版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/132705849.html

    ھەرقايسى ئەللەردىكى بالىلار ئۆز بايرىمىنى قانداق تەبرىكلەيدۇ؟


    بۈگۈن «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى.
    نېمىشقا خەلقئارا بالىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغان؟
    دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى؟
    بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىدا قانداق قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ؟

    پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى 1949-يىلى نويابىر موسكۋادا ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، ھەر يىلى 1-ئىيۇننى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىشنى قارار قىلدى. 1950-يىلى ئاپرېلدا، خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە قارار ماقۇللاپ، قارىمىقىدىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرىنى بالىلارنىڭ ھاياتىنى يېڭى ئۇرۇش خەتىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاش، ھەربىي ئىشلار خامچوتىنى ئازايتىش ۋە بالىلار ساغلاملىقى بىلەن تەربىيەلىنىش خىراجىتىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىش شوئارى ئاستىدا خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشكە چاقىردى.
    خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، بالىلار ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش، ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىش، ساغلاملىق ھەرىكىتى ۋە ئادىتىنى كۈچەيتىش، تەلىم-تەربىيە جەھەتتىكى جىنسىي كەمسىتىشنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەر يىلى ئۆلۈپ كېتىدىغان بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سانى 1990-يىلىدىكى 12 مىليون 500 مىڭدىن ئازىيىپ، 2008-يىلى 9 مىليونغا چۈشتى.
    بىراق، بالىلار ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىزمىتىدە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ نەپەر بەش ياشتىن تۆۋەن بالا پاكىز سۇ ياكى ساقلىقنى ساقلاش ئاساسىي ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، پۈتۈن يەر شارىدىكى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ نەپەر 15 ياشتىن تۆۋەن بالا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ، تەخمىنەن 188 مىليون نەپەر 5~ 14 ياشلىق بالا شارائىتى ئىنتايىن ناچار يېزا، خەتەرلىك زاۋۇت،كان قۇدۇقلىرىدا ئىشلەۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن يەر شارىدىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق بالا مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىنىپتۇ. ئۆتكەن ئون يىلدا، تۈرلۈك قوراللىق توقۇنۇشلاردا يەر شارى بويىچە 2 مىليون بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ، تەخمىنەن 6 مىليون بالا ئېغىر يارىلىنىپتۇ ياكى مېيىپ بولۇپ قاپتۇ.
    ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى شۈبھىسىزكى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، پۈتۈن دۇنيامۇ تۈرلۈك تەبرىكلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئاشۇ كۈنى — «1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى» نى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بىراق، ھەممىلا دۆلەتلەردىكى كىچىك دوستلارنىڭ بالىلار بايرىمىنى 1-ئىيۇن كۈنى تەبرىكلىشى ناتايىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بالىلار بايرىمى ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس، تەبرىكلەش ئۇسۇلىمۇ پەرقلىق ھەم ئۆزگىچە.


    بالىلار بايرىمىنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە خىلمۇخىل تەبرىكلىنىشى


    ياپونىيە: «بىر يىلدا ئۈچ قېتىم بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ»


    ياپونىيە-- دۇنيا بويىچە بالىلار بايرىمىنى ئەڭ كۆپ تەبرىكلەيدىغان دۆلەت.
    ياپونىيەلىكلەر بالىلار بايرىمىنى بىر يىلدا ئۈچ قېتىم تەبرىكلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبرىكلەش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، قويۇق ياپونچە ئۇسلۇبقا تولغان.

    «3-مارت قىزلار بايرىمى»
    بۇ بايرام مەخسۇس قىز بالىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر قېتىم مۇشۇ كۈن يېتىپ كېلىشى بىلەن قىز پەرزەنتى بار ئاتا-ئانىلار ئۆيگە بىر كۆرگەزمە ئۈستىلى قويۇپ، ئۈستەلگە كىمونو (ياپونچە كىيىم) كىيگەن چىرايلىق قورچاق قىزلارنى تىزىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىزىغا بەرگەن بايراملىق سوۋغىسى قىلىدۇ.

    «5-ماي ئوغۇللار بايرىمى»
    بايرام كۈنى ئوغۇللۇق ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىگە «كارپ بېلىقى تۇغى» ئېسىلىپ، ئوغۇللىرىنىڭ مەرتىۋىسى ئۆرلەپ، نام قازىنىشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. «كارپ بېلىقى تۇغى» بۆز رەخت ياكى تاۋار-دۇردۇننى «كاۋاك كارپ بېلىقى» شەكلىدە كېسىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، قارا، قىزىل ۋە كۆكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدە بولىدۇ. قارا رەڭ ئاتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ قىزىل رەڭ ئانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ كۆك رەڭ ئوغۇلنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۆيدە نەچچە ئوغۇل بالا بولسا، ئىشىككە شۇنچە كۆك تۇغ ئېسىلىدۇ. كۆك تۇغ قانچە كۆپ بولسا، بۇ ئۆيدە ئاكا-ئىنىلارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. ياپونلارنىڭ نەزەرىدە كارپ بېلىقى كۈچ ۋە جاسارەتنىڭ سىمۋولىدۇر.

    15-نويابىر «يەتتە، بەش، ئۈچ» ياشلىق بالىلارنىڭ بايرىمى
    ياپونىيەنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە، ئۈچ ياش، بەش ياش ۋە يەتتە ياش كىچىك دوستلارنىڭ ئالاھىدە تەلەي يېشى، دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە بۇ ياش قۇرامىدىكى بالىلار خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆز بايرىمىنى تەبرىكلىشىدۇ.
    بۇ كۈنى، كىچىك دوستلار ئەڭ ياخشى ئەنئەنىۋى كىمونولىرىنى كىيىشىدۇ، يەنە قارىغاي، تاشپاقا ياكى تۇرنا قاتارلىقلار سىزىلغان كىچىك قەغەز خالتىنى ئېسىۋالىدۇ، قەغەز خالتا ئاتا-ئانىلىرى ئېلىپ بەرگەن قەنت-گېزەك ۋە ئويۇنچۇقلار بىلەن تولغان بولىدۇ. تولۇق كىيىنىپ، خالتىلىرىنى ئاسقاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنى ئىلاھنى تاۋاپ قىلىشقا ئاپىرىپ، تىلەك تىلىتىدۇ ھەمدە ئىلاھنىڭ ئۇلارغا ساغلاملىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتقۇزىدۇ.

    كورېيە: «كورېيەچە كىيىنىپ، سوۋغىغا ئېرىشىش»


    كورېيەنىڭ بالىلار بايرىمى 1923-يىلى باشلانغان بولۇپ، «ئوغۇللار بايرىمى» دىن ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن. بۇ يەنە كورېيەنىڭ ئاممىۋى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، ھەر يىلى 5-مايغا بېكىتىلگەن. بۇ كۈنى، بالىلار خۇشاللىقتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۇلار ئېرىشىشنى ئەڭ خالايدىغان سوۋغىلارنى تەييارلايدۇ. كۆپلىگەن بالىلار بۇ كۈنى كورېيەچە كىيىنىپ، ئەنئەنىۋى كورېيە مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.

    كولومبىيە: «نىقاب تاقاپ، ھەييار بولۇۋېلىش»


    كولومبىيە ھەر يىلى 4-ئىيۇلنى بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايرامدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەكتەپلەردە تۈرلۈك جانلىق، جۇشقۇن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بالىلار يەنە دائىم خىلمۇخىل نىقابلارنى تاقاپ، كىچىك ھەييارلاردەك ياسىنىۋېلىپ كوچىلاردا ئىنتايىن خۇشال ئوينايدۇ.

    بىرازىلىيە: «كېسەل كۆرسىتىپ ئوكۇل ئۇرغۇزۇش، ساغلاملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش»


    بىرازىلىيەنىڭ بالىلار بايرىمى 15-ئاۋغۇست بولۇپ، بۇ كۈنى دەل بىرازىلىيەنىڭ «مەملىكەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش كۈنى». شۇڭلاشقا، ھەر قېتىم مۇشۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە، ھەرقايسى جايلاردىكى دوختۇرلار بالىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرىدۇ، يەنە بەش ياشتىن تۆۋەنلەرگە بالىلار پالەچ كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بالىلار ساغلاملىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىرازىلىيەنىڭ «مەريەمئانا روھىنىڭ كۆرۈنۈش كۈنى» بولغان 12-ئۆكتەبىرمۇ ئادەتتە بالىلار بايرىمى قىلىنىپ، بەزى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    شىۋېتسىيە: «ئوغۇللار بايرىمى» ۋە «قىزلار بايرىمى»


    شىۋېتسىيەمۇ بالىلار بايرىمىنى بىرقەدەر ئىنچىكە ئايرىغان، ھەر يىلى 7-ئاۋغۇست «ئوغۇللار بايرىمى» بولۇپ، بۇ يەنە «چوڭ راك بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوغۇل بالىلارنى چوڭ راكنىڭ باتۇر روھىدىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ كۈنى ئوماق بالىلار چوڭ راكنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ، ئىنتايىن جانلىق ۋە جۇشقۇن نومۇرلارنى ئورۇنلايدۇ.
    13-دېكابىر شىۋېتسىيەنىڭ «قىزلار بايرىمى» بولۇپ، يەنە «ئايال ئىلاھ لۇسىيە بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لۇسىيە شىۋېتسىيە رىۋايەتلىرىدىكى مەخسۇس قىز بالىلارنى قوغدايدىغان ئايال ئىلاھ بولۇپ، ھەر قېتىم بۇ بايرام يېتىپ كەلگەندە، قىز بالىلار ئايال ئىلاھنىڭ قىياپىتىدە ياسىنىپ، باشقا بالىلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىدۇ.

    رۇسىيە: «خەلقئارا بالىلار بايرىمى بۇ جايدا بارلىققا كەلگەن»


    رۇسىيەنىڭ بالىلار بايرىمى خەلقئارا بىلەن تامامەن «ماس» بولۇپ، 1-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەر قېتىم بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە، رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بالىلار خۇشال كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ، يەنە بەزى مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇللارنى ئورۇنلايدۇ، مەكتەپلەردە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    ئەمەلىيەتتە، بالىلار بايرىمىنىڭ كېلىش تارىخىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇھىم باغلىنىشى بار. 1949-يىلى نويابىر، خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا كېڭەش يىغىنى ئاچتى. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت بالىلىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ئامانلىق ۋە ساقلىقىنى ساقلاش ھوقۇقى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يىغىندا ھەر يىلى 1-ئىيۇننى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىش قارار قىلىندى.

    ئىسلام دۆلەتلىرى: خۇشاللىققا تولغان «قەنت-گېزەك بايرىمى»


    كۆپ ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرى رامىزان (روزا ئېيى) دىن كېيىنكى 14-كۈننى «قەنت-گېزەك بايرىمى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئوخشاشلا ئەڭ خۇشال بالىلار بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.

    ئافرىقا دۆلەتلىرى: «بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بالىلار شادلىق بايرىمى»


    ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە مەخسۇس «بالىلار شادلىق بايرىمى» بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بايرام ئادەتتە بىر ئاي داۋاملىشىدۇ. ئافرىقىلىقلار ئەزەلدىن ناخشا-ئۇسسۇلدا يېتىشكەن بولۇپ، «بالىلار شادلىق بايرىمى» دا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بارلىق بالىلار خۇشاللىقتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى شادلىققا چۆمىدۇ.

    ئىسپانىيە: «يەر شارى بويىچە ئەڭ داغدۇغىلىق بالىلار بايرىمى»


    ئىسپانىيەنىڭ بالىلار بايرىمى 5-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر دىنىي بايرام بولۇپ، ئىسپان تىلىدىن تەرجىمە قىلغاندا «سېھىرگەر پادىشاھ بايرىمى» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، شەرقتىن ئۈچ پادىشاھ  — قارا يۈزلۈك پادىشاھ، سېرىق يۈزلۈك پادىشاھ ۋە ئاق يۈزلۈك پادىشاھ ئىسپانىيەگە كەپتۇ، بۇ ئۈچ پادىشاھ كىشىلەرگە بەخت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلار يەنە مەخسۇس بالىلارغا سوۋغات بېرىدىكەن. سوۋغات بېرىدىغان ۋاقىت دەل ھەر يىلىنىڭ 5-يانۋار كۈنى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ بايرام بالىلار بايرىمى بىلەن بىرلىشىپ كېتىپتۇ.
    بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 5-يانۋار گۇگۇم چۈشكەندە ۋە 6-يانۋار سەھەردە ئىسپانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېزەلگەن ھارۋا سەيلىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بېزەلگەن ھارۋىدىكى «ئۈچ پادىشاھ» توختىماستىن خىلمۇخىل قەنت-گېزەكلەرنى چېچىپ بالىلاردىن ھال سورايدۇ. سەيلە قوشۇنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياكى رايونلۇق ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، پادىشاھنىڭ پۇتىدا ئولتۇرۇۋالالىغانلىكى بالا ئىنتايىن نەپس بىر سوۋغاتقا ئېرىشىدۇ، سوۋغاتقا ئېرىشكەن بالا يەنە پادىشاھقا چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن، دەپ ۋەدە بېرىدۇ.

    ئەنگىلىيە: «14-ئىيۇل بالىلار بايرىمى»


    1925-ئاۋغۇستتا، 54 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە «بالىلار بەختى خەلقئارا چوڭ يىغىنى» ئېچىپ، «جەنۋە بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىتابنامىسى» نى ماقۇللىدى. «خىتابنامە» دە، بالىلارنىڭ مەنىۋى بەھرىلىنىشى، نامرات بالىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بالىلارنى ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىندى. يىغىندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆز دۆلىتىنىڭ «بالىلار بايرىمى» نى بېكىتىپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بەختلىكلىكى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا جامائەتچىلىىكنى بالىلارغا ئېتىبار بېرىش ۋە ئۇلارنى قوغداشقا چاقىردى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 14-ئىيۇلنى ئەنگىلىيەنىڭ بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتتى.

    گېرمانىيەنىڭ بالىلار بايرىمى


    سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شەرقىي گېرمانىيە بىلەن غەربىي گېرمانىيەنىڭ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۇسۇلى پۈتۈنلەي ئوخشاشمىدى. ئاۋۋال، ۋاقتى ئوخشاش بولمىدى: شەرقىي گېرمانىيە 1-ئىيۇننى، غەربىي گېرمانىيە 20-سېنتەبىرنى بېكىتتى؛ ئاندىن، ئاتىلىشىمۇ ئوخشاش بولمىدى: شەرقىي گېرمانىيە «خەلقئارا بالىلار بايرىمى» دەپ، غەربىي گېرمانىيە «دۇنيا بالىلار بايرىمى» دەپ ئاتىدى. بۇنىڭدىن سىرت، بايرام ئەنئەنىسىدىمۇ پەرق مەۋجۇت ئىدى.
    دېموكراتىك گېرمانىيەدە بالىلار بايرىمى 1950-يىلىدىن باشلاندى، شۇندىن كېيىن ھەر يىلىنىڭ شۇ كۈنى بالىلارنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ خۇشال كۈنى بولۇپ قالدى. بالىلار دائىم ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەبرىك-تىلەكلىرى ۋە سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى، مەكتەپتە سەھرا سەيلىسى قاتارلىق ئالاھىدە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. فېدېراتىپ گېرمانىيەدە بالىلار بايرىمىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە ئەھمىيىتى يوق، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەتتا بۇنداق بايرامنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.
    1990-يىلى گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئەگىشىپ، غەربىي گېرمانىيە رايونىنىڭ بالىلار بايرىمى ۋاقتى ۋە نامى پۈتۈن گېرمانىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، شەرقىي گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا كىشىلەر كونا ئادەت ۋە ئاتاشلارنى يەنىلا ئۆزگەرتەلمىدى. شۇڭلاشقا، ھەر يىلى 1-ئىيۇن كۈنى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يەنىلا بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلار بايرىمىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ.

    تۈركىيەنىڭ بالىلار بايرىمى


    23-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ بالىلار بايرىمى بولۇپلا قالماي، يەنە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى، بۇ دۆلەت بالىلىرى ئىككى بايرامنى تەڭ تەبرىكلەپ، چەكسىز شادلىنىدۇ.
     
    سىنگاپور: 1-ئۆكتەبىر بالىلار بايرىمى


    سىنگاپورنىڭ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى بەلگىلىمىسىنىڭ 1-ماددىسىدا، 1-ئۆكتەبىر بالىلار بايرىمى كۈنى كىچىك دوستلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپلا قالماي، بارلىق چوڭلارنىڭمۇ دەم ئالىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. سەۋەبى شۇكى، ئەگەر كىچىك بالىلارلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلسە، چوڭلارنىڭ ھەممىسى ئىشقا كەتسە، بالىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ئادەم قالمىسا، بىچارە بالىلار بايرام كۈنىمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنگاپور پاراۋانلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بىر دۆلەت، لېكىن ئۇنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئاز، بالىلار بايرىمىغا ئائىت بۇ بەلگىلىمە يەنە دەم ئېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياش ئاياللارنىڭ كۆپ تۇغۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دەم ئېلىشقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
    تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى، سىنگاپوردىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى يەنە مەخسۇس بالىلار بايرىمى ئۈچۈن بىر ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، بالىلار بايرىمى كۈنى بالىلار پۈتۈن بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەك، چوڭلار يېرىم بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، كىچىك دوستلارنى شاد-خۇرام ھالدا بىر قېتىملىق چوڭ بولۇش ھېسسىياتىدىن بەھرىمەن قىلغىلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چوڭلارغا قايتىدىن بالىلىق دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-06-01)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: