ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش مەزگىلىگە قەدەم قويدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 ‹‹12–بەش يىل››دىكى پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يېڭى قاراشلار

    يېقىندا ئېلان قىلىنغان 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى، كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى قۇرۇش، پۇل مۇئامىلە تەڭشەش – تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلىسىگە قارىتىلغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ

    پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق ھەر خىل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىن سىرت، يىرىك پىلان تېزىسىدا يەنە ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىر دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك، دەپ قارىلىدۇ. ئاتالمىش ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بانكا ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئاپپاراتقا بەلگىلىك نىسبەتتە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش، كىرىزىس يۈز بەرگەندە، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى ئاپپاراتى مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

    مەركىزىي بانكا ئېلان قىلغان دوكلاتتا: ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش پەيتى پىشىپ يېتىلدى، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئامانەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بازار چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، چەكلىك سۇغۇرتا ۋە پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى يولغا قويۇپ، ‹‹چوڭ، ئەمما ۋەيران بولمايدىغان›› پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى چەكلەش كۈچەيتىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ھالقىما تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر جەمئىيەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە يەنىلا بانكا ئامانەت پۇلىنى ئالاھىدىلىك قىلغان ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتى ماس ھالدا تۆۋەن بولۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مەبلىغى جەھەتتىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش ئۈنۈمى قاتتىق چەكلەنگەن.

    بۇ ھەقتە يىرىك پىلان تېزىسىدا بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، كېيىنچە كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېزلىتىلىپ، پاي، زايوم، كەسىپ فوندى قاتارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

    تەتۈر دەۋرىيلىك پۇل مۇئامىلىسىنى ماكرولۇق ئېھتىياتلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى رامكىسى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ

    ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يىرىك پىلان تېزىسىدا تەتۈر دەۋرىيلىك پۇل مۇئامىلىسىنى ماكرولۇق ئېھتىياتلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى رامكىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹تەتۈر دەۋرىيلىك پۇل مۇئامىلىسىنى ماكرولۇق ئېھتىياتلىق باشقۇرۇش›› مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي دەۋرىيلىكنىڭ يۇقىرى ئېشىش باسقۇچىدا قىسقارتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، ھالبۇكى، ئىقتىسادىي دەۋرىيلىكنىڭ كاساتلىشىش باسقۇچىدا كېڭەيتىلگەن سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت.

    مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن يېقىندا مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىكى ئەڭ چوڭ ساۋاق شۇكى، يەككە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ياكى يەككە ساھەدە خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، سىستېمىلىق نۇقتىدىن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ماكرولۇق ئېھتىياتلىق سىياسەتتىن ئىبارەت.

    ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ

    يىرىك پىلان تېزىسىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئۆسۈم نىسبىتىنى بازاردىكى تەمىنات – تەلەپ ئارقىلىق بەلگىلەپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، شۇنداقلا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، تېزرەك ئېشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىدۇ

    يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات نۇقتىلىرىدىن باشقا، ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يىرىك پىلان تېزىسىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنىڭ ئايرىباشلىنىشىنى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ‹‹11 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئېلىمىزدە خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىلىشى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، كېيىنچە، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنىڭ ئايرىباشلىنىش مۇساپىسى تېزلىشىدۇ. مەركىزىي بانكا پۇل سىياسىتى 2 – مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى بو يېقىندا مۇنداق دېدى: مەركىزىي بانكا خەتەرنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنىڭ ئايرىباشلىنىشى جەھەتتە ئېھتىياتچان بولدى. ئەمما، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى شارائىتتىن قارىغاندا، ھازىر خەلق پۇلىنى ئايرىباشلاشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى پۇرسەت بولۇپ، خەلق پۇلىنى ئايرىباشلاش مۇساپىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم تاشلىغۇسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – مارت تېلېگراممىسى )

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!