ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى كېڭىشىنىڭ 44-نۆۋەتلىك يىللىق ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى كېڭىشىنىڭ 44-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى تۈنۈگۈن ۋېيتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا 60دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى يوڭ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاساسلىقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي يولۇقۇۋاتقان پۇرسەت ۋە خىرىس، پۇل پاخاللىقىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ۋە كاپىتال ئوبوروتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

لى يوڭ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشى مەزمۇنلىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆز ئورگىنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!