版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130092051.html

    ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
    (داۋامى)

    يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


    (5)

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىلدىن كۆپرەك تارىخىدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»دىكى خوتۇن-قىزلار ھەققىدە نازىل بولغان بۈيۈك ئايەتلەرنىڭ قانچىلىك ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئىجتىمائىي ھاياتقا تەدبىق قىلىنغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئۆتۈپ كەتكەن مىڭ يىلنى قويۇپ تۇرۇپ تۈنۈگۈنكى 20-ئەسىرگە كۆز يۈگۈرتسەك، بۇ ئەسىردە خۇددى بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن(1933-1995)نىڭ «يېپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» ناملىق ئەسىرىدە قەيت قىلغىنىدەك: «نۇر ۋە سايىلەر، ئىزگۈ ۋە قاباھەت، مەرىپەت ۋە جاھالەت كۈرىشىدە يەنىلا قارا سايىلەر، قاباھەتلىكلەر بىلەن جاھىلىيەت غالىب كەلدى. مەرمەر مۇنارلار، كاھىشلىق قۇببىلەردە توۋلانغان ئىزگۈ ئەزانلار، مىھراب ئاستىدا ئوقۇلغان سۈرە-ئايەتلەر ۋە پاكلىققا، ئالىيجاناپلىققا دەۋەت قىلغۇچى ھەدىس-ھېكمەتلەر سۇناينىڭ يېلىدەك تارقىلىپ كېتىۋەردى». يەنە ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933)نىڭ ئېيتقىنىدەك: «مەدەنىيەتتىن بىخەۋەر شەخسىي مەنپەئەت زىللىتىگە بويالغان بېخىل بايلار خوتۇن ئېلىپ خوتۇن قويۇشتەك خوتۇن قەھرىمانلىقى بىلەن پەخىرلەندى. يىگىرمە-ئوتتۇزلاپ نىكاھ ئىگىسى بولغانلىقىدىن خوش بولۇپ سۆزلەشتى. ئۇلار مەدەنىي مائارىپ، دارىلتام دېگەنلەردىن تامامەن بىخەۋەر، دۇنيادىن بىخەۋەر ئىدى. دىنىي ئالىملىرىمىزدىن تېخى ئۈمىد يوق بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئىلىم ئوقۇتۇشتىكى كۆز قاراشلىرىدا پەقەت دىنىي ئىلىمنى ئاساسىي ئىلىم دەپ، پەن ئىلمىگە تۆۋەن نەزەر بىلەن قارىدى. ئۇلارنىڭ مۇنداق زىيانلىق قاراشلىرى نەتىجىسىدە ياش ئەۋلادلىرىمىز ئىلىم-پەندىن مەھرۇم قېلىپ يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىدى». بۇ ئەسىردە بىز مىللەتتىن ئەرەب، پارس، تۈرك، ھىندى، تاتار ۋە تۇڭگان ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغىنىدەك دىن بىلەن پەن، دىن بىلەن ئاياللار مۇناسىۋىتى خۇسۇسىدا مەخسۇس مۇتالىئە سورۇنلىرى، نەشر ئەپكارلىرى، ئەسەرلەر ۋە مەدرس-مەكتەپلەر مەيدانغا كەلمىدى. گەرچە «ئاللاھ تائالا بۇ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەر يۈزيىل بېشىدا دىننى يېڭىلىغۇچىلارنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن ھەدىستە ئېيتىلغىنىدەك، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئابدۇقادىر داموللام(1862-1924)، چىڭگىزخان داموللام(1912-1952)، نەسۇھا داموللام(1888-1955)، ئابدۇجىلىل داموللام(1896-1937) ۋە شەمسىددىن داموللام(1882-1936)غا ئوخشاش مىسىر ۋە ئەرەبىستانلاردا دىنىي ۋە پەننىي بىلىم تەھسىل قىلغان ئىسلام ئۇلەمالىرى ۋۇجۇدقا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قالاقلىق ۋە خار-زەبۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تەرەققىيات يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئەر-ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى، خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ ئەمدىلا ئىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما دىننىڭ، ئىلىم-پەننىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ھەم تەرەققىياتنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. بۇ 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن چوڭ بىر بەختسىزلىك ئىدى. ئۇيغۇر ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىز باسارى بولۇشقا مۇناسىپ پازىل ئالىملىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»نىڭ كۆرسەتمىسىنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزىدىغان، ئۇلۇغ پېشىۋالارنىڭ تەلىماتىنى مەجلىس سورۇنلاردا بايان قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىغا ياخشى-ياماننى چۈشەندۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، تەربىيە بەرگەندىن تاشقىرى زامانىۋىلىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدىغان يولباشچى بولماي، تەپىرىقىچىلىق، مىللىي زۇلۇم، دىنىي كەمسىتىش، نادانلىق ۋە خار زەبۇنلۇقنىڭ ئاسارىتىدە چارەك ئەسىرنى ئۆتكۈزدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بۇ 50 يىلدا ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە يېتەكچى ۋە يېرىم يېتەكچى قىلغان مىللىي زۇلۇمغا قارىشى خام «ئىنقىلاب»تىن بىر قانچىسى بويىدىن ئاجراپ كەتتى. ئالىم، ئۇلەما، سىياسىيون ۋە پىداركارلىرىدىن ئايرىلىپ چوپانسىز پادىغا ئوخشاپ قالغان بۇ خەلق ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتمىگەن، غەربنىڭ ماددىچىلىق ئىدىيىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ كۇڭزىچىلىق تەلىماتىغا ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلغان بىر ئۆرپ-ئادەت ھاكىمىيىتىنى قارشى ئالدى. مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، شۇنداقلا ھەرىكەت مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف» ئاساسىدا دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىتىش، ئىسلامىيەتچە مائارىپ، ئەخلاق تەربىيىسى يۈرگۈزۈش ئىشى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا باشلانغان ۋە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ كەلگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلار تۈپەيلىدىن ئېتىباردىن يىراقلاشتى. بۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەر-ئاياللىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ھەرقانداق ئىنسانغا كېرەك بولىدىغان دىنىي مەدەنىيەتنىڭ سىرتىدا قالدى. سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ماددىچى پروفېسسورلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە تۈزۈلگەن قىزىل كونسىپىكتىن 50 يىل دەرس ئۆتتى. ئۇلار كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستىقۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا قوبۇل قىلغان زىيالىيلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى خۇددى زامانىمىزنىڭ مۇتەپەككۇرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار» ناملىق ماقالىسىدا كۆرسىتىلگەندەك: «ئالىي مائارىپ ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆز خەلقى ئارىسىدا خىزمەت قىلدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ كادىرلار قوبۇل قىلغان ئىدىيە يەرلىك خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىگە نىسبەتەن يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت بولدى-دە، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى گويا ئىككى سىنىپ كىشىلىرىدەك بولۇپ قېلىشتى». دۆلەت ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەننى ماددىچىلىق ئاساسىدا ھەرقانچە كۈچەپ شەرھىلىگەن ۋە تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ئېتىقاد ئاساسىدا چۈشەندۈرۈشكە ئاجىز كەلدى. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى سىستېمىلىق ھالداتەتقىق قىلىپ، مەيدانغا كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئاينىۋاتقان جەمئىيەتنى ئوڭشاش ئىدى.
    مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ھاكىمىيىتىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى، دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچى(1898-1969) پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان سەپىرىدە ئاپتونۇم رايونىمىزغا كەلدى ۋە بۇيەردىكى ئىش باشقۇرغۇچى ۋەلىلەرنىڭ ماركسىزم-لېنىنىزم تەتقىقات ئورنى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز،دېگەن دوكىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەتئىي ھالدا: «سىلەر ئۇنى قۇرماڭلار، ئۇنداق ئورۇندىن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى ھەربىر ئۆلكىدە بىردىن جەمئىي 20 نەچچىسى بار، سىلەر ئىسلام پەلسەپە تەتقىقات ئورنى قۇرۇڭلار، چۈنكى بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن» دېدى. مىڭ ئەپسۇس، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىدولوگىيە تەرەققىيات تارىخىدىن تولۇق خەۋىرى بار، ئوقۇمۇشلۇق بۇ سىياسىيۇننىڭ ئىسلامىيەتكە بولغان تاڭ تەيزۇڭ(597-649)چە ھېسداشلىق قىلىش مۆتىدىل سىياسىتى ئارىدىن بىر-ئىككى يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ جىنايىتى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئىسلام پەلسەپە تەتقىقات ئورنى قۇرۇلمىدى، ئىسلام پەلسەپىسىمۇ تەتقىق قىلىنمىدى. ئەكسىچە، شەخسنىڭ خۇدانى چۈشىنىش ۋە سېغىنىشتىكى ھوقۇقى تالان-تاراجغا ئۇچراپ، ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئوقۇشلۇقى بولغان «قۇرئان كەرىم» كۆيدۈرۈلدى. خەلق «تاكى 1970- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياشىدى. مىليونلاپ ئنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆلدى. مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياماق چاپان، ياماق ئىشتان كىيگەن ھالدا قەھرىمان بولدى. مىليونلاپ ئىنسان ئىجاد قىلىش، بايلىق يارىتىشقا تېگىشلىك مېڭىسىنى ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ جابدۇقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئادىميىلىككە ياتىدىغان تەبىئەتتىن مەھرۇم بولدى».
    70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن زامان ئۆزگىرىپ، ئەينى چاغدا ليۇ شاۋچىنىڭ گۇماشتىسى دەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن دېڭ شياۋپىڭ(1904-1997) قايتا ھاكىيمىيەت بېشىغا چىقتى. ئۇنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن ئون يىل داۋاملاشقان سىياسىي بوھراندا قاتتىق ئۇۋالچىلىققا قېلىپ بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن ليۇ شاۋچى ۋە ئۇ باشچلىغىدىكى بىر تۈركۈم ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي ھوقۇقدارلىرى ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. دېڭ شياۋپىڭ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» مۇھاكىمە دولقۇنى قوزغىدى ۋە ئۇلاپلا ئىدىيە ئازادلىقى ھەرىكىتىنى باشلاپ ئۇزۇن يىل قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپ دات بېسىپ كەتكەن دۆلەت دەرۋازىسىنى «ئىسلاھات» ئاچقۇچى بىلەن غەربكە قارىتىپ ئاچتى. 1980-يىلى ئۇ «پارتىيە لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرايلى، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلايلى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا: «ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئەقىدە قىلىۋالماسلىق لازىم» دەپ كۆرسەتتى. بۇ «ھەقىقەتنى نەدىن تاپىمىز؟» ناملىق ئوبزوردا قەيت قىلىنغىنىدەك «ھازىرغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنلىرىگىمۇ، ھەتتا شەخسنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ مەڭگۈ باب كېلىۋېرىدىغان ئىلمىي قاراش» ئىدى. 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا «دىنشۇناسلىق»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە تەتقىقاتنى پائال قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى ھەققىدىكى تەتقىقات قانات يېيىپ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە باسمىسى جۇڭگۇدا ئارقا-ئارقىدىن نەشرىدىن چىقتى.
    1981-يىلىدىن 1986-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىسلامىيەتنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مۆتىدىل دەۋرى بولدى. بۇ سائادەتلىك يىللاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستېداتلىق ئالىمى، مۇتەرجىمۇلقۇرئان مۇھەممەد سالىھ قارىيھاجىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىلىرىنى توغرا، روشەن ۋە تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۇيغۇرچە بىر تەرجىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تەشنا ۋە ئارزۇمەند ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆپ يىللار رىيازەت چېكىپ، جاپا ۋە مۇشەققەتلىك ئەمگەك سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن سەئىي ئىجتىھاتلار كۆرسىتىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»نىڭ روشەن تەرجىمە-تەپسىرىنى يېزىپ چىقتى ھەم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» ناملىق ھەدىس كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى پەقەت زامانىمىزنىڭلا ئۈمىد-ئارزۇسى بولۇپ قالماستىن، شۇنداقلا مىڭ يىللار داۋامىدىكى ئۇزۇن تارىخىي جەريانلاردا ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانى، ئۈمىدى ۋە ئىستىكى بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما نېمىشقىكىن، ئەخلاقسىزلىققا قاتتىق چەك قويۇلغان سىياسىي ھەرىكەتلەر زامانىسىدا ئەخلاقنىڭ دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» كۆيدۈرۈلگەن بولسا، ئەخلاقنىڭ مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەشر قىلىنىشىغا يول قويۇلغان ئىسلاھات دەۋرىدە ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئېلىپ «مۇقەددەس كىتابلاردىكى قىيامەت تەسۋىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رېئال تۇرمۇشتىن يەتكۈدەك ئۇچرىتىشتى».
    بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش ئاياللار ئازادلىقى، ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ئەركىنلىكى دېگەندەك شۇئار، ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، باراۋەرلىك، ھوقۇق، جەھەتلەردە خوتۇن-قىزلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ ئانىلىق مەسئۇلىيىتىگە سەل قارايدىغان، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ھەتتا بالا تۇغۇشنى خالىمايدىغان، نومۇس قىلىدىغان، تۇغۇپ سالغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغان بەزى لەنىتى «ئانا»لارمۇ مەيدانغا كەلدى. شۇ سەۋەبلىك بەزى خوتۇن-قىزلار ئائىلە ئىشلىرىنى ئاياللارنى تۈگەشتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىق دەپ ھېسابلاپ، ئەنئەنىۋى گۈزەل-ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىمىزغا «ئەركىنلىكنى بوغقانلىق» دەپ ئۆكتەملىك بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا.
    ھازىر سودا بىلەن ئەخلاقنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەسلىكى گەۋدىلىك ئىش بولۇپ قالدى، تېز سۈرئەتتە باي بولۇش دەۋرى پۇل ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدىغان تەۋەككۈلچىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىستېمالچىلاردا قانداق يامان تەسىر قالدۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، بازارلىرىمىز ئاياللارنىڭ ئەۋرەت لاتىسى بىلەن ئەمچەك خالتىلىرىغا توشۇپ كەتتى. جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش دورىلىرىنىڭ ماركىسى بىلەن ئىشتانسىز خوتۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ھەيۋەتلىك ئېلان تاختىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. «بازار دېگەن ئوقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە يېتىپ، ھەممە ئادەم جۈملىدىن، ھەممە خوتۇن-قىزلار ئىززىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋۇجۇد بايلىقلىرىنىمۇ بازارغا يۈزلەندۈردى. كېلىشكەن بەدەن، دىلرەبا كۆز، ئوتقاشتەك لەۋلەر مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئېلېمىنتلىرىغا ئايلاندى»(ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار»). ئادەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى پۇل تېپىپ جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى قىلىندى. «ئاياللار شەھەر ھاياتىدىكى كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان ھەم ئەڭ كارغا كېلىدىغان ۋاسىتە بولدى»، «ئەرلەر گۈزەل ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇپ ۋاپا تەشۋىشىدە، ئاياللار قاۋۇل ئەرلەر ئارىسىدا تۇرۇپ باياۋان چاڭقاقلىقىدا قالدى»(ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەركەك سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى»). «ئاكىسى بارسا پۈتمەيدىغان ئىش سىڭلىسى بارسا ھەل بولىدىغان، ئەر كىشى كىرسە تەتۈر قارىغان باشلىق خوتۇن كىشى كىرسە دەس تۇرىدىغان بولدى» (ئابباس مونىياز: «پاجىئەنىڭ يەنە بىر يۈزى»). «ئۇيغۇر مىللىي پسىخكىسىدا ئاياللىق غورۇرىنىڭ قۇرغىنى بولمىش ھايا زامانىۋى مەدەنىيەت كەلكۈنلىرىنىڭ شىددىتى ئارقىسىدا ئاستا-ئاستا غۇلاپ، ئاياللارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى زىننەتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. ئاياللىق گۈزەللىك شائىرلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەسلىكتىن خىزمەت، سودا، مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كاتالىزاتۇرغا ئايلاندى. غەربچە كىيىنگەن مودا قىزلار ئىگىسىگە خىيانەت قىلىپ نۇرغۇنلىغان كۆزلەرنى ھارامدىن ئوۋلاپ ماڭىدىغان بولدى. ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە ئاياللاردىكى گۈزەللىك ۋە ئىپپەت ئىستېمال بويۇمىغا ئايلانغان بولسا، ئاياللار ئۇنى ۋاسىتە قىلىپ ئەرلەردىكى پۇل، ھوقۇق، نام-شەرەپ ۋە ئىمتىيازلارنى ئىستېمال قىلىدىغان بولدى» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تىلەمچى ئايال، مودا قىز ۋە ئىستېمال»). «سىنقويغۇ، سىنئالغۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ تارىلىشى CD، VCD، LD پىلاستىنكىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غەربچە مۇھەببەت شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، غەربچە مۇناسىۋەت شەكلى، غەربچە قائىدە-يوسۇنلىرىغا تولدۇرۇۋەتتى ۋە ياشلارنىڭ ئېڭى، قىممەت قارىشىنى تېز ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. نەتىجىدە، بىر ئائىلىدە ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي نىزامدا سۈركۈلۈش پەيدا بولۇپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا ھەمجەھەتلىكى ئۈستىگە قورۇلغان مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىسى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئائىلە تەربىيىسى (شەھەرلەردىكى مىللىي ئائىلىلەردە ئائىلە تەربىيىسى دېگەن نەرسە بارغانسېرى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى)، مەكتەپ تەربىيىسى قاتارلىقلار جەمئىيەتتىكى چىرىكلىكلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. يىگىتلەر نىكاھقا كەلگەندە قىزلىق ئىپپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشتىن سەل قاراشقا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىق ئىپپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنىڭ تىجارەت شەكلى سۈپىتىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىپپەتكە قويۇلىدىغان نازۇك تەلەپنى مۈجىمەللەشتۈرىۋەتتى»(ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار»).
    ماددىي بەھرىمەنلىنىش، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش، پۇلپەرەسلىك ھازىر غەرب دۇنياسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېڭىدا ئەڭ چوڭ ئەنگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھۇزۇر-ھالاۋەت، كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە ئەڭ يۇقىرى تېز سۈرئەتنى قوغلىشىدىغان ئىنسانلار گۇرۇھى بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى رەھىمسىز ئىشقا سېلىپ، ئۇنى ئىجاد قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە يوللىرىغا قاراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇسۇل-چارىلەر ئاستا-ئاستا مەقسەتكە ئايلىنىپ قالدى. ھەقىقەت ئىنسانلارغا ئىلمىي كەشپىياتلارنىڭ ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ قوللىنىشتا ياخشى-يامان ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھازىر بىز تېز سۈرئەتتە دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىنى ساياھەت قىلالايدىغان بولدۇق. ئەمما، مۇقەددەس تاۋاب رايونلىرىنىڭ شۆھرىتى كەملەپ كەتتى. چۈنكى، «ئارىلىق»نىڭ ئۇقۇمى يوقىلىپ، ناھايىتى يىراق دەپ قارالغان ئەللەرمۇ بۇسۇغىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. ئەسىلىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارالغان يېڭى قۇلايلىق شارائىتلار ئەكسىچە رول ئويناپ، ھازىرقى كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدە قالدۇردى. ئىلمىي كەشپىياتلارنى قالايمىقان قوللىنىش نەتىجىسىدە پەن-تېخنىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى بارغانسىرى ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خۇددى پاكىزە، ساپ بىر يېمەكلىكنىڭ بۇزۇق ئاشقازانغا كىرىپ زەھەرگە ئايلانغىنىدەك بىر ئىش. ياۋرۇپالىق يوت دېگەن بىر تەبىئىي پەن ئالىمى: «ئىلىم-پەن بىزگە خۇددى ئىلاھلاردا بولىدىغان ھوقۇقلارنى ئاتا قىلدى. ئەپسۇس، بىز بۇ ھوقۇقلارنى ئىشلىتىدىغان چاغدا گۆدەكلەر ۋە ياۋايىلاردا بولىدىغان قىلىقلارنى قىلدۇق» دېگەن ئىدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، بەزى غەرب دۇنياسى كونتروللىقىدىكى زور ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتى يالغۇز شۇلارنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پاجىئە ئېلىپ كەلدى. بۇ ھەتتا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ قىزغىن ياقىلىغۇچىلىرىنىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى. بىز ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك دەپ ئاتاۋاتقان خروئىن مېدىتسىنادا ئەڭ دەسلەپ بايقالغان چېغىدا ئاغرىق توختىتىش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى. ئەمما، ئۇنى ھازىر ئىنسانلار ئۆزىنى نابۇت قىلىش مەقسىتىدە رازىمەنلىك بىلەن ئىشلەتمەكتە. ئۇ ھازىر ھەممىدىن بەك بىزنى ۋەيران قىلدى. بىز پرۇفېسسور يوتنىڭ دېگىنىدەك ئىش قىلدۇق. بىزدە ھازىر شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلار ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت، تەنتەربىيە، ئىقتىسادىي دۇنيا، روھىي مەدەنىيەت دېگەنلەرگە قىزىقمايدۇ. ئۇلار كېسەلمۇ ئەمەس، تەبىئىي ئاپەت، ئاچارچىلىققىمۇ دۇچار بولمىغان، ئۇرۇش تەھدىتىگە تېخىمۇ يولۇقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىمەي، ھايۋاننىڭ قىلىقلىرى بىلەن ھالاكەت يولىنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار زەھەر چېكىپ، خار-زەبۇنلۇقتا ياشاپ، مەينەت، پاسكىنا، نىجاسەتلەر ئىچىدە بىئىمان كېتىشكە رازىكى، ئۆزلىرىنىڭ قانداق يارىتىلىپ، مېھرى-شەپقەت بىلەن تولغان بۇ ئىللىق دۇنياغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇ دۇنياغا قانداق كېتىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە قىلچە پىكىر قىلمايدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئىجتىھادلىق قەلەم ساھىبى، جەمئىيەتشۇناس ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېينكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، «ھازىر بەزى بېدىكلەر خەنزۇ خۇجايىنلار بىلەن چەت ئەللىك سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى دەللالغا ئايلىنىپ، چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرىدىغان مال ئەۋرىشكىلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ قىزىدەك، سىڭلىسىدەك قىزلارنى كېرەكتىن چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇلار دىنىي ئاڭ، مىللىي ھېسسىيات، ئەرلىك غورۇر، قېرىنداشلارچە مېھرى-مۇھەببەت، ئىنساپ دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزلارنى ئالداپ ئەپچىقىپ، ھەر جۈمە كۈنى دېڭىز ياقىسىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار بىلەن يولغا سېلىپ، پۈتۈشۈپ قويغان خۇجايىنلىرىغا سولاپ بېرىپ، زېمىن كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. بۇ سېتىلما، غورۇرسىز، دوزىخىي، ئاسىي قىزلار ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىپ تاپقان ھارام پۇللىرىنى يانچۇقلىرىغا سېلىپ، دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنلىرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە ئايروپىلان بىلەن قايتىپ كېلىپ دەرسخانىلىرىغا كىرىپ ئولتۇرىشىدۇ. يەنە بەزى بېدىكلەر بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىشسىز، يۆلەكسىز يۈرگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ ئېلان چىقىرىپ، ھەرخىل ياغلىما سۆزلەر ۋە چىرايلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ، قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بىر مەزگىل كۆندۈرگەندىن كېيىن ھەرخىل خۇلق، مىجەز ۋە ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپ ھارام مۇلازىمەتكە سالىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ شەخسىي تاپاۋىتى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چېھرىدىن، زىلۋا بويىلىرىدىن، نازۇك تەنلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ ئېتىقادسىز، ئىمانى يوق قىزلار ئۇ جايلاردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن «بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي» دەپ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ يامان يوللارغا كىرىپ، رەزىل ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار دەسلىپىدە ھېلىقى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» بېدىكلىرىگە ئەگىشىپ، ھەرخىل مۇلازىمەتلەرگە مەجبۇرلىنىدۇ. ئاخىر ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تەقدىرگە تەن بېرىپ، تەرەققىي قىلغان جايلارنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ، بەزىلىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىلەرگە سولىنىدۇ، ھەتتا ئانا يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلەلمەي ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ. بەزى بېدىكلەر شىنجاڭدىن بىچارە بالىلارنى ئالداپ ئەچىقىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئاۋۋال زەھەر چەكتۈرۈپ خۇمار قىلىدۇ، ئاندىن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قاتارلىق ئىشلارغا سالىدۇ. بەزىلىرى شۇ جايدىكى يەرلىك خوجايىنلارنىڭ خىزمىتىنى  قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئىستېمالچىلارنى تونۇشتۇرىدۇ. بەزىلىرى يەرلىك زەھەر كاتتىۋاشلىرىدىن زەھەرنى توپ سېتىۋېلىپ شۇ جاينىڭ ئۆزىدە چېكىدۇ ياكى ساتىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرى ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك جىنسىي كېسەللىكلەرنى، ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شىنجاڭغا قايتىپ كېلەلىگەنلىرى يەنە ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلارنى كاردىن چىقىرىدۇ. كىمىكى زەھەر چەكسە ئۇنىڭ ئۇۋالى ئايالىغا، بالىسىغا بولىدۇ. ئۇلار ياش، نامرات، يوقسۇل پېتى تۇل قالىدۇ. روھىي زەربىگە ئۇچراپ ئازاپ چېكىدۇ. بەزى ئاياللار زەھەر چېكىپ تۇتۇلغان ئەرلىرىنى قايتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ، كىشىلەرنىڭ ھەرخىل «شەرت»لىرىنى ئورۇندايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار خورلىنىپ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. ئۆزلىرى خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا، «يول»لاردا مېڭىشقا زورلىنىدۇ. بەزى ئەرلەر پۈتۈن ئۆي-ۋاق بىساتى، مال-دۇنيالىرىنى زەھەرگە تېگىشىپ بولغاندىن كېيىن زەھەر سېتىۋېلىشقا پۇلى بولماي، باشقا ئەرلەرنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ خوتۇنىنى شۇ ئەر بىلەن زىنا قىلىپ پۇلىنى ئېلىشقا ۋە ياكى ئايالىنى كوچىغا چىقىپ، تېنىنى سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ كېلىشكە زورلايدۇ. بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مىڭ بىر مۇشەققەتتە تېجەپ يىغقان پۇلىنى زەھەرگە تېگىشىپ يوقىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارغا ئاھانەت قىلىدۇ، تىللايدۇ، قاخشىتىدۇ. ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ بەرمىسە ياكى قاتتىقراق گەپ قىلسا، ئاتا-ئانىسىغا، قېرىندىشىغا ۋەھشىيلەرچە ئېتىلىدۇ، پىچاق كۆتۈرىدۇ».
    ھازىرقى كۈندە بىلىم ئېلىش پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى ياربەرمىگەنلىكتىن ياكى «يول ماڭىدىغان ئادىمى» بولمىغانلىقتىن، بەھرىمەنلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇق، مەجبۇرىيەت ۋە تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن قۇرۇق قېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياكى سەھرا-يېزىلاردا قارا ئەمگەك كۈچى ياكى مەدىكار بولۇپ تۇرۇۋاتقان نى-نى گۈزەل خوتۇن-قىزلار بار. بىز ئۇنداقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ جاپا تارتىپ يەر تېرىۋاتقانلىقىنى، ئەردىن تەلىيى چىقماي تۇل ياشاۋاتقانلىقىنى ياكى جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە «خوتۇن» (تۇل خوتۇن)لۇق، «دېھقان»لىق ۋە «مەدىكار»لىق پۈتۈلۈپ كەتكەن. ئۇلار شەھەر ۋە شەھەرلەشكەن سەھرالاردىكى پۇلدار ئاقسۆڭەك بايۋەچچىلەرگە مەڭگۈ «باۋمۇ» بولىدۇكى، ھەرگىز «خانىم»، «رەپىقە» بولالمايدۇ. ئەكسىچە، شەھەر ۋە شەھەرلەشكەن سەھرالاردىكى توقلۇقتىن بۇخسۇپ كەتكەن چاكىنا، مەسخىرىۋاز ئاياللارنىڭ بەزى چوڭ-كىچىك ئىش باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ياكى باي-بايۋەچچىلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى، ئۇرۇق-توغقان خىش-ئەقرىبالىرى ياكى ئاشنا-ئاغىنىلىرى بولغانلىق سەۋەبىدىن، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ھەر-ھەر غوناندەك ئەركەكلەرنىڭ خانىمى ياكى پەردە ئارقىسىدىكى خانىشى بولۇپ ئىش باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ھەتتا ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ئەرلىرىنىڭمۇ «خوتۇن» دەپ چاقىرىشىدىن ئۆلگۈدەك ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، نومۇس قىلىدۇ، ئۇلارچە بولغاندا ئۇلار «خوتۇن» ئەمەس، بەلكى «خانىم» ياكى «رەپىقە». ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە «خوتۇن»لۇق ئەمەس، بەلكى «ئەتىر» پۇراپ تۇرىدىغان ئەنە شۇنداق پىكاپتا ئولتۇرىدىغان «خانىم»لىق ۋە «رەپىقە»لىق پۈتۈلگەن. بۇ خوتۇنلار «ئۆزلىرىنى ‹گۈزەل›لەشتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىگىنىنى، قانچىلىك ۋاقىت ئىسراپ قىلغىنىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ. بالىلىرىغا كۆيۈنمىگەن، بالىلىرى سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگىنى بىلەن ساتىراشخانىلاردىن قايسىسىنىڭ چاچنى ئوبدان سارغايتىدىغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ ئوبدان بۆدرە قىلىدىغانلىقىنى، ھۆسن تۈزەش دۇكانلىرىدىن قايسىسىنىڭ قىسىق كۆزنى بۇلاق كۆزگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بەشقولدەك بىلىدۇ». ھازىرقى كۈندە غەربلىكلەرنى دوراپ چاچ بوياش ئەۋج ئالدى. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ، ئۆزگىچە مىللىي گۈزەللىك پەيدا قىلىدىغان ئۇزۇن-بوستان چاچلار يوقالدى. «ئۆسمۈر قىزلاردىن تارتىپ مامىكاپ بولۇپ كەتكەن مۇماي خوتۇنلارغىچە ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى كېسىپ، تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۈپ، يۈز-كۆزىنى ئالۋاستىدەك بوياپ يۈرىدىغان بولدى». مۆھتىرەمە مۇئەللىمە ھۆرنىسا مامۇتنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەقەززالىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە تۈرلۈك ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى يامغۇردىن كېيىنكى مايسىدەك ئاۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار گۈزەللىكتىن يىراقلاشتى، چىن گۈزەللىكتىن بارلىققا كېلىدىغان مۇھەببەت زىلزىلىلىرى قايتا پەيدا بولمىدى. قىز-ئاياللار ئۆز گۈزەللىكىگە تاۋار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، گۈزەللىك ئىزدەش يولىدا ئاجايىپ-غارايىپ ناجىنىس كەشپىياتلارنى ئىختىرا قىلدى. (ئۇلار گۈزەللىكنى ئۆزىنىڭ قەلبىدىن-باتىنىي دۇنياسىدىن ئەمەس، تاشقى قىياپىتىدىن-زاھىرىي دۇنياسىدىن ئىزدىدى). ئۇلار ئاياللىق گۈزەللىكنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى دەپ قارىماستىن، بەلكى ئەرلەر دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ قورالى، دەپ قارىدى».
    ھازىرقى كۈندە ئىسكەتخانا (باشقىلار ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى دەپ ئاتىغان ھۆسىن بۇزۇش ئورۇنلىرى)لارنىڭ بارلىققا كېلىشى، نۇرغۇن پۇللارنىڭ ئىسراپ قىلىنىپ، سۈنئىي ياسىنىپ، تارىنىشقا كېتىشى، ئەكسىچە ئۇ خىلدىكى سۈنئىي پەدەزلەرنىڭ تانسىخانا، ئىشرەتخانا، ئاشنىخانا، بەزمىخانىلاردا پۇلدار بايۋەچچىلەرگە ئۈلپەت بولۇپ بېرىشنىڭ ئېھتىياجى؛ شۇنداقلا قارىماققا باي-باياشادلىق ھەم توقچىلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كۈنسىرى كۆپەيگەن ھەيۋەتلىك قاۋاقخانا، رېستۇران ھەم ‹مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش› ۋىۋىسكىسى بىلەن قەد كۆتۈرگەن مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىپپەت سودىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقى ئەسكە ئېلىنسا، شۇنداق ئىسكەتخانا، پەردەزخانا ئاچقان، ئىسكەتخانا، پەردازخانىلەرگە كىرىپ ئۆزىنى پەردەزلەتكەن چاكىنا، لاۋزا،ساياق، بۇزۇق دوزىخىي خوتۇنلارغا «جاھىلىيەت دەۋرى»گە نەپرەتلەنگەندەك نەپرەتلەنگىمىز كېلىدۇ. بەزى خوتۇن-قىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ ئېنىقكى، ئۆزىنى خورلاش ھېسابىغا ئەرلەرگە ئويۇنچۇق بولۇش. ئەرلەرنىڭچۇ؟ ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ھېسابىغا خوتون-قىزلارنى دەپسەندە قىلىش. «قىزلىرىمىز مىللەتنىڭ غۇنچىلىرى، ئانا بولغۇچى مۇبارەك كىشىلىرىمىز. ئەگەر يىگىتلىرىمىز قىز قېرىنداشلىرى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولغۇسى ئانىلىرى-نى دەپسەندە قىلىپ، ‹لەززەت› ھېس قىلىدىغان بولسا، بۇ مىللەت ‹تۇخۇم›دىلا بۇزۇلغان مىللەتكە ئايلانماسمۇ؟! قىزلىرىمىز پۇل ۋە پاراغەت ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئىپپەت سارىيىنى تاماكا ‹كۈلدانى›غا ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇلار مۇھەببەت، ئائىلە، ئانا ۋە چوڭ ئانا بولۇشتىكى پاكلىققا، مۇقەددەس ئەقىدىدىن ئىبارەت بەختكە يەنە نېمە بىلەن ئېرىشەر؟ ئائىلىلىك تۇرۇپ ‹ئىپپەت سېتىش ماگىزىنى›، ھەتتا گۇرۇھلاشقان ‹ئىپپەت سېتىش شىركىتى› ئاچقان قىز-ئاياللار خەلقىمىز گەۋدىسىگە داۋاملىق زەھەر قۇرتلىرى چېچىپ نېمە ھۇزۇر ئالار؟» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «يىپەك يولىدىكى بىر ئىللەت»). بۇزۇق ئاياللارنىڭ قەلبىدە پاك مۇھەببەت بولمايدۇ. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتنى بۇلغايدۇ. ئۇلار قۇرت-قوڭغۇزدەك يۈرۈپ پۈتكۈل بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ، يالىڭاچ ۋە يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان، ئۆزىنى ھەر دائىم ھەرخىل رەڭلەردە بويايدىغان، تانسىخانا، بەزمىخانىلاردىن كەلمەيدىغان خوتۇن-قىزلاردىن ئەركەك تۈكى بار ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شۈركىنىدۇ. ئىپپەت-نومۇسلۇق، شەرم-ھايالىق خوتۇن-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ يارىشىملىق، ئاددى-ساددا كىيىنىشلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى، نۇرانە چىرايلىرى بىلەن كىشىگە سۆيۈملۈك كۆرىنىدۇ.
    «ھازىر خوتۇن-قىزلىرىمىزغا بالا تەگدى» دەپ يازىدۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئا. مەتتۆمۈر ئەپەندى «ئۇ تىلەمچى ئەمەس، مېنىڭ سۆيگىنىم!» دېگەن ماقالىسىدە: «ئۇلار تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىدىن تېنىۋاتىدۇ، سەسكىنىۋاتىدۇ. ئەكسىچە، بالا بېقىشقا ئېرىنچەكلىك قىلغان چوكان-خېنىملارنىڭ بەزىلىرى ئاۋسترالىيە، گېرمانىيەلەرنىڭ پىستە-كۈچۈكلىرىنى ئەتىۋارلاپ نەچچە مىڭ سومغا سېتىۋېلىپ بېقىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە غەربلىكلەرنىڭ چېقىر كۆزلىرى، سېرىق چاچلىرى بىز خەقنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىدىن، قۇندۇزدەك بوستان چاچلىرىدىن، ئۇلارنىڭ يېرىم يالىڭاچلىقى بىزنىڭ گۈزەللىك ۋە ھايانى بەلگە قىلغان كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزدىن، ھەتتا ئىتلىرىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن ياخشى. بەزى يۈرەك پارىسى بولغان بالىلىرىنى كۆتۈرۈشكە نومۇس قىلغان ‹چىشى قانجۇقلار› چاچلىرىنى ئالا-تاغىل بوياپ، قاپاقلىرىنى ياردۇرۇپ، ئەۋرەتلىرىنى ئالقانچىلىك لاتا بىلەن يېپىپ قويۇپ، كۆتى ئوچۇق ھالدا ئىتنى كۆكسىگە تېڭىپ يۈرمەكتە. ئۇلار ساپ قېنىدىن يۇغۇرۇلۇپ، ھازىر ‹مەدەنىيەت›لىك بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نېمىسىنى تېگىشىشكە رازى، ئۇلار ھازىر ‹مەدەنىيەت› سارىڭى. ئۇلار ھازىر ‹مەدەنىيەت›لىك بولۇش ئۈچۈن تېلېۋىزۇرلاردا نېمە كۆرسە شۇنى دورايدىغان، رادىئو، ئۈنئالغۇلاردا نېمە ئاڭلىسا شۇنىڭغا خۇداغا ئىشەنگەندىنمۇ بەكرەك ئىشىنىدىغان ماشىنا خوتۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى.
    ئەمدى ئەتىمىز قانداق بولار؟ بۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئامانەت.
    ئى خۇدا! خوتۇن-قىزلىرىمىزغا ئەقىل-پاراسەت، ئىمان-ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن!».

    مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.
    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 5-6-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: