版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130090022.html

    ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
    (داۋامى)


    يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


    (3)

    غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زەربىسى ۋە تۈرتكىسىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەرنى قايتىدىن شەرھىلەپ، ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى روھ ئاتا قىلىشى بىلەن ھەممىدىن بۇرۇن ۋە ھەممىدىن بەك ئويغىتىلغان مىسىر ئاياللىرى ئۆتمۈشتىكى بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەندى. جەمئىيەتتىكى يۇقىرى تەبىقە ئاياللىرى ئالدى بىلەن مىسىر ئاقسۆڭەك بۇرژۇئازىيىسى رەھبەرلىك قىلغان 1919-يىلدىكى ئەل-ۋافد پارتىيىسى ئىنقىلابىغا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاياللارنى ئويغاتتى. ئايال ئەدىب ئەشرەۋى (1879-1947) بىلەن مەلىكە خافۇنى نەسەپ(1886-1918)لەر شۇ دەۋردىكى ئويغانغان ئاياللارنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نادىر ۋەكىللىرى ئىدى. ئولار يازغان ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق مەنپەئەتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىلەر ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ماقالىلىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان بولۇپ، شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەددى-ھېسابسىز كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھەم كەلسە-كەلمەس تالاق قىلىش، ئاياللارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ ئۆيگە بەند قىلىپ قويۇش، جەمئىيەتكە ئارىلاشتۇرماسلىق قاتارلىق بەزى ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئاياللارنىڭ مائارىپتىن ئەرلەر بىلەن ئورتاق تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلدى. 1923-يىلى ئۇ يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېلىپ تاشلاپ، ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ «ئەرەب ئاياللىرى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى»نى قۇردى. بۇ جەمئىيەت ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەپلىرىدىكى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا سىياسىي ھوقۇق بېرىشنى، ئۇلارنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى، قىزلارنىڭ نىكاھلىنىش يېشىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 1924-يىلى ھۆكۈمەت قانۇن ماقۇللاپ، قىزلارنىڭ نىكاھلىنىش يېشىنىڭ ئۆلچىمىنى 16 ياش قىلىپ بېكىتتى. نىكاھ ئىشلىرىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆپلىگەن ئالىم، جەمئىيەتشۇناس ۋە دىنىي زاتلارنىڭ نەزەرىدە شەرىئەتنىڭ ئىشى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ 65-سۈرە 4-ئايىتىدىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەن ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ھەققىدىكى بايانلارغا ئاساسەن نىكاھنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېشى بېكىتىلمىدى. بۇ جەمئىيەت كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويۇش ۋە ئۇنى تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1930-، 1940-يىللىرى مىسىردا يەنە بەزى ئاياللار تەرىپىدىن بەزى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى. ئەمما، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ئۈستىگە ئالغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار بيۇروكراتلىق قىلىپ، ھەقىقىي مەسىلە سادىر بولۇۋاتقان ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ ئارىسىغا بارمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان چوڭ-چوڭ شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ، كەڭ يېزا-قىشلاقلارغا كېڭىيەلمىدى. ئۇلار خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان، ئاھالىنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان يېزا-قىشلاقلار بىلەن قالاق رايونلارغا سەل قارىدى. 1949-يىلى دەريا شەفىق خانىم «نىل دەرياسى قىزلىرى جەمئىيىتى» دېگەن جەمئىيەتنى قۇردى. بۇ شۇ چاغدىكى ئەرەب ئاياللىرى ئۈچۈن سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلغان بىردىنبىر جەمئىيەت ئىدى. ئۇلار ناھايىتى ھېسسىياتچان ۋە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، پائالىيىتى ناھايىتى رادىكال تۈس ئالغان ئىدى. ئۇلار پارلامېنتقا باستۇرۇپ كىرىپ، مەجلىسنىڭ ئېچىلىشىغا كاشىلا سالدى. ھەتتا ئاچلىق كۈرىشى ئېلان قىلدى. ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان پائالىيەتلىرى قىسمەن ئىسلاھاتچىلار، جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسىئون ھەم دىنى ئالىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاياللارغا بولغان مائارىپ تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈردى. 1873-يىلى ئىسلاھاتچى تەقتەۋى ئەزھەر ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئەلى بارك دېگەن زات بىلەن ئىككى جايدا قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرغان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئۇ مەكتەپنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلشىغا قارىتا ئىنسانلارنىڭ تونۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى. بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن ئىپتىخارلىنىدىغان ۋە ئالىجاناپلىق ھىس قىلىدىغان بولدى. ئاياللارنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە كىرىشى مىسىر ھۆكۈمران دائىرلىرى ۋە غەيرى مىسىر ھۆكۈمران دائىرلىرىنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىدى. شۇ چاغدىكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد رەفىق ئەپەندى تولغىما قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كونسېرۋاتىپلار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ ئىشقا كاشىلا سېلىشنى توسۇپ قالدى. 1928-يىلى مىسىر ئۆزىنىڭ تۇنجى قىز سىتودىنتلىرىنى كۆردى. مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا قىزلاردىن تۇنجى تۈركۈم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئىلگىرى مىسىر ئاياللىرى ئاغرىپ ئۆلۈشكە رازى ئىدىكى، ھەرگىز ئەر دوختۇرلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېسىلىنى كۆرسەتمەيتتى. ئەمدى ئايال دوختۇرلار مەخسۇس ئاياللارنىڭ كېسىلىنى كۆرىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مىسىردىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئايرىم ئىنىستىتۇت ۋە مەكتەپلەرمۇ قىز ئۇقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇ تارىختىن بۇيانقى ئىسلام ئەنئەنىچى كۈچلىرىنىڭ قورغىنى بولغان ئەزھەرگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئىلاھىي جايدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كېيىنچە بارا-بارا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىياسىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا يېڭى قان بولۇپ كىردى.
    1923-يىلى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى غەلىبە قىلدى. بۇنىڭ رەھبىرى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك(1881-1938) ئىدى. ياش تۈركلەر پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان مەزگىلدە قىلىش پىلانغا ئېلىنغان، ئەمما ئۇرۇش تۈپەيلىدىن قىلىنماي قالغان ئىسلام شەرىئىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئورنىغا دىندىن خالىي سوتنى دەسسىتىش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئاياللارنىڭ تېببىي مەكتەپ ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشىغا ۋە ئاياللار ئازادلىقىغا ئائىت كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا رۇخسەت قىلىش، پەننىي مەكتەپ ئېچىش قاتارلىق ئىشلار مۇستاپا كامال دەۋرىدە ئىشقا ئاشتى. مۇستاپا كامال سۇلتانلىق ۋە خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئارقىدىنلا ئەدلىيە ۋە مائارىپنى دىندىن ئايرىۋېتىشكە قارىتا قەتئىي چارە قوللاندى. دىن ۋە ۋەخپە ئىشلىرى ۋازارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مەدرىسلەرنى پىچەتلىدى. شەرىئەت ۋە «شەرئىي مەھكىمە»لەرنى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى، شۇنداقلا تالاق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. ئۇ تۈركىيە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئاياللارنى كەمسىتىش قاتارلىق ئىللەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتنى تەرەققىياتقا باشلاش ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بولغان ئاياللارنى ئاۋۋال نادانلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ئۇلارغا ھۇقۇق بېرىش، ئۇلارنى ئۇيغىتىش، ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ: «ئەگەر دۆلەتتە نادانلىق ھۆكۈم سۈرسە، ئالدى بىلەن ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئەۋج ئالىدۇ. ئاياللىرىمىز ئەرلىرىمىزگە قارىغاندا بەكرەك ئويغىتىلىشى، تېخىمۇ مەدەنىي بولۇشى، تېخىمۇ ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىشى كېرەك. ناۋادا ئاياللار بىز بىلەن تەڭ ياشاپ دۆلەتنىڭ ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئىشلىرىغا قاتنىشالىسا ھەم ئۆزى قاتنىشىۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدىن ئۆزى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمىنى تاپالىسا، ئۇنداقتا مۇتلەق تەرىقەتچىلىك يولىغا ماڭغانلارمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ»، «ئەگەر بىر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەر-ئاياللىرىنى ئورتاق ئاتلاندۇرمىسا، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئىلمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېرىشىشى ھەمدە مەدەنىي بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»، «چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بىز يەر شارىدا كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەھسۇلاتى. ناۋادا بىر دۆلەت پەقەت بىرلا جىنىسنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى زامان مەدەنىيلىك دەرىجىسىگە يەتمەكچى بولىدىكەن، بۇ ھالدا ئۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ»، «ئانىلىق بۇرچى ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. بىر ئانىنىڭ قۇرسىقى بىر ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەربىيە سورۇنى ئىكەنلىكى ئەسكە ئېلىنغاندا، يۇقىرىقى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىغا ئاپىرىن ئوقۇماي بولمايدۇ» دەپ قارىدى.
    مۇستاپا كامال ئائىلىۋى تۇرمۇشقا ۋە ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى ئەر-ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەت-ھۇقۇقلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. ئۇ «ئائىلىۋى تۇرمۇش مەدەنىي بولۇشنىڭ ئاساسى، تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن ھوقۇقنىڭ ئۇلى. ناچار ئائىلىۋى تۇرمۇش چوقۇم ئىجىتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئائىلىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك» دەپ ھېسابلىدى. 1925-يىلى «ئائىلە قانۇنى» ماقۇللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئاياللار ئازادلىقى تەكىتلەندى ۋە كۆپ خوتۇنلۇق، تالاق شۇنىڭدەك خوتۇن-قىزلارنىڭ ئەركىنىلىكىنى بوغىدىغان، غورۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان كونا ئەمرىمەرۇپلار بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مۇستاپا كامال ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتىشىنى ياقىلىمايتتى. ئەكسىچە، ئۇنداق قىلىشنى مەدەنىي دۆلەتتىكى ئانىلار ۋە قىزلارنىڭ غەلىتە، ياۋايى قىلىقلىرى دەپ قارايتتى. ئەمما، بۇ داڭلىق ئىسلاھاتچى تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى شەرىئەتچىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى ھەم ئاۋام خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ ئەنئەنىدىن چەك ئايرىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دەسلىپىدە قولىدا «ئامانلىق ساقلاش قانۇنى» ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان «مۇستەقىل سوت»تەك كۈچلۈك قورال تۇرغان ئەھۋال ئاسىتىدىمۇ، مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ چۈمبەل ئارتماسلىقنى قاتتىق تەكىتلىيەلمىدى. ئاياللارنىڭ مەستۇرە بولماسلىقى ھەققىدىكى ئىسلاھات چوڭ شەھەرلەردىكى بىلىملىك ئادەملەر تەرىپىدىن تېز قوبۇل قىلىندى، ئەمما يېزا قىشلاقلاردا بولسا، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بەك ئاستا بولدى. كېيىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆتۈرۈلگەن غەربلەشتۈرۈش شامىلىدا ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتماسلىقى زورلۇق ۋاستىسى بىلەن قاتتىق تۈزۈم قىلىپ بېكىتىلدى. مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام دىنىنى «تۈركىيىنىڭ دۆلەت دىنى»لىك ئورنىدىن چىقىرىپ تاشلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن غەربچە كىيىنىش، ياسىنىش، دورامچىلىق شامىلىدا زىيالىيلار غەربلەشتى، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسى يەنىلا ئىسلامىيەت ئەنئەنىسىدە قېلىۋەردى. گەرچە تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان ئىسلاھات پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى بويىچە بىرقەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات دېيىلسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» بىلەن كېلىشەلمەيدىغان جايلىرىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا يېرىم ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ يولباشچىسى مۇستاپا كامال بولسا خۇددى مۇھەممەد رەشىد رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، «بىر ئۇلۇغ ئادەمنىڭ بەختسىز بولۇپ قالغىنى ئۇنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنىڭ بەك ئازلىقىدا. ناۋادا ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ چىن مەنالىرىنى ئوبدان بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇنداقتا خەلققە كېرەكلىك، خەلق سۆيىدىغان ئادەمگە ئايلانغا بولاتتى».
    مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلاھاتى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى گەرچە تۈزۈم جەھەتتىن ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئالتە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە ئايلانغان ئىسلام ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. تۈركىيىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ تېزلشىشى، غەرپچە تۇرمۇش شەكلى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئىجتىمائىي چىرىكلىشىشنىڭ كۈچىيىشى، جىنايەت (مۇقەددەس دىنىي قانۇنغا قارشى جىنايەت ۋە دىندىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەت ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىغا قارشى جىنايەت) ئۆتكۈزۈش سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا ئوخشاش بىر قاتار ئىجىتىمائىي مەسىلىلەر ئالدىدا كىشىلەر بارغانسېرى غەربلىشىش يولى تۈركىيىگە ماس كېلەمدۇ-يوق، زامانىۋىلىشىشتا ئىسلام دىنىنى قۇربان قىلىش كېرەكمۇ-يوق، ئىسلام دىنى زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىغا ماسلىشالامدۇ-ماسلىشالمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. نەتىجىدە مەھمۇد ياشارنىڭ ئېيتقىنىدەك، تۈركىيىنىڭ ئەھۋالى «كاپتالىستىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ، دىن تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئادىل ئىجىتىمائىي تەرتىپ ئىزدەشتەك ئىلغار تۇيغۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئىپادىسىنى تاپتى». 1946-يىلىغا كەلگەندە مۇستاپا كامالچىلارنىڭ زورلۇق بىلەن كۈچەپ يولغا قويغان غەربلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارىتا تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان پارتىيە خەلقنىڭ بېسىمى ئاستىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دىني دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتۈلىشىگە يول قويدى ھەم ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىني فاكۇلتېت تەسىس قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىمام ۋە خاتىپ تەربىيىلەيدىغان مەكتەپلەرمۇ قۇرۇلدى. 1950-يىلى ئەرەب تىلىدا ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىندى. ئۇلاپلا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا «دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابقا باغلاپ قويۇش توغرا ئەمەس، دۆلەتنى چوقۇم ئىسلام دىنىغا تايىنىپ قۇتۇلدۇرۇش كېرەك» دەيدىغانلار چىقتى. 1970-يىللاردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلام ھەرىكىتى ئۆزلۈكسىز راۋاجلاندى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈركىيىلىكلەرنىڭ دىنىي تۇيغۇسى روشەن دەرىجىدە كۈچەيدى. تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مىسىر زۇلھۇم كىتابخانىسىدا ھۆمەينىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ مىقداردا سېتىلدى. 1982-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا «دىنىي دەرس چوقۇم مەكتەپلەرنىڭ مەجبۇرىي ئوقۇيدىغان دەرسى بولۇشى كېرەك» دەپ ئوچۇق بەلگىلەندى. 1983-يىلىدىن باشلاپ ئەرباقان رەھبەرلىكىدىكى گۈللىنىش پارتىيىسى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»-ئىسلام قائىدىسى بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشنى، ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكا ۋە غەربكە تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 1987-يىلى ئەنقەرە، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردىكى قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بېشىغا ياغلىق ئارتىپ دەرسخانىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئىران پارلامېنتى قوللىدى. تۈركىيىدە يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنى غەرب تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن غەرب كۆز قاراشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشتا قۇرال قىلغان ئىدى. مۇستاپا كامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىنغا بولغان ئىتىبارسىز سىياسەت بۇ دۆلەتنى غەربكە يېقىنلاشتۇرغان، تۈركىيە ئۆزىمۇ ئۆزىنى غەرب دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما غەربتىن ئۆگىنىپ كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۇ دۆلەتنى نۇرغۇن غەربلىكلەر ئۆگەيلەپ ئارىغا ئالمىدى. ھازىر تۈركىيە سىياسىتىنى ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ھەم دىننى ئۆزلىرىگە روھىي تەسەللىي قىلىش تەرىپىگە يۈزلەندۈرمەكتە.
    1926-يىلى ئىران شاھى رىزاخان تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ نادانلىق، خۇراپاتلىق، قالاقلىق، قاتماللىق ۋە كوناپەرەسلىك بىلەن ئاياللارنى كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. رىزاخان بىلەن مۇستاپا كامالنىڭ ئوخشاشلىقى كۆپ ئىدى. ئۇ 1934-يىلى مۇستاپا كامال بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن چۈمبەلنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇ يىلى مەلىكە شەمسە پەھلىۋى تۇنجى ئاياللار كۇلۇبى قۇرۇپ قىزلاردىن ئىزچىلار تەشكىللىدى. قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىشى تۈزۈملەشتۈرۈلدى. قىزلار ۋە قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما، ئاياللارغا سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلمىدى. يېڭى نىكاھ قانۇنى ماقۇللىنىپ قىزلارنىڭ نىكاھ يېشىنىڭ تۆۋەن چېكى ئون بەش ياش قىلىپ بېكىتىلدى. نىكاھتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئوخشاش يانداشما تۈزۈملەرمۇ ئورنىتىلدى. رىزاخان موللا-ئىشانلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىمتىيازلىرىغا چەك قويۇپ، موللىلارنىڭ شەرىئەتتە دەۋا سورىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مائارىپقا ئارىلىشىشى چەكلەندى. 1941-يىلى رىزاخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەندى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان 37 يىل داۋامىدا ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭدى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرىۋەتتى. 1970-يىللاردىن باشلاپ ئىراندىكى دىنىي كۈچلەر ۋە سىياسىي پارتىيىلەر ئۇنىڭ غەربلىشىش سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ ئاخىر 1979-يىلى ئۇنى ئاغدۇرىۋەتتى. ئاياتۇللاھ روھۇللاھ ھۇمەينى تەختكە چىقتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىزىغا قايتتى.
    ئافغانىستان شەرىئەتنى ئاساس قىلغان ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىغا كۆرە، ئاياللار ئېرى ئۆلسە ئۆزىنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئېرىنىڭ توغقانلىرىنىڭ بىرىگە مەجبۇرى ھالدا خوتۇنلۇققا بېرىلەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق بولغان ئادىتى ئىدى. كابول ئەمىرى ئابدۇرەھمانخان (1944-1901) زامانىسىدا بۇ ئادەت ئۆزگەرتىلدى ۋە يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ، ئاياللارنىڭ كىمگە تېگىش-تەگمەسلىكى ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئۇ مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ فىئودال كۈچلەر بىلەن خۇراپىي موللا، ئىشانلارنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىنى چەكلىدى. ھەبىبۇللاخان زامانىسىدا ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 1919-يىلى ئامانۇللاخان تەختكە چىققاندىن كېيىن  1924-يىلى تۈركىيىلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېڭى «مەمۇرىي ئىشلار قانۇنى»نى يولغا قويدى. ئەمما، نادان-قالاق، خۇراپىي، مۇتەئەسسىپ موللىلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى.1927-يىلى ئامانۇللاخان خۇتۇنى سۈرەييە بىلەن بىللە ھېندىستان، مىسىر، ئىتالىيە، فرانسىيە، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە، روسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاپتوموبىل بىلەن زىيارەت قىلدى. ئۇ يەتتە ئاي داۋاملاشقان بۇ خەلقئارالىق سەپىرىدە تەرەققىي قىلغان ياۋرۇپا ئەللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھاڭ-تاڭ قالدى. خانىش سۈرەييە ئىلگىرى سۈرىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ئالىي مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ، ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئايال داھىي ئىدى. ئامانۇللاخان 1928-يىلى سىۋاستىپولدا قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە تۈركىيە ھەربىي پاراخوت، ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئىستانبولغا كەلدى. ئۇ ھەيدەر پاشادا تۈركىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ، شۇنداقلا تۈركىيە ھەربىي ئىنىستىتۇتىدا ئۇقۇۋاتقان ئافغانىستانلىق ياش ئوفېتسىرلارنىڭ پاراتىنى قوبۇل قىلدى. ئەنقەرەگە كەلگەندە غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى ۋە ئامانۇللاخاننىڭ تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن بۇ غەلىبىلىرىگە تەنتەنە قىلدى. لېكىن، ئامانۇللاخاننىڭ ياۋرۇپا، مىسىر، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى ۋە خۇتۇنى سۈرەييەنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان ھالدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئافغانىستان موللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامانۇللاخان ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىپ ئۇدا 15 كۈن نۇتۇق سۆزلىدى. سۈرەييە بېشىغا ياغلىق ئارتماي جامائەت سورۇنلىرىغا چىقتى، زىياپەتلەرگە قاتناشتى. ئامانۇللاخان دۆلىتىگە قايتقان چېغىدا موللىلار ئۇنى سوراق قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بولغان ئىدى. ئۇلار خانىش، خېنىملارنىڭ ئاۋام ئارىسىدا ياغلىق ئارتماي ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. 1928-يىلى ئامانۇللاخان دىنىي كۈچلەر تەرىپىدىن كېلىۋاتقان قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلماي پارلامېنت تەشكىللەپ، كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويدى. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىچىدىن ئىككى خوتۇنلۇق بولغانلىرى سېزىلسە خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگۈزۈپ بوشىتىۋېتىلدى. گەرچە پارلامېنت قىزلار 18 ياشتا، ئوغۇللار 22 ياشتا نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دېگەن قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ماقۇللانماي بىردەك قارشىلىققا ئۇچرىدى. ئامانۇللاخان مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى پەننىي مەكتەپلەرنى ئېچىش، زامانىۋى بىلىملەرنى ئوقۇتۇش، ئوقۇش پۇلى ئەرزان بولۇش، كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىدىن ئوقۇش پولى ئالماسلىق قاتارلىق سىياسەتلەرنى بەلگىلىدى. خۇتۇنى سۈرەييە سەككىز يۈز نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان قىزلار مەكتىپى قۇردى. ئەمما، ياۋرۇپانىڭ «ئۇسۇلى جەدىد»لىرى بويىچە قىزلارنى تەربىيىلەش دېگەن سۆز دەرھال قارشىلىققا ئۇچرىدى. موللىلار ئامانۇللاخاننىڭ چۈمبەلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، خوتۇن-قىزلارنى ياۋرۇپانىڭ ئۇسۇلى بويىچ ئوقۇتۇش دېگەن سىياسىتىنى رەت قىلدى. ئەكسىچە ئۇنى «كاپىر» ۋە «دەھر»لىكتە ئەيبلەپ تەنقىد ئاستىغا ئالدى. 1929-يىلى ئامانۇللاخان ئامالسىزلىقتىن بايانات ئېلان قىلىپ ئىسلاھاتتىن ۋاز كەچتى ۋە ئافغانىستاندا تۇرالماي ياۋرۇپاغا كەتتى.
    1953-يىلى 9-ئايدا مۇھەممەد داۋۇدخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئافغانىستاغا باش ۋەزىر بولدى. ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا «ئىسلام ئۇلەمالىرى جەمئىيىتى»نىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە شۇ چاغدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا دىنىي ئالىملاردىن تاللاپ ئادەم قويۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كابول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ خادىملىرىنى تولۇقلىدى. ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ئاياللارنى ئازاد قىلىش، ئاياللارنى ئۆيدىن تالاغا چىقىپ، كەسپىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەرخىل ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى ۋە رىغبىتى ئاستىدا بىر تۈركۈم يېڭى زامانچە كىيىم كىيگەن مۇسۇلمان قىزلار ئايروپىلان ۋە تېلېفۇنخانىلاردا پەيدا بولدى. 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈن دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە خوتۇن-قىزلار چۈمبەللىرىنى ئېلىۋېتىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئەمما بۇ ئىش دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىراق، قارشىلىق داۋۇدخان تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. قارشىلىق باستۇرۇشتىنمۇ قاتتىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 1963-يىلى داۋۇدخان خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ چەتئەلگە قاچتى. 1973-يىلى، يەنى 10 يىلدىن كېيىن داۋۇدخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ تەختكە چىقىپلا ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش نامى بىلەن ھوقۇق تۇتتى، ئەمما غەربلىشىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. 1978-يىلى مۇھەممەت تەلئەت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت نامىنى ئافغانىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىدى. داۋۇدخان بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتىكى ساراي ئېتىشۋازلىقىدا ئوق يەپ ئۆلدى.
    1927-يىلى تۈركىيە، 1956-يىلى تۇنىس ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىگەندىن سىرت، سۈرىيە، مىسىر، ماراكەش، ئىراق، پاكىستان، ئىران قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە 1950-يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان قانۇنلاردا بىر خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشقا چەك قويۇش، شارائىتى بارلىرىنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش بەلگىلەندى. ئىراننىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى راپسان جانى 1989-يىلى تېھراندا ئېچىلغان دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيىدا «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتىي يۇق. شەرىئەت ۋە قەدىمكى كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بار. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھېچكىم كۆپ خوتۇن ساقلاشنى خالىمايدۇ. گەرچە ئۇ قانۇندا يول قويۇلغان ئىش بولسىمۇ، بىز نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلمايمىز ھەم خالىمايمىز» دېدى. دەرۋەقە ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم بىر شاخچىسى بولغان كۆپ خوتۇنلۇق ھادىسىسى يالغۇز ئىسلامىيەتنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، ئادىمىزات دۇنياسى ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان قەدىمكى ئادەت ئىدى. ئىبرايلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى خوتۇنى بولغان، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئىككى خوتۇن ساقلىغان، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنىڭمۇ نۇرغۇن خوتۇنلىرى بولغان. نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، كاتولىك دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىمەيدۇ، ئىنكارمۇ قىلمايدۇ. ئۇلار 17-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا چەك قويۇشقا باشلىدى. ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، بەلكى ئالدىنقى شەرت ئاستىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويىدۇ. خوتۇنلارنىڭ سانىنى تۆت ئىچىدە كونترول قىلىدۇ ھەم ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. قەيتلەرگە كۆرە، ئىسلام دىنى ئەمدىلا مەيدانغا كەلگەن چاغدا بەزى ئەرەبلەرنىڭ خوتۇنلىرى ئونغا يەتكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى تۆتكە ئازايتقان. ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تۇنجى دىن ئەمەس، بەلكى كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۇنى ئىنسانلار قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە قېلىپلاشتۇرغان تۇنجى دىن. كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى «قۇرئان كەرىم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، فىقھى ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم» تەلىماتىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنى چەكلەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە بىۋاسىتە، ئاشكارا ھېچنېمە دېمەيدۇ. پەقەت جەمئىيەتشۇناسلار بىلەن پىسىخولوگىيە ئالىملىرىلا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ياكى تەكشۈرگەن ئەھۋاللىرى بويىچە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش بىلەن كۆپ خوتۇنلارنى بېقىپ تەربىيىلەشنىڭ ئىنسانلارغا ئەپكىېلىدىغان ئاقىۋىتى، زىيىنى ۋە خەتىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، كۆپ خوتۇنلۇق ھادىسىسى يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە يەنە غەربكە ئېچىۋەتكەنلىك سەۋەبىنىمۇ قوشۇپ، زىيالىيلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. 19-ئەسىردىن باشلانغان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىن بۇيان بەزى ئالىملار، يازغۇچىلار ۋە ئاياللار ھەرىكىتى داھىيلىرى كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويۇشنى، چەكلەشنى مۇراجىئەت قىلدى. دىنىي زاتلاردىن خېلى كۆپ ساندىكىلەرمۇ بۇ مەسىلىنى تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن زامانغا لايىق شەرھىلىدى. ئەمما، ئەنئەنىچى مۇسۇلمان ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەردىن كۆپ خوتۇنلۇققا يول قويۇلۇش ھەققىدە سەۋەب ۋە ئاساسلارنى تېپىپ چىقىپ كۆرسەتمەكتە.
    1979-يىلى ماقۇللانغان مىسىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە ئەرلەر ئىككى-ئۈچ، ياكى تۆت خوتۇن ئالسا، بىرىنچى خوتۇنىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ، شۇڭلاشقا بىرىنچى خوتۇن نىكاھتىن ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرلەرنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر قازى بىرىنچى خوتۇنىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى تەستىقلىشى كېرەك، دەپ بېكىتىلدى. ئەمما، بۇ قانۇن ئەنئەنىچى دىنىي ئالىملارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا پارلامېنت 1984-يىلى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ پۈتكۈل ئەرەب ئىسلام جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ قانۇن تۈزۈش تارماقلىرى ھەرقانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ بۇ چەكلەنگەن رايونغا كىرەلمىدى. ئەكسىچە كىرگەنلىرى ۋە كىرىشكە ئۇرۇنغانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئىسلاھات-مۇۋەپپەقىيەت، ئىسلاھات-مەغلۇبىيەت، يەنە ئىسلاھات يەنە مۇۋەپپەقىيەت، يەنە ئىسلاھات يەنە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

    مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.
    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 5-6-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: