版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/132961805.html

    ئاياللار ئۈچۈن ئون تەلەپ

     


     
    يىڭى توي قىلغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە تويدىن كىيىنكى ئائىلە رومانتىكىغا تولغان غايىۋى جاي. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان كۆك، يەر يىشىل، ھەممىلا نەرسە كۈلۈپ باقىدۇ. ھەر بىر كۈنى رومانتىك تۇيغۇلارغا تۇيۇنغان بولىدۇ. ئەمما توساتتىن بىر كۈنى بۇ رىياللىقنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەسسەۋۇرىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى بايقايدۇ.
    ئەجىبا ئېرى ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ ياكى ئۆزى ئۆزگۈرۈپ قالدىمۇ؟
    ئەجىبا ئېرى ئەمدى ئىلگىرىكى قامەتلىك، شوخ، يۇمۇرلۇق يىگىتلىكىنى يوقاتتىمۇ؟
    قانداق قىلغاندا بۇ سۇئاللاردىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقى بىر ئايال بولغىلى بولىدۇ؟
    تەتقىقاتچىلار بۇ سۇئاللاردىن قۇتۇلۇشنى تۆۋەندىكى ئون نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان.

    (1) مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشۈنۈش لازىم.
    نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنى تويدىن ئىلگىرى مۇھەببەتلەشكەن دەپ قارايدۇ. ئەمما تويدىن كىيىنلا بۇ قارىشىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ ياكى ھىچنىمىنى چۈشىنەلمەي قالىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭغا تىگىپ خاتا قىپتىمەن، ئەسلى باشقا بىرسىگە تەگسەم بوپتىكەن، دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
    مۇھەببەت ھەقىقەتەن سىرلىق، ئۇ بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ مۇرەككەپ. ئەرلەر سىزنى نىمە دەپ ياخشى كۆرىدۇ؟ سىز سۈيۈملۈك بولغىنىڭىزدا سۈيۈلۈشكە ئېرىشەلەيسىز. بۇ ھەرگىزمۇ بىر كۈندىلا قىلىپ بولغىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، كىشىلىك تۇرمۇش پۇزۇتسىيىڭىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. تۇرمۇشتا خىيالىڭىزدىكى «ئۇ»نىڭ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى بارلىقىنى بايقايسىز. ئىلگىرى سىزگە سۈيۈملۈك تۇيۇلغان ئەيىپلىرىمۇ ئەمدىلىكتە سىزنى بىزار قىلىدۇ. بۇ چاغدا سىز يولدىشىڭىزنىمۇ ئۆزگۈرىشى كېرەك دەپ ئويلايسىز. ئەمما ھىسىياتىڭلار مۇكەممەللەشمەستىن ئىلگىرى، ئېرىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ. پەقەت سىزدە چىن مەنىدىكى مۇھەببەت چۈشەنچىسى بولغاندىلا، سىز بەختلىك نىكاھقا ئېرىشەلەيسىز. نەسىھەت قىلىش، ئەيىبىنى كۆرسىتىش، ئاغرىنىش، كۆز يىشى قىلىشلارنىڭ پايدىسى يوق.

    (2) دۇنيادا مۇكەممەل ئائىلە بولمايدۇ، ئەمما مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان ئائىلە بولىدۇ.
    دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، شۇڭا مۇكەممەل ئائىلىمۇ يوق. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياشلار ئائىلە ھەققىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان غايىۋى خىياللارنى قىلىپ، ئۇنى شۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئەلۋەتتە تۇرمۇشىمىزدا يەنە بىر قىسىم بەختلىك ياشاۋاتقان ئائىلىلەرمۇ بار. ئەمما شۇنى چۈشۈنىشىڭىز كېرەككى، بۇ ئائىلىلەر ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۇزاق يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىنجىسى. ئائىلە مۇناسىۋىتى بارلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن دەيدىكەنسىز، چۇقۇم سەۋىرچان بولۇشىڭىز، ھىسسىيات جەھەتتە ئۆزىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىش تەس. ئەمما تىرىشسىڭىزلا چۇقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسىز.

    (3) ئېرىڭىزنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى چۈشۈنۈڭ، ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىڭ.
    ھەر بىر ئادەم مۇستەقىل بىر گەۋدە، ئېرىڭىزمۇ ھەم شۇنداق. ئۇنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش بەزى ئالاھىدە تەلەپلىرى شۇنداقلا ئەيىپلىرى بار.
    بەلكىم سىز ئەر كىشىنىڭ رايىغا باققاندىلا ئۇلارنىڭ كۈڭلىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن. ئاگاھ بولۇڭكى، بۇ گەپكە ئىشىنىپ كەتمەڭ. بۇنداق قىلىش بەلكىم ئېرىڭىزنى خوشال قىلىشى مۈمكىن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى يولدىشىڭىزنىڭ خاسلىقىغا باغلىق. ئەگەر ئېرىڭىز رەتلىك، ئىنچىكە ئىش قىلىدىغانلاردىن بولسا، ئىسىڭىزدە بولسۇن ئۆينى رەتلىك، پاكىز تۇتۇڭ. ئېرىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا سەل قارىماڭ. ئامال بار ئېرىڭىزنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى تىپىپ چىقىڭ ھەم قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ. نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئېھتىياجىدىن چىقىشقا تىرىشىڭ. ئەگەر ئېرىڭىز ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويسا، ئۆز قارىشىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ قايىل قىلىڭ ھەم ھۆرمىتىڭىزنى ساقلاڭ.

    (4) ئاتا-ئانىڭىزغا يۆلىنىۋالماڭ، ئېرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خالىغانچە باھا بېرىپ ئەيىپلىمەڭ.
    تويدىن ئىلگىرى ئون نەچچە يىل ياكى نەچچە ئون يىل ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدا سىزدە ئۇلارغا تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەن بولغاچقا، تويدىن كىيىنمۇ بىرقانچە يىلغىچە نىمىلا ئىش قىلغاندا ئۇلارغا يۆلىنىۋالىدىغان ئادىتىڭىز تۈگىمەيدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىنىڭ يىنىغا تارتىشى بىلەن سىزدە يەنە يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار بۇ خىل پىسىىكىلىق تۇسالغۇلارنى تۈگۈتىشكە تىرىشىشى لازىم.
    ئېرىڭىزنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان دوستلىرىنى ئەيىپلىمەڭ ھەم ئۇلارغا باھا بەرمەڭ. ئېرىڭىز تۇغقانلىرىدىن رەنجىگەن چاغدا ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ تىللىشىپ بەرمەڭ. چۈنكى ئەرلەر ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا بولغان ئەيىپلەشلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ ئەلبەتتە. شۇڭا بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

    (5) ئەيىبلەش، ئاغرىنىش، مەجبۇرلاشنىڭ ئورنىغا ئىلھام، مەدەت بېرىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇڭ.
    ئەگەر ئايال كىشى ئېرنىڭ ماختىشىنى تەلەپ قىلسا ياكى ئاغرىنسا، ئاقىۋەتتە ئېرى ئۇنىڭدىن قەستەن قۇسۇر ئىزدەيدىغان بولىدۇ ياكى دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارايدىغان بولىدۇ. ئەقىللىق ئايال ماختاشقا ئېرىشمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئېرىنى ماختايدۇ.

    (6) ئورۇنسىز كۈندەشلىك قىلماڭ.
    ھەممە كىشىدە كۈندەشلىك بولىدۇ. پەقەت ئاشۇرۋەتمىگەن ئاساستا قىلىنغان كۈندەشلىكنى توغرا چۈشۈنۈش كېرەك. ئەمما كۈندەشلىك كىسەلگە ئايلانغان چاغدا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. ھەدىدىن ئاشقان كۈندەشلىك ئېرىڭىزنى بەزدۇرىدۇ ھەتتا ئۇنى سىرتقا قاراشقا مەجبۇرى قىلىدۇ. شۇڭا ئەر-خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بۇ خىل ناچار خاھىشتىن ساقلىنىشتىن دىققەت قىلىڭ.

    (7) ئېرىڭىزگە مۇلايىم، مېرىبان بولۇڭ.
    ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئېرىڭىز ئۆيگە كىرگەندە چېھرىڭىزدىن كۈلكە، نۇر يىغىپ تۇرسۇن. مۇشۇنداق قىلسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ كۈڭۈلسىزلىكلىرىنى ھەمدە سىرتتىكى ھارغىنلىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

    (8) ئەيىپلەش ۋە تولا سۆزلەش بىلەن ئېرىڭىزنى ئۆزگەرتىمەن دىمەڭ.
    سىز تولا سۆزلەش ئارقىلىق ئېرىڭىزنى ئۆزگەرتىمەن دىسىڭىز بەختلىك ئائىلىڭىزنى نابۇت قىلغان بولىسىز. ھەممە ماڭا بوي سۇنۇشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغانلار باشقىلارنىڭ قارشىلىقىنى، دۈشمەنلىكىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭدا باشقىلار ئەمەس ئېرى ھەم پەرزەنتلىرىمۇ ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرىدۇ. شۇڭا، مۇھەببەت مۇھەببەتنى قوزغايدۇ، نەپرەت يەنىمۇ چوڭقۇر نەپرەتنى قوزغايدۇ دىگەننى ئۇنۇتماڭ.

    (9) كەمتەر بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا راس دەپ تۇرۇۋالماڭ.
    بىرقىسىم ئاياللار باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ-دە، كىيىنچە باشقىلارنى باشقۇرىدىغان بولىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىش باشقىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاپ، ماختاشلاردىن خۇدىڭىزنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىڭ.

    (10) ئەپۇچان سەۋىرچان بۇلۇڭ.
    مۇھەببەت ئەپۇچانلىق، سەۋىرچانلىق ھەم دوستلۇققا مۇھتاج. ئەيىبلەش دوستلۇقتىن ۋە مۇھەببەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ ھەرقانچە توغرا بولغان تەغدىردىمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللۇنىش ئارقىلىق خاپىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ. سەۋىرچان بۇلۇش دىگەنلىك-ئۆزىڭىزنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقوقىڭىزدىن ۋاز كىچىڭ دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى خاسلىقىڭىزنى ساقلاڭ دىگەنلىكتۇر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى»نىڭ 2009-يىللىق 10-سانى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    ئاچچىقى يامان ئاياللارغا سەككىز ئاگاھلاندۇرۇش



    ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاسانلا تۆۋەندىكىدەك سەككىز خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىكەن.

    (1) ئاياللار ئاچچىقلانسا داغ پەيدا بولىدىكەن.
    ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان مېڭىگە ئۆرلەپ، قاندىكى ئوكسىگىن ئازلاپ، توكسىن كۆپىيىدىكەن، توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يەللىكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داغ پەيدا قىلىدىكەن.

    (2) ئاياللار ئاچچىقلانسا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىكەن.
    ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭىگە ئۆرلەپ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ قان بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن. بۇ چاغدا قان تەركىبىدىكى توكسىن ئەڭ كۆپ، ئوكسىگىن ئەڭ ئاز بولۇپ ،بۇ مىڭە قان ھۈجەيرىلىرىنى زەھەرلەيدىكەن.

    (3) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    ئاياللار ئاچچىقلاندا، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ يۈرەك  ۋە قان تومۇرغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىشتىھا ناچارلىشىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    (4) ئاياللار ئاچچىقلانسا يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگىن يېتىشمەيدىكەن.
    ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئېقىپ يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان ئازلاپ كېتىدىكەن، بۇ يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۈچەپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغاچقا، يۈرەكنىڭ سوقۇشى قانۇنىيەتسىز بولىدىكەن، بۇنىڭدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كېلىپ چىقىدىكەن.

    (5) ئاياللار ئاچچىقلانسا جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدىكەن.
    ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، بەدەن «كاتېخۇ لامىن» دەيدىغان بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى شېكەرنى ئۆرلىتىپ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى توكسىنلارنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن. شۇڭا، ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېتىشى كېرەك ئىكەن. سۇ بەدەندىكى ئاجرىلىپ چىققان ياغ كىسلاتاسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرلىك ماددىنى ئازايتىدىكەن.

    (6) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئۆپكىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن.
    ئاياللار كەيپىياتى جىددىلەشكەندە، نەپىسى تېزلىشىپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى زىيادە تېزلىشىپ كېتىدىكەن. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى توختىماستىن كېڭىيىپ، ۋاقتىدا تارىيالمىغاچقا، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدىكەن.

    (7) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئىممونتىت سېستىمىسىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن.
    ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە بەدەنگە خولىستىرىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل پوستلاقلىق ستىرولنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇيدىكەن. بۇ ماددا بەدەندە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممونتىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

    (8) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئېرىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.radioxj.com/show.aspx?id=6304&cid=27
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئاياللار «سەككىزدىن ساقلىنىش»نى بىلىشى كىرەك


    ئاياللار ئېرى بىلەن بولغان نورمال ھىسسىياتنى قانداق ساقىلىشى كېرەك؟
    بۇ ئاياللارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە. ھەر ئىشنىڭ چېكى بولغىنىدەك، مۇھەببەتنىڭمۇ، ياخشى كۆرۈشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. ئېرىڭىزگە بولغان مۇئامىلىڭىز سوغۇقراق بولسا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن«مۇز تاغ»دەك تۇيۇلىسىز. بەك قىزغىن بولۇپ كەتسىڭىز، «يالقۇنتاغ»دەك بىلىنىسىز-دە، تېخىمۇ بىئارام قىلىسىز.
    ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

    قايغۇرماڭ، تۆۋەندىكىلەردىن ساقلانسىڭىزلا، باش ئاغرىقىڭىزغا داۋا تاپالايسىز:

    (1) ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى ھەر ۋاقىت يادىغا سېلىپ تۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
    كاستىرو مۇنداق دېگەن: ئاياللار ئېرىگە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ ئەر بەكلا مەنمەنچى بولۇپ قالىدۇ.

    (2) ئېرىڭىزگە كۈندە بىرلا قېتىم تېلفون بېرىڭ.
    ئۇنىڭغا خۇشياقمىغۇدەك بولسا تېلفوننى دەرھال قويىۋىتىڭ، سىرلىق ھېسسىياتنى مۇناسىپ دەرىجىدە ساقلاڭ.

    (3) سوغۇققان بولۇڭ.
    بىرلا ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك بىللە ئۆتۈش مۈشكۈل ئىش، شۇڭا جەم بولۇش ۋە ئايرىلىشقا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.

    (4) كۆپ يول قويۇشتىن ساقلىنىڭ.
    دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىز ئۇنىڭ بەختى، ھەر كىمنىڭ ئۆز مەيدانى بولىدۇ، شۇڭا رەت قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋىلىڭ.

    (5) ئىقتىسادقا بەك ئارىلىشىۋالماڭ.
    پۇل مەسىلىسى نازۇك مەسىلە. پۇل سەۋەبلىك يۈز ئۆرۈشكەنلەر ئاز ئەمەس.

    (6) سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەكرار ئېيتىشقا مەجبۇرلىماڭ.
    بۇ ئېرىڭىزدە بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويىسىز.

    (7) ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماڭ.
    ئۇنىڭغا بىر ئاز ئەركىنلىك بېرىڭ، ھەممىلا ئىشىغا ئارىلىشىۋالماڭ.

    (8) كۈنلەمچىلىكنى ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتمەڭ، تولا يىغلىماڭ.
    ئەتراپىڭىزدا ئەر تونۇشلىرىڭىز بولغىنىدەك، ئېرىڭىزنىڭ ئەتراپىدىمۇ ئايال تونۇشلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تونۇپ بولالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا زىيادە كۈنلەشتىن ساقلىنىپ، كۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.radioxj.com/show.aspx?id=6163&cid=27
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    ئەرلەر ياقتۇرىدىغان يەتتە خىل ئايال


    جەلىپكارلىقنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتساق، جەلىپكارلىق گۈزەل سىرتقى قىياپىتىدىن باشقا، يەنە ئاياللارنىڭ مىجەزىدۇر. مىجەزى ياخشى ئايالارنىڭ تەققى تۇرقى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتالايدۇ.

    (1) ئوچۇق -يۇرۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللار مەڭگۈ ئەرلەرنىڭ تاللىشىدۇر.
    بۇنداق قىزلار ھەشەمەتلىك قايناق تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىجتىمائى ئالاقە چولپىنى بولۇشتەك جەلىپكارلىقنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، تۇرمۇشىدىن سىرت نەرسىلەر بىلەنمۇ كارى بولمايدۇ، ئۆزى بىلەنلا يۈرىدۇ.

    (2) مۇلايىم ئاياللار.
    ئۇلار تاشقى قىياپەت جەھەتتە ئاددى- ساددا، تەبىئىي، رومانتىك، ياۋاش-يۇمشاق بولۇپ، ئۆزىگە خاس خاراكتېرغا ئىگە بولۇشنى تەكىتلەيدۇ، جار سالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلىب قەسىرىگە بۈسۈپ كىرەلىگەن ئادەملا، ئۇلارنى ھەقىقى چۈشىنەلەيدۇ، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ياخشى تەربىيە كۆرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ مول ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدۇر، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن پەرقىدۇر.

    (3) چىۋەر ئاياللار.
    ئۇلار مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل، تەمكىن ئاياللاردۇر. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىللىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئائىلە ئۇلارنىڭ بىردىن بىر خوشاللىقى. ئۇلار ياخشى تەربىيە كۆرگەن ۋە ياخشى ئىختىسادى شارائىتقا ئىگە بولغاچقا، سىلىق-سىپايە بولۇپ، ئەرلەرگە ۋە كەسپى ئاياللارغا ھەۋەس قىلمايدۇ، ئۇلار پۈتۈن ئەس يادىنى ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ.

    (4) قىزغىن، ئەركىن ئاياللار.
    ئۇلار سىزنى ئاجايىپ قايناق ھىسلارغا چۆمدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاددى -ساددا، قىزغىن مىجەزىدىن قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى-كۆكسى ناھايىتى كەڭ. شۇڭا ئۇششاق چۈششەك ئىشلار بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.

    (5) يانچۇقى توم، كۆڭلىمۇ توق ئاياللار.
    ئۇلارنىڭ يانچۇقىمۇ توم، كۆڭلىمۇ توق بولغانلىقتىن، قانائەتلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۆزىنى مەنىۋى جەھەتتىن داۋاملىق يۈكسەلدۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ماددى ئاساسى بولغاچقا، بۇ ئارزۇلىرىنى رېئاللاشتۇرالايدۇ.

    (6) ئەقىللىق ئاياللار.
    ئۇلارنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم، كەسكىن، ئىشلارنى ئگەللەشكە ماھىر، ئاقىلانە بولۇپ، كاللىسىنى ئىشلىتىشكە ماھىر كېلىدۇ، ھىسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدىغان ۋاقىتلىرى ئىنتايىن ئاز. ئۇلار مۇستەققىل، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان بولۇپ، ئەرلەرگە ئوخشاش ياشايدۇ، ئاياللىق جەلىپكارلىقنى مۇۋاپىق پەيىتتە نامايان قىلىشنى بىلىدۇ.

    (7) سەتەڭ ئاياللار.
    ئۇلارنىڭ تەققى تۇرقى، ئىسىل مىجەزى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، كاتتا سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسۈتۈشكە ماھىر كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۇسۇلى ئەرلەرنى بويسۇندرۇشتۇر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «روھى ساغلاملىق دۇردانىلىرى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق؟


    ئېنىقسىز ئىستاتىسكىلارغا قارىغاندا، %90 ئەر، «باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن ياخشى» دەپ قارايدىكەن.
    ئۇنداقتا بۇنداق قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە نېمە سەۋەب بولىدۇ؟

    بۇنىڭدا تۆت خىل پىسخىكا رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

    (1) كۆزىتىش نۇقتىسى.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھېسسىيات سۇسلايدۇ. ئىلگىرىكى ئارتۇقچىلىقلار مانا ئەمدى كەمچىلىكەرگە ئورۇن بېرىدۇ، بۇرۇنقى قىزغىنلىقتا ئاشكارىلانمىغان ئۇششاق-چۈششەك كەمچىلىكلەر بىر-بىرلەپ ئاشكارلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەينى چاغدىكى نۇقسانسىز ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەمچىلىكى كۈرمىڭ كىشىگە ئايلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ خوتۇنىچۇ؟ ئۇلارنى يىراقتىنلا كۆرۈپ تۇرغاچقا، ھېس قىلىدىغىنى ئارتۇقچىلقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق سېلىشتۇرمىدا ياندىكى ئادەم كەمچىلىكى كۆپ، يىراقتىكى ئادەم كەم-كۇتىسىز كۆرۈنىدۇ.

    (2) يېڭىنى قوغلىشىش پىسخكىسى.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياندىكى ئادەمدىن ھېس قىلىدىغان يېڭىلىقلار ئازلايدۇ. ئىلگىرىكى ھاياجان ھېسياتمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن سۇسلايدۇ. باشقىلارنىڭ خوتۇنى ياكى لايىقى، تېخى ئېچىلمىغان سىر، ھېس قىلمىغان يېڭىلىقتەك تويۇلىدۇ. بەلكىم بۇ ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارنى خىيال قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كېرەك.

    (3) بويسۇندۇرۇش پىسخىكىسى.
    قارىغانسېرى گۈزەل كۆرۈنىدىغان ئاياللارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش بۇنداق ئەرلەر ئۈچۈن بويسۇندۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بولۇپمۇ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، جەلپكار ئاياللارنى ئۆزىگە قارىتىش تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق بويسۇندۇرۇش پىسخىكىسى ئەرلەرگە خاس بولىدۇ، ئەرلەر شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا، ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. بۇ يەردە گېپى بولىۋاتقان ئەرلەر ئادەتتە كۆزلىگەن نەرسىگە قانچە قولى يەتمىسەم شۇنچە ئېسىلغۇسى كېلىدۇ.

    (4) ئۇتۇققا ئىنتىلىش پىسخىكىسى.
    يېڭىلىقنى ھېس قىلىپ، بويسۇندۇرۇشنىڭ تەمىنى تېتىغاندىن كېيىنكى قىزغىنلىق يەنە بىر قېتىملىق ئىنتىلىشكە سەۋەب بولالايدۇ. بۇنداق تەكرار-تەكرار يېڭىلىق قوغلىشىش ئەرلەرگە بويسۇندۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇتۇقنى ھېس قىلدۇرىدۇ، بەزى ئەرلەر ھەتتا مۇشۇنداق ئۇتۇققا ئىنتىلىش پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالدىن نىشان بېكىتىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»(2011-يىل 7-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: