ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيە ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە تۈنۈگۈن موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا كاتتا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى.

موسكۋا ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 10 دا داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى باشلاندى، رۇسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى  بىلەن غەلبە بايرىقى ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ھەيۋەتلىك قىزىل مەيدانغا كېرىپ كەلدى. كۆرۈش سۇپىسىدا  رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ، زۇڭلىسى پۇتىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى ۋە ۋەتەن ئۇرۇشغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ھەربىي پاراتنى كۆردى.

باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، قىرغىزىستان، گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تۈنۈگۈن ئايرىم-ئايرىم خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنى 66 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىگەن.

1945- يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچىدە، ناتسىست گېرمانىيە شەرتسىز تەسلىمنامىنى ئىمزالاش مۇراسىمى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن، تەسلىمنامە 9-ماي ئەتىگەن سائەت 0 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىنى گېرمانىيە فاشىستلىرىنى يېڭىش خاتىرە كۈنى يەنى ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبە كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!