ئايلىق : 2011-06

باشلىنىش

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.30ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 17 viewsئىنكاس سانى : 0

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپلا قىرقىراپ يىغلىشى ھاياتنىڭ باشلىنىشى ؛ قارلىق تاغلاردىكى قار – مۇزلارنىڭ ئېرىپ دەريا سۈيىنى شەكىللەندۈرىشى باھارنىڭ باشلىنىشى؛ئىككى ئادەمنىڭ بىر-بىرىنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قارىشى ئېلىشى دوستلۇقنىڭ باشلىنىشى؛ئىككى تەرەپنىڭ چىن قەلبىدىن ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بىر-بىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىشى باراۋەرلىكىنىڭ باشلىنىشى؛ئۆزى سۇسىز قالسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر تېمىم سۈيىنى باشقىلارغا تەقدىم قىلىش مېھىر- مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇقنىڭ باشلىنىشى؛ بىراۋغا گۈل تەقدىم قىلىش خۇشاللىقنىڭ باشلىنىشدۇر…

چېكىنىش ئىلگىرلەشنىڭ باشلىنىشى بولسا ، ەمەغلۇپ بۇلۇش غەلبىنىڭ باشلىنىشى؛ ۋاز كېچىش ئېرىشىشنىڭ باشلىنىشى ؛ ۋاز كېچش ئېرىشىشىنىڭ باشلىنىش بولسا تەقدىم ئېتىش بەھىرمان بۇلۇشنىڭ باشلىنىشى؛چاقىرىق قىلىش ئاتلىنىشنىڭ باشلىنىشى بولسا ، قارىشى ئېلىش شان-شەرەپنىڭ باشلىنىشى؛كىشلىك تۇرمۇشتىن قېيىپ كېتىش چۈشكۈنلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولسا ، ھاكىممۇتلەقلىق ھوقوق تالىشىشنىڭ باشلىنىشى؛ ئۆز- ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ئاددى بۇلۇشنىڭ باشلىنىشى بولسا نەپسانىيەتچىلىك جىنايەتنىڭ باشلىنىشى؛قارغۇلارچە قوغلىشىش ئادىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولسا ، ئەيىش – ئىشرەت ۋە كەيىپ – ساپا چىرىكلىشىشنىڭ باشلىنىشىدۇر…

ھەر قېتىملىق باشلىنىش ئەڭ ئاخىرقى ئاياغلىششىنى ئىپادىلەيدۇ،شۇنداقلا ھەر بىر قېتىملىق ئاياغلىشش يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يېڭى بىر باشلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ . ئوت- چۆپ ۋە گۈل – گىياھلار قۇرۇپ كەتسە يەنە ئېچىلىدۇ؛بۇلۇت تارقاپ كەتسە يەنە يىغىلىدۇ ، يىغىلسا يەنە تارقايدۇ . شۇڭا باشلىنىش ئىچىدە ئۇزۇن كۈتۈش ، ئاياغلىشىش پەيتىدە بەك قىيالماسلىق ۋە مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك ئىستىكىدە بولماسلىق كېرەك . كىشلىك ھاياتتا سىز چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى دەل باشلىنىشتۇر. شۇڭا ، ئاياغلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكىنى چۇقۇم ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك .

ھايات يىغا بىلەن باشلىنىپ، يىغا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۆز قۇۋم – قېرىنداشلىرىڭىز ، ئۇرۇق-تۇغقان ، دوست- بۇرادەر، خىزمەتداش ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشلەرگە ياخشى تەسىرات قالدۇرغان بولسىڭىز ، سىز تۆلىگەن بەدەل ، باشقىلارغا ئاتا قىلغان مېھىر – مۇھەببەت ۋە بارلىق ياخشىلىقلار بۇ دۇنيادا ئەبەدىي قالىدۇ . سىز بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقاندىن كېيىنمۇ كىشلەر سىز ئۈچۈن قايغۇرىدۇ ۋە ياش تۆكىدۇ . بۇنداق ئاخىرلىشىش باشلىنىشقا نىسپەتەن ئەڭ گۈزەل جاۋاب ، خالاس . ئائىلىۋى تۇرمۇشىڭىز خۇشاللىق ، ھۇزۇر ، بەخىت ۋە لەززەت ئىچىدە باشلىنىپ ، بەخىت ئۆز مەنىسىنى يوقاتماي تېخىمۇ جۇلالىغان پەيىتتە ، ئىككى تەرەپنىڭ خۇشاللىقى ، بىر- بىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىنى ، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بۇلۇپ جاپا- مۇشەققەتنى بىرلىكتە يېڭىپ ، ھۇزۇر- ھالاۋەتتە ۋە قىيىنچىلىقتا بىللە بۇلۇپ ، ئىجىل – ئىناق ئۆتۈشى باشلىنىشقا نىسپەتەن ئەڭ ياخشى خاتىمە ھېسابلىنىدۇ .

بىر ئىشنى باشلاش ئاسان بولغىنى بىلەن ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس . ئۆز كەسىپىدە نەتىجە قازانغان كىشلەر پەقەت باشلىنىشقا ئەمىيەت بەرمەستىن ، بەلكى بۇ ئىشنى تاماملاپ بولغىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەپ ، ئەستايدىل ۋە كۆڭۈل قۇيۇپ تەتىقىق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلغانلاردۇر . ئەپسۇسلىنارلىقى ، رېئال تۇرمۇشتا بەزى كىشلەر ھېچقانچە باش قاتۇرماي ، جاپا – مۇشاققەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ كىشلىك ھاياتىغا پەقەت ئاددى ھالدىكى نۇرغۇن ئەخمىقانە باشلىنىشلارنى ھەمراھ قىلىپ ياكى مەجبۇرى تېڭىپ ، ئارقا – ئارقىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولىدۇ . بۇ ئىش ئاخىرى بېرىپ شۇ كىشىدە چۈشكۈنلۈك ۋە ئىرادىسىزلىك پەيدا قىلىدۇ . بۇ دۇنيادا ئۈن – تىنسىز ۋە ھېچقانداق تېۋىش بولمىغان باشلىنىشلار ، داغدۇغىلۇق باشلىنىشلار ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان باشلىنىشلار ، زور ئىرادە ، ئاجايىپ يۈكسلىشلەرنى ئۆزىگە ھامىي قىلغان باشلىنىشلار ، يېرىم يولدا بەرپات بولغان باشلىنىشلار ، مەقسەت- مۇددىئاسى ۋە كۈرۈش نىشانى ئېنىق بولمىغان باشلىنىشلار ، شۇنداقلا ئادەمنى ھاياجانغا سېلىپ پەخىرلەندۈرگىدەك يارقىن باشلىنىشلار ، تۇرمۇشتا مۆجىزە پەيدا قىلغان باشلىنىشلار ئىنتايىن كۆپ…

كىشلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىدە ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىشتا ، ئوخشاش بولمىغان كىشلەرنىڭ ئۆزىگە خاس باشلاش ئۇسۇلى بۇلىدۇ . بۇ ئۇسۇللار شۇ كىشىنىڭ پىسخىك ساپاسى ، نەزەر- دائىرىسى ، مىجەز – خاراكتىرى ، كۆكسى – قارنىنىڭ قانداقلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

نەچچە زەررە چاڭ – توزان مىكروبلار يىغىلىپ زور دەرىجىدىكى بۇلۇتنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ بىر تال ئادەتتىكى تاش تۈرلۈك ئىش قۇشۇپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىسىدا ئىنتايىن قىممەتلىك زىننەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ . بەزى چاغلاردا كىچىككىنە باشلىنىشلار ئۇلۇغۋار ، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرغدەك مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ ، بەزىدە بولسا ئادەتتىكى باشلىنىشلار ماڭا ، سىزگە ۋە بىزگە پارلاق ئەتە تەقدىم ئېتىدۇ …

«مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى 2007-يىللىق 12-سان »   

بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.28ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 15 viewsئىنكاس سانى : 0

بۆشۈك ناھايتتى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلار ئويغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بۆشۈكلىرى يەرلىك ياغاچ ماتېرياللىرىدىن ياسىلىپ، قۇرۇلمىسى ئاساەن شال، تىز، چېتىق، پوزا(بەل ياكى ئومۇرتقا). ناچا(ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە(تەڭلىك بالا ياتىدىغان قىسىمى) دىن تەشكىل تاپىدۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەشتىن ئىلگىرى ئۇۋۇدا، ياستۇق، شىلدىرشاپ، يۆگەك، زاكا، چەمبىرەك، جاك، شۈمەك، چۆرەك، تىزلىق، ئوشۇقلۇق، كاشا(قولتارتقۇ). يۈز ياپقۇ قاتارلىق جابدۇقلار ھازىرلىنىدۇ.

بوۋاقنى تۇنجى قېتىم بۆشۈككە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن، تەقۋادار«بۆشۈك ئانىسى» ۋە ئۇنىڭ ئىز باسارلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئاياللار تەكلىپ قىلىنىدۇ.«بۆشۈك ئانا» بۆشۈكنىڭ بىخەتەرلىكى، بۆشۈك جابدۇقلىرىنىڭ تەلتۈكۈس ھازىرلانغان-ھازىرلانمىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەش مەشغۇلاتىنى باشلايدۇ ھەم ئانىغا تەپسىلى ئۆگىتىدۇ.
بالىنى بەخىت-تەلەيلىك بولسۇن دەپ ياستۇقى ئاستىغا«توقىچاق»(كىچىك پىرەنىك چوڭلۇقىدا پىشۇرۇلغان بۇۋاق توقىچى) قۇيۇلىدۇ. قەيسەر، باتۇر بولسۇن دەپ، ئوغۇل بالىنىڭ زاكىسىنىڭ ئوڭ يېنىغا بۆرە ئوشۇقى، قەلەمتىرەج باستۇرۇپ قۇيۇلىدۇ. قىز بالا بولسا پاك، ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، چىرايلىق بۇلۇشىنى تىلەپ، زاكىسىنىڭ سول تەرەپ ئاستىغا ئەينەك، تارغاق، سۈزگۈچ باستۇرۇپ قۇيۇلىدۇ. بەزى جايلاردا بۆشۈككە كۆز مۇنچاق، تىلتۇمار قاتارلىقلارنىمۇ ئېسىپ قويىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز بالىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ ئۆلچەملىك بولوشىغا الاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى رولىدىن ناھايتتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇلار بۆشۈكنى«بالا بېقىشنىڭ قېلىپى» دەپ قاراپ كەلگەن.بۆشۈكنىڭ بالا تەربىلەشتىكى رولىنى تۆۋەىدىكى جەھەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:
بىرىنچى، بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

ئىككىنچى، بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىدا ئاسانلىقچە ئۆپكىسى شامالداپ قالىدىغان، زۇكام بولىدىغان، تولا چۈشكۈرۈپ، شالى ئاقىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.

ئۈچىنچى، بۆشۈك جابدۇقلىرى قەرەللىك ئاپتاپقا سېلىنىپ قۇرۇق ھەم ئىسسىق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقلاردا ھۆلدە يېتىپ قالىدىغان، سوغۇق ئەڭگىزى ئېشىپ، يولا جاراھەت چىقىدىغان، قەغىشلىك قىلىپ، باققۇچىسىنى ئارام ئالدۇرمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.

تۆتىنچى، بوۋاق ئۈچۈن ئارام ئېلىش، ھوزۇرلىنىشتۇر. بۇۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ،«ئەللەي ناخشىسى»نى لەرزان ئېيتىپ سىيلىق تەۋرىتىپ بەرسى ،ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ. قارارلىق، نورمال ئۇيقۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بەشىنچى، بۆشۈك بوۋاقنىڭ بوغۇم-ئۈگىلىرىنى، مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.

ئەسەر ئاپتۇرى ۋە ئەسلى مەنبەسى: ئېنىق ئەمەس

كۆچۈرۈلمە مەنبەسى : ئۇيغۇرلار تورى

مەخسۇس ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگى قۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.27ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 21 viewsئىنكاس سانى : 14

سالام سىزگە ئۇقۇرمەن ، بلوگگىر دوستلار !

ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز. ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگىمىز ئۇيغۇر بىلوگ جەمىئيىتىدىكى ۋوردپرەس سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ بلوگ يېزىپ كېلىۋاتقان دوستلارنىڭ بلوگلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ، شۇنداقلار ئۇيغۇرلاردىكى مەخسۇس ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدا يېزىلىپ كېلىنىۋاتقان بارلىق ۋوردپرەس بلوگلىرىنىڭ سىتاستىكىسىنى قىلىش مەقسەت قىلىنىپ قۇرۇلغان بۇلۇپ ، مەزكۇر ئۇسلۇپنى تەمىنلىگەن پىرستان & ئۇيغۇربەگ تۇرايىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن . بارلىق ۋوردپرەس سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ بلوگ يېزىۋاتقان دوستلارنىڭ مېنى قوللاپ بېرىشىنى شۇنداقلار قىممەتلىك پىكىر- تەلەپلەرنى قالدۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئۇلىنىش قىلىندىغان بىلوگلار بلوگ خارەكتىرى ۋە يازما مەزمۇنىغا ئاساسەن تۈرلەر بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ ، ھەپتىدە بىر قېتىم ھەپتىلىك داڭدار بىلوگ سەھىپىدە كۆپ ئىنكاس چۈشكەن ، كۆپ يازما ئېلان قىىنغان ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشغا ئېرىشكەن بلوگلار ئېلان قىلىنىدۇ . شۇنداقلا تەشۋىقات كۆزنىكىدە ئۇدا بىر ھەپتەرەسىملىك ئۇلىنىش تەشۋىق قىلىنىدۇ ، كېيىنكى ھەپتىدىن باشلاپ يەنە خەتلىك ئۇلىنش قاتارىغا قېتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق شۇ بلوگنىڭ ئېقىم مىقتارىنىڭ ئېشىشىغا ياردىمى بۇلىدۇ . بىراق سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بۇلۇشى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى قېتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا يۇلۇقىۋاتىمەن ، ۋوردپرەس پېشىۋالىرىنىڭ بۇ جەھەتلەردە مېنى قوللاپ ماڭا ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ، بەلكىم بۇ سىز مەن ۋە بارلىق بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىز ئۈچۈن بىر يىغىلىش سورۇنى بۇلۇپ قېلىشى ،جۈملىدىن بارلىق ۋوردپرەس بوگگىرلىرىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، قېنى دوستۇم سىزمۇ سېپىمىزگە قۇشۇلۇڭ ، بارلىق بلوگگىر دوستلار بىر يەرگە جەم بۇلۇپ،ئائىلىمىزنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇرايلى ! ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت! ئۇلىنىش بلوگى ئادىرسىمىز :wpblog/ ، ھازىر ئۇسلۇپ ئىقتىدارى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتىدۇ ، خاتالىق بايقىغان ھامان خەۋەردار قىلىپ قۇيىشىڭىزنى سورايمەن.

دەۋر، خانىم-قىزلىرىمىز ۋە كىيىم-كېچەك

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.24ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 2

 

ھەسەنجان ئابلىز

بىز كونىلاردىن ‹‹كىيىم-كېچەك ئىنسان زىننىتى››، ‹‹ئادەم سەتى ئەمەس، كىيىم سەتى›› دېگەنگە ئوخشاش ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھايات تەجرىبىلىرى ۋە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى نېمە ئۈچۈن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن ياكى ئەجەبلىنەرمىز ۋەياكى مەمنۇنىيەت ھېس قىلارمىز. ئەمەليەتتىمۇ، يۇقىرىقى ئىبارىلەرنىڭ ھېكمەتلىك دەپ ئاتىلىشى ھەرگىز ئورۇنسىز ئەمەس. تەن ئۈستىگە كىيىلگەن ھەر بىر قۇر كىيىم، ئارتىلغان ھەر بىر قۇر زىبۇزىننەت ئۆز قىممىتى ۋە خاس بەلگىسى بىلەن ئىنسان كۆزىدە بىر ماددىي بۇيۇملا ئەمەس، بەلكى ئىنسان سىرلىرىدىن، سالاھىيەت بەلگىلىرىدىن، ئاڭ قايناملىرىدىن ۋە دەۋر خاتىرىلىرىدىن دېرەك بەرگۈچى‹‹جاھاننامە ئەينىكى›› ھېسابلىنىدۇ. ھەر كىشىنىڭ كىيگىنى مەيلى نە مەقسەت، نە خىيال ۋە نە ئۈمىدتە كىيىلگەن بولسۇن، ئۇ ھامان ئىنسان روھىي دۇنياسىنىڭ كۆزنىكى ۋە ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ئارخىپى سۈپىتىدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلاملىرىدا ۋە ھالقىلىرىدا ساقلىنىپ قالىدۇ.

بىز يىراق زامانلاردىن باشلانغان ئىنسانىيەت تارىخى ۋە مەدەنيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنستىن تەشكىللەنگەن ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ۋە مەدەنىيەت چايقالمىلىرىدا رەڭگارەڭ تۈس ئېلىپ، تۈرلۈك تۈمەن مىڭ خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلاملىرى ۋە ھالقىلىرىنى بەرپا قىلغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. چوڭقۇرلاپ كۆزەتكىنىمىزدە، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانىي تۇرمۇش ئالاقىسى ئەڭ دەسلەپتە يەنىلا كىيىم ئارقىلىق ئۆزئارا ھايانى ئىپادىلەشنى، ئاندىن كىيىم ۋاسىتىسىدە نورمال تۇرمۇش تەرتىپلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. كىيىمنىڭ ئىنسانىي ئەخلاق سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولى شۇ ئاساستا بارا-بارا ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە زىننەتلەش رولىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇشتەك قوشۇمچە رولىنىمۇ بەرپا قىلغانىدى. تارىخنىڭ تىنىمسىز دەۋر ھالقىلىرىدا، كىيىم-كېچەك ئىنسان تۇرمۇشىنى رەڭگارەڭ بوياقلار بىلەن بېزىگەندىن سىرت، ئۇ يەنە ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى‹‹مەدەنىيەت ئەلچىسى››ۋە ‹‹ئوبراز ئەلچىسى››مۇ بولۇپ كەلگەنىدى. ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى، تىل ئالاقىسى راۋان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كىيىم-كېچەكتىن ئىبارەت تىلسىز ئەمما ئىنتايىن ئۈنۈملۈك مەدەنىيەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز مىللىي بەلگىلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىگە ياكى تارىخ بېتىگە قالدۇرۇپ قويۇشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. كىيىم-كېچەكنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي رولى ئوخشىمىغان ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مىللىي بەلگىلىرىنى ئەڭ دەسلەپ كىيىم-كېچەك ۋاسىتىسىدە تۇراقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇ خىل ئېھتىياج يالغۇز زىننەتلىنىش ۋە بېزىلىش سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە تارىخ سەھنىسىدىكى ۋە دەۋر قايناملىرىدىكى ئۆز ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشتەك مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىدى. بۇ خۇددى خانىم-قىزلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئۆز خاسلىقى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشى ياسىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇھىمى ياسىنىش كېرەكلىكىدىن ۋە زۆرۈرلۈكىدىن بولغىنىغا ئوخشايتتى. ئاياللارغا پەرداز زۆرۈر بولغىنىدەك، ھەر بىر ئىنسان تۈركۈمىگىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئالاقىلىرىدە ۋە مەدەنىيەت سەھنىلىرىدە خاس مىللىي كىيىم بەلگىسى ئارقىلىق پەردازلىنىپ تۇرۇشمۇ شۇنچە زۆرۈر ۋە شۇنچە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئىنسان تۈركۈمى مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان زامانلاردىن بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، سىرتقى دۇنياغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى باشقىلار تىلسىز ۋە ئىشارەتسىزلا چۈشىنىدىغان كىيىم-كېچەك ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كەلدى. بۇ جەرياندا، خانىم-قىزلارنىڭ پەردازلىنىش ئېھتىياجى ۋە سالاھىيەت، تەبىقە ئېھتىياجى مەدەنىيەت خاسلىق ئېھتىياجى سۈپىتىدە خاراكتېرلەنگەن مىللىي ئورتاق چەمبىرەكتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بارا-بارا مىللىي خاسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. خانىم-قىزلارنىڭ مەلۇم بىر دەۋردە نېمىنى مودا ئېقىم سۈپىتىدە كىيگىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە نېمە ئاڭ، ئېقىمنى قوبۇل قىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خانىم-قىزلارنىڭ ھەر بىر دەۋردىكى كىيىم-كېچىكى ۋە ياسىنىش-تارىنىشى مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ خاراكتېرىدە نېمە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

بىز قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا كۆز يۈگۈرتكىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ تارىختا شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ تۈگۈنى بولغان بۇ زېمىندا ياشاش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن يېڭىلىققا ئىنتىلىشچان، ئېچىۋېتىشقا مايىل ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ھېرىسمەن مەدەنىيەت خاراكتېرىنى ھېس قىلالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ‹‹ئىنسانىيەت دىنىي تەسەۋۋۇرلار مۇزىيى››دەپ تەرىپلەنگەن بۇ زېمىندىكى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ھەقىقەتەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارمۇ ھېس قىلىمىز. گەرچە بىز يىراق زامانلاردىكى دەۋر خاراكتېرلىرىنى، كىشىلەر تەسەۋۋۇرلىرىنى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرىنى ھازىرقى زاماندا تۇرۇپ بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالمىساقمۇ، ئەمما شۇ زامانلاردا خانىم-قىزلار كىيگەن كىيىم-كېچەكلەر ۋە زىبۇزىننەتلەر ئارقىلىق، دەۋرنىڭ ئاڭ ئېقىمىدىكى زىل ئۆزگىرىشلەرنى، جەمىيەت قۇرۇلمىلىرىدىكى تاناسىپ بۆلەكلەرنى شۇنداقلا شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ پسىخىك سىرلىرىنى بىلىشكە ۋە ھېس قىلىشقا يول ئاچالايمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ، مەلۇم بىر دەۋردىكى ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش خانىم-قىزلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە ئىپادە قىلىنماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئېسىلغان ھەر بىر ھالقىنىڭ پاسونىدىكى ئۆزگىرىش، كىيىلگەن ھەر يوپكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە پاسونىدىكى ئۆزگىرىش، كېسىلگەن ياكى ئۆرۈلگەن چاچ پاسونلىرىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خانىم-قىزلارنىڭ شۇ دەۋردىكى ھالىتىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شۇ دەۋرنىڭ خاراكتېرىدىنمۇ ئۇچۇر بېرىدۇ.

بىز 20–ئەسىر ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش ھالەتلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئۆز كىيىم-كېچەكلىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىۋاتقان ئاڭ، ئېقىم تەسىرلىرىنى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋە دەۋر قىياپەتلىرىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،20-ئەسىر ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ كەسكىن مۇنازىرسى باشلانغان ۋە كەسكىنلەشكەن مەزگىللىرى ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىن بېرى ئۇزۇن مەزگىل دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە بۇرۇقتۇرما ھالەتتە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دەۋر قىياپەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنىڭ تۈرتكىسىدە، بەس-بەستە ئىجتىمائىي تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈپ، 20-ئەسىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلىرىدىن يەتكۈچە بەھرىلەندى. خانىم-قىزلارنىڭ ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشلىرى يەنىلا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە ئىپادىلەندى. بۇ جەرياندا، ئەنئەنىۋى كىيىملەر ئاساسىي يۈزلىنىش بولغان ئەھۋالدىن بارا-بارا رۇسچە كىيملەر ۋە غەرب كىيىملىرى مودا ئېقىم بولغان يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى تاكى 60-يىللارغىچە، زامانىۋى مائارىپ تەربىيىسىدە قوراللانغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى رۇسچە كىيىم-كېچەكلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى مودا سۈپىتىدە كىيىشكە يۈزلەندى. گەرچە ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى››نىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل مودا ئېقىم بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما 80-يىللاردىكى ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يەنە ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە قايتتى. ئەمما بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئەھۋال شۇكى، گەرچە بۇ مەزگىللەردىن باشلاپ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى غەربچە كىيىم-كېچەكلەرنى بەس-بەستە مودا قىلىپ كىيگەن، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىيىم-كېچەككە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما تارىختىن بېرى ئىزچىل دەۋر ئېقىملىرىغا ماسلىشىپ، ئۆز پاسون-نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر بۇ مەزگىللەردە تۇرمۇش قايناملىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، سەھنە كىيىملىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ بۇ خىل ئۆزگىرىش شەھەرلەردە ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى. ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ زامانىۋى غەرب كىيىملىرىگە ئورۇن بوشىتىشى گەرچە زاماننىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىم بولسىمۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى مۇراسىم كىيىملىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا مەدەنىيەت ئىستېمالى سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. بىراق يېڭىدىن يېڭى ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، مودا ئېقىم يىلدا ھەتتا ئايدا ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، گەرچە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز دوپپا، ياغلىق قاتارلىق باش كىيىملىرى ھەم ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ بىزگە ئۈلگە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھال ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنالمىدى. ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر يەنىلا بوينىنى قىسىپ قالدى. تارىختىن بېرى، مىللىي كىيىم-كېچەكلەر ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى ساقلاشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىق ئامىللىرىنى قانداق شەكىلدە بىرلەشتۈرۈشنى قايتىدىن ئەقلىيلىك ئاساسىدا ئويلىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر، ئەلۋەتتە.

بىز ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى كىيىنىش ھالەتلىرىگە قارىغىنىمىزدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، توغرا يۆنىلىشلىك ۋە تىك يۆنىلىشلىك كىيىنىش يۈزلىنىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ ئىككى خىل كىيىنىش يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە زامانىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھالىتى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىك يۆنىلىشلىك تەپەككۇر ئاساسىدىكى كىيىم-كېچەك يۈزلىنىشى كۈچلۈك ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇپ، سالاھىيەت پەرقى، كەسپ پەرقى ۋە ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلام پەرقلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكتىكى ئىپادىلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. توغرا يۆنىلىشلىك تەپەككۇر ئاساسىدىكى كىيىم-كېچەك يۈزلىنىشى ئىجتىمائىيلىق قاتتىق تەكىتلىنىدىغان سالاھىيەت جەمىئيىتىدە كىشى خىيالىدىكى ئەركىن تەپەككۈر ۋە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى رەت قىلغان ئاساستىكى ياشاش ئۇسۇلىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر شەھەر-يېزىلىرى شۇنداقلا ئوخشىمىغان ياش قاتلاملىرىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ بارغانسېرى زور بولۇپ كېتىشىمۇ دەل يۇقىرىقى ئىككى خىل تەپەككۇر سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. ئۇيغۇر خانىم–قىزلىرى ئارىسىدىكى كىيىنىش ۋە ياسىنىش جەھەتتىكى بۇرۇندىن ۋارىسلىق قىلىنىپ كېلىنگەن ئورتاق مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە كىيىنىش ئادەتلىرىنىڭ(مەسىلەن، قىز، چوكان، جۇۋان ۋە موماي ھالەتلىرىگە ماس كېلىدىغان، ئورتاق مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان كىيىنىش ئادەتلىرى)ھازىرقى زاماندا بارغانسېرى كىشى خاسلىقىنى تەكىتلەشكە يۈزلىنىشىمۇ دەۋرنىڭ مۇشۇ خىل ئىجتىمائىي يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، خانىم-قىزلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرىدىكى بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىم. ئېنگلىسمۇ:›› ئىنسانلار ئازادلىقىنىڭ دەرىجىسى ئاياللار ئازادلىقىنىڭ دەرىجىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ‹‹ دەپ توغرا ئېيتقانىدى. مەسىلە شۇ يەردىكى، خانىم-قىزلار ئازادلىقى يالغۇز ماددىي بۇيۇملار بىلەن ئەمەس، بەلكى يەنە تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئەركىن تەپەككۇر شۇنداقلا ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ئۆلچىنىدۇ، خالاس.

ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتوتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى

نۆۋەتتىكى شىددەت بىلەن يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقان تەرەققىياتلار، شۇنداقلا بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرى رايونىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرخانىم–قىزلىرىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئىستېمالىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ ھال بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىم–كېچەكلىرىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى بىلەن ھېسابلاشماي قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ رايونىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك ئىستېمالى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشىغا ھەسسە قوشسا، بەزىلەر ئۆرپ–ئادەتلىرىمىز، قىممەت قاراشلىرىمىزغا زادىلا ماس كەلمەيدىغان كىيىنىشلىرى بىلەن زامانغا ماسلاشماقچى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭماقچى بولدى. يەنە بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىز بولسا ئۆزنىڭ قايسى خىل يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى، قانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەستىن يات ئەللەرنىڭ كىيىم–كېچەكلىرىنى ئەتىۋارلاپ كىيىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىمىز، تۇرمۇش شارائىتىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە مۇناسىپ كىيىنىپ، ياشاپ كېلىۋاتقان خانىم–قىزلىرىمىز يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقتىمۇ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بىر قىسىم خانىم–قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ھەر خىل مۈجمەل قاراشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن مەقسەتتە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئۆرپ–ئادەت، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، كىيىم لايىھىلىگۈچىلەر، يازغۇچىلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇشۇ خۇسۇستىكى قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. ئوقۇرمەنلەر ۋە بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاپتورلىرىمىزنىڭمۇ بۇ سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىشىنى، پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خانىش ھاپىز (ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا تىياتىرىنىڭ كىيىم لايىھىلىگۈچىسى )

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىلدە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقىمىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە ھەر خىل ئېغىشلار، يىلتىزىدىن چەتنەشلەر، قارىغۇلارچە خەقنىڭكىنى دوراشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بولۇپمۇ 60-يىللاردىكى قىيىنچىلىق مەزگىللىرى ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى ھەممە ئادەم ئوخشاش رەڭلىك، ئوخشاش پاسونلۇق كىيىم كىيىدىغان كىيىم قەھەتچىلىكى ئەسلىدىن ئېسىل، نەپىس، رەڭدار، چىرايلىق كىيىنىپ ئادەتلەنگەن خەلقىمىزنىڭ روھىدا كىيىم–كېچەككە بولغان بىر خىل قارىغۇلارچە ئېچىرقاشنى پەيدا قىلىپ، گويا قاراڭغۇدىن بىردىنلا يورۇقلۇققا چىقىپ قالغان كىشى چاراقلاپ تۇرغان كۈن نۇرىدا كۆزلىرى چاقناپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندەك، كىيىم–كېچەككە ھەدەپ ئۆزىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. ھېلى ئۇزۇن، ھېلى قىسقا، ھېلى غەربچە، ھېلى شەرقچە كىيىنىپ، مودا قوغلىشىپ كىيىم–كېچەك ئىستېمالى جەھەتتە خېلى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. مانا ئەمدى تېخى كۆزلىرى كۈن نۇرىغا كۆنگەندەك ئۆز ئەسلىگە قايتتىمۇ ياكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەدەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋەرگەنلىكىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، خانىم– قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىشىدە بىر نەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا خېلىلا ئىلگىرىلەش بولدى. تېخى مۇشۇ بەش-ئالتە يىل ئىلگىرىلا قىز–چوكانلىرىمىز ئاسما مايكىلار، تاسمىلىق كۆڭلەكلەر بىلەن كوچىغا چىقىدىغان، ئوغۇل ئۆيلەۋاتقان ياكى قىز چىقىرىۋاتقان ئانا توي كۆڭلىكى شەكلىدىكى مۈرىلىرى ئوچۇق مۇراسىم كۆڭلىكى كىيىۋالىدىغان، ئوغلىنىڭ سۈننەت تويى بولۇۋاتسا ئانا بولغۇچى مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا يېرىم يالىڭاچ يۈرۈپ مېھمان كۈتىدىغان ئىشلار ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى. ھەتتا توي قىلغان قىزنىڭ قىلىۋالغان غەلىتە گىرىملىرى، مۈرىسى پۈتۈنلەي ئوچۇق كىيىملىرىگە قاراپ قىزنىڭ ئەسلىي چىرايىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەس، ئەيمىنىپ چىرايىغا تىكىلىپ قارىيالماس بولۇپ كەتكەنىدۇق. لېكىن ھازىر خانىم–قىزلىرىمىز قانداق كىيىنسە ئۆزىنىڭ سالاپىتىگە، ئوبرازىغا، كەسپىگە، ياش-قۇرامىغا ھەم ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. يېقىندىن بېرى توي قىلغان قىزلار ئەتلەستىن ئاجايىب چىرايلىق قىلىپ تىكىلگەن توي كۆڭلەكلىرىنى كىيىدىغان بولدى. بۇ خىل رەڭدار ئەتلەس كۆڭلەك تويى بولغان قىزنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىمۇ خۇشال قىلماقتا، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتلىرىنى يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، تويغا قاتناشقان مۆتىۋەر كىشىلەرنى بىئارام قىلماي، مۇشۇنداق كىيىنىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلماقتا. بۇنىڭغا ماس ھالدا مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھېلىقىدەك تاسمىلىق كۆڭلەك، مايكىلارنى كىيىپلا تالا–تۈزدە، بازاردا، خىزمەت ئورۇنلىرىدا يۈرىدىغان قىز-چوكانلارمۇ مۈرىلىرى ئوچۇق كۆڭلەكلىرىنىڭ ئۈستىگە نېپىز يېپىنچىلارنى كىيىۋالىدىغان ياكى ئۇنداق كىيىملەرنى كىيمەيدىغان بولدى. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. رايونىمىزنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، ياز پەسلى ئۇزۇنراق بولغاچقا بىزنىڭ قىز–ئاياللىرىمىز ئوچۇقراق كىيىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما بىزنىڭ بەدەن شەكلىمىز ئۆزگىچىرەك بولۇپ گەۋدىلىكرەك كېلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلغاندىن كېيىن بەدەن شەكلىمىزدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. شۇڭا ئۇنداق ئوچۇق كىيىملەر بىزگە بەك يارىشىپمۇ كەتمەيدۇ.

ئەمدى باش كىيىمگە كەلسەك، بىر مەزگىل پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلگەن باش كىيىملىرىمىز بولۇپمۇ دوپپا ھازىر ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن نامايان قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى دوپپا ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلار يېزىلدى، ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دوپپىنىڭ تۈرى، شەكلى، كىيىش ئۇسۇللىرى توغرۇلۇق تۈرلۈك مۇنازىرىلەر، مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا شەھەرلەردە دوپپا كىيىپ يۈرىدىغان كىشىلەر كۆپەيدى. تۈرلۈك يىغىلىش، ھېيت–بايراملىرىمىزدا ئەرلەرلا ئەمەس، ئاياللارمۇ خىلمۇ خىل دوپپىلارنى كىيىپ يۈرىدىغان، كىچىك قىزلىرىنىڭ چېچىنى 40 تال ئۆرۈپ دوپپا كىيدۈرۈپ ياساپ قويىدىغان بولدى، بۇمۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش.

دوپپىغا ئوخشاشلا ياغلىق مەدەنىيىتىمىزمۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ياغلىقنىڭمۇ دوپپىغا ئوخشاشلا مۇھىم روللىرى بار. ئۇ ئاياللارغا نىسبەتەن بىر تەرەپتىن زىننەت بۇيۇمى رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشنى ھۆل-يېغىن، ئىسسىق–سوغۇقتىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزدە كېچىسى ئۇخلىغاندا، تاماق ئەتكەندە يالاڭۋاش يۈرسە يامان بولىدۇ، دەيدىغان ئادەت بار. ئەمەلىيەتتە بىزدىكى نۇرغۇن ئىلمىي ئاساسى بار ‹‹يامان بولىدۇ›› لارغا ئوخشاش، بۇ خىل ‹‹يامان بولىدۇ›› نىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى بار. مەسىلەن، ئاخشىمى بېشىمىزغا ياغلىق چىگمىسەك چاچلىرىمىز چۇۋۇلۇپ، ياتقان يېرىمىزگە چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاشخانىدا ياغلىق چىگمەي تاماق ئەتسەك يۇغۇرغان خېمىرلىرىمىزغا، قازاندىكى تاماققا چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ ھەم چاچمۇ مايلىشىپ كېتىدۇ. قىز- چوكانلار ئەتىگىنى چاچلىرى چۇۋۇق ھالەتتە ئېرىگە كۆرۈنسە ئەرنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ…ۋەھاكازا.

ئۇيغۇر خانىم–قىزلىرى چىگىدىغان ياغلىقنىڭ خىلمۇ خىل تۈرلىرى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تۈرلۈك ئاتالغۇلىرى بار. بىز بۇ ياغلىقلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا، ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە، بارغان سورۇنلىرىمىزنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈپ چىگىمىز. يازدا كىچىكرەك، نېپىزرەكنى چىگسەك، قىشتا سەل چوڭراق، قېلىنراق ياغلىقلارنى ئىڭەكتىن قوشتۇرۇپ چىگىمىز. يەنى ياغلىقنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ قاتلاپ، ئىككى ئۇچىنى ئىڭەكنىڭ ئاستىدىن چىرايلىق قىلىپ چىگىۋالىمىز. ئىككى ئۇچى ئىڭەكنىڭ ئاستىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، بىر ئۇچى كەينىمىزدە تۇرىدۇ. چاچ ياغلىقنىڭ ئاستىدىن سەل–پەل كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ياغلىقنى پېشانىمىزنى ئېتىپ چىگىۋالمايمىز. پېشانىمىزدىن ئازراق چاچ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاياللارغا ئاجايىپ زىننەت بېرىدۇ.

ياشقا چوڭ ئاياللار چىگىدىغان بىر خىل ياغلىق بار، بۇنى لىچەك دەيمىز. ياشانغان ئاياللار بۇ خىل ياغلىقنى تۆت بۇرجەك قىلىپلا دوپپىسىنىڭ ئۈستىدىن سېلىۋالىدۇ. ئاندىن ئىككى ئۇچىنى قۇلاقنىڭ ئارقىسىغا قىستۇرۇۋالىدۇ. قالغان ئىككى ئۇچى كەينىگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا يەنە بېشىغا ھەر خىل بۆرتمە شاللارنى سېلىۋېلىپ ئۈستىدىن ئاجايىپ چىرايلىق قاما (سۆسەر) تۇماق كىيىۋالىدىغان ئاياللار كۆپ. بۇ خىل ياغلىق، تۇماقلارمۇ ئۇلارغا ئىنتايىن يارىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قايسى مىللەت، قايسى قاتلامدىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ تۇرىدۇ.

مەن بۇ يەردە يېقىندىن بېرى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بىزگە يات بىر خىل ھادىسىنى دەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ھازىر بىزدە بېشىغا قاپقارا ياغلىقلارنى چىگىپ باشتىن بوي ئۇزۇن، قاپقارا كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغان بىر خىل كىيىنىش ئادىتى پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنداق كىيىملەرنى بۇرۇن ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ قايتقانلار ئەرەب ئەللىرىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە ئالغاچ كېلىپ كىيگەن، ھازىر بۇ خىل كىيىمنى كىيىۋالىدىغانلار بىراقلا كۆپىيىپ كەتتى. باشقا يەرلەرنى كۆزىتىپ باقمىدىم، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ- ئادىتى نۇقتىسىدىن ئالمىغاندىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا بۇ خىل كىيىملەر زادى ماس كەلمەيدۇ. يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق، دىمىق. بەدەننىڭ كۆزدىن باشقا قىسمىنى ئورىۋالىدىغان بۇنداق كىيىملەر ئادەمنى دىمىقتۇرۇپ بىئارام قىلىدۇ. ئەتىيازدا لاي-پاتقاقتا ئوشۇققىچە تۇرغان بۇ كىيىملەر بۇلغىنىپ خېلى بىر يەرلەرگىچە مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق چىرايلىق كىيىم–كېچەكلىرىمىز، دوپپا، ياغلىقلىرىمىز تۇرسا، ئەرەبلەرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، باش-كۆزلىرىمىزنى ئورىۋېلىپ نېمە قىلىمىز؟ ئەمگەك قىلغاندا، توپا-چاڭ يەرلەردە يۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇنلىرىمىزنى ئېتىۋالغىنىمىز توغرا، ئەمما ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ بۇنداق قىلىۋالساق تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ شۇنداق كىيىنىشىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ياشاش شەكلى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى بەلگىلىگەن. لېكىن دىنىي ئېتىقادىمىز بىر خىل بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىلا نېمىسىنىڭ بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن. بۇ باشقا بىر مىللەتنىڭ، باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى. بىز كىيىمنى ئۇنداق ياكى مۇنداق كىيىش بىلەن ھەرگىز شۇ مىللەتكە ئايلىنىپ قالمايمىز. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزىمىز راۋاجلاندۇرمىساق، ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، قوغدىمىساق بۇ ئىشلارنى باشقىلار كېلىپ بىزگە قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەرەبچە كىيىنىۋالغان شۇ قىز-ئاياللار ئەرەب دۆلەتلىرىگە چىقىپ قاراپ باقسا بولىدۇ، ئۇ يەردە بىرمۇ ئايال ئۇيغۇرچە دوپپا كىيمەيدۇ، ياغلىق چىگمەيدۇ. ئۇيغۇرچە كىيىمنىڭمۇ، ئەرەبچە كىيىمنىڭمۇ پەقەت شۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىدە، ئاشۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۇچىسىدىلا قىممىتى بولىدۇ. بۇ يەردە بىر مىسالنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ: بىز ئوتتۇرا ئاسىياغا ئويۇن قويغىلى چىققاندا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر پائالىيىتىگە قاتناشتۇق. ئۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق چىرايلىق كىيىنىپ بىر زالنىڭ ئالدىدا ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇزۇن ئاق روماللىرىنىڭ ئۈستىگە دوپپىلىرىنى بىر چىرايلىق قوندۇرۇپ، قوللىرىدا ھەر يوغان كاۋا- قاپاقلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئاياللارغا قاراپ ئۆزۈمنى يېڭى بىر مەدەنىيەت دەۋرىگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم ھەم ‹‹ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق›› دەپ، ئۆزىمىز قەدرىنى قىلمىغان كىيىملىرىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە بۇ قەدەر ئەتىۋارلىنىۋاتقانلىقىدىن سۆيىنىپ ئەتىسىدىن باشلاپ مەنمۇ كوچىلاردا ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلىكىمنى، بادام دوپپامنى كىيىپ يۈردۈم. مېنى كۆرگەنلا كىشى ‹‹ئۇيغۇركەن، ئۇيغۇركەن›› دەپ كېتىشتى. دېمەك، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر بىر نەرسىنى كۆز قارىچۇقىمىزدەك ئاسرىغاندا، راۋاجلاندۇرغاندا، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغاندىلا، بۇ دۇنيادا ئۆز خاسلىقىمىز، ئالاھىدىلىكىمىز، قىممىتىمىز بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز.

راھىلە داۋۇت (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فولكلور پەنلىرى دوكتورى )

مەنمۇ ياغلىق مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي: ياغلىق چىگىش مەلۇم مەنىدىن ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 13-14 ئەسىرلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. مۇشۇ جەرياندا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىمۇ ئۆز ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدى. ماددىي مەدەنىيەتكە ئائىت تەرەپلەرنى كۆپ ھاللاردا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماسلاشتۇردى. مەسىلەن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، بۇ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما يۈرۈش-تۇرۇشى ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھىجاب بىلەن ئورىنىپ يۈرىدۇ، يەنە بەزى دۆلەتلەردە يېرىمى ئورىنىپ يۈرسە، يېرىمى بىر قەدەر ئەركىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىم-كېچىكىگە چەك قويۇلمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاياللار گەرچە ئىسلام ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، كىيىنىش جەھەتتە بىر قەدەر ئەركىن. مەسىلەن، مىسىر، تۈركىيىلەردە ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچىكىگە چەك قويۇلمايدۇ.

ئەمدى ئۇيغۇرلارنى ئالساق، بىزدە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئاياللار ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئۆي ئىشىنى قىلىش، بالا بېقىش بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا بەزى ئاياللار يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى. ھازىر ئاياللىرىمىز ئۆي ئىشى قىلىشتىن باشقا ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلاردا ئاياللار سودا–سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بىر قەدەر كۆپ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللار يۈزلىرىنى ئورىۋالسا تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ يەنە ئەرلەر بىلەن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان ئەنئەنىۋى مۇراسىم پائالىيەتلىرىمىز بار. مەسىلەن، دولان مەشرىپى ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن قىزىيدۇ.

ياغلىق چىگىشنىمۇ نوقۇل ئىسلام ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان باشقا مىللەتلەردىمۇ ياغلىق چىگىش ئادىتى بار. مەسىلەن، زاڭزۇلار، موڭغۇللار، مالايلار، فىلىپپىنلىقلار دېگەندەك. بىز بۇرۇن ياغلىقنى كەينىدىن ياكى ئىڭەكتىن ئارتىلدۇرۇپ چىگەتتۇق، كېيىن باشقا ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خىلمۇخىل ياغلىق چىگىش ئۇسۇللىرى پەيدا بولدى. مەن بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويماقچى، ياغلىق چىگىش بىلەن يۈزىنى يېپىش ئىككىسى ئىككى ئىش، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنلا ياغلىق چىگكەن. رايونىمىزنىڭ ھاۋا شارائىتى ناچار، قۇرغاق، كۈن نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا ئۇيغۇر ئاياللىرى ياغلىق چىگىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئەمما ياغلىق چىگدۇق دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل چىگىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىۋالساق مۇۋاپىق بولمايدۇ. بىزنىڭمۇ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز، ياشاش مۇھىتىمىز، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتقان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ئويلاشقان ئاساستا بېيىتقىنىمىز ۋە شۇ ئاساستا كىيىنگىنىمىز ياخشى.

ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى

كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مەنبە : ئۇيغۇرلار تورى

ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.23ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟
- ”ئۇچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ كە باھا

ئاپتۇرى: گۇلەن

مەرھۇم ئا. مۇھەممەدئىمىن ئۇيغۇردا ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ۋە نوپۇزلۇق شەخس. ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىلىملەر نوقتىسىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ھوسۇللۇق ئەسەرلىرى  دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن تېلۋىزور ۋە مەتبئاتلاردا كۆپ تەشۋىق قىلىندى. ئەسەرلىرى توختاۋسىز نەشىر قىلىندى. نەتىجىدە ئالىم ھاياتىدا نائىل بولمىغان نوپۇزغا ئېرشىتى. مەن بۇ يازمىدا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ”مىللەتلىك دەرىجىسى“ نى بېكىتكەن، “ ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا باھا بېرىپ ئۆتىمەن. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى دەرىجىسىنى بېكىتىپ چىققان، توردا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ ماقالە نۇتۇقلىرىدا نەقىل قىلىنغان(ئە. سىدىق)، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە باھا بېرىشنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقدىندۇر.

ئاپتۇر ماقالىسىنى ”مىلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ”پال“ ئاچىدىغان مىزان – ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىدۇر دەپ باشلايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالىدە ئۇنېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكى، قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، نېمىشقا مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە ”پال“ ئاچالايدىغانلىقى ھەققىدە ھىچ نېمە دېمەيدۇ. پەقەت “ بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە-جەمىيەت-مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتىي سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى – قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى…“ دېگەن بايانلىرىدىن، بىر مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئائىلە-جەمئىيەت ئەھۋالى، مەنىۋىي-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ھالبۇكى بۇ بايانلار بىزگە ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى ھەققىدە رۇشەن چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ يەردە تىلغا ئالىنغان ”ئىقتىدار ھالىتى، سۈپەت ئىقتىدارى، ئىجادىيەت كۈچى“ دېگەن ئۇقۇملارنىڭ زادى نېمىنى كۆرستىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن باشقىسى ئەمەس ئاشۇلارلا شۇنداق رول ئوينايدىغانلىقى يورۇتۇلمىغان. مەنچە ماقالەنىڭ كىرىش قىسمى مۇنداق يېزىلسا بولاتتى. 1. ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟ ئۇ مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى بۇ ئۆلچەمدە باھالىغاندا قانداق نەتىجە چىقىشى مۇمكىن؟ دۇنيادىكى قايسى مىللەتلەر بۇ خىل ئۆلچەم بويىچە باھالانغان، نەتىجىسى قانداق بولغان، ئۇيغۇرنى بۇ ئۆلچەمدە باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ دېمەك، ئاپتۇر ماقالىنىڭ بېشىدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئوچۇقلاش، پەرەز قىلىش باسقۇچلىرىنى تاماملىمىغان.

ئاپتۇر ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. ”ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت.“ بۇ بۆلەكتىكى چاتاق كىرىش بۆلىكىدىكى مۇجىمەللىكنىڭ داۋامىدۇر. ئوخشۇتۇش بىلەن كۆنكىرىتلاشتۇرساق، ئاپتۇرتارازىنى ۋە  تارازىنىڭ چىكىتلىرىنى بىزگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ يۈكنى تارتىشقا باشلايدۇ.

مەن ئاپتۇرنىڭ مىللەتلەرنى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى بويىچە ئايرىش نەزەرىيەسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم، نەتىجىدە بۇنداق بىر نەزەرىيەنى تاپالمىدىم. ناۋادا ئاپتۇرنىڭ يازغانلىرى ئۆزىنىڭ تەلىماتى بولسا بۇنى ئىسپاتلىشى كېرەل ئېدى، لېكىن ماقالىدە ئىسپاتلاش جەريانى يوق ئىكەن. ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاپتۇر تىلغا ئالغان ئۇقۇملاردىن سىياسىي مىللەت(دۆلەت تەۋەلىكى) دېگەن ئوقۇم بىلەن ئېتنىك مىللەت(مەدەنىيەت تەۋەلىكى) دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. بۇنى يەشسەك، جوڭگۇ توپرىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنى جوڭخۇئا مىللىتى دېسەك ( خەنسۇچىدا ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق دېيىلىپ كەلگەن، بۇرۇن پەقەت تەرجىمانلار بۇ سۆزنى كۆپلۈك مەنىسىدە جوڭخۇئا مىللەتلىرى دەپ تەرجىمە قىلغان، ئەمما 2009-يىلدىن كېيىن بۇ تەرجىمە ئۆزگەردى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار جوڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا كېيىن جوڭخۇئا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. ئالدىنقى تەرجىمىدە ئۇيغۇرلار جوڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىرى، دېمەك يەنىلا ئايرىم مىللەت، كېيىنكى تەرجىمىدە مىللەتنىڭ بىرى يەنى جوڭخۇئا مىللىتى، خەنسۇچە ئەسلى مەنە كېيىنكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلى خەنسۇچە مەنىنى تەرجىمانلار ”جوڭخۇئا مىللىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش“، ”تۆت تونۇش تەربىيىسى“ قاتارلىقلاردىن كېيىن ئاڭقارغان بولۇشى مۇمكىن)، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مىللەت ئۇقۇمى سىياسىي مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئەجدادى، تىلى، مەدەنىيىتى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر قايسى دۆلەتتە ياشىغان بولسا شۇ دۆلەت بېكىتكەن مىللەتكە تەۋە بولۇش، سىياسىي مىللەتكە تەۋە بولۇش دېگەنلىكتۇر.  سىياسىي مىللەتتە تەكىتلىنىدىغىنى پۇقرانىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ئەمەس دۆلەت تەۋەلىكى (Seton Watson). ئېتنىك مىللەت ئۇقۇمىغا كەلسەك بۇنىڭدا تەكىتلىندىغىنى كىشىنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ( تىل، تارىخ، ئەجداد، مىللىي خاراكتىر، مىللىي ئاڭ ئورتاقلىقى ئاساساسىدىكى گەۋدە)، دۆلەت تەۋەلىكى ئەمەس. دېمەك بۇ ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېگىنىمىزدە ئېتنىك مىللەت بولغان بولىمىز. جوڭخۇئا مىللىتى دېگىنىمىزدە سىياسي مىللەت بولغان بولىمىز. ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدە سىياسىي مىللەت، ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ئېتنىك مىللەت. جوڭگۇدىكى خەنسۇلار ئۆزىنىڭ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ھەم سىياسىي مىللەت ھەم ئىتنىك مىللەت. ئۇلار ئۈچۈن سىياسىي مىللەت بىلەن ئېتنىك مىللەت بىر ئۇقۇم. ئەمما مالايسىيادىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى خەنسۇلارنىڭ  ئېتنىك مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ. خەنسۇ زىيالىلىرى خېلى بۇرۇنلار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن بولسىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلمىگەن ئېدى. 2009- يىلدىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ بۇنداق ئايرىلىشى گەۋدەلەندۈرۈلۈشكە باشلىدى. (مەن ”چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرۈر“ دېگەن تېمامدا مۇشۇنىڭغا يانداش مەسىلىلەرنى دەپ ئۆتتۈم).

ئاپتۇرنىڭ ”ئىجتىمائى مىللەت“ دېگەن ئۇقۇمنى نەدىن تاپقانلىقىنى بىلمىدىم. ماقالىدە بىرمۇ نەقىل يوق. مەنچە ئاپتۇر ”ئتنولوگىيلىك مىللەت“ دېگەننى ماقالىسىدە تىلغا ئالغاندەك ”تەبىئى مىللەت“ دەپ چۈشەنگەن بولغاچقا مەزكۇر سۆزنىڭ زىت سۆزى بولغان ئىجتىمائىي مىللەت دېگەن ئۇقۇمنى ياساپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، ئا. مۇھەممەدئىمىن ماركىسىزىمچى زىيالى. ماركىس ”ئادەم بارلىق ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى“ دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي مىللەت (ئىتنولوگىيەلىك مىللەت) دەپ قارىسا ماركىسىزىمغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغانىكەن، ئىنسانلار توپى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ تەبىئىي مىللەت ئەمەس ئىجتىمائىي مىللەت بولغان بولىدۇ.

ئاپتۇر ئىجتىمائىي مىللەت بىلەن تەبىئىي مىللەتنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ، “ ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەن’ ئەنىۋىي مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت“. ئاپتۇرنىڭ بۇ يەردىكى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئۇقۇمى ھەققىدىكى قارىشى باشتىكى قارىشىدىن پەرقلىنىدۇ. ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇرنى ئىجتىمائىي مىللەت ئەمەس دېيىشتىكى ئاساسى ”تۈركۈم ئېڭى، ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز، مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ئاڭسىز“، لېكىن ھىچ قايسىغا پاكىت كۆرسەتمىگەن. بۇ يەردىكى تۈركۈم ئېڭى دېگەن گەپنى مىللىي ئاڭ دەپ چۈشەنسەك ئاپتۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئاجىز دېگىنىگە دەلىل تەلەپ قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئاپتۇر ھىچ دەلىلسىز شۇنداق دېگەن، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭى كۈچلۈك. مەن بۇنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەلىللەيمەن. بىزدەكلا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە موڭغۇللاردا خەنسۇچە ئىسىم قويۇش كومىنىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئومۇملىشىقا باشلىغان. موڭغۇللاردىن جوڭگۇنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولغان ۋۇلەنڧۇ خەنسۇچە ئىسىم قويغان. مەن ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە موڭغۇللارغا دەر بەرگەن، موڭغۇلچە ئوقۇغان بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە 7،8 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى خەنسۇچە ئېدى. ئەمما ئۇيغۇردىن مەركەزدە ئەمەل تۇتقانلاردىن خەنسۇچە ئىسمى بار بىرسىمۇ يوق. باشقىسىنى قويۇپ مەدەنىيەت ئىزچىللىقىغا كەلسەك، مەدەنىيەتتىكى ئىزچىللىق ئەسلىدىلا كۆپىنچە ئاڭسىز داۋاملىشىدۇ. ھىچ قايسى مىللەت ئەزالىرى بىر يەرگە كېلىپ ئۇنى ئىزچىللاشتۇرايلى، بۇنى تاشلايلى دەپ مەسلەھەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن، ھىچقايسى ئۇيغۇر سوقا، جۇۋازدىن ئاڭلىق ۋاز كەچمىدى. زامان ئۆزگەرسە مەدەنىيەتتىكى بەزى ساھەلەردە ئىزچىللىق توختايدۇ.

ئاپتۇرنىڭ سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ دەلىلسىز گەپلەر بولۇپ تەپسىلى رەددىيە ئۈچۈن ئايرىم ماقالە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يازمىمىزنىڭ مەقسىدى ئەمەس. قىزىقارلىق يېرى ئاپتۇر يەھۇدىلارنى سىياسىي مىللەت دېگەن. يەھۇدىلار ئەمەلىيەتتە ئاپتۇرنىڭ ئىتنولوگىيەلىك مىللەت ھەققىدىكى شەرتىگىمۇ توشمايدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇرجەكلىرىدىكى يەھۇدىلار شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى قوللىنىدۇ. تۈركىيەدە تۈركچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى، ئۆزبەكىستاندا ئۆزبېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى بار. ھەتتا يەھۇدىلارنىڭ ئىرقىمۇ بىر بىرگە ئوخشىمايدۇ، قارا تەنلىك يەھۇدى، ئاق تەنلىك يەھۇدى…ئەمەلىيەتتە يەھۇدىلارنى بىر مىللەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئامىل ئۇلارنىڭ دىنى ۋە شۇ دىنىغا باغلانغان مۇراسىملىرىدۇر. مەلۇم مەنىدە يەھۇدىلار بىر دىنى گورۇپپا، ئىقتىسادى گورۇھتۇر. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى يوقالغان يەھۇدى تىلىنى ئۇلار دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۇلار ھەممە ئىشتا يات تىل قوللانغان بىلەن چۈشەنمىگەن تەقدىردىمۇ تەۋراتنى يەھۇدى تىلىدا ئوقۇشنى ئىزچىل داۋام قىلغانىكەن.

خۇلاسەم شۇكى، مەزكۇر ماقالە ياخشى نىيەتتە يېزىلغان لېكىن ئىلمىي يېزىلمىغان ماقالىدۇر. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىللەتنى ئۈچكە ئايرىش ئۇسۇلىدا تەييار ئىلمىي ئۇقۇملار ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، يوق ئۇقۇملار ياسالغان، دەلىللىرى يېتەرسىز، ھۆكۈملەر ئىسپاتسىز بولۇپ قالغان. ماقالىنىڭ خەتەرلىك يېرى بىلىپ بىلمەي مۇستەملىكىچىلكنىڭ قاپقىنىغا دەسسىگەنلىكىدۇر. ئاپتۇرنىڭ مىللەتنى  ئۈچكە ئايرىپ ئۇيغۇرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە قويۇشى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنتىقىسىدۇر. مۇستەملىكىچىكنىڭ تەلىماتىچە مىللەتلەر بىر بىرىدىن ئىلغار قالاقلىقى بويىچە دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مۇستەملىكە قىلغۇچى مىىلەت ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە مەنسۇپ بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە قىلالىشىنى ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقى بەلگىلىگەن. مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت قالاق دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەملىكىك تەقدىرىگە رازى بولشى كېرەك. مۇستەملىكىچىلەر بۇ خىل تەربىيەنى ئاخبارات، مائارىپ قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن مۇستەملىكىلەنگۈچىگە سىڭدۈرۈپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بۇ خىل دەرىجە پەرقىنى تەبىئىلىك دەپ قوبۇل قىلىدىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھازىرقى دۇنيا مۇستەملىكىچىككە قارشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن دۆلەتلەرنى بىرىنجى دۇنيا ئەللىرى، ئىككىنجى دۇنيا ئەللىرى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى دەپ دەرىجىگە ئايرىشمۇ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدى. ھازىر دۇنيادا ئىنساننى ۋە ئىنسانلارنى ھەرقانداق سەۋەپتىن دەرىجىگە تۇرغۇزۇش ئىرقچىلىقتۇر، مۇستەنلىكىچىكتۇر، مەدەنىيەتسىزلىكتۇر.

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ھوسۇللۇق ئالىم، مىھنەتچان تەتقىقاتچى لېكىن ئۇنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى ئويلاشمايلا قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىگە ئويلانمايلا ئەگىشىشنىڭ تۇغرا ئەمەسلىكى يۇقۇرىدىكى بايانلىرىمىزدىن مەلۇمدۇر.

تۈگىدى.

مەنبە: Jack blog جېك بىلوگى

ئويغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە»

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.23ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 17 viewsئىنكاس سانى : 0

ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن

سان ئىنسان تەپەككۈرى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلېرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەلگىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق بولغان بەزى سانلارنىڭ مەنىۋىي تۈس ئېلىشى بىر قەدەر ئوموملاشقان ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەت ھادىسى ھېسابلىنىدۇ.بۇ سانلارنىڭ «خاسىيەتلىك سان» غا ئايلىنىپ قېلىنىشىنىڭ كونكىرېت سەۋەبلېرى بار.ئەينى ۋاقىتتا بۇ سانلار ئىنسان تەپەككۈرۈدىكى مەۋھۇم ھادىسىلېرىنىڭ كونكىرىت بەلگىسى بولۇش رولىنى ئوينىغان. شۇ ئاساستا بۇنداق سانلار بارغانسېرى قېلىپلىشىپ ، ئەقىدە ۋە ئېتىقادقا ، تۇرمۇش ئادەتلېرىمىزدە ، ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيەتلېرىمىزدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان .

ئۇيغۇرلار – شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە ، تارىخى ئۇزۇن مىللەتلەرنىڭ بىرى .«ئۈچ»«توققۇز» غا ئوخشاشلا «يەتتە» مۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىجتىمائىي ، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان خاسىيەتلىك سان . تۈرلۈك – تۈمەن ھادىسىلەر ، ۋەقەلەر،ۋە سەۋەب – ئامىللار شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى ، «يەتتە» سانىنى ئۇلۇغلاش ئۇزاق تارىخى جەريانلاردىن بېرى شەكىللىنىپ داۋاملىشىپ كەلگەن . ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن ۋە سېستىمىلاشقان . ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋىرلەردە شامان دىنى ، زەردۇشت (ئوتپەرەسلىك) ،بۇددا دىنى ، مانى دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان . مىلادى 8 – ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى غەربىي ئاسىيادىن شەرىققە يۈزلەنگەن ، كېيىن شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىگە ، جۈملىدىن قەشقەر ، يەركەن ، خوتەنلەرگىچە تارقالغان . بۇددا دىنى ئاخىرى ئىسلام دىنى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى . گۈزەل بوستانلىقنى ماكان تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوت – چۆپ قوغلىشىپ يۈرۈيدىغان كۆچمەن ھالەتتىن ، مىلادى 840 – يىلىدىن كېيىن ، شەھەر ، يېزىلاردا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ھاياتلىققا كۆچتى . ئىقتىساد روناق تېپىپ ، كىيىم – كېچەك ، يېمەك – ئىچمەك كۆپىيىپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەن . ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بارغانسېرى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ، يېڭى – يېڭى ئۆرۈپ – ئادەت ، كۆز قاراشلېرىنى مەيدانغا كەلتۈردى .بۇ خىل ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلارنىڭ غايىۋىي تەلىپى ، مەنىۋىي ھاۋالىسى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، پىسخىك ھالىتى ، ھەرىكەت نورمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە گەۋدىلەندى . ئىسلام مەدەنىيەت ئەينى دەۋرىدە شۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن راۋاجلانغانكى ، تىلشۇناسلىق ، ئەدەنىيات ، تىبابەتچىلىك ، باغۋەنچىلىك ، ھۈنەر – كەسىپ ، قىسقىسى ، ئىلىم – مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرقانداق ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر تەبىقىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى . ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، مائارىپ ، ئاقارتىش ئىشلېرىنى ئاساسەن ئەرەب – پارىس تىللېرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ، ئەرەب – پارىس تىلىدا ئوقۇغان ۋە بۇ تىلنى ئىگەللىگەن زىيالىيلارنىڭ كۈندىن كۈنگە ، يىلدىن – يىلغا كۆپۈيۈشكە باشلىشى ، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ، سان – سىفىرلارنى تولاراق ئەرەب ياكى پارىس تىلىدا ئېيتىشى ، يېزىشىنىڭ بىر خىل مۇددىئاغا ئايلىنىشتىكى سەۋەبلەرمۇ ئەنە شۇ مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» پەقەت ئىسلام دىنى ئادەتلېرىنىڭ تەسىرىدىن قېلىپ قالغان دېيىشكە بولمايدۇ .

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» چۈشەنچىسى «توققۇز» ساننىڭ سىرلىق خارەكتىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، «يەتتە» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان ، بىر قىسىم ماتىرىياللاردا «ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى خاتىرىلەردە<يەتتە> نىڭ سىرلىق خارەكتىرىگە ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ» دەپ يېزىلغان .ئەمما مەڭگۈ تاش پۈتۈكلېرىدىكى «يەتتە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز – جۈملىلەر ، يۇقارقى قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ .

تارىخ تەتقىقاتچىلېرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، ئىسلام دىنى مىلادى 610 – يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان ، مىلادى 10- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە ، قاراخانىيلارنىڭ خانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن ، بۇ دىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان . ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، مەڭگۈ تاشلار 8- ئەسىرلەردە ئورنىتىلغان . ئاشۇ مەڭڭۈتاش پۈتۈكلېرىدە ئەجدادلېرىمىزنىڭ سان مۇقەددەسلىك ئېڭىدىكى «يەتتە» گە دائىر كۆپلىگەن بايانلار ئۇچرايدۇ . شۇ نۇقتىدىن چۈشۈنۈشكە بولىدۇكى «يەتتە» ئۇلۇغلۇقى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ، بەلكى ئىسلام دىنى تەسىرىدە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن . خاسىيەتلىك سان «يەتتە» توغرىسىدا بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىغا ئائىت قەدىمىي كىلاسسىك ئەسەرلەردىن نۇرغۇن بايانلار بار .

تۆۋەندە بىز مەڭگۈ تاش پۈتۈكلېردە خاتىرىلەنگەن خاسىيەتلىك سان «يەتتە» گە دائىر بايانلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز :

«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دىكى بايانلار :ئورمانلىق ۋە تاغ – دالىلاردا قالغانلېرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى . ئۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى قوشۇن ئۇلۇغ شاھ ئىدى .

ئىلتەرىش خاقان دانا ، باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن ئون يەتتە قېتىم ئۇرۇش قىلدى . قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى ؛ قاپاغان خاقان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقىتىدا ، مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم .

«كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» دىكى بايانلار : شەرىقتىن غەرىبكە يۈرۈش قىلىپ توپلىغان كىشى يەتتە يۈز بوپتۇ . يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن ………. ؛ ئۇ قىرىق يەتتە قېتىم ئەسكەر چىقىرىپتۇ ؛ئىنىم كۆلتېكىن يەتتە ياشتا ئىدى ؛ كۆلتېكىن يىگىرمە يەتتە يېشىدا ، قارلۇقلار ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولدى ۋە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ؛ قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ، يەتتىنچى ئەرنى قىلىچلىدى ؛ كۆلتېكىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچىكى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى ، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۆتكۈزدۇق . قەبرىسىنى ، نەقىشىنى ، تاش پۈتۈكىنى (تاش مۇنار) مايمۇن يىلى يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى پۈتۈنلەي ياسىلىپ بولدى . كۆلتېكىن قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى .

«بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دىكى بايانلار : شەرىقتىن غەرىبكە يۈرۈش قىلىپ توپلىغان كىشى يەتتە يۈز بوپتۇ ، ئۇ يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن ….. ؛ ئۇ قىرىق يەتتە قېتىم ئەسكەر چىقىرىپتۇ ؛ ئون يەتتە يېشىمدا تاڭغۇتقا قوشۇن ئەۋەتتىم ؛ يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم ؛ بىرىنچى يىلى تايغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى يوقاتتىم ؛ چوشقا يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق ؛ يەتتە كېچە – كۈندۈزلەپ مەن سۇسىز چۆللەرنى كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم .

يۇقۇرلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ سان چۈشەنچىسىدىكى «يەتتە» ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى دەۋىرلەردىمۇ بارلىققا كەلگەن .

ئۇيغۇر خەلق ئارىسىدىكى «يەتتە» رەقىمى ئىلاھقا ۋە كۆككە چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان .

ئۇيغۇر خەلق ئارىسىدىكى «يەتتە» رەقىمى ئىلاھلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇ دەسلەپتە ئىلاھىي سان بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمىي ئالتاي مىللەتلىرىنىڭ ئاسمان ئىلاھىي سان بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمىي ئالتاي مىللەتلىرىنىڭ ئاسمان ئىلاھىغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇنى تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ . ئالتاي رىۋايەتلىرىدە ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ئۇلۇغ تەڭرى «كۈن» دەپ كۆرسىتىلگەن ، ئۇ ئالتاي تىلىدا «ئۈلكىن تەڭرى» دەپ ئاتالغان . خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، «ئۈلكىن» تۈرك تىلىدا «ئۇلۇغ ، زور» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ، قۇياش تەڭرى بىلەن ئاي تەڭرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇدىكەن ، ئېيتىلىشىچە ، «ئۈلكىن تەڭرى» نىڭ قەسىرىگە كىرىدىغان يولدا يەتتە توساق بار ئىكەن «يەتتە قات ئاسمان» ، بۇ توساقلار «ئەر شامان» كەلگەندە يېشىلىدىكەن . يەتتىنچى توساق «تۆمۈر قوزۇق (شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى)» بىلەن تۇتاش ئىكەن . «ئۈلكىن تەڭرى» نىڭ يەتتە ئوغلى ، توققۇز قىزى بولۇپ ،ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئايرىم – ئايرىم ھالدا «قارشىت» ، «بۇغراخان» ، «يېشىلغان»، «بوچاخان»،«قارا كۈش» ، «بەختىخان» ، «ئەكانىم» ئىكەن . بۇ رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان يەتتە ئىسىم ئېھتىمال يەتتە يۇلتۇزنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن . ئىلاھىي رەقەم «يەتتە» نىڭ شەكىللىنىشى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى پارىسلارنىڭ زارۇ ئاستىر دىنى مەدەنىيىتىنىڭ ،ھىىندى-ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قاراشقىمۇ بۇلىدۇ . لېكىن قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر بۇخاسىيەتلىك سان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىن نوقۇل سان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ ، ئۈزلۈكسىز مۇككەممەللىشىپ ، ئەڭ ئاخىرى كۈچلۈك مىللىي ، دىنىي ، ئىجتىمائىي ۋە ئېتنىك ئۇقۇمىغا ئايلاندى . ئۇ ،ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئەقىدىلىرى بىلەن مەھكۇم يۇغۇرۇلۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى ، ئۇنى كۈندىلىك ھاياتتا ، تىل ۋە يېزىقتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىش مۇمكىن . مەيلى سىياسى ،ئىقتىسادى ،تارىخى ، جۇغراپىۋىي ، دىنىي ، ئاسترونومىيلىك ، تىببىي ، كالىندارچىلىق ، ئۆرۈپ-ئادەت ، يەر-جاي تەزكىزچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن ياكى يازما ئەدەبىيات ، خەلق ئېغىز ئەدەبىيات جۈملىدىن ئەپسانە ، رىۋايەت ،داستان ، چۆچەك ، ماقال – تەمسىللەردە بولسۇن ، خاسىيەتلىك «يەتتە»سانى ھامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ .

ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەتتە» رەقىمى ئاساسىي جەھەتتىن «كۆپ ، ئەڭ كۆپ ، ھەممىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى «تۆگە ئۇسۇلغا چۈشسە ، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار» ، «ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە ، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ» قاتارلىق ۋە «يەتتە قەۋەت ئاسمان» ، «يەتتە ئىقلىم» ، «يەتتە كۈنلۈك ئالەم» ، «يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە» قاتارلىق سۆزلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە «پۈتكۈل دۇنيا» ، «پۈتكۈل كائىنات» ، «بۇ دۇنيا» ، «بارلىق كىشىلەر قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ» .

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن ئۆرپ – ئادەتلىرى «يەتتە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزىگە خاس نۇرغۇن ئۆرپ – ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . بۇلارنىڭ بىر مۇنچىلىرى خاسىيەتلىك «يەتتە» سانى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ ، رېئال تۇرمۇشتا داۋاملىق ئۇچرايدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇغقان تۇنجى كۈنى ، تۇغۇت ئانىسىدىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالغا يېقىنلىشىغا ياكى تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆيگە كىرىشىگە روخسەت قىلىنمايدۇ .بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ ؛ ئوغۇل يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ . قىز بولسا قۇلىقىنى تېشىش قاتارلىق مۇراسىم ۋە بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتە ھەپتىدىن كېيىن بۆشۈك قىلىدۇ . ئۇيغۇر كىشىلېرى قازا قىلسا ئۆي ئىچىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ ھازا ئېچىش ، يەرلىكىنى قويغاندا گۆر ئاغزىغا يەتتە كەتمەن توپا تاشلاش ، قازا تاپقان كىشىنىڭ روھىنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئۈچۈنچى كۈنىدىن باشلاپ ياغ پۇرۇتۇپ ، «ئۈچ » «يەتتە» نەزىرىنى ئۆتكۈزۈش ، 40 كۈنگىچە ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم «ئازنا ئاخشىمى» ئۆتكۈزۈش ، سەپەرگە چىقىش ، ئۆي كۆچۈشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ياغ پۇرۇتۇپ نەزىر بېرىش قاتارلىق ئادەتلەر بۇ پىكىرنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلايدۇ . ھازىرغىچە كىشىلەر ئارىسىدا يەنە «يەتتە دومىلىغان سۇنى ئىچىش ھالال» دەيدىغان قاراشلارمۇ بار .

ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىدا تەييارلىنىدىغان نورۇز ئېشى «شەمسىيە يىلى» سۆزىدىكى «ش» ھەرىپىدىن باشلانغان يەتتە خىل يېمەكلىك . يەنە «شىرنە» ، «شاراب» ، سۈتتىن ياسالغان «شېرىن» ، «شىكەر» ، «شەربەت»، «شام» ، «شانە» ۋە «شەمسىيە يىلى» سۆزىدىكى «س» ھەرىپىدىن باشلانغان يەتتە خىل ئۆسۈملۈك ، «سەۋزە» ، «سامساق» . «سىركە» ، «ساپالغا» ، «سىيادان» ، «سىنجىد» قاتارلىقلار ۋە بۇغداي ، قوناق ، ئارپا ، كۆك ماش ، گۈرۈچ ، ئۇششاق گۈرۈچ ، ئاق يېسىۋىلەك ، پۇرچاق قارتارلىق يەتتە خىل دانلىق يىمەكلىكلەر تەييارلىنىدۇ ؛ ھەج پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن كەبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىدۇ . ساپا مەرۋا تېغى ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم يۈگرەيدۇ ….

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا «يەتتە» نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .

خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ژانىر شەكىللىرىدىمۇ «يەتتە» سانى ھەمىشە خاسىيەتلىك سان سۈپىتىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەسىلەن :

1)ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدە مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ .

بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ .

يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس .

70 تىن قورقما ، يەتتىدىن قورق .

تۆگە ئۇسۇلغا چۈشسە ، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار .

يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار ، ئېلىدىن ئايرىلغان ئۆلگىچە (يىغلار) .

تۆت كەپتەرگە يەتتە كۆۋرۈك ، يازدا ياتقان قىشتا رۈۋۈك .

تاغ يەتتە بالادىن يىراق .

ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە ، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىىپتۇ .

يەتتە ياشتا ئاشىق بولدۇم .

يەتتە ياشتىن ، يەتمىش ياشقىچە.

2) ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا

ئەجەبمۇ يارىشىپتۇ،

ئەتلەس كۆينەك ئۇچاڭغا.

كۈندە يەتتە كېلىمەن ،

قەلەندەردەك كوچاڭغا .

بۈگۈن ئايغا ئون دەيدۇ،

ساناپ باقسام ئون يەتتە.

بىزنىڭ يارنى چوڭ دەيدۇ،

سىكىلەكلىرى كالتە.

بۈگۈن ئايغا ئون يەتتە ،

مەن ئۆزەم خىجالەتتە.

مەندىن باشقا يار تۇتساڭ ،

سورىقىم قىيامەتتە .

3)ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە : «شاھزادە قورسىقى ئاچسا شاپتۇل بىلەن نەشپۈتنى يەپ ، ئۇيقۇسى كەلسە، ئاسماننى يېپىنچا ، يەرنى سېلىنجا قىلىپ يېتىپ – قوپۇپ يولنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ . شۇنداق قىلىپ يەتتە كېچە – كۈندۈز چۆل – باياۋان ئىچىدە تىنەپ يۈرۈپ ، ئاخىرى بىر چوڭ تاغقا ئۇلىشىپتۇ» .(«ياغاچ ئات» ،

«ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 1- قىسىم 17-بەت .)

«يىگىت ئىككى بىسلىق قىلىچنى توغرا تۇتقان پېتى ئەجدىرھانىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ، قۇيرۇقىدىن چىقىپتۇ ، ئەجدىرھا ئۆلۈپتۇ . بۇنى كۆرگەن قىز ناھايىتى خوشال بولۇپ ، يىگىتنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ … شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەتتە كېچە – كۈندۈز چوڭ توي – مەرىكە قىلىپ ، قىزنى يىگىتكە نىكاھ قىلدۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە يىگىتنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىپتۇ» («تەدبىرلىك پادىشاھ» ، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 1- قىسىم 82- بەت)

«بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم بوپتىكەن ، ئۇنىڭ بالىلىرى ئۆلۈپ زادىلا توختىماپتۇ . قىلمىغان ئىشى قالماپتۇ . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ يەتتىنچى ئوغلى تۇرۇپ قاپتۇ . ئۇنىڭ ئىسمىنى تۇردى قارى قويۇپتۇ » .

4) ئۇيغۇر خەلق داستانلېرى :

«دانىيات ۋاقتىنى غەنىمەت بىلىپ لەيلى قىر ئاتلىق تۇلپارنى مىنىپ يولغا چىقىپتۇ . بۇ تۇلپار بىر كۈندە بىر ئايلىق يولنى بېسىپتۇ . ئۇنىڭ بەدىنى ئاجايىپ كېلىشكەن چوقۇر ئىكەن . ئۇنىڭ قەددى دىۋىنىڭ سۈرىتىگە ، سىرتى مالائىكىنىڭ كۆرۈنىشىگە ئوخشايدىكەن ، يايلى بوينىنى يېپىپ يەرگە چۈشكەن ، تۇۋىقى يەلەكنى كۆزلىگەن شۇنداق بىر ئات ئىكەنكى ، دانىيات شۇ ئات بىلەن يەتتە كۈندە ئۆزىنى ئەھمەدخاننىڭ شەھىرىدە كۆرۈپتۇ» («گۆر ئوغلى» داستانى «مىراس»ژۇرنىلى 1983- يىلى 1- سان 22- بەت) .

«شۇنىڭدىن كېيىن موماي يەتتە باشلىق يالماۋۇز سۈرىتىدە ئۆيگە بېرىپ ، مەختۇمسۇلانىڭ چېچىدىن لىمغا ئېسپ قويۇپ قېنىنى شوراپتۇ . ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ ، سىڭلىسىنى كۆرۈش بىلەن ھەيران قاپتۇ . كۆڭلىگە گۇمان تولۇپتۇ : <ھەي سىڭلىم ، يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە شۇنچە ئورۇقلاپ سارغىيىپ ، ھالىڭدىن كېتىپسەن ، نېمە بولدۇڭ ؟ كىم ساڭا ئازار بەردى؟> دەپ سوراپتۇ» («چىن تۆمۈر باتۇر» ، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» 1-كىتاب 153- بەت)

«قەمەر شاھقا قايتىدىن جان كىردى . يەنە 99 كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن پايانسىز دەشىتكە يەتتى . قۇملۇق ئىچىدە يەتتە كېچە – كۈندىن يول يۈرگەندىن كېيىن ، تەشنالىقتىن يىقىلدى» («قەمەر شاھ ۋە شەمسى جانان» ، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» 1- كىتاب 153- بەت) .

«يەتتە» نىڭ ئاسترونومىيە جەھەتتىكى ئىپادىلىرى

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» دىنىي ، تارىخىي ، رىۋايەت ، داستان ، چۆچەك ، ماقال تەمسىللەردىلا بولماستىن بەلكى ئاسترونومىيە ۋە كالىندارچىلىقتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ھەممىمىزگە مەلۇم ، پولشا ئاسترونومىيە ئالىمى كوپېرنىك 15- ئەسىردە قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت «يەر مەركەز» تەلىماتىغا ئىشىنەتتى . «يەر مەركەز تەلىماتى» ئىنسانىيەت ئارىسىدا 1500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ، بىردەك ، «يەرشارى تۇرغۇن ھالەتتە بولغان بولىدۇ ، قۇياش ، ئاي ، مارىس ، يۇپىتېر ، مېركۇرىي ، ۋېنېرا … قاتارلىق يۇلتۇزلار يەرنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ » دەپ قارىلاتتى . بىزنىڭ ئەجدادلېرىمىمۇ يىراق قەدىمىي زامانلاردىن باشلاپ ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق ھالدا تەبىئەتنىڭ سىرىنى بىلىشتەك ئىستىكىنى ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىگە تەدبىقلاپ كەلگەن . ئۇلار كۈن بىلەن تۈننىڭ ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ ، كۈن ، ئاي ۋە پەسىللەرنىڭ دەۋرىي ھالدا ئالمىشىپ ، ئايلىنىپ تۇرۇش سەۋەبلىرىنى يۇقۇرقىدەك ئاسمان جىسىملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ چۈشەنگەن . ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ كائىناتتا بولغان تەسىرى … قاتارلىقلارنى ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە تەكرار كۆزىتىپ ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يىللىق ھەرىكەت دەۋرىنى مەلۇم ئېنىقلىق بىلەن ھېسابلاپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى «يېزىقسىز ۋاقىت كالىندارى» پەيدا بولغان (يۇلتۇز كالىندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . كېيىنچە بۇ كالىندارلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ھېسابلىنىپ ، شۇ ئاساستا «قەمەرىيە كالىندارى» ۋە «چۆچەكلىك كالېندار» كېلىپ چىققان . ئەجدادلېرىمىز يۇلتۇز كالىندارىنى يارىتىش جەريانىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئاساسىي پىلانىتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپتىدائىي ھالدا بىلىپ يەتكەن . ئۇلارنىڭ تەرتىپى مۇنداق ( ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەتكە تىزىش تەرتىپى مۇنداق):

سەكەنتر (زۇھەل ، ساتۇرۇن 土星)

ئوڭاي (مۇشتەرى ، يوپىتېر 木星)

كۇرۇد (مېردىخ ، مارىس 火星)

يەشىق (شەخس، قۇياش 太阳)

سەۋت (زۆھرە ، چولپان ، ۋېنىرا 金星)

سۇنبۇل (ئارزۇ ، مېركورىي ، ئاتارۇت 水星)

يالچىق (قەمەر ، ئاي 月亮)

ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن ، بۇ ئىلىم يۈزەكىلىكتىن چوڭقۇرلۇققا ، شەكلدىن ماھىيەتكە ، تۆۋەنلىكتىن يۈكسەكلىككە قاراپ تېخىمۇ تېز راۋاجلىنىشقا باشلىدى . ھېچقانداق ئاستىرونومىيىلىك كۈزىتىش ئەسۋابلىرى ۋە تېخنىكىۋىي قوراللار بولمىغان ئەنە شۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار پۈتكۈل يەرشارى بىلەن بولغان ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا ھەل قىلىپ ، ئوخشاش بولمىغان ئاسمان جىسىملىرىغا چوڭقۇر ئەقىدە باغلاپ ئۇلارغا چوقۇندى . ئۇلار : ئاسمان ، كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، بۇلۇت ، قار – يامغۇر ، چاقماقتىن ئىبارەت يەتتە قىسىم ئىدى . ئۇلار ئەنە شۇ «يەتتە» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يورۇقلۇقىنى مۇقەددەس بىلىش ، ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن نىجادلىق – مەدەت تىلەش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كەلدى . كۈن ، ئاي كۆيگەندە ياكى تۇتۇلغاندا ، يەر تەۋرىگەندە «دۇنيانىڭ گۇناھى كۆپىيىپ كەتتى» دەپ قاراپ ، ئۇنىڭغا ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن 40 كۈنگىچە دۇئا – تەكبىر قىلىش ، نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزۈش ، كۈندۈزى كۈنگە ، كېچىسى ئايغا قاراپ تۇرۇپ ، چوڭ – كىچىك تەرەت قىلماسلىق ، بىتەرەت كۈنگە قارىماسلىق ، يامغۇر ، قار ياغمىغاندا (قاتتىق قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەندە) ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن 40 كۈنگىچە دۇئا – تىلەپ قىلىش قاتارلىق بىر مۇنچە ئۆرۈپ ئادەتلەر تۇرمۇشتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار مارىس يۇلتۇز تۈركۈمىگە يىتكەن (يەتتە ئىكەن) دەپ نام بېرىپ ، ئۇ كۆرۈنگەندە «بالايى – ئاپەت ياغىدۇ» دەپ قاراپ كەلدى . ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ بىرمۇنچە جايلىرىدا «يەتتە» ھەققىدە ئاسترونومىيىلىك مىساللار ئېلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر ، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋە ئىجداىي بېيىتىپ كامالەتكە يەتكۈزدى . ئۇجاھانغا مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ «يەتتە يۇلتۇز ۋە 12 بۈرجەك بايانى» (67-بەت) دا شېئىرىي تىل بىلەن «يەتتە» نى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق ئەكىس ئەتتۈرگەنىدى :

131 بۇلاردىن ئەڭ ئۈستىن سەكەنتىر تۇرۇر ،

ئىككى يىل سەككىز ئاي بۇر بۇرجدا قالۇر.

132 ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي،

قالۇر بىر بۇرجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي .

133 ئۈچۈنچى كۇرۇددۇر غەزەپتە يۈرۈر .

قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۋر.

134 تۆتىنچى قۇياشتۇر ، يورۇتار جاھان ،

يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان .

135 بەشىنچى سەۋىتتۇر ، سۆيۈملۈك ئۆزى ،

ئۇباقسا كۆرەرسەن خوشاللىق يۈزى .

136 ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ كېلەر ،

ئۇكىمگە يوقۇشسا تىلەكلەر كىلەر.

137 بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق تۇرار ،

قۇياشقا ئۇدۇل كەلسە تولۇن بولار.

ئالىم يۇقىرىدىكى مىسرالاردا «يەتتە» پىلانىتنىڭ نامى ۋە ھەر بىرىنىڭ خاسىيىتىنى ئاسترونومىيىلىك ئىلىم ئاساسىدا تەرىپلەنگەن .

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولماستىن بەلكى بۇ رەقەم مەدەنىيىتى ۋە رەقەمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ – ئادەت دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ، مىللەتلەر ئارىسىدا كەڭ ئوموملاشقان .

ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن ۋە ياكى يامان كۆرىدىغان سانلار بولىدۇ . بۇ سانلار شۇ مىللەرنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ – ئادىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھالىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ . ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ رەقەم مەدەنىيىتى ۋە رەقەمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ئۆزگىچە بىلەن پەرقلىنىدۇ . تۆۋەندە روس مىللىتىنىڭ «يەتتە» رەقىمىگە بولغان قارىشىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .

«يەتتە» رەقىمى روس خەلقى قەلبىدە ئالاھىدە ئوبراز ۋە مەزمۇنغا ئىگە . بۇنداق بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي بولماستىن ، خىرىستىئان دىنىدا «مۇقەددەس رەقەم» دەپ قارىلىپ ، «مۇكەممەل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . خىرستىئان دىنىدا جەننەت يەتتە قەۋەتكە بۆلۈنگەنمىش ، خۇدا ئالەمنى ئالتە كۈندە يارىتىپ يەتتىنچى كۈنى دەم ئالغانمىش ، ئەيسا كىرىستتا يەتتە ئېغىز سۆز قىلغانمىش ، يەنە يەتتە خىل گۈزەل ئەخلاق ۋە يەتتە خىل ئېغىر گۇناھ دېگەنگە ئوخشاش خاتىرىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىكەن . شۇڭا ، روس خەلقى «يەتتە» رەقىمىنى «كارامەت رەقەم» دەپ تەرىپلىشىدۇ . روسلار دائىم «يەتتە» رەقىمىنى «بەخت ۋە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان سان» دەپ قارايدۇ .

روسلاردىن باشقا ھىندىستان مەدەنىيىتىدە «يەتتە» خېلى بۇرۇنلا ئىلاھىي سانلار كاتېگورىيىىسىگە كىرگۈزۈلگەن . ھىندىستان مەدەنىيىتىدىكى بۇ قاراش بەلكىم مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 – ، 2 – ئەسىرلەردىكى ئالتاي تېغى ، تەڭرى تېغى ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن يەتتە يۇلتۇز ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن .

روسلاردىكى «يەتتە» رەقىمىگە بولغان كۆز قارىشى ئاساسىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ «يەتتە» رەقىمىگە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاپ كېتىدۇ . روسلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا «يەتتە» رەقىمىنى ياخشى كۆرىدۇ . خىرىستىئان دىنى تەسىرىدە روسلار ئاسماننى يەتتە قەۋەتكە ئايرىيدۇ . ئۇيغۇرلار بولسا ئىسلام دىنىنىڭ تۈپەيلىدىن ، شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي «يەتتە قەۋەت ئاسمان» قارىشىغا ئاساسەن «ئۆلگۈچىنىڭ روھى يەتتە قەۋەت ئاسمانغا چىقىدۇ» دەپ قارايدۇ . روس تىلىدىكى «يەتتە» رەقىمى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەتتە» رەقىمى قوشۇلغان تۇراقلىق سۆزلەر ، ماقال – تەمسىللەر ، سۆز بىرىكمىلىرى بىر قەدەر كۆپ (بۇنى بىر – بىرلەپ سۆزلەپ يۈرمەيمەن) ، ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىدا «يەتتە» رەقىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ – ئادەتلەر بىر قەدەر مول .

ئۇيغۇرلاردا «يەتتە» سانى نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر خاسىيەتلىك سان ھېسابلىنىدۇ ؟

ھەرقانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان خەلقنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى كوللېكتىپ ئېڭىدىن ئىبارەت ئىچكى ئامىل ۋە ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان بەزى تاشقى ئامىلدىن مۇستەسنا ئەمەس . ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ، شانلىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى . ئۇلار 12 مۇقامنى گەۋدە قىلغان شېئىرىيەت بوغۇم – رېتىم چۈشەنچىسىگە ، گۈزەل – سەت ، چىرايلىق – خۈنۈك ، كېلىشكەن – يارامسى نى پەرقلەندۈرىدىغان شەكىل چۈشەنچىسىگە ، ياخشى – يامان ، پاك – ناپاكنى پەرقلەندۈرىدىغان ماھىيەت چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى كۆڭلىگە سان توختىتالمايدىغان ، تەكرار ساناقلار ئارقىلىق ئەقىل يەكۈنلەيدىغان مۇئەييەن سان چۈشەنچىسىگىمۇ ئىگە . شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن تارتىپ ، تۇرمۇشتىكى ئۆرۈپ – ئادەت ، دىنىي پائالىيەتلىرىگىچە ھەممىنى بىر نەچچە خاسىيەتلىك سانغا بولۇپمۇ «يەتتە» گە باغلىغان .دېمەك ، خاسىيەتلىك سان «يەتتە» قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۈرىدىكى مەۋھۇم ھادىسىلەرنىڭ سوموۋولى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن ۋە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان شەكىللىنىپ داۋاملاشقان ھادىسە .

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە» ئاتا – بوۋىلېرىمىزنىڭ شۇ ئۇزاق قەدىمكى دەۋىردىكى دۇنيا قارىشى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بىزگە يېىپ كەلگەن . شۇڭا بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ خاسىيەتلىك سان «يەتتە» گە ئوخشاش مىليون – مىليون جەۋھەرلىرىمىزنى قېزىپ ، ئەسىر – ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلاپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قولىغا ساق – سالامەت ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ، بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بۇ دۇردانىلىرىدىن ئېسىللىرىنى تاللاپ ، ئۇنى يېڭى دەۋىر ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشىمىز ئۈچۈن تىرىشىمىز لازىم .

پايدىلانغان ماتىرىياللار :

1 )خوتەن پىداگوكىگا ئالىي تېخنىكوم ئىلمىي ژۇرنىلى 2002 – يىل 4- ساندىكى «ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سان <يەتتە> ۋە ھەپتە ئۇقۇمى توغرىسىدا» مەرەمنىسا ، ئايگۈل جامال.

2)قەشقەر پىداگوكىگا ئىنىستوتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1998- يىلى 1- ساندىكى «ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان <يەتتە> ھەققىدە» ئۇچقۇنجان ئۆمەر .

3)تىل ۋە تەرجىمە 2004 – يىل 3- ساندىكى «روس ۋە ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ «7» رەقىمىگە بولغان مەدەنىيەت كۆز قارىشى سىلىشتۇرمىسى» ئەنۋەر قادىر .

4)يۈسۈپ خاس ھاجىپ :«قۇتادغوبىلىك» .

5)مەھمۇد قەشقىرى :«تۈركي تىللار دىۋانى».

6)«ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» 1 – ،2 – ، 3- قىسىم .

7)«ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 1- ،11 – قىسىم .

8)«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» 1 – ، 7 – قىسىم .

9)«مەڭگۈ تاش پۈتۈكلېرىدىكى سان مۇقەددەسلىك توغرىسىدا»

مەنبە : ئۇيغۇرلار تورى

ئۇيغۇرلاردىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ سەۋەبى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.22ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 2

ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن«يامان بولىدۇ»لارنى ئاپىرىدە قىلغان.خەلقىمىز ئارىسىدىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ شەكىللىنىشى ،بىر تەرەپتىن روھى قاتلىمىمىزدا يۇغۇرۇلغان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان قائىدە -يوسۇنلىرىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر.بالىلىرىمىز چوڭ بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ،چوڭلارنىڭ «يامان بولىدۇ» لارنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمىسەكمۇ ، قانداقتۇر «يامانلىق»نىڭ پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇخىل سۆز -ھەرىكەتلەرنىڭ ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنى چەتكە ئالىدىغان بىر خىل روھى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىمىز.

ئەمەلىيەتتە «يامان بولىدۇ»لار بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس . پەقەت ئۇنىڭ بەزىلىرى دىنىي تۈستە ئىپادىلەنسە بەزىلىرى خۇراپاتلىق ، يەنە بەزىلىرى تۇرمۇش ئادەتلىرى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن:بىزدە چاچنى تۈگسە يامان بولىدۇ (بەختى تۈگۈلۈپ قالىدۇ) دەيدىغان گەپ بار.چاچنى تۈگسە راستىنىلا يامان بولامدۇ؟

بىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىمىزدا چاچ ئەزەلدىن تارتىپلا گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلىنىپ كەلگەن. قىزلارنىڭ گۈزەللىكمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلگەن. چاچ گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلانغانىكەن،چاچنى تۈگۈپ قويۇش، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر تەرىپىنى يوشۇرۇپ قويغانلىقتۇر. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇرۇندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، يىگىتلەر قىزلارنىڭ چېچىغا قاراپمۇ كۆيۈپ قالىدىغان ئىشلارمۇ ناھايىتى نۇرغۇن.شۇڭا چاچنىڭ تۈگۈپ قويۇلۇشى قىز بەختىنىڭ تۈگۈپ قويۇلغىنىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا،چاچنى تۈگۈپ قويسا راستىنىلا «يامان بولىدۇ» دېگەن مەنە چىقىدۇ.

داستىخاندا،پەرتۇققا قول سۈرتسە يامان بولىدۇ(كىشىلەر ئالدىدا ئەيىبى ئاشكارا بولىدۇ ) دېيىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاياللارنىڭ چېۋەرلىكى ئۆي تۇتۇشتىكى پاكىزلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭغا «ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ تۇتقان ئۆيىدىن كۆرۈنىدۇ»دېگەن سۆزمۇ دەلىل بولالايدۇ.بۇنىڭدىن سىرت خەلقىمىز ئارىسىدا پاكىزلىق ئالاھىدە ئۇلۇغلىنىدۇ.مانا شۇنداق ئەھۋالدا ،داستىخان ياكى پەرتۇققا قول سۈرتۈش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ئەلۋەتتە، شۇ ئايالنىڭ ئۆي تۇتۇشتىكى بىسەرەمجانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، چۈنكى داستىخان مېھمان ئالدىدا سېلىنىدۇ.پەرتۇقمۇ تاماق ئېتىشتە ئىشلىتىدىغان خاس نەرسە. شۇنداق ئىكەن داستىخان ۋە پەرتۇقلارغا قول سۈرتۈپ كىر قىلىۋېتىش باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟

ئاچقۇچ ئوينىسا يامان بولىدۇ(ۋەيرانچىلىققا قالىدۇ). ھەممىگە مەلۇمكى، ئاچقۇچ ھەرقانداق كىشىنىڭ مال-دۇنيالىرىنىڭ ساقلىغۇچىسى. ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئەرزىمەس نەسىللەرگە قۇلۇپ سېلىپ ساقلىمايدۇ.ناۋادا بالىلار ئاچقۇچ ئويناپ تاسادىپىي ئۇنى يىتتۈرۈپ قويسا ئەنە شۇ مال دۇنيالار كاپالەتكە ئىگە بولماي قالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،«ئاچقۇچ ئوينىسا يامان بولىدۇ » نىڭ مەنىسى، ئاچقۇچنىڭ يېتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مال-دۇنيا ياكى ئۆي جايلىرىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

كىچىك بالا تولا يىغلىسا يامان بولىدۇ( ئاتا-ئانىسى) ئاجرىشىپ كېتىدۇ.كىچىك بالا تولا يىغلىسا ئائىلىدە ھەقىقەتەن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدۇ.چۈنكى يىغا ئاۋازى ئاتا-ئانىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.ئۇلارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ.بۇنىڭ بىلەن «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇ توقۇمىنى»دېگىنىدەك ، بالىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىدىن ئېلىشىدۇ.نەتىجىدە بۇ خىل كۆڭۈلسىزلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر -بىرىدىن ئاجرىشىپ كېتىشىدەك يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ

سۇ چېچىپ چاقچاق قىلسا يامان بولىدۇ.(ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالىدۇ). سۇ سوغۇق بولغاچقا، كىشىنى ئاسانلا ئەندىكتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ چېچىشىپ چاقچاق قىلىشقانلار ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

نان دەسسىسە يامان بولىدۇ (قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ). نان دەسسىگەنگە قارىغۇ بولۇپ قېلىشىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.لېكىن « نان دەسسىسە يامان بولىدۇ » دېيىش كىشىلەردە ئاشلىقنى قەدىرلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىق بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ئاشلىقنى ئۇلۇغلاش ئېڭىمىزنىڭ مەھسۇلى.

يۇقىرىلاردىن باشقا ، ئارىمىزدىكى يەنە نۇرغۇن «يامان بولىدۇ »لار ئېتىقاد تۈسىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە، مەسىلەن ، قوشۇن تاۋۇز شاپىقىغا سىيسە يامان بولىدۇ ( مەرەز چىقىپ قالىدۇ ). قوغۇن تاۋۇز ئىنسانلارغا ئوزۇق بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ شاپىقى قوي كالىلارنىڭمۇ ياخشى ئوزۇقىدۇر. مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ شاپاققا سىيسە ئۇنى بىزنىڭ گۆش مەنبەيىمىز بولغان قوي كالىلار يېسە ئەلۋەتتە « يامان بولىدۇ» دە.يەنە بىر تەرەپتىن ، كىشىلەر ئەخلەت تۆكىدىغان جايلارنى يامان روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارايدۇ. شۇڭا، قوغۇن تاۋۇز شاپىقىنى تۆككەن يەرگە سىيىشنى يامان ئىش دەپ قارايدۇ .

زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىسلام دىنى ئەقىدىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك .يەنى شام نامىزى دەل زاۋال ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا ،بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىغان كىشى نامازنى تەرك ئەتكەن ھېسابلىنىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

سۇغا سىيسە يا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ . سۇغا سىيگەنلىك ياكى تۈكۈرگەنلىك سۇنىڭ پاكىزلىقنى بۇلغىغانلىقتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل قاراش ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇغا ئېتىقاد قىلىش ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىختا ئۆتكەن خاقانلارنىڭ «كۆل» نامىدا نام بېرىدىغان ( كۆلتېكىن،كۆلئېركىن دېگەنگە ئوخشاش ) ئەنئەنىلىرى بار. تارىخى داستانىمىز «ئوغۇزنامە »دە ، ئوغۇزخاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغلىغا دېڭىز دەپ ئات قويغانلىقى ،خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت چۆچەكلەردە «سىرلىق»،«شىپالىق» سۇ بۇلاقلارنىڭ تەسۋىرلىنىشى قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇغا ئېتىقاد قالغانلىقتىن تىپىك ئىپادىسى. ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ « سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسە غەم غۇسىدىن خالى بولىدۇ»، « سۇ يەتتە يۇمۇلسا ھالال»دېگەنگە ئوخشاش ئادەت چۈشەنچىلەر بىر .مانا بۇلارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنىڭ ئىزناسى.

ئوتقا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ . بۇ خىل قاراش ئوت ئېتىقادى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ يىراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ شامان دىنىغا سىڭىپ ،شامان دىنى ئارقىلىق يېڭى ئىسلامىيەتكە ماسلىشىپ تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى .خەلقىمىزدە تويدا قىز كۆچۈرگەندە ئۆتتى ئاتلىتىدۇ.ئاغرىپ قالغاندا تەمەچ تىرىپ كېلىپ ئۆت كۆچۈرىدۇ.ئۆينىڭ چوڭلىرى جان ئۈزگەن ئۆيدە بىرنەچچە كۈن (بەزىدە قېرىق كۈن) چىراغ ئۆچۈرمەيدۇ.مانا بۇخىل ئادەتلەر ، جۈملىدىن ئوتقا تۈكۈرۈشنى يامان ئېلىشتىن ئىبارەت بۇخىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى شامان دىنى ئېتىقادىدىن قالغان ئادەتلەردۇر.بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزدە ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسە يامان بولىدۇ(ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆنى ئۇلۇغلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك )،ياغلىق چەگمىسە يامان بولىدۇ(ئىسلام دىنىدىكى «نامەھرەم بولىدۇ» قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) .كۈلگە سۇ تۆكسە يامان بولىدۇ ، ئۆيگە ئەخلەت قوندۇرۇپ قويسا يامان بولىدۇ … قاتارلىق نۇرغۇن «يامان بولىدۇ» لار بار.بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىزدىكى « يامان بولىدۇ» لار ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى خۇراپاتلىق قارىشى ئەمەس قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. خەلقىمىز « يامان بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق بەزى بىر ناچار قىلىقلارغا ۋەھىمىلىك تۈس بېرىپ، كىشىلەرنى شۇخىل ئىش -ھەركەتلەردىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

مەنبە: ئۇيغۇرلار تورى

بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.22ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 16 viewsئىنكاس سانى : 2

پەرزەنت خۇشاللىقى ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۈچۈن چەكسىزدۇر. ئادەتتە كىشىلەر غەم قايغۇسىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلىسە، خوشاللىقىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بىراق، دەرىجىدىن تاشقىرى خوشاللىقنىمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلەپ،ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. پەرزەنت خوشاللىقى مۇشۇلار قاتارىدىن بولۇپ، ھەرقانداق رەھىمسىز،تاش يۈرەك ئاتا-ئانىمۇ بۇنداق خوشاللىقنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى- ئۆزلىرىنىڭ ئىز باسارى بار بولسا، ئۆزلىرى ئاچ-زار، يىلىڭ بولسىمۇ پەرزەنتىنىڭ غېمىنى يەپ مەڭگۈ مىننەتسىز قۇلدەك ئىشلەپ پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلەش، قاتارغا قوشۇش ۋە جەميەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەمدە چەكلىك ئۆمرىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزىنىڭ مىراسخورى بولغان، پەرزەنتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.

 

چۈنكى، ھەقىقىي بىلىمدىن خەۋەرسىز بۇ ئاتا-ئانا قىممەتلىك ئۆيۇن-تاماشا،ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئەقىل-ھوشىنى تاپقاندا بەللىرىنىڭ مۈكچۈيۈپ ئۆمرىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ چۆچۈپ كېتىدۇ-دە سەۋەبىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئاخىرى سەۋەبىنى تاپىدۇ. ئۇ بولسىمۇ تەربىيسىلىك ۋە بىلىمسىلىك! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇبىردىن-بىر ئۈمىدىنى پەرزەنتىگە باغلايدۇ. ئۇ تەربىيە ۋە بىلىمنىڭ ئىنساننى بۇ دۇنيادا ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشتۇردىغانلىقنى تۇنۇپ يېتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاھنىڭ:<< ئىنسان پەقەت تىرىشقان نەرسسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى پات ئارىدا كۆرىلىدۇ.ئاندىن تۇلۇق مۇكاپات (ياكى) جازا بېرىلىدۇ.>> (سۈرە نەجم 39-.41-ئايەتلەر) نىداسىدىن ئىبارەت پارلاق يولىنى تۇنىۋالدى.

يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى قايسى ئىسىمنى قويۇش، قايسى تەرتىپ بىلەن قويۇش مەسلىسىدۇر. قويۇلدىغان ئىسىم قۇلاققا يىقىملىق بولغاندىن سىرت، مەنىسىنىڭ ياخشى بولىشى ئالدىنقى شەرت قىلىندۇ.
بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز <<سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزەڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرسىلەر. شۇڭا، ئىسىملارنى ياخشى قويۇڭلار>> دېگەن(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇتتىن).
تۆۋەندە ئىسىم قويۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى قىسقىچە چۇشەندۇرىمىز:

1. بوۋاق تۇغۇلغاندا خوش-خەۋەر يەتكۈزۈش ھەم مۇبارەكلەش

خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بۇۋاق تۇغۇلغاندا خوش-خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە مۇبارەكلەش. ئەگەر بىرىنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان كىشى ھامان ئۇ كىشىگە خوش-خەېەر يەتكۈزۈشگە ئالدىرايدۇ.بۇ،ئۇ كىشىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلش بىلەن بىرگە ئۇ كىشى بىلەن شۇنداقلا ، ئائىلىلەر ئارا دوسلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق .ئەگەر كېيىن خەۋەر تىپىپ قالسا ،ئەر-ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ.بۇۋاققا ئاللاھتىن ئۇزۇن ئۆمۈر،ئنىساپ-تەۋپىق.بەخىت-سائادەت تىلەپ خوشاللىقىنى بۇلدۇردۇ.چۈنكى،بۇھەقتە مۇنۇ ئايەت بار.<<بىز ئۇنىڭغا(ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەگە) ئىسھاق (ئىسىملى) بالىسىنىڭ بولىدىغانلىقى بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيى كىلىدىغان يەئقۇب (ئىسىملىك نەۋرىسى بولىدىغانلىقى)بىلەن خوش بىشارەت بەردۇق>>(سۈرە ھۇد 71-ئايەت)
بۇۋاق تۇغۇلغان ھامان( كىم بولسا بولىۋېرىدۇ) قۇلىقىغا ئەزان ئېيتىلىدۇ.
ئەبۇ رافئئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئوغلى ھەسەن ئىبنى ئەلىنى تۇغقاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئەزان(نامازدا ئېيتىلدىغان) ئېتتقانلىقىنى كۆرگەن.(جامىئۇت تىرمىزىي،سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد تىن)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:پەيغەمبىرىمىز نەۋىرسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېتقان (شۇئەبۇلئىماندىن).

2.ئېغىزلاندۇرۇش

<<ئېغىزلاندۇرۇش>> دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بۇۋاقنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۇرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۇرۇپ تۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ھېكمىتى،شۇكى بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەركىتى ئارقىلىق كۈچلىندۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئىمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ. بۇۋاقنى ئېغىزلاندۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى سالىھ،تەقۋا كىشىنىڭ ئېغىزلاندۇرغىنى ياخشى. بۇھەقتە مۇنداق ھەدىس شەرىق بار:ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:مىنىڭ پەرزەنتىم تۇغۇلغاندا،ئۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىغا ئېلىپ باردىم،پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويۇپ بولۇپ،خورما بىلەن ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇ بالا ئۈچۈن بەركەت تىلەپ دۇئا قىلدى(سەھىھۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەدتىن)

3.بۇۋاققا ئىسىم قويۇش؛

بۇۋاق يەتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇلدۇ.(تۇغۇلغان كۈنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسا)
پەيغەمبىرىمىز :<<،بارلىق تۇغۇلغان بۇۋاق ئەققىسىگە گۆرە قۇيۇلغان.7-كۈنى(قوي)بۇغۇزلىندۇ.ئىسىم قۇيۇلىدۇ.چېچى چۈشۈرۈلىدۇ>>(جامىئۇتتىرمىزىي،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن). <<يەنە بىر ھەدىستە:باھارلىق تۇغۇلغان بۇۋاق ئەققىسىگە گۆرە قۇيۇلغان.7-كۈنى قوي بوغۇزلىنىدۇ،چېچى چۈشۈرۈلىدۇ،ئىسىم قۇيۇلدۇ دېيىلگەن.>>(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي، سۇنەنۇئىبنى ماجە،مۇسنەدۇ ئەھمەدتىن)
ئىسىم قۇيۇشتا ئادەتتە بىلىملىك،تەقۋا كىشىنى چاقىرتىپ قۇيۇلىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولۇپ قالسا،ئاتىسى ئۆزى قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ.ئىسىم قويغۇچى ئىمكانيەتنىڭ يېتىشىچە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئىسىم قويغان ياخشى. ئىسىم قويغۇچى(بۇۋاق تۇغۇلۇپلا ئىسىم قويماقچى بولسا، بۇۋاقنى قولىغا ئېلىپ،خورمىنى ياكى شۇنىڭدەك تاتلىق يىمەكلىكنى ئاغىزىدىن چايناپ ئاندىن بۇۋاقنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ ئېغىزلاندۇرۇپ بولۇپ،ئاندىن ئىسىم قويىدۇ) ئەئۇۋزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم، بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم دەپ بولۇپ ،ئاندىن ئىسىم قويىدۇ.مۇسۇلمان بۇۋاقنىڭ ئىسمى پالانى بولسۇن دەيدۇ.ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ.ئەللاھۇممە بارىك فيھى ۋەلاتەزۇررەھۇ،ئەللەھۇممە ئەئىنھۇ ئەلە زىكرىكە ۋەشۇكرىكە ۋە ھۇسنى ئىبادەتىكە. تەرجىمىسى:ئى ئاللاھ ،بۇۋاققا زىيان زەخمەت يىتىشتىن ساقلاپ ئۇنىڭغا(ئۆمرىگە)بەركەت ئاتا قىلغايسەن،ئى ئاللاھ، بۇۋاقنىڭ سېنى زىكرى قىلشىغا.ساڭا تەشەككۈر ئېيتىشىغا،ئىبادىتىڭنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بەرگەيسەن.

4.بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش

ئەقىقە دېگەنلىك بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى قوي سويۇپ بۇۋاقنى قۇتلۇقلاشتۇر.
بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز:<<بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىپ،ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا ئاتاپ قان ئاققۇزۇڭلار،شۇ ئارقىلىق بۇۋاققا كېلىدىغان ئازارنى يىراق قىلىڭلار>>دېگەن.(سەھىھۇلبۇخارىي،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇ ئىبنى ماجى،مۇسنەدۇ ئەھمەد ۋە سۇنەنۇددارمىدىن)
ۋە يەنە پەيغەمبىرىمىز 7-كۈنى بۇۋاققا ئىسىم قويۇشنى،(شۇ ئارقىلىق) ئازارنى يىراق قىلىشنى ۋە ئەقىقە قىلىشنى بۇيرىدى.(،جامىئۇت تىرمىزىيدىن)
پەيغەمبىرىمىز ئوغۇل پەرزەنگە ئىككى قوي،قىز پەرزەنتكە بىر قوي ئەقىقە قىلىسىمىزنى بۇيرىدى.(،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە دىن)
<<پەيغەمبىرىمىز ھەر قانداق بۇۋاق ئەققىسگە گۈرە قويۇلغان.يەتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قىلىندۇ،ئىسىم قۇيۇلدۇ(ئەگەر بىرىنچى كۈنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسا)، چېچى چۈشۈرۇلدۇ>>دېگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن)
پەيغەمبىرىمىز :<<ئوغۇل پەرزەنتگە ئىككى قوي،قىز پەرزەنتگە بىر قوي ئەقىقە قىلش كېرەك. سىلەرنى بۇۋاقنىڭ ئوغۇل قىز تۇغۇلۇپ قىلىشى ئەقىقەدىن توسۇو قويمىسۇن >> دېدى.(،جامىئۇت تىرمىزىي، سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي، سۇنەنۇئىبنى ماجە ۋە مۇسنەديد دارىمىدىن)
بىر قوي ئەقىقە قىلش توغۇرسىدىمۇ مۇنداق ھەدىس بار.پەيغەمبىرىمىز ھەسەن ئىبنى ئەلىينىڭ ئەقىقسى ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي دىن)
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلشنىڭ ئەۋزەللىكى،بىر قوي ئەقىقە قىلسىمۇ بولدىغانلىقى مەلۇم.
ئەقىقە قىىلشنىڭ ۋاقتى توغىرسىدا مۇنداق ھەدىس بار.پەيغەمبىرىمىز:<<7-،14-،ۋە21- كۈنىلىرى ئەقىقىسى قىلىنىپ قوي بۇغۇزلىنىدۇ>> دېگەن.(سۇنەنۇلبەيھەقى،سۇيۇتىنىڭ جامىئۇسسەغىردىن)
ئەقىقە قىلىندىغان قوي قوشقار بولىشى،ئاقساق،چولاق بولماسلىقى شەرت قىلىندۇ.
ئەقىقە قىلىش بولسا،بۇۋاقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان ھەرخىل ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ قىلىش ئۈچۈن قىدىيە بېرىش بولۇپ،ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامغا كەلگەن ئۆلۈمنى بىر قوچقار قۇربانلىق قىلىش بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان.قوي بوغۇزلاش تەرتىپى توغۇرسىدا مۇنداق ھەدىس شەرىف بار.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:<<ئەقىقىنىڭ قويىنى بۇۋاقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ بىسمىللاھى ،ئى ئاللاھ.بۇ قوينى سەن ئۈچۈن سويدۇم،پالانى بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسى دەپ بوغۇزلاڭلار>>دېگەن(سەھىھ ئىبنى ھىببان،مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا، سۇنەنۇلبەززار ۋە سۇنەنۇ ئىبنى مۇنزەر دىن)

ئەقىقە قىلغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىنىڭ ئەقىقە مۇراسىمىغا چاقىرىپ خوشاللىققا ئۇلارنى شېىك قىلسا بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىقە كۆشىدىن يېقىنلىرىغا،پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش كېرەك.چۈنكى،ئۇ مۇراسىم تۆۋندىكى قائىدىگە ئۇيغين زىياپەتلەر قاتارىدا:
1.ئەلقىرا(ئىككى مېھماننىڭ زىياپىتى)
2.تۆھپە (يوقلاپ كىرگەن مېھماننىڭ زىياپىتى)
3.خۇرس(تۇغۇلغان بۇۋاق زىياپىتى)
4.مەئدۇبە(چاي زىياپىتى)
5.ۋەلىمە(توي زىياپىتى)
6.ئەقىقە(بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنىچى كۈنى قوي سۇيۇلدىغان زىياپەت)
7.غەدىرە(خەتنە زىياپىتى)
8.ۋەزىمە(ماتەمدارلارغا بېرىلدىغان تاماق)
9.نەقىئە(سەپەردىن قايتىش زىياپىتى)
10.ۋەكىرە(قۇرۇلۇش پۇتتۇرۇش زىياپىتى)
5.بۇۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش
پەيغەمبىرىمىز دەۋىردە بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى چېچى چۈشۈرۈلۈپ چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىناتتى.بۇ توغرىدا مۇنداق ھەدىس شەرف بار.پەيغەمبىرىمىز قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا:<<ئى پاتىمە، ھەسەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۈڭ.چاچنىڭ ئېغىرلىقىدا كۆمۈش سەدىقە قىلىڭ>> دېگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي،مۇۋەتتا مالىكتىن)
بۇنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە كۆرۈلدۇ.
1.تىببى ھىكمەت:چاچنى دەسلەپتە چۈشۈرۈش ئارقىلاق بالنىڭ باش تېرىسىنى كۈچلەندۈرۈش.چاچ چىقىدىغان تۆشۈكچىلەرنى ئېچىش،شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ كۆرۈش،پۇراش ۋا ئاڭلاش تۇيغۇلىرىنى يېتىلدۇرۈش قاتارلىقلار.
2.ئىجتىمائىي ھىكمەت:كۈمۈش سەدىقە قىلىش ئارقىلىق كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش كۆزدە تۇتۇتىلدۇ.شۇنداقلا كىشىلەر ئارسىدا بىر-بىرگە كۆيۈنۈش ۋە رەھىم-شەپقەت قاتارلىقرنىڭ ئاساسى بەرپا بولىدۇ.
بۇۋاقنىڭ ۋېۋىنى ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى چۈشۈرۈش ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان <،ئادىللىق>>دېگەن ئۆلچەمگە توشمايدۇ.ئىنسان باشقىلارغا ئادىللىق قىلىش بۇيرۇلۇش بىلەن بىرگە،ھەتتا ئۆز بەدىنىدىكى ئەزالارغىمۇ ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇلغان.شۇڭا باشنىڭ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇش چاچقا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك ھېساپلىندۇ.چۈنكى.ھەدىس شەرفتە پەيغەمبىرىمىز كۇكۇلا قويۇشنى چەكلىگەن ئىدى.(سەھىۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم،،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن) يەنەپەيغەمبىرىمىز سايە بىلەن ئاپتاپ ئارسىدا ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن.(سۇنەنۇ ئىبنى ماجەدىن)
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:<<سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاياغ كىيسە،ئوڭ پۇتۇدىن باشلىسۇن.ئاياغنى سالماقچى بولسا ،سول پۇتىدىن باشلىسۇن.ئاياغنى ئىككى پۇتىغا بىراقلا كىيسۇن ياكى بىراقلا سېلىۋەتسۇن>>(سەھىھۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم،،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە،مۇسنەدۇ ئەھمەد ۋە مۇۋەتتا مالىكتىن)
بۇنىڭدىكى ھىكمەت شۇكى،ھەربىر مۇسۇلماننىڭ جەميەتتە كۆرۈنۈشى رەتلىك،پاكىزە،باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدىغان بىجىرىم ھالەتتە يۈرۈشى تكىتلىندۇ. مالىك ئىبنى نەزلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:مەن رەسۇلۇلاھىنىڭ يىنىدا ئولتۇراتتىم.رەسۇلۇللاھ مىنىڭ كىيمىمىنىڭ كونا-يرتىق ئىكەنلىكنى كۆرۈپ<<مال-مۈلۈكۈڭ بارمۇ؟>>دېدى.مەن:مال-مۈلۈكۈم كۆپ دېدىم.رەسۇلۇللاھ:<<.ئەگەر ئاللاھ ساڭا مال-مۈلۈك بەرسە،ئۇنىڭ ئەسىرى كۆرۈلۈشى(كىيىم-كېچىكىڭ ياخشى بولۇشى) كېرەك >>دېگەن(سۇنەنۇننەسەئىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن)
شۇڭا چېچىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنىڭ چۈشۈرۈلمەي قىلىشى بۇۋاقنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تازا ياقتۇرۇلماي قېلشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
بۇۋاقلارنىڭ چېچى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھەدىستە:پەيغەمبىرىمىز بىر بۇۋاقنىڭ چېچىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ،يېرىمى چۈشۈرمىگنلىكنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن چەكلىدى.ۋە<<بۇۋاقىنىڭ چېچىنى پۇتۇنلەي چۈشۈرۈڭلار ياكى پۇتۇنلەي قويۇڭلار>>دېگەن.(سۇنەنۇننەسەئىدىن)
ياراتقان ئىگەم ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي.باللىرىنى كۇيۇمچان،ئەقىللىق،ئىمانىنى كامال قىلغاي.

ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشىياتى نەشىر قىلغان ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇقنىڭ 99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى دېگەن كىتاپتىن

مەنبە : ئۇيغۇرلار تورى

ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.22ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 0

 

ئابدۇقەييۇم مىجىت

ۋەسىيەت ___ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، « ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يېزىپ ياكى باشقىلارغا ئېغىزاكى ھاۋالە قىلىپ قويغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بۇيىچە مىراسلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي تاپشۇرۇق »①تۇر. قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلاردا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى بولغان ھەم ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. قەدىمكى جەمئىيەتتە ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى شۇ دەۋىر ئىنسانلىرى ئۈچۈن نېمە زۆرۈرىيەت ۋە قانداق پىسخىك تۇيغۇنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن؟ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ۋە قالدۇرۇلغان ۋەسىيەتنامىلەر قەدىمدىن تارتىپ جەمئىيەتتە قانداق رول ئوينىغان ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش بىز ئۈچۈن زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر.

ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قالدۇرغان مىراسىغا ئەۋلادلىرىنىڭ قانداق ۋارىسلىق قىلىشى زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى ئارزۇسى ۋە تەلەپلىرىنى بىلدۈرۈش، يەنە بىرى ئۆزى ھايات ۋاقتىدا قىلغۇسى بولسىمۇ شارائىتى ياكى ئۆمرىنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قىلىپ بولالماي قالغان بىرەر ئىشنى ئۆزى بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بولغان ياكى ئۆزى ئىشىنىدىغان بىرەرسىگە تاپىلاپ قويۇش زۆرۈرىيىتدىن پەيدا بولغان. ۋەسىيەت قالدرۇغۇچىنىڭ نەزىرىدە، « ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مۇۋەپپىقىيىتى، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىمۇ ئۇنىڭ ھاياتلىقىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ »②. شۇڭا، ئۆزى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى ئۆزىنىڭ بالىلرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئورۇنلىسا ئۆزى روھىي قانائەت ۋە مەنىۋىي تەسەللىي تاپىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، كىشىلەردە ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى يازما ياكى ئېغزاكى شەكىلدە باشقىلارغا تاپىلاپ، ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويۇش زۆرۈرىيىتى توغۇلغان. ۋەسىيەت شەكلىگە ئاساسەن ئېغىزاكى ۋەسىيەت ۋە يازما ۋەسىيەت ، دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. يازما ۋەسىيەتلەر ئېغزاكى ۋەسىيەتلەرگە قارىغاندا سەل كونكىرىت، مۇرەككەپ ۋە رەسمىيراق بولۇپ، گۇۋاھچىلار بولۇشى ۋە ۋەسىيەت يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن گۇۋاھچىلارنىڭ قول قويۇشى تەلەپ قىلنىدۇ. فېئۇداللىق جەمئىيەتتە ئادەتتە ھەق- تەلەپ ئىشلىرىدا تالاش- تارتىش بولغاندا قازى ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولغاچقا، ۋەسىيەتنىڭ ئىجرا قىلنىشىنىمۇ قازىلار نازارەت قىلاتتى.

ۋەسىيەت قالدۇرۇش پەقەت قالدۇرغان مىراسنى توغرا تەقسىملەشنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەرگىلا خاس ئادەت بولماستىن، بەلكى يىراق سەپەر ياكى جەڭگە كېتىپ قايتىپ كېلىش – كېلەلمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىغان ۋە ياكى ئاغرىپ قېلىپ كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا كۆزى يەتمىگەن كشىلەر ھەمدە نۇرمال ئەھۋالدىكى كىشىلەرمۇ قىلسا بولىدىغان ئىشتۇر. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت ۋەسىقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخىسلەرنىڭ مىراس ۋەسىيەتنامىلىرى بولۇپ، ئۇ ۋەسىيەتنامىلەردىن پەقەت مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ بالا ـ چاقا، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا تاپىلىغان نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلىرىنى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى خەت ـ چەك ئىشىلىرى، مىراس قالدۇرۇش ۋە ئۇنى تەقسىملەش ئادىتى، تۈزۈمى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، كىشىلىك ۋە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت، ئىگىلىك ئەھۋالى، پۇل ـ ئامانەت، قەرىز، گۆرۆچىلىك ئىشلىرى ۋە بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەرەپلىرى ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايمىز. مەسىلەن، بىز قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۆۋەندىكى ۋەسىيەتنامىنى كۆرۈپ باقايلى: « چاشقان يىلى سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى، مەن تۈشىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا، ياخشى – يامان بولۇپ قالارمەنمىكىن دەپ ئايالىم سىلاڭغا ( ۋەسىيەت ) نامە ( يېزىپ ) قالدۇردۇم. ( ئايالىم ) مەندىن كېيىن ( قالسا )، ئەرگە – بەگكە تەگمەستىن ئۆيۈمنى تۇتۇپ ئوغلۇم ئالتمىش قايانى بېقىپ ئۆتسۇن. باشقا ئوغۇللىرىم __ قوشاڭ، ئەسەن قايالار: “ ئۆگەي ئانىمىز ( سىلاڭ ) بىزگە مەنسۈپ، بىز ئالىمىز. “ دەپ ( ئۇنى ) ئالمىسۇن. ( ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ) ئارلاشمىسۇن. ئەگەر ( ئۇنى ) ئالىمىز دەپ دەتالاش قىلسا، خان ئوردىسىغا بىر ئالتۇن ياستۇق ( پۇل )، ئوغۇل شاھزادىلەرگە بىردىن كۈمۈش ياستۇق ( پۇل )، ئىچكى ( ئوردا ) خەزنىسىگە بىر ياستۇق، ( يەنە ) ئىچكى خەزنىگە ( ئوردا خەزنىسىگە ) بىر ئات ( جەرىمانە ) تۆلىسۇن ( ھەم ) ئېغىر جازاغا تارتىلسۇن؛ سۆزلىرى ئاقمىسۇن. بۇ ( ۋەسىيەت ) نامىنى شۇترا كەد قىيا تۇتۇڭ، تۈكەلە، كىمتس باشچىلىقىدىكى ( بۇددىست ) جامائەت، تاۋغاچ ياڭا، ئىكىچى باشچىلىقىدىكى ( مەھەللە ) خەلقى، تۇغقانلىرىمىز ئەسەنە قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدا بەردىم. گۇۋاھچى ئىنگە، گۇۋاھچى قان تويىن، بۇ تامغا مېنىڭدۇر. مەن قايسىن سوراپ يازىم. بۇ تامغا مەن تاۋغاچ يىڭانىڭدۇر. بۇ تامغا مەن ئەسەنەنىڭدۇر. »③ بۇ ۋەسىيەتنامىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدا خېلىلا مۇكەممەل بولغان ۋەسىيەت قالدۇرۇش، بولۇپمۇ يازما ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى بولغان. بۇ ۋەسىيەتنامىدە بىر قانچە كىشىنىڭ گۇۋاھچى بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ تامغىلىرىنى باسقانلىقى تىلغا ئېلنىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز ۋەسىيەتنامىلەرنى پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مىراسىلىرىنىڭ لىللا تەقسىملىنىشى ۋە ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئېلىم ـ بېرىم مۇناسىۋىتىنى قانداق ھەل قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز قەبىلە ـ قەۋمىنىڭ ئىناق، ئۆم ياشىشى، باشقا خەلقلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ۋەسىيەتلەرنىمۇ قالدۇرغان. مەسىلەن، ئۇرخۇن دەرياسى بۇيلىرىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلار ۋە قەبرە تاشلىرىغا تاشپۈتۈك سۈپىتىدە ئويۇلغان ( خەتلەر ) ۋەسىيەتلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە كۆك تۈرك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خاقانلىرىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، يەنە خاقانلار ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرى، قىممەتلىك ۋەسىيەتلىرى ۋە مەڭگۈلۈك خىتابلىرى پۈتۈلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ مەڭگۈ تاشلار تاش پۈتۈك شەكلىدىكى ۋەسيەتنامىلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى « ئوغۇزنامە » دىمۇ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتىنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچرىتىمىز. ئوغۇز خاقان قۇرۇلتاي چاقىرىپ، يۇرتنى ئوغۇللىرىغا ئۆلەشتۈرۈپ بېرىپ بولۇپ ئۇلارغا ۋەسىيەت قىلىپ: « ھەي، ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم. تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن … »④ دەيدۇ. ئۇغۇز خاقاننىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا قىلغان ۋەسىيىتىدۇر ھەمدە ئوغۇز خاقاننىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى ئوغۇللىرىغا مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بېرىشىدۇر. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ۋەسىيەت قالدۇرۇشنى ياخشىلىق دەپ بىلگەن. « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا: « ئاز __ ياخشىلىق بەلگىسى، ياخشى كۆڭۈل. < ئىگلىگ تۇترۇغى ئاز بولۇر> __ ئاغرىقنىڭ ۋەسىيتى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى. بۇ كېسەل ياتقان كىشىنى ۋەسىيەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدىغان ماقال. » ⑤ دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ، بىز شۇ ۋاقىتلاردا « ۋەسىيەت » سۆزىنىڭ « تۇترۇغ » دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ « قۇتادغۇ بىلىك » تە: « ئايتولدىنىڭ ئېلىككە ۋەسىيەتنامە يازغانلىقى » ناملىق مەخسۇس بىر باب ئاجراتقان بولۇپ، « قۇتادغۇ بىلىك » تە « ۋەسىيەت » سۆزى « قۇمارۇ » دېگەن سۆز بىلەن، « ۋەسىيەتنامە » سۆزى « قۇمارۇ بىتىك » دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن. « قۇمارۇ » سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا « ۋەسىيەت، نەسىھەت، مىراس؛ ۋىدالىشىش، ئايرىلىش » دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن « تاپشۇرۇق، ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىنىڭ سۆزلىرى » دېگەن مەنىدىكى « ۋەسىيەت » سۆزىنى قوبۇل قىلغان. بىز ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى يازما يادىكارلىقلاردا ۋەسىيەت ھەققىدە ئازدۇر ـ كۆپتۇر خاتىرە قالدۇرۇلغانلىقىغا قاراپ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتىنىڭ بىر ئەنئەنە سۈپتىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىگە جەزىم قىلىمىز.

ئىسلام دىنىدىمۇ ۋەسىيەت قالدۇرۇشنىڭ دۇرۇسلۇقى ۋە زۆرۈرلۈكى ئېنىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولغان. « ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ‹ ۋەسىيەت قالدۇرىدىغان ئىشلىرى بار مۇسۇلمانلار بىر ـ ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزمەي ۋەسىيىتىنى يېزىپ پۈتتۈرۈشى كېرەك. › »⑥ « قۇرئان كەرىم » دە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋەسىيەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. « سۈننىي مەزھىپىدە سۈننەت دەپ قارىلىپ داۋاملىق قوللىنىلىپ، مىراس تەقسىم قىلىشنىڭ قوشۇمچە شەكلى قىلىندى. ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدىغان مىراس مەرھۇمنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بىلەن چەكلىنىدۇ؛ (2) ئۈلۈش بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچىدا مىراسقا مۇشۇ شەكىلگە ئاساسەن ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ (3) ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەتنى ئادىللىق بىلەن قالدۇرغان بولۇشى كېرەك. ئەقىل – ھۇشى جايىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان يېزىق ياكى ئاغزاكى شەكىلدە ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن، مەقسىتى خاتاسىز – ئېنىق بولۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، مەسىلەن، پالەچ بولۇپ تىلىدىن قالغاندا ۋەسىيەتنى قول ياكى باش ئىشارىتى بىلەن ئىپادىلىسە بولىدۇ. شۇنداق قىلىش ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولۇشى كېرەك؛ باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى، مەجبۇرلىشى، ئالدىشى بىلەن قىلىنغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەتنى ئادىللىق بىلەن قالدۇرغان بولىشى كېرەك. ئەقىل – ھۇشى جايىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان يېزىق ياكى ئېغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن مەقسىتى خاتاسىز، ئېنىق بولىشى كېرەك. ئالاھدە ئەھۋالدا، مەسىلەن، پالەچ بولۇپ تىلدىن قالغاندا، ۋەسىيەتنى قول ياكى باش ئىشارىسى بىلەن قىلسا بولىدۇ. شۇنداق قىلىش ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولىشى كېرك. باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى، مەجبۇرلىشى، ئالدىشى بىلەن قىلىنغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئىسلام دىنىغا نوقسان يەتكۈزىدىغان ۋەسىيەتلەرمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. »⑦

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتىدە ياشىنىپ قالغان كىشىلەر بالىلىرى ياكى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى دەپنە ئىشلىرىنىڭ قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ ۋەسىيەت قالدۇرىدىغان ئادەت بار. مەسىلەن، ‹ مەن تۈگەپ كەتسەم، ئانامنىڭ ( ياكى ئاتامنىڭ ) قەبرىسىنىڭ يېنىدا قويۇڭلار ! › ياكى ‹ مېنىڭ مېيىت نامىزىمنى پالانچى ( موللام ياكى ئاخۇن ) چۈشۈرسۈن ! › دېگەندەك دېگەندەك ۋەسىيەتلەرنىمۇ ھەم ئۇچرىتىمىز. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ۋەسىيىتىنى شەرتسىز ئورۇندىشى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئۇلاردىكى ئەجدادقا تېۋىنىش ئىدىيىسىمۇ زور تۈرتكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا پەرزەنتلەر ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى بىجاندىل ئۇرۇنلايدۇ. ئاتا ـ ئانىنىڭ ۋەسىيىىتى ياخشى ئۇرۇندالسا، ئۇلارنىڭ روھى خوش بولىدۇ، پەرزەنتلىرىنى يۆلەيدۇ، دەيدىغان قاراش مەۋجۇد. ئۇيغۇرلاردا يەنە ئاتا ـ ئانىلار ئەگەر كۆپ پەرزەنتلىك بولسا بالىلىرىنىڭ چوڭىغا ئۆزى تۆگەپ كەتكەندىن كېيىن، كىچىك ئىنى ـ سىڭىللىرىغا خۇددى ئۆز ئاتا ـ ئانىسىدەك كۆيۈنۈپ، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ زىممىسىدىكى ئورۇنداپ بولالمىغان ئىشلارنى ( مەسىلەن، ئوغۇل بولسا خەتنىسىنى قىلدۇرۇش، دىنىي ئەھكاملارنى ئۆگىتىش، ئۆيلەپ قويۇش، قىز بولسا قولىقىنى تەشتۈرۈش، ئېغىر ئىشلارغا سالماي، تەۋىنى چەكتۈرمەي چوڭ قىلىش ۋە بويىغا يەتكەندە تالالىق قىلىش … قاتارلىق ئىشلارنى ) ئۇلارغا ۋەكالىتەن قىلىپ قويىشىنى ۋەسىيەت قىلىشىدۇ. بۇنداق ۋەسىيەتلەر كۆپىنچە ئېغزاكى شەكىلدە بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، ۋەسىيەت ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ھاۋالە قلىشىدۇر.

ۋەسىيەتنامىلەر پۈتۈلگەندە كۆپىنچە ئۇنىڭغا ئىشەنچلىك ئادەمدىن بىر قانچىسى گۇۋاھ بولىدۇ ھەمدە ئىشەنچىلىك كشىلەر بۇ ۋەسىيەتنامىنى بىر نۇسخىدىن ساقلاپ قويىدۇ. ۋەسىيەتنامە ۋەسىيەت قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ. ۋەسىيەت قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ۋەسىيەت بۇيىچە ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالا ۋە روھىي كېسەللەرگە مىراس تەقسىملەنگەن بولسا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، مال – مۈلكى ۋە باشقا بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش ھەمدە ۋەسىيەتنامىلەرنىڭ ئەسلى مەزمۇنى بۇيىچە ئىجرا قىلنىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ۋەسىي تەيىن قىلنىدۇ.

ۋەسىيەت ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە چۆچەك، قىسسە، رىۋايەت، ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردە ۋەقەلىكلەرنىڭ تۈگۈنى بولىدۇ. كۆپىنچە مەلۇم بىر شەخىس تەرپىدىن يېزىپ، تېپىپ كېلىش تولىمۇ تەس بولغان بىر جايغا تىقىپ قويۇلغان ۋەسىيەتنامىلەرنى تېپىپ كېلىش بىلەن باشلىنىدۇ. يەنە بەزى چۆچەكلەردە قېرىپ قالغان ئاتا ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا ئۈچ تۈرلۈك ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. بالىلىرى بۇ ۋەسىيەتنى ياخشى ئورۇنلىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرى ئاسان بولىدۇ ۋە كۈنلىرى تولىمۇ باياشاتچىلىقتا ئۆتىدۇ. مەسىلەن، « بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى »، « ئۈچ ئېغىز ھىكمەتلىك سۆز» … قاتارلىق چۆچەكلەردە مۇشۇنداق ۋەقەلىكلەر بار.

ۋەسىيەتنامىلەردە ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ قىلنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئەكىس ئېتدۇ. جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ۋەسىيەتلەر ئومۇم تەرپىدىن چەكلىنىدۇ. ۋەسىيەت قانداشلىق ۋە دوستلۇقنى ئاساس قىلىپ ئەجدادلارنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈدىغان بۇرچ رىشتىسىدۇر. ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئاتا – ئانىسى ياكى توغقانلىرىنىڭ ۋەسىيىتىنى بىجاندىل ئورۇنلىمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.

قىسقىسى، ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئادىتى جامائەت گۇۋاھلىقى، قانداشلىق، مىراس تەقسىملەش، مۈلۈك ۋارىسلىقى ۋە ھەق – تەلەب ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بىر ياخشى ئادەتتۇر. ئۇيغۇرلاردا « جان كۈندە چېچەكلىمەيدۇ. » ھەم ئادەمگە « بالا – قازا پۇت قولنى ساڭگىلىتىپ كەلمەيدۇ» شۇنداق ئىكەن، ۋەسىيەت قالدۇرۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغان ۋە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقا شەرتى توشىدىغان كىشىلەرنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرۇشى مۇھىمدۇر.

______________

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

① « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى » ( قىسقارتلمىسى )، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 ـ يىل 8 ـ ئاي 1 ـ نەشرى.

② بېرترانت. رۇسسىل ( ئەنگىلىيە )، ( ئەركىن ئىبراھىم تەرجىمىسى ): « نىكاھ ئىنقىلابى » ( ئۇيغۇرچە )، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1992 ـ يىل 5 ـ ئاي 1 ـ نەشرى، 25 ـ بەت .

③ مۇھەممەترېھىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان:« قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل 8- ئاي 1- نەشرى، 317-، 318- بەتلەر.

④گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ نەشرىگە تەييارلىغان: « قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى ئوغۇزنامە »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980- يىل 11- ئاي 1- نەشرى، 61-بەت.

⑤مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىل 8- ئاي 1-نەشرى ،1- توم 108 – بەت .

⑥مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقى [مىسىر]: « ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە – مارجانلار »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 12- ئاي نەشرى، 408 ـ بەت.

⑦ « بىلقۇت خەزىنىسى » ناملىق ئىلىكترونلۇق لوغەتتىن.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ئەسلى مەنبەسى « مىراس » ژورنىلى 2008 – يىللىق 3- ساندىن ئېلىندى.

مەنبە : ئۇيغۇرلار تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.

سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.20ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 20 viewsئىنكاس سانى : 2

سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت

 ( زۇلپىقار بارات )

ئىلاۋە: ئەسلى مەن بۇ خەتنى ئۆزۈم ھۆرمەتلەيدىغان، قولىدىن ئىش چىقىدۇ دەپ قارىغان ئون قېرىندىشىمغا،ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئون سەگەك زىيالىغا يېڭى يىللىق ئۈمىد ئورنىدا يازغانىدىم. ھازىر ئويلىشىپ، مەن تونۇش-تونۇماسلىقىمدىن قەتئىينەزەر، بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان دوستلارلا بولسا تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ۋە مەتبۇئاتقا بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلىپ مۇنبەردە ئېلان قىلدىم. بۇ بىر تەسىرات يازمىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىنى قويمىدىم، نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى تەبىئىي، ئۇدۇل ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. ماقالىدە ئىسمىنى تىلغا ئالغان كىشىلەرگە مەن ئۆچ ئەمەس، ئەمما، ھازىر مەن كۈندىن-كۈنگە ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان ئادەملەرنى ھەم ئۆزۈمنى پاكىتى بىلەن تەنقىد قىلىپ تۇرۇشنىڭ(قۇرۇق سۆكۈش، چۆكۈرۈش ئەمەس) زۆرۈرلۈكىنى كۈنسېرى ھېس قىلىۋاتىمەن.مەن بۇ خەتنىڭ روھىنى چۈشىنىپ ئوقۇغان چېچەن پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ئاخىرقى قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىدىن «مەن ئۆزۈم قۇربىتىم يېتىدىغان دائىرىدە خەلقىم ئۈچۈن يەنە نېمە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن؟ مەن ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ئۇسۇلۇم ھەققىدە ئويلىنىشىم كېرەكمۇ –يوق؟»دەپ سوراپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇندىلا مېنىڭ بۇ قېتىملىق تەشەببۇس خېتىمدىن ھاردۇقۇم چىققان بولاتتى…

       ئەسلى مەن بۇ خەتتىكى گەپلەرنى يېرىم يىل بۇرۇن يازدا يازماقچى ئىدىم. لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنداق بولماي قالدى. بۇ خەتتە زىل، نازۇك تېمىلارغا تاقىشىدىغان ھېچقانداق گەپ يوق، پەقەتلا خىرسلىق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرىنىڭ تار ئىمكانىيەت ئىچىدە يەنە قانداق ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغانلىقى ۋە چوقۇم قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سەمىمىي دەۋەت، پىكىر يولىنى ۋە ئىزدىنىش يولىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇنازىرىگە ،تەنقىدگە، ئىلمىي ئەمگەككە، تەخىرسىز ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈش ھەققىدە چاقىرىق بار. مېنىڭچە، بۇ خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھېس قىلىۋاتقىنى يالغۇز مەنلا ئەمەس. مۇشۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي پەن زىيالىيسى ھېچبولمىغاندا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرنىڭ سەگەك، پىكرى ئويغاق زىيالىيلار قاتلىمىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

       ئۇنداقتا بۇ خەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى نېمە؟

1.بىزنىڭ ئىلاجسىز ئەھۋالدا قالغىنىمىز، چۈشكۈنلىشىۋاتقىنىمىز راست. ئەمما، بىزنىڭ ئىزچىل سەل قاراۋاتقان، تىرىشساق چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس…
2. بۇ خەتنى چۈشىنىپ ئوقۇغان ھەر بىر زىيالىيدا تەنقىدىي روھ، سەگەك مېڭە ۋە رېئاللىقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە كۆيۈۋاتقان يۈرەك، ئۆز چامىغا يارىشا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىق بار، ئەمما ھەمكارلىق روھى كەمچىل، ھەتتا ھەمكارلىققا ئۇرۇنۇپ كۆرىدىغان جۈرئەتمۇ يوق…

3. بىزدە ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش خاھىشى ئېغىر؛ باشقىلار دەۋاتقان 10 ئېغىز گەپنىڭ توققۇزىدا ھەقىقەت، بىرىدە پۇچەكلىك ياكى يەڭگىلتەكلىك ئەكس ئەتكەن بولسا، بىز ئۇنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز خاتا گېپى ئۈچۈن ئۇنىڭ گەپلىرىدىكى توغرا تەرەپلەرنى كۆرمەيمىز ياكى مۇشۇ >> بايقىشىمىز<< نى دەستەك قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇ زىيالىيدىن قالتىس ئىكەنلىكىمىزگە ئىچىمىزدە خۇش بولىمىز. نەزىرىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ كارغا كېلىدىغان زىيالىيسىدىن ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق…

4. بىزدە ئۇچۇرلارنى بىر-بىرىمىزدىن قىزغىنىدىغان، بېسىۋالىدىغان، ئالماشتۇرمايدىغان ئاجىزلىق مەۋجۇت…

5. بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى تالانتلىق. ئەمما، بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى، تەتقىقاتىنىڭ مەقسىتىنى، ماقالە يېزىش قائىدىسىنى خاتا چۈشىنىۋالغىنىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەمدە قەلەم تەۋرەتكەن چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە دىققەت قىلمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىجىللىق ئىچىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك….

6. جۇڭگوغا كەينىچىلەپ كىرگەن نەزەرىيە ۋە ئۇيغۇرلاردا تىللاش، مەنسىتمەسلىك ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان نەزەرىيە ھەر بىر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنىڭ جېنى ئىدى. لېكىن بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى بولسىمۇ تولۇق ئۆگەنمىدۇق. مۇشۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالىي ئۆزى قىزىققان، تەتقىق قىلىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسى ۋە دۇنيادا ئۇ ھەقتە نېمە يېڭى تەتقىقاتلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇرۇنۇشىنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك…

7. مىللەتكە ئارتىلغان نۇرغۇنلىغان نۇقسان ۋە ئىللەتلەر ئاۋۋال ئۆزىمىزدە بار. بىز ئاۋۋال ئۆزىمىز ھەققىدە تەلتۆكۈس ئويلىنىشىمىز كېرەك. …

 8.  ئابىستىراكىت تەپەككۇرىنىڭ، زىيادە كەڭرى قىزىقىشنىڭ زىيىنىنى جىق تارتتۇق…

 9. ئۇيغۇرلاردا پىكىر يېڭىلاش دولقۇنى قوزغاش پۇرسىتى كەلدى ھەم بۇ ۋەزىپە بىزنىڭ زىممىمىزدە…

 10 . ئابدۇرۇپ پولات، مەترېھىم سايىت، لېتىپ توختى بىر فاكۇلتېتتا تۇرۇپ بىر داستىخاندا ئولتۇرالمايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا، ئەسئەت سۇلايمان ئاكا، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىم ئاكا بىر- بىرىگە ئۆچ ئەمەس ھەم ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغان يېرى ئاز ئەمەس. ئۇلارنى بىر يەرگە ئەكىلەلمەيۋاتقان نەرسە نېمە؟<< بىزنىڭ تارىختىن قوبۇل قىلغان نەرسىمىز بىرلا ئۇ بولسىمۇ ھېچقانداق ساۋاق قوبۇل قىلماسلىق. >> بىز بۇ ھېكمەتنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرىشىمىز كېرەكمۇ-يوق؟

  11. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ تالانتلىق زىيالىيلىرى ئۆزى ئارىلىشىۋاتقان پۇچەك ئادەملەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ-يۇ، پۇچەك ئادەملەر بۇ سۆيۈملۈك ئادەملىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ.. ..

12 .بىز جەمئىيەتلەشكەن ئۈچ مەرەز ئەۋج ئالغان مۇھىتتا (جەمئىيەتلەشكەن رەڭۋازلىق، جەمئىيەتلەشكەن پۇچەكلىك، جەمئىيەتلەشكەن ئىجتىمائىي بىنورماللىق ) ياشاۋاتىمىز. بىز بۇ مۇھىتتا قانچىلىك چىرىدۇق؟ ۋە داۋاملىق چىرىماسلىق ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟

 بىز ۋەھىمە ئوبيېكتىنى مۇبالىغە قىلىۋەتتۇق. ھەقىقىي ئەندىشىنىڭ مەنبەسى، ھەقىقىي دۈشمەننىڭ مەنبەسى ئۆزىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ.

       خەتتىكى 10 نۇقتىنىڭ ھەر بىرىدە نېمە دېمەكچى؟

1 .بىز ئۈچۈن ھازىرقى دەۋردە مۇختەر مەخسۇت، ئابدۇراخمان ئەبەي، پولات ھېزىۋۇللالارنىڭ ،رىياسەتچى ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ،بىر قەدەر ساپالىق نەشرىيات سودىگىرى ئەركىن ئىبراھىمنىڭ رولى بەك مۇھىم ئىدى. بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقىرىقى بەش كىشى بىلەن دىئالوگلىشىىشى، ئۇلارغا گەپ قىلىشى كېرەك. بۇ تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش. مېنىڭچە، يۇقىرىقى بەش كىشىنى جەمئىيەت ئاز-تولا چىرىتقان بولسىمۇ، مېنىڭچە ئۇلار پەقەت گەپ يېمەيدىغان ھاماقەتلەردىن ئەمەس. بىز تېلۋۇزۇردا << خۇداغا ئامانەت >> دېگەن گەپنى دېگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن مۇختەر مەخسۇتقا(ئۇ نازىر ھەم بەك سەۋىيىلىك ئادەم ئىدىغۇ،نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟) <<دۇنياۋى يۈز مەشھۇر ئەسەر >> نىڭ پاخال ئەسەرلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئاران 30% دائىرىدە كىتاب چىقىرىش ئىمكانىيىتى قالغان ئىجادىي ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئورنىنى ئەخلەت كىتاب ئىگىلەپ كەتمەسلىكى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئابدۇراخمان ئەبەيگە، << تەڭرىتاغ>> ژۇرنىلىدا <<خۇدا ، مۇسۇلمان>> دېگەن گەپلەرنى دېگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن پولات ھېۋزۇللاغا(2007-يىلى 12-ئايدا تەڭرىتاغ ژۇرنىلىغا ماقالە ئاپاردىم، ئىمىر ھەسەن ژۇرنالنىڭ بۇ تەلىپىنى دەپ بەرگەندە يىغلىغۇدەك بولۇپ چىققانىدىم)، << بەدەن ئىلىملىرى>> قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا كېرىكى يوق كىتابلارغا مەبلەغ سېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەقىللىق ئەركىن ئىبراھىمغا گەپ قىلىشىمىز، خەت يېزىشىمىز كېرەك (مەن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانلارنى زىيادە ھۆرمەتلىگىنىم، ئۇلاردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكىنىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالدىم)، بۇ تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىدى. لېكىن بىز نېمە ئۈچۈن قىلمىدۇق؟ نېمە ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتمەيمىز؟ بۇ خەتنى ئوقۇغان ئەقىللىق زىيالىيلار ئارىسىدا يۇقىرىقى كىشىلەرگە نۇپۇزىدىن پايدىلىنىپ گەپ يېگۈزەلەيدىغانلار، قاملاشمىغان ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بۇلغاۋاتقان << يازغۇچىلار >> نى جايىدا، ئىلمىي تەنقىدلىيەلەيدىغانلار، ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىدا جىددىي قەلەم ئېلىشقا، ئىزدىنىشقا تىگىشلىك، شۇنداقلا زىل، نازۇك تېما ھېسابلانمىغان ئەخلاق كرىزىسى، قىممەت قارىشى، پىكىر كرىزىسى ھەققىدە ئاجايىپ ياخشى نەرسىلەرنى يازالايدىغانلار بار. بىز نېمىشقا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلاردىمۇ سۈكۈت قىلىمىز؟ ئۆزىمىز تەنقىد قىلىۋاتقان ئىللەت ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتامدۇ قانداق؟ بىز مۇمكىن بولغاندا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىشىمىز، مۇمكىن بولمىغاندا خەت يېزىپ رولى چوڭ كىشىلەرگە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مەن دېمەكچى ،بىر خىل ئىمكانىيەتنىڭ يولى ئىتىلسە، بىز يەنە بىر خىل ئىمكانىيەتنىڭ ئامالىنى قىلىشىمىز ۋە توساقلاردىن شۇڭغۇپ كىرەلىشىمىز كېرەك.
2. ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرى ھەمكارلىشالمايۋاتىمىز. بۇ بىزدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇنەۋۋەر پېداگوگ ئابدىۋەلى مۇقىيت << مەدەنىيەت بوستانى>> پروگراممىسىنىڭ زىيالىيلارنىڭ بۇرچىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن سانىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك،<<مەن ئۇنىڭ بىر يېرىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇ مېنىڭ بىر يېرىمنى ياقتۇرمايدۇ، ئىشقىلىپ بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرمايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كېلەلمەيمىز.>> تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ بىزدىكى ئىلىمگە بولغان ھۆرمەتنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكى، ئىلمى ئەخلاقنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھېلىمۇ پۇچەك ئادەملەرنىڭ جىقلىقىدىن ئىچىمىزنى تۆكىدىغان ئادەم تاپالماي قىينىلىمىز. ئەمدى بىر يەرگە كېلىپ بىلىدىغانلىرىمىز ھەققىدە دىئالوگلىشىشقا، قىلىۋاتقان تەتقىقاتىمىز ھەققىدە باشقىلاردىن پىكىر ئېلىشقا، ھەمكارلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايمىزمۇ؟ بۇ ئۇنچىلىك دەرىجىدە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەستىغۇ؟ ئىجتىمائىي پەندە مۇتلەق توغرا پىكىر بولمايدۇ، پەقەتلا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ قىلىنغان پىكىر بولىدۇ. شۇڭا بۇ پىكىرلەر ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن، يۈزەكىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ خىل نۇقساننى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئارقىلىق تۈزەتكىلى بولىدۇ. زىيالىيلارنىڭ، مىجەزى كېلىشىدىغان ئىلىمگەرلەرنىڭ سورۇنلىرى گەپ سېتىش، يەپ-ئىچىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالسا، بۇ شۇ زىيالىينىڭ پۇچەكلىكى، قورسىقىنىڭ، روھىنىڭ تېخى تويۇنمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. << بىز ئىلىم چېيى>> ،  << ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش چېيى>> ، <<كىتاب ئۇقۇش تەسىراتى چېيى>> قاتارلىق يېڭىچە سورۇن تۈرلىرىنى پەيدا قىلىپ بىر خىل ئىلمىي كەيپىيات پەيدا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس.
3.  ئۆزىڭىزدىن ئوبدان سوراڭ : << ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سىزدىن باشقا ياخشىراق پىكىر قىلىدىغان ئادەم يوقمۇ؟ >> مېنىڭچە، بۇ خەتنى ئوقۇغان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىي ئۆز كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز پەقەت ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىزدىنىۋاتقانلار، شۇڭا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ، ئۆزىمىز دەۋاتقان گەپنىڭ ئەھمىيىتىنى زىيادە يۇقىرى باھالايمىز، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىر خىل سوغۇق نەزەر بىلەن كۆزىتىمىز. راستىنلا باشقا زىيالىيلاردا بىز ئۆگەنگۈدەك تەرەپلەر يوقمۇ؟ ئەگەر <<ھەئە>> دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى. ھەر بىرىمىزدە ،يۇقىرىقى سوئالغا <<ھەئە>> دەپ جاۋاب بېرىۋاتقان سىزدىمۇ كەمچىلىك بولىدۇ. پەقەتلا باشقىلارنىڭ پىكرىدىكى، ئىلمىي پوزىتسىيىدىكى ئارتۇقچىلىقنى ،ئىشقىلىپ ئۆگەنگۈدەك بىر يېرىنى ئاۋۋال كۆرەلىگەنلەر ۋە قوبۇل قىلالىغانلار قىممەتلىك زىيالىيلاردۇر. بىر زىيالىينى ئاخىرقى ھېسابتا كېرەكسىز قىلىۋېتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش كېسىلىدۇر.
4. تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى ،شۇ قاتاردا كىتابلارمۇ قىممەتلەپ كەتتى. بىز نېمە ئۈچۈن كىتابلارنى بىر-بىرىمىزدىن قىزغىنىمىز؟ بولسا بىز ئۆزىمىزدە بار كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى تىزىپ ئۆزىمىز يېقىن ئۆتكەن زىيالىيلارغا تاپشۇرۇپ ئىلمىي ئۇچۇر يەتكۈزۈشىمىز، ھەمكارلىشىپ كىتاب سېتىۋېلىش ،كىتابلاردىن تەڭ پايدىلىنىشنى سىناق قىلىپ بېقىشىمىز ۋە ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. قاملاشمىغان يېرى، نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىر-بىرىدىن كىتاب ئەمەس، ئۇچۇرلارنىمۇ قىزغىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىلگىرىلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ زىيالىيلاردىكى پاجىئە بولماي نېمە؟
      بىزنىڭ چەكلىك ئۆمرىمىز قالدى. بەلكىم بېسىپ ياتقان بەزى كىتابلىرىمىزنى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىتىش پۇرسىتى بولماسلىقى مۇمكىن. بىز ئۇ كىتابلارنى گۆرىمىزگە ئەكىتەلمەيمىز. ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا كىتابلىرىمىزنى ئارىيەت بېرەيلى، كىتاب ئارىيەت ئالغانلار لەۋزىمىزدە تۇرۇپ كىتابنى ۋاقتىدا قايتۇرايلى، باشقىلارنىڭ كىتابىنى بېقىۋالىدىغان قىلىقنى قىلمايلى. 
5. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بەك ئاجىز، خەلقئارا ئۆلچەمدىن يىراق. بىز ئىلمىي تەتقىقاتنى خاتا چۈشەنگەن. مەسىلەن، بىز كىتابخانىدىن <<مەدەنىيەت تەزكىرىسى>> دەپ ئېسىل كىتابتىن بىرنى سېتىۋالغان ۋە ئۇ كىتابلاردىكى نۇقتىئىنەزەرلەرنى ياقتۇرۇپ قالغان بولساق، ئۆزىمىزچە شۇ پىكىرلەرنى مۇشۇ تېمىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق قاراش دەپ بىلىمىز، ئۇنىڭ خەلقئارادا شۇ تېمىدا ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىتاب ئىكەنلىكى ۋە مەلۇم بىر خىل پىكىرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشمايمىز. بىز ئىلمىي تەتقىقاتتىكى سىتاتا قائىدىسى، ئىزاھات قائىدىسى، نەزەرىيە ئەسلەش قائىدىسىدىن خەۋەرسىز. ماقالىلىرىمىز ھېسسىي قاراش تىپىدىكى ماقالىلەر بولۇپ پاكىت ۋە ئىلمىي دەلىل كەمچىل. شۇ تېمىدا پەقەت ھازىرغىچە ئۆزىمىزلا قەلەم تەۋرىتىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئەسەر يازىمىز. بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئوخشاش تېمىدىكى قاراشلىرىنى، خەلقئارادىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتمەيمىز. ئەمدى بىز- مۇشۇ دەۋر زىيالىيلىرى مۇشۇنداق كۈلكىلىك پوزىتسىيىگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. 
6.  بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نەزىرىيىگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزدىن خىجىل بولۇشىمىز كېرەك. ئاددىي ئاۋام ئارىسىدا نەزەرىيىنى تىللاش، مەنسىتمەسلىك، مازاق قىلىش، چۈشەنمەسلىك ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلاندى. بۇ خىل ناچار يۈزلىنىشنىڭ بىر مەسئۇلىيىتى زىيالىيلاردا. باشقىلارغۇ مەيلى، بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان سەگەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كېچىكتۈرمەسلىكى، يېرىم يىل ئەتراپىدا ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى جىددىي ئۆگىنىشى كېرەك. ئېنگلىسنىڭ<< ھەر قانداق بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، ھەر دەقىقە نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن ئايرىلماسلىقى كېرەك>> دېگەن سالمىقى ئېغىر گېپىنى بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالىي ئاڭلىغان، ئوقۇغان ياكى ماقالىلىرىدە سىتاتا ئالغان، ئەمدى گەپنى ئەمىلىيىتىمىزدە كۆرسىتىدىغان دەۋر كەلدى. ھەر قانداق بىر ماقالىدە شۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇقۇملارغا دائىر نەزىرىيىلەر جايىدا تەدبىقلىنىشى كېرەك. راست، ئەمما قۇلاققا خۇشياقمايدىغان گەپتىن بىرنى قىلغاندا، بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى بىلمەيمىز.
7 . بىز ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان نۇقسان، ئىللەتلەرنى ھېس قىلالايمىز ۋە پىكىر قىستىغاندا ئۆزىمىز بىلگەن نۇقتىلاردا قەلەم تەۋرىتىمىز. ئەمما، بىزدە ئۆزىمىز تەنقىدلەۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ ئۆزىمىزدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان باتۇرلۇق بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلاردا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئۆزىمىز ۋاقىتقا رىئايە قىلمىساق، ھەددىدىن زىيادە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە زىياپەتنىڭ زىيىنىنى ھېس قىلىپ ۋە ئۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىمىز ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ سەلبىي تەسىرى تۈپەيلى تەنقىدىي تەپەككۇردىن ئايرىلىپ قالساق ، ۋاقىتلىق خۇشاللىقلار ئۈچۈن سورۇنلاردىن نېرى كېلەلمىسەك، بۇ بىر قارا يۇمۇر. زىيالىيلىق نامى ئابىستىراكىت تەپەككۇردا، تەنقىدىي پىكىردە ئىپادىلىنىپ قالماستىن كونكرېت ھەركەتلىرىمىزدە ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئومۇمەن، بۈگۈنكى دەۋر ھېچقانداق دەۋردىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرى دەل ئۇيغۇرنىڭ رىئاللىقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر تەقەززا قىلىۋاتىدۇ.فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ژان مىچېل ئۆزىنىڭ << تەنقىدچى زىيالىيلارنى تەنقىد >> ناملىق ماقالىسىدە ئۆزى تەنقىد قىلىۋاتقان نۇقتىلارغا ئەمەل قىلمايدىغان زىيالىيلارنى << ساختا ئالىجانابلار >> دەپ ئاتاپ مۇنداق يازىدۇ: << بۇنداق زىيالىيلار تەنقىد ئۈچۈنلا تەنقىد قىلىدۇ، تەنقىدنى شۆھرەت ۋە ياشاش دەستىكىكىگە ئايلاندۇرۋالغان. ئۇلار تەنقىدسىز ياشىيالمايدۇ، ئەمما ئۆزى تەنقىد قىلىۋاتقان تېمىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تۇيمايدۇ.>> ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا <<قەھرىمانلارنى دەۋر يارىتىدۇ >> دېگەنىدى. بۈگۈنكى دەۋر قەھرىمان بولالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ خىرىس پۇرسەتلىرىنى ۋاقتىدا تونۇپ ۋە ئۆز ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ ياشايدىغان زىيالىيلارغا، ئۆزىدە بار ئىللەتنى مىللەتكە ئارتىپ قويمايدىغان زىيالىيلارغا موھتاج.
8.  بىز ئابىستىراكىت تەپەككۇرىنىڭ، زىيادە كەڭرى قىزىقىشنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يىتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ساماندەك، ئەيدىزنىڭ يامرىشى تىز، ئىشسىزلىق ئېغىر، قىممەت قارىشىمىز كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. لېكىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نىسبەتەن مەۋھۇم ياكى ئابىستىراكىت نۇقتىلاردا پىكىر يۈرگۈزىۋاتىدۇ ياكى قەلەم تەۋرىتىۋاتىدۇ. مېنىڭ بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئېگىز تاغ چوققىسىدىكى بۇتخانىدا ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇپ كۆزى يۇمۇلغان ھالەتتە يىراقلارغا يۈزلەنگەن راھىبلارغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بۇنداق راھىبسىمان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كېرەك ئەمەس. بىز ئەركىن سىدىقنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشىمىز، كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. راستىنى دېگەندە، ئەركىن سىدىق ئاكا ئىجتىمائىي پەن تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىدىغانلارنى خىجىل قىلىپ قويدى. مەنمۇ ئەسلىدە << ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىمنى كېيىن ۋاقتى كەلگەندە بىراقلا كۆپچىلىككە سۇناي>> دەپمۇ ئويلىغان. ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئاددىي بولسىمۇ ئەمەلىي قىممىتى بار تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.
        ئۇنىڭدىن باشقا ،ئابىستىراكىت تەپەككۇرىمىز كونكرېت تەتقىقات تېمىسىدا ئىزچىللىشىشى، بىر تېمىدا پىكىر قىلىۋېتىپ يەنە بىر تېمىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. زىيادە كەڭرى قىزىقىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىجتىمائىي پەندە ئۇنىڭغىمۇ، بۇنىڭغىمۇ قىزىقىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە. بۇ ھال ھېچقانداق كونكرېت ساھەگە پىششىق بولماسلىق، كەسىپتىكى چالىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى پەلسەپە، سىياسىي، جەمئىيەتسۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، ئەدەبىيات ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىدە زۆرۈر بىلىملەردىن خەۋەرداردەك ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ساختا تۇيغۇ. ئۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىزدىنىشىمىزگە، قىزىقىش دائىرىمىزنىڭ ھەممە تۈرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزغا شارائىت يار بەرمەيدۇ، ئۆمرىمىزمۇ يەتمەيدۇ. بىز تەتقىقات دائىرىمىزنى تارايتىشىمىز ۋە كونكرېت تېمىلار ھەققىدە ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ ئىزدىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلاردا ئەخلاقشۇناس، پسىخولوگ، جەمئىيەتشۇناس يوق. ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاق كرىزىسى، قىممەت قارىشى كرىزىسى، پسىخىكىلىق كېسەللەر ھەققىدە ئىزدىنىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان زىيالىيلار بولۇشى كېرەك.
 9. ئۇيغۇرلاردا پىكىر يېڭىلاش دولقۇنى قوزغاش پۇرسىتى كەلدى. ھازىر ئۇيغۇرنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى مەلۇمات ئالغان بىر قەدەر سەۋىيىلىك كىشىلىرى ئارىسىدىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزۈلگەن كىتابلارنى ئۇقۇماسلىق خاھىشى مەۋجۇت. بۇنىمۇ ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرىنىڭ بىخۇدلۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ رېئاللىق قانداق كېلىپ چىققان بولسا، بىز يەنە شۇنداق ئۇسۇل بىلەن رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. ئىلىم ھاۋاسى پەيدا قىلىپ ئىلىمنىڭ ئىناۋىتىنى، پىكىرنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك. مېنى مۇشۇنداق بىر خىل ئەھۋال ئېچىندۇرىدۇ: بىر باي داستىخان سېلىپ ئون زىيالىينى بىر يەرگە چاقىرىپ ئۆز گېپىنى ئاڭلاتقۇزۇپ ئولتۇرغۇزالايدۇ. لېكىن ئون زىيالىي بىر بايغا ئۆزىنىڭ گېپىنى يېگۈزەلمەيدۇ. بۇ بىزدىكى زىيالىيلارنىڭ ئۇيۇشۇلمايۋاتقانلىقىنىڭ، ماددىيلىقنى زىيادە چوڭ بىلىپ كىتىۋاتقانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
       بۇ خەتنى چۈشىنىپ ئۇقۇغانلار خىيالى شەخسى دەردىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئويلايدىغان سەگەك زىيالىيلار. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ھەر بىرىمىزدە دېگۈدەك مەۋجۇت. مەن بۇ خەتنى يېزىشتىن بۇرۇن بەك ئىككىلەندىم. ساقال تاغىقى، ھاياجان، تەنتەك دەپ چۈشىنىلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم. ئەمما، مەن ئەمەلىيەتچانلىقنى ئۆگەندىم، كونكرېت ھەرىكەتنىڭ ئورۇنسىز سۈكۈتتىن ، مۈجمەل زىيالىينىڭ جىم بۇلېۋىلىشىدىن ئەۋزەل تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. شۇڭا، مېنىڭ خاتا چۈشىنىلىشىم مەن ئۈچۈن بەرىبىر. ئۆزەم ھۆرمەتلەيدىغان، ياقتۇرۇدىغان، قولىدىن ئىش چىقىدۇ دەپ قارىغان زىيالىيلارغا بۇ خەتنى يازغىنىم ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشكە رايىمنىڭ بارلىقىدىندۇر؛ شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭمۇ تەنقىد قىلىنىشنى خالايدىغانلىقىمدىن. مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ << تەنقىدتىمۇ ئوتتەك مېھىر بار>> دېگەن گەپنى ئەسلەپ قالدىم.
       مەن سالامەتلىكىم يار بەرسە، جېنىم تىنىمدە ئامان بولسا، مۇشۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەربىر سەگەك پىكىر ئىگىسىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە بەش يىلدىن كىيىن ئىلمىي باھا يازغۇم ۋە شەخسى خەت يېزىپ شۇ كىشىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارغۇم بار.
       بۇ بەش يىلدا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلەر، ئىزىغا سەكرىگەنلەر شىددەتلىك تەنقىدگە دۇچ كېلىدۇ. مېنىڭ بۇ تەنقىدنى ئۆزەم دوست دەپ بىلگەن ئادەملەرگە يازغۇم بار. ئاخىرىدا مەن خېتىمنى يەنىلا زىيالىيلار ھەققىدە جىق ئىزدەنگەن فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى پىئىر بوردىئونىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي << بىلىم ئىگىلىرى- ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشايلى !>>

مەنبە :ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىقى بلوگى ،ئەسكەرتىش : ئەسەر مەزمۇنى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۆچۈرۈپ كېلىندى .

ئاداۋەتخورلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.18ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 17 viewsئىنكاس سانى : 0

 

 

 

 

                                                                                                        

ئاداۋەتخورلۇق

     ئاداۋەت ۋە ئاداۋەتخورلۇق ، ئىنسان پىسخىكىسىدىكى بىر خىل روھىي ھالەت ۋە ئۇنىڭ ئىنكاسى . ئۇ ، ئادەم پىسخىكىسىدا  باشقا روھىي  ئاجىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە . بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ، ماددى مەدەنىيەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ، پىسخىك ساغلاملىقىنى يېتىلدۈرۈشتە ، ئاداۋەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ روھىي ئاجىزلىقىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىۋېلىش ، مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم .

ئاداۋەت ــــ بىر-بىرى بىلەن بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا پەيدا بولغان، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان مەقسەت ھەم پىسخىك توقۇنۇشنىڭ ئىنكاسى، ئاداۋەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئاداۋەتخورلۇققا ئايلىنىشىغا ئاسالانغاندا، ئۇنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىغىلى بۇلىدۇ.

1) رەنجىش ئاداۋىتى؛ 2) تەمەخورلۇق ئاداۋىتى؛ 3) تەنقىد ئاداۋىتى؛ 4) ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتى؛ 5) تەمەننا ئاداۋىتى؛ 6) ئۇرۇشقاقلىق ئاداۋىتى؛ 7) يامان كۆرۈش ئاداۋىتى؛ 8) يۇرتۋازلىق ئاداۋىتى؛ 9) ھوقوق-ئىمتىياز ئاداۋىتى؛ 10) مەنپەئەت ئاداۋىتى.

رەنجىش ئاداۋىتى ــــ بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن رەنجىشىدىن تۇغۇلدىغان ئاداۋەت. ئۇ ئىككى سەۋەبتىن تۇغۇلىدۇ؛ بىرى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمدىن ئورۇنسىز زەربە يېگەندە، زەبە بەرگۈچىدىن رەنجىپ ئاداۋەت تۇتىدۇ؛ يەنە بىرى، زەربە بەرگۈچىدىكى رەنجىش پىسخىكىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاداۋەت. ئۇ، باشقىلارغا ناھەق زەربە بېرىپ ئارقىدىن ئاداۋەت تۇتۇشتا كۆرۈلىدۇ ئالدىنقىسىنى ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشىنىشكە بۇلىدۇ كېيىكىسى روھى ھالەتكە مەنسۇپ.

تەمەخورلۇق ئاداۋىتى ــــ بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن كۈتكەن تەمەسى ياكى غەيرىي مۇددىئاسى پەيدا قىلغان ئاداۋەت. ئۇ، مەلۇم باشقۇرغۇچى، تۇغقان، قوشنا، ئىشداشتىكى بىر خل نىسبەتنىڭ ۋەسىۋەسى بىلەن بويسۇنغۇچى، تۇغقىنى، قوشنىسى، ئىشدىشىدىن مەلۇم تەمەنى ئورۇنداشنى كۈتكەندە، تەمەسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىسا، ئىشقا ئاشۇرمىغۇچىغا ئۆچلۈكى كېلىپ قوزغىلدىغان ئاداۋەتتۇر. بۇ خىل ئاداۋەت يولسىز بولغانننىڭ ئۈستىگە ، بەك كۈچلۈك بۇلىدۇ. بۇ خىل ئاداۋەتتە يەنە خۇشامەت،سالام قىلمىغانغا ئاداۋەت تۇتۇش تىپىمۇ بار. بۇ ئاداۋەتخورلار بويسۇنغۇچى، تۇغقىنى، قوشنىسى، ئىشدىشىنى يامان كۆرۈپ، پۇرسەت تېپىپ زەربە بېرىپ، ئۆچ ئېلىشنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ.

تەنقىد ئاداۋىتى ــــ ئادەتتە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئاداۋەت تۈرى. ئۇ، ئەر-خوتۇنلار، ئاتا-ئانا، بالىلار، باشقۇرغۇچىلار بىلەن بويسۇنغۇچىلار، تۇغقان بىلەن تۇغقان، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار، قوشنا بىلەن قوشنا، ئىشداشلار ئارا بىر-بىرىنى بىرەر ئىشتا تەنقىد، تەنبىھ قىلغاندا، مەلۇم بىر تەرەپتە يۈز بېرىدىغان ئاداۋەت. بىرسى يەنە بىرسىنى تەنقىد قىلغاندا، تەنقىد قىلىنغۇچى تەنقىد قىلغۇچىغا ئاداۋەت تۇتىدۇ؛ يەنە بىر ئەھۋالدا، تەنقىد قىلىنغۇچى تەنقىدنى قوبۇل قىلماي ئۆز پىكىردە چىڭ تۇرسا، تەنقىد قىلغۇچى تەنقىد قىلىنغۇچىغا ئاداۋەت تۇتىدۇ.

ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتى ــــ ئاداۋەتخورلۇق ئىچىدىكى ئەڭ يامان ئاداۋەت تۈرى. ھەسەتكە مۇپتىلا بولغانلار ئەتىراپتىكىلەرنىڭ بىرە ئىشتا نەتىجە قازانغانلىقىنى كۆرگەندە؛ ئىناۋىتى، ئىجتىمائىي ئورنى، ئەمگىكى، تۇرمۇش سەۋىيسى ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەندە ھەسەتخورلۇقى قوزغىلىپ پەيدا بۇلىدىغان ئاداۋەت. ھەسەتخورلۇق باھانە-سەۋەب ئىزدەپ، «رەقىبى» نى ئىناۋىتىدىن، نەتىجىسىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئاداۋەتنىڭ پەيدا بۇلۇشىغا ئىككىنچى ئادەمنىڭ مۇناسىۋەت سەۋەنلىكى سەۋەب بولمايدۇ.ھەسەتخورلار باشقىلارنى كۆرەلمىگەندە ، ئىچى تارلىقى تۇتقاندا ، ئۆزىچە ئاداۋەت تۇتۇپ ، ئاجايىپ قىلىقلارنى قىلىشقا باشلايدۇ . ھەسەتنىڭ بارلىق ھالەتلىرى ھەسەت ئاداۋىتىنى توغدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ  ھەمدە ئۇنى تۇغدۇرىدۇ . ھەسەت ئاداۋىتىگە مۇپتىلا بولغان ئادەم « رەقىبى » نى يېڭىش ئۈچۈن ، ھەتتا، دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن .

تەمەننا ئاداۋىتى – باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈپ ، كۆزىگە ئىلماسلىقتىن ، ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇشتىن ۋە ئۆزىنى قالتىس چاغلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاداۋەت . بۇنداق پىسخىكىلىق ئادەملەر باشقا ئادەمنىڭ ئۆزىنى چوڭ بىلمىگەنلىكى ، ئۆزىگە بويسۇنمىغانلىقى ( خۇشامەت قىلمىقىغانلىقى)غا ئۆچلىكى كېلىپ ئاداۋەت تۇتىدۇ . تەمەننا ئاداۋىتى مۇرەككەپ پىسخىك ھالەتتىن پەيدا بولغانلىقتىن ، بۇ خىل ئاداۋەت ئاسانلىقچە تۈگىمەيدۇ . بۇ ئاداۋەت ھەسەت ، يۇرتۋازلىق ئاداۋىتى ھەم ھوقوق – ئىمتىياز ئاداۋىتى بىلەن بىرىكىپمۇ كېتىدۇ .

ئۇرۇشقاقلىق ئاداۋىتى – ئۇرۇشقاقلىق خۇيى پەيدا قىلىدىغان ئاداۋەت . ئۇرۇشقاقلىق پىسخىكىسىغا ئىگە ئادەمدە ئۇرۇشقاقلىق تېشىغا تەپكەنلىكتىن – بىرەر ئادەمدە بىرەر باھانە تېپىپ ، ئۇرۇشۇپ ئاداۋەت تۇتمىسا ، يېگىنى چىرايىغا چىقمايدۇ ، ياتسا ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ . شۇڭا ، بۇنداق ئادەم بىر دەم بىرسى ، بىر دەم يەنە بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاداۋەت تۇتىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە تەمەننا ، ھەسەتخورلۇق قۇشۇلۇپ باشقىچە رول ئوينايدۇ.

يامان كۆرۈش ئاداۋىتى – كىشلەردە باشقىلارنى ئىجتىمائىي ۋە پىسىخىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يامان كۆرۈشتىن پەيدا بۇلىدۇ . بۇ خىل ئاداۋەت بىرى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بويسۇنمىغانلىقى ، نەپ بەرمىگەنلىكىگە قارىتا يامان كۆرۈشتىن ؛ يەنە بىرى ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلغانلىقىنى ئۇققاندا ، ئۇنى يامان كۆرۈشتىن ؛ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زىيانكەشلىك ، يامانلىق قىلغان ، ياۋاش ، ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنى بوزەك قىلغانلارنى يامان كۆرۈشتىن؛ ناچار ، بەتخۇي ئادەمنى يامان كۆرۈشتىن پەيدا بۇلىدۇ . بىرىنجى خىل يامان كۆرۈش ئاداۋىتىدە ناچار ئىدىيە ، يامان نىيەت رول ئوينىغان ، چېقىمچىلار قاتناشقان بولسا ؛ كېيىنكىسىدە ، گۈزەل ، كىشىلىك ئەخلاق ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ .

يۇرتۋازلىق ئاداۋىتى- يۇشۇرۇن ھەم رەزىل ئاداۋەت . يۇرتۋازلار بىر يۇرتلۇق ئەمەسلەرنى يەكلەپ ، ئۇلار ئىچىدىكى قابىللارنى ئۆچ كۆرۈپ ، ئۇلارغا ئاداۋەت تۇتىدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنى بىلدۈرمەيدۇ ، مەلۇم شارائىت ياكى ماكان ، زاماندا ئاداۋەتنى ئاشكارلاپ ، دۈشمەنلىشىشكە باشلايدۇ .ئۇلار بەزى چاغلاردا يۇرتلۇقلىرىنى توپلاپ ، كوللىكتىپ ئاداۋەت پەيدا قىلىدۇ ، يۇرتۋازلىققا ياندىشىپ ماڭىدىغان يۇرت خۇيىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يۇرتۋازلىق ئاداۋىتىنى پەيدا قىلىدۇ ھەم كۈچەيتىدۇ . يۇرتۋازلىق ئاداۋىتىگە يەنە تەمەننا ئاداۋىتى ، ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتى ، يامان كۆرۈش ئاداۋىتى، تەمەخورلۇق ئاداۋىتىمۇ ئارلىشىپ كېتىدۇ .

ھوقوق- ئىمتىياز ئاداۋىتى­­ ـــ ھوقوق تۇتقانلار ، ئىمتىيازلىقلاردا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاداۋەت . بۇ خىل ئاداۋەت بىر – بىرىنىڭ ھوقوق دائىرىسى ، ئىمتىيازى ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك پەرىقى بىلەن بىرى يەنە بىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ، ھەسەت قىلىش ئارقىلىق پەيدا بۇلىدۇ. بۇ ئادەملەر كۆرۈنۈشتە بىر – بىرى بىلەن ئىناق – ئىجىل ئۆتكەندەك، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر سورۇندا ، ياكى بىرەر ئىشتا ئاداۋىتىنى ئاشكارىلايدۇ .

مەنپەئەت ئاداۋىتى ـــ كۆپۈنچە سەخسىيەتچى ، ئاچكۆز ، ھەسەتخور ئادەمدە پەيدا بۇلىدىغان ئاداۋەت تۈرى . بۇنداق ئادەم ئۆزىگە پايدا – مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ھېسابلىغان ئىشنىڭ ئۆزىگە نىسىپ بولماي، باشقىلارغا تەۋە  بۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . شۇڭا ، ئەتراپىتىكى ئادەملەر مەنىۋى مەنپەئەت ياكى ماددى مەنپەئەتكە ئىگە بولسىلا ، مەنپەئەتكە ئىگە بولغۇچىغا ئاداۋەت تۇتىدۇ . بۇ خىل ئاداۋەت ئادەتتە ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتىگە ئارلىشىپ كېتىدۇ .

دېمەك، ئاداۋەتخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بىر- بىرىدىن مۇرەككەپ ، ھالەتلىرى كۆپ خىل ، كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ چوڭ بۇلىدۇ. ئۇ ، كىشلەرنى ئادەتتە بىر – بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن،ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىدا ھەر خىل روھى ئاجىزلىقلارنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەنبە بۇلىدۇ. ئاداۋەتخورلۇق نەدە پەيدا بولسا شۇ جايدىكى كىشلەرنىڭ ئىناقلىقى بۇزۇلۇپ ، مىللەتنىڭ زېھنى كۈچىنى چېچىپ ، توغرا يولدىن چەتلەشتۈرۋېتىدۇ .

 

 

 

 « ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

شائىر، كىملىك ۋە جەمئىيەت

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 0

شائىر، كىملىك ۋە جەمئىيەت                                                

-        شېئىرلىرىدا ئانا تىلىمىز بايرام قىلىۋاتقان ئادىل تۇنىياز

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

دوقمۇشلاردا، دوكلاتلاردا، جۆيلۈمىلەردە، ئەخلەت كىتابلاردا، قوشاقلاردا، بىر پۇرسەتپەرەس ئېتوتچىنىڭ ئاغزىدا، بىر نىجىسنىڭ نەزەرىدە ئۆزىنى مىسكىندەك ھېس قىلىپ قالغان تىل ئەللامە شائىرىمىز ئادىل تۇنيازنىڭ شېئىرلىرىدا بايرام قىلدى؛ چىرايىدا ھاياتىي كۈچ بەرق ئەتتى. بۇ ئۇنداق تىل ئەمەس…! دەپ پىچىرلىدى ئادىل تۇنىيازنىڭ مىسرالىرى. ئۇ مىسرالاردا بۇرۇن پەقەت بىر يەرگە كېلىپ باقمىغان سۆزلەر بىر يەرگە كەلدى..بىر- بىرىگە  پار كەلگەن، ئىلگىرى پىراق چەككەن ئاشىق سۆزلەر ئۆز مەشۇقلىرىنى تېپىۋالدى. ناۋايىدىن كېيىن مەشرەپ ئانا تىلىمىزنى ئەنە شۇنداق بىر ئۇسسۇلغا سالغانىدى. ئارىدىن 300 يىللار ئۆتۈپ، گاداي كاللىلاردا يايرايدىغان ماكان تاپالماي قالغان، تۇنجۇققان ئانا  تىلىمىز ئادىل تۇنىياز قاتارلىق بىر قانچە گىگانت شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدا لەرزان ساماغا چۈشتى. بويۇن قىسقان تىل بايرام قىلدى.

«بوينىڭنى تىك تۇتۇپ يۈر، سېنىڭ تىلىڭ  شېكىسپرنىڭ، ۋولت ۋىتماننىڭ، مىلتوننىڭ تىلى» دەپ خىتاب قىلغانتى ئىنگلىز تىلى!

«پەخىرلەن ، سەن پۇشكىن ئىشلەتكەن تىلنىڭ ئىگىسى» دەيتتى رۇس تىلى!

ئۇيغۇر تىلى يېتىمچىلىك ھېس قىلاي دېگەندە، چىرايىغا مىسكىنلىك يۈگۈرەي دېگەندە، تىل ئۇسىتىسى ئادىل تۇنىيازنىڭ مىسرالىرىدىن بىر سادا كەلدى: كەل، ئانا تىلىم. مەن ساڭا بايرام  قىلىپ بېرەي. سەن يېتىم ئەمەس. سەن ئەسلى ئۇنداق تىل ئەمەس ئىدىڭ.

بىر يارىماسنىڭ قولىدا، يۇندىلاشقان قەلبىلەردە  چىرايىغا سامان يۈگۈرگەن ئانا تىل بايرام قىلدى. ئۇ كۈلدى، يىغلاپمۇۋەتتى، ئاندىن ياش يۇقى كۆزلۈك سۆزلەر جۈپ-جۈپ بولۇپ سەھنىدە- ئادىل تۇنىياز مىسرالىرىدا بايرام قىلدى!

گىرمانىيە شەرھچىلىك پىكىر ئېقىمنىڭ پېشىۋاسى، كاتتا پەيلاسوپ گادامېر (1900-2003)«بىز ئادەتتتكى تىل بىلەن مەقسەتلىرىمىزنى تولۇق ئىپادىلەپ بولالمايمىز. پەقەت شېئىرلا  ئەڭ ئىنچىكە مەنەلەرنى  ئىپادىلەشكە ماس كېلىدۇ ھەم بۇ ۋەزىپىنى ئۇستا شائىرلا ئارتقۇزالايدۇ» دېگەنىدى. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى گادامېرنىڭ بۇ سۆزىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇيغۇر تىلى شېئىرلىرىدا بايرام قىلىشقا باشلىغان چاغدا، ئادىل تۇنىياز فرانسىيەلىك گىگانت پەيلاسوپ دېررىدا(1930- 2003) نىڭ 70- يىللاردىن باشلاپ دۇنيا پەلسەپە ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىنى ئالدىرىتىپ كېلىۋاتقان «چۇۋۇمچىلىق» پىكىر ئېقىمىنى ئوقۇمىغانىدى. ئەمما، ئۇ ئەمەلىيىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى چۇۋۇپ،  سۆزلەملەرگە كۈچ ۋە يېڭى مەنە ئاتا قىلىپ، دېررىدا پەلسەپىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبياتىغا تەدبىقلىماقچى بولغانلارنى بىر يېڭى تەجرىبە ئېتىزى بىلەن تەمىنلىدى. «دېررىدانىڭ چۇۋۇمچىلىق پەلسەپىسى ۋە ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى»، «شەرھ، گادامېر ۋە ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى» دېگەندەك تېمىلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ بوينىغا قەرز بولۇپ قالدى. ئەمما، بۇ ساھەدە ئىشلار، ئۆلچەملەر ئاتام ئېيتقان بايىقى ئوربېتىسىدىن چىقماي، ئۆزىنى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان بەزىلەر كونا تەيپۇنەم ئۆلچەملىرىنى ئۆگىنىپ بولالمايۋاتقاندا، مەشھۇرسىراپ كەتكەن ئۇ ئادەملەردە  ئۇيغۇر تىلىغا بايراملىق بەرگەن ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىغا چۆككۈدەك، دۇنياسىغا كىرگۈدەك مادار، دىت، قەلب تېېپىلماسلىقى بەرھەق ئىدى.

ئادىل تۇنىياز شېئرلىرىدا بايرامغا چۈشكەن ئاي ئانا تىلىم،  قەددىڭنى تىكلەشتە قالغانلار جىق ئاجىز كەلدۇق! بىز نومۇس قىلىمىز، ئادىل تۇنىيازدەك ساڭا بايرام قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ، ئازغىنە بولسىمۇ بايراملىق بېرىمىز. بىزنى كۈتكىن!

2 . ھېكمەت دېگەن نېمە: ئادىل تۇنىيازنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە ھاياتى

بىزگە نېمىلەرنى ئۆگىتىدۇ؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھېكمەت دېگەنلىك (جانابىي ئاللاھنىڭ ۋەھىيلىرىدىن باشقا يەنە) چوڭقۇر مەنىگە ۋە ھەقققەت تۈسىگە ئىگە، بىز ئۆگەنگۈدەك ئىش ياكى بايان دېگەنلىكتۇر. ئەمما، تەكرار تەكرار ئېيىتىمىزكى، ھېكمەت يالغۇز «تەپەككۇر گۈلشەنى»، «قابۇسنامە» (تەۋەرۈك كىتابلارنى بۇ كىتابلار بىلەن تىلغا ئالمايمەن) قاتارلىق كىتابلاردا ۋە باشقا پەلسەپىۋى ئەسەرلەردە بولۇپلا قالماستىن، ئادەمدەك ياشىغان، ئەقىدىسىنى ساتمىغان، مۇرەسسەگە كەلمىگەن ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە ۋۇجۇدىدىمۇ بولىدۇ. ئادىل تۇنىيازنىڭ روھىي دۇنياسىدا ۋە ھاياتىدا بولسا بىر قىسىم  شەيتىنى ئۆزىنى ئۆزىگە  قالتىس كۆرسىتىۋاتقان  ئازغۇن شائىرلار قىلالمايۋاتقان، دورىيالمايۋاتقان، شۇ يېشىغىچە  ھېس قىلالمىغان تەرەپلەر ۋە نۇقتىلار تېپىلىدۇ.

بىرىنچى ھېكمەت: ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەقىدە ۋە پاكىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىزگە مۇنداق دېدى: مەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ شائىرى. شۇڭا مەن گۇمراھ بولماسلىقىم كېرەك. مەن بىر ھېساب بەرگۈچى. مەن ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى تېتىغۇچى. شۇڭا، ئادەمدەك ياشاي.

يېشىمى: بىر دوستۇم تېخى بىر ئاي ئىلگىرىكى رامىزان ئېيىدا ئىككىنچى ئەۋلاد داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرى بولغان، 70 ياشلارغا ئاز قالغان بىر مەشھۇر ئۇيغۇرنىڭ ئادەمنى ئارقىغا چۈشۈرۈۋەتكۈدەك بىر گېپېنى ئاڭلاپ قاپتۇ. يەنى ئۇ مەشھۇر: «ئاخشام بەك قاتتىق ئىچىپتىكەنمىز، باش قاپاق» دېگۈدەك. دوستۇمنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپتۇ. سەۋەبى، بۇ رامىزاننىڭ 10- كۈنىكەن. بىز ئەمدى سوئال قويايلى: بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بۇ كىشى قايسى مىللەتنىڭ شائىرى؟ مۇسۇلمان قەۋمنىڭدۇ؟ ئۇ شۇ يېشىدا ئۆزىنىڭ ھېساب بېرىدىغىنىنى، رامىزاننىڭ مۇقەددەسلىكىنى، تونۇشقا تېگىشلىك بەك ئاددىي ھەقىقەتنى تونۇمىغىنىنى نېمىشقا ھېس قىلمايدۇ ۋە ئۇنى ئاممىۋىي سورۇندا دېيىشتىن ئۇيالمايدۇ؟  لەنەتلەر بولسۇن بۇنداق ئازغۇن شائىرلارغا! بىز شۇنداق خىتاب قىلىپ، ئادىل تۇنىيازغا يۈزلەنگىنىمزدە، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ئادىل تۇنىياز: «سالام، مۇسۇلمان شائىرىم، ئەگرى يولنى جىق مېڭىپ كەتتىڭ، تېنىڭ نەپسىڭ ئۈچۈن بەك  مۇلازىمەت قىلىپ كەتتى. كەل، بىز بارىدىغان مەنزىل ماۋۇ يەردە» دەپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.

يەنە مەسىلەن، تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا باشقا بىر مۇنبەردە مەن شېئىرلىرىنى چوڭ كۆرىدىغان بىر شائىر يەنە بىر دوستى «ھاراق ئىچەيلى» دەپ خىتاب قىلسا، «يۈرۈڭلار، چىلاشقۇدەك بىر ئىچەيلى» دەپ گۇمراھ بىر بالىنىڭ نومۇسسسىز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. رەسىمىگە قارىسام، يېڭى ئۇسلۇبتا شېئىر يازىدىغان بىر ياخشى شائىرنىڭ رەسىمى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاممىۋى سورۇندا نومۇس قىلمىغان بۇ شائىر مېنىڭ نەزەرىمدىن شالاققىدە چۈشۈپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن «بۇ قايسى مىللەتنىڭ شائىرى؟» دەپ ئويلاپ،  ئادىل تۇنىيازنى ئەسلەپ قالدىم.

يەنە مەسىلەن، 90- يىللاردىن كېيىن ئادىل تۇنىيازدىن ئۆزگىچە يول تۇتۇپ داڭق قازانغان، 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، مەشرەپنىڭ ئىزى چۈشكەن بىر ماكاندا تۇغۇلغان ھەم ھاياتى مەشرەپنىڭكىگە ئوخشايدىغان  بىر  شائىر  بىر سۆھبەتتە «ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز؟» دېسە،  «شەيتاندىن ئالىمەن» دېدى ۋە ئۇ سۆھبەتتە بىر مۇنچە ئازغۇن گەپلەرنى ئىشلەتتى، مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزغا ئايانماستىن چېقىلدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى بىر مۇنچە ئازغۇن شائىر ئاھ- ۋاھ دەپ ئاڭلىدى(ئۇ سۆھبەت ھېلىھەم بار يېنىمدا. ئىسپات دېگۈچىلەرگە كۆرسىتىمەن). مەن چۆچۈپ كەتتىم. كېيىن قارىسام، بەزى سەگەك ياشلىرىمىز بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭغا دېۋىدى، ئۇ جىم تۇرۇۋالدى. پوزىتسىيىسىدىن پۇشايمان قىلغاندەك ئەمەس. يەنە بىر ئۇستا شائىر تاغقا بېغىشلانغان بىر شېئىرىدا«قىيامەت خوتۇن ئالالمايدۇ، ئەرگە تېگەلمەيدۇ» دەپ مىسرا تىزىشتىن ئۇيالمىدى.

بەرھەق، ھۆرمەتلىك مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمغا  كۈيئوغۇل بولۇشتىن ئىلگىرى ئادىل تۇنىيازنىڭ مىسرالىرىدىمۇ بەزى ئەنە شۇنداق بىلىپ- بىلمەي يېزىلغان مىسرالار ئۇچرايتتى. شائىر، ئۇزۇن بولدى، ئۆزىنى جىددىي تۈزىتىپ، مۇقەددەس سمۋوللىرىمىزغا چېقىلىدىغان مىسرالارنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتتى، ئەقىدىلىك بىر شائىر بولدى. نېمە دېگەن بالدۇر بايقاش؟ دېمەك،  بىز ئۈلگۈرىمىز. ئەي شائىر، سەن ئۈلگۈرىسەن! ئاۋۇ گۇمراھ يولدىن قايىت. چۈنكى،  سەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ شائىرى، سەن بايرون ئەمەس! پۇشكىن ئەمەس! ئۆزۈڭنى ئوكتاۋىئو پازدەك، گارسىيا لۇركادەك ھېس قىلىپ كېتىۋاتقان بولساڭ، ھوشۇڭنى يىغ. چۈنكى، سەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ مەھكۇم شائىرى! سەن ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن بىر شائىر!… شۇنداق دەۋاتقىنىمىزدا، ئادىل تۇنىياز يەنە شۇ يېقىملىق كۈلكسى بىلەن بىزگە يۈزلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كۈلۈمسىرەش بىر نەرسە ئۇقتۇراتتى.

ھېكمەتنىڭ توچكىسى: بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ ھەممە نەرسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ  بىرىدە، «ئەپلاتوندىن كېينكى ئەڭ گىگانت پەيلاسوپ دەپ نام ئالغان گىرمانىيەنىڭ تەقۋادار پەيلاسوپى كانتنىڭ پەلسەپە دۇنياسىدا نېمە باردۇر؟» دەپ  شۇڭغۇپ باقتىم. ئۇ ئەقىلنىڭ، بىلىمنىڭ نۇرغۇن نەرسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى 230 يىل بۇرۇن مۇپەسسەل شەرھلەپ، ھاياتىدا ئەقىدە بىلەن بىلىمنى بىرلەشتۈرگەن  ياخشى مۇسۇلمان شائىرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ھېكمەتتىن  بىشارەت بېرىدىغان رىسالىلەرنى قالدۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بىر جۈملىگە يىغساق مۇنداق بولىدىكەن: «بىلىمگە ئازراق چەك قويۇپ،  ئەقىدە ئۈچۈن ئورۇن بېرىڭلار!»

ئادىل تۇنىيازغا قايىل بولۇپ تۇرغان چېغىمىزدا، ھەيرانلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالال ئەقىدىلىك ئايالى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئۆزىنىڭ «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» دېگەن كىتابىدىكى «ئەقىلدىن باشقا كۆز» دېگەن ماقالىسىدە بىزگە بىر ئەجەللىك خاتالىقىمىزنى كۆرستىپ بېرىدۇ: ئەسلىدە نەزىرە خانىم  كانت مېنى ھەيران قالدۇرغان ئاۋۇ بايانلارنىڭ سەۋەبىنى ۋە لوگىكىلىق ئاساسىنى مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىسىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ دەپ بولغانىكەن. مەن بەك نومۇس قىلدىم ۋە «بارىكاللا ئادىل تۇنىياز ئائىلىسى!» دەۋەتتىم.

ئەسكەرتىش، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان بەزى شائىرلىرىمىز ئىمام غەززالى، ئىبىن رۇشىد، جامالىدىن ئافغانى قاتارلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ  ئەسەرلىرىنى بەك ئوقۇپ كەتمىگەچكە، دەلىل ئاساسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇلار ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان غەرب مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئالدىم. بۇ مېنىڭ مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلىرىغا بولغان قايىللىقىمنىڭ سۇسلىقىنى ۋە غەربنىڭ كۈچىكى(ئەلۋەتتە غەربنىڭ بىلىش تارىخىدىن بىزنىڭ ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز ئاز ئەمەس)ئىكەنلىكىمنى  ئىپادىلىمەيدۇ.

ھېكمەت قايتىلاندى: ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەقىدە ۋە پاكىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىزگە مۇنداق دېدى: مەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ شائىرى. شۇڭا مەن گۇمراھ بولماسلىقىم كېرەك. مەن بىر ھېساب بەرگۈچى، مەن ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى تېتىغۇچى. شۇڭا، ئادەمدەك ياشاي. مەن نومۇس قىلاي.

ئەمدى ئەزمىمىزنى ئەزمەسلىك ئۈچۈن قالدى ھېكمەتلەرنى قىسقارتىپ كالتە جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيمىز. سەۋەبى، سەللا ئەقلى بار ئادەم  ئادىل تۇنىيازنىڭ  ھاياتىدا ھەر بىر ھېكمەتنىڭ دەلىلى تېپىلدىغانلىقىنى ۋە مېنىڭ ئۇنى ئاشۇرۇپ ماختىمايۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ بولدى. ئاشۇرۇۋەتتى دېگۈچىلەر بولسا ئەتراپتىكى ئاز بىر قىسىم ئازغۇن يازارلارغا قاراپ بىلىۋالسۇن.

ئىككىنچى ھېكمەت: ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى خىزمەت توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ: رىزقىمنى ئاللاھ   بېرىدۇ، نېمىكەن ئۇ خىزمەت دېگەن؟ ئەقىدەمنى ۋە روھىمنى پايخان قىلمايمەن.

بىر بىچارە شائىر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ھاراقكەش بولۇپ كەتتى، يەنە بىر زىيالى خىزمەت دەپ قەددىنى پۈكلەپ كۇسۇك ئىتتەك ياشىدى. ئەتراپىمىزدا ھالاللىقنى خىزمەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان زىيالى  ئاز قالدى. كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلدى؟ خىزمەت ئۇنى قانچىلىك تۈگەشتۈردى؟ قانچىلىك تۈگەشتى؟… بۇنى روھى ئۆلگەن زىيالى ئاز ئويلايتتى.

……………

راھەتتۇر، راھەت،

باشلىقى يوق ئىشخانلاردەك.

……………

بۇ ئۇيغۇر تىلىدا 20- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن خىزمەت ھەققىدىكى ئەڭ قالتىس مەجازى ۋاستىىسى ئىدى. ئۇنى ئادىل تۇنىياز ئىشلەتكەنىدى. ئادىل تۇنياز تۇغۇلۇشتىن 20 يىل بۇرۇن،  نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى رەت قىلغان فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى سارتىرې: «يازغۇچى ھوقوقنىڭ مۇئەسسەسىگە ئايلىنىپ قېلىشنى رەت قىلىشى كېرەك» دېگەنىدى. ئەمىسە  ئادىل تۇنىياز قانداق قىلدى؟

ئۇ ئالدى- كەينىگە قارىماي، چاپىنىنى دولىسىغا ئارتىپلا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئاجىزلار: «ما بالىنىڭ ھېسسىياتچانلىقىنى!» دېدى. مەن كېيىن ئۇقۇپ: «بارىكاللا، شائىر بولا، مانداق بولا» دەۋەتتىم. بۇ تۇيغۇنى خىزمەتتىن ئايرىلسا ھېلىلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك ئويلايدىغان، رىزقىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان شائىرنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىن  ئەمەس ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە «شائىر ۋە ھوقۇق» دېگەن تېمىدا ئىزدىنىش تېمىسى ئىدى.

خۇلاسە: ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى خىزمەت توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ: رىزقىمنى ئاللاھ بېرىدۇ، نېمىكەن ئۇ خىزمەت دېگەن؟ ئەقىدەمنى ۋە روھىمنى پايخان قىلمايمەن.

شۇڭا  ئېيتىمىزكى، خىزمەت بىزگە شۇنچىلىك مۇھىم بولۇپ تۇيۇلىۋاتقان  بۇ ۋاقىتلاردا ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ كەچۈرمىشى بىزگە دەرس بېرىدۇ ۋە بىر ھېكمەتنى ئەسلىتىدۇ.  بۇ ھېكمەت «شائىرنىڭ بۇرچى كۆيۈش ۋە يېنىش» دەپ قۇرۇق شوئار توۋلاشنى رەت قىلىدۇ.

ئۈچىنچى ھېكمەت: خىيالىمغا پات- پات كىرىۋالىدىغان ئادىل تۇنىياز ماڭا مۇنداق بىر ھېكمەتنى ھېس قىلدۇردى: مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان بىر پىكىر ئىگسى پۈچەكلەر قورشاۋىدا قانچە بەك قىسىلغانسېرى، قانچە بەك ئۇھسىنغانسېرى، يۈكسەك روھقا ئىگە ئەللامەلەرنى سېغىنىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىدۇ.

شائىرنى ئارتۇقمۇ ماختىمايمەن. ئارتۇق ماختىۋەتتى دېگۈچىلەر مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ: بىرى، «مەن قانداق قىلالىدىم؟ مەن بولسام قانداق قىلاتتىم؟» دەپ سوئال قويۇش ئارقىلىق. يەنە بىرى، ئۇنى باشقا زامانداش شائىرلارغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق.

مېنى مۇھەببەت سۆزلەتتى. ئىچىمدىن: «قويە، ئۇنداق مۈجمەل سۈكۈتلىرىڭىنى» دەپ سادا كەلدى- دە،  شېئىرغا ۋە شائىرغا بولغان مۇھەببىتىمنى ھەرىكىتىم بىلەن ئىپادىلىدىم. مېنى تونۇمايدىغان شائىر ئەللامە ناۋادا خاتا سۆزلەپ قالغان بولسام كەچۈرسۇن.

ئەينى ۋاقىتتا پاستېرناك  رىلكىغا غايىۋانە مۇھەببەت باغلاپ تالاي خەتلەرنى يېزىپتىكەن. مەن پاستېرناكنىڭ پايتىمىسىغا تەڭ كەلمەيدىغان بىر قوڭالتاق بولساممۇ ھەم شائىر بولمىساممۇ،  ھېسسىياتىمنى مۇشۇنچىلىك ئىپادىلىدىم. شائىر كۆرسە زاڭلىق قىلمىسۇن!

جىن، مەن شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىمدىن شېئىردىن ۋاز كەچكەن بىرسى. شۇڭا مەن يازمايمەن. سىزگە ئەمىسە ماۋۇ ئىككى تېمىدا شېئىر يېزىش ۋەزىپىسى كەتتى 1)پۈچەكلەر قورشاۋى؛ (2)ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىشىخانىدىن چىقىشى.

قەلبىمدە مىچىلداپ قار يېغىۋاتىدۇ. بوغۇزۇمدا ئاچچىق بىر نېمە. مەن ئاشۇ  مىچ- مىچ قار مۇناسىۋىتى بىلەن  سىزگە« قارىلىق‎» ئەۋەتتىم.

تۆتىنىچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: قەلبىمگە ھېچكىم كامېرا ئورنىتالمايدۇ. بىز ۋەھىمنى  مۇبالىغە قىلىۋەتتۇق. تەسەۋۋۇر ۋە زېھنىمىزنى ئاخىرقى ھېسابتا روھ ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىمىزلا  بىتچىت قىلالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ زېھنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى تاشقىي خىرسلارغا يەم قىلىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن زىيادە ئۇچۇرلارنى  ۋە ئوشۇق ۋەھىمىلەرنى رەت قىلايلى.

ئادىل تۇنىياز  زېھنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تېرە تاراقشىتىۋاتقانلارغا  ۋە چۈپرەندىلەرگە مىيىغىدا كۈلۈپ قويدى. يەنە  پىنھان ياشىدى؛ سورۇنلاردىن ئۆزىنى تارتتى؛ زامانىۋىلىق يالتىراقلىرىنىڭ، كەيپنىڭ، نازنىڭ، مەدھىيەنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بەردى. مەن ئامراق بىر ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە ئېيتقاندا، نەپسى ۋە ھېسسىياتىنى قوي بوغۇزلىغاندەك ئۆلتۈرۈپ ياشىدى. پۈتۈن ئەقىدىسىنى ياخشى بىر مۇسۇلمان، ياخشى بىر ئۇيغۇر ۋە  ھالال ئەقىدىلىك بىر شائىر بولۇش ئۈچۈن ئاتىدى. نەتىجىدە، ئۇ زېھىنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى بۇلغاتمىدى. تاشقىي ۋەھىمىلەر ئاجىز كېلىپ ئۇنىڭ روھىنى ئۆلتۈرەلمىدى. سەۋەبى، قەلبكە ئۈسكۈنە ئورناتقىلى بولمايتتى. ئۆزىمىزنىڭ روھىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىمىزلا ئۆلتۈرەتتۇق. رەڭلىك سورۇنلاردا، ھاراق بوتۇلكىلىرى ئەتراپىدا، ھەسەتتە، مەشھۇرسىراش ئوتىدا روھىنى ئۆزى بىر قوللۇق ئۆلتۈرۈۋاتقان ئاشۇ ئازابى ساختا شائىرلارغا  ۋە باشقا تىرىك مۇردىلارغا، نان كۈچۈكلىرىگە بۇنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايتتى.

زېھنىنى، تەسەۋۋۇرىنى،  ئىمانىنى  ساقلاپ قالغانغا تۇشلۇق نېمە نەتىجە يۈز بەردى؟ ئۇ بىر نەچچە تىلنى ياخشى ئۆگەندى. ئىنگىلىز تىلىدا شېئىر ئوقۇپ ھۇزۇرلانغۇدەك، كۈچىسە شېئىرمۇ يازغۇدەك سەۋىيىگە يەتتى(«مارتقا كىرىش »دېگەن شېئرىنىڭ ئىنگلىزچىسىگە قاراڭ). كېيىن ناۋايى، مەشرەپ، …. ئوسمان قاتارلىق شائىرلارنىڭ مىسرالىرى بىلەن قاتاردا تارىختا قالغۇدەك دۇردانە شېئىرلار ئۈزۈلمەي چىقىۋەردى. قەلبى بەئەينى بىر بۇلاققا ئوخشىدى. بەش كىتابىدىن «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» (24 يېشىدا)، «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» (28 يېشىدا)،«چۈمبەلدىكى كۆز» ۋە «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» (33 يېشىدا)، «دېڭىزدىكى كوچا» (35 يېشىدا) ئېلان قىلىندى. شۇ ياشتىكى ئەڭ تالانتلىق ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇنى مۆجىزە دېيشكە بولاتتى. بىز تېخى ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان «بىزگە كرست كېرەك ئەمەس»، «شېئىر كۈلمسىرىمەكتە»، «ئوشونىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى»، «ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن كىتابلار» قاتارلىق كىتابلىرىغا كىرمىگەن ئەسەرلىرىنى ھېسابقا ئالمىدۇق. ئەمدى بىز سوراپ باقايلى، مەن 24 ياشتا نېمە قىلالىغان؟  نەدىتىم؟ تۈنەكخانىدىمۇ؟ 35 يېشىمدا نېمە قىلدىم ياكى قىلماقچى؟ 40 يېشىمدىچۇ؟

بىزنېمە دېمەكچى؟

ھېكمەت قايتىلاندى: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: قەلبىمگە ھېچكىم كامېرا ئورنىتالمايدۇ. بىز ۋەھىمنى  مۇبالىغە قىلىۋەتتۇق. تەسەۋۋۇر ۋە زېھنىمىزنى ئاخىرقى ھېسابتا روھ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىمىزلا  بىتچىت قىلالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ زېھنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى تاشقىي خىرسلارغا يەم قىلىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن زىيادە ئۇچۇرلارنى  ۋە ئوشۇق ۋەھىمىلەرنى رەت قىلايلى.

بەشىنچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: شائىرغا تۇشلۇق قەلب بولۇشى كېرەك. چىن شائىر  ئۆگىنىۋالغان  قېلپى بىلەن ئەمەس، قەلبى بىلەن، قان تومۇرلىرى ئۆز قەۋمىنىڭ مىللىي كىملىكىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن شىكەستىلىك يۈرىكى بىلەن يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق شائىرنى خەلق قوينىغا سايە تاشلىغان بىر تۈپ مەزمۇت چىنارغا ئوخشاتساق، ئۇنىڭ يىلتىزىنى 2- بۆلەكتە ئېيتقان ئىماندىن باشقا، كۈچلۈك بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى، مىللىي كىملىك ھېسسىياتى ۋە سستېمىلىق بىلىم چىڭىتىدۇ. ئۆز كوللېكتىپىنىڭ تەقدىرىدىن  تراگېدىيە ئېڭى ۋە قەلب چوڭقۇرلۇقى يېتىلدۈرمىگەن شائىرلار ئۆلچەملىك شائىر ئەمەس.

ئىتالىيە ماركسىزمچىسى ئانتونىئو گرەمشى ئۆزىنىڭ «تۈرمە خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ «مەدەنىيەت زوراۋانلىقى» دېگەن بابىدا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرنى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن زىيالىنىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئەمدى بىز بۇ گەپنىڭ قىممتىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، سېلىشتۇرما  ئانالىز ئۇسۇلى بىلەن ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتىغا  قاراپ باقايلى.

گەپنى سەل يىراقتىن باشلايلى. تېيپجان ئېليوف ۋە روزى سايىت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدىغان ئىككى  شائىر. ئەمما ھەر ئىككىسى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىلا بىز يۇقىرىدا دەۋاتقان نۇقتىلارنى ھېس قىلغان. بۇرۇن  قەلبكە ئەمەس، تېخنىكىلق ماھارەتكە تايىنىپ يېزىلغان، شوئار، مەدھىيە تېمىسىدىكى شېئرلىرىغا پۇشايمان قىلغان. مەسىلەن، تېيپجان ئېلىيوف ئەستايىدىل تەھرىر دوستى مۇھەممەت رېھىمگە كېسەل  ۋاقتىدا تاللانغان شېئىرلىرىنى تاللاپ چىقىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇپ، كونا شېئىر  توپلاملىرىدىكى نۇرغۇن پۈچەك شېئىرلارنى چىقىرىۋېتىشىنى، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روزى سايىتمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەقىل تاپقان ۋە  بۇرۇنقى نۇرغۇن يازمىلىرىغا پۇشايمان قىلغان. مەن بۇنى دېيىش ئارقىلىق مۇنداق بىر نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. تېخنىكىلىق ماھارەتنى ئىگىلىۋېلىپ (مەسىلەن قاپىيە، تۇراق) مەزمۇندا چوڭقۇرلىيالمىغان، ئۆز كوللېكتىپىنىڭ  تەقدىرىدىن تراگېدىيە ئېڭى ۋە قەلب چوڭقۇرلۇقى يېتىلدۈرمىگەن شائىرلار ئۆلچەملىك شائىر ئەمەس.  بىز بۇ ئارقىلىق تېيپجان بىلەن روزى سايىت قاتارلىق تېخنىلىق ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرگەن، شۇ دەۋرىدە ئېتىراپ قىلىنغان شائىرلارنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. بەلكى شۇنى دېمەكچىمىزكى،  تېيپجان ئېلىيوف بىلەن روزى سايىتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخرىدىكى پۇشايمىنى شوئار، نوقۇل قامچلاش، كالنېدار، بىراۋنىڭ تەۋسىيەسى، شۆھرەت تاماسى نۇقتىدىسىدىن يېزىلغان نەرسىلەرنىڭ گەپ تىزمىسى ئىكەنلىكىنى،  ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ئەقلىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاپسا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرىدۇ.  ئەمما ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاپقان بۇنداق پۇشايمان بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. بۇ نۇقتا ھازىرقى نۇرغۇن يازارمەنلەرگە ساۋاق بولۇشى كېرەك.

ئەمدى بىز چىن  شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك قەلبنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە يەنە ئىچكىرىلەيلى. ئالدىنقى  جۈمە نامىزىدا بىر مۇسۇلمان قىلىنىۋاتقان قىرائەتنىڭ مۇڭلۇقلىقىدىن ھۆركىرەپ يىغلاپ تاشلىدى. قەلبىلەر ئېرىدى، ئوپچە يىغا سادالىرى كۆپەيدى. سىزچە، كۈنبويي رەڭلىڭ سورۇندا كۈن ئۆتكۈزىدىغان، شەيتان بوينىغا مىنگەن بىر شائىر بۇ كۆرۈنۈشنى چۈشىنەلەمدۇ؟ ياق، چۈشنىەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ شائىردا  ئۇ مۇڭلۇق قىرائەتنى، ئاشۇ يىغىنى، بۇنداق دەقىقىلەردە كامىل مۇسۇلمان قەلبىنىڭ نېمشىقا بۇنداق ئېرىيدىغانلىقىنى چۈشىندىغان يۇمشاق قەلب يوق، ئۇنىڭ باغرى قاتقان.  بۇنداق كۆرۈنۈشنى  ئازابى ساختا  شائىر ھېس قىلالمايدۇ. بۇ بىر نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ. نېمىنى؟  ئادىل تۇنىيازدەك بىر شائىر بولۇش ئۈچۈن  سىزدە تراگېدىيە ئېڭى ۋە تۇشلۇق قەلب بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئادىل تۇنىيازنىڭ «تۇرسۇن قۇربان» دېگەن شېئىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن سىز تۇرسۇن قۇرباننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نېمشىقا ئاپتورنىڭ دىققىتىنى بۇنچىۋالا تارتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك.  ئادىل تۇنىيازنىڭ «قاغىلىقتىكى نۆل كلومېتىر»، «ئوسمىچى قىزغا»، «ئۇيغۇر بىنا چاققۇچى» قاتارلىق  بىر قاتار مۇرەككەپ تارىخي ئېقىندىكى  مىللىي تەقدىرنى تۇنجى بولۇپ  قەلەمگە ئالغان شېئىرلىرى بىزنىڭ بايا دېگەن گېپىمىزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر سىز نۆل كلومېتىرغا مەستچىلىكتە …. ئىستىكىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن شائىر بولسىڭىز، بىر بىنا چاققۇچىنى سىزگە توپا توزىتىۋەتكىنى ئۈچۈن تىللاۋاتقان شائىر بولسىڭىز، سەنشخاڭزىدا بىر ئوسمىچى قىزنى تۈرتۈۋېتىپ، زەپىران چىرايىغىمۇ قارىماي كېتىۋاتقان شائىر بولسىڭىز، بۇ نۇقتىنى ھەرگىز چۈشەنمەيسىز.

ھېكمەت قايتىلاندى: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ:  شائىرغا تۇشلۇق قەلب بولۇشى كېرەك. چىن شائىر  ئۆگىنىۋالغان  قېلىپى بىلەن ئەمەس، قەلبى بىلەن، قان تومۇرلىرى ئۆز قەۋمىنىڭ مىللىي كىملىكىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن شىكەستىلىك يۈرىكى بىلەن يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق شائىرنى خەلق قوينىغا سايە تاشلىغان بىر تۈپ مەزمۇت چىنارغا ئۆخشاتساق، بۇ چىنارنىڭ يىلتىزىنى 2- بۆلەكتە ئېيتقان ئىمان ۋە ئەقىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ؛ كۈچلۈك بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى، مىللىي كىملىك ھېسسىياتى ۋە سستېمىلىق بىلىم… تارماق يىلتىزلار سۈپىتىدە چىڭىتىدۇ. ئۆز كوللېكتىپىنىڭ يۈرەك يارىسىدىن تراگېدىيە ئېڭى ۋە قەلب چوڭقۇرلۇقى يېتىلدۈرمىگەن شائىرلار ئۆلچەملىك شائىر ئەمەس.

ئۇنداقتا ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: سىز ئازابى ساختا شائىرمۇ؟ ئۆزىڭىزگە باھا بېرەلمەي تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز، شائىر ساداقەتجان ھاجىنىڭ مۇنۇ ئوتلۇق جۈملىلىرىنى روھىيىتىڭىزگە تەدبىقلاپ بېقىڭ.

«دەردىم بار دېمە، كۆزۈڭ ياش بولغىنى بىلەن باغرىڭ قان ئەمەستۇر.»

ئالتىنچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى ۋە روھي دۇنياسى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: شائىرنىڭ ئۆز ئوبرازى ۋە ئادىمىيلىكىنى  ساقلىشى، پەرۋىش قىلىشى شېئىرىي دىت يېتىلدۈرۈشىگە ئوخشاشلا مۇھىم. شېئىرىيەت قاشاسىز تام ئەمەس، كىم پېتىقدىسا بولىدىغان خامان ئەمەس. ئۆزى چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان شېئىرنىڭ ئوبرازىنى، قاشاسىنى قوغداشقا تىرىشمىغان، شېئىرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشتا، مۇھەببىتىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمىغان شائىر ئەمەلىيەتتە بىر شوئارۋازدۇر. ئۇنىڭ ئازابى ساختىدۇر.

تەھلىل: ئۇيغۇر رېئاللىقىدا پەيدا بولۇشقا ئۈلگۈرگەن بىر قاتار ئىجتىمائىي بىنورماللىق ۋە بىمەنە رېئاللىقنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئەھۋال كۆزگە چېلىقىدۇكى، ئاممىۋىي مىدېئالاردا، لەتىپە- يۇمۇر سورۇنلىرىدا، تور مۇنبەرلىرىدە پەقەت شېئىرىي دىتى يوق ئادەملەر شېئىرنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا ئوچۇق- ئاشكارا مازاق قىلىشىدۇ(بۇ ھەرگىزمۇ بەزىلەر ساددىلارچە ئېيتقاندەك، ھەۋەسكارلارغا زەربە بەرگەنلىكىم ئەمەس؛ بۇنىڭ ئاساسلىرىنى يەنە بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىمدا شەرھلەيمەن). ئېتوتچىدىن ھاراقكەشكىچە، تور قوشاقچىلىردىن پاھىشەگىچە بىر تالاي ئادەملەر  ئەمەسلا بىر نەرسىلەرنى شېئىر دەپ يېزىپ، شېئىرىنىڭ ۋە شائىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ شائىرلىقتا سىناپ بېقىپ ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ. نادان خوش- خوشچىلار تېخى بىر- بىرىنى قىرلىق ئىستاكان فىلىمىدىكى ئوسمان داڭگالنىڭ «ئالامەت شېئىركەن، قالتىس شېئىركەن» دېگەن كىنايىسىنى ئېسىمىزگە سېلىپ، دەلتىلەرچە ماختاشقىمۇ ئۈلگۈرۈشىدۇ.

ئۆزىنى تۆۋەن كۆرگەن بىر توپ ئادەملەرنىڭ مەشھۇرسىراش پىسخسىكىسى بىزدە ئەنە شۇنداق بىمەنە ھالدا ئەكىس ئەتتى ۋە رېئاللىقىمىزدا چىن شائىرلارنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈرتۈلدى. داڭق چىقرىشقا ئالدىراپ كەتكەن بىر قىسىم «قوشاقچى» مۇنبەرداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، يەنى  ئابدۇكېرىم ئابلىزدىن ئەبەي داڭقانغىچە، شېئىرغا مۇھەببەت باغلىغان … قېيۇمدىن تۇرداخۇن پاكار دېگەن قىزىقچىغىچە … نۇرغۇن  ئادەمنىڭ ئاممىۋىي سورۇندا  قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە شائىرنى ۋە شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغانلا بىر ئىش ئىدى. ئۇنداقتا بىزنىڭ «شېئرغا ئۇنداق كۆيدۈم؛ مۇنداق كۆيدۈم» دېگۈچى شائىرلىرىمىز بۇنداق بىنومال ھادىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ جاۋاب شۇكى، ئىنكاس قايتۇرغان ئازغىنە شائىردىن باشقىلار بۇنىڭغا كوللېكتىپ سۈكۈت قىلدى، نەتىجىدە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ۋاقتىنى، زېھنىنى ئۆزلىرى پەقەت قىلالمايدىغان ئىشقا سەرپ قىلىپ، بەكمۇ قاملاشمىغان بىر ئىشنى قىلدى. قىزىقچىلىق زاڭلىشىش تۈسىنى ئالدى. ئەمدىلىكتە بىز بۇ بىمەنە رېئاللىقنى مۇنبەرلەردە، مېدىئالاردا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا كۆرمەكتىمىز. شېئىرىيەت كوچىمىزدىكى شائىرلار ۋە شېئىرنى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغانلار پەمىىمچە كەم ھېسابلانسا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. ناۋادا  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر يۈزدە بىر كىشى شائىر ۋە شىئىرنى مازلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا يۈز تۇرانە كۆرۈشكەندە، تېلېفوندا  ياكى خەت ئارقىلىق  ئىنكاس قايتۇرغان بولسا، مۇنبەرلەردە ۋاقتىدا تەنقىدىي پىكىرلەر بېرىلگەن بولسا، بۇنداق بىمەنە رېئاللىق ئومۇملاشمىغان بولاتتى.

دەلىل: (1) ئۇنداقتا، بىز دەۋاتقان بۇ نۇقتىدا ئادىل تۇنىياز قانداق قىلدى؟ بىز ئەلۋەتتە بۇ ئەللامە شائىرنى «سەن چىقىپ بۇنداق بىنورماللىققا  ئىنكاس قايتۇر» دەپ ھەرگىز دېيەلمەيمىز(شېئرنىڭ ئوبرازىنى ۋە قاشاسىنى قوغداش ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىر تۈرلۈك كۈرەش ۋەزىپىسى ئىدى).  ئادىل تۇنىيازنىڭ يېقىنقى تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋىرىمىز يوق، شۇڭا بۇ ھەقتە ئادىل تۇنىياز خىزمەت ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر پاكىتنى بۇ يەردە ئەسلىتىپ ئۆتۈپ نۇقتىنەزەرىمىزگە دەلىل كەلتۈرىمىز. يەنى ئادىل تۇنىياز ئىشلىگەن چاغلاردىن بۇرۇن رادئىو ئىستانسىسى گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىنىڭ پروگراممىلىرىدا ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى «جەڭچى تاغامغا» دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى قاملاشمىغان، بەدىئىيلىكى يوق بىر نەرسىلەر شېئىر دەپ ئاڭلىتىلاتتى(چوڭلار رادىيو ئاڭلىغاندا قۇلاققا كىرىپ تۇراتتى). كېيىن، ئادىل تۇنىياز گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەندىن كېيىن ئاڭلىتىلىدىغان شېئىرلارنىڭ سۈپىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئادىل تۇنىياز شېئىرنىڭ قەددىنى تىكلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىدارىدىن خالاپ چېكىنىشىمۇ ھەرگىز بەزى گالۋاڭلار ئېيتقاندەك خىزمەت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىش بولماستىن، بەلكى شېئىرنىڭ، شائىرنىڭ  ئوبرازىغا يۈز كېلىش  ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەمەلىي تىرىشچانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. بۇنداق بىر روھقا  بىز ئاپېرىن ئېيتماي تۇرالمايتۇق.

دەلىل(2): باشقا شائىرلار بۇ نۇقتىدا قانداق قىلغان؟ مەسىلەن، بۈيۈك روس شائىرى پاستېرناك(1958- يىللىق نوبېل ئەدەبياتى مۇكاپاتى ساھىبى) بىر كۈنى سىتالىننىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلىغان. ستالىن ئۆزى يازغان بىر شېئىرىنى ماختاش تەمە قىلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن. سەۋەبى، پاستىرناك شۇ چاغدىكى ئەڭ ئېتراپ قىلىنغان شائىر بولغاچقا، ئۇنىڭ مەدھىيەسىنى ئاڭلاش سىتالىن ئۈچۈن چوڭ ئىش ئىدى. كۈتمىگەندە شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپ، پاستىرناكنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇ قىلچە يۈز- خاتىرە قىلماستىن سىتالىننىڭ ئالدىدىلا «يولداش سىتالىن، سىز بۇنىڭدىن كېيىن شېئىر يازماڭ!» دەيدۇ. مەشھۇر تۈركىيە يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن بولسا شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن شېئىر يېزىشتىن ۋاز كېچىدۇ. شېئىرىيەت كوچىسىنى پاخال قىلماسلىقمۇ شېئرغا بولغان ھۆرمەت  ئىدى. مەن مۇشۇنچىلىك بىرئاددىي گەپنى مۇنبەردە بەزىلەرگە ئۇقتۇرالماي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىم، بەزىدە يالغۇزمۇ قالدىم.  ئەي ئۇيغۇر شائىرى، سىز  تۇرمۇشىڭىزدا  پاستېرناكنىڭكىدەك  ئەھۋالغا ئۇچرىغانمۇ؟ ئۇچرىغان بولسىڭىز سىز قانداق قىلدىڭىز؟

دەلىل(3): ئىككى يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر شېئىر مۇنبىرىدە نامى چىققان بىر تۈركۈم ياش شائىرلارنىڭ ھاراق بوتۇلكىلىرىنى تىزىپ قويۇپ چۈشكەن رەسمىلىرى قويۇلدى. ھېلىمۇ ياخشى،  ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئۆلمىگەن بالىلار باركەن، ئۇلارنىڭ شۇ كۆرۈنۈشنى تەنقىد قىلىشى بىلەن نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ شەرمەندە سۈرەتلەر يوقىتىلدى. ئەگەر ئۇلار نامى چىقىپ قالغان بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇر شائىرلىرى بولمىغان بولسا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولمىغان بولسا، بىز بۇنداق دەپمۇ ئولتۇرمىغان بولاتتۇق.

بۇ يەردە مەلۇم بىر مۇھەررىرىنىڭ جەنۇبقا چۈشكەندىكى شائىر ۋە شېئىر ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدىن ئۇچۇر بېرىش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. بىر ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلىۋاتقان ئۇ  ئادەم 2007- يىل ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئالدىمغا مەن شائىر دەپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق مەزلۇم مىجەز، ھاياجان، تەنتەك بالىلارنىمۇ كۆردۈم. تۇرۇقىدىن، گېپىدىن قارىسام، بىر شائىرىدەك ئەمەس(بۇ يەردە قىسمەنلىك كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ ۋە كىيىمنىڭ ئەمەس، ئوبرازنىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ، كىملەردۇر بىرى ئۆزىگە ئېلىپ كەتمىگەي). مەن «ئۇلار نېمىشقا ئوبرازىغا، گەپ- سۆزىگە دىققەت قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم.ئامېرىكىنىڭ داڭلىق شائىرى روبېرت فروستنىڭ شۇنداق بىر قالتىس مىسراسى بار: «قاشاسى ياخشى قوغدالغان ھويلىغا ئوغرى كىرمەيدۇ“.»

ئالتىنچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى ۋە روھىي دۇنياسى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: شائىرنىڭ ئۆز ئوبرازى ۋە ئادىمىيلىكىنى  ساقلىشى، پەرۋىش قىلىشى شېئىرىي دىت يېتىلدۈرۈشىگە ئوخشاشلا مۇھىم. شېئىرىيەت قاشاسىز تام ئەمەس، كىم پېتىقدىسا بولىدىغان خامان ئەمەس. ئۆزى چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان شېئىرنىڭ ئوبرازىنى، قاشاسىنى قوغداشقا تىرىشمىغان، شېئىرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشتا، مۇھەببىتىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمىغان شائىر ئەمەلىيەتتە بىر شوئارۋازدۇر. ئۇنىڭ ئازابى ساختىدۇر.

خاتىمە: دالدا دام كەيندىكى، سۈكۈتى زىيادە شائىرلارغا

شېئىر قالتىس نەرسە، ئەمما ھەممە نەرسە ئەمەس. ئۇ گادايلاشقان مەنىۋىيەتنى چىرىشتىن ساقلايدۇ، ئەمما بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ. سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپلا ياشاش بىر خىل ئستېتىكىلىق ياتلىشىش بولۇپ، بىزنى رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.  ئىجتىمائىي بۇرچ ۋە ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش شېئىر يېزىشتەكلا مۇھىم.

ئاخىرقى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ روھىي دۇنياسى  بولسا بىزگە شېئىرنىڭ  ۋە چىن شائىرنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، چەكلىملىكىنمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ:  شېئىر قالتىس نەرسە، مەنىۋىيىتىمىزنى گادايلىشىشتىن ساقلايدۇ؛ ئەمما بىزنى قاباھەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ.  سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ،  شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپلا ياشاش بىزنى ئىستېتېكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق قىلىدۇ ۋە رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

ئەللامە ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئانا يۇرت» رومانىغا ئاتاپ يېزىلغان «تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن» ناملىق ماقالىسىدە دوستويېۋىسكى بىلەن سولژېنتىسىننىڭ گۈزەللىك ھەققىدە بىر- بىرىگە قارشى قويۇلغان مۇنۇ نۇقتىنەزەرلىرىنى نەقىل ئالىدۇ: «دۇنيانى گۈزەللىك قۇتقۇزىدۇ.»(دوستويېۋسكىي). 1973- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، روسلارنىڭ ۋىجدانى دەپ نام ئالغان سولژېنتىسىن بۇ قاراشقا مۇنداق رەددىيە بېرىدۇ: «قاباھەت ۋە مۇدھىش قاپلىغان بىر دۇنيادا گۈزەللىك كىملەرنى قۇتقۇزالاپتۇ؟» بۇ ناھايىتى جايىنى تاپقان سىتاتا. يەنە فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان لىۋانلىق مەشھۇر شائىر ئەدۇنىس «دۇنيانى شېئىر قۇتقۇزىدۇ» دەپ خىتاب قىلىدۇ(ئىدرىس نۇرۇللار تەرجىمە قىلىپ چوغلان مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان سۆھبەت خاتىرىسىگە قاراڭ).

راست  شۇنداقمۇ؟ شېئىر دۇنيانى قۇتقۇزالامدۇ؟ بىز ئىسپات ئۈچۈن قاراپ باقايلى! 1958- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى پاستېرناك رۇسىيەگە شۇنداق چوڭ  تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك شائىر  بولۇشىغا قارىماي، قاباھەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭ پايخان قىلىنىشىغا قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال قىلالمىدى. يەنى «  ؟؟؟؟     »دېگەن رومانى ئۈچۈن نوبېل ئەدبىيات مۇكاپاتىنى  رەت قىلىش، بولمىسا  رۇسىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ئاخىر شائىر رۇسىيەنىڭ مېھرىگە قىيالماي، بۇ مۇكاپاتنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.  سۈرگۈنگە مەجبۇر بولغان يەنە بىر رۇس شائىرى برۇدىسكى 1991- يىللىق نوبېل ئەدەبياتى مۇكاپاتىنى رۇسىيەلىك سۈپىتىدە ئەمەس، ئامېرىكا گراژدانى سۈپىتىدە ئالدى. 1980- يىلى نوبېل ئەدەبياتى مۇكاپاتى ئالغان مىۋوشمۇ پولشادا جېىنىنى قوغدىيالماي ئامېرىكىغا قاچتى. دېمەك، گۈزەللىك ئاجىز كەلدى. شېئىر دۇنيانى ئەمەس، ئۇنى ئختىرا قىلىۋاتقان شائىرنىمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ئېلىپ قالالمىدى. شائىر  رېئاللىقنىڭ تېپىشماقلىرى ئارىسىدا ئەنە شۇنداق ئاجىز كېلىدۇ.

بىز ئەمدى  ئەدۇنىسنىڭ يۇقىرىقى قارىشىغا ئاھ- ۋاھ دەپ بولالماي قېلىۋاتقان بىر قانچە شېئىرىيەت ھەۋەسكارىغا سوئال قويايلى: قاباھەت بىلەن تولغان بىر دۇنيادا شېئىر كىملەرنى قۇتقۇزۇپ بېقىپتۇ؟  مەيدانىمز شۇكى، «دۇنيانى شېئىر قۇتقۇزىدۇ» دېگەن گەپتە ئېغىر بىر مەنتىقىلىق خاتالىق بار.  ئەسلى گەپ مۇنداق بولۇشى كېرەك. شېئىر دۇنيانى قۇتقۇزۇشتا لازىم بولىدىغان مەنىۋىيەتنى  بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمما مەنىۋى دۇنيانىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ماددىي دۇنيانىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىگە قارىغۇلارچە ئۇچرىغان، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشايدىغان، شېئىر ھەممە نەرسە دەپ ياشايدىغان بىر قىسىم  ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ ئىچىدە ياخشى ئادەملەر بارلىقىنى بىز ئىنكار قىلمايمىز. ئەمما، كىملىكى ۋە ئىجتمائىي ئورنى ئەدۇنىسنڭكىگە پەقەت  ئوخشماي تۇرۇپ، بىقۇۋۇللۇقتا ئۆزىنى  ئاسارەتتىن قۇتقۇزالماي تۇرۇپ دۇنيانى، ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپ ياشاۋاتقان شائىرلارنى بىز تەنقىدلىمەي تۇرالمايمىز. سەۋەب، سىز دۇنيا ئۇنتۇپ كەتكەن بىر قەۋمنىڭ شائىرى. شۇڭا شېئرغا بولغان مۇھەببىتىڭىز ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپ ياشاش ئادەمنى ئېستىېتىكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق قىلىدۇ. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟

بۇ مۇنداق گەپ: پۇلغا دۈم چۈشكەن كىشىلەر  ماددىي ياتلىشىش(پۇلدىن باشقىسى بىكار)نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، رېئاللىقتىكى مەسىلىلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشاۋاتقان كىشىلەرمۇ ئۆزىگە يارىغان بىرەر شېئىر، بىرەر مىسرا، بىرەر شائىرغا مەست بولۇپ كېتىپ رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ- دە، ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ بىر قورقۇنچاققا، بىر بانانسىمان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ئستېتىكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق بولغان ئاشۇ دەقىقىدە بىر نارەسىدە سىڭلىسى شاخلاپ بېقىشنىڭ چۈشىنى كۆرۈۋاتقان بولۇشى، نېسىۋىسى، ئىززىتى كۆز ئالدىدا پايخان بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

بىز ئازات سۇلتاننىڭ نەچچە توملۇق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ناۋايىدىن بۇيان ئۇنداق دىۋان، بۇنداق دىۋان شەكلىدە ئەسەر قالدۇرغان نۇرغۇن شائىرنىڭ ئاھ- ۋاھ دەپ مىسرا تىزىپ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىپ ئۆتكەن، رېئاللىقتىن ئايرىلغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ، تاكى يېقىنقى مەزگىلگىچە شائىرلارنىڭ ئىچ پۇشۇقى ئەدەبىياتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز.  ئەمدى قارىساق، ئەتراپىمىزدا شېئىرىي دىتى ئۈستۈن، ئەمما ئىىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئۆلگەن بىر قىسىم شائىرلىرىمىز  بەخۇدۈك ياشاشنىڭ، جاھانسازلىقنىڭ كويىغا چۈشتى. بۇ  بىر خەتەرلىك سىگنال ئىدى. چەكلىك مۇھىتتا بىز بۇنداق شائىرنى جەڭگاھقا چىقمۇ دېمەيتتۇق. پەقەت شۇ يوللۇق ئىنكاس قايتۇرۇسقا تېگىشلىك يەردە قايتۇر، دەپ ئاددىي سوئال قوياتتۇق.

جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ، شېئىر ئۈچۈن شېئىر، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشاۋاتقان بۇنداق يازارلار ئەتراپىمىزدىلا، مۇنبەرلەردىلا تېپىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا شېئىرنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، كالامپاي، غىدىقى كەلگۈدەك  مىسرالارنى تۈزۈش  ئۈچۈن ياشلىق پەسلىنىڭ ئالتۇن چاغلىرىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنى تۇيۇق يولدىن ياندۇرۇشتا، پۈچەكلىك بىلەن كۈرەش قىلىىشتا، ھەقىقەت يولىدىكى ئىككى ئېغىز راست گەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۇنتۇيدۇ، يامان ئاتاققا قېلىشتىن قورقىدۇ. «شائىرنىڭ مەقسىتى يېنىش ۋە كۆيۈش» دەپ جارقىراۋاتقان ئەي شائىرلار، ئەمدى بۇ قانداق مەنتىقە بولۇپ كەتتى؟

شېئىر قالتىس نەرسە، مەنىۋىيىتىمىزنى گادايلىشىشتىن ساقلايدۇ؛ ئەمما بىزنى قاباھەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ.  سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ،  شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپلا ياشاش بىزنى ئىستېتىكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق قىلىدۇ ۋە رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش شېئىر يېزىشتىنمۇ مۇھىم.بىز بۇ  سىگنالنى بېرىپ بولۇپ،  ئۇيغۇر رېئاللىقىمىزغا شۇنداق ئۈمىد بىلەن قارىغىنىمىزدا، مۇنداق خۇشاللىنارلىق بىر مەنزىرىنى- ئادىل تۇنىياز بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، بىر- بىرىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈن،  قۇچىقىنى يېيىپ باھاردەك كېلۋاتقىنىنى كۆرۈپ خۇشال بولماي تۇرالمىدۇق، ھاردۇقىمىزمۇ چىقتى. 10 كۈنلۈك مۇنبەر ھاياتىدا كۈرەش قىلىپ تارتىۋالغان ئۇۋالچىلىقلىرىمىزمۇ چىققاندەك بولدى.

خاتىمە

بىزدە  يۇقىرىقىدەك  روھقا ئىگە ئادەملەر كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ناھايىتى ئاز بولۇپ قالدى . نېمە ئۈچۈن ئابدۇقادىر جالالىدىندەك، ئادىل تۇنىيازدەك ئادەملەر نوپۇسى خېلى بار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇنچە ئاز بولۇپ قالىدۇ؟ شېئىرنىڭ چەكلىمىلىكىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان مۇتەپەككۇرلار ۋە تەنقىدچىلەر نېمىشقا  شۇنچە ئاز بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش شۇنچە جىق تۇرۇپ، بۇ كوچىغا سىغدىلىپ كىرىۋالغان شائىرلار شۇ بىر يولدىن باشقا يوللارغىمۇ نەزەر سالمايدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى شائىرلار مۇھاكىمدە (شېئىردا ئەمەس) مەنتىقىلىق، رەتلىك پىكىر قىلىشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان چاغدىلا ھېس قىلالايتتى. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ دەۋرىدىن مەنتىقىلىق پىكىر دەۋرىگە كىرىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى.

مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيتى 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى .

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىكى « كارامەت » لەر

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.13ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 26 viewsئىنكاس سانى : 0

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىكى « كارامەت » لەر

ئالدىنقى رەت ،  ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا بىمالال ئولتۇرالامسىز ؟ پىچىرلاش ، ئۇششاق ھەرىكەتلەر دېگەنلەرنى يۇشۇرغىلى بولمايدۇ . بەزى ،ئوقۇتقۇچىلار يادىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىنقى رەتتىن  ( بىرىنجى رەتتىن ) باشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇڭلاشقا ، دائىم بىرىنجى بۇلۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېىشىدۇ . كەينىدىكى ساۋاقداشلار ئۇلارنىڭ بۇنداق « كېيىنكىلەرگە بەخىت يارىتىپ بېرىش » رولىدىن ئىنتايىن مىننەتتار بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى پاكارلار بولىدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، ئۇ ھالدا ئۇ چۇقۇم سىنىپ مۇدىرىنىڭ نۇقتىلىق تىزگىنلەش ئوبىيكتى ھېسابلىنىدۇ .

     ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇنلار «توققۇزى تەل گۆھەر زېمىن » ھېسابلىنىدۇ . بۇ يەرگە نۇرغۇن ئۇزۇن قۇلاقلار يىغىلغان بۇلۇپ ، ئۇلار ھەر تەرەپنى كۆرۈپ ، ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ . ئۇلار ئارىسىدا پات – پات قىزغىن دولغۇنلار قوزغىلىپ ، بىر نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرىشىدۇ . پارتا ئاستىدىكى يەر ئاستى يولىدا دائىم بىرەر پارچە رەسىم، بولاق پىستە يۈرۈشۈپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم بىر توپ ئوقۇغۇچىلار پات- پات قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ ، پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . ئارقا تەرەپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىردىن ئېگىز بۇلۇپ ، سىنىپنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرى كۆپرەك شۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ . ئەمما خاتالىق  ئۆتكۈزۈپ « سۈرگۈن » قىلىنغانلارمۇ بار . مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا بۇ خىل ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن .

     دېرىزە تۈۋىدىكى ئۇرۇنلار  خۇددى « ئايرىم خانىلار » غا ئوخشايدۇ ، دەرس تىڭشاپ ھېرىپ قالغاندا ، تامغا يۆلىنىۋالسا بۇلىدۇ ، بەك كۆڭۈللۈك . ئۇلار چىراغنىڭ ئۇز چاتىنى ۋە دېرىزىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ، ئەگەر چىشىغا تىگىپ قويسىڭىز ، قەھىرىتان سوغوقتا بىر كۆزنەكنى ئېچىپ قۇيۇپ ، تازا ئەدىپىڭىزنى بېرىدۇ .ئۇلار يەنە كۆزەتچىلىك « ۋەزىپىسى» نى ئۈستىگە ئالغان . دائىم ئۇلارنىڭ « ئوقۇتقۇچى كەلدى » دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن ، ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولغان سىنىپ ئىچى بىردەمدىلا « يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك » جىمىپ كېتىدۇ ، ئۇلارنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور .

تاماق قۇتسىدىكى خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.11ئاپتور : روياپچىكۆرۈلۈشى : 23 viewsئىنكاس سانى : 2

ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى.ئۇنىڭغا:‹‹ئېرىم ،مەن سىزدىن پەخرلىنىمەن!››دېگەن سۆزلەر يېزىلغانىدى.ئېرى خەتنى كۆرۈپ :‹‹بۇ ،خوتۇنۇمنىڭ مېنى ئىلھاملاندۇرغىنى بولسا كېرەك›› دەپ ئويلىۋىدى،لېكىن نەچچە ئاي ئۆتكۈچە تاماق قۇتىسىدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭ خېتى چقىپ تۇرىدىغان بولدى.
ئېرى كۆڭلىدە بىرەر ئىش قىلىپ ،ئۆزىنى خوتۇنى ئۈچۈن شەرەپ ھىس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ،زاۋۇتقا ھەر كۈنى ئىككى سائەت بالدۇر بېرىپ ،پاسكىنا ئامبارنى تازىلاشنى قارار قىلدى.كىشىلەرگە بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن،ئۇ مۇشۇ ئالاھىدە ۋاقىتنى تاللاپ تازىلىق قىلىپ ،باشقىلار ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن بارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولدى.بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىرەيلەن ئۇنىڭغا دەرھال درىكتۇر ئىشخانىسىغا بېرىشنى ئۇقتۇردى.‹‹مەن ئىشنى خاتا قىلىمىغان تۇرسام،دېرىكتۇر نېمىشقا مېنى چاقىرىتقاندۇ؟››دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى.
-مەن بۇنىڭدىن 20 ئىلگرىلا سىزگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.ھېچكىم دېققەت قىلمايدىغان ئورۇندا،ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم ئىشلىمەيدىغان ئىشنى ئىشلەپ نەچچە ئون يىلىنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزدىڭىز.مەن سىزگە چىن قەلبىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!-دېدى دېرىكتۇر.
-دېرىكتۇر ،لېكىن مەن …
سىز ئاۋۋال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭىزنى ئىشلەپ تۇرۇڭ.
ئەتىسى بۇ ئەر بۆلۈم باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.بۆلىۈم باشلىقى بولغاندىن كېىين،ئۇ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا زاۋۇت تازىلىقىنى ئۆزى قىلىدى.
‹‹مەن سىزدىن پەخرلىنىمەن!››
خوتۇنى 20 يىلىدىن بۇيان ئۇدا تەكرارلىغان بۇ سۆز ئۇنى ئۇزۇن كىشلىك ھايات يولىدا باشتىن-ئاخر گۈزەل غايە -ئىستەكلەرگە ئىگە قىلىپ تۇردى.

مەنبە:‹‹شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى›› 2007-يىلى 21-دېكابىر

سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.06.07ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 22 viewsئىنكاس سانى : 2

سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى

بۇنىڭدىن ئالتە يىل مۇقەددەم بۈگۈنىكى كۈندە مەن ۋە بىر سىنىپتا بىرگە ئوقۇغان 48 نەپەر قېرىنداش ، ساۋاقداش بىرگە مەكتىپىمىزدىن ئايرىلىپ ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياتىقىمىزدىن .ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىمىزغا قاراپ ئاتلاندۇق ، ھەممىمىزنىڭ چىرايىدا بىرخىل خۇشاللىق بىلەن غەم ئارلىشىپ كالىمىزدا تەسۋىرلىگۈسىز ئوي – خىياللار پەيدا بولغان ئىدى، شۇ كۈندىن باشلاپ بىز تۇللۇق ئوتتۇرىدىن ئىبارەت بۇگۈزەل تۇرمۇش ھاياتىمىزدىن خوشلىشىپ ، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت چوڭ دۇنياغا ، ئادەم بۇلۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىدۇق ، مانا ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە نۇرغۇنىلغان ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى پۈكۈپ ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمىنى ، ئاتا – ئانىسى ، ئوقوتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ تىلەكلرىنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئىبارەت بۈ رەھىمسىز ئەمما ئادىل رىقابەت مەيدانىغا كىرىپ كەتتى ، ئىمتىھان دېگەن بەزىدە سىزنى ھەم بىزنى كۈلدۈرسە بەزىدە يىغلىتىدۇ ، بەزىدە باھار كاكۇكلىرىدەك زوق شوخ بىلەن سايراتسا بەزىدە ئۈششۈك چۈشكەن ياپراقتەك سارغايتىدۇ . نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ رىقابەت ، بۇ جەڭدىن ئىلغارلار  تاللىنىپ چىقىلدۇ – دە !

 سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، سىلەر دېگەن دۆلەتنىڭ ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ، ئاتا- ئاناڭلارنىڭ ، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرىڭلارنىڭ پەخرى ، ھەممىنىڭ كۆزى سىلەردە ، سىلەرنىڭ بۇ رىقابەتتىن ، بۇ خىرسقا تولغان رەھىمىسز جەڭدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى،ھەممىڭلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بۇلىشىنى ، ئەڭ مۇھىمى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ مىللىتىمىزگە ، دۆلىتىمىزگە ، يۇرتىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرىشىڭلارنى ، جۈملىدىن شۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن ئادەم بۇلۇشنى ئۆگىنىپ كېلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن .