ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بازا تەشكىلاتى ئامېرىكا تۆمۈر يول سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان

2011-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 5-ماي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، بازا تەشكىلاتى ئامېرىكا تۆمۈر يول سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ، لېكىن ھازىر ئامېرىكا تۆمۈر يول سىستېمىسى كونكرېت تەھدىتكە يولۇقمايدىكەن.

زېمىن بايلىقى بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېھتىيات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نىيىتى يوق،دېدى .

ئۇ مۇنداق دېدى: 1-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۇجۇمغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق نىشانلىرىنى تەكشۈردى. بۇ مۇھىم ئاساسى مۇئەسسەسەلەر ۋە قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا يەنە ئايرودۇرۇمغا بولغان ھوشيارلىقنى كۈچەيتتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!