ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

4-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر يىغ

2011-يىلى05-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

4-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر يىغىنى تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كۆز قاراشتا بۇرۇلۇش ياساپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات بولغان 48 دۆلەتنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش، ھەمدە ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوئان يىغىندا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى دۇنيانىڭ نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق بىلەن كۆرەش قىلىش يېڭى تەپەككۇرىنى ئورنىتىش. بىراق مەن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئېيتىمەنكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى مۇھىم يىغىنغا قىزىقمىدى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!