ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

(ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى خاروخىكو كورودا)

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى كېڭىشىنىڭ 44-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 5-ماي ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئېچىلدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى خاروخىكو كورودا يىللىق يىغىننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا مۇراجىئەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى پەقەت سان مەسىلىسى ئەمەس، سۈپەتنى تېخىمۇ تەكىتلەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نەتىجىسىدىن چوقۇم كەڭ ۋە ئادىل بەھرىمەن بولۇش كېرەك، بولمىسا گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇندىن كىيىن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر بىر گەۋدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بۇ ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، رايون ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە يەرشارى ئىقتىسادى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!