ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

زۇما: جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان شې

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى زۇما تۈنۈگۈن پايتەخت كېيىپتاۋېندا ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت. جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا ئەللىرى جۇڭگو بىلەن ياخشى شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە خالايدۇ.

زۇما مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۆز ئىقتىسادىنىڭ تېز ساغلام تەرەققىي قىلىشغا پايدىلىق. ئافرىقا ئەللىرى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا غايەت زور پايدىغا ئېرىشتى.

21-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا يىغىنى 4-مايدىن 6-مايغىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پايتەختى كېيىپتوندا ئۆتكۈزۈلدى. تەسەۋۋۇر ۋە ھەرىكەت، ئافرىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!