版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/132961048.html

    شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا

     


    تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا 14 دىۋىزىيە، 174 دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەيدانى، ئىككى مىليون 590مىڭ ئالاھىدە ئامما بار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭ قانچىلىك چوڭ بولسا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شۇنچىلىك چوڭ.
    پامىز ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، تارىم دەرياسىدىن ئالتاي تېغى ئېتىكىگىچە تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار، كەسىپ تۈرلىرى، سانائەت باغچە رايونلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ياكى تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بىرىلماقتا. يېزا ئىگىلىك 6-دىۋىزىيىسى ۋۇ جياچۈ شەرقىي سانائەت رايونىدا شەندۇڭ شىنفا گۇرۇھى 10 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالغان يېزا ئىگىلىك 6-دىۋىزىيىسىنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر شىركىتى مەيدانغا كەلدى، بۇ شىركەت پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. يېزا ئىگىلىك 8-دىۋىزىيىسى شىخەنزە ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا جياڭسۇ ئۆلكىسى 26 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ يورۇقلۇق سانائەت باغچىسى قۇردى، يېزا ئىگىلىك 7-دىۋىزىيىسى كۈيتۈن تيەنبې يېڭى رايونىدا جېجياڭ خۇافۇ رەڭلىك توقۇلما شىركىتى600مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالغان خۇافۇ رەڭلىك توقۇلما 500مىڭ ئۇرچۇقلۇق 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى باشلاندى.
    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، مەركەزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت كۈچىنى قوزغاپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىل ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇن-تىنسىز خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە كوللېكتىپنى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
    2010-يىلى 5-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىپ، تۇنجى قېتىم بىڭتۇەنىدىكى 12 دىۋىزىيە ۋە شەھەرنى مەملىكەت بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان دائىرىگە كىرگۈزدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتىلغان قوللاش سىياسىتىمۇ، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارغا قارىتىلغان قوللاش سىياسىتىمۇ بىڭتۇەنگە ئوخشاشلا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
    بىڭتۇەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بېيجىڭ، جېجياڭ، خېبېي، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق 10 ئۆلكە شەھەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئالدىن ئەۋەتىلىدىغان گۇرۇپپا تەشكىللىدى، ئۇلار بىڭتۇەندىكى 12 دىۋىزىيە، شەھەرگە بېرىپ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 10 ئۆلكە شەھەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ 12دىۋىزىيىسى، شەھىرىگە تەكشۈرۈشكە باردى.
    50 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 2-ئارمىيەسىنىڭ 1800 ئوفىتسېر ئەسكىرى «ھالاكەت دېڭىزى»دەپ ئاتىلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خوتەننى ئازاد قىلدى، كېيىن ئارقىدىن ئۇلار شۇ يەردە كەسىپىنى ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيىسىنىڭ 47-پولكىغا ئايلاندى.
    50 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بارلىققا كەلدى، ئەمما بۇ چىلان بىپايان قۇملۇقتىن چىقالمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك 14-دېۋىزىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بېيجىڭ شەھىرى دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا 47-پولك چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 10-ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئارقىدىن بېيجىڭدىكى شىنغادى توپ تارقىتىش بازىرىدا خوتەن مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئالاھىدە رايونى، ۋاڭ فۇجىڭدىمۇ ئالاھىدە رايون تەسىس قىلدى، بېيجىڭ شەھىرى يەنە خۇاليەن، چاۋشىفا قاتارلىق 12 چوڭ تىپتىكى سودا ئوبوروت كارخانىلىرىنى خوتەنگە بېرىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىرلەشتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەشكىللىدى. 47-پولكنىڭ پارتكوم شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى گو ياۋفىڭ: يىلىغا 10مىڭ توننا چىلان پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، بۇنىڭ ساپ پايدىسى10 مىليونگە يىتىدۇ، 230دىن كۆپرەك كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، دېدى.
    مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار شۈي ۋىيخۇا: 10 ئۆلكە شەھەرنىڭ بىڭتۆۋەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۆتكەن يىلقى سىناق نۇقتا بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى، 140دىن ئارتۇق تۈر يولغا قويۇلدى. بۇ تۈرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 6مىليارد 200مىليون يۈەن، ئۇنىڭ %80 خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر، دېدى.
    بىڭتۇەن تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۈ شىنشىياڭ مۇنداق دېدى: ئۇزۇن يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەننىڭ چەكلىك مەبلەغنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە 10 ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى سىناق چارىسىنى يولغا قويۇپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ 7-ماي يوليورۇقىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن شىنجاڭغا ئىشلىگىلى بارغان، لېكىن ھازىر خىزمەت قىلمايۋاتقانلار ۋە ئائىلە تەۋەلەردىن بولۇپ 66مىڭ 900 كىشىنى ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىكى پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتى قاتارلىق تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشىلاپ، 15مىڭ ئائىلىلىك دېھقان ئۆيىنى ئوڭشاپ بەردى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ھەركەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىدىن 300مىليون يۈەن تارقىتىپ، بىر مىليون 300مىڭ كىشىنى نەپكە ئىرشتۇردى. بۇ يىل يەنە 20 يىلغىچە ئارقىدا قالمايدىغان 100مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ سالىدۇ. 3950 كۆچمەن چارۋىچىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرىدۇ، 13مىڭ 600 ئىشچى-خىزمەتچىنى توك ئىشلىتىش، 800مىڭ كىشىنى پاكىز سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
    ئادەتتە كىشىلەر يېزا ئىگىلىك بىڭتۇەننى بوز يەر ئېچىپ يەر تېرىشقا ماھىر، تېجەشلىك سۇغۇرۇش، تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن پاختىلار، چەكسىز كەتكەن ئېتىزلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. بىڭتۇەننىڭ يېرىم ئەسىرىدىن بۇيانقى بوز يەز ئۆزلەشتۈرۈش مۇساپىسى يېزا ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ماتېرىيالدىن شىنجاڭنىڭ ھەر ئۈچ يېرىم مو تېرىلغۇ يەرنىڭ بىر مۇسىنى بىڭتۇەننىڭ ئاچقانلىقى مەلۇم بولدى.
    بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىكىگە ماھىر بولۇپلا قالماستىن سانائەتتىمۇ ئۇتۇق قازاندى. ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە باشلامچى بولۇپلا قالماستىن يەنە 1-ئاۋغۇست نامى بىلەن زور تۈركۈمدىكى غوللۇق كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقتى. ئارقىدىن بىڭتۇەن بىر تۈركۈم كۆلەملىك كارخانىلارنى يەرلىككە ھەقسىز تاپشۇرۇپ بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشتى.
    يېڭى ئەسىر يېڭى باسقۇچنىڭ كىرىشى بىلەن بىڭتۇەن «شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ۋاستە، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تايانچ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدىكى سالمىقى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى». 2010-يىلى 9-ئايدا بىڭتۇەن پارتكومى ئاچقان 6-نۆۋەتلىك 5-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي كومىسسارى چې جۈن:بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە قويغان تەلەپ شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ يول، دەپ داغدۇغىلىق ئىپادە بىلدۈردى.
    بىڭتۇەننىڭ مۇھىم شەھىرى يېزا-ئىگىلىك 8-دىۋىزىيىسىگە قاراشلىق شىخەنزە شەھىرى ئىلگىرى گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق «چاقناپ تۇرغان مەرۋايت»غا ئايلاندى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىدىغان مۇھىتنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈلگە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمى مىقدارى، نوپۇسى بىڭتۇەننىڭ تۆتتەن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
    «دىۋىزىيە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تۈزۈلمىسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان يېزا-ئىگىلىك 6-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغىنىغا يەتتە يىل بولدى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى كۈچىيىپ، بىڭتۇەننىڭ «يېڭى كۆزنەك، يېڭى ماركا، يېڭى موتور»غا ئايلانماقتا. يېزا-ئىگىلىك 6-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق ۋۇجياچۈ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي كومىسسارى جياۋ مىڭچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلغىچە، دىۋىزىيە، شەھەرلەر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 35 مىليارد يۇەنگە يەتكۈزۈپ، 40 مىليارد يۇەنگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، 2009-يىلىدىكىنى ئىككى قاتلاپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن %20 تىن ئاشۇرىدۇ، ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئاشۇرىدۇ.
    شەھەر بولۇش بىلەن شەھەر بولماسلىق ئوخشىمايدۇ. يېزا-ئىگىلىك 10-دىۋىزىيەسى يېڭى جۇڭگونىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرىدىغان بىر قىسىم، دىۋىزىيەنىڭ يەرلىكتە تۇرۇشلۇق قىسمى «بېيتۈن» مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. «بىز ئاسان قولغا كەلمىگەن تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بالدۇرراق شەھەر قۇرۇپ، «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرىنى قوغداشتىن»، «شەھەر قۇرۇپ چېگرىنى قوغداشقا» قاراپ تارىخىي بۇرۇلۇش ياسىشىمىز كېرەك، دەيدۇ. يېزا-ئىگىلىك 10-دىۋىزىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى جاڭ چېڭلۇڭ. ئۇنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىۋىدە بېيتۈن شەھىرىنى قۇرۇش ۋاقىتىنى تەتۈر ھىساپلاش مەزگىلىگە كىرگەن ئىدى.
    بىڭتۇەن قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇڭ بونىڭ ئۈستىلىدىكى بىر پىلان ئىسخىمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە 10 شەھەر، 10 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا قاراشلىق مەركىزىي شەھەر بازار، 160 ئادەتتىكى پولك مەيدان بازىرى، 400 مەركىزى روتا ئولتۇراق رايونى ئاساسى قىلىنغان شەھەر بازار سېستىمىسى شەكىللىنىدىكەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشىتىن ھەقىقى بەھرىمان بولىدىكەن.
    ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرىنى قوغداش ئۇزۇندىن بۇيان يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسەت، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرىنى قوغداشقا يېڭى مەزمۇن قوشتى. گازارما تەسىس قىلىپ كەنت قۇرۇشتىن شەھەر تەسىس قىلىپ بازار قۇرۇشقىچە «سانائەتلەشتۈرۈش، كەسپلەشتۈرۈش، شەھەر بازالاشتۇرۇش»نىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتىدە، شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بىڭتۇەننىڭ 12-بەش يىللىق پىلان تەرەققىياتىغا بولغان يېڭى ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.
    شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا-ئىگىلىك 10-دىۋىزىيەسى 185-پولىكى قوغداۋاتقان دۆلەت زىمىنى-ئالاقبېك دەرياسى چېگرىسى خۇددى خورازغا ئوخشايدىغان جۇڭگو خەرىتىسىنىڭ قۇيرىقىغا جايلاشقان. خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىنىڭ تېمىغا چاپلانغان «مېنىڭ ئۆيۈم يول بېشىدا، چېگرا تېشى ئۆي قېشىدا، دەريا بويىدا مول زىرائەت، چېگرا بويىدا مول پادىلار» دىگەن شىئېردا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىسانە تەقدىم قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرلەش ئاساسىي تېما قىلىنغان بىڭتۇەن روھى جانلىق ئىپادىلەنگەن.
    2011-يىلى 25-فېۋرال سەھەردە، ھەربىي سېگنال ئاۋازى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي تېغىدىكى مەلۇم بىر مەشق بازىسىدا ياڭرىدى. ئادەتتىكى مەشق فورمىسى كىيگەن بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن بىلەن بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قوماندان خۇا شىفېي مەشق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى، بىڭتۇەن پارتكومى مەركىزى گۇرۇپپىسى بىڭتۇەن روھىنى ياڭرىتىپ، قىش پەسللىك ھەربىي مەشق پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئۇلار قەھىرتان سوغۇققا، بوران چاپقۇنغا قارىماي، ئادەتتىكى بىر يېڭى ئەسكەرگە ئوخشاش راست ئوق بىلەن قارغا ئېتىش مەشىقى ئېلىپ باردى.
    بىڭتۇەن پۈتۈن ئەسكەرلەرنى قىشلىق مەشق قىلدۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىش پەسلىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كادىرلار، ئىش-خىزمەتچلەرنى كۆپ خىل شەكىلدە تەربىيلىدى، ئەسكەرلەرلىك ئېڭىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، ئەسكەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. بىرەر ئىش كۆرۈلگەن ھامان بىڭتۇەننىڭ ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنالىشى، غەلبە قىلالىشى، ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدۇ. سىياسىي كومىسسار چې جۈننىڭ قەتئىيلىك بىلەن قىلغان بۇ سۆزى ھەر بىر بىڭتۇەنلىكنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى.
    ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن قىش پەسلىدە بىڭتۇەندىكى ھەر قايسى دېۋزىيەلەر بىڭتۇەن مارشىنى ياڭرىتىپ، ئىشچ-خىزمەتچىلەرنى قىشلىق مەشق قىلدۇردى. 200 مىڭ كىشىلىك چوڭ مەشقتە نۇرغۇن ئاتا بالا ئەسكەر، ئەر ئايال ئەسكەرلەرنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يېزا-ئىگىلىك 12-دىۋىزىيەسىنىڭ مەشققە قاتنىشىۋاتقان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن تاماق ئېتىۋاتقان ئاشپەزلەرنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەن غەربى جەنۇبى پەن-تېخنىكا ئۈنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى مەشققە ئېلىپ كەلدى. ۋاڭ ئەن ئوغلىغا: «بىڭتۇەن 3-ئەۋلاد كىشىلىرى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ قېتىمقى مەشق-مۇنتىزىم مەشق، بۇ كوللېكتىپتا چىنىققاندىلا ئاندىن ھەقىقى بىڭتۇەن ئادىمىگە ئايلانغىلى بولىدۇ» دەپ تاپىلىدى. مۇخبىر ۋاڭ ئەندىن قانداق ئارزۇسى بارلىقىنى سورىغاندا ئۇ خۇشال ھالدا: ئوغلۇم مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىمەن دېدى.
    مەركەزلىك مەشق قىلدۇرۇش بىڭتۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر مۇھىم مەزمۇن. بىڭتۇەن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ لۇڭفۇ مۇخبىرغا: بىڭتۇەندىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قۇراللىق كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىڭتۇەن تارىخىدىكى تۇنجى ھەربىي پىلان يەنى2010-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان يىرىك پىلان تۈزۈلگەنلىكىنى دېدى. پىلانغا ئاساسەن، بىڭتۇەن مۇقىملىقنى ساقلاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمى ئورنىتىپ، نازۇك رايونلاردا نۆۋەت بىلەن مەشق قىلدۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلىق كۆرۈش تارماق ئەترىتى قۇرىدۇ؛ ھەر قايسى دىۋىزىيەلەردە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خەلق ئەسكەرلىرى تارماق ئەترىتى تەشكىللەيدۇ؛ چېگرا رايونلاردا بىرلەشمە مۇداپئە مەشقىنى يولغا قويۇپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يىراق مۇساپىلىق نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش سېستىمىسىنى ئورنىتىدۇ؛ ھەر يىلى بارلىق خادىملارنى قىشلىق مەشقلەندۈرىدۇ. ھازىر، خەلق ئەسكەرلىرىگە ترانسىپورت ماشىنىسى يەنە دالا ئۇرۇشى ئاشپۇزۇل ئاپتوموبىلى سەپلەپ بېرىلدى. ئىلگىركى قازان قۇمۇچ كۆتۈرۈپ مېڭىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
    شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەڭگۈ چېكىنمەس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسمى، ئۆز بۇرچىنى مەھكەم ئېسىدە ساقلاپ، زور قوشۇن قۇرۇلۇشى، مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك، پولاتتەك ئىستىھكاملىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشماقتا. بىڭتۇەن يېڭى تارىخي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى سەھىپە ئاچماقتا.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-31)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uycnr.com/lw/lwzg/201105/t20110531_116945.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: