جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە كۈندۈلۈك يوللانمىلار تورىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇرۇنقى خەۋەرلەردە ئامېرىكا زەربىدار ئەترىتى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا بىن لادىن ئايالىنى قالقان قىلدى، قولىدا AK-47 ئاپتوماتى بار ئىكەن دېيىلگەن ئىدى، لېكىن ئامېرىكا ئاق ساراي ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، بىن لادىننىڭ ھەقىقەتەن ئۆلگەنلىكى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا بىن لادىندا قورال يوقلىقىنى ھەمدە 27 ياشلىق ئايالى ئامال ئەل-ساداھ ( Amal Al-Sadah) نى قالقان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بىن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى سۈرەتلەرنى ئاشكارلاش توغرىسىدا ئىچكى قىسىمدا ئوخشىمىغان قاراشلار بولغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پانېتتا چوقۇم ئاشكارلاش كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىن لادىننى ھەقىقەتەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاش كېرەك دېگەن، بىراق ئاق ساراي تېخى قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق ساراي باياناتچىسى ئەڭ ئاخىرقى باھانى بېرىپ، بىن لادىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىكى قىياپىتى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، شۇڭا ئاق ساراي مۇبادا ئېلان قىلىنسا، ئاممىغا زەربىسى ئېغىر بولۇپ، يامان ئىنكاس پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ دېگەن.