ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۇنجى دۇنيا قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ 10يىللىق پىلانى يولغا قويۇلىدۇ

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 5-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۇنجى دۇنيا قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ 10يىللىق پىلانى11- ماي يولغا قۇيىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق 5 مىليون كىشىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزىلىدۇ. مىليون كىشى ئېغىر يارىلىنىشتىن ساقلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا: 2020-يىلىدىن بۇرۇن قاتناش ھادىسىدە ھەر يىلى مىليون 900مىڭ كىشى قازا قىلىدىكەن .

مەزكۇر پىلاننىڭ ئاساسلىق تەدبىرى يول ۋە ماشىنا بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش؛ جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ كاسكا كىيىش، بىخەتەرلىك بەلبېغى باغلاش، بالىلار بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش، مەست ماشىنا ھەيدەش ۋە سۈرەتتىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەشنى تىزگىنلەش قانۇن نىزاملىرىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش. يېقىندا %15 دۆلەت ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تۈزدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!