جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
نىگېرىيەنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى نامادى سانبو 5-ماي جۇڭگو شەندۇڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى قۇرۇلۇشى 3-قۇرۇلۇش شىركىتى ئۈستىگە ئالغان ئورگون ئىشتاتى پاپالاندو تەبىئىي گاز پونكىتىنى تەكشۈرۈپ، جۇڭگو شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ۋە تورغا قوشۇپ توك تارقىتىشىنى ئەلا سۈپەتلىك ئورۇنلىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.
سانبو مۇنداق دېدى: جۇڭگو شەندۇڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى قۇرۇلۇشى 3-قۇرۇلۇش شىركىتى ئۈستىگە ئالغان ئورگون ئىشتاتى پاپالاندو تەبىئىي گاز پونكىتىنىڭ 1-باسقۇچلۇق ۋە 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى نىگېرىيەنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتتى. نىگېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى يېتەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئېلېكتىر تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بولسىلا نىگېرىيە ئىقتىسادى راۋاجلىنىدۇ. خەلقنىڭ تۇرمۇشى سەۋىيەسى ئۆسىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت