版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/132710607.html

    «شەخسىي تاپاۋەت باج قانۇنى»نىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىگە پىكىر ئېلىندى


    شەخسىي تاپاۋەت باج قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە 2011-يىلى 25-ئاپرېلدىن تارتىپ تۇنجى قېتىم پۈتۈن جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، 31-ماي چۈشكىچە 230 مىڭدىن ئارتۇق پىكىر تاپشۇرۇۋېلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ يەككە تۈردىكى قانۇنغا ئېلىنغان پىكىردە ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. بۇ-پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك باج قانۇنىغا بولغان يۈكسەك دىققىتى ھەم باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.
    شەخسىي تاپاۋەت باج قانۇنىغا پىكىر ئېلىشقا ئەگىشىپ، يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ بۇ قانۇنغا ئالاقىدار مۇنازىرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولدى.
    ئۈچ مىڭ يۈەنلىك باج ئالماسلىق چېكى نېمە ئۈچۈن دىققەت مەركىزىنىڭ مەركىزى بولىدۇ؟
    يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ باجدىن قېچىشىنى قانداق توسۇش كېرەك؟
    شەخسىي تاپاۋەت باج ئىسلاھاتىدا ئائىلىلەرنى بىرلىك قىلىپ باج يىغىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ-بولمامدۇ؟
    مۇنداق نۇرغۇن تېمىلار ھەققىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى نوپۇزلۇق كەسپىي مۇتەخەسىس ۋە ئالىملارنى زىيارەت قىلدى.

    مۇخبىرنىڭ: «شۈبھىسىزكى، بىر ئايدىن ئارتۇق ئومۇمىي خەلقنىڭ پىكرىنى ئېلىش مەزگىلىدە، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە ‹ئۈچ مىڭ يۈەنلىك باج ئالماسلىق چېكىنى ئۆستۈرۈش-كېرەكمۇ يوق› دېگەن مۇنازىرە ئۈزۈلمەي، ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. باج ئالماسلىق چېكىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كەڭ دىققەتنى قوزغايدۇ؟ باج ئالماسلىق چېكىنى ئۈچ مىڭ يۈەن قىلىش مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟» دېگەن سۇئالىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خاۋ رۇيۈ مۇنداق جاۋاپ بەردى:
    شەخسىي تاپاۋەت باج قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى بىر قىيىن نۇقتا-باج ئالماسلىق چېكىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى تاللاش. شەخسىي تاپاۋەت بېجىدا باج ئالماسلىق چېكىنى بەلگىلەشتە ئاساسلىقى ئاھالىلەرنىڭ «تۈپ تىرىكچىلىك ھوقۇقى»نى قوغداش ئويلىشىپ، مائاش تاپاۋىتىدىن بىر قىسىم زۆرۈر تۇرمۇش راسخوتىنى تۇتۇۋېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شەرتىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 1993-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىز شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى كۆپ قېتىم تەڭشىدى، باج ئالماسلىق چېكىنى ئۆستۈرۈشنىڭ دىققەتنى قوزغاشتىكى سەۋەبى شۇكى، ئۇ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج يۈكىنى بىۋاسىتە يېنىكلىتەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاشكارىلىققا ئىگە بولۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئۆز باج يۈكىنىڭ يېنىكلىگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ، بۇ-ئەلرايىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئەل قەلبىگە مايىل كەلگەن مۇھىم تەدبىر.
    دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى باج ئىلمىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن دوڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئالماسلىق چېكىنى بېكىتىشتە، ئاساسىي تۇرمۇش خىراجەت چىقىمىنى ئاساس قىلىپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمال خاراكتېرلىك چىقىمىنىڭ ئېشىشى ۋە مال باھا ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقان، لايىھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ مىڭ يۈەنلىك چەك-نۆۋەتتىكى ئاھالىلەر ئىستىمال چىقىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدىكى ئاھالىلەر ئىستىمال چىقىمىنىڭ ئېشىشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرغىلى بولىدۇ.
    چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ۋە دۇنيا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى داۋكۈي مۇنداق دېدى: ئوخشىمىغان جايلارنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىگە ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم بەش مىڭ يۈەن، تۆت مىڭ يۈەن، ئۈچ مىڭ يۈەنلىك باج ئالماسلىق چېكىنى ئۆلچەم قىلىشقا بولىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ: «مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا باج ئالماسلىق چېكىنى ئۆستۈرگەندە، بارلىق كىشىلەرنىڭ بېجى ئازىيىدۇ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ بېجى جىقراق ئازىيىدۇ، يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ بېجى ئازراق ئازىيىدۇ، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ھەقىقىي تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولمايدۇ دېدى. ھالبۇكى، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە يەنىلا خېلى بىر قىسىم كىشىلەر باج ئالماسلىق چېكىنى سەل ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سۇئالىغا جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى مالىيە بېجى قانۇن تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەنۋېن مۇنداق جاۋاپ بەردى: شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۈچ مىڭ يۈەنلىك باج ئالماسلىق چېكى ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق تەڭشەش ئاساسىدىكى بىر خىل نىسبىي تەكشى تەڭشەش، ئارقىدىن يەنە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ باج ئالماسلىق چېكىنى ھەرىكەتچان تەڭشەيدىغان ئىجابىي سىگنال چىقىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇندىن كېيىن باج ئالماسلىق چېكى ئۆزگەرمەيدىغان ئەھۋال بولمايدۇ، ئېلىمىز مال باھا پىرىۋۇت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم ئاھالىلەر ئاساسىي تۇرمۇش ئىستىمال چىقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ھەرىكەتچان تەڭشىلىدۇ. شۇنىڭ بىللە، باج ئالماسلىق چېكىنىمۇ بەك ئۆستۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرىسى بەك تار بولۇپ قېلىپ، ئاممىنىڭ باج تاپشۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز بولىدۇ، باج كىرىمىنىڭ زور كۆلەمدە ئازىيىشى-مالىيەنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىدىغان چىقىمىنى كۆپەيتىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
    خاۋ رۇپىڭ مۇنداق دېدى: باج ئالماسلىق چېكىنى ئۆستۈرۈشنىڭ سەلبىي تەسىرىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. باج ئالماسلىق چېكىنى نوقۇل ئۆستۈرگەندە، بارلىق كىشىلەرنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجى ئازىيىدۇ، لېكىن باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىشتە تەتۈرىسىگە تەڭشەش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. كىرىمى قانچە يۇقىرى ئاممىنىڭ ئازىيىدىغان بېجى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئەمما تۆۋەن كىرىملىك ئامما نىسبەتەن ئاز نەپكە ئېرىشىدۇ. شۇڭا، باج ئالماسلىق چېكىنى ئۆستۈرۈشنى ئىسلاھ قىلىش سوممىسىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ، ئۆرلەتسە بولمايدۇ، دەرىجە ئارىلىقى بىلەن باج نىسبىتىنى تەڭ ئىسلاھ قىلىش كېرەك. دەرىجە ئارىلىقى بىلەن باج نىسبىتىنى كۆپرەك، باج ئالماسلىق چېكىنى ئازراق تەڭشەش لازىم. بۇ-ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ باج يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ بېجىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق تەدبىر.

    مۇخبىرنىڭ: «بۇ قېتىمقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى چۆرىدىگەن مۇنازىرىدە، خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى كىرىملىكلەرگە دىققەت قىلدى، بەزىلەر شەخسىي تاپاۋەت بېجى مائاش بېجىغا ئايلىنىپ قالامدۇ-قانداق دەپ گۇمانلاندى. بۇ گۇمانلارغا قانداق قارايسىز؟ بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا يۇقىرى كىرىملىكلەر كۆپ باج تاپشۇرۇش پىرىنسىپى گەۋدىلەندىمۇ-يوق؟» دېگەن سۇئالىغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفىسسورى ليۇ يى مۇنداق جاۋاپ بەردى: بىر تەرەپتىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزىتىلمە لايىھەسىدە باج نىسبىتىنىڭ دەرىجە سانى، دەرىجە ئارىلىقىمۇ تەڭشىلىپ، يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ بېجىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىش پوزىتسىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى تەڭشەشنىڭ يەنىلا مائاش تاپاۋىتى بىلەن چەكلەنگەنلىكى ھەم يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ پاي ئۆسۈمى، كاپىتال پايدىسى قاتارلىق ئەمگەكتىن باشقا تاپاۋىتىگە چېتىلمىغانلىقى، يۇقىرى كىرىملىكلەرگە بولغان تەسىرىنىڭ بەك چوڭ ئەمەسلىكىنىمۇ ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ. ئۇچۇر ئوڭ تاناسىپ كەلمىگەنلىكتىن، يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ مائاش تاپاۋىتىدىن باشقا كىرىمىنى تەكشۈرۈش ۋە باج ئېلىش ناھايىتى تەس. يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ مائاشتىن سىرتقى كىرىمىدىن ئالىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
    لى داۋكۈي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز نۆۋەتتە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئارقىلىق، كىرىم پەرقىنى تەڭشەشتىكى يېتىش تەس بولغان نىشانغا يېتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىرىمى مائاشتىن باشقا كىرىم بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىرىم پەرقى-مائاشتىن سىرت بىر قىسىمدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، جۈملىدىن مال-مۈلۈك كىرىمى دېگەندەك. دەل مۇشۇنداق مائاشتىن باشقا كىرىملەر-شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئارقىلىق باي-نامراتلىق پەرقىنى تەڭشەشتە ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇشتەك ھالەتنى پەيدا قىلغان.

    مۇخبىرنىڭ: «ئېلىمىزدىكى يۇقىرى كىرىملىكلەردىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇشتىكى نۇقسانلارغا قارىتا، يېقىنقى ئىككى يىلدا، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئۇدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پاي ئۆسۈمى، ئۆسۈم، پايدا قاتارلىق قاتلاملاردىن يۇقىرى كىرىملىكلەردىن باج ئېلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ئۇنداقتا، يۇقىرى كىرىملىكلەردىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىشتىكى يوچۇقلارنى قانداق ئېتىش كېرەك؟» دېگەن سۇئالىغا مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە پەن تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى بەي جىڭمىڭ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: يۇقىرى كىرىملىكلەردىن باج ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش-شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تەڭپۇڭ تەڭشەپ تىزگىنلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى باج ئېلىشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن قارىغاندا، يۇقىرى كىرىملىكلەردىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇشنى ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش ئۇسۇلى-ئورۇن قاتلىمىدا بولماقتا. ۋاكالىتەن تۇتۇۋېلىش، ۋاكالىتەن يىغىشنى كۈچەيتىپ، ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقاتقان كىرىمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، كارخانىلارنى مۇپەتتىش قىلىشنى كۈچەيتىش شۇنداقلا ئورۇنلارنىڭ ۋاكالىتەن تۇتۇۋېلىش، ۋاكالىتەن يىغىش جەريانىدىكى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئوغرىلىشىغا بولغان جازانى چىڭىتىش كېرەك.
    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-سودا تەتقىقاتخانىسى باج ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز نۆۋەتتە يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج تاپشۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنۇشنى تەلەپ قىلماقتا، بۇ-باج ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللىشى، يۇقىرى كىرىملىكلەردىن باج ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق. بۇنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ھەم ئىلتىماس قىلمىغانلارغا بولغان جازانى مۇۋاپىق كۈچەيتىش لازىم.

    مۇخبىرنىڭ: «بەزى قاراشلاردا شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزىتىلمە لايىھەسىدە ئوخشىمىغان ئائىلىلەرنىڭ نوپۇس يۈكىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك، ئوخشىمىغان ئائىلىلەر باقىدىغان كىرىمسىز نوپۇس ياكى كۆپ ياكى ئاز بولىدۇ دەپ قارالدى. ئۇنداقتا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ باج ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ-بولمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قانداق ئىسلاھات يۆنىلىشى پەيدا بولىدۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا ليۇ يى مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: جەمئىيەتتىكى «ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ باج يىغىش»تىن ئىبارەت شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىسلاھ قىلىش مۇنازىرىسى ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىسلاھ قىلىشتا تۈرگە بۆلۈپ ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھاتقا يۈرۈش قىلىش سىگنالى چىقىرىلدى. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىدا، ھەر تەرەپلىمە ياكى ھەر تەرەپلىمە بىلەن تۈرگە بۆلۈش بىرلەشتۈرۈلگەن باج تۈزۈمى يولغا قويۇلماقتا. ھەر تەرەپلىمە باج ھېسابلاش-بىر ئادەمنىڭ باج تاپشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەڭ نامايان قىلىدىغان باج تۈزۈمى، ئېلىمىز 12-بەش يىللىق پىلاندا، ھەر تەرەپلىمە بىلەن تۈرگە بۆلۈش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

    ھەر تەرەپلىمە باج تۈزۈمىنىڭ مۇنداق ئۈچ روشەن بەلگىسى بار،
    1-شەخسلەرنىڭ كىرىم تۈرلىرىنى يىغىنچاقلاپ، ھەر تەرەپلىمە باج نىسبىتىنى ھېسابلاپ باج ئېلىش؛
    2-ئائىلىلەرنى بىرلىك قىلىپ باج ئېلىش؛
    3-يىل بويىچە باج ئېلىش باسقۇچى.

    مۇخبىرنىڭ: «بۇ قېتىمقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىدە بۇ ئىسلاھات نىشانى گەۋدىلەندۈرۈلدىمۇ-يوق؟ ئېلىمىز بۇ ئىسلاھاتنى قانداق قىلىپ تېز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؟» دېگەن سۇئالىغا مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە پەن تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى جيا كاڭ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەدبىرى يەنىلا شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىسلاھ قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە بىلەن تۈرگە بۆلۈشنى بىرلەشتۈرۈش نىشانىغا قاراپ ماڭغۇزۇشنىڭ ئاساسى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە باج ھېسابلىشى يەنىلا زور قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەكتە. باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئۇچۇرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق شەخسىي كىرىم ئۇچۇرىنى تولۇق تورلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشى لازىم، بۇ جەھەتتىكى خىزمەت سالمىقى ناھايىتى ئېغىر.
    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-سودا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييوڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن 12-بەش يىللىق پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر تەرەپلىمە بىلەن تۈرگە بۆلۈشنى بىرلەشتۈرگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىسلاھ قىلىش نىشانىنىڭ بەك بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ قېتىمقى باج تۈزۈمىنى تەڭشەش تەدبىرى چىقىرىلغاندىن كېيىن، دۆلەت شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىسلاھ قىلىش نىشانىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى باج يىغىشنى باشقۇرۇش ۋە باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى قىيىن نۇقتىلارغا، جۈملىدىن بىۋاسىتە باجنىڭ باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىدىكى نىسبىتىنى كۆپەيتىشكە قارىتىشى كېرەك. بۇمۇ پۇقرالارنىڭ باج يۈكىنى ئېغىر ھېس قىلىشىنىڭ مەنبەسى، مۇشۇنداق قىلىپ ئاخىرىدا جەمئىيەتتىكى كىرىم تەقسىماتىنى ئادىل، مۇۋاپىق يولغا قايتۇرۇپ كېلىش لازىم.
    جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە، پۇل مۇئامىلە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفىسسورى ئەن تىفۇ مۇنداق دېدى: ھازىرقى باسقۇچتا، ھەر تەرەپلىمە بىلەن تۈرگە بۆلۈشنى بىرلەشتۈرگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىسلاھ قىلىش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇنداق تۆت جەھەتتىن تۇتۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
    1-بارلىق پۇقرالارنى بىر باج نومۇرىغا ئىگە قىلىش؛
    2-بارلىق كىرىمنى پۈتۈنلەي پۇللاشتۇرۇش؛
    3-نەقپۇل باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سوممىسى كۆپ پۇلنى يۈرۈشتۈرۈشتە بانكىغا تايىنىش؛
    4-باج، سودا-سانائەت، كارخانا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارنى تورلاشتۇرۇش.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-06-01)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: