版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/133553080.html



    «قۇرئان كەرىم»نى قانداق ئوقۇشىمىز كېرەك؟



    ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ



    «قۇرئان كەرىم»نى نەچچە قېتىم قايتىلاپ ئوقۇغانغانىدىم، بىراق بۇنىڭدىن بۇرۇن «قۇرئاننى ھەققىي مەنىدە قانداق ئوقۇيمىز؟» دېگەن سوئال ھەققىدە پەقەتلا ئويلىنىپ باقمىغان ئىدىم.بۇ سوئال ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردۈم، نەتىجىدە كاللامدا پەيدا بولغان بەزى چۈشەنچىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئۇشبۇ ماقالىنى يازدىم.
    ھەممىدىن ئاۋال شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز كېرەككى، «قۇرئان كەرىم»دىكى ئايەتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ چۈشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ. قۇرئاندا بايان قىلىنىش ئۇسۇلىدىن ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنغان ھەر قانداق بىر ئايەت بىزگە تولۇق مەنىسى بىلەن ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر قىسمىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى ئەگەر قۇرئان بىر پۈتۈن ھالدا ئىزاھلانسا، ئاندىن تولۇق بىر ھەقىقەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يالغۇز بەزى ئايەتلەرنىڭ ئىزاھلىنىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئايەت بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىر موزايكىغا ئوخشىتىپ چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىدۇ. بىر موزايكا تەگلىكىدە قىزىل ياكى قارا رەڭلەر پەقەت باشقا رەڭلەر بىلەن بىرلىكتە بولغاندا مەنە ئىپادىلەيدۇ. تەگلىككە تەۋە رەڭدىن ياكى بىر پارچىسىنى ئالغىنىمىزدا بۇ رەڭ ياكى پارچە تەگلىكنى تەشكىل قىلغان باشقا رەڭ ياكى پارچىلار بولماستىن تەگلىكنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىسالغا قاراپ چىقايلى. «ئەي! ئىمان ئېيتقۇچىلار!، سىلەرگە قىساس پەرز قىلىندى» دېگەن قۇرئان ئايىتى قىساسنى يوللۇق كۆرىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە بولسا ئەپۇ قىلىشقا چاقىرىلىدۇ. يەنى «كىمكى، كەچۈرۋەتسە، ئۇنىڭ ئەجرى ئاللاھ ھۇزۇرىدا بولىدۇ، ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن ئايەت بار. «ئەي ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئاللاھ سىزگە ھالال قىلغان رىزىقلارنى ھارام قىلىۋالماڭلار ۋە ھەددىن ئاشقۇچى بولماڭلار»بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى تېخىمۇ كۆپ بېرەلەيمىز. قۇرئاننى ئوقىغان بىرەرسىگە نىسبەتەن بىر قىسىم ئايەتلەردە زىتلىق باردەك بىلىنىشى مۇمكىن. بىراق بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، ئەھۋال بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقىتى بولسا قۇرئان ۋە ئىسلامنىڭ يەككە يىگانە بولۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆرۈنۈشتە قۇرئان ئايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تولۇق ماسلىشىش بار بولۇپ، دەسلەپتە زىتلىق باردەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى قۇرئان بىزنى يالغۇز بىرلا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئىككى ئىشنىڭ تەڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قۇرئان بىزدىن يالغۇزلا قىساس ئېلىشىمىزنىلا تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كەچۈرۈم قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ تەتۈرىسنى ئويلىساقمۇ بولىدۇ. قۇرئان بىزدىن يالغۇز ئاخىرەت ئۈچۈنلا ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى بىرى بولماي تۇرۇپ يەنە بىرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەق ئۈچۈن بولسىمۇ جازادىن باشقا ھېچقانداق بىرئىشنى ئويلىمايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مۇكەممەل بىر ئىمان سەۋىيىسىگە يېتەلمىگىنىگە ئوخشاش، يالغۇز كەچۈرۈم قىلىشنىلا ئويلايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىمۇ مۇكەممەل بىر ئىمان ھېسابلانمايدۇ. ئۇنداقتا كامالەتكە يەتكەن مۇسۇلمان ئىككى ئەمىرنىمۇ بىلگەن ھالدا مۆتىدىل ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىدۇر. بىر ئاز بۇرۇن يىغىنچاقلاپ ئۆتۈلگەن يەكۈنلەرنى «قۇرئان كەرىم» بىر پۈتۈن ھالدا ئانالىز قىلىنغاندا ئاندىن تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. بىر قىسمىلا چىقىش قىلىنسا يۈزەكى چۈشىنىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىسلام ۋە ئىسلام رىسالىسىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە بۇ مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاستىنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمەن.
    يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، قۇرئاننى ئىزچىل ئوقۇپ تۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى، قۇرئان نۇرىنىڭ پارلاقلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك يول، دەپ قارايمەن. چۈنكى قۇرئاننى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى چۈشۈنۋېلىشىمىزغا پايدىسى بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»گە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەسىتىن شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلگەن. بىراق ئۆزگەرگەن بىرلا نەرسە بار بولۇپ،ئۇ بولسىمۇ بىز. ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەر، شەرت-شارائىتلار ئۆزگەردى، قىسقىسى دۇنيا ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر بولسا بىزنى يېڭى ئەمما مۇرەككەپ ۋە چېگىش مەسىلىلەر بىلەنلا بەند قىلىپ قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇغان «قۇرئان كەرىم»دىن پۈتۈنلەي غەپلەتتە قېلىشىمىزنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بىردىنلا قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئايەتلەرنىڭ سادالىرىنى ھېس قىلغىنىمىزدا قۇرئاننىڭ ھەققىي مەنىسىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ھەر كىمنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىش بېقىشىنى ۋە ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇ ماقالەمدە بەزى شەخسىي تەجرىبىلىرىمدىن مىسال بېرىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
    بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇن، يەنى ياش چاغلىرىمدا «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇش ئەسناسىدا جىھات، ئادالەت ۋە ئەمەل ھەققىدىكى ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىناتتىم. بۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدىكى خاتىرە دەپتىرىم ئىسپات بولالايدۇ. ئاللاھباشقا نۇرغۇنلىغان دەپتەرلىرىم ئىچىدىن پەقەت مۇشۇنىلا ماڭا ھېچقانداق زىيان زەخمەت يەتمەستىن يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ دەپتەر قۇرئانى-كەرىمدىن ئېلىنغان بۇ ئايەتلەر ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر بىلەن تولغان ئىدى. بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ ۋە ئىستىبداتنىڭ رەت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە توختىلىدۇ. «زۇلۇمغا ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆزلىرىنى قوغدايدۇ»(شۇرا، 39). مەن نۆۋىتى كەلسىلا بۇ ماقالەمدە تەكىتلىگەن ئايەتلەر ھەققىدە ئويلىنىۋاتقاندا، بىر ئاللاھ ھەققىدە توختالغان ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئالاھىدە دىققىتىمنى قوزغىدى. ئاللاھ تالادىن باشقا ھەر نەرسىنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مېنىڭ شەخسىيىتىمنى تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ۋە تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە مەندە بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقەت زىتلىق تاپقىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى. «ھەر نەرسە پانىدۇر، لېكىن كېرەم ۋە ياخشلىق ئىگىسى رەببىڭ باقىدۇر» . يەنى ئاللاھ تالا ئۆز ئالدىغا پۈتۈن شەيئىلەردىن بۇرۇن ۋە ئۇلاردىن كېيىنمۇ مەڭگۈلۈك ئىدى. بۇ دەل ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرمەس بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى. ئانام، قازا قىلغاندا ئىنتايىن قايغۇرغان ئىدىم. فەجر سۈرىسىدىكى (27-30)«ئەي ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. سەن مېنىڭ «ياخشى بەندىلىرىم» قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن». ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھېس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ ئايەتلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ۋە ئۆز ئۆزۈمگە مۇنۇ سوئاللارنى سورىغان ئىدىم: «كىممۇبىرەرسىنىڭ ئانىسى قازا قىلغاندا بىر بالىغا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن تېخىمۇ گۈزەل بىر سۆز ئېيتالىسۇن؟». ئۇنداقتا قۇرئان بىر تەرەپتىن شەرىئەت، يەنە بىر تەرەپتىن جىھاتنى ئۇلۇغلايدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا زاماننىڭ دائىرىسىدىن چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلارغا تەسەللىي مەنبەسى ئىدى. بۇنىڭغا بىنائەن شەخسىي ھاللىرىمىزغا كۆرە دىققىتىمىزنى بىر نەرسە تارتقان بولسا يەنە بىرخىل ئەھۋالدا دىققىتىمىزنى باشقا بىر نەرسە تارتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالنىڭ قۇرئاندىكى ئىپادىلىرى ئىنساننىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي شارائىتلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا جەمئىيەت ياكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار، ئېتنىك ئوخشىماسلىقلارنىڭ جەمئىيەتنى پارچىلىشى، كۆز قارىشىمىزنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالغان ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتتۇرۇشىمىزغا بۇرايدۇ. مەسىلەن، دىنى قانۇن دەپسەندە قىلىنغان ياكى قايسى خىل شەكىلدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ مەسىلىدىكى ئىتىخىلاپلار ۋە ئوخشىماسلىقلار ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە ئۈچ سۆزدىن تەشكىل تاپقان مۇنۇ ئايەت كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ، «دىندا مەجبۇرلاش يوق».
    بىز مۇسۇلمانلار ئايەتلەرگە ئوخشاش قارايمىز. بىراق غەيرى مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى قىسقا قۇرئان ئايىتىنىڭ، دىنى كەڭچىلىك نۇقتىسىدىن ئەڭ چوڭقۇر مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلانساق بولىدۇ. بىراق مەزكۇر مەسىلە قىسقىغىنە بولغان ماقالەمنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.
    شۈبھىسىزكى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ئاڭلىنىشى ھەققىدە نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىم ئۈستىدە توختلىشىمىز لازىم. بەزى ئىنسانلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇرئاننى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنى پايدىسى ئىنتايىن ئاز ئىشتەك ئويلىۋالىدۇ. مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن ۋە ھاياتىمدا پەقەتلا ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ۋەقەنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر خەلقئارالىق ئىسلام يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئىدىم. يىغىن ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرىدە چاقىرىلغان ئىدى. يىغىنغا كۆپ ساندىكى ئۆلىما ۋە ئالىملار ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ يېڭىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قاتناشقان ئىدى. ھەر كۈنى يىغىننىڭ باشلىنىشىدا ۋە ئاخىرىدا دۇنيادا تونۇلغان قارىلار تەرىپىدىن قۇرئان خەتمە قىلىنىۋاتاتتى. ئۆلىما ۋە ئالىملار ماقالە ئوقۇۋاتقاندا بەزى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتۇق. بىراق «قۇرئان كەرىم»دىن ئايەتلەر ئوقۇلۇشقا باشلانغاندا زالدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايتتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلايتتى. قارىنىڭ ئېغىزىدىن قۇرئان ئايەتلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىغاندىكى ئەھۋال بىر دەريانىڭ جىمجىت ۋە ئاستا ئېقىشىغا ئوخشايتتى. ئارقىدىن ئىنساننى تېخىمۇ ئۇزاقلارغا باشلىغان بىر شارقىراتمىنىڭ بېشىغا ئېلىپ كېتەتتى. قارى تىلاۋەت قىلىۋاتقان راھمان سۈرىسسىكى «رەببىڭنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلالايسىز؟» ئايىتى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى گويا بىپايان ئوكيانلارغا باشلاپ كەتتى. مەن بۇ گۈزەل مىنۇتلاردا شۇنى ھېس قىلدىمكى، تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئايەتلەرنى تولۇق چۈشەنگەن ئىدىم. ئۆزەمنى كونفېرانس جەرياندا يىغىن ئىشىتىراكچىلىرىغا شۇنچىلىك يېقىن ھېس قىلدىم. باشقىلارنىڭ يۈزىدىمۇ شۇ ئىپادىنى كۆرگىلى بولاتتى. يەنى «قارىمامسىز؟ ھەممىمىز ئىسلامدا قېرىنداشقۇ؟».
    بۇ ئىشتىن كېيىن قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدىم. پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قەلپلىرى قۇرئاننى مۇشۇ شەكىلدە ياكى باشقا بىر شەكىلدە چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئانى چۈشىنىپ ئوقۇشمۇ ۋاجىپتۇر.

    مەنبە: ئۇيغۇرئونلايىن.نت،
    تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇتلۇق بىلگە

    ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 03 June 2011
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghuracademy.com/?p=17192
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: