لازىم بولغان دىنىي ئىلىملەر، مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش چارىلىرى ھەققىدىكى تەلەپ-تەكلىپلەر، «قۇرئان كەرىم ۋە ئىلىم» ماۋزۇلۇق لۇغەت، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە باشقىلارغا دائىر دەرسلەر، ئوفا، پتېربورگ، قازان ۋە قوقەند قاتارلىق جايلارنىڭ سورىغان ھەر خىل تېمىدىكى سوئاللىرىغا «شۇرا» رىداكسىيىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى، رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مۇتىبەر « ئەلمەنار» ژۇرنىلىدا مەھمۇد تەۋفىق ئەپەندى سىدىقى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىلەردىن قىلىنغان تەرجىمىلەر، مىسىرلىق ئىسلام ئالىمى مۇستافا كامىل (1874-1908) تەرىپىدىن ھىجرىيە 1316-يىلى (مىلادىيە 1899-يىلى) نەشر قىلىنغان «ئەللەۋائ» (تۇغ) ژۇرنىلىنىڭ ئىراندىكى شىرازدا چىقىدىغان «دارۇل ئىلىم» گېزىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى پەنلەرنى ئوقۇشىنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى ھەققىدە سورىغان سوئال-جاۋابلىرى، «سراتۇل مۇستەقىم» ژۇرنىلىدىن كۆچۈرۈپ بېسىلغان «تەلىم ۋە تەربىيە ھەققىدە ئىنگلىزلار ۋە بىزلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىلەر، خوتۇن-قىزلار ۋە ئۇلارنىڭ بەزى يامان ئادەتلىرى، خوتۇن-قىزلارغا ئىلىم ئۆگەتمەك ئۈچۈن ئىستانبولدا قۇرۇلغان «ئانىلار مەكتىپى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر، غەززالى، مەۋەردى، ئىبنى مەسكۈيە، مەھمۇد ئەفەندى، ئەكرەم بەگ ۋە ئىسمائىل ھەققى قاتارلىق ئەرەب، تۈركئالىملىرىنىڭ «بالىلار تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ئەخلاقى» توغرىسىدىكى ئەسەر، ماقالىلىرى، «تاشلانمىش بالىلار» تېمىسىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەر، تىلەمچى، پاھىشە ئاياللار ۋە پاھىشەخانىلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان ئاپەت ۋە زىيانلىرى، شەرئىي مەھكىمە ۋە خوتون-قىزلار ھەققىدە مۇلاھىزە، شۇنداقلا ئەۋلاد تەربىيىسى ھەققىدە پىداگوكلارنىڭ ئۈگۈت-نەسىھەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى.
    رىزائوددىن بىننى پەخىرىدىننىڭ خوتۇن-قىزلار خۇسۇسىدىكى ئەمگەكلىرى ئۇنىڭ ئىسلامىيەتنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زاماننىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇرلىرىنىڭ ئورگانىك بىر قىسمى بولۇپ، يالغۇز ژۇرنال چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، «شۇرا» دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. ئۇ ھىجىرىيە 1321-يىلى (مىلادىيە 1904-يىلى)  «مەشھۇر خوتۇنلار» ناملىق ئەسەرنى يازدى. شۇ يىلى ئورنبورگتا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابقا 360 نەچچە نەپەر مەشھۇر نامدار مۇسۇلمان مۇھتىرەمە ۋالىدىلەر (ئانىلار) ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپە-خىزمەتلىرى كىرگۈزۈلدى. «مەشھۇر خوتۇنلار»دىن ئورۇن ئالغان ئولبەنەتخان لۇتپۇللا سۇلايمان ئاخۇند قىزى «تۇرمۇش ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىنى يازدى. بۇ رىسالە رىزائىددىن بىننى پەخرىددىننىڭ 1897-يىلى نويابىردىكى بىر تەھرىر ئېلاۋىسى بىلەن ھىجىرىيە 1316-يىلى (مىلادىيە 1898— 1899-يىلى) سانكىت پتېربورگدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنىپ، تاتار مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. رىزائىددىن بىننى پەخرىددىن يەنە قىزى زەينەپ ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتاپ ئۇنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە «ئائىلە» ناملىق ئەسەرنى يازدى. بۇ ئەسەر يەنە ئۇنىڭ «تەربىيىلىك خوتۇنلار» دېگەن رىسالىسى بىلەن قوشۇلۇپ، جامائەتنىڭ فېئوداللىق خۇراپىي كۆز قاراشلىرىنى تۈزىتىشىگە ھەم ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى ساقلاشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتتى.
    بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئىسلاھاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاياللارنى ئازاد قىلىشنىڭ  يولى-بىرىنچىدىن، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنى خىزمەتكە قاتناشتۇرۇش بولدى. ئەمما، ئائىلە مەسىلىسى ئىسلاھاتچىلارنىڭ نەزەرىدە يەنىلا سىرلىق ۋە مۇقەددەس ئىدى. چۈنكى، مۇستەملىكىچىلىك تەسىرىنىڭ مىللەتكە خىرىس قىلىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كرزىسقا پېتىپ قېلىشى ئارقىسىدا پەقەت ئائىلىلا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان ۋە بىرقەدەر مۇقىم ھالدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئۇ ئاياللاردىكى ئەنئەنە ۋە ئەخلاق، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلالايتى. ئائىلە ئاۋامنىڭ ئاڭ ۋە ھېسياتىدا چەتئەل مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئېزىتقۇ تۇمانلىرى ئىچىدىن يوقىتىپ قويمايدىغان ۋە ئۆزىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىردىنبىر قەلئە ئىدى.

    مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.
    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 5-6-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: