بۈگۈن دىلرەبا ساۋاقدىشى ئايگۈلىنىڭ قولىدا بىر خاتىرىنى كۆرۈپ قالدى،خاتىرىنىڭ بەتلىرىگە رەڭگارەڭ كېپىنەكلەرنىڭ ئەۋرىشكىسى چاپلانغانىدى.ئۇنىڭىغا مۇنداقلا قارىغاندا ئۇستا رەسىسام سىزغان رەسىمىداكلا كۆرۈنەتتى.بىر كۈنى تەبئەت دەرىسى ئۆتىدىغان مۇئەللىم ئاشۇ ئەۋرىشىكە توپلىمىنى كۆرسىتىپ سۆزلەپ كەتتى.
-كۆردۈڭلارمۇ،ئايگۈل39خىل كېپىنەكنىڭ ئەۋرىشىكىسىنى توپلاپتۇ.ئەۋرىشكە يىغىش تەبئەت دۇنياسىدىكى ھايۋان،ھاشارات ۋە ئۇچار قاناتلارنى چۈشىشىكە لازىم بولىدۇ.ئايگۈ كېپىنەكلەرنىڭ ئەۋرىشىكىسىنى يىغىپلا قالماي...-ئوقۇتقۇچى ئايگۈلنى ماختاپ يەنە خېلى ئۇزاق سۆزلىدى. ئايگۈل بىلەن نۇرغۇن ئىشىلاردا بەسلىشىدىغان دىلرەبانىڭ ئىچى تارلىق قىلىپ ئولتۇرالماي قالدى.(توختاپ تۇر،مەنمۇ نۇرغۇن كېپىنەكلەرنى تۇتۇپ،ھېلىقى دادام ئېلىپ بەرگەن خاتىرەمگە بىر-بىرلەپ چاپلاپ،ئايگۈلدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولسام).
5-ئاي دىلرەبالارنىڭ مەھەللىسىدىكى تاغ قاپتىلىدا رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ،ئاشۇ يۈرۈيدىغان پەسىل، ھازىر دەل 5-ئاي،بۇ تاغ قاپتلىدىكى گۈلزارلىقىتىن كېپىنەكنىڭ قاندىقىنى تۇتىمەن دېسە شۇندىقىنى تۇتقىلى بولاتتى.
يەكشەنبە كۈنى دىلرەبا ئايگۈلگىمۇ دېمەي،ئۆزى يالغۇز تاغ قاپتلىدىكى گۈلزارلىققا قاراپ يۈگۈردى.دىلرەبببانىڭ بۇ تاغ قاپتىلىغا كەلمىگىنىگە خېلى ئۇزاق بولغانىدى.بۇ تەبئىي گۈلزارلىق،گۈزەل مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشايتتى،قىزىل،سېرىق،سۆسۈن،ئاق زەڭگەر رەڭدىكى گۈللەر رەڭدار كېپىنەكلەر بىلەن بىرلىشىپ،جانلىق بىر گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
دىلرەبا مەھەللىدىن كەلگۈچە چارچاپ قالغان بولغاچقا گۈلزارلىقىنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئالدى.ئەمدى دىلرەبا ۋە كېپىنەك تۇتۇشقا باشلىدى،پىلدىرلاپ ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەرنى تۇتۇش ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانچە ئاسانغا توختىمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپمۇ ئوخشاش كېپىنەكتىن نەچچىنى تۇتۇپ ئەۋرىشىكە قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.ھەربىر كېپىنەك ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك ئىدى.ئۇ،ئوخشاشمايدىغان كېپىنەكلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن خېلى كۆپ جاپا تارتتى.
قانداقلا بولمىسۇن،دىلرەبا نەچچە سائەت ھەپىلىشىپ،خېلى كۆپ كېپىنەك تۇتتى.ئۇلارنى ئۆيگە ئەكېلىپ،خاتىرىنىڭ بەتلىرىگە قوندۇردى.ئۇ، شۇنچە تىرىشىقان بولسىمۇ بۇ كېپىنەك ئەۋرىشىكىلىرى ئايگۈلىڭىكىگە يەتمەيدىغاندەك بولۇپ تۇيۇلدى.دىلرەبا بەك چارچاپ كەتكەچكە يوتقانغا كىرىپلا ئۇخلاپ كەتتى.
دىلرەبا ھېلىقى تاغ قاپتىلىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىرىغان. چۇرقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى؛
-تۇتۇڭلار!ئاۋۇ قاتلىنى تۇتۇڭلار!ئۇ،بىزنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن!
دىلرەبا نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-ئاپلا،نېمە گەپ بۇ؟-دىلرەبا ئادەمدىنمۇ چوڭ ئون نەچچە كېپىنەكىنىڭ ئۆزى تەرەپكە ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،بەك قورقۇپ كەتتى.ئۇ،مەھەللە تەرەپكە قاچماقچى بولغان بولسىمۇ پۇت-قولىنى باغلاپ قويغاندەك مىدىرلىيالمىدى.كېپىنەكلەر دىلرەبانى تۇتۇپ شاھ كېپىنەكىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى.
-ھا،ھا،ھا....بۇ قېتىم ئوبداننى تۇتۇپسىلەر،بۇنى مەن ئەۋرىشكە قىلىپ ساقلىسام بولغۇدەك،ئالدى بىلەن بۇنى تىغ تەگكۈزمەي ئۆلتۈرۈپ،دورىغا چىلاپ سالقىن يەردە قۇرۇتۇڭلار،ھېلىقى ئايگۈلنىمۇ تۇتۇپ كېلڭلار، ئۇمۇ بىزنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى ئەۋرىشكە قىلىمەن دەپ تۇتۇپ ئەكەتكەن،بىزمۇ ئۇنى ئەۋرىشكە قىلىپ باقايلى. ئىز تورى www.iz.la
كېپىنەكلەر دىلرەبانى تونجۇقتۇرماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋالدى،ئۇ تىنالماي جان ئاچچىقىدا ۋارقىرىۋەتتى.
-ئاپا!
دىلرەبا ئويغىنىپ كەتتى،ئۇنى قارا بېسىپ قالغانىدى.
مەنبە دۇردانىلەر