ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى لىۋىيە ئۆكتىچى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغانل

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 5-ماي مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان سىياسىتىدە ئىزچىل ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىسپانىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يەنىلا ترىپولىدا.

ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆكتىچى گۇرۇھتىن تەشكىللەنگەن «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى» ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەشكۈچى دەپ كۆرسەتتى.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي، لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى بەنى غازى شەھىرىدە دائىمىي ئىش بېجىرىش ئورنى تەستىقلىدى، 5-ماي ئىسپانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەكىلى جوۋىس رىلا بۇ يەردە رەسمىي خىزمەت باشلىدى. رىلا 4-ماي قاھىرەدىن بەنى غازىغا يېتىپ كەلگەن. نۆۋەتتە فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بەنى غازىدا دىپلوماتىيە ۋەكىلى بار.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!