ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرمەكچى

2011-يىلى03-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    جىڭ بو خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشى سىن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئادا قىلىدىكەن.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، مائارىپ سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر خىزمەتكە ۋە ئاممىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا ۋە خەلققە تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلىشى، تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشى، كۆپرەك چارە كۆرسىتىشى، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيىتى ئۆز ئارا باغلىنىدىغان تارماقلار پائال كېڭىشىپ ۋە مەسلىھەتلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى بىر – بىرىگە ئارتىپ قويىدىغان ئىشلار يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى، ئورگاننىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر